中华人民共和国企业国有资产法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا دۆلەت مۈلكى قانۇنى

(2008年10月28日第十一届全国人民代表大会常务委员会第五次会议通过)

( 2008-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 履行出资人职责的机构

2-باب مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات

第三章 国家出资企业

3-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار

第四章 国家出资企业管理者的选择与考核

4-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش

第五章 关系国有资产出资人权益的重大事项

5-باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 企业改制

2-پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش

第三节 与关联方的交易

3-پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن بولغان سودا

第四节 资产评估

4-پاراگراف مۈلۈك باھالاش

第五节 国有资产转让

5-پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش

第六章 国有资本经营预算

6-باب دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى

第七章 国有资产监督

7-باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了维护国家基本经济制度,巩固和发展国有经济,加强对国有资产的保护,发挥国有经济在国民经济中的主导作用,促进社会主义市场经济发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، دۆلەت ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称企业国有资产(以下称国有资产),是指国家对企业各种形式的出资所形成的权益。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى ( تۆۋەندە دۆلەت مۈلكى دېيىلىدۇ ) دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى مەبلەغ چىقىرىشىدىن شەكىللەنگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 国有资产属于国家所有即全民所有。国务院代表国家行使国有资产所有权。

3-ماددا دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

第四条 国务院和地方人民政府依照法律、行政法规的规定,分别代表国家对国家出资企业履行出资人职责,享有出资人权益。

4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

国务院确定的关系国民经济命脉和国家安全的大型国家出资企业,重要基础设施和重要自然资源等领域的国家出资企业,由国务院代表国家履行出资人职责。其他的国家出资企业,由地方人民政府代表国家履行出资人职责。

گوۋۇيۈەن بېكىتكەن خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مەبلەغ چىقىرىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانىلار، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە مۇھىم تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ. دۆلەت مەبلەغ چىقارغان باشقا كارخانىلارغا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ.

第五条 本法所称国家出资企业,是指国家出资的国有独资企业、国有独资公司,以及国有资本控股公司、国有资本参股公司。

5-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، شۇنىڭدەك دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ.

第六条 国务院和地方人民政府应当按照政企分开、社会公共管理职能与国有资产出资人职能分开、不干预企业依法自主经营的原则,依法履行出资人职责。

6-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ئىجتىمائىي ئاممىۋى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بىلەن دۆلەت مۈلكى مەبلەغ چىقارغۇچىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئايرىش، كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

第七条 国家采取措施,推动国有资本向关系国民经济命脉和国家安全的重要行业和关键领域集中,优化国有经济布局和结构,推进国有企业的改革和发展,提高国有经济的整体素质,增强国有经济的控制力、影响力。

7-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تىزگىنلىنىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

第八条 国家建立健全与社会主义市场经济发展要求相适应的国有资产管理与监督体制,建立健全国有资产保值增值考核和责任追究制度,落实国有资产保值增值责任。

8-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى سىناش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ مىقدارىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

第九条 国家建立健全国有资产基础管理制度。具体办法按照国务院的规定制定。

9-ماددا دۆلەت دۆلەت مۈلكىنى ئاساس قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. كونكرېت چارە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلىدۇ.

第十条 国有资产受法律保护,任何单位和个人不得侵害。

10-ماددا دۆلەت مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二章 履行出资人职责的机构

2-باب مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات

第十一条 国务院国有资产监督管理机构和地方人民政府按照国务院的规定设立的国有资产监督管理机构,根据本级人民政府的授权,代表本级人民政府对国家出资企业履行出资人职责。

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىغا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

国务院和地方人民政府根据需要,可以授权其他部门、机构代表本级人民政府对国家出资企业履行出资人职责。

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجغا قاراپ، باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلارغا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

代表本级人民政府履行出资人职责的机构、部门,以下统称履行出资人职责的机构。

شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات، تارماقلار تۆۋەندە قىسقارتىپ مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دەپ ئاتىلىدۇ.

第十二条 履行出资人职责的机构代表本级人民政府对国家出资企业依法享有资产收益、参与重大决策和选择管理者等出资人权利。

12-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا قانۇن بويىچە مۈلۈك پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش، مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق مەبلەغ چىقىرىش ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

履行出资人职责的机构依照法律、行政法规的规定,制定或者参与制定国家出资企业的章程。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا نىزامنامىسىنى تۈزىدۇ ياكى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

履行出资人职责的机构对法律、行政法规和本级人民政府规定须经本级人民政府批准的履行出资人职责的重大事项,应当报请本级人民政府批准。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت دەپ بەلگىلىگەن، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

第十三条 履行出资人职责的机构委派的股东代表参加国有资本控股公司、国有资本参股公司召开的股东会会议、股东大会会议,应当按照委派机构的指示提出提案、发表意见、行使表决权,并将其履行职责的情况和结果及时报告委派机构。

13-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەت ئاچقان پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا، ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتكەن ئاپپاراتنىڭ يوليورۇقى بويىچە تەكلىپ بېرىشى، پىكىر ئېلان قىلىشى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتكەن ئورگانغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

第十四条 履行出资人职责的机构应当依照法律、行政法规以及企业章程履行出资人职责,保障出资人权益,防止国有资产损失。

14-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئادا قىلىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

履行出资人职责的机构应当维护企业作为市场主体依法享有的权利,除依法履行出资人职责外,不得干预企业经营活动。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات كارخانىلارنىڭ بازار سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك.مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندىن باشقا، كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.

第十五条 履行出资人职责的机构对本级人民政府负责,向本级人民政府报告履行出资人职责的情况,接受本级人民政府的监督和考核,对国有资产的保值增值负责。

15-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ نازارىتى ۋە باھالىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

履行出资人职责的机构应当按照国家有关规定,定期向本级人民政府报告有关国有资产总量、结构、变动、收益等汇总分析的情况。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت مۈلكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى، پايدىسى قاتارلىقلارنى جەملەپ تەھلىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.

第三章 国家出资企业

3-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار

第十六条 国家出资企业对其动产、不动产和其他财产依照法律、行政法规以及企业章程享有占有、使用、收益和处分的权利。

16-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكى، كۆچمەس مۈلكى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

国家出资企业依法享有的经营自主权和其他合法权益受法律保护。

دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第十七条 国家出资企业从事经营活动,应当遵守法律、行政法规,加强经营管理,提高经济效益,接受人民政府及其有关部门、机构依法实施的管理和监督,接受社会公众的监督,承担社会责任,对出资人负责。

17-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە يولغا قويغان باشقۇرۇشى ۋە نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەبلەغ چىقارغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

国家出资企业应当依法建立和完善法人治理结构,建立健全内部监督管理和风险控制制度。

دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى قانۇن بويىچە بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىچكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

第十八条 国家出资企业应当依照法律、行政法规和国务院财政部门的规定,建立健全财务、会计制度,设置会计账簿,进行会计核算,依照法律、行政法规以及企业章程的规定向出资人提供真实、完整的财务、会计信息。

18-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بوغالتىرلىق-راسچوت دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بوغالتىرلىق-ھېسابات قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىنى ھەقىقىي، مۇكەممەل مالىيە، بوغالتىرلىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

国家出资企业应当依照法律、行政法规以及企业章程的规定,向出资人分配利润。

دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىغا پايدا تەقسىملەپ بېرىشى كېرەك.

第十九条 国有独资公司、国有资本控股公司和国有资本参股公司依照《中华人民共和国公司法》的规定设立监事会。国有独资企业由履行出资人职责的机构按照国务院的规定委派监事组成监事会。

19-ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ. دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەيىنلەپ نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەشكىللەيدۇ.

国家出资企业的监事会依照法律、行政法规以及企业章程的规定,对董事、高级管理人员执行职务的行为进行监督,对企业财务进行监督检查。

دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىدىكى نازارەتچىلىك كومىتېتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇدىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ، كارخانا مالىيەسىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.

第二十条 国家出资企业依照法律规定,通过职工代表大会或者其他形式,实行民主管理。

20-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

第二十一条 国家出资企业对其所出资企业依法享有资产收益、参与重大决策和选择管理者等出资人权利。

21-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار ئۆزى مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردا قانۇن بويىچە مۈلۈكتىن مەنپەئەتلىنىش، مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچى قاتارلىق مەبلەغ چىقارغۇچىلارنى تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

国家出资企业对其所出资企业,应当依照法律、行政法规的规定,通过制定或者参与制定所出资企业的章程,建立权责明确、有效制衡的企业内部监督管理和风险控制制度,维护其出资人权益。

دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغان كارخانا نىزامنامىسىنى تۈزۈش ياكى تۈزۈشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان كارخانىنى ئىچكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

第四章 国家出资企业管理者的选择与考核

4-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش

第二十二条 履行出资人职责的机构依照法律、行政法规以及企业章程的规定,任免或者建议任免国家出资企业的下列人员:

22-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردىكى تۆۋەندىكى خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ ياكى تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ :

(一)任免国有独资企业的经理、副经理、财务负责人和其他高级管理人员;

( 1 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ دىرېكتورى، مۇئاۋىن دىرېكتورلىرى، مالىيە مەسئۇللىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش؛

(二)任免国有独资公司的董事长、副董事长、董事、监事会主席和监事;

( 2 ) دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇدىرلىرى، مۇدىرى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە نازارەتچىلىكىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛

(三)向国有资本控股公司、国有资本参股公司的股东会、股东大会提出董事、监事人选。

( 3 ) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىغا مۇدىر، نازارەتچىلىك نامزاتىنى كۆرسىتىش.

国家出资企业中应当由职工代表出任的董事、监事,依照有关法律、行政法规的规定由职工民主选举产生。

دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدىغان مۇدىر، نازارەتچىلەر ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

第二十三条 履行出资人职责的机构任命或者建议任命的董事、监事、高级管理人员,应当具备下列条件:

23-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى تەۋسىيە قىلغان مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :

(一)有良好的品行;

( 1 ) ياخشى ئەخلاقلىق بولۇش؛

(二)有符合职位要求的专业知识和工作能力;

( 2 ) خىزمەت ئورنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي بىلىم ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولۇش؛

(三)有能够正常履行职责的身体条件;

( 3 ) مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالايدىغان بەدەن شارائىتى بولۇش؛

(四)法律、行政法规规定的其他条件。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

董事、监事、高级管理人员在任职期间出现不符合前款规定情形或者出现《中华人民共和国公司法》规定的不得担任公司董事、监事、高级管理人员情形的,履行出资人职责的机构应当依法予以免职或者提出免职建议。

مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملاردا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

第二十四条 履行出资人职责的机构对拟任命或者建议任命的董事、监事、高级管理人员的人选,应当按照规定的条件和程序进行考察。考察合格的,按照规定的权限和程序任命或者建议任命。

24-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىنىدىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدىغان مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار نامزاتىنى بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەيىنلەيدۇ ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدۇ.

第二十五条 未经履行出资人职责的机构同意,国有独资企业、国有独资公司的董事、高级管理人员不得在其他企业兼职。未经股东会、股东大会同意,国有资本控股公司、国有资本参股公司的董事、高级管理人员不得在经营同类业务的其他企业兼职。

25-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ. دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

未经履行出资人职责的机构同意,国有独资公司的董事长不得兼任经理。未经股东会、股东大会同意,国有资本控股公司的董事长不得兼任经理。

دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ. دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.

董事、高级管理人员不得兼任监事。

مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.

第二十六条 国家出资企业的董事、监事、高级管理人员,应当遵守法律、行政法规以及企业章程,对企业负有忠实义务和勤勉义务,不得利用职权收受贿赂或者取得其他非法收入和不当利益,不得侵占、挪用企业资产,不得超越职权或者违反程序决定企业重大事项,不得有其他侵害国有资产出资人权益的行为。

26-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە كارخانا نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، كارخانا ئۈچۈن سادىق مەجبۇرىيىتى ۋە تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالسا ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشسە، كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا، ئىشلىتىۋالسا بولمايدۇ، كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى تەرتىپكە خىلاپ ھالدا قارار قىلىشقا، دۆلەت مۈلكى چىقارغان مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第二十七条 国家建立国家出资企业管理者经营业绩考核制度。履行出资人职责的机构应当对其任命的企业管理者进行年度和任期考核,并依据考核结果决定对企业管理者的奖惩。

27-ماددا دۆلەت دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئۆزى تەيىنلىگەن كارخانا باشقۇرغۇچىنى يىللىق ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش-جازالاشنى قارار قىلىشى كېرەك.

履行出资人职责的机构应当按照国家有关规定,确定其任命的国家出资企业管理者的薪酬标准。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزى تەيىنلىگەن دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىشى كېرەك.

第二十八条 国有独资企业、国有独资公司和国有资本控股公司的主要负责人,应当接受依法进行的任期经济责任审计。

28-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق تەپتىشلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第二十九条 本法第二十二条第一款第一项、第二项规定的企业管理者,国务院和地方人民政府规定由本级人民政府任免的,依照其规定。履行出资人职责的机构依照本章规定对上述企业管理者进行考核、奖惩并确定其薪酬标准。

29-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقىرىقى كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى باھالايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

第五章 关系国有资产出资人权益的重大事项

5-باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第三十条 国家出资企业合并、分立、改制、上市,增加或者减少注册资本,发行债券,进行重大投资,为他人提供大额担保,转让重大财产,进行大额捐赠,分配利润,以及解散、申请破产等重大事项,应当遵守法律、行政法规以及企业章程的规定,不得损害出资人和债权人的权益。

30-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، پېيىنى بازارغا سېلىش، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتالنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، زايوم تارقىتىش، زور مەبلەغ سېلىش، باشقىلارغا زور سوممىلىق كېپىللىك بېرىش، زور مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كۆپ سوممىلىق ئىئانە قىلىش، پايدا تەقسىملەش، شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىشلاردا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك، مەبلەغ چىقارغۇچى ۋە ھەقدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第三十一条 国有独资企业、国有独资公司合并、分立,增加或者减少注册资本,发行债券,分配利润,以及解散、申请破产,由履行出资人职责的机构决定。

31-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرى بىرلەشكەندە، بۆلۈنگەندە، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال كۆپەيتىلىدۇ ياكى كېمەيتىلىدۇ، زايوم تارقىتىلىدۇ، پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىلىدۇ، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىنىدۇ، بۇنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات بەلگىلەيدۇ.

第三十二条 国有独资企业、国有独资公司有本法第三十条所列事项的,除依照本法第三十一条和有关法律、行政法规以及企业章程的规定,由履行出资人职责的机构决定的以外,国有独资企业由企业负责人集体讨论决定,国有独资公司由董事会决定。

32-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت شېرىكسەن كارخانىلىرىنى كارخانا مەسئۇلى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ، بىر تەرەپ مەبلەغ سالغان دۆلەت شىركىتىنى مۇدىرىيەت بەلگىلەيدۇ.

第三十三条 国有资本控股公司、国有资本参股公司有本法第三十条所列事项的,依照法律、行政法规以及公司章程的规定,由公司股东会、股东大会或者董事会决定。由股东会、股东大会决定的,履行出资人职责的机构委派的股东代表应当依照本法第十三条的规定行使权利。

33-ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتلەردە مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت بەلگىلەيدۇ. پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

第三十四条 重要的国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司的合并、分立、解散、申请破产以及法律、行政法规和本级人民政府规定应当由履行出资人职责的机构报经本级人民政府批准的重大事项,履行出资人职责的机构在作出决定或者向其委派参加国有资本控股公司股东会会议、股东大会会议的股东代表作出指示前,应当报请本级人民政府批准。

34-ماددا مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن مۇھىم، زور ئىشلاردا، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار چىقىرىش ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

本法所称的重要的国有独资企业、国有独资公司和国有资本控股公司,按照国务院的规定确定。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

第三十五条 国家出资企业发行债券、投资等事项,有关法律、行政法规规定应当报经人民政府或者人民政府有关部门、机构批准、核准或者备案的,依照其规定。

35-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش، تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三十六条 国家出资企业投资应当符合国家产业政策,并按照国家规定进行可行性研究;与他人交易应当公平、有偿,取得合理对价。

36-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا سالغان مەبلەغ دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ باشقىلار بىلەن ئادىل، ھەقلىق سودىلىشىپ، مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىش كېرەك.

第三十七条 国家出资企业的合并、分立、改制、解散、申请破产等重大事项,应当听取企业工会的意见,并通过职工代表大会或者其他形式听取职工的意见和建议。

37-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئايرىش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىشلاردا، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش كېرەك.

第三十八条 国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司对其所出资企业的重大事项参照本章规定履行出资人职责。具体办法由国务院规定。

38-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ئۆزى مەبلەغ چىقارغان كارخانا توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئىشلاردا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二节 企业改制

2-پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش

第三十九条 本法所称企业改制是指:

39-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ :

(一)国有独资企业改为国有独资公司;

( 1 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنى دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىگە ئۆزگەرتىش؛

(二)国有独资企业、国有独资公司改为国有资本控股公司或者非国有资本控股公司;

( 2 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىگە ياكى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول شىركىتىگە ئۆزگەرتىش؛

(三)国有资本控股公司改为非国有资本控股公司。

( 3 ) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول شىركىتىگە ئۆزگەرتىش.

第四十条 企业改制应当依照法定程序,由履行出资人职责的机构决定或者由公司股东会、股东大会决定。

40-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار قىلىدۇ ياكى شىركەت پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلىدۇ.

重要的国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司的改制,履行出资人职责的机构在作出决定或者向其委派参加国有资本控股公司股东会会议、股东大会会议的股东代表作出指示前,应当将改制方案报请本级人民政府批准。

مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار چىقىرىش ياكى ئۇنى دۆلەت كاپىتالى پاي تىزگىنلەش شىركىتىنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

第四十一条 企业改制应当制定改制方案,载明改制后的企业组织形式、企业资产和债权债务处理方案、股权变动方案、改制的操作程序、资产评估和财务审计等中介机构的选聘等事项。

41-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى تۈزۈش، تۈزۈلمىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كارخانىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، كارخانا مۈلكى ۋە ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى، تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلات تەرتىپى، مۈلۈك باھالاش ۋە مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

企业改制涉及重新安置企业职工的,还应当制定职工安置方案,并经职工代表大会或者职工大会审议通过。

كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چېتىلسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنىمۇ تۈزۈش ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

第四十二条 企业改制应当按照规定进行清产核资、财务审计、资产评估,准确界定和核实资产,客观、公正地确定资产的价值。

42-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، بەلگىلىمە بويىچە مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش، مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، مۈلۈكنى باھالاش، مۈلۈكنىڭ دائىرىسىنى توغرا بېكىتىش ۋە ئېنىقلاش، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل بېكىتىش كېرەك.

企业改制涉及以企业的实物、知识产权、土地使用权等非货币财产折算为国有资本出资或者股份的,应当按照规定对折价财产进行评估,以评估确认价格作为确定国有资本出资额或者股份数额的依据。不得将财产低价折股或者有其他损害出资人权益的行为。

كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش كارخانىنىڭ ماددىي بۇيۇم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پۇلدىن باشقا مال-مۈلكىنى دۆلەت كاپىتالىنىڭ مەبلىغى ياكى پېيىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا چېتىلسا، باھاغا سۇندۇرۇلىدىغان مال-مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاپ، باھانى باھالاپ بېكىتىشنى دۆلەت كاپىتالى چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ياكى پاي مىقدارىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك. مال-مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇشقا ياكى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第三节 与关联方的交易

3-پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن بولغان سودا

第四十三条 国家出资企业的关联方不得利用与国家出资企业之间的交易,谋取不当利益,损害国家出资企业利益。

43-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا چېتىلغۇچىلار دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار بىلەن بولغان سودىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق نەپ ئېلىپ، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

本法所称关联方,是指本企业的董事、监事、高级管理人员及其近亲属,以及这些人员所有或者实际控制的企业。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالاقىدار تەرەپ شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك شۇ خادىملارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىنىدىغان كارخانىنى كۆرسىتىدۇ.

第四十四条 国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司不得无偿向关联方提供资金、商品、服务或者其他资产,不得以不公平的价格与关联方进行交易。

44-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ئالاقىدار تەرەپكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك ھەقسىز تەمىنلەپ بەرسە بولمايدۇ، ئالاقىدار تەرەپ بىلەن ئادىل بولمىغان باھادا سودا قىلسا بولمايدۇ.

第四十五条 未经履行出资人职责的机构同意,国有独资企业、国有独资公司不得有下列行为:

45-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :

(一)与关联方订立财产转让、借款的协议;

( 1 ) باغلىنىشلىق تەرەپ بىلەن مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قەرز پۇل بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش؛

(二)为关联方提供担保;

( 2 ) ئالاقىدار تەرەپكە كېپىللىك بېرىش؛

(三)与关联方共同出资设立企业,或者向董事、监事、高级管理人员或者其近亲属所有或者实际控制的企业投资。

( 3 ) ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ كارخانا قۇرۇش ياكى مۇدىر، نازارەتچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان كارخانىغا مەبلەغ سېلىش.

第四十六条 国有资本控股公司、国有资本参股公司与关联方的交易,依照《中华人民共和国公司法》和有关行政法规以及公司章程的规定,由公司股东会、股东大会或者董事会决定。由公司股东会、股东大会决定的,履行出资人职责的机构委派的股东代表,应当依照本法第十三条的规定行使权利。

46-ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان سودىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شىركەت پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

公司董事会对公司与关联方的交易作出决议时,该交易涉及的董事不得行使表决权,也不得代理其他董事行使表决权。

شىركەت مۇدىرىيىتى شىركەت بىلەن ئالاقىدار تەرەپنىڭ سودىسى توغرىسىدا قارار چىقارغاندا، شۇ سودىغا چېتىلىدىغان مۇدىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ، باشقا مۇدىرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىمۇ بولمايدۇ.

第四节 资产评估

4-پاراگراف مۈلۈك باھالاش

第四十七条 国有独资企业、国有独资公司和国有资本控股公司合并、分立、改制,转让重大财产,以非货币财产对外投资,清算或者有法律、行政法规以及企业章程规定应当进行资产评估的其他情形的,应当按照规定对有关资产进行评估。

47-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىم، زور مال-مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پۇلدىن باشقا مال-مۈلۈك بىلەن سىرتقا مەبلەغ سېلىش، ھېسابات ئېنىقلاش ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدە مۈلۈكنى باھالاش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاش كېرەك.

第四十八条 国有独资企业、国有独资公司和国有资本控股公司应当委托依法设立的符合条件的资产评估机构进行资产评估;涉及应当报经履行出资人职责的机构决定的事项的,应当将委托资产评估机构的情况向履行出资人职责的机构报告。

48-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا مۈلۈك باھالاشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك؛ مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتقا قارار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا چېتىلسا، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىنغان ئەھۋالنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.

第四十九条 国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司及其董事、监事、高级管理人员应当向资产评估机构如实提供有关情况和资料,不得与资产评估机构串通评估作价。

49-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىنى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باھالاپ باھا قويسا بولمايدۇ.

第五十条 资产评估机构及其工作人员受托评估有关资产,应当遵守法律、行政法规以及评估执业准则,独立、客观、公正地对受托评估的资产进行评估。资产评估机构应当对其出具的评估报告负责。

50-ماددا مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى ھاۋالىلىك باھالاشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مىزانىغا رىئايە قىلىشى، ھاۋالە قىلىنىپ باھالانغان مۈلۈكنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى كېرەك. مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ئۆزى چىقارغان باھالاش دوكلاتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

第五节 国有资产转让

5-پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش

第五十一条 本法所称国有资产转让,是指依法将国家对企业的出资所形成的权益转移给其他单位或者个人的行为;按照国家规定无偿划转国有资产的除外。

51-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا مەبلەغ چىقىرىشتىن شەكىللەنگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت مۈلكىنى ھەقسىز ئاجرىتىپ ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

第五十二条 国有资产转让应当有利于国有经济布局和结构的战略性调整,防止国有资产损失,不得损害交易各方的合法权益。

52-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشى، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، سودىلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

第五十三条 国有资产转让由履行出资人职责的机构决定。履行出资人职责的机构决定转让全部国有资产的,或者转让部分国有资产致使国家对该企业不再具有控股地位的,应当报请本级人民政府批准。

53-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدۇ. مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات بارلىق دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان ياكى قىسمەن دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ شۇ كارخانىنى پاي كونترول قىلىش ئورنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

第五十四条 国有资产转让应当遵循等价有偿和公开、公平、公正的原则。

54-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تەڭ باھادا ھەقلىق بولۇش ۋە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

除按照国家规定可以直接协议转让的以外,国有资产转让应当在依法设立的产权交易场所公开进行。转让方应当如实披露有关信息,征集受让方;征集产生的受让方为两个以上的,转让应当采用公开竞价的交易方式。

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىۋاسىتە كېلىشىم تۈزۈپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مۈلۈك ھوقۇقى سودا ئورنىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئۆتۈنگۈچى تەرەپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلاپ، ئۆتۈنگۈچى تەرەپتىن توپلىشى كېرەك؛ توپلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئۆتۈنۈلگۈچى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئاشكارا رىقابەتلىك باھا قويۇش سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

转让上市交易的股份依照《中华人民共和国证券法》的规定进行。

پېيى بازارغا سېلىنىپ سودا قىلىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان پاي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第五十五条 国有资产转让应当以依法评估的、经履行出资人职责的机构认可或者由履行出资人职责的机构报经本级人民政府核准的价格为依据,合理确定最低转让价格。

55-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇن بويىچە باھالانغان، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئېتىراپ قىلغان ياكى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقان باھانى ئاساس قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.

第五十六条 法律、行政法规或者国务院国有资产监督管理机构规定可以向本企业的董事、监事、高级管理人员或者其近亲属,或者这些人员所有或者实际控制的企业转让的国有资产,在转让时,上述人员或者企业参与受让的,应当与其他受让参与者平等竞买;转让方应当按照国家有关规定,如实披露有关信息;相关的董事、监事和高级管理人员不得参与转让方案的制定和组织实施的各项工作。

56-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ياكى شۇ خادىملارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان كارخانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە يۇقىرىقى خادىملار ياكى كارخانا قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بولسا، باشقا قوبۇل قىلىنغۇچىلار بىلەن باراۋەر سېتىۋېلىش كېرەك؛ ئۆتۈنگۈچى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلىشى كېرەك؛ ئالاقىدار مۇدىر، نازارەتچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ئۆتۈنۈپ بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قاتناشسا بولمايدۇ.

第五十七条 国有资产向境外投资者转让的,应当遵守国家有关规定,不得危害国家安全和社会公共利益。

57-ماددا دۆلەت مۈلكىنى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第六章 国有资本经营预算

6-باب دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى

第五十八条 国家建立健全国有资本经营预算制度,对取得的国有资本收入及其支出实行预算管理。

58-ماددا دۆلەت دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېرىشكەن دۆلەت كاپىتالى كىرىمى ۋە ئۇنىڭ چىقىمىنى خامچوت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

第五十九条 国家取得的下列国有资本收入,以及下列收入的支出,应当编制国有资本经营预算:

59-ماددا دۆلەت ئېرىشكەن تۆۋەندىكى دۆلەت كاپىتالى كىرىمى، شۇنىڭدەك تۆۋەندىكى كىرىم چىقىمىدا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى تۈزۈش كېرەك :

(一)从国家出资企业分得的利润;

( 1 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردىن تەقسىم قىلىنغان پايدا؛

(二)国有资产转让收入;

( 2 ) دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى؛

(三)从国家出资企业取得的清算收入;

( 3 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىدىن ئالغان ھېسابات ئېنىقلاش كىرىمى؛

(四)其他国有资本收入。

( 4 ) باشقا دۆلەت كاپىتالى كىرىمى.

第六十条 国有资本经营预算按年度单独编制,纳入本级人民政府预算,报本级人民代表大会批准。

60-ماددا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى يىل بويىچە ئايرىم تۈزۈلۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيىغا تەستىقلىتىلىدۇ.

国有资本经营预算支出按照当年预算收入规模安排,不列赤字。

دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت چىقىمى شۇ يىللىق خامچوت كىرىم كۆلىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قىزىل رەقەمگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

第六十一条 国务院和有关地方人民政府财政部门负责国有资本经营预算草案的编制工作,履行出资人职责的机构向财政部门提出由其履行出资人职责的国有资本经营预算建议草案。

61-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مالىيە تارمىقىغا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

第六十二条 国有资本经营预算管理的具体办法和实施步骤,由国务院规定,报全国人民代表大会常务委员会备案。

62-ماددا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتىنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

第七章 国有资产监督

7-باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش

第六十三条 各级人民代表大会常务委员会通过听取和审议本级人民政府履行出资人职责的情况和国有资产监督管理情况的专项工作报告,组织对本法实施情况的执法检查等,依法行使监督职权。

63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش ئارقىلىق، بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

第六十四条 国务院和地方人民政府应当对其授权履行出资人职责的机构履行职责的情况进行监督。

64-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

第六十五条 国务院和地方人民政府审计机关依照《中华人民共和国审计法》的规定,对国有资本经营预算的执行情况和属于审计监督对象的国家出资企业进行审计监督。

65-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك ئوبيېكتىغا تەۋە دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ.

第六十六条 国务院和地方人民政府应当依法向社会公布国有资产状况和国有资产监督管理工作情况,接受社会公众的监督。

66-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتكە دۆلەت مۈلكى ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

任何单位和个人有权对造成国有资产损失的行为进行检举和控告。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دۆلەت مۈلكىگە زىيان سېلىش قىلمىشىنى پاش قىلىش ۋە ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第六十七条 履行出资人职责的机构根据需要,可以委托会计师事务所对国有独资企业、国有独资公司的年度财务会计报告进行审计,或者通过国有资本控股公司的股东会、股东大会决议,由国有资本控股公司聘请会计师事务所对公司的年度财务会计报告进行审计,维护出资人权益。

67-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئېھتىياجغا قاراپ، بوغالتىرلىق ئورنىغا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ يىللىق مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارىنى ماقۇللىسا بولىدۇ. دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى بوغالتىرلىق ئورنىنى شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六十八条 履行出资人职责的机构有下列行为之一的,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:

68-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)不按照法定的任职条件,任命或者建议任命国家出资企业管理者的;

( 1 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئەمەل قىلماي، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەنلەر؛

(二)侵占、截留、挪用国家出资企业的资金或者应当上缴的国有资本收入的;

( 2 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى ياكى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت كاپىتال كىرىمىنى ئىگىلىۋالغان، قىسىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(三)违反法定的权限、程序,决定国家出资企业重大事项,造成国有资产损失的;

( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، تەرتىپكە خىلاپ ھالدا، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى قارار قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

(四)有其他不依法履行出资人职责的行为,造成国有资产损失的。

( 4 ) مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار.

第六十九条 履行出资人职责的机构的工作人员玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊,尚不构成犯罪的,依法给予处分。

69-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىمۇ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十条 履行出资人职责的机构委派的股东代表未按照委派机构的指示履行职责,造成国有资产损失的,依法承担赔偿责任;属于国家工作人员的,并依法给予处分。

70-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىك ۋەكىللىرى ئەۋەتكەن ئاپپاراتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىغا تەۋە بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十一条 国家出资企业的董事、监事、高级管理人员有下列行为之一,造成国有资产损失的,依法承担赔偿责任;属于国家工作人员的,并依法给予处分:

71-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىغا تەۋە بولسا ھەمدە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)利用职权收受贿赂或者取得其他非法收入和不当利益的;

( 1 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر؛

(二)侵占、挪用企业资产的;

( 2 ) كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(三)在企业改制、财产转让等过程中,违反法律、行政法规和公平交易规则,将企业财产低价转让、低价折股的;

( 3 ) كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلار داۋامىدا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە ئادىل سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا مال-مۈلكىنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرغانلار؛

(四)违反本法规定与本企业进行交易的;

( 4 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ كارخانا بىلەن سودىلاشقانلار؛

(五)不如实向资产评估机构、会计师事务所提供有关情况和资料,或者与资产评估机构、会计师事务所串通出具虚假资产评估报告、审计报告的;

( 5 ) مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرلىق ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلەپ بەرمىگەن ياكى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە بوغالتىرلىق ئورنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا مۈلۈك باھالاش دوكلاتى، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چىقارمىغانلار؛

(六)违反法律、行政法规和企业章程规定的决策程序,决定企业重大事项的;

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا، كارخانىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى قارار قىلغانلار؛

(七)有其他违反法律、行政法规和企业章程执行职务行为的。

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە كارخانا نىزامنامىسىگە خىلاپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

国家出资企业的董事、监事、高级管理人员因前款所列行为取得的收入,依法予以追缴或者归国家出资企业所有。

دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ ياكى دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىغا تەۋە بولىدۇ.

履行出资人职责的机构任命或者建议任命的董事、监事、高级管理人员有本条第一款所列行为之一,造成国有资产重大损失的,由履行出资人职责的机构依法予以免职或者提出免职建议。

مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەن مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملاردا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، دۆلەت مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ.

第七十二条 在涉及关联方交易、国有资产转让等交易活动中,当事人恶意串通,损害国有资产权益的,该交易行为无效。

72-ماددا ئالاقىدار تەرەپنىڭ سودىسى، دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق سودا پائالىيەتلىرىگە چېتىلىدىغان سودا پائالىيەتلىرىدە، توختاملاشقۇچىلار يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، بۇ سودا ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

第七十三条 国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司的董事、监事、高级管理人员违反本法规定,造成国有资产重大损失,被免职的,自免职之日起五年内不得担任国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司的董事、监事、高级管理人员;造成国有资产特别重大损失,或者因贪污、贿赂、侵占财产、挪用财产或者破坏社会主义市场经济秩序被判处刑罚的,终身不得担任国有独资企业、国有独资公司、国有资本控股公司的董事、监事、高级管理人员。

73-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇشقا بولمايدۇ؛ دۆلەت مۈلكىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋالغان، مال-مۈلكىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان ياكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ دۆلەتنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەتنىڭ شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇشىغا ئۆمۈر بويى يول قويۇلمايدۇ.

第七十四条 接受委托对国家出资企业进行资产评估、财务审计的资产评估机构、会计师事务所违反法律、行政法规的规定和执业准则,出具虚假的资产评估报告或者审计报告的,依照有关法律、行政法规的规定追究法律责任。

74-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىسىنىڭ مۈلكىنى باھالاش، مالىيەسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرلىق ئورنىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە كەسىپكارلىق مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختا مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چىقارغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

第七十五条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

75-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第七十六条 金融企业国有资产的管理与监督,法律、行政法规另有规定的,依照其规定。

76-ماددا پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第七十七条 本法自2009年5月1日起施行。

77-ماددا بۇ قانۇن 2009-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.