中华人民共和国刑法修正案六

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 6 )

(2006年6月29日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十二次会议通过)

( 2006-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

一、将刑法第一百三十四条修改为:“在生产、作业中违反有关安全管理的规定,因而发生重大伤亡事故或者造成其他严重后果的,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别恶劣的,处三年以上七年以下有期徒刑。

1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات جەريانىدا خەۋپسىزلىك باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر، زور تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

“强令他人违章冒险作业,因而发生重大伤亡事故或者造成其他严重后果的,处五年以下有期徒刑或者拘役;情节特别恶劣的,处五年以上有期徒刑。”

«باشقىلارنى قائىدىگە خىلاپ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

二、将刑法第一百三十五条修改为:“安全生产设施或者安全生产条件不符合国家规定,因而发生重大伤亡事故或者造成其他严重后果的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别恶劣的,处三年以上七年以下有期徒刑。”

2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 135-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

三、在刑法第一百三十五条后增加一条,作为第一百三十五条之一:“举办大型群众性活动违反安全管理规定,因而发生重大伤亡事故或者造成其他严重后果的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别恶劣的,处三年以上七年以下有期徒刑。”

3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 135-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 135-ماددىلارنىڭ بىرى قىلىندى:«چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

四、在刑法第一百三十九条后增加一条,作为第一百三十九条之一:“在安全事故发生后,负有报告职责的人员不报或者谎报事故情况,贻误事故抢救,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑。”

4.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 139-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر ھادىسە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلماي ياكى يالغان مەلۇم قىلىپ، ھادىسىنى قۇتقۇزۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

五、将刑法第一百六十一条修改为:“依法负有信息披露义务的公司、企业向股东和社会公众提供虚假的或者隐瞒重要事实的财务会计报告,或者对依法应当披露的其他重要信息不按照规定披露,严重损害股东或者其他人利益,或者有其他严重情节的,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处二万元以上二十万元以下罚金。”

5.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1611-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«قانۇن بويىچە ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بار شىركەت، كارخانىلار پايچىكلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ساختا ياكى مۇھىم پاكىتنى يوشۇرغان مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى بېرىدۇ ياكى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلىماي، پايچىكلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، » ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

六、在刑法第一百六十二条之一后增加一条,作为第一百六十二条之二:“公司、企业通过隐匿财产、承担虚构的债务或者以其他方法转移、处分财产,实施虚假破产,严重损害债权人或者其他人利益的,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处二万元以上二十万元以下罚金。”

6.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1612-ماددىسىنىڭ بىرىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 162-ماددىسىنىڭ 2-ماددىسى قىلىنىدۇ:«شىركەت، كارخانىلار مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇش، ساختا قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش ياكى مال-مۈلۈكنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يۆتكەش، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ساختا ۋەيران بولۇشنى يولغا قويۇپ، ھەقدار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

七、将刑法第一百六十三条修改为:“公司、企业或者其他单位的工作人员利用职务上的便利,索取他人财物或者非法收受他人财物,为他人谋取利益,数额较大的,处五年以下有期徒刑或者拘役;数额巨大的,处五年以上有期徒刑,可以并处没收财产。

7.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 163-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەنلەرگە سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.

“公司、企业或者其他单位的工作人员在经济往来中,利用职务上的便利,违反国家规定,收受各种名义的回扣、手续费,归个人所有的,依照前款的规定处罚。

«شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن ئىقتىسادىي ئالاقىدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملاردىكى شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى ئالغانلىرى شەخسكە تەۋە بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“国有公司、企业或者其他国有单位中从事公务的人员和国有公司、企业或者其他国有单位委派到非国有公司、企业以及其他单位从事公务的人员有前两款行为的,依照本法第三百八十五条、第三百八十六条的规定定罪处罚。”

«دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىلىرى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا شۇنىڭدەك باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 385-ماددىسى، 386-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

八、将刑法第一百六十四条第一款修改为:“为谋取不正当利益,给予公司、企业或者其他单位的工作人员以财物,数额较大的,处三年以下有期徒刑或者拘役;数额巨大的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。”

8.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 164-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا پۇل-مال بېرىلىدۇ، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

九、在刑法第一百六十九条后增加一条,作为第一百六十九条之一:“上市公司的董事、监事、高级管理人员违背对公司的忠实义务,利用职务便利,操纵上市公司从事下列行为之一,致使上市公司利益遭受重大损失的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;致使上市公司利益遭受特别重大损失的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金:

9.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1619-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 1619-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى شىركەتكە بولغان سادىق مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى باشقۇرۇپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)无偿向其他单位或者个人提供资金、商品、服务或者其他资产的;

«( 1 ) باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈكنى ھەقسىز بەرگەنلەر؛

“(二)以明显不公平的条件,提供或者接受资金、商品、服务或者其他资产的;

«( 2 ) روشەن ئادالەتسىز شارائىت بىلەن مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن ياكى قوبۇل قىلغانلار؛

“(三)向明显不具有清偿能力的单位或者个人提供资金、商品、服务或者其他资产的;

«( 3 ) قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى روشەن بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك بەرگەنلەر؛

“(四)为明显不具有清偿能力的单位或者个人提供担保,或者无正当理由为其他单位或者个人提供担保的;

«( 4 ) قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى روشەن بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە كېپىللىك بەرگەن ياكى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە كېپىللىك بەرگەن بولسا؛

“(五)无正当理由放弃债权、承担债务的;

«( 5 ) يولسىز سەۋەب بىلەن ھەقدارلىقتىن ۋاز كەچكەن، قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالغانلار؛

“(六)采用其他方式损害上市公司利益的。

«( 6 ) پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش.»

“上市公司的控股股东或者实际控制人,指使上市公司董事、监事、高级管理人员实施前款行为的,依照前款的规定处罚。

«پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي كونترول پايچىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى ئالدىنقى تارماقتىكى ھەرىكەتنى قىلىشقا كۈشكۈرتكەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“犯前款罪的上市公司的控股股东或者实际控制人是单位的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي كونترول پايچىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى ئورۇن بولسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

十、在刑法第一百七十五条后增加一条,作为第一百七十五条之一:“以欺骗手段取得银行或者其他金融机构贷款、票据承兑、信用证、保函等,给银行或者其他金融机构造成重大损失或者有其他严重情节的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;给银行或者其他金融机构造成特别重大损失或者有其他特别严重情节的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

10.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 175-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 175-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قەرز پۇل بېرىش، تالون ئېتىراپلاش، كرېدىت گۇۋاھنامىسى، كېپىللىك خېتى قاتارلىقلارغا ئېرىشىپ، بانكا ياكى باشقا مال مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا زور زىيان سالغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغان ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

十一、将刑法第一百八十二条修改为:“有下列情形之一,操纵证券、期货市场,情节严重的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;情节特别严重的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处罚金:

11.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1812-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئاكسىيە، قەرەللىك مال بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)单独或者合谋,集中资金优势、持股或者持仓优势或者利用信息优势联合或者连续买卖,操纵证券、期货交易价格或者证券、期货交易量的;

«( 1 ) ئۆز ئالدىغا ياكى تىل بىرىكتۈرۈپ، مەبلەغ ئەۋزەللىكى، پاي چېكى ياكى ئاكسىيە ئەۋزەللىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياكى ئۇچۇر ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بىرلىشىپ ياكى ئۇدا ئېلىپ-سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودا مىقدارىنى كونترول قىلغانلار؛

“(二)与他人串通,以事先约定的时间、价格和方式相互进行证券、期货交易,影响证券、期货交易价格或者证券、期货交易量的;

«( 2 ) باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىن پۈتۈشكەن ۋاقىت، باھا ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزئارا ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى قىلىپ، ئاكسىيە، زاكاز مالنىڭ سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

“(三)在自己实际控制的帐户之间进行证券交易,或者以自己为交易对象,自买自卖期货合约,影响证券、期货交易价格或者证券、期货交易量的;

«( 3 ) ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلىدىغان ھېسابات نومۇرى ئارىسىدا ئاكسىيە سودىسى قىلغان ياكى ئۆزىنى سودا ئوبيېكتى قىلىپ، ئۆزى سېتىۋېلىپ، ئۆزى سېتىش زاكاز مال كېلىشىمى ئاكسىيە، زاكاز مال سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، زاكاز زاكاز مال سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

“(四)以其他方法操纵证券、期货市场的。

«( 4 ) ئاكسىيە، زاكاز مال بازىرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرغانلار.»

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

十二、在刑法第一百八十五条后增加一条,作为第一百八十五条之一:“商业银行、证券交易所、期货交易所、证券公司、期货经纪公司、保险公司或者其他金融机构,违背受托义务,擅自运用客户资金或者其他委托、信托的财产,情节严重的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处三万元以上三十万元以下罚金;情节特别严重的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处五万元以上五十万元以下罚金。

12.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 185-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 185-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«سودا بانكىسى، ئاكسىيە سودا ئورنى، زاكاز مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھاۋالە قىلىنىش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا ھاۋالە، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پايدىلانغان بولسا، قىلمىشى ئېغىر بولسا، جەرىمانە قويغان ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“社会保障基金管理机构、住房公积金管理机构等公众资金管理机构,以及保险公司、保险资产管理公司、证券投资基金管理公司,违反国家规定运用资金的,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”

«ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق ئاممىۋى مەبلەغ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە سېلىنما فوندىنى باشقۇرۇش شىركىتىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

十三、将刑法第一百八十六条第一款、第二款修改为:“银行或者其他金融机构的工作人员违反国家规定发放贷款,数额巨大或者造成重大损失的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处一万元以上十万元以下罚金;数额特别巨大或者造成特别重大损失的,处五年以上有期徒刑,并处二万元以上二十万元以下罚金。

13.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 186-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قەرز پۇل تارقاتقانلىرىغا سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“银行或者其他金融机构的工作人员违反国家规定,向关系人发放贷款的,依照前款的规定从重处罚。”

«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتداشلىرىغا قەرز پۇل تارقاتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

十四、将刑法第一百八十七条第一款修改为:“银行或者其他金融机构的工作人员吸收客户资金不入帐,数额巨大或者造成重大损失的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处二万元以上二十万元以下罚金;数额特别巨大或者造成特别重大损失的,处五年以上有期徒刑,并处五万元以上五十万元以下罚金。”

14.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خېرىدارلار مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ ھېساباتقا كىرگۈزمىگەنلىرىگە سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى ئېغىر زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

十五、将刑法第一百八十八条第一款修改为:“银行或者其他金融机构的工作人员违反规定,为他人出具信用证或者其他保函、票据、存单、资信证明,情节严重的,处五年以下有期徒刑或者拘役;情节特别严重的,处五年以上有期徒刑。”

15.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 188-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كېپىللىك خېتى، ۋېكسېل، ئامانەت ھۆججىتى، مەبلەغ-ئىناۋەت ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەنلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

十六、将刑法第一百九十一条第一款修改为:“明知是毒品犯罪、黑社会性质的组织犯罪、恐怖活动犯罪、走私犯罪、贪污贿赂犯罪、破坏金融管理秩序犯罪、金融诈骗犯罪的所得及其产生的收益,为掩饰、隐瞒其来源和性质,有下列行为之一的,没收实施以上犯罪的所得及其产生的收益,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处洗钱数额百分之五以上百分之二十以下罚金;情节严重的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处洗钱数额百分之五以上百分之二十以下罚金:

16.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1911-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«زەھەر جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلىي جىنايەت، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايىتىدىن كەلگەن تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىنى يوشۇرۇش، يوشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا يۇقىرىقى جىنايەتنى سادىر قىلىپ ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭدىن قىلغان كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم پۇل يۇيۇش سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 20 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل يۇيۇش سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 20 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)提供资金帐户的;

«( 1 ) مەبلەغ ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛

“(二)协助将财产转换为现金、金融票据、有价证券的;

( 2 ) مال-مۈلۈكنى نەق پۇل، پۇل مۇئامىلە تالونى، باھالىق ئاكسىيەگە ئايلاندۇرۇشقا ياردەملەشكەنلەر؛

“(三)通过转帐或者其他结算方式协助资金转移的;

«( 3 ) ھېسابات يۆتكەش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەبلەغنى يۆتكەشكە ياردەملەشكەنلەر؛

“(四)协助将资金汇往境外的;

«( 4 ) مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىشقا ياردەملەشكەنلەر؛

“(五)以其他方法掩饰、隐瞒犯罪所得及其收益的来源和性质的。”

«( 5 ) جىنايەت تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرغان، يوشۇرغانلار. »

十七、在刑法第二百六十二条后增加一条,作为第二百六十二条之一:“以暴力、胁迫手段组织残疾人或者不满十四周岁的未成年人乞讨的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”

17.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 262-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 262-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«مېيىپلەرنى زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تىلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

十八、将刑法第三百零三条修改为:“以营利为目的,聚众赌博或者以赌博为业的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金。

18.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 303-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“开设赌场的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金;情节严重的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。”

«قىمارخانا ئاچقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

十九、将刑法第三百一十二条修改为:“明知是犯罪所得及其产生的收益而予以窝藏、转移、收购、代为销售或者以其他方法掩饰、隐瞒的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”

19.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 312-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«جىنايەت تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن تاپاۋەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان، ۋاكالىتەن ساتقانلارغا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرغان، يوشۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

二十、在刑法第三百九十九条后增加一条,作为第三百九十九条之一:“依法承担仲裁职责的人员,在仲裁活动中故意违背事实和法律作枉法裁决,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑。”

20.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 399-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 399-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«كېسىم مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان خادىملاردىن كېسىم پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ كېسىم چىقارغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

二十一、本修正案自公布之日起施行。

21.بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.