中华人民共和国农产品质量安全法_1

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى

(2006年4月29日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过 根据2018年10月26日第十三届全国人民代表大会常务委员会第六次会议《关于修改〈中华人民共和国野生动物保护法〉等十五部法律的决定》修正 2022年9月2日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十六次会议修订)

( 2006 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2018 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى > قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، 2022 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 36 ـ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى يىغىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 农产品质量安全风险管理和标准制定

2-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىش

第三章 农产品产地

3-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جاي

第四章 农产品生产

4-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش

第五章 农产品销售

5-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش

第六章 监督管理

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了保障农产品质量安全,维护公众健康,促进农业和农村经济发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称农产品,是指来源于种植业、林业、畜牧业和渔业等的初级产品,即在农业活动中获得的植物、动物、微生物及其产品。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىقلاردىن كەلگەن دەسلەپكى مەھسۇلاتنى، يەنى يېزا ئىگىلىك پائالىيىتىدە ئېرىشكەن ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مىكرو ئورگانىزم ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称农产品质量安全,是指农产品质量达到农产品质量安全标准,符合保障人的健康、安全的要求。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يېتىشى، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 与农产品质量安全有关的农产品生产经营及其监督管理活动,适用本法。

3-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

《中华人民共和国食品安全法》对食用农产品的市场销售、有关质量安全标准的制定、有关安全信息的公布和农业投入品已经作出规定的,应当遵守其规定。

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا سېتىش، مۇناسىۋەتلىك سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى بېكىتىش، مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىغا قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

第四条 国家加强农产品质量安全工作,实行源头治理、风险管理、全程控制,建立科学、严格的监督管理制度,构建协同、高效的社会共治体系。

4-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەش، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش، پۈتۈن جەرياننى تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئىلمىي، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

第五条 国务院农业农村主管部门、市场监督管理部门依照本法和规定的职责,对农产品质量安全实施监督管理。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.

国务院其他有关部门依照本法和规定的职责承担农产品质量安全的有关工作。

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六条 县级以上地方人民政府对本行政区域的农产品质量安全工作负责,统一领导、组织、协调本行政区域的农产品质量安全工作,建立健全农产品质量安全工作机制,提高农产品质量安全水平。

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكى خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

县级以上地方人民政府应当依照本法和有关规定,确定本级农业农村主管部门、市场监督管理部门和其他有关部门的农产品质量安全监督管理工作职责。各有关部门在职责范围内负责本行政区域的农产品质量安全监督管理工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، شۇ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

乡镇人民政府应当落实农产品质量安全监督管理责任,协助上级人民政府及其有关部门做好农产品质量安全监督管理工作。

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第七条 农产品生产经营者应当对其生产经营的农产品质量安全负责。

7-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

农产品生产经营者应当依照法律、法规和农产品质量安全标准从事生产经营活动,诚信自律,接受社会监督,承担社会责任。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار قانۇن-نىزاملار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، سەمىمىي-تەلەپچان بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八条 县级以上人民政府应当将农产品质量安全管理工作纳入本级国民经济和社会发展规划,所需经费列入本级预算,加强农产品质量安全监督管理能力建设。

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第九条 国家引导、推广农产品标准化生产,鼓励和支持生产绿色优质农产品,禁止生产、销售不符合国家规定的农产品质量安全标准的农产品。

9-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ، كېڭەيتىدۇ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى مەنئى قىلىدۇ.

第十条 国家支持农产品质量安全科学技术研究,推行科学的质量安全管理方法,推广先进安全的生产技术。国家加强农产品质量安全科学技术国际交流与合作。

10-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، ئىلمىي سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىدۇ، ئىلغار، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ. دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

第十一条 各级人民政府及有关部门应当加强农产品质量安全知识的宣传,发挥基层群众性自治组织、农村集体经济组织的优势和作用,指导农产品生产经营者加强质量安全管理,保障农产品消费安全。

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارنى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

新闻媒体应当开展农产品质量安全法律、法规和农产品质量安全知识的公益宣传,对违法行为进行舆论监督。有关农产品质量安全的宣传报道应当真实、公正。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكى بىلىملىرى توغرىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر تەشۋىقات خەۋەرلىرى ھەقىقىي، ئادىل بولۇشى كېرەك.

第十二条 农民专业合作社和农产品行业协会等应当及时为其成员提供生产技术服务,建立农产品质量安全管理制度,健全农产品质量安全控制体系,加强自律管理。

12-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھە جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا قىلىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، تەلەپچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第二章 农产品质量安全风险管理和标准制定

2-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىش

第十三条 国家建立农产品质量安全风险监测制度。

13-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

国务院农业农村主管部门应当制定国家农产品质量安全风险监测计划,并对重点区域、重点农产品品种进行质量安全风险监测。省、自治区、直辖市人民政府农业农村主管部门应当根据国家农产品质量安全风险监测计划,结合本行政区域农产品生产经营实际,制定本行政区域的农产品质量安全风险监测实施方案,并报国务院农业农村主管部门备案。县级以上地方人民政府农业农村主管部门负责组织实施本行政区域的农产品质量安全风险监测。

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات سورتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزىلارنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

县级以上人民政府市场监督管理部门和其他有关部门获知有关农产品质量安全风险信息后,应当立即核实并向同级农业农村主管部门通报。接到通报的农业农村主管部门应当及时上报。制定农产品质量安全风险监测计划、实施方案的部门应当及时研究分析,必要时进行调整。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئېنىقلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزگەن تارماقلار ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تەھلىل قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا تەڭشىشى كېرەك.

第十四条 国家建立农产品质量安全风险评估制度。

14-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

国务院农业农村主管部门应当设立农产品质量安全风险评估专家委员会,对可能影响农产品质量安全的潜在危害进行风险分析和评估。国务院卫生健康、市场监督管理等部门发现需要对农产品进行质量安全风险评估的,应当向国务院农业农村主管部门提出风险评估建议。

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەھلىل قىلىشى ۋە باھالىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش زۆرۈرلۈكىنى بايقىسا، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىغا خەۋپ-خەتەرنى باھالاش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

农产品质量安全风险评估专家委员会由农业、食品、营养、生物、环境、医学、化工等方面的专家组成。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك، ئوزۇقلىنىش، جانلىقلار، مۇھىت، تېبابەت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

第十五条 国务院农业农村主管部门应当根据农产品质量安全风险监测、风险评估结果采取相应的管理措施,并将农产品质量安全风险监测、风险评估结果及时通报国务院市场监督管理、卫生健康等部门和有关省、自治区、直辖市人民政府农业农村主管部门。

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى ئۆلچەش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

县级以上人民政府农业农村主管部门开展农产品质量安全风险监测和风险评估工作时,可以根据需要进入农产品产地、储存场所及批发、零售市场。采集样品应当按照市场价格支付费用。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، ئېھتىياجغا قاراپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي، ساقلاش ئورنى، شۇنىڭدەك توپ ۋە پارچە سېتىش بازارلىرىغا كىرسە بولىدۇ. ئەۋرىشكە ئېلىشقا بازار باھاسىغا ئاساسەن ھەق تۆلەش كېرەك.

第十六条 国家建立健全农产品质量安全标准体系,确保严格实施。农产品质量安全标准是强制执行的标准,包括以下与农产品质量安全有关的要求:

16-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، قاتتىق يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلچەم بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)农业投入品质量要求、使用范围、用法、用量、安全间隔期和休药期规定;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت تەلىپى، ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، مىقدارى، بىخەتەر ئايرىش مەزگىلى ۋە دورا دەم ئېلىش مەزگىلى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە؛

(二)农产品产地环境、生产过程管控、储存、运输要求;

( 2 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ساقلاش، توشۇش تەلىپى؛

(三)农产品关键成分指标等要求;

( 3 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق تەلەپلەر؛

(四)与屠宰畜禽有关的检验规程;

( 4 ) چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى سويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قائىدىسى؛

(五)其他与农产品质量安全有关的强制性要求。

( 5 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەجبۇرلاش تەلەپلىرى.

《中华人民共和国食品安全法》对食用农产品的有关质量安全标准作出规定的,依照其规定执行。

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئۆلچەم توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第十七条 农产品质量安全标准的制定和发布,依照法律、行政法规的规定执行。

17-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

制定农产品质量安全标准应当充分考虑农产品质量安全风险评估结果,并听取农产品生产经营者、消费者、有关部门、行业协会等的意见,保障农产品消费安全。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسىنى تولۇق ئويلىشىش ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستېمالچىلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

第十八条 农产品质量安全标准应当根据科学技术发展水平以及农产品质量安全的需要,及时修订。

18-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

第十九条 农产品质量安全标准由农业农村主管部门商有关部门推进实施。

19-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماق بىلەن كېڭىشىپ يولغا قويىدۇ.

第三章 农产品产地

3-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جاي

第二十条 国家建立健全农产品产地监测制度。

20-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جاينى كۆزىتىپ ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当会同同级生态环境、自然资源等部门制定农产品产地监测计划,加强农产品产地安全调查、监测和评价工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينى كۆزىتىش-ئۆلچەش پىلانى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第二十一条 县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当会同同级生态环境、自然资源等部门按照保障农产品质量安全的要求,根据农产品品种特性和产地安全调查、监测、评价结果,依照土壤污染防治等法律、法规的规定提出划定特定农产品禁止生产区域的建议,报本级人民政府批准后实施。

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سورت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش-ئۆلچەش، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدىغان رايوننى بېكىتىش تەكلىپى بېرىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدۇ.

任何单位和个人不得在特定农产品禁止生产区域种植、养殖、捕捞、采集特定农产品和建立特定农产品生产基地。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان رايوندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى تېرىشى، بېقىشى، تۇتۇشى، يىغىۋېلىشى ۋە مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

特定农产品禁止生产区域划定和管理的具体办法由国务院农业农村主管部门商国务院生态环境、自然资源等部门制定。

مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇشنى مەنئى قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىپ تۈزىدۇ.

第二十二条 任何单位和个人不得违反有关环境保护法律、法规的规定向农产品产地排放或者倾倒废水、废气、固体废物或者其他有毒有害物质。

22-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جايغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇق ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشىگە ياكى تۆكۈۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

农业生产用水和用作肥料的固体废物,应当符合法律、法规和国家有关强制性标准的要求。

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋە ئوغۇت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

第二十三条 农产品生产者应当科学合理使用农药、兽药、肥料、农用薄膜等农业投入品,防止对农产品产地造成污染。

23-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، ئوغۇت، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

农药、肥料、农用薄膜等农业投入品的生产者、经营者、使用者应当按照国家有关规定回收并妥善处置包装物和废弃物。

دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، باشقۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇ ۋە تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第二十四条 县级以上人民政府应当采取措施,加强农产品基地建设,推进农业标准化示范建设,改善农产品的生产条件。

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

第四章 农产品生产

4-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش

第二十五条 县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当根据本地区的实际情况,制定保障农产品质量安全的生产技术要求和操作规程,并加强对农产品生产经营者的培训和指导。

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەلىپى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

农业技术推广机构应当加强对农产品生产经营者质量安全知识和技能的培训。国家鼓励科研教育机构开展农产品质量安全培训。

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلارنى سۈپەت بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ۋە ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت پەن تەتقىقات، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第二十六条 农产品生产企业、农民专业合作社、农业社会化服务组织应当加强农产品质量安全管理。

26-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

农产品生产企业应当建立农产品质量安全管理制度,配备相应的技术人员;不具备配备条件的,应当委托具有专业技术知识的人员进行农产品质量安全指导。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇناسىپ تېخنىك خادىملارنى سەپلىشى كېرەك؛ سەپلەش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلار كەسپىي تېخنىكا بىلىمى بار خادىملارغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

国家鼓励和支持农产品生产企业、农民专业合作社、农业社会化服务组织建立和实施危害分析和关键控制点体系,实施良好农业规范,提高农产品质量安全管理水平。

دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋپ تەھلىل قىلىش ۋە ئاچقۇچلۇق تىزگىنلەش نۇقتىلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ۋە يولغا قويۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ياخشى يېزا ئىگىلىك قائىدىسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第二十七条 农产品生产企业、农民专业合作社、农业社会化服务组织应当建立农产品生产记录,如实记载下列事项:

27-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى قالدۇرۇشى، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك :

(一)使用农业投入品的名称、来源、用法、用量和使用、停用的日期;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇمىنىڭ نامى، كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، مىقدارى ۋە ئىشلەتكەن، ئىشلىتىشنى توختاتقان ۋاقىت؛

(二)动物疫病、农作物病虫害的发生和防治情况;

( 2 ) ھايۋانات يۇقۇمى، زىرائەتتىكى كېسەل-ھاشارات زىيىنىنىڭ يۈز بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى؛

(三)收获、屠宰或者捕捞的日期。

( 3 ) ئېرىشكەن، سويۇلغان ياكى تۇتقان ۋاقىت.

农产品生产记录应当至少保存二年。禁止伪造、变造农产品生产记录。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسىنى ئاز دېگەندە 2 يىل ساقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

国家鼓励其他农产品生产者建立农产品生产记录。

دۆلەت باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第二十八条 对可能影响农产品质量安全的农药、兽药、饲料和饲料添加剂、肥料、兽医器械,依照有关法律、行政法规的规定实行许可制度。

28-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇچى، ئوغۇت، مال دوختۇرلۇق ئۈسكۈنىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

省级以上人民政府农业农村主管部门应当定期或者不定期组织对可能危及农产品质量安全的农药、兽药、饲料和饲料添加剂、肥料等农业投入品进行监督抽查,并公布抽查结果。

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇچى، ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز تەشكىللەپ نازارەت قىلىشى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ھەمدە ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

农药、兽药经营者应当依照有关法律、行政法规的规定建立销售台账,记录购买者、销售日期和药品施用范围等内容。

دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سېتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، سېتىۋالغۇچى، سېتىش ۋاقتى ۋە دورىنى ئىشلىتىش دائىرىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى خاتىرىلىشى كېرەك.

第二十九条 农产品生产经营者应当依照有关法律、行政法规和国家有关强制性标准、国务院农业农村主管部门的规定,科学合理使用农药、兽药、饲料和饲料添加剂、肥料等农业投入品,严格执行农业投入品使用安全间隔期或者休药期的规定;不得超范围、超剂量使用农业投入品危及农产品质量安全。

29-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇچى، ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشى، يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر ئايرىش مەزگىلى ياكى دورا توختىتىش مەزگىلىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى دائىرىدىن، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

禁止在农产品生产经营过程中使用国家禁止使用的农业投入品以及其他有毒有害物质。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت جەريانىدا دۆلەت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三十条 农产品生产场所以及生产活动中使用的设施、设备、消毒剂、洗涤剂等应当符合国家有关质量安全规定,防止污染农产品。

30-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سورۇنى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، دېزىنفېكسىيە دورىسى، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第三十一条 县级以上人民政府农业农村主管部门应当加强对农业投入品使用的监督管理和指导,建立健全农业投入品的安全使用制度,推广农业投入品科学使用技术,普及安全、环保农业投入品的使用。

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىلمىي ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان يېزا ئىگىلىك سېلىنما ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

第三十二条 国家鼓励和支持农产品生产经营者选用优质特色农产品品种,采用绿色生产技术和全程质量控制技术,生产绿色优质农产品,实施分等分级,提高农产品品质,打造农产品品牌。

32-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سورتىنى تاللاپ ئىشلىتىشىگە، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە پۈتۈن جەريانلىق سۈپەتنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسى يارىتىشى كېرەك.

第三十三条 国家支持农产品产地冷链物流基础设施建设,健全有关农产品冷链物流标准、服务规范和监管保障机制,保障冷链物流农产品畅通高效、安全便捷,扩大高品质市场供给。

33-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، قولايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بازار تەمىناتىنى كېڭەيتىدۇ.

从事农产品冷链物流的生产经营者应当依照法律、法规和有关农产品质量安全标准,加强冷链技术创新与应用、质量安全控制,执行对冷链物流农产品及其包装、运输工具、作业环境等的检验检测检疫要求,保证冷链农产品质量安全。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەر قانۇن-نىزاملار ۋە مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بويىچە، سوغۇق زەنجىر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتىغا دائىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورۇسى، توشۇش قورالى، مەشغۇلات مۇھىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تەلىپىنى ئىجرا قىلىپ، سوغۇق زەنجىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第五章 农产品销售

5-باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش

第三十四条 销售的农产品应当符合农产品质量安全标准。

34-ماددا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

农产品生产企业、农民专业合作社应当根据质量安全控制要求自行或者委托检测机构对农产品质量安全进行检测;经检测不符合农产品质量安全标准的农产品,应当及时采取管控措施,且不得销售。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا ياكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك ھەمدە سېتىشقا بولمايدۇ.

农业技术推广等机构应当为农户等农产品生产经营者提供农产品检测技术服务。

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار دېھقان ئائىلىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十五条 农产品在包装、保鲜、储存、运输中所使用的保鲜剂、防腐剂、添加剂、包装材料等,应当符合国家有关强制性标准以及其他农产品质量安全规定。

35-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوراش-قاچىلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، توشۇش جەريانىدا ئىشلىتىدىغان يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، خۇرۇچ، ئورۇ ماتېرىيالى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

储存、运输农产品的容器、工具和设备应当安全、无害。禁止将农产品与有毒有害物质一同储存、运输,防止污染农产品。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان، توشۇيدىغان قاچا، ئەسۋاب ۋە ئۈسكۈنە بىخەتەر، زىيانسىز بولۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بىلەن بىللە ساقلاش، توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ.

第三十六条 有下列情形之一的农产品,不得销售:

36-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا بولمايدۇ :

(一)含有国家禁止使用的农药、兽药或者其他化合物;

( 1 ) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى ياكى باشقا بىرىكمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇش؛

(二)农药、兽药等化学物质残留或者含有的重金属等有毒有害物质不符合农产品质量安全标准;

( 2 ) دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددا قالدۇقى ياكى تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(三)含有的致病性寄生虫、微生物或者生物毒素不符合农产品质量安全标准;

( 3 ) تەركىبىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان پارازىت قۇرت، مىكرو ئورگانىزم ياكى بىيوزەھەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛

(四)未按照国家有关强制性标准以及其他农产品质量安全规定使用保鲜剂、防腐剂、添加剂、包装材料等,或者使用的保鲜剂、防腐剂、添加剂、包装材料等不符合国家有关强制性标准以及其他质量安全规定;

( 4 ) يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، خۇرۇچ، ئورۇ ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش ئۆلچىمى، شۇنىڭدەك باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىشلەتمىگەن ياكى ئىشلەتكەن يېڭى پېتى ساقلاش دورىلىرى، چىرىشتىن ساقلىنىش دورىلىرى، خۇرۇچلار، ئورۇ ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىگە، شۇنىڭدەك باشقا سۈپەت بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(五)病死、毒死或者死因不明的动物及其产品;

( 5 ) كېسەل بىلەن ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى؛

(六)其他不符合农产品质量安全标准的情形。

( 6 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار.

对前款规定不得销售的农产品,应当依照法律、法规的规定进行处置。

ئالدىنقى تارماقتا سېتىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

第三十七条 农产品批发市场应当按照规定设立或者委托检测机构,对进场销售的农产品质量安全状况进行抽查检测;发现不符合农产品质量安全标准的,应当要求销售者立即停止销售,并向所在地市场监督管理、农业农村等部门报告。

37-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلىشى، بازارغا كىرىپ سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندا، ساتقۇچىدىن سېتىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەمدە تۇرۇشلۇق جايدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا دوكلات قىلىش كېرەك.

农产品销售企业对其销售的农产品,应当建立健全进货检查验收制度;经查验不符合农产品质量安全标准的,不得销售。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كارخانىلىرى ئۆزى ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا، مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى سېتىشقا بولمايدۇ.

食品生产者采购农产品等食品原料,应当依照《中华人民共和国食品安全法》的规定查验许可证和合格证明,对无法提供合格证明的,应当按照规定进行检验。

يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاتارلىق يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنى سېتىۋالغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجازەتنامە ۋە لاياقەتلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى، لاياقەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

第三十八条 农产品生产企业、农民专业合作社以及从事农产品收购的单位或者个人销售的农产品,按照规定应当包装或者附加承诺达标合格证等标识的,须经包装或者附加标识后方可销售。包装物或者标识上应当按照规定标明产品的品名、产地、生产者、生产日期、保质期、产品质量等级等内容;使用添加剂的,还应当按照规定标明添加剂的名称。具体办法由国务院农业农村主管部门制定。

38-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ساتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش لاياقەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق بەلگىلەرنى ئوراش-قاچىلاش ياكى قوشۇمچە ۋەدە بېرىشتىن ئىبارەت بەلگىلىمە بويىچە سېتىشقا بولىدۇ. ئورۇ ياكى بەلگىگە مەھسۇلاتنىڭ نامى، چىققان جايى، ئىشلەپچىقارغۇچىسى، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، مەھسۇلات سۈپىتى دەرىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق يېزىش كېرەك؛ خۇرۇچ ئىشلىتىشتە، بەلگىلىمە بويىچە خۇرۇچنىڭ نامىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

第三十九条 农产品生产企业、农民专业合作社应当执行法律、法规的规定和国家有关强制性标准,保证其销售的农产品符合农产品质量安全标准,并根据质量安全控制、检测结果等开具承诺达标合格证,承诺不使用禁用的农药、兽药及其他化合物且使用的常规农药、兽药残留不超标等。鼓励和支持农户销售农产品时开具承诺达标合格证。法律、行政法规对畜禽产品的质量安全合格证明有特别规定的,应当遵守其规定。

39-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۆلچەمگە يېتىشكە ماقۇللۇق گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك، ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى ۋە باشقا بىرىكمىلەرنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئىشلەتكەن ئادەتتىكى دېھقانچىلىق دورىسى، جۇڭيى دورىسى قالدۇقلىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىقلار. دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتقاندا ئۆلچەمگە يېتىشكە ۋەدە بېرىش لاياقەت گۇۋاھنامىسى بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى لاياقەتلىك ئىسپاتىغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

从事农产品收购的单位或者个人应当按照规定收取、保存承诺达标合格证或者其他质量安全合格证明,对其收购的农产品进行混装或者分装后销售的,应当按照规定开具承诺达标合格证。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئۆلچەمگە يېتىشكە ۋەدە بېرىش لاياقەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا سۈپەت بىخەتەرلىكى لاياقەتلىك ئىسپاتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىشى، ساقلىشى، سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلىشى ياكى بۆلۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن سېتىشى، بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەمگە يېتىشكە ماقۇللۇق گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.

农产品批发市场应当建立健全农产品承诺达标合格证查验等制度。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋەدىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

县级以上人民政府农业农村主管部门应当做好承诺达标合格证有关工作的指导服务,加强日常监督检查。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ماقۇللۇق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

农产品质量安全承诺达标合格证管理办法由国务院农业农村主管部门会同国务院有关部门制定。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەدىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

第四十条 农产品生产经营者通过网络平台销售农产品的,应当依照本法和《中华人民共和国电子商务法》、《中华人民共和国食品安全法》等法律、法规的规定,严格落实质量安全责任,保证其销售的农产品符合质量安全标准。网络平台经营者应当依法加强对农产品生产经营者的管理。

40-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلار تور سۇپىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا، مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، سۈپەت بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىقىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تور سۇپىسى تىجارەتچىلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

第四十一条 国家对列入农产品质量安全追溯目录的农产品实施追溯管理。国务院农业农村主管部门应当会同国务院市场监督管理等部门建立农产品质量安全追溯协作机制。农产品质量安全追溯管理办法和追溯目录由国务院农业农村主管部门会同国务院市场监督管理等部门制定。

41-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە سۈرۈشتۈرۈش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

国家鼓励具备信息化条件的农产品生产经营者采用现代信息技术手段采集、留存生产记录、购销记录等生产经营信息。

دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى، سېتىۋېلىش-سېتىش خاتىرىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى، ساقلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第四十二条 农产品质量符合国家规定的有关优质农产品标准的,农产品生产经营者可以申请使用农产品质量标志。禁止冒用农产品质量标志。

42-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بەلگىلىرىنى ساختا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

国家加强地理标志农产品保护和管理。

دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

第四十三条 属于农业转基因生物的农产品,应当按照农业转基因生物安全管理的有关规定进行标识。

43-ماددا يېزا ئىگىلىكىدە گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلارغا تەۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يېزا ئىگىلىكىدىكى گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بەلگە سېلىش كېرەك.

第四十四条 依法需要实施检疫的动植物及其产品,应当附具检疫标志、检疫证明。

44-ماددا قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا كارانتىن بەلگىسى، كارانتىن ئىسپاتى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك.

第六章 监督管理

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第四十五条 县级以上人民政府农业农村主管部门和市场监督管理等部门应当建立健全农产品质量安全全程监督管理协作机制,确保农产品从生产到消费各环节的质量安全。

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ۋە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىستېمال ھالقىسىغىچە بولغان سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

县级以上人民政府农业农村主管部门和市场监督管理部门应当加强收购、储存、运输过程中农产品质量安全监督管理的协调配合和执法衔接,及时通报和共享农产品质量安全监督管理信息,并按照职责权限,发布有关农产品质量安全日常监督管理信息。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ۋە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش جەريانىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىكلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشى ھەمدە مەسئۇلىيىتى ھوقۇق چېكى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

第四十六条 县级以上人民政府农业农村主管部门应当根据农产品质量安全风险监测、风险评估结果和农产品质量安全状况等,制定监督抽查计划,确定农产品质量安全监督抽查的重点、方式和频次,并实施农产品质量安全风险分级管理。

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش نەتىجىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى ۋە قېتىم سانىنى بېكىتىشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىكلىكى خەۋپ-خەتىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

第四十七条 县级以上人民政府农业农村主管部门应当建立健全随机抽查机制,按照监督抽查计划,组织开展农产品质量安全监督抽查。

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

农产品质量安全监督抽查检测应当委托符合本法规定条件的农产品质量安全检测机构进行。监督抽查不得向被抽查人收取费用,抽取的样品应当按照市场价格支付费用,并不得超过国务院农业农村主管部门规定的数量。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە ئارىلاپ تەكشۈرۈلگۈچىدىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ، ئېلىنغان ئەۋرىشكىگە بازار باھاسى بويىچە ھەق بېرىش كېرەك ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ساندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

上级农业农村主管部门监督抽查的同批次农产品,下级农业农村主管部门不得另行重复抽查。

يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن ئوخشاش تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى – يېزا مەسئۇل تارمىقى ئايرىم تەكرار ئارىلاپ تەكشۈرسە بولمايدۇ.

第四十八条 农产品质量安全检测应当充分利用现有的符合条件的检测机构。

48-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە ھازىر بار بولغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

从事农产品质量安全检测的机构,应当具备相应的检测条件和能力,由省级以上人民政府农业农村主管部门或者其授权的部门考核合格。具体办法由国务院农业农村主管部门制定。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مۇناسىپ تەكشۈرۈش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

农产品质量安全检测机构应当依法经资质认定。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە سالاھىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك.

第四十九条 从事农产品质量安全检测工作的人员,应当具备相应的专业知识和实际操作技能,遵纪守法,恪守职业道德。

49-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتىنى ھازىرلىشى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

农产品质量安全检测机构对出具的检测报告负责。检测报告应当客观公正,检测数据应当真实可靠,禁止出具虚假检测报告。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى چىقىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا مەسئۇل بولىدۇ. تەكشۈرۈش دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشى، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك، ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第五十条 县级以上地方人民政府农业农村主管部门可以采用国务院农业农村主管部门会同国务院市场监督管理等部门认定的快速检测方法,开展农产品质量安全监督抽查检测。抽查检测结果确定有关农产品不符合农产品质量安全标准的,可以作为行政处罚的证据。

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەن تېز تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بېكىتىلگەنلەر مەمۇرىي جازالاشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى قىلىنسا بولىدۇ.

第五十一条 农产品生产经营者对监督抽查检测结果有异议的,可以自收到检测结果之日起五个工作日内,向实施农产品质量安全监督抽查的农业农村主管部门或者其上一级农业农村主管部门申请复检。复检机构与初检机构不得为同一机构。

51-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەرنىڭ نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا ئىگىلىكى-كەنت مەسئۇل تارمىقىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىر ئاپپارات بولسا بولمايدۇ.

采用快速检测方法进行农产品质量安全监督抽查检测,被抽查人对检测结果有异议的,可以自收到检测结果时起四小时内申请复检。复检不得采用快速检测方法。

تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەت قىلىنىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپ تۆت سائەت ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈشتە تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

复检机构应当自收到复检样品之日起七个工作日内出具检测报告。

قايتا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرۈلگەن ئەۋرىشكىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

因检测结果错误给当事人造成损害的,依法承担赔偿责任。

تەكشۈرۈش نەتىجىسى خاتا بولغانلىقتىن ئالاقىدارلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五十二条 县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当加强对农产品生产的监督管理,开展日常检查,重点检查农产品产地环境、农业投入品购买和使用、农产品生产记录、承诺达标合格证开具等情况。

52-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ مۇھىتى، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى، ئۆلچەمگە يېتىشكە ۋەدە بېرىش لاياقەت گۇۋاھنامىسى بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

国家鼓励和支持基层群众性自治组织建立农产品质量安全信息员工作制度,协助开展有关工作。

دۆلەت ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۇچۇرچىلىرى خىزمىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.

第五十三条 开展农产品质量安全监督检查,有权采取下列措施:

53-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)进入生产经营场所进行现场检查,调查了解农产品质量安全的有关情况;

( 1 ) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنىغا كىرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەش؛

(二)查阅、复制农产品生产记录、购销台账等与农产品质量安全有关的资料;

( 2 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى، سېتىۋېلىش-سېتىش ھېسابات دەپتىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛

(三)抽样检测生产经营的农产品和使用的农业投入品以及其他有关产品;

( 3 ) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىشلىتىۋاتقان يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش؛

(四)查封、扣押有证据证明存在农产品质量安全隐患或者经检测不符合农产品质量安全标准的农产品;

( 4 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى ياكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا؛

(五)查封、扣押有证据证明可能危及农产品质量安全或者经检测不符合产品质量标准的农业投入品以及其他有毒有害物质;

( 5 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلىقى ياكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، شۇنىڭدەك باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار؛

(六)查封、扣押用于违法生产经营农产品的设施、设备、场所以及运输工具;

( 6 ) قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سورۇن، شۇنىڭدەك تىرانسپورت قوراللىرىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(七)收缴伪造的农产品质量标志。

( 7 ) ساختا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بەلگىسىنى يىغىۋېلىش.

农产品生产经营者应当协助、配合农产品质量安全监督检查,不得拒绝、阻挠。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第五十四条 县级以上人民政府农业农村等部门应当加强农产品质量安全信用体系建设,建立农产品生产经营者信用记录,记载行政处罚等信息,推进农产品质量安全信用信息的应用和管理。

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى تۇرغۇزۇپ، مەمۇرىي جازا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇشنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

第五十五条 农产品生产经营过程中存在质量安全隐患,未及时采取措施消除的,县级以上地方人民政府农业农村主管部门可以对农产品生产经营者的法定代表人或者主要负责人进行责任约谈。农产品生产经营者应当立即采取措施,进行整改,消除隐患。

55-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلىنىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن جاۋابكار بولۇپ كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشسە بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەر دەرھال تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.

第五十六条 国家鼓励消费者协会和其他单位或者个人对农产品质量安全进行社会监督,对农产品质量安全监督管理工作提出意见和建议。任何单位和个人有权对违反本法的行为进行检举控告、投诉举报。

56-ماددا دۆلەت ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى جەمئىيەت نازارەت قىلىشىغا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش-شىكايەت قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

县级以上人民政府农业农村主管部门应当建立农产品质量安全投诉举报制度,公开投诉举报渠道,收到投诉举报后,应当及时处理。对不属于本部门职责的,应当移交有权处理的部门并书面通知投诉举报人。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر ئەرز قىلىش-پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەرز قىلىش-مەلۇم قىلىش يوللىرىنى ئاشكارىلىشى، ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شۇ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تەۋە بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماققا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

第五十七条 县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当加强对农产品质量安全执法人员的专业技术培训并组织考核。不具备相应知识和能力的,不得从事农产品质量安全执法工作。

57-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك. مۇناسىپ بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第五十八条 上级人民政府应当督促下级人民政府履行农产品质量安全职责。对农产品质量安全责任落实不力、问题突出的地方人民政府,上级人民政府可以对其主要负责人进行责任约谈。被约谈的地方人民政府应当立即采取整改措施。

58-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، مەسىلە گەۋدىلىك بولغان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلەشسە بولىدۇ. كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

第五十九条 国务院农业农村主管部门应当会同国务院有关部门制定国家农产品质量安全突发事件应急预案,并与国家食品安全事故应急预案相衔接。

59-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.

县级以上地方人民政府应当根据有关法律、行政法规的规定和上级人民政府的农产品质量安全突发事件应急预案,制定本行政区域的农产品质量安全突发事件应急预案。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

发生农产品质量安全事故时,有关单位和个人应当采取控制措施,及时向所在地乡镇人民政府和县级人民政府农业农村等部门报告;收到报告的机关应当按照农产品质量安全突发事件应急预案及时处理并报本级人民政府、上级人民政府有关部门。发生重大农产品质量安全事故时,按照规定上报国务院及其有关部门。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا يوللىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا يوللاش لازىم.

任何单位和个人不得隐瞒、谎报、缓报农产品质量安全事故,不得隐匿、伪造、毁灭有关证据。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تىقىۋېلىشىغا، ياسىۋېلىشىغا، يوقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第六十条 县级以上地方人民政府市场监督管理部门依照本法和《中华人民共和国食品安全法》等法律、法规的规定,对农产品进入批发、零售市场或者生产加工企业后的生产经营活动进行监督检查。

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، پارچە سېتىش بازىرىغا ياكى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.

第六十一条 县级以上人民政府农业农村、市场监督管理等部门发现农产品质量安全违法行为涉嫌犯罪的,应当及时将案件移送公安机关。对移送的案件,公安机关应当及时审查;认为有犯罪事实需要追究刑事责任的,应当立案侦查。

61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ جىنايەتكە چېتىلغانلىقىنى بايقىسا، دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك؛ جىنايەت پاكىتىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىغانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك.

公安机关对依法不需要追究刑事责任但应当给予行政处罚的,应当及时将案件移送农业农村、市场监督管理等部门,有关部门应当依法处理。

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتمىسىمۇ بولىدىغان، لېكىن مەمۇرىي جازا بېرىدىغان بولسا، دېلونى يېزا ئىگىلىكى-يېزا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

公安机关商请农业农村、市场监督管理、生态环境等部门提供检验结论、认定意见以及对涉案农产品进行无害化处理等协助的,有关部门应当及时提供、予以协助。

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق تارماقلارنى تەكشۈرۈش يەكۈنى، بېكىتىش پىكرى بېرىش، شۇنىڭدەك دېلوغا چېتىشلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بېرىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六十二条 违反本法规定,地方各级人民政府有下列情形之一的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予警告、记过、记大过处分;造成严重后果的,给予降级或者撤职处分:

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ :

(一)未确定有关部门的农产品质量安全监督管理工作职责,未建立健全农产品质量安全工作机制,或者未落实农产品质量安全监督管理责任;

( 1 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى بېكىتمىگەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورناتمىغان، مۇكەممەللەشتۈرمىگەن ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛

(二)未制定本行政区域的农产品质量安全突发事件应急预案,或者发生农产品质量安全事故后未按照规定启动应急预案。

( 2 ) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى تاسادىپىي ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزمىگەن ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزمىگەنلەر.

第六十三条 违反本法规定,县级以上人民政府农业农村等部门有下列行为之一的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予记大过处分;情节较重的,给予降级或者撤职处分;情节严重的,给予开除处分;造成严重后果的,其主要负责人还应当引咎辞职:

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئەيىبنى بوينىغا ئېلىپ ئىستېپا بېرىشى كېرەك :

(一)隐瞒、谎报、缓报农产品质量安全事故或者隐匿、伪造、毁灭有关证据;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تىقىۋالغان، ياسىۋالغان، يوقىتىۋەتكەنلەر؛

(二)未按照规定查处农产品质量安全事故,或者接到农产品质量安全事故报告未及时处理,造成事故扩大或者蔓延;

( 2 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ياكى يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

(三)发现农产品质量安全重大风险隐患后,未及时采取相应措施,造成农产品质量安全事故或者不良社会影响;

( 3 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر زور خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا مۇناسىپ تەدبىر قوللانماي، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى ياكى جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىش؛

(四)不履行农产品质量安全监督管理职责,导致发生农产品质量安全事故。

( 4 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار.

第六十四条 县级以上地方人民政府农业农村、市场监督管理等部门在履行农产品质量安全监督管理职责过程中,违法实施检查、强制等执法措施,给农产品生产经营者造成损失的,应当依法予以赔偿,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

64-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈش، مەجبۇرلاش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىلەرگە زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第六十五条 农产品质量安全检测机构、检测人员出具虚假检测报告的,由县级以上人民政府农业农村主管部门没收所收取的检测费用,检测费用不足一万元的,并处五万元以上十万元以下罚款,检测费用一万元以上的,并处检测费用五倍以上十倍以下罚款;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员处一万元以上五万元以下罚款;使消费者的合法权益受到损害的,农产品质量安全检测机构应当与农产品生产经营者承担连带责任。

65-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقارغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئالغان تەكشۈرۈش ھەققىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، تەكشۈرۈش ھەققى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تەكشۈرۈش ھەققى 1 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە تەكشۈرۈش ھەققى بەش ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

因农产品质量安全违法行为受到刑事处罚或者因出具虚假检测报告导致发生重大农产品质量安全事故的检测人员,终身不得从事农产品质量安全检测工作。农产品质量安全检测机构不得聘用上述人员。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغان ياكى ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا ئېغىر، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈزبەرگەن تەكشۈرۈش خادىملىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن ئۆمۈر بويى شۇغۇللانسا بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يۇقىرىقى خادىملارنى تەكلىپ قىلسا بولمايدۇ.

农产品质量安全检测机构有前两款违法行为的,由授予其资质的主管部门或者机构吊销该农产品质量安全检测机构的资质证书。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بەرگەن مەسئۇل تارماق ياكى ئاپپارات شۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

第六十六条 违反本法规定,在特定农产品禁止生产区域种植、养殖、捕捞、采集特定农产品或者建立特定农产品生产基地的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止违法行为,没收农产品和违法所得,并处违法所得一倍以上三倍以下罚款。

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان رايوندا تېرىش، بېقىش، تۇتۇش، يىغىش ياكى مۇئەييەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

违反法律、法规规定,向农产品产地排放或者倾倒废水、废气、固体废物或者其他有毒有害物质的,依照有关环境保护法律、法规的规定处理、处罚;造成损害的,依法承担赔偿责任。

قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جايغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇق ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى چىقارغان ياكى تۆككەنلەر مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازا بېرىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六十七条 农药、肥料、农用薄膜等农业投入品的生产者、经营者、使用者未按照规定回收并妥善处置包装物或者废弃物的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门依照有关法律、法规的规定处理、处罚。

67-ماددا دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت، يېزا ئىگىلىك سولياۋ يوپۇقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، باشقۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇ ياكى تاشلاندۇقلارنى بەلگىلىمە بويىچە يىغىۋالمىسا ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە جازا بېرىدۇ.

第六十八条 违反本法规定,农产品生产企业有下列情形之一的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令限期改正;逾期不改正的,处五千元以上五万元以下罚款:

68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

(一)未建立农产品质量安全管理制度;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلار؛

(二)未配备相应的农产品质量安全管理技术人员,且未委托具有专业技术知识的人员进行农产品质量安全指导。

( 2 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىپ تېخنىك خادىم سەپلىمىگەن، ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرى بار خادىملارغا ھاۋالە قىلمىغان بولۇش.

第六十九条 农产品生产企业、农民专业合作社、农业社会化服务组织未依照本法规定建立、保存农产品生产记录,或者伪造、变造农产品生产记录的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令限期改正;逾期不改正的,处二千元以上二万元以下罚款。

69-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇرغۇزمىغان، ساقلىمىغانلىرى ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第七十条 违反本法规定,农产品生产经营者有下列行为之一,尚不构成犯罪的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止生产经营、追回已经销售的农产品,对违法生产经营的农产品进行无害化处理或者予以监督销毁,没收违法所得,并可以没收用于违法生产经营的工具、设备、原料等物品;违法生产经营的农产品货值金额不足一万元的,并处十万元以上十五万元以下罚款,货值金额一万元以上的,并处货值金额十五倍以上三十倍以下罚款;对农户,并处一千元以上一万元以下罚款;情节严重的,有许可证的吊销许可证,并可以由公安机关对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员处五日以上十五日以下拘留:

70-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى توختىتىشقا، سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن قورال، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ مال قىممىتى سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مال قىممىتى سوممىسى 1 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە مال قىممىتى سوممىسىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دېھقان ئائىلىلىرىگە قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسى بولسا، ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ :

(一)在农产品生产经营过程中使用国家禁止使用的农业投入品或者其他有毒有害物质;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش جەريانىدا دۆلەت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرى ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلىتىش؛

(二)销售含有国家禁止使用的农药、兽药或者其他化合物的农产品;

( 2 ) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى ياكى باشقا بىرىكمىلەر بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش؛

(三)销售病死、毒死或者死因不明的动物及其产品。

( 3 ) كېسەل بىلەن ئۆلۈش، زەھەر بىلەن ئۆلۈش ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋاناتلار ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش.

明知农产品生产经营者从事前款规定的违法行为,仍为其提供生产经营场所或者其他条件的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止违法行为,没收违法所得,并处十万元以上二十万元以下罚款;使消费者的合法权益受到损害的,应当与农产品生产经营者承担连带责任。

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت سورۇنى ياكى باشقا شەرتلەرنى بېرىۋەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七十一条 违反本法规定,农产品生产经营者有下列行为之一,尚不构成犯罪的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止生产经营、追回已经销售的农产品,对违法生产经营的农产品进行无害化处理或者予以监督销毁,没收违法所得,并可以没收用于违法生产经营的工具、设备、原料等物品;违法生产经营的农产品货值金额不足一万元的,并处五万元以上十万元以下罚款,货值金额一万元以上的,并处货值金额十倍以上二十倍以下罚款;对农户,并处五百元以上五千元以下罚款:

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى توختىتىشقا، سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن قورال، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ مال قىممىتى سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مال قىممىتى سوممىسى 1 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە مال قىممىتى سوممىسىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دېھقان ئائىلىلىرىگە قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

(一)销售农药、兽药等化学物质残留或者含有的重金属等有毒有害物质不符合农产品质量安全标准的农产品;

( 1 ) دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددا قالدۇقى ياكى تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى سېتىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى؛

(二)销售含有的致病性寄生虫、微生物或者生物毒素不符合农产品质量安全标准的农产品;

( 2 ) ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەللىك پەيدا قىلىش خاراكتېرلىك پارازىت قۇرت، مىكرو ئورگانىزم ياكى بىيوتوكسىندىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش؛

(三)销售其他不符合农产品质量安全标准的农产品。

( 3 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش.

第七十二条 违反本法规定,农产品生产经营者有下列行为之一的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止生产经营、追回已经销售的农产品,对违法生产经营的农产品进行无害化处理或者予以监督销毁,没收违法所得,并可以没收用于违法生产经营的工具、设备、原料等物品;违法生产经营的农产品货值金额不足一万元的,并处五千元以上五万元以下罚款,货值金额一万元以上的,并处货值金额五倍以上十倍以下罚款;对农户,并处三百元以上三千元以下罚款:

72-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى توختىتىشقا، سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن قورال، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ مال قىممىتى سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مال قىممىتى سوممىسى 1 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە مال قىممىتى سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دېھقان ئائىلىلىرىگە قوشۇمچە 300 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

(一)在农产品生产场所以及生产活动中使用的设施、设备、消毒剂、洗涤剂等不符合国家有关质量安全规定;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سورۇنى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش، پائالىيەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، دېزىنفېكسىيە دورىسى، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛

(二)未按照国家有关强制性标准或者其他农产品质量安全规定使用保鲜剂、防腐剂、添加剂、包装材料等,或者使用的保鲜剂、防腐剂、添加剂、包装材料等不符合国家有关强制性标准或者其他质量安全规定;

( 2 ) يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، خۇرۇچ، ئورۇ ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش ئۆلچىمى ياكى باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىشلەتمىگەن ياكى ئىشلەتكەن يېڭى پېتى ساقلاش دورىلىرى، چىرىشتىن ساقلىنىش دورىلىرى، خۇرۇچلار، ئورۇ ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىگە ياكى باشقا سۈپەت بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛

(三)将农产品与有毒有害物质一同储存、运输。

( 3 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بىلەن بىللە ساقلاش، توشۇش.

第七十三条 违反本法规定,有下列行为之一的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门按照职责给予批评教育,责令限期改正;逾期不改正的,处一百元以上一千元以下罚款:

73-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 100 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

(一)农产品生产企业、农民专业合作社、从事农产品收购的单位或者个人未按照规定开具承诺达标合格证;

( 1 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئورۇن ياكى شەخس بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەت گۇۋاھنامىسى كېسىپ بەرمىگەن بولسا؛

(二)从事农产品收购的单位或者个人未按照规定收取、保存承诺达标合格证或者其他合格证明。

( 2 ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالىدىغان ئورۇن ياكى شەخس ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا لاياقەتلىك ئىسپاتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالمىغان، ساقلىمىغان بولسا.

第七十四条 农产品生产经营者冒用农产品质量标志,或者销售冒用农产品质量标志的农产品的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门按照职责责令改正,没收违法所得;违法生产经营的农产品货值金额不足五千元的,并处五千元以上五万元以下罚款,货值金额五千元以上的,并处货值金额十倍以上二十倍以下罚款。

74-ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بەلگىسىنى ساختا ئىشلىتىۋالغان ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بەلگىسىنى ساختا ئىشلەتكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال قىممىتى سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مال قىممىتى سوممىسى 5 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە مال قىممىتى سوممىسىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第七十五条 违反本法关于农产品质量安全追溯规定的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门按照职责责令限期改正;逾期不改正的,可以处一万元以下罚款。

75-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

第七十六条 违反本法规定,拒绝、阻挠依法开展的农产品质量安全监督检查、事故调查处理、抽样检测和风险评估的,由有关主管部门按照职责责令停产停业,并处二千元以上五万元以下罚款;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚。

76-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

第七十七条 《中华人民共和国食品安全法》对食用农产品进入批发、零售市场或者生产加工企业后的违法行为和法律责任有规定的,由县级以上地方人民政府市场监督管理部门依照其规定进行处罚。

77-ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، پارچە سېتىش بازارلىرى ياكى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىغا كىرگەندىن كېيىنكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

第七十八条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

78-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十九条 违反本法规定,给消费者造成人身、财产或者其他损害的,依法承担民事赔偿责任。生产经营者财产不足以同时承担民事赔偿责任和缴纳罚款、罚金时,先承担民事赔偿责任。

79-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا جىسمانىي، مال-مۈلۈك ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن باشقۇرغۇچىنىڭ مال-مۈلكى بىرلا ۋاقىتتا ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە جەرىمانە، جەرىمانە تۆلەشكە يەتمىسە، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

食用农产品生产经营者违反本法规定,污染环境、侵害众多消费者合法权益,损害社会公共利益的,人民检察院可以依照《中华人民共和国民事诉讼法》、《中华人民共和国行政诉讼法》等法律的规定向人民法院提起诉讼。

يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغىغان، نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第八十条 粮食收购、储存、运输环节的质量安全管理,依照有关粮食管理的法律、行政法规执行。

80-ماددا ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش ھالقىسىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاشلىق باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第八十一条 本法自2023年1月1日起施行。

81-ماددا بۇ قانۇن 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.