(2023年12月29日第十四届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2023年12月29日第十四届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
一、在刑法第一百六十五条中增加一款作为第二款,将该条修改为:“国有公司、企业的董事、监事、高级管理人员,利用职务便利,自己经营或者为他人经营与其所任职公司、企业同类的营业,获取非法利益,数额巨大的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;数额特别巨大的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。
1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 165-ماددىسىدا بىر تارماق كۆپەيتىلىپ 2-تارمىقى قىلىنىپ، بۇ ماددىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن:«دۆلەت شىركىتى، كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تىجارەت قىلىپ ياكى باشقىلار ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتىگەن شىركەت، كارخانا بىلەن ئوخشاش تۈردىكى تىجارەتنى قىلىپ، قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
“其他公司、企业的董事、监事、高级管理人员违反法律、行政法规规定,实施前款行为,致使公司、企业利益遭受重大损失的,依照前款的规定处罚。”
«باشقا شىركەت، كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى ھەرىكەتنى قىلىپ، شىركەت، كارخانىنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر، زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
二、在刑法第一百六十六条中增加一款作为第二款,将该条修改为:“国有公司、企业、事业单位的工作人员,利用职务便利,有下列情形之一,致使国家利益遭受重大损失的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;致使国家利益遭受特别重大损失的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金:
2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 166-ماددىسىدا بىر نۇسخا كۆپەيتىلىپ 2-تارمىقى قىلىنىپ، بۇ ماددىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:«دۆلەت شىركىتى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :
“(一)将本单位的盈利业务交由自己的亲友进行经营的;
«( 1 ) شۇ ئورۇننىڭ پايدا ئېلىش كەسپىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا تاپشۇرغانلار؛
“(二)以明显高于市场的价格从自己的亲友经营管理的单位采购商品、接受服务或者以明显低于市场的价格向自己的亲友经营管理的单位销售商品、提供服务的;
«( 2 ) ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى باشقۇرىدىغان ئورۇندىن بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى باھادا تاۋار سېتىۋالغان، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان ياكى بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن باھادا ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى باشقۇرىدىغان ئورۇنغا تاۋار ساتقان، مۇلازىمەت قىلغانلار؛
“(三)从自己的亲友经营管理的单位采购、接受不合格商品、服务的。
«( 3 ) ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن سېتىۋالغان، لاياقەتسىز تاۋار، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغانلار.
“其他公司、企业的工作人员违反法律、行政法规规定,实施前款行为,致使公司、企业利益遭受重大损失的,依照前款的规定处罚。”
«باشقا شىركەت، كارخانا خادىملىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، شىركەت، كارخانىنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
三、在刑法第一百六十九条中增加一款作为第二款,将该条修改为:“国有公司、企业或者其上级主管部门直接负责的主管人员,徇私舞弊,将国有资产低价折股或者低价出售,致使国家利益遭受重大损失的,处三年以下有期徒刑或者拘役;致使国家利益遭受特别重大损失的,处三年以上七年以下有期徒刑。
3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 169-ماددىسىدا بىر نۇسخا كۆپەيتىلىپ 2-تارمىقى قىلىنىپ، بۇ ماددا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:«دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلار ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
“其他公司、企业直接负责的主管人员,徇私舞弊,将公司、企业资产低价折股或者低价出售,致使公司、企业利益遭受重大损失的,依照前款的规定处罚。”
«باشقا شىركەت، كارخانىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، شىركەت، كارخانا مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پاي چېكىگە سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ، شىركەت، كارخانىنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »
四、将刑法第三百八十七条第一款修改为:“国家机关、国有公司、企业、事业单位、人民团体,索取、非法收受他人财物,为他人谋取利益,情节严重的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役;情节特别严重的,处三年以上十年以下有期徒刑。”
4.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 387-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئۈندۈرۈۋېلىپ، قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرى ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »
五、将刑法第三百九十条修改为:“对犯行贿罪的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;因行贿谋取不正当利益,情节严重的,或者使国家利益遭受重大损失的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,或者使国家利益遭受特别重大损失的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产。
5.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 390-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پارا بېرىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
“有下列情形之一的,从重处罚:
«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ :
“(一)多次行贿或者向多人行贿的;
«( 1 ) كۆپ قېتىم پارا بەرگەن ياكى كۆپ كىشىگە پارا بەرگەنلەر؛
“(二)国家工作人员行贿的;
«( 2 ) دۆلەت خادىملىرىدىن پارا بەرگەنلىرى؛
“(三)在国家重点工程、重大项目中行贿的;
«( 3 ) دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرى، مۇھىم، زور تۈرلىرىدە پارا بەرگەنلەر؛
“(四)为谋取职务、职级晋升、调整行贿的;
«( 4 ) ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەڭشەش ئۈچۈن پارا بەرگەنلەر؛
“(五)对监察、行政执法、司法工作人员行贿的;
«( 5 ) رېۋىزىيە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە خادىملىرىغا پارا بەرگەنلەر؛
“(六)在生态环境、财政金融、安全生产、食品药品、防灾救灾、社会保障、教育、医疗等领域行贿,实施违法犯罪活动的;
«( 6 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، مالىيە-پۇل مۇئامىلە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك-دورا، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە پارا بەرگەن، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار؛
“(七)将违法所得用于行贿的。
«( 7 ) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى پارا بېرىشكە ئىشلەتكەنلەر.
“行贿人在被追诉前主动交待行贿行为的,可以从轻或者减轻处罚。其中,犯罪较轻的,对调查突破、侦破重大案件起关键作用的,或者有重大立功表现的,可以减轻或者免除处罚。”
«پارا بەرگۈچىلەردىن پارا بېرىش قىلمىشى سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ». بۇنىڭ ئىچىدە، جىنايىتى يېنىكرەك بولۇپ، تەكشۈرۈپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، مۇھىم، زور دېلولارنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلارغا ياكى مۇھىم، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا قارىتا جازانى يېنىكلىتىشكە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. »
六、将刑法第三百九十一条第一款修改为:“为谋取不正当利益,给予国家机关、国有公司、企业、事业单位、人民团体以财物的,或者在经济往来中,违反国家规定,给予各种名义的回扣、手续费的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”
6.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 391-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل-مال بەرگەنلەرگە ياكى ئىقتىسادىي ئالاقىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملاردا شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »
七、将刑法第三百九十三条修改为:“单位为谋取不正当利益而行贿,或者违反国家规定,给予国家工作人员以回扣、手续费,情节严重的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节特别严重的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。因行贿取得的违法所得归个人所有的,依照本法第三百八十九条、第三百九十条的规定定罪处罚。”
7.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 393-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ئورۇنلار ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت شەخسلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 389-، 390-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »
八、本修正案自2024年3月1日起施行。
8.بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.