(2017年11月4日第十二届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2017-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2017年11月4日第十二届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2017-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 设立
2-باب بەرپا قىلىش
第三章 运行
3-باب ئىجرا قىلىش
第四章 服务
4-باب مۇلازىمەت قىلىش
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了促进公共图书馆事业发展,发挥公共图书馆功能,保障公民基本文化权益,提高公民科学文化素质和社会文明程度,传承人类文明,坚定文化自信,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 本法所称公共图书馆,是指向社会公众免费开放,收集、整理、保存文献信息并提供查询、借阅及相关服务,开展社会教育的公共文化设施。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان، رەتلەيدىغان، ساقلايدىغان ھەمدە ئىزدەش، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش مۇلازىمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان، جەمئىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.
前款规定的文献信息包括图书报刊、音像制品、缩微制品、数字资源等。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇمى، كىچىكلىتىلگەن بۇيۇم، رەقەم بايلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
第三条 公共图书馆是社会主义公共文化服务体系的重要组成部分,应当将推动、引导、服务全民阅读作为重要任务。
3-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا سوتسىيالىستىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشى كېرەك.
公共图书馆应当坚持社会主义先进文化前进方向,坚持以人民为中心,坚持以社会主义核心价值观为引领,传承发展中华优秀传统文化,继承革命文化,发展社会主义先进文化。
ئاممىۋى كۇتۇپخانا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
第四条 县级以上人民政府应当将公共图书馆事业纳入本级国民经济和社会发展规划,将公共图书馆建设纳入城乡规划和土地利用总体规划,加大对政府设立的公共图书馆的投入,将所需经费列入本级政府预算,并及时、足额拨付。
4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىنى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
国家鼓励公民、法人和其他组织自筹资金设立公共图书馆。县级以上人民政府应当积极调动社会力量参与公共图书馆建设,并按照国家有关规定给予政策扶持。
دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزى مەبلەغ غەملەپ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال قوزغىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىشى كېرەك.
第五条 国务院文化主管部门负责全国公共图书馆的管理工作。国务院其他有关部门在各自职责范围内负责与公共图书馆管理有关的工作。
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上地方人民政府文化主管部门负责本行政区域内公共图书馆的管理工作。县级以上地方人民政府其他有关部门在各自职责范围内负责本行政区域内与公共图书馆管理有关的工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
第六条 国家鼓励公民、法人和其他组织依法向公共图书馆捐赠,并依法给予税收优惠。
6-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ئىئانە بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.
境外自然人、法人和其他组织可以依照有关法律、行政法规的规定,通过捐赠方式参与境内公共图书馆建设。
چېگرا سىرتىدىكى تەبىئىي شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىئانە بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېگرا ئىچىدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا قاتناشسا بولىدۇ.
第七条 国家扶持革命老区、民族地区、边疆地区和贫困地区公共图书馆事业的发展。
7-ماددا دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.
第八条 国家鼓励和支持发挥科技在公共图书馆建设、管理和服务中的作用,推动运用现代信息技术和传播技术,提高公共图书馆的服务效能。
8-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
第九条 国家鼓励和支持在公共图书馆领域开展国际交流与合作。
9-ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانا ساھەسىدە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
第十条 公共图书馆应当遵守有关知识产权保护的法律、行政法规规定,依法保护和使用文献信息。
10-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.
馆藏文献信息属于文物、档案或者国家秘密的,公共图书馆应当遵守有关文物保护、档案管理或者保守国家秘密的法律、行政法规规定。
ساقلانما ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئارخىپ ياكى دۆلەت مەخپىيىتىگە تەۋە بولسا، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئارخىپ باشقۇرۇش ياكى دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
第十一条 公共图书馆行业组织应当依法制定行业规范,加强行业自律,维护会员合法权益,指导、督促会员提高服务质量。
11-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ساھە تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ساھە قائىدىسىنى تۈزۈشى، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئەزالارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
第十二条 对在公共图书馆事业发展中作出突出贡献的组织和个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。
12-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
第二章 设立
2-باب بەرپا قىلىش
第十三条 国家建立覆盖城乡、便捷实用的公共图书馆服务网络。公共图书馆服务网络建设坚持政府主导,鼓励社会参与。
13-ماددا دۆلەت شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، قوللىنىشچان ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ. ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
县级以上地方人民政府应当根据本行政区域内人口数量、人口分布、环境和交通条件等因素,因地制宜确定公共图书馆的数量、规模、结构和分布,加强固定馆舍和流动服务设施、自助服务设施建设。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاھالە سانى، ئاھالىنىڭ جايلىشىشى، مۇھىت ۋە قاتناش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا سانى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى بېكىتىپ، كۆچمەس ئىمارەت ۋە كۆچمە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئۆز مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
第十四条 县级以上人民政府应当设立公共图书馆。
14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشى كېرەك.
地方人民政府应当充分利用乡镇(街道)和村(社区)的综合服务设施设立图书室,服务城乡居民。
يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا-بازار ( كوچا ) ۋە كەنت ( مەھەللە ) نىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كۇتۇپخانا قۇرۇشى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
第十五条 设立公共图书馆应当具备下列条件:
15-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك :
(一)章程;
( 1 ) نىزامنامە؛
(二)固定的馆址;
( 2 ) سارىيىنىڭ مۇقىم ئورنى؛
(三)与其功能相适应的馆舍面积、阅览座席、文献信息和设施设备;
( 3 ) فۇنكسىيەسىگە ماس كېلىدىغان ساراي كۆلىمى، ئوقۇش ئورنى، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر؛
(四)与其功能、馆藏规模等相适应的工作人员;
( 4 ) ئىقتىدارى، ساقلانما كۆلىمى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان خادىملار؛
(五)必要的办馆资金和稳定的运行经费来源;
( 5 ) ساراي قۇرۇشنىڭ زۆرۈر مەبلىغى ۋە مۇقىم يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى مەنبەسى؛
(六)安全保障设施、制度及应急预案。
( 6 ) بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەسلىھەلىرى، تۈزۈمى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى.
第十六条 公共图书馆章程应当包括名称、馆址、办馆宗旨、业务范围、管理制度及有关规则、终止程序和剩余财产的处理方案等事项。
16-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ نىزامنامىسى نامى، ئورنى، كۇتۇپخانا قۇرۇش مەقسىتى، كەسىپ دائىرىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدە، تاقىۋېتىش تەرتىپى ۋە قالدۇق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
第十七条 公共图书馆的设立、变更、终止应当按照国家有关规定办理登记手续。
17-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تاقىۋېتىشتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.
第十八条 省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门应当在其网站上及时公布本行政区域内公共图书馆的名称、馆址、联系方式、馆藏文献信息概况、主要服务内容和方式等信息。
18-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ نامى، ئورنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ساقلانما ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ئەھۋالى، ئاساسلىق مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第十九条 政府设立的公共图书馆馆长应当具备相应的文化水平、专业知识和组织管理能力。
19-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى مۇناسىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كەسپىي بىلىم ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.
公共图书馆应当根据其功能、馆藏规模、馆舍面积、服务范围及服务人口等因素配备相应的工作人员。公共图书馆工作人员应当具备相应的专业知识与技能,其中专业技术人员可以按照国家有关规定评定专业技术职称。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىغا ئىقتىدارى، ساقلانما كۆلىمى، ئىمارەت كۆلىمى، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن مۇناسىپ خادىم قويۇش كېرەك. ئاممىۋى كۇتۇپخانا خادىملىرى مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەتنى ھازىرلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاتسا بولىدۇ.
第二十条 公共图书馆可以以捐赠者姓名、名称命名文献信息专藏或者专题活动。
20-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامى ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مەخسۇس ساقلانمىسى ياكى مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ نامى قىلىنسا بولىدۇ.
公民、法人和其他组织设立的公共图书馆,可以以捐赠者的姓名、名称命名公共图书馆、公共图书馆馆舍或者其他设施。
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامى ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىمارىتى ياكى باشقا ئەسلىھەسىنىڭ نامى قىلىنسا بولىدۇ.
以捐赠者姓名、名称命名应当遵守有关法律、行政法规的规定,符合国家利益和社会公共利益,遵循公序良俗。
ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامىنى نام قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىش، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك.
第二十一条 公共图书馆终止的,应当依照有关法律、行政法规的规定处理其剩余财产。
21-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى تاقىۋېتىشتە، ئۇنىڭ قالدۇق مال-مۈلكىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
第二十二条 国家设立国家图书馆,主要承担国家文献信息战略保存、国家书目和联合目录编制、为国家立法和决策服务、组织全国古籍保护、开展图书馆发展研究和国际交流、为其他图书馆提供业务指导和技术支持等职能。国家图书馆同时具有本法规定的公共图书馆的功能。
22-ماددا دۆلەت قۇرغان دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ساقلاش، دۆلەتنىڭ كىتاب مۇندەرىجىسى ۋە بىرلەشمە مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قەدىمكى كىتابلارنى قوغداشقا تەشكىللەش، كۇتۇپخانا تەرەققىياتى بويىچە تەتقىقات ۋە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، باشقا كۇتۇپخانىلارغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مەدىتى بېرىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىقتىدارىمۇ بار.
第三章 运行
3-باب ئىجرا قىلىش
第二十三条 国家推动公共图书馆建立健全法人治理结构,吸收有关方面代表、专业人士和社会公众参与管理。
23-ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى ۋەكىللەر، كەسپىي زاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كۇتۇپخانا باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
第二十四条 公共图书馆应当根据办馆宗旨和服务对象的需求,广泛收集文献信息;政府设立的公共图书馆还应当系统收集地方文献信息,保存和传承地方文化。
24-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانا قۇرۇش مەقسىتى ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار يەنە يەرلىك ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى سىستېمىلىق توپلىشى، ساقلىشى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
文献信息的收集应当遵守有关法律、行政法规的规定。
ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
第二十五条 公共图书馆可以通过采购、接受交存或者捐赠等合法方式收集文献信息。
25-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار سېتىۋېلىش، ساقلانمىنى ياكى ئىئانىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلىسا بولىدۇ.
第二十六条 出版单位应当按照国家有关规定向国家图书馆和所在地省级公共图书馆交存正式出版物。
26-ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت كۇتۇپخانىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىغا رەسمىي نەشر بۇيۇمىنى ساقلىتىشى كېرەك.
第二十七条 公共图书馆应当按照国家公布的标准、规范对馆藏文献信息进行整理,建立馆藏文献信息目录,并依法通过其网站或者其他方式向社会公开。
27-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار دۆلەت ئېلان قىلغان ئۆلچەم، قائىدە بويىچە ساقلانما ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، ساقلانما ھۆججەت، ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مۇندەرىجىسى تۇرغۇزۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
第二十八条 公共图书馆应当妥善保存馆藏文献信息,不得随意处置;确需处置的,应当遵守国务院文化主管部门有关处置文献信息的规定。
28-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ساقلانما ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولمايدۇ؛ بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەن مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
公共图书馆应当配备防火、防盗等设施,并按照国家有关规定和标准对古籍和其他珍贵、易损文献信息采取专门的保护措施,确保安全。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن ساقلىنىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە قەدىمكى كىتابلار ۋە باشقا قىممەتلىك، ئاسان ئۇپرايدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىغا مەخسۇس قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第二十九条 公共图书馆应当定期对其设施设备进行检查维护,确保正常运行。
29-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاسراپ، ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
公共图书馆的设施设备场地不得用于与其服务无关的商业经营活动。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، مەيدانلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز باشقا سودا-تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە بولمايدۇ.
第三十条 公共图书馆应当加强馆际交流与合作。国家支持公共图书馆开展联合采购、联合编目、联合服务,实现文献信息的共建共享,促进文献信息的有效利用。
30-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانىلار ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرلىشىپ سېتىۋېلىشى، بىرلىشىپ تۈزۈشى، بىرلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاپ، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئورتاق ئىشلەش، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆججەت-ھۆججەت ئۇچۇرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
第三十一条 县级人民政府应当因地制宜建立符合当地特点的以县级公共图书馆为总馆,乡镇(街道)综合文化站、村(社区)图书室等为分馆或者基层服务点的总分馆制,完善数字化、网络化服务体系和配送体系,实现通借通还,促进公共图书馆服务向城乡基层延伸。总馆应当加强对分馆和基层服务点的业务指导。
31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى باش كۇتۇپخانا، يېزا-بازار ( كوچا ) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت ( مەھەللە ) كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلارنى شۆبە كۇتۇپخانا ياكى ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلغان باش-شۆبە كۇتۇپخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە تەقسىملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىيەت ئېلىش-قايتۇرۇشنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك، ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىنىڭ شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش كۇتۇپخانا شۆبە كۇتۇپخانا ۋە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت نۇقتىسىغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第三十二条 公共图书馆馆藏文献信息属于档案、文物的,公共图书馆可以与档案馆、博物馆、纪念馆等单位相互交换重复件、复制件或者目录,联合举办展览,共同编辑出版有关史料或者进行史料研究。
32-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردىكى ساقلانما ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ئارخىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تەۋە بولغاندا، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئارخىپخانا، مۇزېي، خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئوخشاش نۇسخىسى، كۆپەيتىلمىسى ياكى مۇندەرىجىسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرسا، بىرلىكتە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارىخ ماتېرىياللىرىنى ئورتاق تۈزۈپ نەشر قىلسا ياكى تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقاتى يۈرگۈزسە بولىدۇ.
第四章 服务
4-باب مۇلازىمەت قىلىش
第三十三条 公共图书馆应当按照平等、开放、共享的要求向社会公众提供服务。
33-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار باراۋەر، ئوچۇق، تەڭ پايدىلىنىش تەلىپى بويىچە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
公共图书馆应当免费向社会公众提供下列服务:
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار جەمئىيەتتىكى ئاممىغا تۆۋەندىكى مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك :
(一)文献信息查询、借阅;
( 1 ) ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش؛
(二)阅览室、自习室等公共空间设施场地开放;
( 2 ) كىتاب ئوقۇش ئۆيى، تەكرار قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇق ئەسلىھەلىرى، مەيدانلارنى ئېچىۋېتىش؛
(三)公益性讲座、阅读推广、培训、展览;
( 3 ) ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك لېكسىيە سۆزلەش، ئوقۇپ ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، كۆرگەزمە قىلىش؛
(四)国家规定的其他免费服务项目。
( 4 ) دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ھەقسىز مۇلازىمەت تۈرلىرى.
第三十四条 政府设立的公共图书馆应当设置少年儿童阅览区域,根据少年儿童的特点配备相应的专业人员,开展面向少年儿童的阅读指导和社会教育活动,并为学校开展有关课外活动提供支持。有条件的地区可以单独设立少年儿童图书馆。
34-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئۆسمۈرلەر، بالىلار ئوقۇش ئورنى تەسىس قىلىشى، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇناسىپ كەسپىي خادىم قويۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا يۈزلەنگەن كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلار ئۆسمۈرلەر-بالىلار كۇتۇپخانىسىنى ئايرىم قۇرسا بولىدۇ.
政府设立的公共图书馆应当考虑老年人、残疾人等群体的特点,积极创造条件,提供适合其需要的文献信息、无障碍设施设备和服务等。
ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ پائال شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
第三十五条 政府设立的公共图书馆应当根据自身条件,为国家机关制定法律、法规、政策和开展有关问题研究,提供文献信息和相关咨询服务。
35-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئۆز شارائىتىغا قاراپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن، نىزام، سىياسەت چىقىرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
第三十六条 公共图书馆应当通过开展阅读指导、读书交流、演讲诵读、图书互换共享等活动,推广全民阅读。
36-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كىتاب ئوقۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نۇتۇق سۆزلەش، دىكلاماتسىيە قىلىش، ئۆزئارا كىتاب ئالماشتۇرۇپ تەڭ پايدىلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك.
第三十七条 公共图书馆向社会公众提供文献信息,应当遵守有关法律、行政法规的规定,不得向未成年人提供内容不适宜的文献信息。
37-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەزمۇنى مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرسە بولمايدۇ.
公共图书馆不得从事或者允许其他组织、个人在馆内从事危害国家安全、损害社会公共利益和其他违反法律法规的活动。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ۋە قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ بولغان باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ ياكى باشقا تەشكىلات، شەخسنىڭ كۇتۇپخانا ئىچىدە شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第三十八条 公共图书馆应当通过其网站或者其他方式向社会公告本馆的服务内容、开放时间、借阅规则等;因故闭馆或者更改开放时间的,除遇不可抗力外,应当提前公告。
38-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار شۇ كۇتۇپخانىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساراي تاقالسا ياكى ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئۆزگەرسە، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچكە دۇچ كېلىپ قالمىسىلا، ئالدىن ئېلان قىلىش كېرەك.
公共图书馆在公休日应当开放,在国家法定节假日应当有开放时间。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئېچىۋېتىش كېرەك، دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن بايرام كۈنلىرىدە ئېچىۋېتىش ۋاقتى بولۇشى كېرەك.
第三十九条 政府设立的公共图书馆应当通过流动服务设施、自助服务设施等为社会公众提供便捷服务。
39-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۆچمە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئۆز مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
第四十条 国家构建标准统一、互联互通的公共图书馆数字服务网络,支持数字阅读产品开发和数字资源保存技术研究,推动公共图书馆利用数字化、网络化技术向社会公众提供便捷服务。
40-ماددا دۆلەت ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، ئۆزئارا تۇتاشقان ئاممىۋى كۇتۇپخانا رەقەملىك مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئوقۇش مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ۋە رەقەم بايلىقىنى ساقلاش تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
政府设立的公共图书馆应当加强数字资源建设、配备相应的设施设备,建立线上线下相结合的文献信息共享平台,为社会公众提供优质服务。
ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار رەقەم بايلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، مۇناسىپ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى، تور ۋە تور سىرتى ئۆزئارا بىرلەشكەن ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
第四十一条 政府设立的公共图书馆应当加强馆内古籍的保护,根据自身条件采用数字化、影印或者缩微技术等推进古籍的整理、出版和研究利用,并通过巡回展览、公益性讲座、善本再造、创意产品开发等方式,加强古籍宣传,传承发展中华优秀传统文化。
41-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغدىشى، ئۆز شارائىتىغا قاراپ رەقەملەشتۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش ياكى كىچىكلىتىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشى كۈچەيتىشى ھەمدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك لېكسىيە سۆزلەش، نادىر نۇسخىلارنى قايتا ئىشلەش، ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىمىز.
第四十二条 公共图书馆应当改善服务条件、提高服务水平,定期公告服务开展情况,听取读者意见,建立投诉渠道,完善反馈机制,接受社会监督。
42-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار مۇلازىمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى، ئوقۇرمەننىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئەرز قىلىش يوللىرىنى ئېچىشى، قايتما ئىنكاس مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第四十三条 公共图书馆应当妥善保护读者的个人信息、借阅信息以及其他可能涉及读者隐私的信息,不得出售或者以其他方式非法向他人提供。
43-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، ئارىيەت ئېلىش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي سىرىغا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئوبدان قوغدىشى كېرەك، ئۇنى باشقىلارغا سېتىپ بەرسە ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا بېرىۋەتسە بولمايدۇ.
第四十四条 读者应当遵守公共图书馆的相关规定,自觉维护公共图书馆秩序,爱护公共图书馆的文献信息、设施设备,合法利用文献信息;借阅文献信息的,应当按照规定时限归还。
44-ماددا ئوقۇرمەنلەر ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغدىشى، ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىكى ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئاسرىشى، ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن قانۇنلۇق پايدىلىنىشى كېرەك؛ ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئارىيەت ئالغاندا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇش كېرەك.
对破坏公共图书馆文献信息、设施设备,或者扰乱公共图书馆秩序的,公共图书馆工作人员有权予以劝阻、制止;经劝阻、制止无效的,公共图书馆可以停止为其提供服务。
ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا خادىمى نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا، چەكلەشكە ھوقۇقلۇق؛ نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ.
第四十五条 国家采取政府购买服务等措施,对公民、法人和其他组织设立的公共图书馆提供服务给予扶持。
45-ماددا دۆلەت ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، مەدەت بېرىدۇ.
第四十六条 国家鼓励公民参与公共图书馆志愿服务。县级以上人民政府文化主管部门应当对公共图书馆志愿服务给予必要的指导和支持。
46-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاممىۋى كۇتۇپخانا پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
第四十七条 国务院文化主管部门和省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门应当制定公共图书馆服务规范,对公共图书馆的服务质量和水平进行考核。考核应当吸收社会公众参与。考核结果应当向社会公布,并作为对公共图书馆给予补贴或者奖励等的依据。
47-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى باھالىشى كېرەك. باھالاشقا جەمئىيەتتىكى ئاممىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ھەمدە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ياردەم پۇل ياكى مۇكاپات بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
第四十八条 国家支持公共图书馆加强与学校图书馆、科研机构图书馆以及其他类型图书馆的交流与合作,开展联合服务。
48-ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى كۇتۇپخانىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۈردىكى كۇتۇپخانىلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، بىرلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللايدۇ.
国家支持学校图书馆、科研机构图书馆以及其他类型图书馆向社会公众开放。
دۆلەت مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى كۇتۇپخانىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۈردىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىشىنى قوللايدۇ.
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第四十九条 公共图书馆从事或者允许其他组织、个人在馆内从事危害国家安全、损害社会公共利益活动的,由文化主管部门责令改正,没收违法所得;情节严重的,可以责令停业整顿、关闭;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法追究法律责任。
49-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باشقا تەشكىلات، شەخسنىڭ كۇتۇپخانا ئىچىدە شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
第五十条 公共图书馆及其工作人员有下列行为之一的,由文化主管部门责令改正,没收违法所得:
50-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ :
(一)违规处置文献信息;
( 1 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش؛
(二)出售或者以其他方式非法向他人提供读者的个人信息、借阅信息以及其他可能涉及读者隐私的信息;
( 2 ) ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، ئارىيەت ئېلىش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي سىرىغا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا سېتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز تەمىنلەش؛
(三)向社会公众提供文献信息违反有关法律、行政法规的规定,或者向未成年人提供内容不适宜的文献信息;
( 3 ) جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەزمۇنى مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش؛
(四)将设施设备场地用于与公共图书馆服务无关的商业经营活动;
( 4 ) ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، مەيدانلارنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز سودا-تىجارەت پائالىيىتىگە ئىشلىتىش؛
(五)其他不履行本法规定的公共图书馆服务要求的行为。
( 5 ) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتى تەلىپىنى ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلار.
公共图书馆及其工作人员对应当免费提供的服务收费或者变相收费的,由价格主管部门依照前款规定给予处罚。
ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ھەقسىز تەمىنلەشكە تېگىشلىك مۇلازىمەتكە ھەق ئالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەق ئالغانلىرىغا باھا مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
公共图书馆及其工作人员有前两款规定行为的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法追究法律责任。
ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىش بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第五十一条 出版单位未按照国家有关规定交存正式出版物的,由出版行政主管部门依照有关出版管理的法律、行政法规规定给予处罚。
51-ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن رەسمىي نەشر بۇيۇمىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ساقلاشقا بەرمىگەنلىرىگە نەشرىيات مەسئۇل تارمىقى نەشرىيات باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
第五十二条 文化主管部门或者其他有关部门及其工作人员在公共图书馆管理工作中滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
52-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئاممىۋى كۇتۇپخانا باشقۇرۇش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第五十三条 损坏公共图书馆的文献信息、设施设备或者未按照规定时限归还所借文献信息,造成财产损失或者其他损害的,依法承担民事责任。
53-ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردىكى ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئارىيەت ئالغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرماي، مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十四条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第五十五条 本法自2018年1月1日起施行。
55-ماددا بۇ قانۇن 2018-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.