第九条 国务院农业、林业、水利等部门(以下统称农业技术推广部门)按照各自的职责,负责全国范围内有关的农业技术推广工作。县级以上地方各级人民政府农业技术推广部门在同级人民政府的领导下,按照各自的职责,负责本行政区域内有关的农业技术推广工作。同级人民政府科学技术部门对农业技术推广工作进行指导。同级人民政府其他有关部门按照各自的职责,负责农业技术推广的有关工作。
9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى دېيىلىدۇ ) ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكا تارمىقى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.