中华人民共和国促进科技成果转化法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(1996年5月15日第八届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过 根据2015年8月29日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十六次会议《关于修改<中华人民共和国促进科技成果转化法>的决定》修正)

( 1996 ـ يىل 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 组织实施

2-باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

第三章 保障措施

3-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第四章 技术权益

4-باب تېخنىكا ھوقۇق-مەنپەئىتى

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了促进科技成果转化为现实生产力,规范科技成果转化活动,加速科学技术进步,推动经济建设和社会发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称科技成果,是指通过科学研究与技术开发所产生的具有实用价值的成果。职务科技成果,是指执行研究开发机构、高等院校和企业等单位的工作任务,或者主要是利用上述单位的物质技术条件所完成的科技成果。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ياكى ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ماددىي تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ يارىتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称科技成果转化,是指为提高生产力水平而对科技成果所进行的后续试验、开发、应用、推广直至形成新技术、新工艺、新材料、新产品,发展新产业等活动。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى داۋاملاشما سىناق قىلىش، ئېچىش، قوللىنىش، كېڭەيتىشتىن تارتىپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلات شەكىللەندۈرۈش، يېڭى كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 科技成果转化活动应当有利于加快实施创新驱动发展战略,促进科技与经济的结合,有利于提高经济效益、社会效益和保护环境、合理利用资源,有利于促进经济建设、社会发展和维护国家安全。

3-ماددا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇشقا، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

科技成果转化活动应当尊重市场规律,发挥企业的主体作用,遵循自愿、互利、公平、诚实信用的原则,依照法律法规规定和合同约定,享有权益,承担风险。科技成果转化活动中的知识产权受法律保护。

پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىختىيارىي بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش-لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش، خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

科技成果转化活动应当遵守法律法规,维护国家利益,不得损害社会公共利益和他人合法权益。

پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第四条 国家对科技成果转化合理安排财政资金投入,引导社会资金投入,推动科技成果转化资金投入的多元化。

4-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

第五条 国务院和地方各级人民政府应当加强科技、财政、投资、税收、人才、产业、金融、政府采购、军民融合等政策协同,为科技成果转化创造良好环境。

5-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا، مالىيە، سېلىنما، باج، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق سىياسەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

地方各级人民政府根据本法规定的原则,结合本地实际,可以采取更加有利于促进科技成果转化的措施。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

第六条 国家鼓励科技成果首先在中国境内实施。中国单位或者个人向境外的组织、个人转让或者许可其实施科技成果的,应当遵守相关法律、行政法规以及国家有关规定。

6-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگودىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرگە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى ياكى ئۇلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

第七条 国家为了国家安全、国家利益和重大社会公共利益的需要,可以依法组织实施或者许可他人实施相关科技成果。

7-ماددا دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور ئاممىۋى مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويسا ياكى باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.

第八条 国务院科学技术行政部门、经济综合管理部门和其他有关行政部门依照国务院规定的职责,管理、指导和协调科技成果转化工作。

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.

地方各级人民政府负责管理、指导和协调本行政区域内的科技成果转化工作。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第二章 组织实施

2-باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

第九条 国务院和地方各级人民政府应当将科技成果的转化纳入国民经济和社会发展计划,并组织协调实施有关科技成果的转化。

9-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇشى كېرەك.

第十条 利用财政资金设立应用类科技项目和其他相关科技项目,有关行政部门、管理机构应当改进和完善科研组织管理方式,在制定相关科技规划、计划和编制项目指南时应当听取相关行业、企业的意见;在组织实施应用类科技项目时,应当明确项目承担者的科技成果转化义务,加强知识产权管理,并将科技成果转化和知识产权创造、运用作为立项和验收的重要内容和依据。

10-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قوللىنىش تۈرىدىكى پەن-تېخنىكا تۈرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەسىس قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار، باشقۇرۇش ئاپپاراتى پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكىلىق يىرىك پىلان، پىلان ۋە تۈر كۆرسەتمىسىنى تۈزگەندە مۇناسىۋەتلىك ساھە، كارخانىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك؛ قوللىنىش تۈرىدىكى پەن-تېخنىكا تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتا، تۈرنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىشنى تۈر تۇرغۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسى قىلىش كېرەك.

第十一条 国家建立、完善科技报告制度和科技成果信息系统,向社会公布科技项目实施情况以及科技成果和相关知识产权信息,提供科技成果信息查询、筛选等公益服务。公布有关信息不得泄露国家秘密和商业秘密。对不予公布的信息,有关部门应当及时告知相关科技项目承担者。

11-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا دوكلاتى تۈزۈمى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە پەن-تېخنىكا تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تاللاش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئېلان قىلىنمىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

利用财政资金设立的科技项目的承担者应当按照规定及时提交相关科技报告,并将科技成果和相关知识产权信息汇交到科技成果信息系统。

مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ھەمدە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىغا جەملەپ تاپشۇرۇشى كېرەك.

国家鼓励利用非财政资金设立的科技项目的承担者提交相关科技报告,将科技成果和相关知识产权信息汇交到科技成果信息系统,县级以上人民政府负责相关工作的部门应当为其提供方便。

دۆلەت مالىيەدىن باشقا مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىغا جەملەپ تاپشۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل تارمىقى ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第十二条 对下列科技成果转化项目,国家通过政府采购、研究开发资助、发布产业技术指导目录、示范推广等方式予以支持:

12-ماددا تۆۋەندىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى دۆلەت ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ياردەم بېرىش، كەسىپ تېخنىكىسى يېتەكچىلىك مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللايدۇ :

(一)能够显著提高产业技术水平、经济效益或者能够形成促进社会经济健康发展的新产业的;

( 1 ) كەسىپنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرەلىگەن ياكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى كەسىپ شەكىللەندۈرەلىگەنلەر؛

(二)能够显著提高国家安全能力和公共安全水平的;

( 2 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى خەۋپسىزلىك سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرەلىگەنلەر؛

(三)能够合理开发和利用资源、节约能源、降低消耗以及防治环境污染、保护生态、提高应对气候变化和防灾减灾能力的;

( 3 ) بايلىقنى مۇۋاپىق ئاچالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدىغان، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان، شۇنىڭدەك مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، ئېكولوگىيەنى قوغدىيالايدىغان، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدىغانلار؛

(四)能够改善民生和提高公共健康水平的;

( 4 ) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالىغان ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلىگەنلەر؛

(五)能够促进现代农业或者农村经济发展的;

( 5 ) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ياكى يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلىگەنلەر؛

(六)能够加快民族地区、边远地区、贫困地区社会经济发展的。

( 6 ) مىللەتلەر رايونى، چەت-ياقا رايون، نامرات رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلەتكىلى بولغانلار.

第十三条 国家通过制定政策措施,提倡和鼓励采用先进技术、工艺和装备,不断改进、限制使用或者淘汰落后技术、工艺和装备。

13-ماددا دۆلەت سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت ۋە جابدۇق قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ، قالاق تېخنىكا، ھۈنەر، سەنئەت ۋە جابدۇقلارنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ، ئىشلىتىشكە چەك قويىدۇ ياكى شاللىۋېتىدۇ.

第十四条 国家加强标准制定工作,对新技术、新工艺、新材料、新产品依法及时制定国家标准、行业标准,积极参与国际标准的制定,推动先进适用技术推广和应用。

14-ماددا دۆلەت ئۆلچەم تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتقا قارىتا دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈزۈپ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئىلغار ياراملىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

国家建立有效的军民科技成果相互转化体系,完善国防科技协同创新体制机制。军品科研生产应当依法优先采用先进适用的民用标准,推动军用、民用技术相互转移、转化。

دۆلەت ئۈنۈملۈك ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات بويىچە ئىشلەپچىقىرىشتا قانۇن بويىچە ئىلغار، قوللىنىشچان پۇقراۋى ئۆلچەمنى ئاۋۋال قوللىنىپ، ھەربىي تېخنىكا ۋە پۇقراۋى تېخنىكىنىڭ ئۆزئارا يۆتكىلىشى، ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

第十五条 各级人民政府组织实施的重点科技成果转化项目,可以由有关部门组织采用公开招标的方式实施转化。有关部门应当对中标单位提供招标时确定的资助或者其他条件。

15-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئايلاندۇرۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار خېرىدار بولغۇچى ئورۇنغا خېرىدار چاقىرغاندا بېكىتىلگەن ياردەم ياكى باشقا شەرتلەرنى قويۇشى كېرەك.

第十六条 科技成果持有者可以采用下列方式进行科技成果转化:

16-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە ئىگە بولغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرسا بولىدۇ :

(一)自行投资实施转化;

( 1 ) ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇش؛

(二)向他人转让该科技成果;

( 2 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(三)许可他人使用该科技成果;

( 3 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش؛

(四)以该科技成果作为合作条件,与他人共同实施转化;

( 4 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ھەمكارلىق شەرتى قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئايلاندۇرۇش؛

(五)以该科技成果作价投资,折算股份或者出资比例;

( 5 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش، پاي ياكى مەبلەغ نىسبىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش؛

(六)其他协商确定的方式。

( 6 ) كېڭىشىپ بېكىتىدىغان باشقا ئۇسۇللار.

第十七条 国家鼓励研究开发机构、高等院校采取转让、许可或者作价投资等方式,向企业或者其他组织转移科技成果。

17-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يۆتكىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

国家设立的研究开发机构、高等院校应当加强对科技成果转化的管理、组织和协调,促进科技成果转化队伍建设,优化科技成果转化流程,通过本单位负责技术转移工作的机构或者委托独立的科技成果转化服务机构开展技术转移。

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى باشقۇرۇش، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتنى ئايلاندۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى مۇستەقىل پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا تېخنىكا يۆتكەشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

第十八条 国家设立的研究开发机构、高等院校对其持有的科技成果,可以自主决定转让、许可或者作价投资,但应当通过协议定价、在技术交易市场挂牌交易、拍卖等方式确定价格。通过协议定价的,应当在本单位公示科技成果名称和拟交易价格。

18-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەر ئىلكىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن كېلىشىپ باھا بېكىتىش، تېخنىكا سودا بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودىلىشىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باھانى بېكىتىشى كېرەك. كېلىشىم ئارقىلىق باھا بېكىتىشتە، شۇ ئورۇندا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ نامى ۋە سودىلىشىدىغان باھاسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

第十九条 国家设立的研究开发机构、高等院校所取得的职务科技成果,完成人和参加人在不变更职务科技成果权属的前提下,可以根据与本单位的协议进行该项科技成果的转化,并享有协议规定的权益。该单位对上述科技成果转化活动应当予以支持。

19-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ئېرىشكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتىدە، شۇ ئورۇن بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرسا بولىدۇ ھەمدە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ ئورۇن يۇقىرىقى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

科技成果完成人或者课题负责人,不得阻碍职务科技成果的转化,不得将职务科技成果及其技术资料和数据占为己有,侵犯单位的合法权益。

پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئورۇندىغۇچىسى ياكى تېما مەسئۇلى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكا ماتېرىياللىرى ھەم سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقى، ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.

第二十条 研究开发机构、高等院校的主管部门以及财政、科学技术等相关行政部门应当建立有利于促进科技成果转化的绩效考核评价体系,将科技成果转化情况作为对相关单位及人员评价、科研资金支持的重要内容和依据之一,并对科技成果转化绩效突出的相关单位及人员加大科研资金支持。

20-ماددا تەتقىقات-تەرەققىيات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپنىڭ مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك مالىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق نەتىجە-ئۈنۈم سىناش-باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملارنى باھالاش، پەن تەتقىقات مەبلىغى جەھەتتىن قوللاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىشى كېرەك، ھەمدە پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان ئالاقىدار ئورۇنلار ھەم خادىملارغا پەن تەتقىقات مەبلىغى جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

国家设立的研究开发机构、高等院校应当建立符合科技成果转化工作特点的职称评定、岗位管理和考核评价制度,完善收入分配激励约束机制。

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىشى، كىرىم تەقسىماتىغا ئىلھام بېرىش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

第二十一条 国家设立的研究开发机构、高等院校应当向其主管部门提交科技成果转化情况年度报告,说明本单位依法取得的科技成果数量、实施转化情况以及相关收入分配情况,该主管部门应当按照规定将科技成果转化情况年度报告报送财政、科学技术等相关行政部门。

21-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى تاپشۇرۇپ، شۇ ئورۇن قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ سانى، ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىرىم تەقسىمات ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، شۇ مەسئۇل تارماق بەلگىلىمە بويىچە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى مالىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماققا يوللىشى كېرەك.

第二十二条 企业为采用新技术、新工艺、新材料和生产新产品,可以自行发布信息或者委托科技中介服务机构征集其所需的科技成果,或者征寻科技成果转化的合作者。

22-ماددا كارخانا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال قوللىنىش ۋە يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، ئۆزى ئۇچۇر ئېلان قىلسا ياكى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئۆزى ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توپلاشنى ھاۋالە قىلسا ياكى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدىسە بولىدۇ.

县级以上地方各级人民政府科学技术行政部门和其他有关部门应当根据职责分工,为企业获取所需的科技成果提供帮助和支持。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، كارخانىلارنىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشىگە ياردەم ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

第二十三条 企业依法有权独立或者与境内外企业、事业单位和其他合作者联合实施科技成果转化。

23-ماددا كارخانىلار قانۇن بويىچە مۇستەقىل بولۇشقا ياكى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

企业可以通过公平竞争,独立或者与其他单位联合承担政府组织实施的科技研究开发和科技成果转化项目。

كارخانىلار ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان پەن-تېخنىكا تەتقىقات-يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنى مۇستەقىل ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

第二十四条 对利用财政资金设立的具有市场应用前景、产业目标明确的科技项目,政府有关部门、管理机构应当发挥企业在研究开发方向选择、项目实施和成果应用中的主导作用,鼓励企业、研究开发机构、高等院校及其他组织共同实施。

24-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان بازاردا قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە، كەسىپ نىشانى ئېنىق بولغان پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش يۆنىلىشىنى تاللاش، تۈرنى يولغا قويۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى قوللىنىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار، تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئورتاق يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

第二十五条 国家鼓励研究开发机构、高等院校与企业相结合,联合实施科技成果转化。

25-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى بىرلىكتە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

研究开发机构、高等院校可以参与政府有关部门或者企业实施科技成果转化的招标投标活动。

تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ياكى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا دائىر خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

第二十六条 国家鼓励企业与研究开发机构、高等院校及其他组织采取联合建立研究开发平台、技术转移机构或者技术创新联盟等产学研合作方式,共同开展研究开发、成果应用与推广、标准研究与制定等活动。

26-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش سۇپىسى، تېخنىكا يۆتكەش ئاپپاراتى ياكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش، نەتىجە قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش، ئۆلچەم تەتقىق قىلىش ۋە بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

合作各方应当签订协议,依法约定合作的组织形式、任务分工、资金投入、知识产权归属、权益分配、风险分担和违约责任等事项。

ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەمكارلىقنىڭ تەشكىلىي شەكلى، ۋەزىپە تەقسىماتى، مەبلەغ سېلىنمىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى، ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىماتى، خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

第二十七条 国家鼓励研究开发机构、高等院校与企业及其他组织开展科技人员交流,根据专业特点、行业领域技术发展需要,聘请企业及其他组织的科技人员兼职从事教学和科研工作,支持本单位的科技人员到企业及其他组织从事科技成果转化活动。

27-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ساھەسىنىڭ تېخنىكا تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، شۇ ئورۇندىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بېرىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش.

第二十八条 国家支持企业与研究开发机构、高等院校、职业院校及培训机构联合建立学生实习实践培训基地和研究生科研实践工作机构,共同培养专业技术人才和高技能人才。

28-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى پىراكتىكا، ئەمەلىيەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىيىتى خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

第二十九条 国家鼓励农业科研机构、农业试验示范单位独立或者与其他单位合作实施农业科技成果转化。

29-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىك سىناق ئۈلگە ئورۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第三十条 国家培育和发展技术市场,鼓励创办科技中介服务机构,为技术交易提供交易场所、信息平台以及信息检索、加工与分析、评估、经纪等服务。

30-ماددا دۆلەت تېخنىكا بازىرىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، تېخنىكا سودىسىنى سودا سورۇنى، ئۇچۇر سۇپىسى، شۇنىڭدەك ئۇچۇر ئىزدەش، پىششىقلاش ۋە تەھلىل قىلىش، باھالاش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

科技中介服务机构提供服务,应当遵循公正、客观的原则,不得提供虚假的信息和证明,对其在服务过程中知悉的国家秘密和当事人的商业秘密负有保密义务。

پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت قىلىشتا ئادىل، ئوبيېكتىپ بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، ساختا ئۇچۇر ۋە ئىسپات بەرسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

第三十一条 国家支持根据产业和区域发展需要建设公共研究开发平台,为科技成果转化提供技术集成、共性技术研究开发、中间试验和工业性试验、科技成果系统化和工程化开发、技术推广与示范等服务。

31-ماددا دۆلەت كەسىپ ۋە رايون تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاممىۋى تەتقىق قىلىش-يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى قوللاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېخنىكا توپلاش، ئورتاق تېخنىكا تەتقىق قىلىش-ئېچىش، ئارىلىق سىناق ۋە سانائەت خاراكتېرلىك سىناق، پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشلاشتۇرۇپ يارىتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第三十二条 国家支持科技企业孵化器、大学科技园等科技企业孵化机构发展,为初创期科技型中小企业提供孵化场地、创业辅导、研究开发与管理咨询等服务。

32-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئورنى، داشۆ پەن-تېخنىكا باغچىسى قاتارلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ئورنى، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىكى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第三章 保障措施

3-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第三十三条 科技成果转化财政经费,主要用于科技成果转化的引导资金、贷款贴息、补助资金和风险投资以及其他促进科技成果转化的资金用途。

33-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش مالىيە خىراجىتى ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېتەكلەش مەبلىغى، قەرز پۇل ئۆسۈمى، ياردەم پۇل مەبلىغى ۋە خەۋپ-خەتەر سېلىنمىسى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ.

第三十四条 国家依照有关税收法律、行政法规规定对科技成果转化活动实行税收优惠。

34-ماددا دۆلەت باجغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

第三十五条 国家鼓励银行业金融机构在组织形式、管理机制、金融产品和服务等方面进行创新,鼓励开展知识产权质押贷款、股权质押贷款等贷款业务,为科技成果转化提供金融支持。

35-ماددا دۆلەت بانكىچىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىلىي شەكىل، باشقۇرۇش مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز بېرىش، پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىش قاتارلىق قەرز پۇل كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە مەدىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

国家鼓励政策性金融机构采取措施,加大对科技成果转化的金融支持。

دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ.

第三十六条 国家鼓励保险机构开发符合科技成果转化特点的保险品种,为科技成果转化提供保险服务。

36-ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا تۈرىنى يارىتىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇشنى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第三十七条 国家完善多层次资本市场,支持企业通过股权交易、依法发行股票和债券等直接融资方式为科技成果转化项目进行融资。

37-ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسى، قانۇن بويىچە پاي چېكى ۋە زايوم تارقىتىش قاتارلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ.

第三十八条 国家鼓励创业投资机构投资科技成果转化项目。

38-ماددا دۆلەت ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

国家设立的创业投资引导基金,应当引导和支持创业投资机构投资初创期科技型中小企业。

دۆلەت تەسىس قىلغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندىدا، ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك.

第三十九条 国家鼓励设立科技成果转化基金或者风险基金,其资金来源由国家、地方、企业、事业单位以及其他组织或者个人提供,用于支持高投入、高风险、高产出的科技成果的转化,加速重大科技成果的产业化。

39-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش فوندى ياكى خەۋپ-خەتەر فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى دۆلەت، يەرلىك، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر بېرىدۇ، يۇقىرى سېلىنما، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر، يۇقىرى ھاسىلاتلىق پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىدۇ.

科技成果转化基金和风险基金的设立及其资金使用,依照国家有关规定执行。

پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش فوندى ۋە خەۋپ-خەتەر فوندىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

第四章 技术权益

4-باب تېخنىكا ھوقۇق-مەنپەئىتى

第四十条 科技成果完成单位与其他单位合作进行科技成果转化的,应当依法由合同约定该科技成果有关权益的归属。合同未作约定的,按照下列原则办理:

40-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن بىلەن باشقا ئورۇن ھەمكارلىشىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا، توختامدا شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈش كېرەك. توختامدا پۈتۈشمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

(一)在合作转化中无新的发明创造的,该科技成果的权益,归该科技成果完成单位;

( 1 ) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش جەريانىدا يېڭى كەشپىيات-ئىجادىيەت بولمىسا، شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى شۇ پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇنغا تەۋە بولىدۇ؛

(二)在合作转化中产生新的发明创造的,该新发明创造的权益归合作各方共有;

( 2 ) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش داۋامىدا يېڭى كەشپىيات-ئىجادىيەت ھاسىل قىلغاندا، شۇ يېڭى كەشپىيات-ئىجاد قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛

(三)对合作转化中产生的科技成果,各方都有实施该项科技成果的权利,转让该科技成果应经合作各方同意。

( 3 ) ھەمكارلىشىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى يولغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇ پەن-تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ھەمكارلاشقۇچى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

第四十一条 科技成果完成单位与其他单位合作进行科技成果转化的,合作各方应当就保守技术秘密达成协议;当事人不得违反协议或者违反权利人有关保守技术秘密的要求,披露、允许他人使用该技术。

41-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن بىلەن باشقا ئورۇن ھەمكارلىشىپ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك؛ توختاملاشقۇچىلار كېلىشىمگە ياكى ھوقۇقدارنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا ئالاقىدار تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ تېخنىكىنى ئاشكارىلاپ قويسا، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولمايدۇ.

第四十二条 企业、事业单位应当建立健全技术秘密保护制度,保护本单位的技术秘密。职工应当遵守本单位的技术秘密保护制度。

42-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەر شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

企业、事业单位可以与参加科技成果转化的有关人员签订在职期间或者离职、离休、退休后一定期限内保守本单位技术秘密的协议;有关人员不得违反协议约定,泄露本单位的技术秘密和从事与原单位相同的科技成果转化活动。

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ياكى خىزمەتتىن ئايرىلغان، دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك خادىملار كېلىشىمدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا ۋە ئەسلىي ئورۇنغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

职工不得将职务科技成果擅自转让或者变相转让。

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

第四十三条 国家设立的研究开发机构、高等院校转化科技成果所获得的收入全部留归本单位,在对完成、转化职务科技成果做出重要贡献的人员给予奖励和报酬后,主要用于科学技术研究开发与成果转化等相关工作。

43-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش-يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئېرىشكەن كىرىمىنىڭ ھەممىسى شۇ ئورۇنغا ئېلىپ قېلىنىدۇ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلىغان ۋە ئۇلارغا ئىش ھەققى بەرگەندىن كېيىن، ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەتقىقات-يارىتىش ۋە نەتىجە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

第四十四条 职务科技成果转化后,由科技成果完成单位对完成、转化该项科技成果做出重要贡献的人员给予奖励和报酬。

44-ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ياراتقۇچى ئورۇن شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىدۇ.

科技成果完成单位可以规定或者与科技人员约定奖励和报酬的方式、数额和时限。单位制定相关规定,应当充分听取本单位科技人员的意见,并在本单位公开相关规定。

پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۇسۇلى، مىقدارى ۋە ۋاقىت چېكىنى بەلگىلىسە ياكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پۈتۈشسە بولىدۇ. ئورۇن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە چىقىرىشتا، شۇ ئورۇندىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى ھەمدە شۇ ئورۇندا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

第四十五条 科技成果完成单位未规定、也未与科技人员约定奖励和报酬的方式和数额的,按照下列标准对完成、转化职务科技成果做出重要贡献的人员给予奖励和报酬:

45-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققى ئۇسۇلى ۋە سوممىسىنى بەلگىلىمىگەن، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەنمۇ پۈتۈشمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ياراتقۇچى، ئايلاندۇرغۇچىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلار مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە ئىش ھەققى بېرىلىدۇ :

(一)将该项职务科技成果转让、许可给他人实施的,从该项科技成果转让净收入或者许可净收入中提取不低于百分之五十的比例;

( 1 ) شۇ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجازەت بەرگەنلەرنىڭ شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ساپ كىرىمى ياكى ئىجازەت ساپ كىرىمىدىن % 50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە ئېلىش؛

(二)利用该项职务科技成果作价投资的,从该项科技成果形成的股份或者出资比例中提取不低于百分之五十的比例;

( 2 ) شۇ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سالغانلارنىڭ شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىدىن شەكىللەنگەن پېيى ياكى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتىدىن % 50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبىتى ئېلىنىدۇ؛

(三)将该项职务科技成果自行实施或者与他人合作实施的,应当在实施转化成功投产后连续三至五年,每年从实施该项科技成果的营业利润中提取不低于百分之五的比例。

( 3 ) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزى ياراتقان ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويغانلار ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇشى، ھەر يىلى شۇ پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتىنى يولغا قويۇش تىجارەت پايدىسىدىن % 5 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتنى ئېلىشى كېرەك.

国家设立的研究开发机构、高等院校规定或者与科技人员约定奖励和报酬的方式和数额应当符合前款第一项至第三项规定的标准。

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ بەلگىلىگەن ياكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پۈتۈشكەن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۇسۇلى ۋە سوممىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 3 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

国有企业、事业单位依照本法规定对完成、转化职务科技成果做出重要贡献的人员给予奖励和报酬的支出计入当年本单位工资总额,但不受当年本单位工资总额限制、不纳入本单位工资总额基数。

دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرغان خادىملارغا مۇكاپات ۋە ئىش ھەققى بېرىش چىقىمى شۇ يىلدىكى شۇ ئورۇننىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، لېكىن شۇ يىلدىكى شۇ ئىدارىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇ ئورۇننىڭ ئىش ھەققى ئومۇمىي سان ئاساسىي سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第四十六条 利用财政资金设立的科技项目的承担者未依照本法规定提交科技报告、汇交科技成果和相关知识产权信息的,由组织实施项目的政府有关部门、管理机构责令改正;情节严重的,予以通报批评,禁止其在一定期限内承担利用财政资金设立的科技项目。

46-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پەن-تېخنىكا دوكلاتى تاپشۇرمىسا، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ تاپشۇرمىسا، تۈرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۈستىگە ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

国家设立的研究开发机构、高等院校未依照本法规定提交科技成果转化情况年度报告的,由其主管部门责令改正;情节严重的,予以通报批评。

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرمىغانلىرىنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ.

第四十七条 违反本法规定,在科技成果转化活动中弄虚作假,采取欺骗手段,骗取奖励和荣誉称号、诈骗钱财、非法牟利的,由政府有关部门依照管理职责责令改正,取消该奖励和荣誉称号,没收违法所得,并处以罚款。给他人造成经济损失的,依法承担民事赔偿责任。构成犯罪的,依法追究刑事责任。

47-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مۇكاپات ۋە پەخرىي نامنى ئالداپ ئېلىۋالغان، پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغان، قانۇنسىز پايدا ئالغانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇ مۇكاپات ۋە پەخرى نامنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第四十八条 科技服务机构及其从业人员违反本法规定,故意提供虚假的信息、实验结果或者评估意见等欺骗当事人,或者与当事人一方串通欺骗另一方当事人的,由政府有关部门依照管理职责责令改正,没收违法所得,并处以罚款;情节严重的,由工商行政管理部门依法吊销营业执照。给他人造成经济损失的,依法承担民事赔偿责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

48-ماددا پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ئۇچۇر، تەجرىبە نەتىجىسى ياكى باھالاش پىكرى قاتارلىقلار بىلەن قەستەن تەمىنلەپ توختاملاشقۇچىلارنى ئالدىغانلىرى ياكى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپنى ئالدىغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

科技中介服务机构及其从业人员违反本法规定泄露国家秘密或者当事人的商业秘密的,依照有关法律、行政法规的规定承担相应的法律责任。

پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第四十九条 科学技术行政部门和其他有关部门及其工作人员在科技成果转化中滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,由任免机关或者监察机关对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

49-ماددا پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第五十条 违反本法规定,以唆使窃取、利诱胁迫等手段侵占他人的科技成果,侵犯他人合法权益的,依法承担民事赔偿责任,可以处以罚款;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

50-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوغرىلاش، پۇل-مالغا قىزىقتۇرۇش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第五十一条 违反本法规定,职工未经单位允许,泄露本单位的技术秘密,或者擅自转让、变相转让职务科技成果的,参加科技成果转化的有关人员违反与本单位的协议,在离职、离休、退休后约定的期限内从事与原单位相同的科技成果转化活动,给本单位造成经济损失的,依法承担民事赔偿责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەن، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك خادىملار شۇ ئورۇن بىلەن بولغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلغان، دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ئەسلىدىكى ئورۇنغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第五十二条 本法自1996年10月1日起施行。

52-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.