第七十条 违反本法规定,农产品生产经营者有下列行为之一,尚不构成犯罪的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止生产经营、追回已经销售的农产品,对违法生产经营的农产品进行无害化处理或者予以监督销毁,没收违法所得,并可以没收用于违法生产经营的工具、设备、原料等物品;违法生产经营的农产品货值金额不足一万元的,并处十万元以上十五万元以下罚款,货值金额一万元以上的,并处货值金额十五倍以上三十倍以下罚款;对农户,并处一千元以上一万元以下罚款;情节严重的,有许可证的吊销许可证,并可以由公安机关对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员处五日以上十五日以下拘留:
70-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى توختىتىشقا، سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ،
ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن قورال، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا قاتارلىق بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ مال قىممىتى سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مال قىممىتى سوممىسى 1 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قوشۇمچە مال قىممىتى سوممىسىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
دېھقان ئائىلىلىرىگە قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسى بولسا، ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ :