(2001年4月28日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2001-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2001年4月28日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2001-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 信托的设立
2-باب ھاۋالىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
第三章 信托财产
3-باب ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك
第四章 信托当事人
4-باب ئالاقىدارلار ھاۋالە قىلىش
第一节 委托人
1-پاراگراف ھاۋالە قىلغۇچى
第二节 受托人
2-پاراگراف ھاۋالە قىلىنغۇچى
第三节 受益人
3-پاراگراف پايدا ئالغۇچى
第五章 信托的变更与终止
5-باب ھاۋالىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش
第六章 公益信托
6-باب ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了调整信托关系,规范信托行为,保护信托当事人的合法权益,促进信托事业的健康发展,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ھاۋالە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ھاۋالە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھاۋالە ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ھاۋالە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 本法所称信托,是指委托人基于对受托人的信任,将其财产权委托给受托人,由受托人按委托人的意愿以自己的名义,为受益人的利益或者特定目的,进行管理或者处分的行为。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھاۋالە ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا ئىشىنىش ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا ھاۋالە قىلىدىغان، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆز نامىدا، مەنپەئەتدارنىڭ مەنپەئىتى ياكى مۇئەييەن مەقسىتى ئۈچۈن باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 委托人、受托人、受益人(以下统称信托当事人)在中华人民共和国境内进行民事、营业、公益信托活动,适用本法。
3-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالە قىلىنغۇچى، مەنپەئەتلەنگۈچى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھاۋالە قىلغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ھەق تەلەپ، تىجارەت، ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالە پائالىيىتى قىلسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
第四条 受托人采取信托机构形式从事信托活动,其组织和管理由国务院制定具体办法。
4-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئاپپاراتى شەكلىنى قوللىنىپ ھاۋالە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشتا گوۋۇيۈەن كونكرېت چارىنى چىقىرىدۇ.
第五条 信托当事人进行信托活动,必须遵守法律、行政法规,遵循自愿、公平和诚实信用原则,不得损害国家利益和社会公共利益。
5-ماددا توختاملاشقۇچىلار ھاۋالە پائالىيىتى قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىختىيارىي بولۇش، ئادىل بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى شەرت، دۆلەت مەنپەئىتىگە ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
第二章 信托的设立
2-باب ھاۋالىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
第六条 设立信托,必须有合法的信托目的。
6-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، قانۇنلۇق ھاۋالە مەقسىتى بولۇشى شەرت.
第七条 设立信托,必须有确定的信托财产,并且该信托财产必须是委托人合法所有的财产。
7-ماددا ھاۋالە قىلىشتا، ئېنىق ھاۋالە مال-مۈلۈك بولۇشى ھەمدە ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىدارلىق مال-مۈلكى بولۇشى شەرت.
本法所称财产包括合法的财产权利。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مال-مۈلۈك قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
第八条 设立信托,应当采取书面形式。
8-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك.
书面形式包括信托合同、遗嘱或者法律、行政法规规定的其他书面文件等。
يازما شەكىل ھاۋالە توختامى، ۋەسىيەت ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يازما ھۆججەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
采取信托合同形式设立信托的,信托合同签订时,信托成立。采取其他书面形式设立信托的,受托人承诺信托时,信托成立。
ھاۋالە توختامى شەكلىدە بېكىتىلگەن بولسا، ھاۋالە توختامى تۈزۈلگەندە، ھاۋالە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھاۋالە باشقا يازما شەكىلدە بېكىتىلگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ھەققىدە ۋەدە بەرگەندە، ھاۋالە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.
第九条 设立信托,其书面文件应当载明下列事项:
9-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ئۇنىڭ يازما ھۆججەتلىرىدە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)信托目的;
( 1 ) ھاۋالە مەقسىتى؛
(二)委托人、受托人的姓名或者名称、住所;
( 2 ) ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛
(三)受益人或者受益人范围;
( 3 ) مەنپەئەتلەنگۈچى ياكى مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ دائىرىسى؛
(四)信托财产的范围、种类及状况;
( 4 ) ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ دائىرىسى، تۈرى ۋە ئەھۋالى؛
(五)受益人取得信托利益的形式、方法。
( 5 ) مەنپەئەتدارنىڭ ھاۋالە مەنپەئىتىگە ئېرىشىشىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلى.
除前款所列事项外,可以载明信托期限、信托财产的管理方法、受托人的报酬、新受托人的选任方式、信托终止事由等事项。
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھاۋالە مۇددىتى، ھاۋالە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھەققى، يېڭى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى تاللاپ تەيىنلەش ئۇسۇلى، ھاۋالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى قاتارلىق ئىشلار ئېنىق يېزىلسا بولىدۇ.
第十条 设立信托,对于信托财产,有关法律、行政法规规定应当办理登记手续的,应当依法办理信托登记。
10-ماددا ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈككە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىش بەلگىلەنگەنلىرى قانۇن بويىچە ھاۋالىنى تىزىملىتىشى كېرەك.
未依照前款规定办理信托登记的,应当补办登记手续;不补办的,该信托不产生效力。
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالىنى تىزىملاتمىغانلار تىزىملاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك؛ تولۇقلاپ بېجىرىلمىسە، ھاۋالە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
第十一条 有下列情形之一的,信托无效:
11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە ئىناۋەتسىز :
(一)信托目的违反法律、行政法规或者损害社会公共利益;
( 1 ) ھاۋالە مەقسىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ بولسا ياكى ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان سالسا؛
(二)信托财产不能确定;
( 2 ) ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى بېكىتكىلى بولمىسا؛
(三)委托人以非法财产或者本法规定不得设立信托的财产设立信托;
( 3 ) ھاۋالە قىلغۇچى قانۇنسىز مال-مۈلكى بىلەن ياكى مۇشۇ قانۇندا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئارقىلىق ھاۋالە قىلسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا؛
(四)专以诉讼或者讨债为目的设立信托;
( 4 ) دەۋا قىلىش ياكى قەرز سۈيلەشنى مەقسەت قىلىپ ھاۋالە قىلىش؛
(五)受益人或者受益人范围不能确定;
( 5 ) مەنپەئەتلەنگۈچى ياكى مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتكىلى بولمىسا؛
(六)法律、行政法规规定的其他情形。
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第十二条 委托人设立信托损害其债权人利益的,债权人有权申请人民法院撤销该信托。
12-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقدارلىق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ ھاۋالىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
人民法院依照前款规定撤销信托的,不影响善意受益人已经取得的信托利益。
خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالىنى بىكار قىلغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ ھاۋالە مەنپەئىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
本条第一款规定的申请权,自债权人知道或者应当知道撤销原因之日起一年内不行使的,归于消灭。
مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى قەرز ئالغۇچى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزمىسە، يوقىلىدۇ.
第十三条 设立遗嘱信托,应当遵守继承法关于遗嘱的规定。
13-ماددا ۋەسىيەت ھاۋالىسى قىلىشتا، ۋارىسلىق قانۇنىدىكى ۋەسىيەتكە دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
遗嘱指定的人拒绝或者无能力担任受托人的,由受益人另行选任受托人;受益人为无民事行为能力人或者限制民事行为能力人的,依法由其监护人代行选任。遗嘱对选任受托人另有规定的,从其规定。
ۋەسىيەتتە بەلگىلەنگەن كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى رەت قىلسا ياكى ئۈستىگە ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، مەنپەئەتلەنگۈچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى ئايرىم تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ مەنپەئەتلەنگۈچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەن كىشى بولسا، ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ۋاكالىتەن تاللاپ تەيىنلەيدۇ. ۋەسىيەتتە ھاۋالە قىلىنغۇچىنى تاللاپ تەيىنلەشكە دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第三章 信托财产
3-باب ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك
第十四条 受托人因承诺信托而取得的财产是信托财产。
14-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ۋەدە بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتۇر.
受托人因信托财产的管理运用、处分或者其他情形而取得的财产,也归入信托财产。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ياكى باشقا ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن مال-مۈلۈكمۇ ھاۋالە مال-مۈلكىگە تەۋە بولىدۇ.
法律、行政法规禁止流通的财产,不得作为信托财产。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوبوروت قىلىش مەنئى قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مال-مۈلۈك قىلىشقا بولمايدۇ.
法律、行政法规限制流通的财产,依法经有关主管部门批准后,可以作为信托财产。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوبوروت قىلىشقا چەك قويۇلغان مال-مۈلۈك قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھاۋالە مال-مۈلۈك قىلىنسا بولىدۇ.
第十五条 信托财产与委托人未设立信托的其他财产相区别。设立信托后,委托人死亡或者依法解散、被依法撤销、被宣告破产时,委托人是唯一受益人的,信托终止,信托财产作为其遗产或者清算财产;委托人不是唯一受益人的,信托存续,信托财产不作为其遗产或者清算财产;但作为共同受益人的委托人死亡或者依法解散、被依法撤销、被宣告破产时,其信托受益权作为其遗产或者清算财产。
15-ماددا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلمىغان باشقا مال-مۈلۈكلەر پەرقلىنىدۇ. ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتسە ياكى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلسە، قانۇن بويىچە بىكار قىلىنسا، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانسا، ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچى بولسا، ھاۋالە ئاخىرلىشىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسى ياكى ھېسابات ئېنىقلىنىدىغان مال-مۈلكى قىلىنىدۇ؛ ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچى بولمىسا، ھاۋالە داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسى ياكى مال-مۈلكى ھېسابلانمايدۇ؛ لېكىن، ئورتاق مەنپەئەتلەنگۈچى بولغان ھاۋالە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە ياكى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەندە، قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلىپ مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى ئۇنىڭ مىراسى ياكى مال-مۈلكى قىلىنىدۇ.
第十六条 信托财产与属于受托人所有的财产(以下简称固有财产)相区别,不得归入受托人的固有财产或者成为固有财产的一部分。
16-ماددا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈك ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خاس مال-مۈلۈك دېيىلىدۇ ) پەرقلىنىپ كەتسە، ئۇنى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خاس مال-مۈلكىگە كىرگۈزۈشكە ياكى خاس مال-مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
受托人死亡或者依法解散、被依法撤销、被宣告破产而终止,信托财产不属于其遗产或者清算财产。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەن، قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىپ ئاخىرلاشقان بولسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسىغا ياكى ھېسابات ئېنىقلانغان مال-مۈلكىگە تەۋە بولمايدۇ.
第十七条 除因下列情形之一外,对信托财产不得强制执行:
17-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ :
(一)设立信托前债权人已对该信托财产享有优先受偿的权利,并依法行使该权利的;
( 1 ) ھاۋالە تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھەقدار ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەمدە شۇ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن بولسا؛
(二)受托人处理信托事务所产生债务,债权人要求清偿该债务的;
( 2 ) ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئورنىدا شەكىللەنگەن قەرزنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەقدار شۇ قەرزنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلسا؛
(三)信托财产本身应担负的税款;
( 3 ) ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلى؛
(四)法律规定的其他情形。
( 4 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
对于违反前款规定而强制执行信托财产,委托人、受托人或者受益人有权向人民法院提出异议。
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھەققىدە ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى مەنپەئەتلەنگۈچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقىچە پىكرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
第十八条 受托人管理运用、处分信托财产所产生的债权,不得与其固有财产产生的债务相抵销。
18-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىقنى ئەسلىدە بار مال-مۈلۈكتىن كېلىپ چىققان قەرزدارلىق بىلەن خالاس قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
受托人管理运用、处分不同委托人的信托财产所产生的债权债务,不得相互抵销。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى ئۆزئارا خالاس قىلىۋەتسە بولمايدۇ.
第四章 信托当事人
4-باب ئالاقىدارلار ھاۋالە قىلىش
第一节 委托人
1-پاراگراف ھاۋالە قىلغۇچى
第十九条 委托人应当是具有完全民事行为能力的自然人、法人或者依法成立的其他组织。
19-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا تەشكىلات بولۇشى كېرەك.
第二十条 委托人有权了解其信托财产的管理运用、处分及收支情况,并有权要求受托人作出说明。
20-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
委托人有权查阅、抄录或者复制与其信托财产有关的信托帐目以及处理信托事务的其他文件。
ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈككە ئالاقىدار ھاۋالە ھېساباتى ھەمدە ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر باشقا ھۆججەتلەرنى كۆرۈش، كۆچۈرۈش ياكى كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二十一条 因设立信托时未能预见的特别事由,致使信托财产的管理方法不利于实现信托目的或者不符合受益人的利益时,委托人有权要求受托人调整该信托财产的管理方法。
21-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلغاندا ئالدىن مۆلچەرلەنمىگەن ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھاۋالە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھاۋالە مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياكى مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن شۇ ھاۋالە مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二十二条 受托人违反信托目的处分信托财产或者因违背管理职责、处理信托事务不当致使信托财产受到损失的,委托人有权申请人民法院撤销该处分行为,并有权要求受托人恢复信托财产的原状或者予以赔偿;该信托财产的受让人明知是违反信托目的而接受该财产的,应当予以返还或者予以赔偿。
22-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە قىلىش مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغاندا ياكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي ھاۋالە مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن ھاۋالە مال-مۈلكىنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ياكى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ھاۋالە قىلىنغان شۇ مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان بولسا، قايتۇرۇشى ياكى تۆلەم بېرىشى كېرەك.
前款规定的申请权,自委托人知道或者应当知道撤销原因之日起一年内不行使的,归于消灭。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزمىسە، يوقىلىدۇ.
第二十三条 受托人违反信托目的处分信托财产或者管理运用、处分信托财产有重大过失的,委托人有权依照信托文件的规定解任受托人,或者申请人民法院解任受托人。
23-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا ھاۋالە مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشى ياكى ئۇنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىشىدا ئېغىر سەۋەنلىكى بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتىن بوشىتىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلىنغۇچىنى ئىشتىن بوشىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二节 受托人
2-پاراگراف ھاۋالە قىلىنغۇچى
第二十四条 受托人应当是具有完全民事行为能力的自然人、法人。
24-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە بولۇشى كېرەك.
法律、行政法规对受托人的条件另有规定的,从其规定。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ شەرتى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第二十五条 受托人应当遵守信托文件的规定,为受益人的最大利益处理信托事务。
25-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ھاۋالە ئىشىنى مەنپەئەتدارنىڭ ئەڭ زور مەنپەئىتى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
受托人管理信托财产,必须恪尽职守,履行诚实、信用、谨慎、有效管理的义务。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇشتا، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.
第二十六条 受托人除依照本法规定取得报酬外,不得利用信托财产为自己谋取利益。
26-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق ئالغاندىن باشقا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە نەپ يەتكۈزسە بولمايدۇ.
受托人违反前款规定,利用信托财产为自己谋取利益的,所得利益归入信托财产。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە نەپ يەتكۈزسە، ئېرىشكەن پايدا ھاۋالە مال-مۈلكىگە تەۋە بولىدۇ.
第二十七条 受托人不得将信托财产转为其固有财产。受托人将信托财产转为其固有财产的,必须恢复该信托财产的原状;造成信托财产损失的,应当承担赔偿责任。
27-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ خاس مال-مۈلكىگە ئايلاندۇرسا بولمايدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مال-مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشتا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشى شەرت؛ ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第二十八条 受托人不得将其固有财产与信托财产进行交易或者将不同委托人的信托财产进行相互交易,但信托文件另有规定或者经委托人或者受益人同意,并以公平的市场价格进行交易的除外。
28-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بار مال-مۈلكىنى ھاۋالە مال-مۈلۈك بىلەن سودىلاشسا ياكى ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە مال-مۈلكى بىلەن ئۆزئارا سودا قىلسا بولمايدۇ، لېكىن، ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ھاۋالە قىلغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى ھەمدە ئادىل بازار باھاسىدا سودىلاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
受托人违反前款规定,造成信托财产损失的,应当承担赔偿责任。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈككە زىيان سالسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第二十九条 受托人必须将信托财产与其固有财产分别管理、分别记帐,并将不同委托人的信托财产分别管理、分别记帐。
29-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ خاس مال-مۈلكىگە ئايرىم-ئايرىم باشقۇرۇشى، ئايرىم-ئايرىم ھېسابقا خاتىرىلىشى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە مال-مۈلكىنى ئايرىم-ئايرىم تۇتۇشى، ئايرىم-ئايرىپ ھېسابقا خاتىرىلىشى شەرت.
第三十条 受托人应当自己处理信托事务,但信托文件另有规定或者有不得已事由的,可以委托他人代为处理。
30-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، لېكىن ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا ياكى ئامالسىز سەۋەبى بولسا، باشقىلارغا ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
受托人依法将信托事务委托他人代理的,应当对他人处理信托事务的行为承担责任。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ھاۋالە قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭ ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
第三十一条 同一信托的受托人有两个以上的,为共同受托人。
31-ماددا بىر ھاۋالىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئورتاق ھاۋالە قىلىنغۇچى بولىدۇ.
共同受托人应当共同处理信托事务,但信托文件规定对某些具体事务由受托人分别处理的,从其规定。
بىرلىكتە ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، لېكىن، ھاۋالە ھۆججىتىدە بەزى كونكرېت ئىشلارنى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
共同受托人共同处理信托事务,意见不一致时,按信托文件规定处理;信托文件未规定的,由委托人、受益人或者其利害关系人决定。
بىرلىكتە ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلغاندا، پىكرى بىردەك بولمىسا، ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنمىسە، ھاۋالە قىلغۇچى، مەنپەئەتدار ياكى ئۇنىڭ مەنپەئەتدارلىرى قارار قىلىدۇ.
第三十二条 共同受托人处理信托事务对第三人所负债务,应当承担连带清偿责任。第三人对共同受托人之一所作的意思表示,对其他受托人同样有效。
32-ماددا بىرلىكتە ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا 3-كىشىگە قەرزدار بولسا، چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 3-كىشىنىڭ ئورتاق ھاۋالە قىلىنغۇچىلارنىڭ بىرى ئۈچۈن بىلدۈرگەن مەقسەت ئىپادىسى باشقا ھاۋالە قىلىنغۇچىلارغىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە.
共同受托人之一违反信托目的处分信托财产或者因违背管理职责、处理信托事务不当致使信托财产受到损失的,其他受托人应当承担连带赔偿责任。
ئورتاق ھاۋالە قىلىنغۇچىلارنىڭ بىرى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغان ياكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە ئىشىنى نامۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ھاۋالە مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، باشقا ھاۋالە قىلىنغۇچىلار چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第三十三条 受托人必须保存处理信托事务的完整记录。
33-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇكەممەل خاتىرىسىنى ساقلىشى شەرت.
受托人应当每年定期将信托财产的管理运用、处分及收支情况,报告委托人和受益人。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ھاۋالە قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىگە مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
受托人对委托人、受益人以及处理信托事务的情况和资料负有依法保密的义务。
ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچى، مەنپەئەتلەنگۈچى شۇنىڭدەك ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ماتېرىيالىنى قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بار.
第三十四条 受托人以信托财产为限向受益人承担支付信托利益的义务。
34-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك چېكى دائىرىسىدە مەنپەئەتدار ئالدىدا ھاۋالە مەنپەئىتىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十五条 受托人有权依照信托文件的约定取得报酬。信托文件未作事先约定的,经信托当事人协商同意,可以作出补充约定;未作事先约定和补充约定的,不得收取报酬。
35-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ھۆججىتىدىكى پۈتۈم بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ھاۋالە ھۆججىتىدە ئالدىن پۈتۈشمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى توختاملاشقۇچىلارنىڭ كېڭىشىپ ماقۇللۇقى بىلەن قوشۇمچە پۈتۈشسە بولىدۇ؛ ئالدىن پۈتۈشمىگەن ۋە تولۇقلاپ پۈتۈشمىگەن بولسا، ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
约定的报酬经信托当事人协商同意,可以增减其数额。
پۈتۈشكەن ئىش ھەققىنى ھاۋالە قىلغۇچى توختاملاشقۇچىلارنىڭ كېڭىشىپ ماقۇللۇقى ئالغاندىن كېيىن مىقدارىنى ئازايتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولىدۇ.
第三十六条 受托人违反信托目的处分信托财产或者因违背管理职责、处理信托事务不当致使信托财产受到损失的,在未恢复信托财产的原状或者未予赔偿前,不得请求给付报酬。
36-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە قىلىش مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغان ياكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھاۋالە مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھاۋالە مال-مۈلۈكنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بەرمىگەن ياكى تۆلەپ بېرىشتىن بۇرۇن ھەق تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
第三十七条 受托人因处理信托事务所支出的费用、对第三人所负债务,以信托财产承担。受托人以其固有财产先行支付的,对信托财产享有优先受偿的权利。
37-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئورنى چىقارغان خىراجەتنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى، 3-كىشىگە قەرزدار بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋالە مال-مۈلكى ئارقىلىق ئۈستىگە ئالىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ خاس مال-مۈلكىنى ئاۋۋال تۆلىگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
受托人违背管理职责或者处理信托事务不当对第三人所负债务或者自己所受到的损失,以其固有财产承担。
ھاۋالە قىلىنغۇچى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ 3-كىشىگە نامۇۋاپىق قەرز بولسا ياكى ئۆزى تارتقان زىيانغا ئۇچرىسا، ئۆزىگە خاس مال-مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十八条 设立信托后,经委托人和受益人同意,受托人可以辞任。本法对公益信托的受托人辞任另有规定的,从其规定。
38-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولىدۇ. بۇ قانۇندا، ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
受托人辞任的,在新受托人选出前仍应履行管理信托事务的职责。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، يېڭى ھاۋالە قىلىنغۇچى سايلىنىشتىن ئىلگىرىلا ھاۋالە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
第三十九条 受托人有下列情形之一的,其职责终止:
39-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلىشىدۇ :
(一)死亡或者被依法宣告死亡;
( 1 ) ئۆلگەنلىكى ياكى قانۇن بويىچە ئۆلگەنلىكى جاكارلانغانلار؛
(二)被依法宣告为无民事行为能力人或者限制民事行为能力人;
( 2 ) قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەن دەپ جاكارلانغانلار؛
(三)被依法撤销或者被宣告破产;
( 3 ) قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا؛
(四)依法解散或者法定资格丧失;
( 4 ) قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولغانلار؛
(五)辞任或者被解任;
( 5 ) ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ياكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىش؛
(六)法律、行政法规规定的其他情形。
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
受托人职责终止时,其继承人或者遗产管理人、监护人、清算人应当妥善保管信托财产,协助新受托人接管信托事务。
ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، ئۇنىڭ ۋارىسى ياكى مىراس باشقۇرغۇچىسى، ۋەسىيسى، ھېسابات ئېنىقلىغۇچىسى ھاۋالە مال-مۈلكىنى ئوبدان ساقلىشى، يېڭى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە ئىشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.
第四十条 受托人职责终止的,依照信托文件规定选任新受托人;信托文件未规定的,由委托人选任;委托人不指定或者无能力指定的,由受益人选任;受益人为无民事行为能力人或者限制民事行为能力人的,依法由其监护人代行选任。
40-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشسا، ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنمىسە، ھاۋالە قىلغۇچى تاللاپ تەيىنلەيدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى بەلگىلەپ بەرمىسە ياكى بەلگىلەپ بەرگۈدەك ئىقتىدارى بولمىسا، مەنپەئەتدار تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ مەنپەئەتلەنگۈچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەن كىشى بولسا، ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ۋاكالىتەن تاللاپ تەيىنلەيدۇ.
原受托人处理信托事务的权利和义务,由新受托人承继。
ئەسلىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىگە يېڭى ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋارىسلىق قىلىدۇ.
第四十一条 受托人有本法第三十九条第一款第(三)项至第(六)项所列情形之一,职责终止的,应当作出处理信托事务的报告,并向新受托人办理信托财产和信托事务的移交手续。
41-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددا 1-تارمىقىنىڭ ( 3 ) تارماقچىسىدىن ( 6 ) تارماقچىسىغىچە بولغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، مەسئۇلىيەت ئاخىرلاشسا، ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا دوكلات بېرىشى ھەمدە يېڭىدىن ھاۋالە قىلىنغۇچىغا ھاۋالە مال-مۈلكى ۋە ھاۋالە ئىشىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
前款报告经委托人或者受益人认可,原受托人就报告中所列事项解除责任。但原受托人有不正当行为的除外。
ئالدىنقى تارماقتىكى دوكلات ھاۋالە قىلغۇچى ياكى مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندە، ئەسلىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى بىكار قىلىدۇ. لېكىن، ئەسلىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىدا ناتوغرا قىلمىشى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第四十二条 共同受托人之一职责终止的,信托财产由其他受托人管理和处分。
42-ماددا ئورتاق ھاۋالە قىلىنغۇچىلارنىڭ بىرى مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقا ھاۋالە قىلىنغۇچى باشقۇرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
第三节 受益人
3-پاراگراف پايدا ئالغۇچى
第四十三条 受益人是在信托中享有信托受益权的人。受益人可以是自然人、法人或者依法成立的其他组织。
43-ماددا مەنپەئەتلەنگۈچى ھاۋالىدە ھاۋالىلىك مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەردۇر. مەنپەئەتلەنگۈچى تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا تەشكىلات بولسا بولىدۇ.
委托人可以是受益人,也可以是同一信托的唯一受益人。
ھاۋالە قىلغۇچى مەنپەئەتدار بولسىمۇ، بىر ھاۋالىدىكى بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچى بولسىمۇ بولىدۇ.
受托人可以是受益人,但不得是同一信托的唯一受益人。
ھاۋالە قىلىنغۇچى مەنپەئەتلەنگۈچى بولسا بولىدۇ، لېكىن بىر ھاۋالىدىكى بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچى بولمىسا بولمايدۇ.
第四十四条 受益人自信托生效之日起享有信托受益权。信托文件另有规定的,从其规定。
44-ماددا مەنپەئەتدار ھاۋالە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھاۋالىنىڭ مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第四十五条 共同受益人按照信托文件的规定享受信托利益。信托文件对信托利益的分配比例或者分配方法未作规定的,各受益人按照均等的比例享受信托利益。
45-ماددا ئورتاق مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالە مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھاۋالە ھۆججىتىدە ھاۋالە مەنپەئىتىنىڭ تەقسىمات نىسبىتى ياكى تەقسىمات ئۇسۇلى بەلگىلەنمىگەن بولسا، مەنپەئەتلەنگۈچى باراۋەر نىسبەت بويىچە ھاۋالە مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第四十六条 受益人可以放弃信托受益权。
46-ماددا مەنپەئەتلەنگۈچى ھاۋالىلىك مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ.
全体受益人放弃信托受益权的,信托终止。
بارلىق مەنپەئەتلەنگۈچى ھاۋالىدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، ھاۋالە ئاخىرلىشىدۇ.
部分受益人放弃信托受益权的,被放弃的信托受益权按下列顺序确定归属:
قىسمەن مەنپەئەتلەنگۈچى ھاۋالىلىك مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، ۋاز كەچكەن ھاۋالە قىلىپ مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ :
(一)信托文件规定的人;
( 1 ) ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن كىشىلەر؛
(二)其他受益人;
( 2 ) باشقا پايدا ئالغۇچىلار؛
(三)委托人或者其继承人。
( 3 ) ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى.
第四十七条 受益人不能清偿到期债务的,其信托受益权可以用于清偿债务,但法律、行政法规以及信托文件有限制性规定的除外。
47-ماددا مەنپەئەتلەنگۈچى قەرەلى توشقان قەرزىنى ئۈزۈپ بولالمىسا، ئۇنىڭ ھاۋالە قىلىپ مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى قەرز ئۈزۈشكە ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە چەك خاراكتېرلىك بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第四十八条 受益人的信托受益权可以依法转让和继承,但信托文件有限制性规定的除外。
48-ماددا مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ ھاۋالىلىك مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ھاۋالە ھۆججىتىدە چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第四十九条 受益人可以行使本法第二十条至第二十三条规定的委托人享有的权利。受益人行使上述权利,与委托人意见不一致时,可以申请人民法院作出裁定。
49-ماددا مەنپەئەتدار مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىن 23-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھاۋالە قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. مەنپەئەتدار يۇقىرىقى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشتە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن پىكرى بىردەك بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
受托人有本法第二十二条第一款所列行为,共同受益人之一申请人民法院撤销该处分行为的,人民法院所作出的撤销裁定,对全体共同受益人有效。
ھاۋالە قىلىنغۇچىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەت بولۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان بىكار قىلىش كېسىمى بارلىق ئورتاق مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.
第五章 信托的变更与终止
5-باب ھاۋالىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش
第五十条 委托人是唯一受益人的,委托人或者其继承人可以解除信托。信托文件另有规定的,从其规定。
50-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچى بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى ھاۋالىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第五十一条 设立信托后,有下列情形之一的,委托人可以变更受益人或者处分受益人的信托受益权:
51-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلغۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتسە ياكى مەنپەئەتدارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھاۋالىدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ :
(一)受益人对委托人有重大侵权行为;
( 1 ) مەنپەئەتدارنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىغا قارىتا ئېغىر، زور ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بولسا؛
(二)受益人对其他共同受益人有重大侵权行为;
( 2 ) مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ باشقا ئورتاق مەنپەئەتلەنگۈچىلەرگە قارىتا ئېغىر، زور ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بولسا؛
(三)经受益人同意;
( 3 ) مەنپەئەتدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛
(四)信托文件规定的其他情形。
( 4 ) ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
有前款第(一)项、第(三)项、第(四)项所列情形之一的,委托人可以解除信托。
ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 3 ) تارماقچىسى ۋە ( 4 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
第五十二条 信托不因委托人或者受托人的死亡、丧失民事行为能力、依法解散、被依法撤销或者被宣告破产而终止,也不因受托人的辞任而终止。但本法或者信托文件另有规定的除外。
52-ماددا ھاۋالە ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى، قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلىشى، قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىشى ياكى ۋەيران بولغانلىقى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. لېكىن بۇ قانۇن ياكى ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五十三条 有下列情形之一的,信托终止:
53-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە ئاخىرلىشىدۇ :
(一)信托文件规定的终止事由发生;
( 1 ) ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى پەيدا بولۇش؛
(二)信托的存续违反信托目的;
( 2 ) ھاۋالىنىڭ داۋاملىشىشى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ بولسا؛
(三)信托目的已经实现或者不能实现;
( 3 ) ھاۋالە مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان ياكى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسا؛
(四)信托当事人协商同意;
( 4 ) توختاملاشقۇچىلارنىڭ كېڭىشىپ قوشۇلۇشىنى ھاۋالە قىلىش؛
(五)信托被撤销;
( 5 ) ھاۋالە بىكار قىلىنغان بولسا؛
(六)信托被解除。
( 6 ) ھاۋالە بىكار قىلىندى.
第五十四条 信托终止的,信托财产归属于信托文件规定的人;信托文件未规定的,按下列顺序确定归属:
54-ماددا ھاۋالە ئاخىرلاشقان بولسا، ھاۋالە مال-مۈلۈك ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن كىشىگە تەۋە بولىدۇ؛ ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنمىسە، تەۋەلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ :
(一)受益人或者其继承人;
( 1 ) مەنپەئەتلەنگۈچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى؛
(二)委托人或者其继承人。
( 2 ) ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى.
第五十五条 依照前条规定,信托财产的归属确定后,在该信托财产转移给权利归属人的过程中,信托视为存续,权利归属人视为受益人。
55-ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھاۋالە مال-مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ ھاۋالە مال-مۈلۈكنى ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا، ھاۋالە داۋاملىشىۋاتىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ھوقۇق تەۋەسى مەنپەئەتلەنگۈچى مەنپەئەتلەنگۈچى دەپ قارىلىدۇ.
第五十六条 信托终止后,人民法院依据本法第十七条的规定对原信托财产进行强制执行的,以权利归属人为被执行人。
56-ماددا ھاۋالە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەسلىي ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۈستىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا، ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئۆتكۈچى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بولىدۇ.
第五十七条 信托终止后,受托人依照本法规定行使请求给付报酬、从信托财产中获得补偿的权利时,可以留置信托财产或者对信托财产的权利归属人提出请求。
57-ماددا ھاۋالە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ قىلىش، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن تولۇقلىما ئېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ھاۋالە مال-مۈلكىنى قالدۇرۇۋالسا ياكى ھاۋالە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى تەۋە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
第五十八条 信托终止的,受托人应当作出处理信托事务的清算报告。受益人或者信托财产的权利归属人对清算报告无异议的,受托人就清算报告所列事项解除责任。但受托人有不正当行为的除外。
58-ماددا ھاۋالە ئاخىرلاشقاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتى بېرىشى كېرەك. مەنپەئەتدار ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى تەۋە قىلغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىغا باشقىچە پىكىردە بولمىسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى بىكار قىلىدۇ. لېكىن ھاۋالە قىلىنغۇچىدا ناتوغرا قىلمىش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第六章 公益信托
6-باب ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى
第五十九条 公益信托适用本章规定。本章未规定的,适用本法及其他相关法律的规定。
59-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第六十条 为了下列公共利益目的之一而设立的信托,属于公益信托:
60-ماددا تۆۋەندىكى ئاممىۋى مەنپەئەت مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ھاۋالە ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى بولىدۇ :
(一)救济贫困;
( 1 ) نامراتلارغا ياردەم بېرىش؛
(二)救助灾民;
( 2 ) ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش؛
(三)扶助残疾人;
( 3 ) مېيىپلەرگە يار-يۆلەك بولۇش؛
(四)发展教育、科技、文化、艺术、体育事业:
( 4 ) مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش :
(五)发展医疗卫生事业;
( 5 ) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛
(六)发展环境保护事业,维护生态环境;
( 6 ) مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش؛
(七)发展其他社会公益事业。
( 7 ) باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.
第六十一条 国家鼓励发展公益信托。
61-ماددا دۆلەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
第六十二条 公益信托的设立和确定其受托人,应当经有关公益事业的管理机构(以下简称公益事业管理机构)批准。
62-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىنى تەسىس قىلىش ۋە بېكىتىشتە، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ ) نىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.
未经公益事业管理机构的批准,不得以公益信托的名义进行活动。
ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىنىڭ نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.
公益事业管理机构对于公益信托活动应当给予支持。
ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالە پائالىيىتىنى قوللىشى كېرەك.
第六十三条 公益信托的信托财产及其收益,不得用于非公益目的。
63-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىدىكى ھاۋالە مال-مۈلۈك ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
第六十四条 公益信托应当设置信托监察人。
64-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىدا ھاۋالە رېۋىزورسى تەسىس قىلىش كېرەك.
信托监察人由信托文件规定。信托文件未规定的,由公益事业管理机构指定。
ھاۋالە تەپتىشلىرى ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلىنىدۇ. ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىنى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىدۇ.
第六十五条 信托监察人有权以自己的名义,为维护受益人的利益,提起诉讼或者实施其他法律行为。
65-ماددا ھاۋالە رېۋىزور مەنپەئەتدارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆز نامىدا دەۋا قىلىشقا ياكى باشقا قانۇن ھەرىكىتى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第六十六条 公益信托的受托人未经公益事业管理机构批准,不得辞任。
66-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولمايدۇ.
第六十七条 公益事业管理机构应当检查受托人处理公益信托事务的情况及财产状况。
67-ماددا پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
受托人应当至少每年一次作出信托事务处理情况及财产状况报告,经信托监察人认可后,报公益事业管理机构核准,并由受托人予以公告。
ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم دوكلات قىلىشى، ھاۋالە رېۋىزىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچى ئېلان قىلىشى كېرەك.
第六十八条 公益信托的受托人违反信托义务或者无能力履行其职责的,由公益事业管理机构变更受托人。
68-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلسا ياكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى ئۆزگەرتىدۇ.
第六十九条 公益信托成立后,发生设立信托时不能预见的情形,公益事业管理机构可以根据信托目的,变更信托文件中的有关条款。
69-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھاۋالىنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن، ھاۋالە ھۆججىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
第七十条 公益信托终止的,受托人应当于终止事由发生之日起十五日内,将终止事由和终止日期报告公益事业管理机构。
70-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى ئاخىرلاشقان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
第七十一条 公益信托终止的,受托人作出的处理信托事务的清算报告,应当经信托监察人认可后,报公益事业管理机构核准,并由受托人予以公告。
71-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى ئاخىرلاشقاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى چىقارغان ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى ھاۋالە رېۋىزىچىسى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچى ئېلان قىلىش كېرەك.
第七十二条 公益信托终止,没有信托财产权利归属人或者信托财产权利归属人是不特定的社会公众的,经公益事业管理机构批准,受托人应当将信托财产用于与原公益目的相近似的目的,或者将信托财产转移给具有近似目的的公益组织或者其他公益信托。
72-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسى ئاخىرلاشقاندا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھوقۇقى تەۋە بولمىغان كىشى ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال – مۈلۈك ھوقۇقى تەۋە بولغان كىشى جەمئىيەتتىكى مۇئەييەن ئامما بولسا، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مال-مۈلۈكنى ئەسلىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىگە ئوخشاپ كېتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشى كېرەك، ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئوخشاپ كېتىدىغان مەقسەتكە ئىگە ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتىغا ياكى باشقا ئاممىۋى پاراۋانلىق ھاۋالىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش.
第七十三条 公益事业管理机构违反本法规定的,委托人、受托人或者受益人有权向人民法院起诉。
73-ماددا پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى مەنپەئەتلەنگۈچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第七十四条 本法自2001年10月1日起施行。
74-ماددا بۇ قانۇن 2001-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.