中华人民共和国刑法修正案五

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 5 )

(2005年2月28日第十届全国人民代表大会常务委员会第十四次会议通过)

( 2005-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

一、在刑法第一百七十七条后增加一条,作为第一百七十七条之一:“有下列情形之一,妨害信用卡管理的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处一万元以上十万元以下罚金;数量巨大或者有其他严重情节的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处二万元以上二十万元以下罚金:

1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 177-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 177-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، كىرېدىت كارتىسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سانى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)明知是伪造的信用卡而持有、运输的,或者明知是伪造的空白信用卡而持有、运输,数量较大的;

«( 1 ) ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان، توشۇغانلار ياكى ساختا قۇرۇق ئىناۋەتلىك كارتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قولىدا تۇتقان، توشۇغانلىرى، سانى بىرقەدەر كۆپ بولغانلار؛

“(二)非法持有他人信用卡,数量较大的;

«( 2 ) باشقىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، سانى چوڭراق بولغانلار؛

“(三)使用虚假的身份证明骗领信用卡的;

«( 3 ) ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئىشلىتىپ كىرېدىت كارتىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

“(四)出售、购买、为他人提供伪造的信用卡或者以虚假的身份证明骗领的信用卡的。

«( 4 ) باشقىلارغا ساختا كىرېدىت كارتىسى ياكى ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان كىرېدىت كارتىسىنى ساتقان، سېتىۋالغان، بەرگەنلەر.

“窃取、收买或者非法提供他人信用卡信息资料的,依照前款规定处罚。

«باشقىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسى ئۇچۇر ماتېرىيالىنى ئوغرىلىغان، سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“银行或者其他金融机构的工作人员利用职务上的便利,犯第二款罪的,从重处罚。”

«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، 2-تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

二、将刑法第一百九十六条修改为:“有下列情形之一,进行信用卡诈骗活动,数额较大的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处二万元以上二十万元以下罚金;数额巨大或者有其他严重情节的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处五万元以上五十万元以下罚金;数额特别巨大或者有其他特别严重情节的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处五万元以上五十万元以下罚金或者没收财产:

2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 196-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، كىرېدىت كارتىسى ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :

“(一)使用伪造的信用卡,或者使用以虚假的身份证明骗领的信用卡的;

«( 1 ) ساختا كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەن ياكى ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەنلەر؛

“(二)使用作废的信用卡的;

«( 2 ) بىكار قىلىنغان كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەنلەر؛

“(三)冒用他人信用卡的;

«( 3 ) باشقىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسىدىن پايدىلىنىۋالغانلار؛

“(四)恶意透支的。

«4 ) يامان غەرەزدە ئونكول قىلغانلار.»

“前款所称恶意透支,是指持卡人以非法占有为目的,超过规定限额或者规定期限透支,并且经发卡银行催收后仍不归还的行为。

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يامان غەرەزدە ئونكول قىلىش كارتا ئىگىسىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بەلگىلەنگەن چەكتىن ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ ئونكول قىلغان ھەمدە كارتا تارقاتقان بانكا سۈيلەپ قايتۇرۇپمۇ قايتۇرمىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

“盗窃信用卡并使用的,依照本法第二百六十四条的规定定罪处罚。”

«كىرېدىت كارتىسىنى ئوغرىلىغان ھەمدە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

三、在刑法第三百六十九条中增加一款作为第二款,将该条修改为:“破坏武器装备、军事设施、军事通信的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制;破坏重要武器装备、军事设施、军事通信的,处三年以上十年以下有期徒刑;情节特别严重的,处十年以上有期徒刑、无期徒刑或者死刑。

3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 369-ماددىسىدا بىر تارماق كۆپەيتىلىپ 2-تارمىقى قىلىنىپ، بۇ ماددىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«قورال-جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي خەۋەرلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم قورال-جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي خەۋەرلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

“过失犯前款罪,造成严重后果的,处三年以下有期徒刑或者拘役;造成特别严重后果的,处三年以上七年以下有期徒刑。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

“战时犯前两款罪的,从重处罚。”

«ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

四、本修正案自公布之日起施行。

تۆتىنچى، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.