中华人民共和国价格法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى

(1997年12月29日第八届全国人民代表大会常务委员会第二十九次会议通过)

( 1997-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 经营者的价格行为

2-باب تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ھەرىكىتى

第三章 政府的定价行为

3-باب ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتى

第四章 价格总水平调控

4-باب باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

第五章 价格监督检查

5-باب باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范价格行为,发挥价格合理配置资源的作用,稳定市场价格总水平,保护消费者和经营者的合法权益,促进社会主义市场经济健康发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن باھا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باھانىڭ بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 在中华人民共和国境内发生的价格行为,适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە يۈز بەرگەن باھا ھەرىكىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

本法所称价格包括商品价格和服务价格。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باھا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

商品价格是指各类有形产品和无形资产的价格。

تاۋار باھاسى ھەر خىل شەكىللىك مەھسۇلات ۋە شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.

服务价格是指各类有偿服务的收费。

مۇلازىمەت باھاسى تۈرلۈك ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 国家实行并逐步完善宏观经济调控下主要由市场形成价格的机制。价格的制定应当符合价值规律,大多数商品和服务价格实行市场调节价,极少数商品和服务价格实行政府指导价或者政府定价。

3-ماددا دۆلەت ماكرو ئىگىلىكنى تەڭشەش-تىزگىنلەش شارائىتىدا، ئاساسلىقى بازاردىن باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. باھانىڭ تۈزۈلۈشى قىممەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، كۆپ ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىدا بازار ئارقىلىق تەڭشەش باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىغا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت باھا قويىدۇ.

市场调节价,是指由经营者自主制定,通过市场竞争形成的价格。

بازار تەڭشەش باھاسىنى تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، بازار رىقابىتى ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن باھانى كۆرسىتىدۇ.

本法所称经营者是指从事生产、经营商品或者提供有偿服务的法人、其他组织和个人。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تىجارەتچى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاۋارلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

政府指导价,是指依照本法规定,由政府价格主管部门或者其他有关部门,按照定价权限和范围规定基准价及其浮动幅度,指导经营者制定的价格。

ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسى بويىچە ئۆلچەملىك باھا ۋە ئۇنىڭ لەيلەش دەرىجىسىنى بەلگىلەپ، تىجارەتچىنىڭ بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ.

政府定价,是指依照本法规定,由政府价格主管部门或者其他有关部门,按照定价权限和范围制定的价格。

ھۆكۈمەت باھاسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈمەت باھاسىغا مەسئۇل تارماق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسى بويىچە بېكىتىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ.

第四条 国家支持和促进公平、公开、合法的市场竞争,维护正常的价格秩序,对价格活动实行管理、监督和必要的调控。

4-ماددا دۆلەت ئادىل، ئاشكارا، قانۇنلۇق بازار رىقابىتىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، نورمال باھا تەرتىپىنى ساقلايدۇ، باھا پائالىيىتىنى باشقۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە زۆرۈر تەڭشەيدۇ، تىزگىنلەيدۇ.

第五条 国务院价格主管部门统一负责全国的价格工作。国务院其他有关部门在各自的职责范围内,负责有关的价格工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باھا خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方各级人民政府价格主管部门负责本行政区域内的价格工作。县级以上地方各级人民政府其他有关部门在各自的职责范围内,负责有关的价格工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第二章 经营者的价格行为

2-باب تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ھەرىكىتى

第六条 商品价格和服务价格,除依照本法第十八条规定适用政府指导价或者政府定价外,实行市场调节价,由经营者依照本法自主制定。

6-ماددا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت باھاسى تەتبىقلانغاندىن سىرت، بازار تەڭشەش باھاسىنى تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.

第七条 经营者定价,应当遵循公平、合法和诚实信用的原则。

7-ماددا تىجارەتچىلەر باھا قويۇشتا، ئادىل، قانۇنلۇق بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

第八条 经营者定价的基本依据是生产经营成本和市场供求状况。

8-ماددا تىجارەتچىلەر باھا بېكىتىشنىڭ ئاساسىي ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش-تەلەپ ئەھۋالىدىن ئىبارەت.

第九条 经营者应当努力改进生产经营管理,降低生产经营成本,为消费者提供价格合理的商品和服务,并在市场竞争中获取合法利润。

9-ماددا تىجارەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى باشقۇرۇشنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلارغا باھاسى مۇۋاپىق تاۋار ۋە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە بازار رىقابىتىدە قانۇنلۇق پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك.

第十条 经营者应当根据其经营条件建立、健全内部价格管理制度,准确记录与核定商品和服务的生产经营成本,不得弄虚作假。

10-ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىجارەت شارائىتىغا ئاساسەن ئىچكى باھا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى توغرا خاتىرىلىشى ۋە بېكىتىشى كېرەك، ساختىپەزلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

第十一条 经营者进行价格活动,享有下列权利:

11-ماددا تىجارەتچىلەر باھا پائالىيىتى قىلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)自主制定属于市场调节的价格;

( 1 ) بازار تەڭشەشكە تەۋە باھانى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش؛

(二)在政府指导价规定的幅度内制定价格;

( 2 ) ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىدا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە باھا بېكىتىش؛

(三)制定属于政府指导价、政府定价产品范围内的新产品的试销价格,特定产品除外;

( 3 ) ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا قويىدىغان، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان مەھسۇلات دائىرىسىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سىناق تەرىقىسىدە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىش، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا؛

(四)检举、控告侵犯其依法自主定价权利的行为。

( 4 ) ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىش.

第十二条 经营者进行价格活动,应当遵守法律、法规,执行依法制定的政府指导价、政府定价和法定的价格干预措施、紧急措施。

12-ماددا تىجارەتچىلەر باھا پائالىيىتى قىلغاندا، قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

第十三条 经营者销售、收购商品和提供服务,应当按照政府价格主管部门的规定明码标价,注明商品的品名、产地、规格、等级、计价单位、价格或者服务的项目、收费标准等有关情况。

13-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن باھانى ئېنىق يېزىپ، تاۋارنىڭ نامى، ئورنى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، باھا ھېسابلاش ئورنى، باھا ياكى مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئۆلچىمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

经营者不得在标价之外加价出售商品,不得收取任何未予标明的费用。

تىجارەتچىلەر تاۋارلارنى باھا چاپلانغاندىن سىرت يەنە باھا قوشۇپ ساتسا، يېزىلمىغان ھەرقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

第十四条 经营者不得有下列不正当价格行为:

14-ماددا تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ناتوغرا باھا قىلمىشلىرىنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :

(一)相互串通,操纵市场价格,损害其他经营者或者消费者的合法权益;

( 1 ) ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، بازار باھاسىنى كونترول قىلىپ، باشقا تىجارەتچىلەر ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(二)在依法降价处理鲜活商品、季节性商品、积压商品等商品外,为了排挤竞争对手或者独占市场,以低于成本的价格倾销,扰乱正常的生产经营秩序,损害国家利益或者其他经营者的合法权益;

( 2 ) يېڭى، تىرىك تاۋار، پەسىل خاراكتېرلىك تاۋار، بېسىلىپ قالغان تاۋار قاتارلىق تاۋارلارنى قانۇن بويىچە باھانى چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، رىقابەتچىسىنى چەتكە قېقىش ياكى بازارنى يالغۇز ئىگىلەش ئۈچۈن، تەننەرختىن تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(三)捏造、散布涨价信息,哄抬价格,推动商品价格过高上涨的;

( 3 ) باھا ئۆستۈرۈش ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىپ، تاۋار باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغانلار؛

(四)利用虚假的或者使人误解的价格手段,诱骗消费者或者其他经营者与其进行交易;

( 4 ) ساختا ياكى كىشىگە خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان باھا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەرنى ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا قىزىقتۇرغان بولسا؛

(五)提供相同商品或者服务,对具有同等交易条件的其他经营者实行价格歧视;

( 5 ) ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش سودا شارائىتى بار باشقا تىجارەتچىلەرگە باھا جەھەتتە كەمسىتىش قىلىش؛

(六)采取抬高等级或者压低等级等手段收购、销售商品或者提供服务,变相提高或者压低价格;

( 6 ) دەرىجە ئۆستۈرۈش ياكى دەرىجە تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاۋار سېتىۋېلىش، سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈش ياكى باھانى تۆۋەنلىتىش؛

(七)违反法律、法规的规定牟取暴利;

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەددىدىن زىيادە پايدا ئېلىش؛

(八)法律、行政法规禁止的其他不正当价格行为。

( 8 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ناتوغرا باھا قىلمىشلىرى.

第十五条 各类中介机构提供有偿服务收取费用,应当遵守本法的规定。法律另有规定的,按照有关规定执行。

15-ماددا تۈرلۈك ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第十六条 经营者销售进口商品、收购出口商品,应当遵守本章的有关规定,维护国内市场秩序。

16-ماددا تىجارەتچىلەر ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىشتا، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشتا، مۇشۇ بابتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

第十七条 行业组织应当遵守价格法律、法规,加强价格自律,接受政府价格主管部门的工作指导。

17-ماددا ساھە تەشكىلاتلىرى باھاغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، باھا تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ خىزمەت يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第三章 政府的定价行为

3-باب ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتى

第十八条 下列商品和服务价格,政府在必要时可以实行政府指导价或者政府定价:

18-ماددا تۆۋەندىكى تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھاسىغا ھۆكۈمەت زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا ياكى ھۆكۈمەت باھا بېكىتسە بولىدۇ :

(一)与国民经济发展和人民生活关系重大的极少数商品价格;

( 1 ) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى زور بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

(二)资源稀缺的少数商品价格;

( 2 ) بايلىقى كەمچىل ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

(三)自然垄断经营的商品价格;

( 3 ) تەبىئىي مونوپول تىجارەت قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

(四)重要的公用事业价格;

( 4 ) مۇھىم ئاممىۋى ئىشلارنىڭ باھاسى؛

(五)重要的公益性服务价格。

( 5 ) مۇھىم پاراۋانلىق مۇلازىمىتى باھاسى.

第十九条 政府指导价、政府定价的定价权限和具体适用范围,以中央的和地方的定价目录为依据。

19-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلىنىش دائىرىسى مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

中央定价目录由国务院价格主管部门制定、修订,报国务院批准后公布。

مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ، تۈزىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

地方定价目录由省、自治区、直辖市人民政府价格主管部门按照中央定价目录规定的定价权限和具体适用范围制定,经本级人民政府审核同意,报国务院价格主管部门审定后公布。

يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسى بويىچە تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە سۇنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府以下各级地方人民政府不得制定定价目录。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى تۈزسە بولمايدۇ.

第二十条 国务院价格主管部门和其他有关部门,按照中央定价目录规定的定价权限和具体适用范围制定政府指导价、政府定价;其中重要的商品和服务价格的政府指导价、政府定价,应当按照规定经国务院批准。

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ۋە ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى تۈزىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىغا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا قويۇش، ھۆكۈمەت باھا قويۇشتا، بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府价格主管部门和其他有关部门,应当按照地方定价目录规定的定价权限和具体适用范围制定在本地区执行的政府指导价、政府定价。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن، شۇ رايوندا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى تۈزۈشى كېرەك.

市、县人民政府可以根据省、自治区、直辖市人民政府的授权,按照地方定价目录规定的定价权限和具体适用范围制定在本地区执行的政府指导价、政府定价。

شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن شۇ رايوندا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.

第二十一条 制定政府指导价、政府定价,应当依据有关商品或者服务的社会平均成本和市场供求状况、国民经济与社会发展要求以及社会承受能力,实行合理的购销差价、批零差价、地区差价和季节差价。

21-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشتە، مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە تەننەرخى ۋە بازار تەمىنات-تەلەپ ئەھۋالى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى، توپ-پارچە سېتىش باھا پەرقى ۋە رايون باھا پەرقى ۋە پەسىل باھا پەرقىنى يولغا قويۇش كېرەك.

第二十二条 政府价格主管部门和其他有关部门制定政府指导价、政府定价,应当开展价格、成本调查,听取消费者、经营者和有关方面的意见。

22-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنى تۈزۈشتە، باھا، تەننەرخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

政府价格主管部门开展对政府指导价、政府定价的价格、成本调查时,有关单位应当如实反映情况,提供必需的帐簿、文件以及其他资料。

ھۆكۈمەت باھاسىغا مەسئۇل تارماق ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان باھا، تەننەرخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第二十三条 制定关系群众切身利益的公用事业价格、公益性服务价格、自然垄断经营的商品价格等政府指导价、政府定价,应当建立听证会制度,由政府价格主管部门主持,征求消费者、经营者和有关方面的意见,论证其必要性、可行性。

23-ماددا ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئىشلارنىڭ باھاسى، پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى، تەبىئىي مونوپول تىجارەتتىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلارنى بېكىتىشتە، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشتە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ھۆكۈمەت باھاغا مەسئۇل تارمىقى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش كېرەك.

第二十四条 政府指导价、政府定价制定后,由制定价格的部门向消费者、经营者公布。

24-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، باھانى بېكىتكۈچى تارماق ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەرگە ئېلان قىلىدۇ.

第二十五条 政府指导价、政府定价的具体适用范围、价格水平,应当根据经济运行情况,按照规定的定价权限和程序适时调整。

25-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىش دائىرىسى، باھا سەۋىيەسىنى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا قاراپ، بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

消费者、经营者可以对政府指导价、政府定价提出调整建议。

ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش توغرىسىدا تەڭشەش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

第四章 价格总水平调控

4-باب باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

第二十六条 稳定市场价格总水平是国家重要的宏观经济政策目标。国家根据国民经济发展的需要和社会承受能力,确定市场价格总水平调控目标,列入国民经济和社会发展计划,并综合运用货币、财政、投资、进出口等方面的政策和措施,予以实现。

26-ماددا بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ماكرو ئىگىلىك سىياسەت نىشانى. دۆلەت خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ، بازار باھاسىنى ئومۇمىي سەۋىيەدە تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى بېكىتىپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە پۇل، مالىيە، سېلىنما، ئىمپورت-ئېكسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

第二十七条 政府可以建立重要商品储备制度,设立价格调节基金,调控价格,稳定市场。

27-ماددا ھۆكۈمەت مۇھىم تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھا تەڭشەش فوندى تەسىس قىلسا، باھانى تەڭشىسە، تىزگىنلىسە، بازارنى مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ.

第二十八条 为适应价格调控和管理的需要,政府价格主管部门应当建立价格监测制度,对重要商品、服务价格的变动进行监测。

28-ماددا باھانى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى باھانى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇھىم تاۋارلار، مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشى كېرەك.

第二十九条 政府在粮食等重要农产品的市场购买价格过低时,可以在收购中实行保护价格,并采取相应的经济措施保证其实现。

29-ماددا ھۆكۈمەت ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن سېتىۋېلىش باھاسى بەك تۆۋەن بولغاندا، سېتىۋېلىش جەريانىدا قوغداش باھاسىنى يولغا قويسا ھەمدە مۇناسىپ ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىپ ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.

第三十条 当重要商品和服务价格显著上涨或者有可能显著上涨,国务院和省、自治区、直辖市人民政府可以对部分价格采取限定差价率或者利润率、规定限价、实行提价申报制度和调价备案制度等干预措施。

30-ماددا مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش ئېھتىمالى بولغاندا، گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قىسمەن باھاغا پەرق نىسبىتى ياكى پايدا نىسبىتىگە چەك قويۇش، باھاغا چەك قويۇشنى بەلگىلەش، باھا ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى ۋە باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府采取前款规定的干预措施,应当报国务院备案。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشتا، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

第三十一条 当市场价格总水平出现剧烈波动等异常状态时,国务院可以在全国范围内或者部分区域内采取临时集中定价权限、部分或者全面冻结价格的紧急措施。

31-ماددا بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىدە كۈچلۈك داۋالغۇش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى قىسمەن رايونلاردا ۋاقىتلىق مەركەزلەشتۈرۈپ باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى، باھانى قىسمەن ياكى ئومۇميۈزلۈك توڭلىتىش جىددىي تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

第三十二条 依照本法第三十条、第三十一条的规定实行干预措施、紧急措施的情形消除后,应当及时解除干预措施、紧急措施。

32-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30-، 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىر قوللىنىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئارىلىشىش تەدبىرى، تېز تەدبىرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.

第五章 价格监督检查

5-باب باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

第三十三条 县级以上各级人民政府价格主管部门,依法对价格活动进行监督检查,并依照本法的规定对价格违法行为实施行政处罚。

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارماقلىرى باھا پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

第三十四条 政府价格主管部门进行价格监督检查时,可以行使下列职权;

34-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛

(一)询问当事人或者有关人员,并要求其提供证明材料和与价格违法行为有关的其他资料;

( 1 ) ئالاقىدارلار ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سوئال سوراش ھەمدە ئۇلاردىن ئىسپات ماتېرىيالى ۋە باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(二)查询、复制与价格违法行为有关的帐簿、单据、凭证、文件及其他资料,核对与价格违法行为有关的银行资料;

( 2 ) باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، تالون، ئىسپات، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆپەيتىش، باھاغا دائىر قانۇنغا ئۇيغۇن قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك بانكا ماتېرىياللىرىنى سېلىشتۇرۇش؛

(三)检查与价格违法行为有关的财物,必要时可以责令当事人暂停相关营业;

( 3 ) باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالنى تەكشۈرگەندە، زۆرۈر تېپىلغاندا توختاملاشقۇچىلارنى ئالاقىدار تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛

(四)在证据可能灭失或者以后难以取得的情况下,可以依法先行登记保存,当事人或者有关人员不得转移、隐匿或者销毁。

( 4 ) دەلىل-ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش قىيىن بولغان ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە ئاۋۋال تىزىملاپ ساقلاشقا بولىدۇ، ئالاقىدارلار ياكى ئالاقىدار خادىملارنى يۆتكەشكە، تىقىۋېلىشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.

第三十五条 经营者接受政府价格主管部门的监督检查时,应当如实提供价格监督检查所必需的帐簿、单据、凭证、文件以及其他资料。

35-ماددا تىجارەتچىلەر ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، باھانى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ھېساب دەپتىرى، تالون، ئىسپات، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

第三十六条 政府部门价格工作人员不得将依法取得的资料或者了解的情况用于依法进行价格管理以外的任何其他目的,不得泄露当事人的商业秘密。

36-ماددا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ باھا خادىملىرى قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ماتېرىيال ياكى ئىگىلىگەن ئەھۋالنى قانۇن بويىچە باھا باشقۇرۇشتىن باشقا ھەرقانداق باشقا مەقسەتتە ئىشلەتسە، توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايدۇ.

第三十七条 消费者组织、职工价格监督组织、居民委员会、村民委员会等组织以及消费者,有权对价格行为进行社会监督。政府价格主管部门应当充分发挥群众的价格监督作用。

37-ماددا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر باھاسىنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلات، شۇنىڭدەك ئىستېمالچىلار باھا ھەرىكىتىنى جەمئىيەت نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئاممىنىڭ باھانى نازارەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

新闻单位有权进行价格舆论监督。

ئاخبارات ئورۇنلىرى باھا پىكرىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三十八条 政府价格主管部门应当建立对价格违法行为的举报制度。

38-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

任何单位和个人均有权对价格违法行为进行举报。政府价格主管部门应当对举报者给予鼓励,并负责为举报者保密。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى پاش قىلغۇچىغا ئىلھام بېرىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十九条 经营者不执行政府指导价、政府定价以及法定的价格干预措施、紧急措施的,责令改正,没收违法所得,可以并处违法所得五倍以下的罚款;没有违法所得的,可以处以罚款;情节严重的,责令停业整顿。

39-ماددا تىجارەتچىلەردىن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھاسى، شۇنىڭدەك قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

第四十条 经营者有本法第十四条所列行为之一的,责令改正,没收违法所得,可以并处违法所得五倍以下的罚款;没有违法所得的,予以警告,可以并处罚款;情节严重的,责令停业整顿,或者由工商行政管理机关吊销营业执照。有关法律对本法第十四条所列行为的处罚及处罚机关另有规定的,可以依照有关法律的规定执行。

40-ماددا تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى بولغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارغا جازا بېرىدىغان ۋە جازا بېرىدىغان ئورگانغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

有本法第十四条第(一)项、第(二)项所列行为,属于是全国性的,由国务院价格主管部门认定;属于是省及省以下区域性的,由省、自治区、直辖市人民政府价格主管部门认定。

مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار مەملىكەت خاراكتېرلىك بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ؛ ئۆلكە ۋە ئۆلكىدىن تۆۋەن رايون خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

第四十一条 经营者因价格违法行为致使消费者或者其他经营者多付价款的,应当退还多付部分;造成损害的,应当依法承担赔偿责任。

41-ماددا تىجارەتچىلەر باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش تۈپەيلىدىن ئىستېمالچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەر پۇلنى ئارتۇق تۆلىگەن بولسا، ئارتۇق تۆلىگەن قىسمىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第四十二条 经营者违反明码标价规定的,责令改正,没收违法所得,可以并处五千元以下的罚款。

42-ماددا تىجارەتچىلەردىن باھا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

第四十三条 经营者被责令暂停相关营业而不停止的,或者转移、隐匿、销毁依法登记保存的财物的,处相关营业所得或者转移、隐匿、销毁的财物价值一倍以上三倍以下的罚款。

43-ماددا تىجارەتچىلەردىن مۇناسىۋەتلىك تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ توختاتمىغانلىرىغا ياكى قانۇن بويىچە تىزىملاپ ساقلانغان پۇل-مالنى يۆتكىۋەتكەن، تىقىۋالغان، كۆيدۈرۈۋەتكەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت تاپاۋىتى ياكى يۆتكەپ، تىقىۋەتكەن، كۆيدۈرۈۋەتكەن پۇل-مال قىممىتى بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第四十四条 拒绝按照规定提供监督检查所需资料或者提供虚假资料的,责令改正,予以警告;逾期不改正的,可以处以罚款。

44-ماددا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشنى ياكى ساختا ماتېرىيال بېرىشنى رەت قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第四十五条 地方各级人民政府或者各级人民政府有关部门违反本法规定,超越定价权限和范围擅自制定、调整价格或者不执行法定的价格干预措施、紧急措施的,责令改正,并可以通报批评;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予行政处分。

45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باھا تۈزگەن، تەڭشىگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرلىرى، جىددىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەنسە بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

第四十六条 价格工作人员泄露国家秘密、商业秘密以及滥用职权、徇私舞弊、玩忽职守、索贿受贿,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予处分。

46-ماددا باھا خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، پارا تەلەپ قىلغان، پارا ئالغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十七条 国家行政机关的收费,应当依法进行,严格控制收费项目,限定收费范围、标准。收费的具体管理办法由国务院另行制定。

47-ماددا دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ھەق ئېلىشنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قاتتىق تىزگىنلىشى، ھەق ئېلىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىگە چەك قويۇشى كېرەك. ھەق ئېلىشنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزىدۇ.

利率、汇率、保险费率、证券及期货价格,适用有关法律、行政法规的规定,不适用本法。

ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى، ئاكسىيە ۋە زاكاز مال باھاسى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

第四十八条 本法自1998年5月1日起施行。

48-ماددا بۇ قانۇن 1998-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.