合伙人履行合伙协议发生争议的,合伙人可以通过协商或者调解解决。不愿通过协商、调解解决或者协商、调解不成的,可以按照合伙协议约定的仲裁条款或者事后达成的书面仲裁协议,向仲裁机构申请仲裁。合伙协议中未订立仲裁条款,事后又没有达成书面仲裁协议的,可以向人民法院起诉。
شېرىكلەر شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئادا قىلىشتا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، شېرىكلەر كېڭىشىش ياكى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
كېڭىشىش، مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش ئۈنۈم بەرمىسە، شېرىكلىك كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن كېسىم ماددىلىرى ياكى ئىشتىن كېيىن ھاسىل قىلغان يازما كېسىم كېلىشىمى بويىچە، كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
شېرىكلىك كېلىشىمىدە كېسىم ماددىلىرى تۈزۈلمىگەن، ئىشتىن كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى تۈزۈلمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.