中华人民共和国各级人民代表大会

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى

常务委员会监督法

دائىمىي كومىتېتنىڭ نازارەتچىلىك قانۇنى

(2006年8月27日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过 根据2024年11月8日第十四届全国人民代表大会常务委员会第十二次会议《关于修改〈中华人民共和国各级人民代表大会常务委员会监督法〉的决定》修正)

( 2006 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2024 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 听取和审议专项工作报告

2-باب مەخسۇس خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

第三章 财政经济工作监督

3-باب مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىش

第四章 法律法规实施情况的检查

4-باب قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش

第五章 规范性文件的备案审查

5-باب قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش

第六章 询问、专题询问和质询

6-باب سوراش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ۋە سوئال قويۇش

第七章 特定问题调查

7-باب مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

第八章 撤职案的审议和决定

8-باب خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلاش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ۋە قارار قىلىش

第九章 附  则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了保障全国人民代表大会常务委员会和县级以上地方各级人民代表大会常务委员会依法行使监督职权,坚持好、完善好、运行好人民代表大会制度,发展社会主义民主政治,推进全面依法治国,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 各级人民代表大会常务委员会依据宪法和有关法律的规定,行使监督职权。

2-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

各级人民代表大会常务委员会行使监督职权的程序,适用本法;本法没有规定的,适用有关法律的规定。

ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەرتىپى مۇشۇ قانۇن بويىچە بولىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 各级人民代表大会常务委员会行使监督职权,应当坚持中国共产党的领导,坚持以马克思列宁主义、毛泽东思想、邓小平理论、“三个代表”重要思想、科学发展观、习近平新时代中国特色社会主义思想为指导,坚持中国特色社会主义道路,确保宪法和法律、法规得到全面有效实施,确保行政权、监察权、审判权、检察权依法正确行使。

3-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا، مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第四条 各级人民代表大会常务委员会行使监督职权,应当围绕党和国家工作大局,以经济建设为中心,坚持改革开放,贯彻新发展理念,推动高质量发展,保障全面建设社会主义现代化国家、以中国式现代化全面推进中华民族伟大复兴。

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第五条 全国人民代表大会常务委员会监督宪法和法律的实施,地方各级人民代表大会及其常务委员会在本行政区域内保证宪法、法律、行政法规和上级人民代表大会及其常务委员会决议的遵守和执行,维护国家法治统一、尊严、权威。

5-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارارلىرىنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قوغدايدۇ.

第六条 各级人民代表大会常务委员会对本级人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院的工作实施监督,实行正确监督、有效监督、依法监督,促进依法行政、依法监察、公正司法。

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە رېۋىزىيە قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

各级人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院应当严格依法行使职权、履行职责、开展工作,自觉接受本级人民代表大会常务委员会的监督。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第七条 各级人民代表大会常务委员会行使监督职权,应当坚持和发展全过程人民民主,尊重和保障人权,维护和促进社会公平正义。

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

各级人民代表大会常务委员会应当扩大人民代表大会代表对监督工作的参与,充分发挥代表作用。

ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

第八条 各级人民代表大会常务委员会按照民主集中制的原则,集体行使监督职权。

8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپى بويىچە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزىدۇ.

第九条 各级人民代表大会常务委员会行使监督职权的情况,应当向本级人民代表大会报告,接受监督。

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەلۇم قىلىشى، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第十条 各级人民代表大会常务委员会行使监督职权的情况,向社会公开。

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ.

第二章 听取和审议专项工作报告

2-باب مەخسۇس خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

第十一条 各级人民代表大会常务委员会每年选择若干关系改革发展稳定大局和群众切身利益、社会普遍关注的重大问题,有计划地安排听取和审议本级人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院的专项工作报告。

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ھەر يىلى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تاللايدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

第十二条 常务委员会听取和审议本级人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院的专项工作报告的议题,根据有关法律的规定和下列途径反映的问题确定:

12-ماددا دائىمىي كومىتېت شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشتىكى قارالمىلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە تۆۋەندىكى يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن بېكىتىدۇ :

(一)本级人民代表大会常务委员会在执法检查中发现的突出问题;

( 1 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر؛

(二)本级人民代表大会代表对人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院工作提出的建议、批评和意见集中反映的问题;

( 2 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلەردە مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر؛

(三)本级人民代表大会常务委员会组成人员提出的比较集中的问题;

( 3 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان بىرقەدەر مەركەزلەشكەن مەسىلىلەر؛

(四)本级人民代表大会专门委员会、常务委员会工作机构在调查研究中发现的突出问题;

( 4 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر؛

(五)人民来信来访集中反映的问题;

( 5 ) خەلقتىن كەلگەن، ئەرزىيەتلەردە مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر؛

(六)社会普遍关注的其他问题。

( 6 ) جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باشقا مەسىلىلەر.

人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院可以向本级人民代表大会常务委员会要求报告专项工作。

خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن مەخسۇس خىزمەتتىن دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

常务委员会根据法律规定,听取和审议本级人民政府关于环境状况和环境保护目标完成情况的报告。

دائىمىي كومىتېت قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

第十三条 常务委员会听取和审议专项工作报告前,委员长会议或者主任会议可以组织本级人民代表大会常务委员会组成人员和本级人民代表大会代表,对有关工作进行视察或者专题调查研究。

13-ماددا دائىمىي كومىتېت مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرسە ياكى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسا بولىدۇ.

常务委员会可以安排参加视察或者专题调查研究的代表列席常务委员会会议,听取专项工作报告,提出意见。

دائىمىي كومىتېت كۆزدىن كەچۈرۈشكە ياكى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشكە، پىكىر بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

常务委员会听取和审议专项工作报告前,本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构可以进行专题调查研究,提出报告并印发常务委员会会议。

دائىمىي كومىتېت مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دوكلات بەرسە ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقاتسا بولىدۇ.

第十四条 常务委员会听取和审议专项工作报告前,常务委员会办事机构应当将各方面对该项工作的意见汇总,交由本级人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院研究并在专项工作报告中作出回应。

14-ماددا دائىمىي كومىتېت مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شۇ خىزمەتكە بولغان پىكرىنى جەملەپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا ھەمدە مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

第十五条 人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当在常务委员会举行会议的二十日前,由其办事机构将专项工作报告送交本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构征求意见;人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院对报告修改后,在常务委员会举行会议的十日前送交常务委员会。

15-ماددا خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەن 20 كۈندىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتىنىڭ پىكىر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن 10 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

常务委员会办事机构应当在常务委员会举行会议的七日前,将专项工作报告发给常务委员会组成人员。

دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن 7 كۈن بۇرۇن، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

第十六条 专项工作报告由人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院的负责人向本级人民代表大会常务委员会报告,人民政府也可以委托有关部门负责人向本级人民代表大会常务委员会报告。

16-ماددا مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىدۇ، خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دوكلات قىلىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

委员长会议或者主任会议可以决定将报告交有关专门委员会审议。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى دوكلاتنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第十七条 常务委员会组成人员对专项工作报告的审议意见交由本级人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院研究处理。人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当将研究处理情况由其办事机构送交本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构征求意见后,向常务委员会提出书面报告。常务委员会认为必要时,可以对专项工作报告作出决议;本级人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当在决议规定的期限内,将执行决议的情况向常务委员会报告。

17-ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىش بېجىرگۈچى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ پىكىر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېتقا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى ھەققىدە قارار چىقارسا بولىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراردا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.

委员长会议或者主任会议可以决定将审议意见研究处理情况或者执行决议情况的报告提请常务委员会审议。必要时,常务委员会可以组织开展跟踪监督。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا دائىمىي كومىتېت ئىزلاپ نازارەت قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

常务委员会听取的专项工作报告及审议意见,人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院对审议意见研究处理情况或者执行决议情况的报告,向本级人民代表大会代表通报并向社会公布。

دائىمىي كومىتېت ئاڭلىغان مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

第三章 财政经济工作监督

3-باب مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىش

第十八条 本法所称财政经济工作监督,是指常务委员会依法对下列事项进行监督:

18-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىش دائىمىي كومىتېتنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ :

(一)审查和批准本级决算;

( 1 ) شۇ دەرىجىلىك نەق چوتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

(二)国民经济和社会发展五年规划纲要实施情况,国民经济和社会发展计划执行情况;

( 2 ) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛

(三)预算执行情况;

( 3 ) خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛

(四)审查和批准国民经济和社会发展五年规划纲要、计划的调整方案;

( 4 ) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ پىروگراممىسى، پىلانىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

(五)审查和批准预算调整方案;

( 5 ) خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

(六)国有资产管理情况;

( 6 ) دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى؛

(七)政府债务管理情况;

( 7 ) ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى؛

(八)金融工作情况;

( 8 ) پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئەھۋالى؛

(九)预算执行和其他财政收支的审计工作情况、审计查出问题整改情况;

( 9 ) خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى؛

(十)财政经济领域其他重要事项。

( 10 ) مالىيە-ئىقتىساد ساھەسىدىكى باشقا مۇھىم ئىشلار.

第十九条 国务院应当在每年六月,将上一年度的中央决算草案提请全国人民代表大会常务委员会审查和批准。

19-ماددا گوۋۇيۈەن ھەر يىلى 6-ئايدا، ئۆتكەن بىر يىللىق مەركەز نەق چوت لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

县级以上地方各级人民政府应当在每年六月至九月期间,将上一年度的本级决算草案提请本级人民代表大会常务委员会审查和批准。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۆتكەن بىر يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

决算草案应当按照本级人民代表大会批准的预算所列科目编制,按预算数、调整预算数以及决算数分别列出,并作出说明。

نەق چوت لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوتتا كۆرسىتىلگەن پەنلەر بويىچە تۈزۈش، خامچوت ھېسابلاش، تەڭشەلگەن خامچوت ۋە قارار ھېسابلاشقا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم تىزىش ھەمدە ئىزاھات بېرىش كېرەك.

第二十条 国务院和县级以上地方各级人民政府应当在每年六月至九月期间,向本级人民代表大会常务委员会报告本年度上一阶段国民经济和社会发展计划、预算的执行情况。

20-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدىكى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

第二十一条 常务委员会根据《中华人民共和国预算法》和全国人民代表大会常务委员会的有关决定,确定对决算草案和预算执行情况报告的重点审查内容。

21-ماددا دائىمىي كومىتېت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت ھېسابلاش ئۇسۇلى»ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا ئاساسەن، نەق چوت لايىھەسى ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى دوكلاتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى بېكىتىدۇ.

第二十二条 国民经济和社会发展计划、预算经人民代表大会批准后,在执行过程中需要作部分调整的,国务院和县级以上地方各级人民政府应当将调整方案提请本级人民代表大会常务委员会审查和批准。

22-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ۋە خامچوتىنى خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش جەريانىدا قىسمەن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەڭشەش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

第二十三条 国民经济和社会发展五年规划纲要经人民代表大会批准后,在实施的中期阶段,人民政府应当将规划纲要实施情况的中期评估报告提请本级人民代表大会常务委员会审议。规划纲要经中期评估需要调整的,人民政府应当将调整方案提请本级人民代表大会常务委员会审查和批准。

23-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، يولغا قويۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا مەزگىللىك باسقۇچتا، خەلق ھۆكۈمىتى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى كېرەك. يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭشەش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

第二十四条 常务委员会应当对国有资产管理情况进行监督,建立健全国有资产管理情况报告制度。

24-ماددا دائىمىي كومىتېت دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

国务院和县级以上地方各级人民政府应当每年向本级人民代表大会常务委员会报告国有资产管理情况。

گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى دوكلات قىلىشى كېرەك.

第二十五条 常务委员会应当对政府债务进行监督,建立健全政府债务管理情况报告制度。

25-ماددا دائىمىي كومىتېت ھۆكۈمەت قەرزىنى نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

国务院和县级以上地方各级人民政府应当每年向本级人民代表大会常务委员会报告政府债务管理情况。

گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى دوكلات قىلىشى كېرەك.

第二十六条 常务委员会应当对金融工作进行监督,建立健全金融工作情况报告制度。

26-ماددا دائىمىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

国务院应当每年向全国人民代表大会常务委员会报告金融工作有关情况。

گوۋۇيۈەن ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

第二十七条 常务委员会每年审查和批准决算的同时,听取和审议本级人民政府提出的审计机关关于上一年度预算执行和其他财政收支的审计工作报告。

27-ماددا دائىمىي كومىتېت نەق چوتنى ھەر يىلى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئالدىنقى يىللىق خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

常务委员会在听取和审议审计工作报告后的六个月内,听取和审议本级人民政府关于审计查出问题整改情况的报告。常务委员会认为必要时,可以对审计工作报告、审计查出问题整改情况报告作出决议。

دائىمىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىغان ۋە قاراپ چىققاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ. دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك خىزمىتىدىن دوكلات، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى دوكلاتى توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ.

第二十八条 常务委员会开展财政经济工作监督,可以组织开展专题调查研究,提出报告。

28-ماددا دائىمىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشتا، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، دوكلات بەرسە بولىدۇ.

专题调查研究报告印发常务委员会会议;必要时,委员长会议或者主任会议可以决定将有关专题调查研究报告提请常务委员会审议。

مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىلدى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى ئالاقىدار مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第二十九条 常务委员会组成人员对本章规定的有关报告的审议意见交由本级人民政府研究处理。人民政府应当将研究处理情况由其办事机构送交本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构征求意见后,向常务委员会提出书面报告。常务委员会认为必要时,可以对有关报告作出决议;本级人民政府应当在决议规定的期限内,将执行决议的情况向常务委员会报告。

29-ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرىغا ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتىنىڭ پىكىر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېتقا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا، مۇناسىۋەتلىك دوكلات ھەققىدە قارار چىقارسا بولىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاراردا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.

委员长会议或者主任会议可以决定将审议意见研究处理情况或者执行决议情况的报告提请常务委员会审议。必要时,常务委员会可以组织开展跟踪监督。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا دائىمىي كومىتېت ئىزلاپ نازارەت قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

常务委员会听取的本章规定的有关报告及审议意见,人民政府对审议意见研究处理情况或者执行决议情况的报告,向本级人民代表大会代表通报并向社会公布。

دائىمىي كومىتېت ئاڭلىغان بۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە قاراپ چىقىش پىكرى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

第三十条 常务委员会运用现代信息技术开展联网监督,建立健全信息共享和工作贯通协调机制,提高财政经济工作监督效能。

30-ماددا دائىمىي كومىتېت زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش ۋە خىزمەتلەرنى تۇتاشتۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

第四章 法律法规实施情况的检查

4-باب قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش

第三十一条 各级人民代表大会常务委员会参照本法第十二条规定的途径,每年选择若干关系改革发展稳定大局和群众切身利益、社会普遍关注的重大问题,有计划地对有关法律、法规或者相关法律制度实施情况组织执法检查。

31-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن يولدىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى ھەر يىلى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە پىلانلىق تەشكىللەيدۇ.

第三十二条 常务委员会执法检查工作由本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构具体组织实施。

32-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

执法检查前,本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构可以对重点问题开展专题调查研究。

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第三十三条 常务委员会按照精干、效能的原则,组织执法检查组。

33-ماددا دائىمىي كومىتېت قابىل بولۇش، ئۈنۈم بولۇش پىرىنسىپى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ.

执法检查组的组成人员,从本级人民代表大会常务委员会组成人员以及本级人民代表大会有关专门委员会组成人员或者常务委员会有关工作机构的人员中确定,并可以邀请本级人民代表大会代表参加。

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكىلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ئىچىدىن بېكىتىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

第三十四条 全国人民代表大会常务委员会和省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会根据需要,可以委托下一级人民代表大会常务委员会对有关法律、法规或者相关法律制度在本行政区域内的实施情况进行检查。受委托的人民代表大会常务委员会应当将检查情况书面报送上一级人民代表大会常务委员会。

34-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ شۇ مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغان خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما يوللىشى كېرەك.

上级人民代表大会常务委员会根据需要,可以与下级人民代表大会常务委员会联动开展执法检查。

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېھتىياجغا قاراپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىملىق كومىتېتلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

有关地方人民代表大会常务委员会根据区域协调发展的需要,可以协同开展执法检查。

مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第三十五条 执法检查可以采取座谈会、实地检查、第三方评估、问卷调查或者抽查等形式,深入了解情况,广泛听取意见。

35-ماددا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە سۆھبەت يىغىنى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، 3-تەرەپ باھالاش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش ياكى ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلىسا بولىدۇ.

第三十六条 执法检查结束后,执法检查组应当及时提出执法检查报告,由委员长会议或者主任会议决定提请常务委员会审议。

36-ماددا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىشى كېرەك.

执法检查报告包括下列内容:

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)对所检查的法律、法规或者相关法律制度实施情况进行评价,提出执法中存在的问题和改进执法工作的建议;

( 1 ) تەكشۈرگەن قانۇن-نىزاملار ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالاش، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛

(二)对有关法律、法规提出修改完善的建议。

( 2 ) مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىمەن.

第三十七条 常务委员会组成人员对执法检查报告的审议意见及执法检查报告交由本级人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院研究处理。人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当将研究处理情况由其办事机构送交本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构征求意见后,向常务委员会提出书面报告。常务委员会认为必要时,可以对执法检查报告作出决议;本级人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当在决议规定的期限内,将执行决议的情况向常务委员会报告。

37-ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرى ۋە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىش بېجىرگۈچى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ پىكىر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېتقا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدە قارار چىقارسا بولىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراردا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.

委员长会议或者主任会议可以决定将人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院对执法检查报告及审议意见研究处理情况或者执行决议情况的报告提请常务委员会审议。必要时,常务委员会可以组织跟踪检查,也可以委托本级人民代表大会有关专门委员会或者常务委员会有关工作机构组织跟踪检查。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا دائىمىي كومىتېت ئىزلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسە بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتىغا ئىزلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

常务委员会的执法检查报告及审议意见,人民政府、监察委员会、人民法院或者人民检察院对其研究处理情况或者执行决议情况的报告,向本级人民代表大会代表通报并向社会公布。

دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

第五章 规范性文件的备案审查

5-باب قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش

第三十八条 行政法规、监察法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章等的备案、审查和撤销,依照《中华人民共和国立法法》和全国人民代表大会常务委员会的有关决定办理。

38-ماددا مەمۇرىي نىزام، رېۋىزىيە نىزامى، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدە قاتارلىقلارنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش ۋە بىكار قىلىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى»ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى بويىچە بولىدۇ.

第三十九条 县级以上地方各级人民代表大会常务委员会对下一级人民代表大会及其常务委员会作出的决议、决定和本级人民政府、监察委员会、人民法院、人民检察院制定的规范性文件,经审查,认为有下列不适当的情形之一的,有权予以撤销:

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان قارارلىرى، قارارلىرى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارىسا،

(一)超越法定权限,限制或者剥夺公民、法人和其他组织的合法权利,或者增加公民、法人和其他组织的义务的;

( 1 ) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ چەكلىگەن ياكى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلغانلار ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتكەنلەر؛

(二)同法律、法规规定相抵触的;

( 2 ) قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە زىت بولغانلار؛

(三)有其他不适当的情形,应当予以撤销的。

( 3 ) باشقا نامۇۋاپىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا.

第四十条 县级以上地方各级人民代表大会常务委员会审查、撤销下一级人民代表大会及其常务委员会作出的不适当的决议、决定和本级人民政府、监察委员会、人民法院、人民检察院制定的不适当的规范性文件的程序,由省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会参照《中华人民共和国立法法》和全国人民代表大会常务委员会的有关决定,作出具体规定。

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان نامۇۋاپىق قارار، قارار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ تەرتىپىنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى»ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىدىن پايدىلىنىپ، كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

第四十一条 最高人民法院、最高人民检察院作出的属于审判、检察工作中具体应用法律的解释,应当自公布之日起三十日内报全国人民代表大会常务委员会备案。

41-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان سوت، تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى كونكرېت قوللىنىش توغرىسىدىكى ئىزاھات ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

第四十二条 国务院、中央军事委员会、国家监察委员会和省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会认为最高人民法院、最高人民检察院作出的具体应用法律的解释同宪法或者法律相抵触,或者存在合宪性、合法性问题的,最高人民法院、最高人民检察院之间认为对方作出的具体应用法律的解释同宪法或者法律相抵触,或者存在合宪性、合法性问题的,可以向全国人民代表大会常务委员会书面提出进行审查的要求,由全国人民代表大会有关专门委员会和常务委员会工作机构进行审查、提出意见。

42-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت قانۇننى تەتبىقلاش ئىزاھاتى ئاساسىي قانۇنغا ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىسا ياكى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ئۇيغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر-بىرىگە قارشى تەرەپنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇنىنىڭ ئىزاھاتى ئاساسىي قانۇنغا ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىغان ياكى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ئۇيغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈش تەلىپىنى يازما سۇنسا بولىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرىدۇ، پىكىر بېرىدۇ.

前款规定以外的其他国家机关和社会团体、企业事业组织以及公民认为最高人民法院、最高人民检察院作出的具体应用法律的解释同宪法或者法律相抵触的,可以向全国人民代表大会常务委员会书面提出进行审查的建议,由常务委员会工作机构进行审查;必要时,送有关专门委员会进行审查、提出意见。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاساسىي قانۇنغا ياكى قانۇنلارغا زىت كەلسە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈش ھەققىدە يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى تەكشۈرىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە، پىكىر بېرىشىگە سۇنىدۇ.

全国人民代表大会有关专门委员会、常务委员会工作机构可以对报送备案的具体应用法律的解释进行主动审查,并可以根据需要进行专项审查。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانغان كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ئىزاھاتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرسە ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس تەكشۈرسە بولىدۇ.

第四十三条 全国人民代表大会宪法和法律委员会、有关专门委员会、常务委员会工作机构经审查认为最高人民法院或者最高人民检察院作出的具体应用法律的解释同宪法或者法律相抵触,或者存在合宪性、合法性问题需要修改或者废止,而最高人民法院或者最高人民检察院不予修改或者废止的,应当提出撤销或者要求最高人民法院或者最高人民检察院予以修改、废止的议案、建议,或者提出由全国人民代表大会常务委员会作出法律解释的议案、建议,由委员长会议决定提请常务委员会审议。

43-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتلىرى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش ئىزاھاتى ئاساسىي قانۇنغا ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىسا ياكى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلۇقلۇققا ئۇيغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى بىكار قىلىش كېرەك، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈزىتىش كىرگۈزمىسە ياكى بىكار قىلمىسا، بىكار قىلىدىغان ياكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى ئالىي خەلق تەپتىشىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن جەھەتتىن ئىزاھلايدىغان تەكلىپ-تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىپ دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

第四十四条 备案审查机关应当建立健全备案审查衔接联动机制,对应当由其他机关处理的审查要求或者审查建议,及时移送有关机关处理。

44-ماددا ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئورگىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، باشقا ئورگان بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئالاقىدار ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

第四十五条 常务委员会应当每年听取和审议备案审查工作情况报告。

45-ماددا دائىمىي كومىتېت ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ھەر يىلى ئاڭلىشى ۋە قاراپ چىقىشى كېرەك.

第六章 询问、专题询问和质询

6-باب سوراش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ۋە سوئال قويۇش

第四十六条 各级人民代表大会常务委员会会议审议议案和有关报告时,本级人民政府或者有关部门、监察委员会、人民法院或者人民检察院应当派有关负责人员到会,听取意见,回答询问。

46-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنلىرى تەكلىپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنى يىغىنغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第四十七条 各级人民代表大会常务委员会围绕关系改革发展稳定大局和群众切身利益、社会普遍关注的重大问题,可以召开全体会议、联组会议或者分组会议,进行专题询问。本级人民政府及其有关部门、监察委员会、人民法院或者人民检察院的负责人应当到会,听取意见,回答询问。

47-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىسا بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ پىكىر ئاڭلىشى، سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第四十八条 专题询问应当坚持问题导向,增强针对性、实效性,积极回应社会关切。

48-ماددا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

专题询问可以结合审议专项工作报告、执法检查报告或者其他报告进行。

مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى باشقا دوكلاتلارنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

第四十九条 常务委员会开展专题询问前,可以组织开展专题调查研究,深入了解情况,广泛听取意见。

49-ماددا دائىمىي كومىتېت مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتىن بۇرۇن، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلىسا بولىدۇ.

常务委员会办事机构应当及时将有关专题调查研究报告和汇总的有关方面意见发给常务委员会组成人员。

دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە جەملىگەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

第五十条 专题询问中提出的意见交由有关国家机关研究处理,有关国家机关应当及时向常务委员会提交研究处理情况报告。必要时,委员长会议或者主任会议可以决定将研究处理情况报告提请常务委员会审议。

50-ماددا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى دائىمىي كومىتېتقا مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第五十一条 全国人民代表大会常务委员会组成人员十人以上联名,省、自治区、直辖市、自治州、设区的市人民代表大会常务委员会组成人员五人以上联名,县级人民代表大会常务委员会组成人员三人以上联名,可以向常务委员会书面提出对本级人民政府及其部门和监察委员会、人民法院、人民检察院的质询案。

51-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن 10 دىن ئارتۇقى بىرلىشىپ ئىمزا قويىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلىرىدىن 5 تىن ئارتۇقى بىرلەشمە ئىمزا قويىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكىلەر 3 تىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويىدۇ. دائىمىي كومىتېتقا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەققىدە يازما سۈرۈشتۈرمە قويسا بولىدۇ.

质询案应当写明质询对象、质询的问题和内容。

سوراق دېلوسىغا سوئال قويۇش ئوبيېكتى، سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مەسىلىسى ۋە مەزمۇنىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

第五十二条 质询案由委员长会议或者主任会议决定交由受质询的机关答复。

52-ماددا سوئال قويۇش تەكلىپىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى سوئال قويغۇچى ئورگاننىڭ جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ.

委员长会议或者主任会议可以决定由受质询机关在常务委员会会议上或者有关专门委员会会议上口头答复,或者由受质询机关书面答复。在专门委员会会议上答复的,提质询案的常务委员会组成人员有权列席会议,发表意见。委员长会议或者主任会议认为必要时,可以将答复质询案的情况报告印发常务委员会会议。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى سۈرۈشتۈرمىنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىنى ياكى سۈرۈشتۈرگۈچى ئورگاننىڭ يازما جاۋاب بېرىشىنى قارار قىلسا بولىدۇ. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بەرگەنلەرگە سۈپەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دېلو سۈرۈشتۈرگۈچى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى زۆرۈر تاپسا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقاتسا بولىدۇ.

第五十三条 提质询案的常务委员会组成人员的过半数对受质询机关的答复不满意的,可以提出要求,经委员长会议或者主任会议决定,由受质询机关再作答复。

53-ماددا سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ سۈرۈشتۈرۈلگەن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۈرۈشتۈرگۈچى ئورگاننىڭ جاۋابىدىن رازى بولمىسا، تەلەپ قويسا بولىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، سۈرۈشتۈرگۈچى ئورگان ئاندىن جاۋاب بېرىدۇ.

第五十四条 质询案以口头答复的,由受质询机关的负责人到会答复。质询案以书面答复的,由受质询机关的负责人签署。

54-ماددا سوئال قويۇش دېلوسىغا ئاغزاكى جاۋاب بېرىلگەن بولسا، سوئال ئالغۇچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىندا جاۋاب بېرىدۇ. سۈرۈشتۈرمە دېلوسىغا يازما جاۋاب بېرىلسە، سۈرۈشتۈرمىنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويىدۇ.

第七章 特定问题调查

7-باب مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

第五十五条 各级人民代表大会常务委员会对属于其职权范围内的事项,需要作出决议、决定,但有关重大事实不清的,可以组织关于特定问题的调查委员会。

55-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا قارار، قارار چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور پاكىتلارنى ئېنىق بىلمىسە، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىسە بولىدۇ.

第五十六条 委员长会议或者主任会议可以向本级人民代表大会常务委员会提议组织关于特定问题的调查委员会,提请常务委员会审议。

56-ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

五分之一以上常务委员会组成人员书面联名,可以向本级人民代表大会常务委员会提议组织关于特定问题的调查委员会,由委员长会议或者主任会议决定提请常务委员会审议,或者先交有关的专门委员会审议、提出报告,再决定提请常务委员会审议。

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكى يازما بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەش تەكلىپى بەرسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، دوكلات بېرىشىگە سۇنۇپ، ئاندىن دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى قارار سە بولىدۇ.

第五十七条 调查委员会由主任委员、副主任委员和委员组成,由委员长会议或者主任会议在本级人民代表大会常务委员会组成人员和本级人民代表大会代表中提名,提请常务委员会审议通过。调查委员会可以聘请有关专家参加调查工作。

57-ماددا تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق يىغىنى ۋەكىللىرى ئىچىدىن كۆرسىتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

与调查的问题有利害关系的常务委员会组成人员和其他人员不得参加调查委员会。

تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە باشقا خادىملار تەكشۈرۈش كومىتېتىغا قاتناشسا بولمايدۇ.

第五十八条 调查委员会进行调查时,有关的国家机关、社会团体、企业事业组织和公民都有义务向其提供必要的材料。

58-ماددا تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

提供材料的公民要求对材料来源保密的,调查委员会应当予以保密。

ماتېرىيال بەرگۈچى پۇقرالار ماتېرىيال مەنبەسىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلسا، تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك.

调查委员会在调查过程中,可以不公布调查的情况和材料。

تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

第五十九条 调查委员会应当向产生它的常务委员会提出调查报告。常务委员会根据报告,可以作出相应的决议、决定。

59-ماددا تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دائىمىي كومىتېتقا تەكشۈرۈش دوكلاتى بېرىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت دوكلاتقا ئاساسەن مۇناسىپ قارار ۋە قارار چىقارسا بولىدۇ.

第八章 撤职案的审议和决定

8-باب خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلاش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ۋە قارار قىلىش

第六十条 县级以上地方各级人民代表大会常务委员会在本级人民代表大会闭会期间,可以决定撤销本级人民政府个别副省长、自治区副主席、副市长、副州长、副县长、副区长的职务;可以撤销由它任命的本级人民政府其他组成人员和监察委员会副主任、委员,人民法院副院长、庭长、副庭长、审判委员会委员、审判员,人民检察院副检察长、检察委员会委员、检察员,中级人民法院院长,人民检察院分院检察长的职务。

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىرى، مۇئاۋىن ھاكىملار، مۇئاۋىن رايون باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلسا بولىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى ئۇ تەيىنلىگەن باشقا خادىملار ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، كوللېگىيەسى باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سوتچىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلىرى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ.

第六十一条 县级以上地方各级人民政府、监察委员会、人民法院和人民检察院,可以向本级人民代表大会常务委员会提出对本法第六十条所列国家机关工作人员的撤职案。

61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 60-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دېلوسى سۇنسا بولىدۇ.

县级以上地方各级人民代表大会常务委员会主任会议,可以向常务委员会提出对本法第六十条所列国家机关工作人员的撤职案。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا مۇشۇ قانۇننىڭ 60-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

县级以上地方各级人民代表大会常务委员会五分之一以上的组成人员书面联名,可以向常务委员会提出对本法第六十条所列国家机关工作人员的撤职案,由主任会议决定是否提请常务委员会会议审议;或者由主任会议提议,经全体会议决定,组织调查委员会,由以后的常务委员会会议根据调查委员会的报告审议决定。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكى يازما بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا مۇشۇ قانۇننىڭ 60-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى سۇنسا، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش-سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ؛ ياكى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىنىدۇ، كېيىنكى دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن قاراپ چىقىپ قارار قىلىدۇ.

第六十二条 撤职案应当写明撤职的对象和理由,并提供有关的材料。

62-ماددا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش دېلوسىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئوبيېكتى ۋە سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىش كېرەك.

撤职案在提请表决前,被提出撤职的人员有权在常务委员会会议上提出申辩意见,或者书面提出申辩意见,由主任会议决定印发常务委员会会议。

ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش دېلوسى ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلۇشتىن بۇرۇن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىشنى قارار قىلىدۇ.

撤职案的表决采用无记名投票的方式,由常务委员会全体组成人员的过半数通过。

ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىدە ئاۋاز بېرىشتە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

第九章 附  则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十三条 各级人民代表大会常务委员会制定年度监督工作计划,加强工作统筹,综合运用听取和审议专项工作报告、执法检查、专题询问、专题调研等方式进行监督,增强监督工作的针对性、协调性、实效性。

63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ نازارەت قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

年度监督工作计划由委员长会议或者主任会议通过并向社会公布。

يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ياكى مۇدىرلار يىغىنى ماقۇللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

年度监督工作计划可以根据实际需要作出适当调整。

يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ.

第六十四条 省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会可以根据本法和有关法律,结合本地实际情况,制定实施办法。

64-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第六十五条 本法自2007年1月1日起施行。

65-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.