中华人民共和国公共文化服务保障法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

(2016年12月25日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十五次会议通过)

( 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 公共文化设施建设与管理

2-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

第三章 公共文化服务提供

3-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش

第四章 保障措施

4-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强公共文化服务体系建设,丰富人民群众精神文化生活,传承中华优秀传统文化,弘扬社会主义核心价值观,增强文化自信,促进中国特色社会主义文化繁荣发展,提高全民族文明素质,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称公共文化服务,是指由政府主导、社会力量参与,以满足公民基本文化需求为主要目的而提供的公共文化设施、文化产品、文化活动以及其他相关服务。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ تەمىنلەيدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 公共文化服务应当坚持社会主义先进文化前进方向,坚持以人民为中心,坚持以社会主义核心价值观为引领;应当按照“百花齐放、百家争鸣”的方针,支持优秀公共文化产品的创作生产,丰富公共文化服务内容。

3-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش»فاڭجېنى بويىچە، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.

第四条 县级以上人民政府应当将公共文化服务纳入本级国民经济和社会发展规划,按照公益性、基本性、均等性、便利性的要求,加强公共文化设施建设,完善公共文化服务体系,提高公共文化服务效能。

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئاساس، باراۋەرلىك، قولايلىقلىق تەلىپى بويىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第五条 国务院根据公民基本文化需求和经济社会发展水平,制定并调整国家基本公共文化服务指导标准。

5-ماددا گوۋۇيۈەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府根据国家基本公共文化服务指导标准,结合当地实际需求、财政能力和文化特色,制定并调整本行政区域的基本公共文化服务实施标准。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مالىيە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.

第六条 国务院建立公共文化服务综合协调机制,指导、协调、推动全国公共文化服务工作。国务院文化主管部门承担综合协调具体职责。

6-ماددا گوۋۇيۈەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

地方各级人民政府应当加强对公共文化服务的统筹协调,推动实现共建共享。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

第七条 国务院文化主管部门、新闻出版广电主管部门依照本法和国务院规定的职责负责全国的公共文化服务工作;国务院其他有关部门在各自职责范围内负责相关公共文化服务工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى، ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方人民政府文化、新闻出版广电主管部门根据其职责负责本行政区域内的公共文化服务工作;县级以上地方人民政府其他有关部门在各自职责范围内负责相关公共文化服务工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت، ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第八条 国家扶助革命老区、民族地区、边疆地区、贫困地区的公共文化服务,促进公共文化服务均衡协调发展。

8-ماددا دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第九条 各级人民政府应当根据未成年人、老年人、残疾人和流动人口等群体的特点与需求,提供相应的公共文化服务。

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە كۆچمە ئاھالە قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第十条 国家鼓励和支持公共文化服务与学校教育相结合,充分发挥公共文化服务的社会教育功能,提高青少年思想道德和科学文化素质。

10-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第十一条 国家鼓励和支持发挥科技在公共文化服务中的作用,推动运用现代信息技术和传播技术,提高公众的科学素养和公共文化服务水平。

11-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第十二条 国家鼓励和支持在公共文化服务领域开展国际合作与交流。

12-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第十三条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织参与公共文化服务。

第十三条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织参与公共文化服务。

对在公共文化服务中作出突出贡献的公民、法人和其他组织,依法给予表彰和奖励。

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

第二章 公共文化设施建设与管理

2-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

第十四条 本法所称公共文化设施是指用于提供公共文化服务的建筑物、场地和设备,主要包括图书馆、博物馆、文化馆(站)、美术馆、科技馆、纪念馆、体育场馆、工人文化宫、青少年宫、妇女儿童活动中心、老年人活动中心、乡镇(街道)和村(社区)基层综合性文化服务中心、农家(职工)书屋、公共阅报栏(屏)、广播电视播出传输覆盖设施、公共数字文化服务点等。

14-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى ( پونكىتى )، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، خاتىرە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئاياللار-بالىلار پائالىيەت مەركىزى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، يېزا-بازار ( كوچا باشقارمىسى ) ۋە كەنت ( مەھەللە ) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى، دېھقانلار ( ئىشچى-خىزمەتچىلەر ) كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئاممىۋى گېزىت ئوقۇش تاختىسى ( ئېكران )، رادىيو-تېلېۋىزىيەدە تارقىتىش، يەتكۈزۈشنىڭ قاپلاش ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمەت نۇقتىسى قاتارلىقلار.

县级以上地方人民政府应当将本行政区域内的公共文化设施目录及有关信息予以公布。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى مۇندەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

第十五条 县级以上地方人民政府应当将公共文化设施建设纳入本级城乡规划,根据国家基本公共文化服务指导标准、省级基本公共文化服务实施标准,结合当地经济社会发展水平、人口状况、环境条件、文化特色,合理确定公共文化设施的种类、数量、规模以及布局,形成场馆服务、流动服务和数字服务相结合的公共文化设施网络。

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، نوپۇس ئەھۋالى، مۇھىت شارائىتى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈرى، سانى، كۆلىمى ۋە جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەيدان-ساراي مۇلازىمىتى، كۆچمە مۇلازىمەت ۋە رەقەم مۇلازىمىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە تورىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

公共文化设施的选址,应当征求公众意见,符合公共文化设施的功能和特点,有利于发挥其作用。

ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ئورنىنى تاللاشتا، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك، ئۇ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.

第十六条 公共文化设施的建设用地,应当符合土地利用总体规划和城乡规划,并依照法定程序审批。

16-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىشى كېرەك.

任何单位和个人不得侵占公共文化设施建设用地或者擅自改变其用途。因特殊情况需要调整公共文化设施建设用地的,应当重新确定建设用地。调整后的公共文化设施建设用地不得少于原有面积。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش يېرىنى قايتىدىن بېكىتىش كېرەك. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئەسلىدىكى كۆلەمدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

新建、改建、扩建居民住宅区,应当按照有关规定、标准,规划和建设配套的公共文化设施。

ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشتا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، ئۆلچەم بويىچە، يانداش ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش كېرەك.

第十七条 公共文化设施的设计和建设,应当符合实用、安全、科学、美观、环保、节约的要求和国家规定的标准,并配置无障碍设施设备。

17-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، قوللىنىشچان، بىخەتەر، ئىلمىي، كۆركەم، مۇھىت ئاسرايدىغان، تېجەشلىك بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلىشىش ھەمدە توسالغۇسىز ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش كېرەك.

第十八条 地方各级人民政府可以采取新建、改建、扩建、合建、租赁、利用现有公共设施等多种方式,加强乡镇(街道)、村(社区)基层综合性文化服务中心建设,推动基层有关公共设施的统一管理、综合利用,并保障其正常运行。

18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، بىرلىكتە قۇرۇش، ئىجارىگە بېرىش، ھازىر بار بولغان ئاممىۋى ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېزا-بازار ( كوچا )، كەنت ( مەھەللە ) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولسا ھەمدە ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرسە بولىدۇ.

第十九条 任何单位和个人不得擅自拆除公共文化设施,不得擅自改变公共文化设施的功能、用途或者妨碍其正常运行,不得侵占、挪用公共文化设施,不得将公共文化设施用于与公共文化服务无关的商业经营活动。

19-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز سودا-تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

因城乡建设确需拆除公共文化设施,或者改变其功能、用途的,应当依照有关法律、行政法规的规定重建、改建,并坚持先建设后拆除或者建设拆除同时进行的原则。重建、改建的公共文化设施的设施配置标准、建筑面积等不得降低。

شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى چېقىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش ھەمدە ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىپ ئاندىن چېقىش ياكى قۇرۇلۇش قىلىپ چېقىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قايتا قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەسلىھە سەپلىمىسى ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.

第二十条 公共文化设施管理单位应当按照国家规定的标准,配置和更新必需的服务内容和设备,加强公共文化设施经常性维护管理工作,保障公共文化设施的正常使用和运转。

20-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، زۆرۈر مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىشى ۋە يېڭىلىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى دائىملىق ئاسراش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشى ۋە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第二十一条 公共文化设施管理单位应当建立健全管理制度和服务规范,建立公共文化设施资产统计报告制度和公共文化服务开展情况的年报制度。

21-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە مۈلكىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى يىللىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

第二十二条 公共文化设施管理单位应当建立健全安全管理制度,开展公共文化设施及公众活动的安全评价,依法配备安全保护设备和人员,保障公共文化设施和公众活动安全。

22-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خادىملىرىنى قانۇن بويىچە سەپلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第二十三条 各级人民政府应当建立有公众参与的公共文化设施使用效能考核评价制度,公共文化设施管理单位应当根据评价结果改进工作,提高服务质量。

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئامما قاتنىشىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第二十四条 国家推动公共图书馆、博物馆、文化馆等公共文化设施管理单位根据其功能定位建立健全法人治理结构,吸收有关方面代表、专业人士和公众参与管理。

24-ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا ئاساسەن قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى ۋەكىللەر، كەسپىي زاتلار ۋە ئاممىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

第二十五条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织兴建、捐建或者与政府部门合作建设公共文化设施,鼓励公民、法人和其他组织依法参与公共文化设施的运营和管理。

25-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇشى، ئىئانە قىلىپ قۇرۇشىغا ياكى ھۆكۈمەت تارمىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

第二十六条 公众在使用公共文化设施时,应当遵守公共秩序,爱护公共设施,不得损坏公共设施设备和物品。

26-ماددا ئامما ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسرىشى كېرەك، ئاممىۋى ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ۋە بۇيۇملارنى بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.

第三章 公共文化服务提供

3-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش

第二十七条 各级人民政府应当充分利用公共文化设施,促进优秀公共文化产品的提供和传播,支持开展全民阅读、全民普法、全民健身、全民科普和艺术普及、优秀传统文化传承活动。

27-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بېرىش ۋە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىشى كېرەك.

第二十八条 设区的市级、县级地方人民政府应当根据国家基本公共文化服务指导标准和省、自治区、直辖市基本公共文化服务实施标准,结合当地实际,制定公布本行政区域公共文化服务目录并组织实施。

28-ماددا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

第二十九条 公益性文化单位应当完善服务项目、丰富服务内容,创造条件向公众提供免费或者优惠的文艺演出、陈列展览、电影放映、广播电视节目收听收看、阅读服务、艺术培训等,并为公众开展文化活动提供支持和帮助。

29-ماددا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى مۇلازىمەت تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئاممىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش، كىنو قويۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، ئوقۇش مۇلازىمىتى، سەنئەت تەربىيەسى قاتارلىقلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

国家鼓励经营性文化单位提供免费或者优惠的公共文化产品和文化活动。

دۆلەت تىجارەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىلىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第三十条 基层综合性文化服务中心应当加强资源整合,建立完善公共文化服务网络,充分发挥统筹服务功能,为公众提供书报阅读、影视观赏、戏曲表演、普法教育、艺术普及、科学普及、广播播送、互联网上网和群众性文化体育活动等公共文化服务,并根据其功能特点,因地制宜提供其他公共服务。

30-ماددا ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركەزلىرى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ئاممىغا كىتاب-گېزىت ئوقۇش، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش، شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، رادىيو تارقىتىش، ئالاقە تورىدا تورغا چىقىش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قىلىش ھەمدە فۇنكسىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىش.

第三十一条 公共文化设施应当根据其功能、特点,按照国家有关规定,向公众免费或者优惠开放。

31-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئاممىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىپ ئېچىۋېتىش كېرەك.

公共文化设施开放收取费用的,应当每月定期向中小学生免费开放。

ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىشكە ھەق ئېلىشتا، ھەر ئايدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرەللىك ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك.

公共文化设施开放或者提供培训服务等收取费用的,应当报经县级以上人民政府有关部门批准;收取的费用,应当用于公共文化设施的维护、管理和事业发展,不得挪作他用。

ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىش ياكى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىقلارغا ھەق ئېلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ ئالغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

公共文化设施管理单位应当公示服务项目和开放时间;临时停止开放的,应当及时公告。

ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

第三十二条 国家鼓励和支持机关、学校、企业事业单位的文化体育设施向公众开放。

32-ماددا دۆلەت ئورگانلار، مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第三十三条 国家统筹规划公共数字文化建设,构建标准统一、互联互通的公共数字文化服务网络,建设公共文化信息资源库,实现基层网络服务共建共享。

33-ماددا دۆلەت ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، ئۆزئارا تۇتاشقان ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقى ئامبىرى قۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلام تور مۇلازىمىتىنى ئورتاق قۇرۇش، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

国家支持开发数字文化产品,推动利用宽带互联网、移动互联网、广播电视网和卫星网络提供公共文化服务。

دۆلەت رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشنى قوللاپ، كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تورىدىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

地方各级人民政府应当加强基层公共文化设施的数字化和网络建设,提高数字化和网络服务能力。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋە توردا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第三十四条 地方各级人民政府应当采取多种方式,因地制宜提供流动文化服务。

34-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ كۆچمە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十五条 国家重点增加农村地区图书、报刊、戏曲、电影、广播电视节目、网络信息内容、节庆活动、体育健身活动等公共文化产品供给,促进城乡公共文化服务均等化。

35-ماددا دۆلەت يېزا رايونلىرىدا كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، ئەلنەغمە، كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى، تور ئۇچۇر مەزمۇنى، بايرام تەبرىكلەش پائالىيىتى، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

面向农村提供的图书、报刊、电影等公共文化产品应当符合农村特点和需求,提高针对性和时效性。

يېزىلارغا يۈزلەنگەن كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، كىنو قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى، قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第三十六条 地方各级人民政府应当根据当地实际情况,在人员流动量较大的公共场所、务工人员较为集中的区域以及留守妇女儿童较为集中的农村地区,配备必要的设施,采取多种形式,提供便利可及的公共文化服务。

36-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، خادىملار كۆپرەك يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئاممىۋى سورۇنلار، ئىشلىگۈچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلار، شۇنىڭدەك ئۆيدە قالغان ئاياللار، بالىلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يېزا رايونلىرىغا زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، قولاي ۋە ئومۇملاشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十七条 国家鼓励公民主动参与公共文化服务,自主开展健康文明的群众性文化体育活动;地方各级人民政府应当给予必要的指导、支持和帮助。

37-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىغا، ساغلام، مەدەنىي بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زۆرۈر يېتەكچىلىك، مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

居民委员会、村民委员会应当根据居民的需求开展群众性文化体育活动,并协助当地人民政府有关部门开展公共文化服务相关工作。

شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

国家机关、社会组织、企业事业单位应当结合自身特点和需要,组织开展群众性文化体育活动,丰富职工文化生活。

دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.

第三十八条 地方各级人民政府应当加强面向在校学生的公共文化服务,支持学校开展适合在校学生特点的文化体育活动,促进德智体美教育。

38-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第三十九条 地方各级人民政府应当支持军队基层文化建设,丰富军营文化体育活动,加强军民文化融合。

39-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، گازارما مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بېيىتىپ، ئارمىيە-خەلق مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第四十条 国家加强民族语言文字文化产品的供给,加强优秀公共文化产品的民族语言文字译制及其在民族地区的传播,鼓励和扶助民族文化产品的创作生产,支持开展具有民族特色的群众性文化体育活动。

40-ماددا دۆلەت مىللىي تىل-يېزىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىدۇ، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنى مىللەتلەر رايونىغا تارقىتىشنى كۈچەيتىدۇ، مىللىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ.

第四十一条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府制定政府购买公共文化服务的指导性意见和目录。国务院有关部门和县级以上地方人民政府应当根据指导性意见和目录,结合实际情况,确定购买的具体项目和内容,及时向社会公布。

41-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشىغا دائىر يېتەكچى پىكىر ۋە مۇندەرىجىنى تۈزىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېتەكچى پىكىر ۋە مۇندەرىجىگە ئاساسەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، سېتىۋالىدىغان كونكرېت تۈر ۋە مەزمۇننى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

第四十二条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织通过兴办实体、资助项目、赞助活动、提供设施、捐赠产品等方式,参与提供公共文化服务。

42-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇش، تۈرگە ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش پائالىيىتى قىلىش، ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلات ئىئانە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第四十三条 国家倡导和鼓励公民、法人和其他组织参与文化志愿服务。

43-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

公共文化设施管理单位应当建立文化志愿服务机制,组织开展文化志愿服务活动。

ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

县级以上地方人民政府有关部门应当对文化志愿活动给予必要的指导和支持,并建立管理评价、教育培训和激励保障机制。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەدەنىيەت پىدائىيلىق پائالىيىتىگە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە باشقۇرۇش-باھالاش، تەلىم-تەربىيە بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش-كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

第四十四条 任何组织和个人不得利用公共文化设施、文化产品、文化活动以及其他相关服务,从事危害国家安全、损害社会公共利益和其他违反法律法规的活动。

44-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第四章 保障措施

4-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第四十五条 国务院和地方各级人民政府应当根据公共文化服务的事权和支出责任,将公共文化服务经费纳入本级预算,安排公共文化服务所需资金。

45-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە دائىر ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

第四十六条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府应当增加投入,通过转移支付等方式,重点扶助革命老区、民族地区、边疆地区、贫困地区开展公共文化服务。

46-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يۆتكىمە چىقىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

国家鼓励和支持经济发达地区对革命老区、民族地区、边疆地区、贫困地区的公共文化服务提供援助。

دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第四十七条 免费或者优惠开放的公共文化设施,按照国家规定享受补助。

47-ماددا ھەقسىز ياكى ئېتىبارلىق، ئېچىۋېتىلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第四十八条 国家鼓励社会资本依法投入公共文化服务,拓宽公共文化服务资金来源渠道。

48-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنىڭ كېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

第四十九条 国家采取政府购买服务等措施,支持公民、法人和其他组织参与提供公共文化服务。

49-ماددا دۆلەت ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

第五十条 公民、法人和其他组织通过公益性社会团体或者县级以上人民政府及其部门,捐赠财产用于公共文化服务的,依法享受税收优惠。

50-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئارقىلىق ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلەتكەنلىرى قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

国家鼓励通过捐赠等方式设立公共文化服务基金,专门用于公共文化服务。

دۆلەت ئىئانە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى فوندى تەسىس قىلىشقا، مەخسۇس ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

第五十一条 地方各级人民政府应当按照公共文化设施的功能、任务和服务人口规模,合理设置公共文化服务岗位,配备相应专业人员。

51-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ۋەزىپىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە كۆلىمىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىشى، مۇناسىپ كەسپىي خادىم قويۇشى كېرەك.

第五十二条 国家鼓励和支持文化专业人员、高校毕业生和志愿者到基层从事公共文化服务工作。

52-ماددا دۆلەت مەدەنىيەت كەسپىي خادىملىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第五十三条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织依法成立公共文化服务领域的社会组织,推动公共文化服务社会化、专业化发展。

53-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى، كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

第五十四条 国家支持公共文化服务理论研究,加强多层次专业人才教育和培训。

54-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قوللاپ، كۆپ قاتلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

第五十五条 县级以上人民政府应当建立健全公共文化服务资金使用的监督和统计公告制度,加强绩效考评,确保资金用于公共文化服务。任何单位和个人不得侵占、挪用公共文化服务资金。

55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىستاتىستىكا ئېلانى چىقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

审计机关应当依法加强对公共文化服务资金的审计监督。

ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

第五十六条 各级人民政府应当加强对公共文化服务工作的监督检查,建立反映公众文化需求的征询反馈制度和有公众参与的公共文化服务考核评价制度,并将考核评价结果作为确定补贴或者奖励的依据。

56-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرۈشتۈرۈش-قايتما ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى ۋە ئامما قاتناشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە سىناش-باھالاش نەتىجىسىنى ياردەم پۇل ياكى مۇكاپاتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.

第五十七条 各级人民政府及有关部门应当及时公开公共文化服务信息,主动接受社会监督。

57-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.

新闻媒体应当积极开展公共文化服务的宣传报道,并加强舆论监督。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تەشۋىقاتى ۋە خەۋىرىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十八条 违反本法规定,地方各级人民政府和县级以上人民政府有关部门未履行公共文化服务保障职责的,由其上级机关或者监察机关责令限期改正;情节严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十九条 违反本法规定,地方各级人民政府和县级以上人民政府有关部门,有下列行为之一的,由其上级机关或者监察机关责令限期改正;情节严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:

59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)侵占、挪用公共文化服务资金的;

( 1 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(二)擅自拆除、侵占、挪用公共文化设施,或者改变其功能、用途,或者妨碍其正常运行的;

( 2 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(三)未依照本法规定重建公共文化设施的;

( 3 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا قۇرمىغانلار؛

(四)滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的。

( 4 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار.

第六十条 违反本法规定,侵占公共文化设施的建设用地或者擅自改变其用途的,由县级以上地方人民政府土地主管部门、城乡规划主管部门依据各自职责责令限期改正;逾期不改正的,由作出决定的机关依法强制执行,或者依法申请人民法院强制执行。

60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان قۇرۇلۇش يېرىنى ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەسئۇل تارمىقى، شەھەر-يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى قارار چىقارغان ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

第六十一条 违反本法规定,公共文化设施管理单位有下列情形之一的,由其主管部门责令限期改正;造成严重后果的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分:

61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)未按照规定对公众开放的;

( 1 ) ئاممىغا ئېچىۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(二)未公示服务项目、开放时间等事项的;

( 2 ) مۇلازىمەت تۈرى، ئېچىۋېتىش ۋاقتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېلان قىلمىغانلار؛

(三)未建立安全管理制度的;

( 3 ) بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلار؛

(四)因管理不善造成损失的。

( 4 ) باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىققانلار.

第六十二条 违反本法规定,公共文化设施管理单位有下列行为之一的,由其主管部门或者价格主管部门责令限期改正,没收违法所得,违法所得五千元以上的,并处违法所得两倍以上五倍以下罚款;没有违法所得或者违法所得五千元以下的,可以处一万元以下的罚款;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分:

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا 5000 يۈەندىن تۆۋەن تاپاۋەت قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)开展与公共文化设施功能、用途不符的服务活动的;

( 1 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىشىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلار؛

(二)对应当免费开放的公共文化设施收费或者变相收费的;

( 2 ) ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىگە ھەق ئالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەق ئالغانلار؛

(三)收取费用未用于公共文化设施的维护、管理和事业发展,挪作他用的。

( 3 ) ئالغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلەتمەي، باشقا ئىشقا ئىشلەتكەنلەر.

第六十三条 违反本法规定,损害他人民事权益的,依法承担民事责任;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ئىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十四条 境外自然人、法人和其他组织在中国境内从事公共文化服务的,应当符合相关法律、行政法规的规定。

64-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第六十五条 本法自2017年3月1日起施行。

65-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.