中华人民共和国人民调解法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى

(2010年8月28日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十六次会议通过)

( 2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 人民调解委员会

2-باب خەلق مۇرەسسە كومىتېتى

第三章 人民调解员

3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى

第四章 调解程序

4-باب مۇرەسسە تەرتىپى

第五章 调解协议

5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了完善人民调解制度,规范人民调解活动,及时解决民间纠纷,维护社会和谐稳定,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەلئارا ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 本法所称人民调解,是指人民调解委员会通过说服、疏导等方法,促使当事人在平等协商基础上自愿达成调解协议,解决民间纠纷的活动。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەلق مۇرەسسەسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا ئىختىيارىي مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلئارا ماجىرالارنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 人民调解委员会调解民间纠纷,应当遵循下列原则:

3-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك :

(一)在当事人自愿、平等的基础上进行调解;

( 1 ) ئالاقىدارلار ئىختىيارىي، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىش؛

(二)不违背法律、法规和国家政策;

( 2 ) قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق؛

(三)尊重当事人的权利,不得因调解而阻止当事人依法通过仲裁、行政、司法等途径维护自己的权利。

( 3 ) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىش سەۋەبلىك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە كېسىم، مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشىنى توسۇشقا بولمايدۇ.

第四条 人民调解委员会调解民间纠纷,不收取任何费用。

4-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.

第五条 国务院司法行政部门负责指导全国的人民调解工作,县级以上地方人民政府司法行政部门负责指导本行政区域的人民调解工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

基层人民法院对人民调解委员会调解民间纠纷进行业务指导。

ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

第六条 国家鼓励和支持人民调解工作。县级以上地方人民政府对人民调解工作所需经费应当给予必要的支持和保障,对有突出贡献的人民调解委员会和人民调解员按照国家规定给予表彰奖励。

6-ماددا دۆلەت خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى زۆرۈر قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ۋە خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك.

第二章 人民调解委员会

2-باب خەلق مۇرەسسە كومىتېتى

第七条 人民调解委员会是依法设立的调解民间纠纷的群众性组织。

7-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.

第八条 村民委员会、居民委员会设立人民调解委员会。企业事业单位根据需要设立人民调解委员会。

8-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئېھتىياجغا قاراپ خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ.

人民调解委员会由委员三至九人组成,设主任一人,必要时,可以设副主任若干人。

خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئۈچتىن توققۇزغىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا بىر مۇدىر تەسىس قىلىنىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن بىرقانچە كىشى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

人民调解委员会应当有妇女成员,多民族居住的地区应当有人数较少民族的成员。

خەلق مۇرەسسە كومىتېتىدا ئاياللار بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئادەم سانى بىرقەدەر ئاز مىللەتتىن بولغان ئەزالار بولۇشى كېرەك.

第九条 村民委员会、居民委员会的人民调解委员会委员由村民会议或者村民代表会议、居民会议推选产生;企业事业单位设立的人民调解委员会委员由职工大会、职工代表大会或者工会组织推选产生。

9-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى، شەھەر ئاھالە يىغىنى سايلاپ چىقىدۇ؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغان خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

人民调解委员会委员每届任期三年,可以连选连任。

خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئۇدا سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

第十条 县级人民政府司法行政部门应当对本行政区域内人民调解委员会的设立情况进行统计,并且将人民调解委员会以及人员组成和调整情况及时通报所在地基层人民法院。

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىشى ھەمدە خەلق مۇرەسسە كومىتېتى، شۇنىڭدەك خادىملارنىڭ تەشكىللىنىش ۋە تەڭشىلىش ئەھۋالىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第十一条 人民调解委员会应当建立健全各项调解工作制度,听取群众意见,接受群众监督。

11-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تۈرلۈك مۇرەسسە خىزمىتى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第十二条 村民委员会、居民委员会和企业事业单位应当为人民调解委员会开展工作提供办公条件和必要的工作经费。

12-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىش بېجىرىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە زۆرۈر خىزمەت خىراجىتى بېرىشى كېرەك.

第三章 人民调解员

3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى

第十三条 人民调解员由人民调解委员会委员和人民调解委员会聘任的人员担任。

13-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسىنى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەكلىپ قىلغان خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第十四条 人民调解员应当由公道正派、热心人民调解工作,并具有一定文化水平、政策水平和法律知识的成年公民担任。

14-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئادىل، دۇرۇس، قىزغىن ئىشلەيدىغان ھەمدە بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە، سىياسەت سەۋىيەسىگە ۋە قانۇن بىلىملىرىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەن پۇقرا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

县级人民政府司法行政部门应当定期对人民调解员进行业务培训。

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.

第十五条 人民调解员在调解工作中有下列行为之一的,由其所在的人民调解委员会给予批评教育、责令改正,情节严重的,由推选或者聘任单位予以罢免或者解聘:

15-ماددا خەلق مۇرەسسە خادىملىرىدىن مۇرەسسە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى سايلىغان ياكى تەكلىپ قىلغان ئورۇن قالدۇرۇۋېتىدۇ ياكى بوشىتىدۇ :

(一)偏袒一方当事人的;

( 1 ) ئالاقىدارغا يان باسقانلار؛

(二)侮辱当事人的;

( 2 ) ئالاقىدارلارنى ھاقارەتلىگەنلەر؛

(三)索取、收受财物或者牟取其他不正当利益的;

( 3 ) پۇل-مال ئۈندۈرۈۋالغان، ئالغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر؛

(四)泄露当事人的个人隐私、商业秘密的。

( 4 ) ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىي سىرى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.

第十六条 人民调解员从事调解工作,应当给予适当的误工补贴;因从事调解工作致伤致残,生活发生困难的,当地人民政府应当提供必要的医疗、生活救助;在人民调解工作岗位上牺牲的人民调解员,其配偶、子女按照国家规定享受抚恤和优待。

16-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش بويىچە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك؛ مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر داۋالاش، تۇرمۇش ياردىمى بېرىشى كېرەك؛ خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئورنىدا قۇربان بولغان خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ جورىسى، پەرزەنتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第四章 调解程序

4-باب مۇرەسسە تەرتىپى

第十七条 当事人可以向人民调解委员会申请调解;人民调解委员会也可以主动调解。当事人一方明确拒绝调解的,不得调解。

17-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە كومىتېتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ خەلق مۇرەسسە كومىتېتىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مۇرەسسە قىلىشنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ.

第十八条 基层人民法院、公安机关对适宜通过人民调解方式解决的纠纷,可以在受理前告知当事人向人民调解委员会申请调解。

18-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا باب كېلىدىغان ماجىرالارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن دەۋالاشقۇچىلارغا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

第十九条 人民调解委员会根据调解纠纷的需要,可以指定一名或者数名人民调解员进行调解,也可以由当事人选择一名或者数名人民调解员进行调解。

19-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر ياكى بىر قانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى مۇرەسسە قىلىشقا بەلگىلەپ قويسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار بىر ياكى بىر نەچچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاپ مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ.

第二十条 人民调解员根据调解纠纷的需要,在征得当事人的同意后,可以邀请当事人的亲属、邻里、同事等参与调解,也可以邀请具有专门知识、特定经验的人员或者有关社会组织的人员参与调解。

20-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارنىڭ تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى، خىزمەتداشلىرىنى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس بىلىم، مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە خادىملارنى ياكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرىنى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

人民调解委员会支持当地公道正派、热心调解、群众认可的社会人士参与调解。

خەلق مۇرەسسە كومىتېتى شۇ جايدىكى ئادىل، دۇرۇس، قىزغىن مۇرەسسە قىلىدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان جەمئىيەت زاتلىرىنىڭ مۇرەسسەگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.

第二十一条 人民调解员调解民间纠纷,应当坚持原则,明法析理,主持公道。

21-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى چۈشىنىپ، داۋلى چۈشەندۈرۈپ، ئادىللىقنى ياقلىشى كېرەك.

调解民间纠纷,应当及时、就地进行,防止矛盾激化。

ئەلئارا ماجىرالارنى ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە مۇرەسسە قىلىپ، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

第二十二条 人民调解员根据纠纷的不同情况,可以采取多种方式调解民间纠纷,充分听取当事人的陈述,讲解有关法律、法规和国家政策,耐心疏导,在当事人平等协商、互谅互让的基础上提出纠纷解决方案,帮助当事人自愿达成调解协议。

22-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا قاراپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ بايانىنى تولۇق ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى ئاساسىدا ماجىرا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدارلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

第二十三条 当事人在人民调解活动中享有下列权利:

23-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)选择或者接受人民调解员;

( 1 ) خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاش ياكى قوبۇل قىلىش؛

(二)接受调解、拒绝调解或者要求终止调解;

( 2 ) مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىش، مۇرەسسەنى رەت قىلىش ياكى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛

(三)要求调解公开进行或者不公开进行;

( 3 ) مۇرەسسەنى ئاشكارا قىلىش ياكى ئاشكارا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش؛

(四)自主表达意愿、自愿达成调解协议。

( 4 ) ئارزۇسىنى ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىش.

第二十四条 当事人在人民调解活动中履行下列义务:

24-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ :

(一)如实陈述纠纷事实;

( 1 ) ماجىرا پاكىتلىرىنى ئەينەن بايان قىلىش؛

(二)遵守调解现场秩序,尊重人民调解员;

( 2 ) مۇرەسسە نەق مەيدان تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى ھۆرمەتلەش؛

(三)尊重对方当事人行使权利。

( 3 ) قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىش.

第二十五条 人民调解员在调解纠纷过程中,发现纠纷有可能激化的,应当采取有针对性的预防措施;对有可能引起治安案件、刑事案件的纠纷,应当及时向当地公安机关或者其他有关部门报告。

25-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا ماجىرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزسە، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

第二十六条 人民调解员调解纠纷,调解不成的,应当终止调解,并依据有关法律、法规的规定,告知当事人可以依法通过仲裁、行政、司法等途径维护自己的权利。

26-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارغا قانۇن بويىچە كېسىم، مەمۇرىي، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第二十七条 人民调解员应当记录调解情况。人民调解委员会应当建立调解工作档案,将调解登记、调解工作记录、调解协议书等材料立卷归档。

27-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك. خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە خىزمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، مۇرەسسە تىزىملاش، مۇرەسسە خىزمىتى خاتىرىسى، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئارخىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

第五章 调解协议

5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى

第二十八条 经人民调解委员会调解达成调解协议的,可以制作调解协议书。当事人认为无需制作调解协议书的,可以采取口头协议方式,人民调解员应当记录协议内容。

28-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولسا، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تۈزسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تۈزۈش ھاجەتسىز دەپ قارىسا، ئاغزاكى كېلىشىم شەكلىنى قوللانسا بولىدۇ، خەلق مۇرەسسەچىلىرى كېلىشىمدىكى مەزمۇننى خاتىرىلىشى كېرەك.

第二十九条 调解协议书可以载明下列事项:

29-ماددا مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلسا بولىدۇ :

(一)当事人的基本情况;

( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(二)纠纷的主要事实、争议事项以及各方当事人的责任;

( 2 ) ماجىرانىڭ ئاساسلىق پاكىتى، تالاش-تارتىش بولغان ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جاۋابكارلىقى؛

(三)当事人达成调解协议的内容,履行的方式、期限。

( 3 ) ئالاقىدارلار ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى، ئادا قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە مۇددىتى.

调解协议书自各方当事人签名、盖章或者按指印,人民调解员签名并加盖人民调解委员会印章之日起生效。调解协议书由当事人各执一份,人民调解委员会留存一份。

مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدارلار ئىمزا قويغان، تامغا باسقان ياكى بارماق باسقان، خەلق مۇرەسسەچىسى ئىمزا قويغان ھەمدە خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىنى ئالاقىدارلار بىردىن ئالىدۇ، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.

第三十条 口头调解协议自各方当事人达成协议之日起生效。

30-ماددا ئاغزاكى مۇرەسسە كېلىشىمى ھەرقايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第三十一条 经人民调解委员会调解达成的调解协议,具有法律约束力,当事人应当按照约定履行。

31-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمى قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئالاقىدارلار پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

人民调解委员会应当对调解协议的履行情况进行监督,督促当事人履行约定的义务。

خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

第三十二条 经人民调解委员会调解达成调解协议后,当事人之间就调解协议的履行或者调解协议的内容发生争议的,一方当事人可以向人民法院提起诉讼。

32-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار ئارىسىدا مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第三十三条 经人民调解委员会调解达成调解协议后,双方当事人认为有必要的,可以自调解协议生效之日起三十日内共同向人民法院申请司法确认,人民法院应当及时对调解协议进行审查,依法确认调解协议的效力。

33-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇرەسسە كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىرلىكتە ئەدلىيەلىك مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

人民法院依法确认调解协议有效,一方当事人拒绝履行或者未全部履行的,对方当事人可以向人民法院申请强制执行。

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەن، بىر تەرەپ ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

人民法院依法确认调解协议无效的,当事人可以通过人民调解方式变更原调解协议或者达成新的调解协议,也可以向人民法院提起诉讼。

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، دەۋالاشقۇچىلار خەلق مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىي مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆزگەرتسە ياكى يېڭى مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十四条 乡镇、街道以及社会团体或者其他组织根据需要可以参照本法有关规定设立人民调解委员会,调解民间纠纷。

34-ماددا يېزا-بازار، كوچا شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى باشقا تەشكىلات ئېھتىياجغا قاراپ مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ خەلق مۇرەسسە كومىتېتى قۇرۇپ، ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.

第三十五条 本法自2011年1月1日起施行。

35-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.