(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 考试和注册
2-باب ئىمتىھان ئېلىش ۋە تىزىملىتىش
第三章 执业规则
3-باب كەسىپكارلىق قائىدىسى
第四章 培训和考核
تۆتىنچى باب تەربىيەلەش ۋە سىناش
第五章 保障措施
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了保障医师合法权益,规范医师执业行为,加强医师队伍建设,保护人民健康,推进健康中国建设,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن دوختۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ۋىراچلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 本法所称医师,是指依法取得医师资格,经注册在医疗卫生机构中执业的专业医务人员,包括执业医师和执业助理医师。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋىراچ قانۇن بويىچە ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كەسپىي تېببىي خادىملارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ، كەسپىي ۋىراچ ۋە كەسپىي ياردەمچى ۋىراچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
第三条 医师应当坚持人民至上、生命至上,发扬人道主义精神,弘扬敬佑生命、救死扶伤、甘于奉献、大爱无疆的崇高职业精神,恪守职业道德,遵守执业规范,提高执业水平,履行防病治病、保护人民健康的神圣职责。
3-ماددا ۋىراچلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئالىيجاناب كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
医师依法执业,受法律保护。医师的人格尊严、人身安全不受侵犯。
ۋىراچلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. دوختۇرلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.
第四条 国务院卫生健康主管部门负责全国的医师管理工作。国务院教育、人力资源社会保障、中医药等有关部门在各自职责范围内负责有关的医师管理工作。
4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋىراچلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ۋىراچلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上地方人民政府卫生健康主管部门负责本行政区域内的医师管理工作。县级以上地方人民政府教育、人力资源社会保障、中医药等有关部门在各自职责范围内负责有关的医师管理工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى دوختۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ۋىراچلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
第五条 每年8月19日为中国医师节。
5-ماددا ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى.
对在医疗卫生服务工作中做出突出贡献的医师,按照国家有关规定给予表彰、奖励。
داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ۋىراچلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.
全社会应当尊重医师。各级人民政府应当关心爱护医师,弘扬先进事迹,加强业务培训,支持开拓创新,帮助解决困难,推动在全社会广泛形成尊医重卫的良好氛围。
پۈتۈن جەمئىيەت دوختۇرلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دوختۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى كەڭ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
第六条 国家建立健全医师医学专业技术职称设置、评定和岗位聘任制度,将职业道德、专业实践能力和工作业绩作为重要条件,科学设置有关评定、聘任标准。
6-ماددا دۆلەت ۋىراچ تېببىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىش، باھالاپ بېكىتىش ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ ئەخلاقى، كەسپىي ئەمەلىيەت ئىقتىدارى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى مۇھىم شەرت قىلىپ، باھالاپ بېكىتىش، تەكلىپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمنى ئىلمىي بېكىتىدۇ.
第七条 医师可以依法组织和参加医师协会等有关行业组织、专业学术团体。
7-ماددا دوختۇرلار دوختۇرلار جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ساھە تەشكىلاتلىرى، كەسپىي ئىلمىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە تەشكىللىسە ۋە ئۇنىڭغا قاتناشسا بولىدۇ.
医师协会等有关行业组织应当加强行业自律和医师执业规范,维护医师合法权益,协助卫生健康主管部门和其他有关部门开展相关工作。
ۋىراچلار جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ساھە تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى ۋە ۋىراچلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قائىدىسىنى كۈچەيتىپ، ۋىراچلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第二章 考试和注册
2-باب ئىمتىھان ئېلىش ۋە تىزىملىتىش
第八条 国家实行医师资格考试制度。
8-ماددا دۆلەت ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
医师资格考试分为执业医师资格考试和执业助理医师资格考试。医师资格考试由省级以上人民政府卫生健康主管部门组织实施。
ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى كەسپىي ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا بۆلۈنىدۇ. ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
医师资格考试的类别和具体办法,由国务院卫生健康主管部门制定。
ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ تۈرى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.
第九条 具有下列条件之一的,可以参加执业医师资格考试:
9-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرى بولسا، كەسپىي ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ :
(一)具有高等学校相关医学专业本科以上学历,在执业医师指导下,在医疗卫生机构中参加医学专业工作实践满一年;
( 1 ) ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېببىي كەسىپ بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش، كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا تېببىي كەسىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قاتناشقىنىغا بىر يىل توشقان بولۇش؛
(二)具有高等学校相关医学专业专科学历,取得执业助理医师执业证书后,在医疗卫生机构中执业满二年。
( 2 ) ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېببىي كەسپىي مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل توشقانلار.
第十条 具有高等学校相关医学专业专科以上学历,在执业医师指导下,在医疗卫生机构中参加医学专业工作实践满一年的,可以参加执业助理医师资格考试。
10-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېببىي كەسپىي مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، كەسپىي ۋىراچنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا تېببىي كەسىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قاتناشقىنىغا بىر يىل توشقانلار كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.
第十一条 以师承方式学习中医满三年,或者经多年实践医术确有专长的,经县级以上人民政府卫生健康主管部门委托的中医药专业组织或者医疗卫生机构考核合格并推荐,可以参加中医医师资格考试。
11-ماددا جۇڭيى تېبابىتىنى ئۇستاز تۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۆگەنگىنىگە ئۈچ يىل توشقان ياكى كۆپ يىللىق ئەمەلىي داۋالاش تېخنىكىسىدا ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بولغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ھاۋالە قىلغان جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تەشكىلاتى ياكى داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولسا ھەمدە كۆرسىتىلسە، جۇڭيى تېبابىتى ۋىراچلىقى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.
以师承方式学习中医或者经多年实践,医术确有专长的,由至少二名中医医师推荐,经省级人民政府中医药主管部门组织实践技能和效果考核合格后,即可取得中医医师资格及相应的资格证书。
جۇڭيى تېبابىتىنى ئۇستاز تۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۆگەنگەن ياكى كۆپ يىل ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، داۋالاش تېخنىكىسىدا ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئاز دېگەندە ئىككى جۇڭيى دوختۇرى كۆرسىتىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى تەشكىللىگەن ئەمەلىي ماھارەت ۋە ئۈنۈمنى باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، جۇڭيى تېبابىتى ۋىراچلىق سالاھىيىتى ۋە مۇناسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالايدۇ.
本条规定的相关考试、考核办法,由国务院中医药主管部门拟订,报国务院卫生健康主管部门审核、发布。
بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ئىمتىھان، باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.
第十二条 医师资格考试成绩合格,取得执业医师资格或者执业助理医师资格,发给医师资格证书。
12-ماددا ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولسا، كەسپىي ۋىراچلىق سالاھىيىتى ياكى كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ۋىراچلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.
第十三条 国家实行医师执业注册制度。
13-ماددا دۆلەت ۋىراچلىق كەسپىنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
取得医师资格的,可以向所在地县级以上地方人民政府卫生健康主管部门申请注册。医疗卫生机构可以为本机构中的申请人集体办理注册手续。
ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى شۇ ئاپپاراتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى كوللېكتىپ بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.
除有本法规定不予注册的情形外,卫生健康主管部门应当自受理申请之日起二十个工作日内准予注册,将注册信息录入国家信息平台,并发给医师执业证书。
مۇشۇ قانۇندا رويخەتكە ئالدۇرمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشى، رويخەتكە ئېلىنغان ئۇچۇرنى دۆلەت ئۇچۇر سۇپىسىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ۋىراچلىق كەسپى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.
未注册取得医师执业证书,不得从事医师执业活动。
رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ ۋىراچلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
医师执业注册管理的具体办法,由国务院卫生健康主管部门制定。
ۋىراچلىق كەسپىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.
第十四条 医师经注册后,可以在医疗卫生机构中按照注册的执业地点、执业类别、执业范围执业,从事相应的医疗卫生服务。
14-ماددا ۋىراچ رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنى، كەسىپ تۈرى، كەسىپ دائىرىسى بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، مۇناسىپ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.
中医、中西医结合医师可以在医疗机构中的中医科、中西医结合科或者其他临床科室按照注册的执业类别、执业范围执业。
جۇڭيى تېبابىتى، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ۋىراچلار داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى جۇڭيى تېبابىتى، جۇڭگوچە تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش بۆلۈمى ياكى باشقا كىلىنىكىلىق بۆلۈملەردە رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپ تۈرى، كەسىپ دائىرىسى بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
医师经相关专业培训和考核合格,可以增加执业范围。法律、行政法规对医师从事特定范围执业活动的资质条件有规定的,从其规定。
ۋىراچلار مۇناسىۋەتلىك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ۋە باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا، كەسىپكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتسە بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا دوختۇرلارنىڭ مۇئەييەن دائىرىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت شەرتى توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
经考试取得医师资格的中医医师按照国家有关规定,经培训和考核合格,在执业活动中可以采用与其专业相关的西医药技术方法。西医医师按照国家有关规定,经培训和考核合格,在执业活动中可以采用与其专业相关的中医药技术方法。
ئىمتىھان ئارقىلىق ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن جۇڭيى تېبابىتى ۋىراچلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك غەرب تېبابىتى دورىگەرلىك تېخنىكا ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا، كەسپىي پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى تېخنىكا ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
第十五条 医师在二个以上医疗卫生机构定期执业的,应当以一个医疗卫生机构为主,并按照国家有关规定办理相关手续。国家鼓励医师定期定点到县级以下医疗卫生机构,包括乡镇卫生院、村卫生室、社区卫生服务中心等,提供医疗卫生服务,主执业机构应当支持并提供便利。
15-ماددا ۋىراچلاردىن ئىككىدىن ئارتۇق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا قەرەللىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى بىر داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىنى ئاساس قىلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك. دۆلەت دوختۇرلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا، جۈملىدىن يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلارغا قەرەللىك نۇقتا بەلگىلەپ بېرىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئاساسلىق كەسپىي ئاپپارات قوللىشى ھەمدە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
卫生健康主管部门、医疗卫生机构应当加强对有关医师的监督管理,规范其执业行为,保证医疗卫生服务质量。
سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلارغا بولغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第十六条 有下列情形之一的,不予注册:
16-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ :
(一)无民事行为能力或者限制民事行为能力;
( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولماسلىق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇش؛
(二)受刑事处罚,刑罚执行完毕不满二年或者被依法禁止从事医师职业的期限未满;
( 2 ) جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغىنىغا 2 يىل توشمىغانلار ياكى دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان مۇددەت توشمىغانلار؛
(三)被吊销医师执业证书不满二年;
( 3 ) ۋىراچلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغىنىغا ئىككى يىل توشمىغان بولسا؛
(四)因医师定期考核不合格被注销注册不满一年;
( 4 ) دوختۇرنىڭ قەرەللىك باھالىشىدا لاياقەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگىنىگە بىر يىل توشمىغان بولسا؛
(五)法律、行政法规规定不得从事医疗卫生服务的其他情形。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
受理申请的卫生健康主管部门对不予注册的,应当自受理申请之日起二十个工作日内书面通知申请人和其所在医疗卫生机构,并说明理由。
ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى رويخەتكە ئالدۇرمىسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
第十七条 医师注册后有下列情形之一的,注销注册,废止医师执业证书:
17-ماددا ۋىراچ رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلىدۇ، ۋىراچ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ :
(一)死亡;
( 1 ) ئۆلۈش؛
(二)受刑事处罚;
( 2 ) جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچراش؛
(三)被吊销医师执业证书;
( 3 ) ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولۇش؛
(四)医师定期考核不合格,暂停执业活动期满,再次考核仍不合格;
( 4 ) ۋىراچلارنى قەرەللىك باھالاشتا لاياقەتسىز بولسا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، قايتا باھالاشتا يەنىلا لاياقەتسىز بولسا؛
(五)中止医师执业活动满二年;
( 5 ) ۋىراچلارنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولسا؛
(六)法律、行政法规规定不得从事医疗卫生服务或者应当办理注销手续的其他情形。
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
有前款规定情形的,医师所在医疗卫生机构应当在三十日内报告准予注册的卫生健康主管部门;卫生健康主管部门依职权发现医师有前款规定情形的,应当及时通报准予注册的卫生健康主管部门。准予注册的卫生健康主管部门应当及时注销注册,废止医师执业证书。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، دوختۇر تۇرۇشلۇق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى 30 كۈن ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە دوختۇردا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بايقالسا، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇلى تارمىقىغا ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ۋاقتىدا رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى، ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
第十八条 医师变更执业地点、执业类别、执业范围等注册事项的,应当依照本法规定到准予注册的卫生健康主管部门办理变更注册手续。
18-ماددا ۋىراچلاردىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنى، كەسىپ تۈرى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىق رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ ئۆزگەرتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
医师从事下列活动的,可以不办理相关变更注册手续:
دوختۇرلار تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە بولىدۇ :
(一)参加规范化培训、进修、对口支援、会诊、突发事件医疗救援、慈善或者其他公益性医疗、义诊;
(一)参加规范化培训、进修、对口支援、会诊、突发事件医疗救援、慈善或者其他公益性医疗、义诊;
(二)承担国家任务或者参加政府组织的重要活动等;
( 2 ) دۆلەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ياكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىقلار؛
(三)在医疗联合体内的医疗机构中执业。
( 3 ) داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش.
第十九条 中止医师执业活动二年以上或者本法规定不予注册的情形消失,申请重新执业的,应当由县级以上人民政府卫生健康主管部门或者其委托的医疗卫生机构、行业组织考核合格,并依照本法规定重新注册。
19-ماددا دوختۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ياكى مۇشۇ قانۇندا رويخەتكە ئالدۇرمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋال يوقاپ كېتىپ، قايتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، ساھە تەشكىلاتى باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك.
第二十条 医师个体行医应当依法办理审批或者备案手续。
20-ماددا دوختۇرلار يەككە دوختۇرلۇق قىلىشتا قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
执业医师个体行医,须经注册后在医疗卫生机构中执业满五年;但是,依照本法第十一条第二款规定取得中医医师资格的人员,按照考核内容进行执业注册后,即可在注册的执业范围内个体行医。
كەسپىي ۋىراچلار يەككە دوختۇرلۇق قىلسا، رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا بەش يىل داۋالىنىشى شەرت؛ لېكىن، مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جۇڭيى دوختۇرى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر باھالاش مەزمۇنى بويىچە كەسىپكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپكارلىق دائىرىسىدە يەككە دوختۇرلۇق قىلسا بولىدۇ.
县级以上地方人民政府卫生健康主管部门对个体行医的医师,应当按照国家有关规定实施监督检查,发现有本法规定注销注册的情形的,应当及时注销注册,废止医师执业证书。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى يەككە دوختۇرلۇق قىلىدىغان دوختۇرلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەھۋالنى بايقىسا، ۋاقتىدا تىزىمدىن چىقىرىۋېتىشى، ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
第二十一条 县级以上地方人民政府卫生健康主管部门应当将准予注册和注销注册的人员名单及时予以公告,由省级人民政府卫生健康主管部门汇总,报国务院卫生健康主管部门备案,并按照规定通过网站提供医师注册信息查询服务。
21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن خادىملارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە – ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى جەملەپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇلى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە تور بېكىتى ئارقىلىق دوختۇرلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
第三章 执业规则
3-باب كەسىپكارلىق قائىدىسى
第二十二条 医师在执业活动中享有下列权利:
22-ماددا دوختۇرلار كەسپىي پائالىيەتتە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :
(一)在注册的执业范围内,按照有关规范进行医学诊查、疾病调查、医学处置、出具相应的医学证明文件,选择合理的医疗、预防、保健方案;
( 1 ) رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپ دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك قائىدە بويىچە تېببىي دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش، كېسەلنى تەكشۈرۈش، تېببىي بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىپ تېببىي ئىسپات ھۆججىتى چىقىرىش، مۇۋاپىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش لايىھەسىنى تاللاش؛
(二)获取劳动报酬,享受国家规定的福利待遇,按照规定参加社会保险并享受相应待遇;
( 2 ) ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشكەن، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەمدە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان بولۇش؛
(三)获得符合国家规定标准的执业基本条件和职业防护装备;
( 3 ) دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەسىپكارلىق ئاساسىي شەرتى ۋە كەسپىي مۇداپىئە جابدۇقىغا ئېرىشىش؛
(四)从事医学教育、研究、学术交流;
( 4 ) تېببىي مائارىپ، تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(五)参加专业培训,接受继续医学教育;
( 5 ) كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش، داۋاملىق تېببىي مائارىپ قوبۇل قىلىش؛
(六)对所在医疗卫生机构和卫生健康主管部门的工作提出意见和建议,依法参与所在机构的民主管理;
( 6 ) تۇرۇشلۇق داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى ۋە سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، تۇرۇشلۇق ئاپپاراتنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىش؛
(七)法律、法规规定的其他权利。
( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
第二十三条 医师在执业活动中履行下列义务:
23-ماددا ۋىراچلار كەسپىي پائالىيەتتە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ :
(一)树立敬业精神,恪守职业道德,履行医师职责,尽职尽责救治患者,执行疫情防控等公共卫生措施;
( 1 ) كەسىپنى قەدىرلەش روھى تۇرغۇزۇش، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، ۋىراچلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، بىمارنى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ قۇتقۇزۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش؛
(二)遵循临床诊疗指南,遵守临床技术操作规范和医学伦理规范等;
( 2 ) كىلىنىكىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش، كىلىنىكىلىق تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تېببىي ئېتىكا قائىدىسى قاتارلىقلارغا رىئايە قىلىش؛
(三)尊重、关心、爱护患者,依法保护患者隐私和个人信息;
( 3 ) بىمارغا ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، بىمارنىڭ شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە قوغداش؛
(四)努力钻研业务,更新知识,提高医学专业技术能力和水平,提升医疗卫生服务质量;
( 4 ) كەسىپنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىش، بىلىم يېڭىلاش، تېبابەتچىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛
(五)宣传推广与岗位相适应的健康科普知识,对患者及公众进行健康教育和健康指导;
( 5 ) ئىش ئورنىغا ماس كېلىدىغان ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش، ئاغرىقلار ۋە ئاممىغا ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش ۋە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى قىلىش؛
(六)法律、法规规定的其他义务。
( 6 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.
第二十四条 医师实施医疗、预防、保健措施,签署有关医学证明文件,必须亲自诊查、调查,并按照规定及时填写病历等医学文书,不得隐匿、伪造、篡改或者擅自销毁病历等医学文书及有关资料。
24-ماددا دوختۇرلار داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تېببىي ئىسپات ھۆججىتىنى ئىمزالاپ، ئۆزى تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە كېسەل تارىخى قاتارلىق تېببىي ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تولدۇرۇشى كېرەك، كېسەل تارىخى قاتارلىق مەمۇرىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرۇۋېلىشقا، ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.
医师不得出具虚假医学证明文件以及与自己执业范围无关或者与执业类别不相符的医学证明文件。
ۋىراچ ساختا تېببىي ئىسپات ھۆججىتى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش دائىرىسىگە مۇناسىۋەتسىز ياكى كەسىپ تۈرىگە ماس كەلمەيدىغان تېببىي ئىسپات ھۆججىتى بەرسە بولمايدۇ.
第二十五条 医师在诊疗活动中应当向患者说明病情、医疗措施和其他需要告知的事项。需要实施手术、特殊检查、特殊治疗的,医师应当及时向患者具体说明医疗风险、替代医疗方案等情况,并取得其明确同意;不能或者不宜向患者说明的,应当向患者的近亲属说明,并取得其明确同意。
25-ماددا دوختۇرلار داۋالاش پائالىيىتىدە بىمارغا كېسەللىك ئەھۋالى، داۋالاش تەدبىرى ۋە ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش، ئالاھىدە داۋالاشقا توغرا كەلسە، دوختۇر بىمارغا داۋالاش خەۋپ-خەتىرى، سەپلىمە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كونكرېت چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا چۈشەندۈرگىلى بولمىسا ياكى چۈشەندۈرۈشكە ئەپسىز بولسا، بىمارنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
第二十六条 医师开展药物、医疗器械临床试验和其他医学临床研究应当符合国家有关规定,遵守医学伦理规范,依法通过伦理审查,取得书面知情同意。
26-ماددا دوختۇرلار دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش ۋە باشقا تېببىي كىلىنىكىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، تېببىي ئېتىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە ئېتىكا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
第二十七条 对需要紧急救治的患者,医师应当采取紧急措施进行诊治,不得拒绝急救处置。
27-ماددا دوختۇر جىددىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بىمارلارغا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ دىياگنوز قويۇشى-داۋالىشى كېرەك، جىددىي قۇتقۇزۇش-بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.
因抢救生命垂危的患者等紧急情况,不能取得患者或者其近亲属意见的,经医疗机构负责人或者授权的负责人批准,可以立即实施相应的医疗措施。
ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنى ئالالمىغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن دەرھال مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدۇ.
国家鼓励医师积极参与公共交通工具等公共场所急救服务;医师因自愿实施急救造成受助人损害的,不承担民事责任。
دۆلەت دوختۇرلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش قورالى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ دوختۇرلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
第二十八条 医师应当使用经依法批准或者备案的药品、消毒药剂、医疗器械,采用合法、合规、科学的诊疗方法。
28-ماددا دوختۇرلار قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ياكى ئەنگە ئېلىنغان دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ئىلمىي داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
除按照规范用于诊断治疗外,不得使用麻醉药品、医疗用毒性药品、精神药品、放射性药品等。
دىئاگنوز قويۇپ داۋالاشقا قائىدە بويىچە ئىشلەتكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، روھىي دورا، رادىيوئاكتىپلىق دورا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
第二十九条 医师应当坚持安全有效、经济合理的用药原则,遵循药品临床应用指导原则、临床诊疗指南和药品说明书等合理用药。
29-ماددا دوختۇرلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك، مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دورىنى كىلىنىكىلىق ئىشلىتىش يېتەكچى پىرىنسىپى، كىلىنىكىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسى ۋە دورا چۈشەندۈرمىسى قاتارلىق مۇۋاپىق دورىلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
在尚无有效或者更好治疗手段等特殊情况下,医师取得患者明确知情同意后,可以采用药品说明书中未明确但具有循证医学证据的药品用法实施治疗。医疗机构应当建立管理制度,对医师处方、用药医嘱的适宜性进行审核,严格规范医师用药行为。
ئۈنۈملۈك ياكى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ۋاسىتىسى يوق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا، دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالدىن ئېنىق خەۋەردار بولۇش ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، دورا چۈشەندۈرۈشىدە ئېنىق بولمىغان، لېكىن دەلىل-ئىسپاتقا ئەمەل قىلىدىغان تېببىي دەلىل-ئىسپات بولغان دورىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ داۋالىسا بولىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، دوختۇرلارنىڭ رېتسېپى، دورا ئىشلىتىش دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەكشۈرۈپ، دوختۇرلارنىڭ دورا ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
第三十条 执业医师按照国家有关规定,经所在医疗卫生机构同意,可以通过互联网等信息技术提供部分常见病、慢性病复诊等适宜的医疗卫生服务。国家支持医疗卫生机构之间利用互联网等信息技术开展远程医疗合作。
30-ماددا كەسپىي ۋىراچلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ. دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئارا ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.
第三十一条 医师不得利用职务之便,索要、非法收受财物或者牟取其他不正当利益;不得对患者实施不必要的检查、治疗。
31-ماددا دوختۇرلار خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۇل-مال تەلەپ قىلسا، قانۇنسىز قوبۇل قىلسا ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشسە بولمايدۇ؛ بىمارنى ئورۇنسىز تەكشۈرۈش، داۋالاشقا يول قويۇلمايدۇ.
第三十二条 遇有自然灾害、事故灾难、公共卫生事件和社会安全事件等严重威胁人民生命健康的突发事件时,县级以上人民政府卫生健康主管部门根据需要组织医师参与卫生应急处置和医疗救治,医师应当服从调遣。
32-ماددا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى قاتارلىق خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ دوختۇرلارنى تەشكىللەپ سەھىيە بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا قاتناشتۇرىدۇ، دوختۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇشى كېرەك.
第三十三条 在执业活动中有下列情形之一的,医师应当按照有关规定及时向所在医疗卫生机构或者有关部门、机构报告:
33-ماددا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دوختۇر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئاپپاراتقا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك :
(一)发现传染病、突发不明原因疾病或者异常健康事件;
( 1 ) يۇقۇملۇق كېسەل، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كېسەل ياكى بىنورمال ساغلاملىق ۋەقەسى بايقاش؛
(二)发生或者发现医疗事故;
( 2 ) داۋالاش ھادىسىسى يۈز بېرىش ياكى بايقاش؛
(三)发现可能与药品、医疗器械有关的不良反应或者不良事件;
( 3 ) دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەكس تەسىر ياكى ناچار ۋەقەلەرنى بايقاش؛
(四)发现假药或者劣药;
( 4 ) ساختا دورا ياكى ناچار دورا بايقالسا؛
(五)发现患者涉嫌伤害事件或者非正常死亡;
( 5 ) بىمارنىڭ زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلغانلىقى ياكى بىنورمال ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بايقالسا؛
(六)法律、法规规定的其他情形。
( 6 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第三十四条 执业助理医师应当在执业医师的指导下,在医疗卫生机构中按照注册的执业类别、执业范围执业。
34-ماددا كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلار كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپ تۈرى، كەسىپ دائىرىسى بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.
在乡、民族乡、镇和村医疗卫生机构以及艰苦边远地区县级医疗卫生机构中执业的执业助理医师,可以根据医疗卫生服务情况和本人实践经验,独立从事一般的执业活动。
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ۋە كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا، شۇنىڭدەك جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلار داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش مۇلازىمىتى ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى كەسپىي پائالىيەت بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللانسا بولىدۇ.
第三十五条 参加临床教学实践的医学生和尚未取得医师执业证书、在医疗卫生机构中参加医学专业工作实践的医学毕业生,应当在执业医师监督、指导下参与临床诊疗活动。医疗卫生机构应当为有关医学生、医学毕业生参与临床诊疗活动提供必要的条件。
35-ماددا كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىدىغان تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ۋىراچ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان، داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدا تېببىي كەسىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي پەننى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار كەسپىي دوختۇرنىڭ نازارەت قىلىشى، يېتەكچىلىكىدە كىلىنىكىلىق داۋالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى، تېببىي پەننى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
第三十六条 有关行业组织、医疗卫生机构、医学院校应当加强对医师的医德医风教育。
36-ماددا مۇناسىۋەتلىك ساھە تەشكىلاتلىرى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، تېببىي مەكتەپلەر ۋىراچلارغا بولغان تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
医疗卫生机构应当建立健全医师岗位责任、内部监督、投诉处理等制度,加强对医师的管理。
داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋىراچلار ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى، ئىچكى نازارەتچىلىك، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىراچلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第四章 培训和考核
تۆتىنچى باب تەربىيەلەش ۋە سىناش
第三十七条 国家制定医师培养规划,建立适应行业特点和社会需求的医师培养和供需平衡机制,统筹各类医学人才需求,加强全科、儿科、精神科、老年医学等紧缺专业人才培养。
37-ماددا دۆلەت ۋىراچ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان ۋىراچلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تېببىي ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىشلار، بالىلار كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ياشانغانلار تېبابىتى قاتارلىق قىس كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.
国家采取措施,加强医教协同,完善医学院校教育、毕业后教育和继续教育体系。
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش بىلەن ئوقۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېببىي مەكتەپ مائارىپى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەربىيە ۋە داۋاملىق تەربىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
国家通过多种途径,加强以全科医生为重点的基层医疗卫生人才培养和配备。
دۆلەت كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە سەپلەشنى كۈچەيتتى.
国家采取措施,完善中医西医相互学习的教育制度,培养高层次中西医结合人才和能够提供中西医结合服务的全科医生。
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش مائارىپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق جۇڭيى تېبابىتى بىلەن جۇڭيى تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەربىي تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلالايدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.
第三十八条 国家建立健全住院医师规范化培训制度,健全临床带教激励机制,保障住院医师培训期间待遇,严格培训过程管理和结业考核。
38-ماددا دۆلەت بالنىتسا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق يېتەكلەپ تەربىيەلەش-رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۈرۈپ، بالنىتسا دوختۇرىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش مەزگىلىدىكى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، تەربىيەلەش جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى تاماملاش-باھالاشنى چىڭىتىدۇ.
国家建立健全专科医师规范化培训制度,不断提高临床医师专科诊疗水平。
دۆلەت مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق دوختۇرلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈملەرگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
第三十九条 县级以上人民政府卫生健康主管部门和其他有关部门应当制定医师培训计划,采取多种形式对医师进行分级分类培训,为医师接受继续医学教育提供条件。
39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دوختۇرلارنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، دوختۇرلارنى كۆپ خىل شەكىلدە دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەپ، دوختۇرلارنىڭ داۋاملىق تېببىي تەربىيە ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
县级以上人民政府应当采取有力措施,优先保障基层、欠发达地区和民族地区的医疗卫生人员接受继续医学教育。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى، تەرەققىي تاپمىغان رايونلار ۋە مىللىي رايونلاردىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تېببىي مائارىپ قوبۇل قىلىشىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第四十条 医疗卫生机构应当合理调配人力资源,按照规定和计划保证本机构医师接受继续医学教育。
40-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، بەلگىلىمە ۋە پىلان بويىچە شۇ ئاپپاراتتىكى دوختۇرلارنىڭ داۋاملىق تېببىي تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
县级以上人民政府卫生健康主管部门应当有计划地组织协调县级以上医疗卫生机构对乡镇卫生院、村卫生室、社区卫生服务中心等基层医疗卫生机构中的医疗卫生人员开展培训,提高其医学专业技术能力和水平。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى قانات يايدۇرۇشقا پىلانلىق تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېببىي كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
有关行业组织应当为医师接受继续医学教育提供服务和创造条件,加强继续医学教育的组织、管理。
مۇناسىۋەتلىك ساھە تەشكىلاتلىرى دوختۇرلارنىڭ داۋاملىق تېببىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، داۋاملىق تېببىي مائارىپنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第四十一条 国家在每年的医学专业招生计划和教育培训计划中,核定一定比例用于定向培养、委托培训,加强基层和艰苦边远地区医师队伍建设。
41-ماددا دۆلەت ھەر يىللىق تېببىي كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە تەلىم-تەربىيە پىلانىدا، نىشانلىق تەربىيەلەش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەشكە بەلگىلىك نىسبەتنى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
有关部门、医疗卫生机构与接受定向培养、委托培训的人员签订协议,约定相关待遇、服务年限、违约责任等事项,有关人员应当履行协议约定的义务。县级以上人民政府有关部门应当采取措施,加强履约管理。协议各方违反约定的,应当承担违约责任。
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى نىشانلىق تەربىيەلەنگەن، ھاۋالىلىك تەربىيەلەنگەن خادىملار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، مۇناسىۋەتلىك تەمىنات، مۇلازىمەت مۇددىتى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار كېلىشىمدە پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كېلىشىمدىكى تەرەپلەر پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第四十二条 国家实行医师定期考核制度。
42-ماددا دۆلەت دوختۇرلارنى قەرەللىك باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
县级以上人民政府卫生健康主管部门或者其委托的医疗卫生机构、行业组织应当按照医师执业标准,对医师的业务水平、工作业绩和职业道德状况进行考核,考核周期为三年。对具有较长年限执业经历、无不良行为记录的医师,可以简化考核程序。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، ساھە تەشكىلاتى ۋىراچنىڭ كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە، ۋىراچنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە كەسىپ ئەخلاق ئەھۋالىنى باھالىشى كېرەك، باھالاش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. يېشى بىرقەدەر ئۇزۇن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشى بار، ناچار ھەرىكەت خاتىرىسى يوق دوختۇرلارغا قارىتا باھالاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
受委托的机构或者组织应当将医师考核结果报准予注册的卫生健康主管部门备案。
ھاۋالە قىلىنغان ئاپپارات ياكى تەشكىلات دوختۇرلارنى باھالاش نەتىجىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
对考核不合格的医师,县级以上人民政府卫生健康主管部门应当责令其暂停执业活动三个月至六个月,并接受相关专业培训。暂停执业活动期满,再次进行考核,对考核合格的,允许其继续执业。
باھالاشتا لاياقەتسىز بولغان ۋىراچلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى كەسپىي پائالىيەتنى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى كېرەك. كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش مۇددىتى توشقاندا، قايتا باھالىنىدۇ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىنىڭ داۋاملىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
第四十三条 省级以上人民政府卫生健康主管部门负责指导、检查和监督医师考核工作。
43-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋىراچلارنى باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
第五章 保障措施
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
第四十四条 国家建立健全体现医师职业特点和技术劳动价值的人事、薪酬、职称、奖励制度。
44-ماددا دۆلەت ۋىراچلىقنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە تېخنىكىلىق ئەمگەك قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان كادىرلار، ئىش ھەققى، ئۇنۋان، مۇكاپات تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.
对从事传染病防治、放射医学和精神卫生工作以及其他特殊岗位工作的医师,应当按照国家有关规定给予适当的津贴。津贴标准应当定期调整。
يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، رادىياتسىيە تېبابىتى ۋە روھىي ساغلاملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شۇنىڭدەك باشقا ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان دوختۇرلارغا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق قوشۇمچە پۇل بېرىش كېرەك. قوشۇمچە پۇل ئۆلچىمىنى قەرەللىك تەڭشەش كېرەك.
在基层和艰苦边远地区工作的医师,按照国家有关规定享受津贴、补贴政策,并在职称评定、职业发展、教育培训和表彰奖励等方面享受优惠待遇。
ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قوشۇمچە پۇل، تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ئۇنۋان باھالاش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ۋە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第四十五条 国家加强疾病预防控制人才队伍建设,建立适应现代化疾病预防控制体系的医师培养和使用机制。
45-ماددا دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى زامانىۋى سىستېمىغا ماس كېلىدىغان ۋىراچلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.
疾病预防控制机构、二级以上医疗机构以及乡镇卫生院、社区卫生服务中心等基层医疗卫生机构应当配备一定数量的公共卫生医师,从事人群疾病及危害因素监测、风险评估研判、监测预警、流行病学调查、免疫规划管理、职业健康管理等公共卫生工作。医疗机构应当建立健全管理制度,严格执行院内感染防控措施。
كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى بەلگىلىك ساندا ئاممىۋى سەھىيە دوختۇرى سەپلىشى كېرەك، كىشىلەر توپىنىڭ كېسىلى ھەم خەۋپ ئامىلىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاپ ھۆكۈم قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش، كەسپىي ساغلاملىقنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار. داۋالاش ئاپپاراتى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.
国家建立公共卫生与临床医学相结合的人才培养机制,通过多种途径对临床医师进行疾病预防控制、突发公共卫生事件应对等方面业务培训,对公共卫生医师进行临床医学业务培训,完善医防结合和中西医协同防治的体制机制。
دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە بىلەن كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كىلىنىكىلىق دوختۇرلارنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ، ئاممىۋى سەھىيە دوختۇرلىرىنى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپى بويىچە تەربىيەلەيدۇ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
第四十六条 国家采取措施,统筹城乡资源,加强基层医疗卫生队伍和服务能力建设,对乡村医疗卫生人员建立县乡村上下贯通的职业发展机制,通过县管乡用、乡聘村用等方式,将乡村医疗卫生人员纳入县域医疗卫生人员管理。
46-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قوشۇنى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا قارىتا ناھىيە بىلەن يېزا، كەنت تۇتاشقان كەسپىي تەرەققىيات مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ناھىيە باشقۇرۇش-يېزا ئىشلىتىش، يېزا تەكلىپ قىلىش-كەنت ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش خادىملىرىنى ناھىيە رايونىدىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلىنىش خادىملىرىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.
执业医师晋升为副高级技术职称的,应当有累计一年以上在县级以下或者对口支援的医疗卫生机构提供医疗卫生服务的经历;晋升副高级技术职称后,在县级以下或者对口支援的医疗卫生机构提供医疗卫生服务,累计一年以上的,同等条件下优先晋升正高级技术职称。
كەسپىي ۋىراچ كاندىدات ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ياكى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلغىنىغا جەمئىي بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك؛ كاندىدات ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ياكى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىنىدۇ، جەمئىي بىر يىلدىن ئاشقانلىرىنىڭ ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈلىدۇ.
国家采取措施,鼓励取得执业医师资格或者执业助理医师资格的人员依法开办村医疗卫生机构,或者在村医疗卫生机构提供医疗卫生服务。
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، كەسپىي ۋىراچلىق سالاھىيىتى ياكى كەسپىي ياردەمچى ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ياكى كەنت داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第四十七条 国家鼓励在村医疗卫生机构中向村民提供预防、保健和一般医疗服务的乡村医生通过医学教育取得医学专业学历;鼓励符合条件的乡村医生参加医师资格考试,依法取得医师资格。
47-ماددا دۆلەت كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كەنت ئاھالىسىگە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ۋە ئادەتتىكى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان يېزا دوختۇرلىرىنىڭ تېببىي مائارىپ ئارقىلىق تېببىي كەسپىي ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، قانۇن بويىچە ۋىراچلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.
国家采取措施,通过信息化、智能化手段帮助乡村医生提高医学技术能力和水平,进一步完善对乡村医生的服务收入多渠道补助机制和养老等政策。
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىيلەشكەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يېزا دوختۇرلىرىنىڭ تېببىي تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، يېزا دوختۇرلىرىنىڭ مۇلازىمەت كىرىمىگە كۆپ يوللار ئارقىلىق ياردەم پۇل بېرىش مېخانىزمى ۋە ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
乡村医生的具体管理办法,由国务院制定。
يېزا دوختۇرلىرىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ.
第四十八条 医师有下列情形之一的,按照国家有关规定给予表彰、奖励:
48-ماددا دوختۇرلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ :
(一)在执业活动中,医德高尚,事迹突出;
( 1 ) كەسىپكارلىق پائالىيىتىدە دوختۇرلۇق ئەخلاقى ئالىيجاناب، ئىش ئىزلىرى گەۋدىلىك بولغان بولۇش؛
(二)在医学研究、教育中开拓创新,对医学专业技术有重大突破,做出显著贡献;
( 2 ) تېببىي تەتقىقات، مائارىپ داۋامىدا يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېببىي كەسپىي تېخنىكىدا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛
(三)遇有突发事件时,在预防预警、救死扶伤等工作中表现突出;
( 3 ) تاسادىپىي ۋەقەگە يولۇققاندا، ئالدىنى ئېلىش، سىگنال بېرىش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇش؛
(四)长期在艰苦边远地区的县级以下医疗卫生机构努力工作;
( 4 ) جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىپ ئىشلەش؛
(五)在疾病预防控制、健康促进工作中做出突出贡献;
( 5 ) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛
(六)法律、法规规定的其他情形。
( 6 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第四十九条 县级以上人民政府及其有关部门应当将医疗纠纷预防和处理工作纳入社会治安综合治理体系,加强医疗卫生机构及周边治安综合治理,维护医疗卫生机构良好的执业环境,有效防范和依法打击涉医违法犯罪行为,保护医患双方合法权益。
49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى داۋالاش ماجىراسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەتراپنىڭ ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياخشى كەسىپ مۇھىتىنى قوغداپ، داۋالاشقا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
医疗卫生机构应当完善安全保卫措施,维护良好的医疗秩序,及时主动化解医疗纠纷,保障医师执业安全。
داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى داۋالاش تەرتىپىنى ساقلىشى، داۋالاش ماجىرالىرىنى ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەسەيتىشى، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
禁止任何组织或者个人阻碍医师依法执业,干扰医师正常工作、生活;禁止通过侮辱、诽谤、威胁、殴打等方式,侵犯医师的人格尊严、人身安全。
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ۋىراچنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى، ۋىراچلارنىڭ نورمال خىزمىتى، تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دوختۇرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە چېقىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
第五十条 医疗卫生机构应当为医师提供职业安全和卫生防护用品,并采取有效的卫生防护和医疗保健措施。
50-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى دوختۇرلارنى كەسپىي بىخەتەرلىك ۋە سەھىيە مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئەسى ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
医师受到事故伤害或者在职业活动中因接触有毒、有害因素而引起疾病、死亡的,依照有关法律、行政法规的规定享受工伤保险待遇。
دوختۇرلار ھادىسە سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ياكى كەسپىي پائالىيەت جەريانىدا زەھەرلىك، زىيانلىق ئامىللار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن كېسەل بولغان، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第五十一条 医疗卫生机构应当为医师合理安排工作时间,落实带薪休假制度,定期开展健康检查。
51-ماددا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى دوختۇرلارغا خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.
第五十二条 国家建立完善医疗风险分担机制。医疗机构应当参加医疗责任保险或者建立、参加医疗风险基金。鼓励患者参加医疗意外保险。
52-ماددا دۆلەت داۋالاش خەۋپ-خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ياكى داۋالاش خەۋپ-خەتىرى فوندى قۇرۇشى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك. بىمارلارنىڭ كۈتۈلمىگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
第五十三条 新闻媒体应当开展医疗卫生法律、法规和医疗卫生知识的公益宣传,弘扬医师先进事迹,引导公众尊重医师、理性对待医疗卫生风险。
53-ماددا ئاخبارات تاراتقۇلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، دوختۇرلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنى دوختۇرلارنى ھۆرمەت قىلىشقا، داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش خەۋپ-خەتىرىگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第五十四条 在医师资格考试中有违反考试纪律等行为,情节严重的,一年至三年内禁止参加医师资格考试。
54-ماددا ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپ قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
以不正当手段取得医师资格证书或者医师执业证书的,由发给证书的卫生健康主管部门予以撤销,三年内不受理其相应申请。
ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ۋىراچلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان بولسا، گۇۋاھنامە بەرگەن سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە مۇناسىپ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
伪造、变造、买卖、出租、出借医师执业证书的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令改正,没收违法所得,并处违法所得二倍以上五倍以下的罚款,违法所得不足一万元的,按一万元计算;情节严重的,吊销医师执业证书。
ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەتكە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
第五十五条 违反本法规定,医师在执业活动中有下列行为之一的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令改正,给予警告;情节严重的,责令暂停六个月以上一年以下执业活动直至吊销医师执业证书:
55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋىراچلاردىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلغانغا قەدەر ئالتە ئايدىن ئارتۇق، بىر يىلدىن تۆۋەن كەسپىي پائالىيەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ :
(一)在提供医疗卫生服务或者开展医学临床研究中,未按照规定履行告知义务或者取得知情同意;
( 1 ) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش ياكى تېببىي كىلىنىكىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا؛
(二)对需要紧急救治的患者,拒绝急救处置,或者由于不负责任延误诊治;
( 2 ) جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك ئاغرىقلارغا قارىتا جىددىي قۇتقۇزۇش-بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلىش ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ داۋالاشنى كېچىكتۈرۈش؛
(三)遇有自然灾害、事故灾难、公共卫生事件和社会安全事件等严重威胁人民生命健康的突发事件时,不服从卫生健康主管部门调遣;
( 3 ) تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى قاتارلىق خەلقنىڭ ھاياتى-ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەۋەتىشىگە بويسۇنماسلىق؛
(四)未按照规定报告有关情形;
( 4 ) مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار؛
(五)违反法律、法规、规章或者执业规范,造成医疗事故或者其他严重后果。
( 5 ) قانۇن-نىزام، قائىدە ياكى كەسىپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.
第五十六条 违反本法规定,医师在执业活动中有下列行为之一的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令改正,给予警告,没收违法所得,并处一万元以上三万元以下的罚款;情节严重的,责令暂停六个月以上一年以下执业活动直至吊销医师执业证书:
56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋىراچلاردىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلغانغا قەدەر ئالتە ئايدىن ئارتۇق، بىر يىلدىن تۆۋەن كەسپىي پائالىيەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ :
(一)泄露患者隐私或者个人信息;
( 1 ) بىمارنىڭ شەخسىيىتى ياكى شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛
(二)出具虚假医学证明文件,或者未经亲自诊查、调查,签署诊断、治疗、流行病学等证明文件或者有关出生、死亡等证明文件;
( 2 ) ساختا تېببىي ئىسپات ھۆججىتى چىقىرىش ياكى ئۆزى دىياگنوز قويدۇرۇش، تەكشۈرتمەسلىك، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ياكى تۇغۇلۇش، ئۆلۈش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش؛
(三)隐匿、伪造、篡改或者擅自销毁病历等医学文书及有关资料;
( 3 ) كېسەل تارىخى قاتارلىق تېببىي ھۆججەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تىقىۋېلىش، ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىش؛
(四)未按照规定使用麻醉药品、医疗用毒性药品、精神药品、放射性药品等;
( 4 ) ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، روھىي دورا، رادىيوئاكتىپلىق دورا قاتارلىقلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەسلىك؛
(五)利用职务之便,索要、非法收受财物或者牟取其他不正当利益,或者违反诊疗规范,对患者实施不必要的检查、治疗造成不良后果;
( 5 ) خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۇل-مال تەلەپ قىلىپ، قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشىپ ياكى داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىمارنى ئورۇنسىز تەكشۈرۈش، داۋالاشتىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(六)开展禁止类医疗技术临床应用。
( 6 ) مەنئى قىلىنغان تۈردىكى داۋالاش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇش.
第五十七条 违反本法规定,医师未按照注册的执业地点、执业类别、执业范围执业的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门或者中医药主管部门责令改正,给予警告,没收违法所得,并处一万元以上三万元以下的罚款;情节严重的,责令暂停六个月以上一年以下执业活动直至吊销医师执业证书。
57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋىراچلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپكارلىق ئورنى، كەسىپكارلىق تۈرى، كەسىپكارلىق دائىرىسىدە كەسىپكارلىق قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ياكى جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلغانغا قەدەر ئالتە ئايدىن ئارتۇق، بىر يىلدىن تۆۋەن كەسپىي پائالىيەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.
第五十八条 严重违反医师职业道德、医学伦理规范,造成恶劣社会影响的,由省级以上人民政府卫生健康主管部门吊销医师执业证书或者责令停止非法执业活动,五年直至终身禁止从事医疗卫生服务或者医学临床研究。
58-ماددا ۋىراچلار كەسىپ ئەخلاقى، تېببىي ئېتىكا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋىراچلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ياكى قانۇنسىز كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ياكى تېببىي كىلىنىكىلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەش يىلغىچە ئۆمۈرلۈك مەنئى قىلىدۇ.
第五十九条 违反本法规定,非医师行医的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令停止非法执业活动,没收违法所得和药品、医疗器械,并处违法所得二倍以上十倍以下的罚款,违法所得不足一万元的,按一万元计算。
59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋىراچسىز دوختۇرلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز كەسىپكارلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
第六十条 违反本法规定,阻碍医师依法执业,干扰医师正常工作、生活,或者通过侮辱、诽谤、威胁、殴打等方式,侵犯医师人格尊严、人身安全,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚。
60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ نورمال خىزمىتى، تۇرمۇشىغا كاشىلا سالغان ياكى ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوختۇرلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە چېقىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
第六十一条 违反本法规定,医疗卫生机构未履行报告职责,造成严重后果的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门给予警告,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十二条 违反本法规定,卫生健康主管部门和其他有关部门工作人员或者医疗卫生机构工作人员弄虚作假、滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法给予处分。
62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرى ياكى داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十三条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任;造成人身、财产损害的,依法承担民事责任。
63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第六十四条 国家采取措施,鼓励具有中等专业学校医学专业学历的人员通过参加更高层次学历教育等方式,提高医学技术能力和水平。
64-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تېببىي تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
在本法施行前以及在本法施行后一定期限内取得中等专业学校相关医学专业学历的人员,可以参加医师资格考试。具体办法由国务院卫生健康主管部门会同国务院教育、中医药等有关部门制定。
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، شۇنداقلا بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
第六十五条 中国人民解放军和中国人民武装警察部队执行本法的具体办法,由国务院、中央军事委员会依据本法制定。
65-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.
第六十六条 境外人员参加医师资格考试、申请注册、执业或者从事临床示教、临床研究、临床学术交流等活动的具体管理办法,由国务院卫生健康主管部门制定。
66-ماددا چېگرا سىرتىدىكى خادىملارنىڭ ۋىراچلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىش، تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى كىلىنىكىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، كىلىنىكىلىق تەتقىقات، كىلىنىكىلىق ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.
第六十七条 本法自2022年3月1日起施行。《中华人民共和国执业医师法》同时废止。
67-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.