(2022年9月2日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十六次会议通过)
( 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2022年9月2日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十六次会议通过)
( 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 电信治理
2-باب تېلېگىرافنى تۈزەش
第三章 金融治理
3-باب پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش
第四章 互联网治理
4-باب ئالاقە تورىنى تۈزەش
第五章 综合措施
5-باب ئۇنىۋېرسال تەدبىر
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了预防、遏制和惩治电信网络诈骗活动,加强反电信网络诈骗工作,保护公民和组织的合法权益,维护社会稳定和国家安全,根据宪法,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاش، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
第二条 本法所称电信网络诈骗,是指以非法占有为目的,利用电信网络技术手段,通过远程、非接触等方式,诈骗公私财物的行为。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، تېلېگراف-تور تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يىراق مۇساپىلىك، ئۇچراشمايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 打击治理在中华人民共和国境内实施的电信网络诈骗活动或者中华人民共和国公民在境外实施的电信网络诈骗活动,适用本法。
3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە قىلىنغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىگە ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى چېگرا سىرتىدا قىلغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
境外的组织、个人针对中华人民共和国境内实施电信网络诈骗活动的,或者为他人针对境内实施电信网络诈骗活动提供产品、服务等帮助的,依照本法有关规定处理和追究责任。
چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى قىلغانلىرى ياكى باشقىلارنىڭ چېگرا ئىچىدە تېلېگراف-تورى ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى قىلىشىغا مەھسۇلات، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەرگەنلىرى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第四条 反电信网络诈骗工作坚持以人民为中心,统筹发展和安全;坚持系统观念、法治思维,注重源头治理、综合治理;坚持齐抓共管、群防群治,全面落实打防管控各项措施,加强社会宣传教育防范;坚持精准防治,保障正常生产经营活动和群众生活便利。
4-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشكە، ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەشۋىقاتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىش-ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتتى؛ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
第五条 反电信网络诈骗工作应当依法进行,维护公民和组织的合法权益。
5-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
有关部门和单位、个人应当对在反电信网络诈骗工作过程中知悉的国家秘密、商业秘密和个人隐私、个人信息予以保密。
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شەخسلەر تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى، شەخسىي ئۇچۇرنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
第六条 国务院建立反电信网络诈骗工作机制,统筹协调打击治理工作。
6-ماددا گوۋۇيۈەن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ.
地方各级人民政府组织领导本行政区域内反电信网络诈骗工作,确定反电信网络诈骗目标任务和工作机制,开展综合治理。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى نىشان-ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بېكىتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇرىدۇ.
公安机关牵头负责反电信网络诈骗工作,金融、电信、网信、市场监管等有关部门依照职责履行监管主体责任,负责本行业领域反电信网络诈骗工作。
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە باش بولۇپ مەسئۇل بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، شۇ ساھە ساھەسىنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
人民法院、人民检察院发挥审判、检察职能作用,依法防范、惩治电信网络诈骗活动。
خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت قىلىش، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى جازالىدى.
电信业务经营者、银行业金融机构、非银行支付机构、互联网服务提供者承担风险防控责任,建立反电信网络诈骗内部控制机制和安全责任制度,加强新业务涉诈风险安全评估。
تېلېگراف كەسپى تىجارىتى قىلغۇچىلار، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق خەۋپ-خەتىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.
第七条 有关部门、单位在反电信网络诈骗工作中应当密切协作,实现跨行业、跨地域协同配合、快速联动,加强专业队伍建设,有效打击治理电信网络诈骗活动。
7-ماددا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، ساھە ھالقىپ، رايون ھالقىپ ماسلىشىپ، تېز بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسپىي قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك.
第八条 各级人民政府和有关部门应当加强反电信网络诈骗宣传,普及相关法律和知识,提高公众对各类电信网络诈骗方式的防骗意识和识骗能力。
8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ئۇسۇلىغا بولغان ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئالدامچىلىقنى تونۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
教育行政、市场监管、民政等有关部门和村民委员会、居民委员会,应当结合电信网络诈骗受害群体的分布等特征,加强对老年人、青少年等群体的宣传教育,增强反电信网络诈骗宣传教育的针对性、精准性,开展反电信网络诈骗宣传教育进学校、进企业、进社区、进农村、进家庭等活动。
مائارىپ مەمۇرىيىتى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر توپىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ياشانغانلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغا بولغان تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىشى، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى تەشۋىق-تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، دەل جايىدا بولۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.
各单位应当加强内部防范电信网络诈骗工作,对工作人员开展防范电信网络诈骗教育;个人应当加强电信网络诈骗防范意识。单位、个人应当协助、配合有关部门依照本法规定开展反电信网络诈骗工作。
ھەرقايسى ئورۇنلار ئىچكى قىسىمدا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتچى خادىملارغا قارىتا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك؛ شەخسلەر تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئورۇنلار، شەخسلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك.
第二章 电信治理
2-باب تېلېگىرافنى تۈزەش
第九条 电信业务经营者应当依法全面落实电话用户真实身份信息登记制度。
9-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى تېلېفون ئابونتىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
基础电信企业和移动通信转售企业应当承担对代理商落实电话用户实名制管理责任,在协议中明确代理商实名制登记的责任和有关违约处置措施。
ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېلىپ سېتىش كارخانىلىرى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرگە تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كېلىشىمدە ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار توختامغا خىلاپلىق قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
第十条 办理电话卡不得超出国家有关规定限制的数量。
10-ماددا بېجىرىلىدىغان تېلېفون كارتىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بەلگىلىگەن ساندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
对经识别存在异常办卡情形的,电信业务经营者有权加强核查或者拒绝办卡。具体识别办法由国务院电信主管部门制定。
بىنورمال كارتا بېجىرىش ئەھۋالى بايقالسا، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىسى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ياكى كارتا بېجىرىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. كونكرېت پەرقلەندۈرۈش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.
国务院电信主管部门组织建立电话用户开卡数量核验机制和风险信息共享机制,并为用户查询名下电话卡信息提供便捷渠道。
گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ كارتا ئېچىش سانىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى قۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نامىدىكى تېلېفون كارتىسى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قولاي يول بىلەن تەمىنلەيدۇ.
第十一条 电信业务经营者对监测识别的涉诈异常电话卡用户应当重新进行实名核验,根据风险等级采取有区别的、相应的核验措施。对未按规定核验或者核验未通过的,电信业务经营者可以限制、暂停有关电话卡功能。
11-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگەن ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بىنورمال تېلېفون كارتىسى ئابۇنىچىلىرىنى قايتىدىن ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تەكشۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىق، مۇناسىپ تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسە، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىسى مۇناسىۋەتلىك تېلېفون كارتىسى ئىقتىدارىنى چەكلىسە، ۋاقتىنچە توختاتسا بولىدۇ.
第十二条 电信业务经营者建立物联网卡用户风险评估制度,评估未通过的,不得向其销售物联网卡;严格登记物联网卡用户身份信息;采取有效技术措施限定物联网卡开通功能、使用场景和适用设备。
12-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى نەرسە تورى كارتىسى ئابۇنىچىلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، باھالاشتىن ئۆتەلمىسە، ئۇنىڭغا نەرسە تورى كارتىسى سېتىپ بەرسە بولمايدۇ؛ نەرسە تورى كارتىسى ئابۇنىچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى قاتتىق تىزىملاش؛ ئۈنۈملۈك تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ، نەرسە تورى كارتىسىنىڭ ئىقتىدار، ئىشلىتىش ئورنى ۋە ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىسىنى ئېچىشقا چەك قويۇش.
单位用户从电信业务经营者购买物联网卡再将载有物联网卡的设备销售给其他用户的,应当核验和登记用户身份信息,并将销量、存量及用户实名信息传送给号码归属的电信业务经营者。
ئورۇن ئابۇنىچىلىرى تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىسىدىن نەرسە تورى كارتىسى سېتىۋېلىپ، ئاندىن نەرسە تورى كارتىسى بار ئۈسكۈنىنى باشقا ئابۇنىچىلارغا سېتىپ بەرسە، ئابۇنىچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشى ۋە تىزىملىتىشى ھەمدە سېتىش مىقدارى، ساقلىنىش مىقدارى ۋە ئابۇنىچىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم ئۇچۇرىنى نومۇر تەۋەلىكىدىكى تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
电信业务经营者对物联网卡的使用建立监测预警机制。对存在异常使用情形的,应当采取暂停服务、重新核验身份和使用场景或者其他合同约定的处置措施。
تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى نەرسە تورى كارتىسى ئىشلىتىشكە قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. بىنورمال ئىشلىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش، سالاھىيەت ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى قايتا تەكشۈرۈش ياكى باشقا توختامدا پۈتۈشكەن بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
第十三条 电信业务经营者应当规范真实主叫号码传送和电信线路出租,对改号电话进行封堵拦截和溯源核查。
13-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ھەقىقىي چاقىرغۇچىنىڭ نومۇرىنى يەتكۈزۈش ۋە تېلېگراف لىنىيەسىنى ئىجارىگە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نومۇر ئۆزگەرتكەن تېلېفوننى توسۇشى ۋە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
电信业务经营者应当严格规范国际通信业务出入口局主叫号码传送,真实、准确向用户提示来电号码所属国家或者地区,对网内和网间虚假主叫、不规范主叫进行识别、拦截。
تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى خەلقئارا خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى چاقىرغۇچىنىڭ نومۇرىنى يەتكۈزۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئابۇنىچىغا كەلگەن تېلېفون نومۇرى تەۋە دۆلەت ياكى رايوننى ھەقىقىي، توغرا ئەسكەرتىپ، تور ئىچى ۋە تور ئارىسىدىكى ساختا چاقىرغۇچى، قېلىپلاشمىغان چاقىرغۇچىنى پەرقلەندۈرۈشى، توسۇشى كېرەك.
第十四条 任何单位和个人不得非法制造、买卖、提供或者使用下列设备、软件:
14-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ئۈسكۈنە، يۇمشاق ماتېرىياللارنى قانۇنسىز ياسىشىغا، ئېلىپ-سېتىشىغا، تەمىنلىشىگە ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ :
(一)电话卡批量插入设备;
( 1 ) تېلېفون كارتىسىنى تۈركۈملەپ كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى؛
(二)具有改变主叫号码、虚拟拨号、互联网电话违规接入公用电信网络等功能的设备、软件;
( 2 ) چاقىرغۇچىنىڭ نومۇرىنى ئۆزگەرتىش، مەۋھۇم نومۇر بېسىش، ئالاقە تورى تېلېفونىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاممىۋى تېلېگراف تورىغا ئۇلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئۈسكۈنە، يۇمشاق دېتال؛
(三)批量账号、网络地址自动切换系统,批量接收提供短信验证、语音验证的平台;
( 3 ) ھېسابات نومۇرى، تور ئادرېسىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى تۈركۈملەپ ئالماشتۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەش، ئاۋاز ئارقىلىق دەلىللەش سۇپىسىنى تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىش؛
(四)其他用于实施电信网络诈骗等违法犯罪的设备、软件。
( 4 ) تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئۈسكۈنە، يۇمشاق ماتېرىياللار.
电信业务经营者、互联网服务提供者应当采取技术措施,及时识别、阻断前款规定的非法设备、软件接入网络,并向公安机关和相关行业主管部门报告。
تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز ئۈسكۈنە، يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ تورغا ئۇلىنىشىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈزۈۋېتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار ساھەنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第三章 金融治理
3-باب پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش
第十五条 银行业金融机构、非银行支付机构为客户开立银行账户、支付账户及提供支付结算服务,和与客户业务关系存续期间,应当建立客户尽职调查制度,依法识别受益所有人,采取相应风险管理措施,防范银行账户、支付账户等被用于电信网络诈骗活动。
15-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى مۇئامىلىدارلارغا بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە چىقىم، راسچوت مۇلازىمىتى قىلىدۇ ۋە مۇئامىلىدارلار كەسپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، مۇئامىلىدارلارنى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەنپەئەتلەنگۈچىنى قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈپ، مۇناسىپ خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك، بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى قاتارلىقلارنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىگە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
第十六条 开立银行账户、支付账户不得超出国家有关规定限制的数量。
16-ماددا ئېچىلغان بانكا ھېسابات نومۇرى، چىقىم ھېسابات نومۇرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بەلگىلىگەن ساندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
对经识别存在异常开户情形的,银行业金融机构、非银行支付机构有权加强核查或者拒绝开户。
پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق بىنورمال ھېسابات ئېچىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ياكى ھېسابات ئېچىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
中国人民银行、国务院银行业监督管理机构组织有关清算机构建立跨机构开户数量核验机制和风险信息共享机制,并为客户提供查询名下银行账户、支付账户的便捷渠道。银行业金融机构、非银行支付机构应当按照国家有关规定提供开户情况和有关风险信息。相关信息不得用于反电信网络诈骗以外的其他用途。
جۇڭگو خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەننىڭ بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ھېسابات ئېنىقلاش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، ئاپپارات ھالقىغان ھېساب ئېچىش سانىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە خېرىدارلارنى نامىدىكى بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قولايلىق يول بىلەن تەمىنلەيدۇ. بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابات ئېچىش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
第十七条 银行业金融机构、非银行支付机构应当建立开立企业账户异常情形的风险防控机制。金融、电信、市场监管、税务等有关部门建立开立企业账户相关信息共享查询系统,提供联网核查服务。
17-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى كارخانا ھېساباتى ئېچىشتىكى بىنورمال ئەھۋالدا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، باج قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كارخانا ھېساباتى ئېچىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ، تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
市场主体登记机关应当依法对企业实名登记履行身份信息核验职责;依照规定对登记事项进行监督检查,对可能存在虚假登记、涉诈异常的企业重点监督检查,依法撤销登记的,依照前款的规定及时共享信息;为银行业金融机构、非银行支付机构进行客户尽职调查和依法识别受益所有人提供便利。
بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىغۇچى ئورگان كارخانىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاپ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك؛ بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ساختا تىزىملاش ئېھتىمالى بولغان، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق نورمالسىزلىق ساقلانغان كارخانىلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، تىزىملاشنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇردىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ؛ بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇئامىلىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە نەپكە ئېرىشكەن بارلىق كىشىلەرنى قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
第十八条 银行业金融机构、非银行支付机构应当对银行账户、支付账户及支付结算服务加强监测,建立完善符合电信网络诈骗活动特征的异常账户和可疑交易监测机制。
18-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى ۋە چىقىم راسچوت مۇلازىمىتىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىنورمال ھېسابات ۋە گۇمانلىق سودىنى كۆزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
中国人民银行统筹建立跨银行业金融机构、非银行支付机构的反洗钱统一监测系统,会同国务院公安部门完善与电信网络诈骗犯罪资金流转特点相适应的反洗钱可疑交易报告制度。
جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا ھالقىغان ساھە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى بىرتۇتاش كۆزىتىش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرىدۇ، گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى مەبلەغ ئوبوروتى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش گۇمانلىق سودىسىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
对监测识别的异常账户和可疑交易,银行业金融机构、非银行支付机构应当根据风险情况,采取核实交易情况、重新核验身份、延迟支付结算、限制或者中止有关业务等必要的防范措施。
كۆزىتىپ ئۆلچەپ پەرقلەندۈرگەن بىنورمال ھېسابات ۋە گۇمانلىق سودىغا قارىتا، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىغا ئاساسەن، سودا ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش، چىقىم قىلىپ راسچوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى چەكلەش ياكى توختىتىپ تۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
银行业金融机构、非银行支付机构依照第一款规定开展异常账户和可疑交易监测时,可以收集异常客户互联网协议地址、网卡地址、支付受理终端信息等必要的交易信息、设备位置信息。上述信息未经客户授权,不得用于反电信网络诈骗以外的其他用途。
بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتى 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىنورمال ھېسابات ۋە گۇمانلىق سودىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرغاندا، بىنورمال مۇئامىلىدارنىڭ ئالاقە تورى كېلىشىمى ئادرېسى، تور كارتىسى ئادرېسى، چىقىم قىلىش-قوبۇل قىلىش تېرمىنال ئۇچۇرى قاتارلىق زۆرۈر سودا ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ ئورنى ئۇچۇرىنى توپلىسا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى مۇئامىلىدارنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
第十九条 银行业金融机构、非银行支付机构应当按照国家有关规定,完整、准确传输直接提供商品或者服务的商户名称、收付款客户名称及账号等交易信息,保证交易信息的真实、完整和支付全流程中的一致性。
19-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان سودىگەرنىڭ نامى، پۇل ئالغۇچى-چىقىم قىلغۇچى مۇئامىلىدارنىڭ نامى ۋە ھېسابات نومۇرى قاتارلىق سودا ئۇچۇرلىرىنى تولۇق، توغرا يەتكۈزۈپ، سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي، مۇكەممەل ۋە چىقىم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第二十条 国务院公安部门会同有关部门建立完善电信网络诈骗涉案资金即时查询、紧急止付、快速冻结、及时解冻和资金返还制度,明确有关条件、程序和救济措施。
20-ماددا گوۋۇيۈەن گۇڭئەن تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق مەبلەغنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، جىددىي چىقىم قىلىشنى توختىتىش، تېز توڭلىتىش، ۋاقتىدا توڭلىتىش ۋە مەبلەغنى قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك شەرت، تەرتىپ ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
公安机关依法决定采取上述措施的,银行业金融机构、非银行支付机构应当予以配合。
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يۇقىرىقى تەدبىر قوللىنىشنى قانۇن بويىچە قارار قىلسا، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى ماسلىشىشى كېرەك.
第四章 互联网治理
4-باب ئالاقە تورىنى تۈزەش
第二十一条 电信业务经营者、互联网服务提供者为用户提供下列服务,在与用户签订协议或者确认提供服务时,应当依法要求用户提供真实身份信息,用户不提供真实身份信息的,不得提供服务:
21-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىشلەتكۈچىلەرگە تۆۋەندىكى مۇلازىمەتلەرنى قىلغاندا، ئابونت بىلەن كېلىشىم تۈزگەندە ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئابونتتىن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشى كېرەك، ئابونت ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بەرمىسە، مۇلازىمەت قىلسا بولمايدۇ :
(一)提供互联网接入服务;
( 1 ) ئالاقە تورىغا ئۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(二)提供网络代理等网络地址转换服务;
( 2 ) تور ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق تور ئادرېسىنى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(三)提供互联网域名注册、服务器托管、空间租用、云服务、内容分发服务;
( 3 ) ئالاقە تورى ساھە نامىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، مۇلازىمېتىرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، بوشلۇق ئىجارىگە بېرىش، بۇلۇت مۇلازىمىتى، مەزمۇن تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(四)提供信息、软件发布服务,或者提供即时通讯、网络交易、网络游戏、网络直播发布、广告推广服务。
( 4 ) ئۇچۇر، يۇمشاق ماتېرىيال ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ياكى دەماللىق خەۋەرلىشىش، تور سودىسى، تور ئويۇنى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئېلان قىلىش، ئېلان كېڭەيتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش.
第二十二条 互联网服务提供者对监测识别的涉诈异常账号应当重新核验,根据国家有关规定采取限制功能、暂停服务等处置措施。
22-ماددا ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگەن ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بىنورمال ھېسابات نومۇرىنى قايتا تەكشۈرۈشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىقتىدارنى چەكلەش، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
互联网服务提供者应当根据公安机关、电信主管部门要求,对涉案电话卡、涉诈异常电话卡所关联注册的有关互联网账号进行核验,根据风险情况,采取限期改正、限制功能、暂停使用、关闭账号、禁止重新注册等处置措施。
ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار گۇڭئەن ئورگىنى، تېلېگراف مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دېلوغا چېتىشلىق تېلېفون كارتىسى، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بىنورمال تېلېفون كارتىسىغا مۇناسىۋەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈشى، خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىغا قاراپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىش، ئىقتىدارنى چەكلەش، ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ھېسابات نومۇرىنى تاقاش، قايتا رويخەتكە ئېلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
第二十三条 设立移动互联网应用程序应当按照国家有关规定向电信主管部门办理许可或者备案手续。
23-ماددا كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تېلېگراف مەسئۇل تارمىقىغا ئىجازەت بېرىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.
为应用程序提供封装、分发服务的,应当登记并核验应用程序开发运营者的真实身份信息,核验应用程序的功能、用途。
قوللىنىشچان پىروگراممىنى پېچەتلەش، تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلىشتا، قوللىنىشچان پىروگرامما ئېچىش-تىجارەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش ھەمدە تەكشۈرۈش، قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
公安、电信、网信等部门和电信业务经营者、互联网服务提供者应当加强对分发平台以外途径下载传播的涉诈应用程序重点监测、及时处置。
جامائەت خەۋپسىزلىكى، تېلېگراف، تور ئۇچۇرى قاتارلىق تارماقلار ۋە تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تارقىتىش سۇپىسىدىن باشقا يول ئارقىلىق چۈشۈرۈپ تارقاتقان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ئەمەلىي پىروگراممىلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىش-ئۆلچەش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第二十四条 提供域名解析、域名跳转、网址链接转换服务的,应当按照国家有关规定,核验域名注册、解析信息和互联网协议地址的真实性、准确性,规范域名跳转,记录并留存所提供相应服务的日志信息,支持实现对解析、跳转、转换记录的溯源。
24-ماددا ساھە نامىنى ئانالىز قىلىش، ساھە نامىنى يۆتكەش، تور ئادرېسىنى ئۇلاش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ساھە نامىنى رويخەتكە ئېلىش، ئانالىز قىلىش ئۇچۇرى ۋە ئالاقە تورى كېلىشىمى ئادرېسىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىنى تەكشۈرۈش، ساھە نامىنى يۆتكەشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇناسىپ مۇلازىمەت قىلغان كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش ۋە ساقلاش كېرەك، ئانالىز قىلىش، يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ.
第二十五条 任何单位和个人不得为他人实施电信网络诈骗活动提供下列支持或者帮助:
25-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى قىلىشىغا تۆۋەندىكى مەدەت ياكى ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ :
(一)出售、提供个人信息;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى سېتىش، تەمىنلەش؛
(二)帮助他人通过虚拟货币交易等方式洗钱;
( 2 ) باشقىلارنىڭ مەۋھۇم پۇل سودىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل يۇيۇشىغا ياردەم بېرىش؛
(三)其他为电信网络诈骗活动提供支持或者帮助的行为。
( 3 ) تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنى قوللايدىغان ياكى ياردەم بېرىدىغان باشقا قىلمىشلار.
电信业务经营者、互联网服务提供者应当依照国家有关规定,履行合理注意义务,对利用下列业务从事涉诈支持、帮助活动进行监测识别和处置:
تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، تۆۋەندىكى كەسىپلەردىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق قوللاش، ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆزىتىپ، پەرقلەندۈرۈشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك :
(一)提供互联网接入、服务器托管、网络存储、通讯传输、线路出租、域名解析等网络资源服务;
( 1 ) ئالاقە تورىنى ئۇلاش، مۇلازىمېتىرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، تور ساقلاش، خەۋەرلىشىش يوللاش، لىنىيەنى ئىجارىگە بېرىش، دائىرە نامىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق تور بايلىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(二)提供信息发布或者搜索、广告推广、引流推广等网络推广服务;
( 2 ) ئۇچۇر ئېلان قىلىش ياكى ئىزدەش، ئېلان كېڭەيتىش، كىرگۈزۈش-كېڭەيتىش قاتارلىق تور كېڭەيتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(三)提供应用程序、网站等网络技术、产品的制作、维护服务;
( 3 ) قوللىنىشچان پىروگرامما، تور بېكىتى قاتارلىق تور تېخنىكىسى، مەھسۇلات ياساش، ئاسراش مۇلازىمىتى قىلىش؛
(四)提供支付结算服务。
( 4 ) چىقىم، راسچوت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش.
第二十六条 公安机关办理电信网络诈骗案件依法调取证据的,互联网服务提供者应当及时提供技术支持和协助。
26-ماددا گوڭئەن ئورگانلىرىدىن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسىنى بېجىرىشتە قانۇن بويىچە دەلىل-ئىسپات ئالغانلىرىغا ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋاقتىدا تېخنىكا مەدىتى ۋە ياردىمى بېرىشى كېرەك.
互联网服务提供者依照本法规定对有关涉诈信息、活动进行监测时,发现涉诈违法犯罪线索、风险信息的,应当依照国家有关规定,根据涉诈风险类型、程度情况移送公安、金融、电信、网信等部门。有关部门应当建立完善反馈机制,将相关情况及时告知移送单位。
ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ئۇچۇر، پائالىيەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچىگەندە، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى، خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرىنى بايقىسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالدامچىلىققا چېتىلىدىغان خەۋپ-خەتەرنىڭ تۈرى، دەرىجىسى ئەھۋالىغا قاراپ جامائەت خەۋپسىزلىكى، پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، تور ئۇچۇرى قاتارلىق تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第五章 综合措施
5-باب ئۇنىۋېرسال تەدبىر
第二十七条 公安机关应当建立完善打击治理电信网络诈骗工作机制,加强专门队伍和专业技术建设,各警种、各地公安机关应当密切配合,依法有效惩处电信网络诈骗活动。
27-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس قوشۇن ۋە كەسپىي تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زىچ ماسلىشىپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك جازالىشى كېرەك.
公安机关接到电信网络诈骗活动的报案或者发现电信网络诈骗活动,应当依照《中华人民共和国刑事诉讼法》的规定立案侦查。
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى بايقىغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىشى كېرەك.
第二十八条 金融、电信、网信部门依照职责对银行业金融机构、非银行支付机构、电信业务经营者、互联网服务提供者落实本法规定情况进行监督检查。有关监督检查活动应当依法规范开展。
28-ماددا پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، تور-ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.
第二十九条 个人信息处理者应当依照《中华人民共和国个人信息保护法》等法律规定,规范个人信息处理,加强个人信息保护,建立个人信息被用于电信网络诈骗的防范机制。
29-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.
履行个人信息保护职责的部门、单位对可能被电信网络诈骗利用的物流信息、交易信息、贷款信息、医疗信息、婚介信息等实施重点保护。公安机关办理电信网络诈骗案件,应当同时查证犯罪所利用的个人信息来源,依法追究相关人员和单位责任。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار، ئورۇنلار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىدىن پايدىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرى، قەرز پۇل ئۇچۇرى، داۋالاش ئۇچۇرى، لايىق تونۇشتۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسىنى بېجىرىشتە، جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە پايدىلانغان شەخسىي ئۇچۇر مەنبەسىنى بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ئالاقىدار خادىملار ۋە ئورۇنلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
第三十条 电信业务经营者、银行业金融机构、非银行支付机构、互联网服务提供者应当对从业人员和用户开展反电信网络诈骗宣传,在有关业务活动中对防范电信网络诈骗作出提示,对本领域新出现的电信网络诈骗手段及时向用户作出提醒,对非法买卖、出租、出借本人有关卡、账户、账号等被用于电信网络诈骗的法律责任作出警示。
30-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، بانكىچىلىق-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار كەسىپكارلار ۋە ئابۇنىچىلارغا قارىتا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي پائالىيەتلەردە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىشى، شۇ ساھەدە يېڭىدىن پەيدا بولغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئابۇنىچىلارغا ۋاقتىدا ئەسكەرتىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ تاموژنا كارتىسى، ھېسابات نومۇرى، ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ئىشلەتكەن قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش قانۇن جاۋابكارلىقىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى كېرەك.
新闻、广播、电视、文化、互联网信息服务等单位,应当面向社会有针对性地开展反电信网络诈骗宣传教育。
ئاخبارات، رادىيو، تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق ئورۇنلار جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، قاراتمىلىق ھالدا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
任何单位和个人有权举报电信网络诈骗活动,有关部门应当依法及时处理,对提供有效信息的举报人依照规定给予奖励和保护。
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، ئۈنۈملۈك ئۇچۇر بەرگەن پاش قىلغۇچىنى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك.
第三十一条 任何单位和个人不得非法买卖、出租、出借电话卡、物联网卡、电信线路、短信端口、银行账户、支付账户、互联网账号等,不得提供实名核验帮助;不得假冒他人身份或者虚构代理关系开立上述卡、账户、账号等。
31-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تېلېفون كارتىسى، نەرسە تورى كارتىسى، تېلېگراف لىنىيەسى، قىسقا ئۇچۇر ئېغىزى، بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى، ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە، ئارىيەتكە بېرىشىگە، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تەكشۈرۈش ياردىمى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يۇقىرىقى كارتا، ھېسابات نومۇرى، ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ.
对经设区的市级以上公安机关认定的实施前款行为的单位、个人和相关组织者,以及因从事电信网络诈骗活动或者关联犯罪受过刑事处罚的人员,可以按照国家有关规定记入信用记录,采取限制其有关卡、账户、账号等功能和停止非柜面业务、暂停新业务、限制入网等措施。对上述认定和措施有异议的,可以提出申诉,有关部门应当建立健全申诉渠道、信用修复和救济制度。具体办法由国务院公安部门会同有关主管部门规定。
رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېكىتكەن ئالدىنقى تارماقتىكى ھەرىكەتنى قىلغان ئورۇن، شەخسلەر ۋە ئالاقىدار تەشكىللىگۈچىلەر، شۇنىڭدەك تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باغلىنىشلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازا بېرىلگەنلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىناۋەت خاتىرىسىگە خاتىرىلەنسە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئالاقىدار كارتا، ھېسابات، ھېسابات نومۇرى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى چەكلەش ۋە پوكەيدىن باشقا كەسىپلەرنى توختىتىش، يېڭى كەسىپنى ۋاقتىنچە توختىتىش، تورغا كىرىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. يۇقىرىقى بېكىتىش ۋە تەدبىرلەرگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەرز يوللىرى، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
第三十二条 国家支持电信业务经营者、银行业金融机构、非银行支付机构、互联网服务提供者研究开发有关电信网络诈骗反制技术,用于监测识别、动态封堵和处置涉诈异常信息、活动。
32-ماددا دۆلەت تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى جازالاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق نورمالسىز ئۇچۇر، پائالىيەتلەرنى كۆزىتىش، پەرقلەندۈرۈش، ھەرىكەت ھالىتىدە توسۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىشىنى قوللايدۇ.
国务院公安部门、金融管理部门、电信主管部门和国家网信部门等应当统筹负责本行业领域反制技术措施建设,推进涉电信网络诈骗样本信息数据共享,加强涉诈用户信息交叉核验,建立有关涉诈异常信息、活动的监测识别、动态封堵和处置机制。
گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارمىقى، تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى قاتارلىقلار شۇ ساھەنىڭ قارشى جازالاش تېخنىكىلىق تەدبىرى قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ئەۋرىشكە ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق مۇئامىلىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى گىرەلەشمە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدامچىلىققا چېتىلىدىغان نورمالسىز ئۇچۇر، پائالىيەتلەرنى كۆزىتىش، پەرقلەندۈرۈش، ھەرىكەتچان توسۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
依据本法第十一条、第十二条、第十八条、第二十二条和前款规定,对涉诈异常情形采取限制、暂停服务等处置措施的,应当告知处置原因、救济渠道及需要提交的资料等事项,被处置对象可以向作出决定或者采取措施的部门、单位提出申诉。作出决定的部门、单位应当建立完善申诉渠道,及时受理申诉并核查,核查通过的,应当即时解除有关措施。
مۇشۇ قانۇننىڭ 11-، 12-، 18-، 22-ۋە ئالدىنقى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بىنورمال ئەھۋالغا قارىتا چەكلەش، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا، بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبى، قۇتقۇزۇش يوللىرى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال قاتارلىق ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش كېرەك، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئوبيېكت قارار چىقارغان ياكى تەدبىر قوللانغان تارماق، ئورۇنغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. قارار چىقارغان تارماقلار، ئورۇنلار ئەرز يوللىرىنى ئېچىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈپ ماقۇللىغانلىرى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىكار قىلىشى كېرەك.
第三十三条 国家推进网络身份认证公共服务建设,支持个人、企业自愿使用,电信业务经营者、银行业金融机构、非银行支付机构、互联网服务提供者对存在涉诈异常的电话卡、银行账户、支付账户、互联网账号,可以通过国家网络身份认证公共服务对用户身份重新进行核验。
33-ماددا دۆلەت تور سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئاممىۋى مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەخسلەر، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلىتىشىگە، تېلېگراف كەسپى تىجارىتى قىلغۇچىلار، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق نورمالسىز تېلېفون كارتىسى، بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى، ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىغا قارىتا، دۆلەتنىڭ تور سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
第三十四条 公安机关应当会同金融、电信、网信部门组织银行业金融机构、非银行支付机构、电信业务经营者、互联网服务提供者等建立预警劝阻系统,对预警发现的潜在被害人,根据情况及时采取相应劝阻措施。对电信网络诈骗案件应当加强追赃挽损,完善涉案资金处置制度,及时返还被害人的合法财产。对遭受重大生活困难的被害人,符合国家有关救助条件的,有关方面依照规定给予救助。
34-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتى، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىسى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، ئاگاھ بېرىش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاگاھ بېرىشتە بايقالغان يوشۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا مۇناسىپ نەسىھەت قىلىپ توسۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلولىرىدا زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىپ زىياننى تولدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئېغىر تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىدۇ.
第三十五条 经国务院反电信网络诈骗工作机制决定或者批准,公安、金融、电信等部门对电信网络诈骗活动严重的特定地区,可以依照国家有关规定采取必要的临时风险防范措施。
35-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنىڭ قارارى ياكى تەستىقلىشى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف قاتارلىق تارماقلار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى ئېغىر بولغان مۇئەييەن رايونغا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە زۆرۈر بولغان ۋاقىتلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.
第三十六条 对前往电信网络诈骗活动严重地区的人员,出境活动存在重大涉电信网络诈骗活动嫌疑的,移民管理机构可以决定不准其出境。
36-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى ئېغىر رايونلارغا بارغانلارنىڭ چېگرادىن چىقىش پائالىيىتىدە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا چېتىلىدىغان زور پائالىيەت گۇمانى بولسا، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلسا بولىدۇ.
因从事电信网络诈骗活动受过刑事处罚的人员,设区的市级以上公安机关可以根据犯罪情况和预防再犯罪的需要,决定自处罚完毕之日起六个月至三年以内不准其出境,并通知移民管理机构执行。
تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ جىنايى جازاغا ئۇچرىغانلار رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت ئەھۋالى ۋە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جازا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە چېگرادىن چىقماسلىقنى قارار قىلسا ھەمدە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
第三十七条 国务院公安部门等会同外交部门加强国际执法司法合作,与有关国家、地区、国际组织建立有效合作机制,通过开展国际警务合作等方式,提升在信息交流、调查取证、侦查抓捕、追赃挽损等方面的合作水平,有效打击遏制跨境电信网络诈骗活动。
37-ماددا گوۋۇيۈەن گۇڭئەن تارمىقى قاتارلىقلار دىپلوماتىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش، تەھقىقلەپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىپ زىياننى تولدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، چېگرا ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلدى ۋە توسۇلدى.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第三十八条 组织、策划、实施、参与电信网络诈骗活动或者为电信网络诈骗活动提供帮助,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
38-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويغان، ئۇنىڭغا قاتناشقان ياكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ياردەم بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
前款行为尚不构成犯罪的,由公安机关处十日以上十五日以下拘留;没收违法所得,处违法所得一倍以上十倍以下罚款,没有违法所得或者违法所得不足一万元的,处十万元以下罚款。
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىش جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第三十九条 电信业务经营者违反本法规定,有下列情形之一的,由有关主管部门责令改正,情节较轻的,给予警告、通报批评,或者处五万元以上五十万元以下罚款;情节严重的,处五十万元以上五百万元以下罚款,并可以由有关主管部门责令暂停相关业务、停业整顿、吊销相关业务许可证或者吊销营业执照,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处一万元以上二十万元以下罚款:
39-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :
(一)未落实国家有关规定确定的反电信网络诈骗内部控制机制的;
( 1 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە بېكىتىلگەن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئىچكى كونترول مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛
(二)未履行电话卡、物联网卡实名制登记职责的;
( 2 ) تېلېفون كارتىسى، نەرسە تورى كارتىسىنى ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە تىزىملاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(三)未履行对电话卡、物联网卡的监测识别、监测预警和相关处置职责的;
( 3 ) تېلېفون كارتىسى، نەرسە تورى كارتىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، پەرقلەندۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(四)未对物联网卡用户进行风险评估,或者未限定物联网卡的开通功能、使用场景和适用设备的;
( 4 ) نەرسە تورى كارتىسى ئابۇنىچىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى باھالاتمىغان ياكى نەرسە تورى كارتىسىنىڭ ئېچىش ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئورنى ۋە ماس ئۈسكۈنىسىگە چەك قويمىغانلار؛
(五)未采取措施对改号电话、虚假主叫或者具有相应功能的非法设备进行监测处置的。
( 5 ) نومۇر ئۆزگەرتىش تېلېفونى، ساختا چاقىرغۇچى ياكى مۇناسىپ ئىقتىدارىغا ئىگە قانۇنسىز ئۈسكۈنىلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار.
第四十条 银行业金融机构、非银行支付机构违反本法规定,有下列情形之一的,由有关主管部门责令改正,情节较轻的,给予警告、通报批评,或者处五万元以上五十万元以下罚款;情节严重的,处五十万元以上五百万元以下罚款,并可以由有关主管部门责令停止新增业务、缩减业务类型或者业务范围、暂停相关业务、停业整顿、吊销相关业务许可证或者吊销营业执照,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处一万元以上二十万元以下罚款:
40-ماددا بانكىچىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپنى توختىتىشقا، كەسىپ تۈرى ياكى كەسىپ دائىرىسىنى تارايتىشقا، ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشقا ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
(一)未落实国家有关规定确定的反电信网络诈骗内部控制机制的;
( 1 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە بېكىتىلگەن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئىچكى كونترول مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛
(二)未履行尽职调查义务和有关风险管理措施的;
( 2 ) تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلار؛
(三)未履行对异常账户、可疑交易的风险监测和相关处置义务的;
( 3 ) بىنورمال ھېسابات، گۇمانلىق سودىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(四)未按照规定完整、准确传输有关交易信息的。
( 4 ) مۇناسىۋەتلىك سودا ئۇچۇرلىرىنى مۇكەممەل، توغرا يەتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
第四十一条 电信业务经营者、互联网服务提供者违反本法规定,有下列情形之一的,由有关主管部门责令改正,情节较轻的,给予警告、通报批评,或者处五万元以上五十万元以下罚款;情节严重的,处五十万元以上五百万元以下罚款,并可以由有关主管部门责令暂停相关业务、停业整顿、关闭网站或者应用程序、吊销相关业务许可证或者吊销营业执照,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处一万元以上二十万元以下罚款:
41-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، تور بېكىتى ياكى ئەمەلىي پىروگراممىلارنى تاقاش، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
(一)未落实国家有关规定确定的反电信网络诈骗内部控制机制的;
( 1 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە بېكىتىلگەن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئىچكى كونترول مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛
(二)未履行网络服务实名制职责,或者未对涉案、涉诈电话卡关联注册互联网账号进行核验的;
( 2 ) تور مۇلازىمىتىدە ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى دېلوغا چېتىشلىق، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق تېلېفون كارتىسىغا باغلىنىشلىق رويخەتكە ئېلىنغان ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرمىگەنلەر؛
(三)未按照国家有关规定,核验域名注册、解析信息和互联网协议地址的真实性、准确性,规范域名跳转,或者记录并留存所提供相应服务的日志信息的;
( 3 ) ساھە نامىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ئانالىز قىلغان ئۇچۇر ۋە ئالاقە تورى كېلىشىمى ئادرېسىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي، ساھە نامىنى يۆتكەشنى قېلىپلاشتۇرغان ياكى مۇناسىپ مۇلازىمەت قىلغان كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە ساقلىغانلار؛
(四)未登记核验移动互联网应用程序开发运营者的真实身份信息或者未核验应用程序的功能、用途,为其提供应用程序封装、分发服务的;
( 4 ) كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىسىنى ئېچىش-تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاتماي ياكى ئەمەلىي پىروگراممىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئورنىنى تەكشۈرمەي، ئۇنى ئەمەلىي پىروگراممىنى پېچەتلەش، تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛
(五)未履行对涉诈互联网账号和应用程序,以及其他电信网络诈骗信息、活动的监测识别和处置义务的;
( 5 ) ئالدامچىلىققا چېتىلىدىغان ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرى ۋە قوللىنىشچان پىروگرامما، شۇنىڭدەك باشقا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ئۇچۇرى، پائالىيىتىنى كۆزىتىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(六)拒不依法为查处电信网络诈骗犯罪提供技术支持和协助,或者未按规定移送有关违法犯罪线索、风险信息的。
( 6 ) تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قانۇن بويىچە تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى رەت قىلغان ياكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ ئالاقىدار يىپ ئۇچى، خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر.
第四十二条 违反本法第十四条、第二十五条第一款规定的,没收违法所得,由公安机关或者有关主管部门处违法所得一倍以上十倍以下罚款,没有违法所得或者违法所得不足五万元的,处五十万元以下罚款;情节严重的,由公安机关并处十五日以下拘留。
42-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-، 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوشۇمچە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ.
第四十三条 违反本法第二十五条第二款规定,由有关主管部门责令改正,情节较轻的,给予警告、通报批评,或者处五万元以上五十万元以下罚款;情节严重的,处五十万元以上五百万元以下罚款,并可以由有关主管部门责令暂停相关业务、停业整顿、关闭网站或者应用程序,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处一万元以上二十万元以下罚款。
43-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، تور بېكىتىنى تاقاش ياكى ئەمەلىي پىروگراممىلارنى تاقاشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
第四十四条 违反本法第三十一条第一款规定的,没收违法所得,由公安机关处违法所得一倍以上十倍以下罚款,没有违法所得或者违法所得不足二万元的,处二十万元以下罚款;情节严重的,并处十五日以下拘留。
44-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 20 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
第四十五条 反电信网络诈骗工作有关部门、单位的工作人员滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊,或者有其他违反本法规定行为,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
45-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第四十六条 组织、策划、实施、参与电信网络诈骗活动或者为电信网络诈骗活动提供相关帮助的违法犯罪人员,除依法承担刑事责任、行政责任以外,造成他人损害的,依照《中华人民共和国民法典》等法律的规定承担民事责任。
46-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويغان، ئۇنىڭغا قاتناشقان ياكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم بەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايەتچىلەردىن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىق ۋە مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
电信业务经营者、银行业金融机构、非银行支付机构、互联网服务提供者等违反本法规定,造成他人损害的,依照《中华人民共和国民法典》等法律的规定承担民事责任。
تېلېگراف كەسپى تىجارىتى قىلغۇچىلار، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىسىز چىقىم ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار قاتارلىقلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第四十七条 人民检察院在履行反电信网络诈骗职责中,对于侵害国家利益和社会公共利益的行为,可以依法向人民法院提起公益诉讼。
47-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
第四十八条 有关单位和个人对依照本法作出的行政处罚和行政强制措施决定不服的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。
48-ماددا ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第四十九条 反电信网络诈骗工作涉及的有关管理和责任制度,本法没有规定的,适用《中华人民共和国网络安全法》、《中华人民共和国个人信息保护法》、《中华人民共和国反洗钱法》等相关法律规定。
49-ماددا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار باشقۇرۇش ۋە جاۋابكارلىق تۈزۈملىرىدىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第五十条 本法自2022年12月1日起施行。
50-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.