(1999年6月28日第九届全国人民代表大会常务委员会第十次会议通过)
( 1999-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(1999年6月28日第九届全国人民代表大会常务委员会第十次会议通过)
( 1999-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 捐赠和受赠
2-باب ئىئانە بېرىش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش
第三章 捐赠财产的使用和管理
3-باب ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش
第四章 优惠措施
4-باب ئېتىبار بېرىش تەدبىرى
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了鼓励捐赠,规范捐赠和受赠行为,保护捐赠人、受赠人和受益人的合法权益,促进公益事业的发展,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بېرىش، ئىئانە قىلىش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىئانە قىلغۇچى، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 自然人、法人或者其他组织自愿无偿向依法成立的公益性社会团体和公益性非营利的事业单位捐赠财产,用于公益事业的,适用本法。
2-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز مال-مۈلۈك ئىئانە قىلغانلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
第三条 本法所称公益事业是指非营利的下列事项:
3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پاراۋانلىق ئىشلىرى پايدا ئالمايدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ :
(一)救助灾害、救济贫困、扶助残疾人等困难的社会群体和个人的活动;
( 1 ) ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار جەمئىيەت توپى ۋە شەخسلەرنى يۆلەش پائالىيىتى؛
(二)教育、科学、文化、卫生、体育事业;
( 2 ) مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى؛
(三)环境保护、社会公共设施建设;
( 3 ) مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى؛
(四)促进社会发展和进步的其他社会公共和福利事业。
( 4 ) جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا ئاممىۋى ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى.
第四条 捐赠应当是自愿和无偿的,禁止强行摊派或者变相摊派,不得以捐赠为名从事营利活动。
4-ماددا ئىئانە ئىختىيارىي ۋە ھەقسىز بولۇشى كېرەك، مەجبۇرىي سېلىق سېلىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن سېلىق سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئىئانە قىلىش نامى بىلەن پايدا ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第五条 捐赠财产的使用应当尊重捐赠人的意愿,符合公益目的,不得将捐赠财产挪作他用。
5-ماددا ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىشتە، ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك، ئىئانە قىلىنغان مال – مۈلۈكنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
第六条 捐赠应当遵守法律、法规,不得违背社会公德,不得损害公共利益和其他公民的合法权益。
6-ماددا ئىئانە قىلىشتا قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
第七条 公益性社会团体受赠的财产及其增值为社会公共财产,受国家法律保护,任何单位和个人不得侵占、挪用和损毁。
7-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ھەدىيە قىلغان مال-مۈلۈك ۋە ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئىجتىمائىي ئاممىۋى مال-مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى دۆلەت قانۇنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第八条 国家鼓励公益事业的发展,对公益性社会团体和公益性非营利的事业单位给予扶持和优待。
8-ماددا دۆلەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە پاراۋانلىق پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارنى يۆلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئېتىبار بېرىدۇ.
国家鼓励自然人、法人或者其他组织对公益事业进行捐赠。
دۆلەت تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
对公益事业捐赠有突出贡献的自然人、法人或者其他组织,由人民政府或者有关部门予以表彰。对捐赠人进行公开表彰,应当事先征求捐赠人的意见。
ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق تەقدىرلەيدۇ. ئىئانە قىلغۇچىنى ئاشكارا تەقدىرلەشتە، ئىئانە قىلغۇچىدىن ئالدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.
第二章 捐赠和受赠
2-باب ئىئانە بېرىش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش
第九条 自然人、法人或者其他组织可以选择符合其捐赠意愿的公益性社会团体和公益性非营利的事业单位进行捐赠。捐赠的财产应当是其有权处分的合法财产。
9-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ ئىئانە قىلىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارنى تاللاپ ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق قانۇنلۇق مال-مۈلۈكتۇر.
第十条 公益性社会团体和公益性非营利的事业单位可以依照本法接受捐赠。
10-ماددا پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن بويىچە ئىئانە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
本法所称公益性社会团体是指依法成立的,以发展公益事业为宗旨的基金会、慈善组织等社会团体。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان فوند جەمئىيىتى، خەيرىيەت تەشكىلاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称公益性非营利的事业单位是指依法成立的,从事公益事业的不以营利为目的的教育机构、科学研究机构、医疗卫生机构、社会公共文化机构、社会公共体育机构和社会福利机构等。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پايدا ئېلىش مەقسىتىدە بولمىغان مائارىپ ئاپپاراتى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي جامائەت تەنتەربىيە ئاپپاراتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
第十一条 在发生自然灾害时或者境外捐赠人要求县级以上人民政府及其部门作为受赠人时,县级以上人民政府及其部门可以接受捐赠,并依照本法的有关规定对捐赠财产进行管理。
11-ماددا تەبىئىي ئاپەت يۈزبەرگەندە ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئىئانە قىلغۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقىدىن ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ھەدىيەنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرىدۇ.
县级以上人民政府及其部门可以将受赠财产转交公益性社会团体或者公益性非营利的事业单位;也可以按照捐赠人的意愿分发或者兴办公益事业,但是不得以本机关为受益对象。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ھەدىيە قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈكنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا ياكى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ؛ ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تارقاتسىمۇ ياكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن شۇ ئورگاننى مەنپەئەتلىنىش ئوبيېكتى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第十二条 捐赠人可以与受赠人就捐赠财产的种类、质量、数量和用途等内容订立捐赠协议。捐赠人有权决定捐赠的数量、用途和方式。
12-ماددا ئىئانە قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ تۈرى، سۈپىتى، مىقدارى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا ھەدىيە كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. ئىئانە قىلغۇچى ئىئانە مىقدارى، ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئۇسۇلىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
捐赠人应当依法履行捐赠协议,按照捐赠协议约定的期限和方式将捐赠财产转移给受赠人。
ئىئانە قىلغۇچى ئىئانە بېرىش كېلىشىمىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئىئانە قىلىش كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن مۇددەت ۋە ئۇسۇل بويىچە ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第十三条 捐赠人捐赠财产兴建公益事业工程项目,应当与受赠人订立捐赠协议,对工程项目的资金、建设、管理和使用作出约定。
13-ماددا ئىئانە قىلغۇچى مال-مۈلۈك ئىئانە قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرىنى قۇرۇشتا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ھەدىيە كېلىشىمى تۈزۈشى، قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەبلىغى، قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.
捐赠的公益事业工程项目由受赠单位按照国家有关规定办理项目审批手续,并组织施工或者由受赠人和捐赠人共同组织施工。工程质量应当符合国家质量标准。
ئىئانە قىلىنغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇشقا تەشكىللەيدۇ ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ئىئانە قىلغۇچى بىرلىكتە قۇرۇلۇشقا تەشكىللەيدۇ. قۇرۇلۇش سۈپىتى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
捐赠的公益事业工程项目竣工后,受赠单位应当将工程建设、建设资金的使用和工程质量验收情况向捐赠人通报。
ئىئانە قىلىنغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەھۋالىنى ئىئانە قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第十四条 捐赠人对于捐赠的公益事业工程项目可以留名纪念;捐赠人单独捐赠的工程项目或者主要由捐赠人出资兴建的工程项目,可以由捐赠人提出工程项目的名称,报县级以上人民政府批准。
14-ماددا ئىئانە قىلغۇچى ئىئانە قىلىنغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىسمىنى قالدۇرۇپ خاتىرىلىسە بولىدۇ؛ ئىئانە قىلغۇچى ئايرىم ئىئانە قىلغان قۇرۇلۇش تۈرى ياكى ئاساسلىقى ئىئانە قىلغۇچى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىئانە قىلغۇچى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ نامىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتسا بولىدۇ.
第十五条 境外捐赠人捐赠的财产,由受赠人按照国家有关规定办理入境手续;捐赠实行许可证管理的物品,由受赠人按照国家有关规定办理许可证申领手续,海关凭许可证验放、监管。
15-ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئىئانە بەرگۈچىلەر ئىئانە قىلغان مال-مۈلۈكنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ؛ ئىئانە قىلىشتا ئىجازەتنامە بىلەن باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدىغان بۇيۇملارنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجازەتنامە ئېلىپ ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ، تاموژنا ئىجازەتنامىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
华侨向境内捐赠的,县级以上人民政府侨务部门可以协助办理有关入境手续,为捐赠人实施捐赠项目提供帮助。
جۇڭگو چياۋمىنلىرى چېگرا ئىچىگە ئىئانە قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى تارمىقى چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ياردەملىشىپ، ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە تۈرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.
第三章 捐赠财产的使用和管理
3-باب ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش
第十六条 受赠人接受捐赠后,应当向捐赠人出具合法、有效的收据,将受赠财产登记造册,妥善保管。
16-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيەنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىئانە قىلغۇچىغا قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك ھۆججەت چىقىرىپ بېرىشى، ھەدىيە قوبۇل قىلىنىدىغان مال-مۈلۈكنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشى، ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
第十七条 公益性社会团体应当将受赠财产用于资助符合其宗旨的活动和事业。对于接受的救助灾害的捐赠财产,应当及时用于救助活动。基金会每年用于资助公益事业的资金数额,不得低于国家规定的比例。
17-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن پائالىيەت ۋە ئىشلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشى كېرەك. ئاپەتكە ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە ۋاقتىدا ئىشلىتىش كېرەك. فوند جەمئىيىتىنىڭ ھەر يىلى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىدىغان مەبلەغ سوممىسى دۆلەت بەلگىلىگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
公益性社会团体应当严格遵守国家的有关规定,按照合法、安全、有效的原则,积极实现捐赠财产的保值增值。
ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانۇنلۇق بولۇش، بىخەتەر بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلىشى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشىنى پائال ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
公益性非营利的事业单位应当将受赠财产用于发展本单位的公益事业,不得挪作他用。
ئاممىۋى پاراۋانلىق پايدىسى ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار ھەدىيە ئالغان مال-مۈلۈكنى شۇ ئورۇننىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
对于不易储存、运输和超过实际需要的受赠财产,受赠人可以变卖,所取得的全部收入,应当用于捐赠目的。
ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ساقلاش، توشۇش قىيىن بولغان ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى مال-مۈلۈكنى سېتىۋەتسە بولىدۇ، ئالغان بارلىق كىرىمنى ھەدىيە قىلىش مەقسىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك.
第十八条 受赠人与捐赠人订立了捐赠协议的,应当按照协议约定的用途使用捐赠财产,不得擅自改变捐赠财产的用途。如果确需改变用途的,应当征得捐赠人的同意。
18-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ئىئانە قىلغۇچى ھەدىيە كېلىشىمى تۈزگەن بولسا، ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى كېلىشىمدە پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئىشلىتىلىش ئورنىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
第十九条 受赠人应当依照国家有关规定,建立健全财务会计制度和受赠财产的使用制度,加强对受赠财产的管理。
19-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە ھەدىيە مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەدىيە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第二十条 受赠人每年度应当向政府有关部门报告受赠财产的使用、管理情况,接受监督。必要时,政府有关部门可以对其财务进行审计。
20-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلىدىغان مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇنىڭ مالىيەسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلسا بولىدۇ.
海关对减免关税的捐赠物品依法实施监督和管理。
تاموژنا تاموژنا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئىئانە قىلىنغان بۇيۇملارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
县级以上人民政府侨务部门可以参与对华侨向境内捐赠财产使用与管理的监督。
县级以上人民政府侨务部门可以参与对华侨向境内捐赠财产使用与管理的监督。
第二十一条 捐赠人有权向受赠人查询捐赠财产的使用、管理情况,并提出意见和建议。对于捐赠人的查询,受赠人应当如实答复。
21-ماددا ئىئانە قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدىن ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئىئانە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە بەرگۈچىنىڭ سوئالىغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.
第二十二条 受赠人应当公开接受捐赠的情况和受赠财产的使用、管理情况,接受社会监督。
22-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىدىغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第二十三条 公益性社会团体应当厉行节约,降低管理成本,工作人员的工资和办公费用从利息等收入中按照国家规定的标准开支。
23-ماددا پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، باشقۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشى، خادىملارنىڭ مائاشى ۋە ئىش بېجىرىش خىراجىتىنى ئۆسۈم قاتارلىق كىرىملەردىن دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلىشى كېرەك.
第四章 优惠措施
4-باب ئېتىبار بېرىش تەدبىرى
第二十四条 公司和其他企业依照本法的规定捐赠财产用于公益事业,依照法律、行政法规的规定享受企业所得税方面的优惠。
24-ماددا شىركەت ۋە باشقا كارخانىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىئانە قىلغان مال-مۈلكىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانىغا تاپاۋەت بېجى جەھەتتىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第二十五条 自然人和个体工商户依照本法的规定捐赠财产用于公益事业,依照法律、行政法规的规定享受个人所得税方面的优惠。
25-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىئانە قىلغان مال-مۈلكىنى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى جەھەتتىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第二十六条 境外向公益性社会团体和公益性非营利的事业单位捐赠的用于公益事业的物资,依照法律、行政法规的规定减征或者免征进口关税和进口环节的增值税。
26-ماددا چېگرا سىرتىدا ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارغا ئىئانە قىلىنغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
第二十七条 对于捐赠的工程项目,当地人民政府应当给予支持和优惠。
27-ماددا ئىئانە قىلىنغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قوللىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第二十八条 受赠人未征得捐赠人的许可,擅自改变捐赠财产的性质、用途的,由县级以上人民政府有关部门责令改正,给予警告。拒不改正的,经征求捐赠人的意见,由县级以上人民政府将捐赠财产交由与其宗旨相同或者相似的公益性社会团体或者公益性非营利的事业单位管理。
28-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ خاراكتېرى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا ئىئانە قىلغۇچىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئاساسىي مەقسىتى بىلەن ئوخشاش بولغان ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ياكى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىدۇ.
第二十九条 挪用、侵占或者贪污捐赠款物的,由县级以上人民政府有关部门责令退还所用、所得款物,并处以罚款;对直接责任人员,由所在单位依照有关规定予以处理;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
29-ماددا ئىئانە پۇلنى ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان ياكى خىيانەت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئىشلەتكەن، ئېرىشكەن پۇل-مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكارنى تۇرۇشلۇق ئورۇن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
依照前款追回、追缴的捐赠款物,应当用于原捐赠目的和用途。
ئالدىنقى پۇل بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغان، قايتۇرۇۋېلىنغان ئىئانە پۇل-مالنى ئەسلىي ئىئانە قىلىش مەقسىتى ۋە ئىشلىتىشىگە ئىشلىتىش كېرەك.
第三十条 在捐赠活动中,有下列行为之一的,依照法律、法规的有关规定予以处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任:
30-ماددا ئىئانە بېرىش پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن-نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
(一)逃汇、骗购外汇的;
( 1 ) تاشقى پېرېۋوتنى قاچۇرغان، تاشقى پېرېۋوت ئالدامچىلىقى قىلغانلار؛
(二)偷税、逃税的;
( 2 ) باج ئوغرىلىغان، باجدىن قاچقانلار؛
(三)进行走私活动的;
( 3 ) ئەتكەسچىلىك قىلغانلار؛
(四)未经海关许可并且未补缴应缴税额,擅自将减税、免税进口的捐赠物资在境内销售、转让或者移作他用的。
( 4 ) تاموژنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باج كېمەيتىلگەن، باج كەچۈرۈم قىلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان ئىئانە ماددىي ئەشيالىرىنى چېگرا ئىچىدە ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى باشقا ئىشقا ئىشلەتكەنلەر.
第三十一条 受赠单位的工作人员,滥用职权,玩忽职守,徇私舞弊,致使捐赠财产造成重大损失的,由所在单位依照有关规定予以处理;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
31-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ئورۇننىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنى تۇرۇشلۇق ئورۇن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第三十二条 本法自1999年9月1日起施行。
32-ماددا بۇ قانۇن 1999-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.