(2009年2月28日第十一届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2009-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2009年2月28日第十一届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2009-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
一、将刑法第一百五十一条第三款修改为:“走私珍稀植物及其制品等国家禁止进出口的其他货物、物品的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;情节严重的,处五年以上有期徒刑,并处罚金。”
1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 151-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار قاتارلىق دۆلەت ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان باشقا مال، بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
二、将刑法第一百八十条第一款修改为:“证券、期货交易内幕信息的知情人员或者非法获取证券、期货交易内幕信息的人员,在涉及证券的发行,证券、期货交易或者其他对证券、期货交易价格有重大影响的信息尚未公开前,买入或者卖出该证券,或者从事与该内幕信息有关的期货交易,或者泄露该信息,或者明示、暗示他人从事上述交易活动,情节严重的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处违法所得一倍以上五倍以下罚金;情节特别严重的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处违法所得一倍以上五倍以下罚金。”
2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 180-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرىدىن خەۋەردار خادىملار ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشكۈچىلەر ئاكسىيەگە چېتىلىدىغان تارقىتىش، ئاكسىيە، قەرەللىك پۇل سودىسى ياكى ئاكسىيە، زاكاز پۇل سودىسى باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاكسىيەنى سېتىۋالغان ياكى ساتقان ياكى ئىچكى ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك زاكاز مال سودىسى قىلغان ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى باشقىلارغا يۇقىرىقى سودا ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق، يوشۇرۇن بىلدۈرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
增加一款作为第四款:“证券交易所、期货交易所、证券公司、期货经纪公司、基金管理公司、商业银行、保险公司等金融机构的从业人员以及有关监管部门或者行业协会的工作人员,利用因职务便利获取的内幕信息以外的其他未公开的信息,违反规定,从事与该信息相关的证券、期货交易活动,或者明示、暗示他人从事相关交易活动,情节严重的,依照第一款的规定处罚。”
بىر نۇسخا كۆپەيتىلىدۇ، 4-نۇسخا قىلىنىدۇ:«ئاكسىيە بېرژىسى، زاكاز مال بېرژاسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، فوند باشقۇرۇش شىركىتى، سودا بانكىسى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى ھەمدە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن ئىچكى ئۇچۇردىن باشقا ئاشكارىلانمىغان باشقا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئاكسىيە، زاكاز مال سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن، ئىشارەت بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
三、将刑法第二百零一条修改为:“纳税人采取欺骗、隐瞒手段进行虚假纳税申报或者不申报,逃避缴纳税款数额较大并且占应纳税额百分之十以上的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;数额巨大并且占应纳税额百分之三十以上的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。
3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 201-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدامچىلىق قىلىش، يوشۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ساختا باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلغانلىرىغا ياكى مەلۇم قىلمىغانلىرىغا تاپشۇرىدىغان باج سوممىسى بىرقەدەر كۆپ ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ % 10 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ % 30 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
“扣缴义务人采取前款所列手段,不缴或者少缴已扣、已收税款,数额较大的,依照前款的规定处罚。
«تۇتۇپ قالغۇچى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان، ئالغان بولسا، سوممىسى كۆپرەك بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
“对多次实施前两款行为,未经处理的,按照累计数额计算。
«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى ھەرىكەتنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغانلاردىن بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى جەمئىي سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
“有第一款行为,经税务机关依法下达追缴通知后,补缴应纳税款,缴纳滞纳金,已受行政处罚的,不予追究刑事责任;但是,五年内因逃避缴纳税款受过刑事处罚或者被税务机关给予二次以上行政处罚的除外。”
«1-تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، باج ئورگىنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەندىن كېيىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تاپشۇرغان، مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ؛ لېكىن، بەش يىل ئىچىدە باج تاپشۇرۇشتىن قېچىپ جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى باج ئورگىنى تەرىپىدىن 2 قېتىمدىن يۇقىرى مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. »
四、在刑法第二百二十四条后增加一条,作为第二百二十四条之一:“组织、领导以推销商品、提供服务等经营活动为名,要求参加者以缴纳费用或者购买商品、服务等方式获得加入资格,并按照一定顺序组成层级,直接或者间接以发展人员的数量作为计酬或者返利依据,引诱、胁迫参加者继续发展他人参加,骗取财物,扰乱经济社会秩序的传销活动的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节严重的,处五年以上有期徒刑,并处罚金。”
4.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 224-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلدى، بۇ 224-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«تەشكىلات، رەھبەرلەر تاۋار سېتىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىنى باھانە قىلىپ، قاتناشقۇچىلاردىن ھەق تاپشۇرۇش ياكى تاۋار، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ھەمدە بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە قاتلام-دەرىجە تەشكىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلارنىڭ سانىنى ھەق ھېسابلاش ياكى پايدا قايتۇرۇش ئاساسى قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنى باشقىلارنى داۋاملىق قاتنىشىشقا ئازدۇرغان، مەجبۇرلىغانلارغا، پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
五、将刑法第二百二十五条第三项修改为:“未经国家有关主管部门批准非法经营证券、期货、保险业务的,或者非法从事资金支付结算业务的;”
5.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 225-ماددىسىنىڭ 3-تارماقچىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاكسىيە، زاكاز مال، سۇغۇرتا كەسپى بىلەن قانۇنسىز تىجارەت قىلغانلار ياكى مەبلەغ چىقىمى راسچوت كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلار؛ »
六、将刑法第二百三十九条修改为:“以勒索财物为目的绑架他人的,或者绑架他人作为人质的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产;情节较轻的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。
6.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 239-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«پۇل-مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى تۇتقۇن قىلغانلارغا ياكى باشقىلارنى تۇتقۇن قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
“犯前款罪,致使被绑架人死亡或者杀害被绑架人的,处死刑,并处没收财产。
«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
“以勒索财物为目的偷盗婴幼儿的,依照前两款的规定处罚。”
«مال-مۈلۈكنى قاقتى-سوقتى قىلىش مەقسىتىدە بوۋاقلار، بالىلارنى ئوغرىلىغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
七、在刑法第二百五十三条后增加一条,作为第二百五十三条之一:“国家机关或者金融、电信、交通、教育、医疗等单位的工作人员,违反国家规定,将本单位在履行职责或者提供服务过程中获得的公民个人信息,出售或者非法提供给他人,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金。
7.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 253-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 253-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«دۆلەت ئورگىنى ياكى پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، قاتناش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى، باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن ياكى قانۇنسىز بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
“窃取或者以其他方法非法获取上述信息,情节严重的,依照前款的规定处罚。
«يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئوغرىلىغان ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن قانۇنسىز ئېرىشكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
“单位犯前两款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照各该款的规定处罚。”
«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »
八、在刑法第二百六十二条之一后增加一条,作为第二百六十二条之二:“组织未成年人进行盗窃、诈骗、抢夺、敲诈勒索等违反治安管理活动的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”
8.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 262-ماددىلىرىنىڭ بىرىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 262-ماددىسىنىڭ 2-ماددىسى قىلىندى:«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، بۇلاش، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
九、在刑法第二百八十五条中增加两款作为第二款、第三款:“违反国家规定,侵入前款规定以外的计算机信息系统或者采用其他技术手段,获取该计算机信息系统中存储、处理或者传输的数据,或者对该计算机信息系统实施非法控制,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。
9.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 285-ماددىسىدا ئىككى تارماق 2-، 3-تارمىقى قىلىپ كۆپەيتىلدى:«دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بېسىپ كىرىپ ياكى باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شۇ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ياكى يوللانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش، ياكى كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى قانۇنسىز تىزگىنلىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
“提供专门用于侵入、非法控制计算机信息系统的程序、工具,或者明知他人实施侵入、非法控制计算机信息系统的违法犯罪行为而为其提供程序、工具,情节严重的,依照前款的规定处罚。”
«كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش، قانۇنسىز كونترول قىلىشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تەرتىپ، قورال بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بېسىپ كىرىش، قانۇنسىز ئىدارە قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەرتىپ، قورال بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
十、在刑法第三百一十二条中增加一款作为第二款:“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”
10.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 312-ماددىسىغا 2-تارماق قىلىپ كۆپەيتىلدى:«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئورۇنلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
十一、将刑法第三百三十七条第一款修改为:“违反有关动植物防疫、检疫的国家规定,引起重大动植物疫情的,或者有引起重大动植物疫情危险,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金。”
11.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 337-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكتە ئېغىر يۇقۇم پەيدا قىلغانلارغا ياكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكدە ئېغىر يۇقۇم خەۋپى پەيدا قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
十二、将刑法第三百七十五条第二款修改为:“非法生产、买卖武装部队制式服装,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金。”
12.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 375-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«قوراللىق قىسىمدىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ-ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
增加一款作为第三款:“伪造、盗窃、买卖或者非法提供、使用武装部队车辆号牌等专用标志,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”
بىر نۇسخا كۆپەيتىلىپ 3-ماددا قىلىنىدۇ:«قوراللىق قىسىمنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق مەخسۇس بەلگىلەرنى ياسىغان، ئوغرىلىغان، ئېلىپ-ساتقان ياكى قانۇنسىز بەرگەن، ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
原第三款作为第四款,修改为:“单位犯第二款、第三款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照各该款的规定处罚。”
ئەسلىدىكى 3-تارمىقى 4-تارمىقى سۈپىتىدە مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:«ئىدارە 2-، 3-تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »
十三、在刑法第三百八十八条后增加一条作为第三百八十八条之一:“国家工作人员的近亲属或者其他与该国家工作人员关系密切的人,通过该国家工作人员职务上的行为,或者利用该国家工作人员职权或者地位形成的便利条件,通过其他国家工作人员职务上的行为,为请托人谋取不正当利益,索取请托人财物或者收受请托人财物,数额较大或者有其他较重情节的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;数额巨大或者有其他严重情节的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金;数额特别巨大或者有其他特别严重情节的,处七年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产。
13.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 388-ماددىسىدىن كېيىن 388-ماددىسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بىر ماددا كۆپەيتىلىدۇ:«دۆلەت خادىملىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى شۇ دۆلەت خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق باشقا كىشىلەر شۇ دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ياكى شۇ دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ شەكىللەندۈرگەن قولايلىق شارائىت ئارقىلىق، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قىلمىشى ئارقىلىق، ھاۋالە قىلغۇچىغا نامۇۋاپىق نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھاۋالە قىلغۇچىدىن پۇل-مال سورىغان ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ پۇل-مېلىنى قوبۇل قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
“离职的国家工作人员或者其近亲属以及其他与其关系密切的人,利用该离职的国家工作人员原职权或者地位形成的便利条件实施前款行为的,依照前款的规定定罪处罚。”
«خىزمىتىدىن ئايرىلغان دۆلەت خادىملىرى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق باشقا كىشىلەر خىزمەتتىن ئايرىلغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى تارماقتىكى ھەرىكەتنى سادىر قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »
十四、将刑法第三百九十五条第一款修改为:“国家工作人员的财产、支出明显超过合法收入,差额巨大的,可以责令该国家工作人员说明来源,不能说明来源的,差额部分以非法所得论,处五年以下有期徒刑或者拘役;差额特别巨大的,处五年以上十年以下有期徒刑。财产的差额部分予以追缴。”
14.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 395-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەت خادىملىرىنىڭ مال-مۈلكى، چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان، پەرق ناھايىتى زور بولسا، شۇ دۆلەت خادىملىرىنى كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا بۇيرۇشقا بولىدۇ، كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە بولمىسا، كەم قالغان قىسمىغا قانۇنسىز تاپاۋەت دەپ باھا بېرىلىپ، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەرق پەۋقۇلئاددە زور بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مال-مۈلۈكنىڭ كەم قالغان قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. »
十五、本修正案自公布之日起施行。
15.بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.