中华人民共和国国徽法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى قانۇنى

(1991年3月2日第七届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 1991 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

第一条 为了维护国徽的尊严,正确使用国徽,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت گېربىنىڭ ئىززىتىنى قوغداش، دۆلەت گېربىنى توغرا ئىشلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 中华人民共和国国徽,中间是五星照耀下的天安门,周围是谷穗和齿轮。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ سۈرىتى، چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

中华人民共和国国徽按照1950年中央人民政府委员会通过的《中华人民共和国国徽图案》和中央人民政府委员会办公厅公布的《中华人民共和国国徽图案制作说明》制作。

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى 1950 ـ يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى ماقۇللىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گو گېربى نۇسخىسى»ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت گېربى نۇسخىسىنى ياساش توغرىسىدىكى ئىزاھات»بويىچە ياسىلىدۇ.

第三条 中华人民共和国国徽是中华人民共和国的象征和标志。

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسىدۇر.

一切组织和公民,都应当尊重和爱护国徽。

بارلىق تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار دۆلەت گېربىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئاسرىشى كېرەك.

第四条 下列机构应当悬挂国徽:

4-ماددا تۆۋەندىكى ئاپپاراتلار دۆلەت گېربى ئېسىشى كېرەك :

(一)县级以上各级人民代表大会常务委员会;

( 1 ) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى؛

(二)县级以上各级人民政府;

( 2 ) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى؛

(三)中央军事委员会;

( 3 ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېت؛

(四)各级人民法院和专门人民法院;

( 4 ) ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرى؛

(五)各级人民检察院和专门人民检察院;

( 5 ) ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى؛

(六)外交部;

( 6 ) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى؛

(七)国家驻外使馆、领馆和其他外交代表机构。

( 7 ) دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى ۋە باشقا دىپلوماتىيە ۋەكىل ئاپپاراتلىرى.

乡、民族乡、镇的人民政府可以悬挂国徽,具体办法由省、自治区、直辖市的人民政府根据实际情况规定。

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت گېربى ئاسسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

国徽应当悬挂在机关正门上方正中处。

دۆلەت گېربىنى ئورگان ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىش كېرەك.

第五条 下列场所应当悬挂国徽:

5-ماددا تۆۋەندىكى سورۇنلارغا دۆلەت گېربى ئېسىش كېرەك :

(一)北京天安门城楼,人民大会堂;

( 1 ) بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، خەلق سارىيى؛

(二)县级以上各级人民代表大会及其常务委员会会议厅;

( 2 ) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يىغىن زالى؛

(三)各级人民法院和专门人民法院的审判庭;

( 3 ) ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت كوللېگىيەلىرى؛

(四)出境入境口岸的适当场所。

( 4 ) چېگرادىن چىقىش-كىرىش پورتلىرىدىكى مۇۋاپىق سورۇنلار.

第六条 下列机构的印章应当刻有国徽图案:

6-ماددا تۆۋەندىكى ئاپپاراتلارنىڭ تامغىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى ئويۇش كېرەك :

(一)全国人民代表大会常务委员会,国务院,中央军事委员会,最高人民法院,最高人民检察院;

( 1 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى؛

(二)全国人民代表大会各专门委员会和全国人民代表大会常务委员会办公厅、工作委员会,国务院各部、各委员会、各直属机构、国务院办公厅以及国务院规定应当使用刻有国徽图案印章的办事机构,中央军事委员会办公厅以及中央军事委员会规定应当使用刻有国徽图案印章的其他机构;

( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، خىزمەت كومىتېتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن دۆلەت گېربى نۇسخىسى ئويۇلغان تامغا ئىشلىتىشنى بەلگىلىگەن ئىش ئاپپاراتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، شۇنىڭدەك مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت گېربى نۇسخىسى ئويۇلغان تامغا ئىشلىتىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئاپپارات؛

(三)县级以上地方各级人民代表大会常务委员会、人民政府、人民法院、人民检察院,专门人民法院,专门人民检察院;

( 3 ) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ، مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ؛

(四)国家驻外使馆、领馆和其他外交代表机构。

( 4 ) دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى ۋە باشقا دىپلوماتىيە ۋەكىل ئاپپاراتلىرى.

第七条 下列文书、出版物等应当印有国徽图案:

7-ماددا تۆۋەندىكى ھۆججەت-ئالاقە، نەشر بۇيۇمى قاتارلىقلارغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى بېسىش كېرەك :

(一)全国人民代表大会常务委员会、中华人民共和国主席和国务院颁发的荣誉证书、任命书、外交文书;

( 1 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە گوۋۇيۈەن تارقاتقان شەرەپ گۇۋاھنامىسى، تەيىننامە ۋە دىپلوماتىيە ھۆججەت-ئالاقىلىرى؛

(二)中华人民共和国主席、全国人民代表大会常务委员会委员长、国务院总理、中央军事委员会主席、最高人民法院院长和最高人民检察院检察长以职务名义对外使用的信封、信笺、请柬等;

( 2 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋەزىپە نامى بىلەن سىرتقا ئىشلىتىدىغان كونۋېرت، ئىش قەغىزى، تەكلىپنامە قاتارلىقلار؛

(三)全国人民代表大会常务委员会公报、国务院公报、最高人民法院公报和最高人民检察院公报的封面;

( 3 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاخباراتى، گوۋۇيۈەن ئاخباراتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخباراتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاخباراتىنىڭ مۇقاۋىسى؛

(四)国家出版的法律、法规正式版本的封面。

( 4 ) دۆلەت نەشر قىلغان قانۇن-نىزاملارنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى.

第八条 外事活动和国家驻外使馆、领馆以及其他外交代表机构对外使用国徽图案的办法,由外交部规定,报国务院批准后施行。

8-ماددا تاشقى ئىشلار پائالىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى، شۇنىڭدەك باشقا دىپلوماتىيە ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت گېربى نۇسخىسىنى سىرتقا ئىشلىتىش چارىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

第九条 在本法规定的范围以外需要悬挂国徽或者使用国徽图案的,由全国人民代表大会常务委员会办公厅或者国务院办公厅会同有关主管部门规定。

9-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن سىرت، دۆلەت گېربى ئېسىش ياكى دۆلەت گېربى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ياكى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

第十条 国徽及其图案不得用于:

10-ماددا دۆلەت گېربى ۋە ئۇنىڭ نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ :

(一)商标、广告;

( 1 ) تاۋار ماركىسى، ئېلان؛

(二)日常生活的陈设布置;

( 2 ) كۈندىلىك تۇرمۇش سەرەمجانلىرى؛

(三)私人庆吊活动;

( 3 ) شەخسىي تەبرىكلەش، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى؛

(四)国务院办公厅规定不得使用国徽及其图案的其他场合。

( 4 ) گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت گېربى ۋە ئۇنىڭ نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن باشقا سورۇنلار.

第十一条 不得悬挂破损、污损或者不合规格的国徽。

11-ماددا بۇزۇلغان، كىرلەشكەن ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان دۆلەت گېربىنى ئېسىشقا بولمايدۇ.

第十二条 悬挂的国徽由国家指定的企业统一制作,其直径的通用尺度为下列三种:

12-ماددا ئېسىلىدىغان دۆلەت گېربىنى دۆلەت بېكىتكەن كارخانىلار بىرتۇتاش ياسايدۇ، ئۇنىڭ دىيامېتىرىنىڭ ھەممىباب ئۆلچىمى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ :

(一)一百厘米;

( 1 ) 100 سانتىمېتىر؛

(二)八十厘米;

( 2 ) 80 سانتىمېتىر بولۇش؛

(三)六十厘米。

( 3 ) 60 سانتىمېتىر.

在特定场所需要悬挂非通用尺度国徽的,报国务院办公厅批准。

مۇئەييەن ئورۇنغا ھەممىباب ئۆلچەمدە بولمىغان دۆلەت گېربى ئېسىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

第十三条 在公共场合故意以焚烧、毁损、涂划、玷污、践踏等方式侮辱中华人民共和国国徽的,依法追究刑事责任;情节较轻的,由公安机关处以十五日以下拘留。

13-ماددا ئاممىۋى سورۇنلاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىگە قەستەن كۆيدۈرۈش، بۇزۇۋېتىش، جىۋېتىش، بۇلغىۋېتىش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھاقارەت كەلتۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.

第十四条 县级以上各级人民政府对国徽的使用,实施监督管理。

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت گېربىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.

第十五条 本法自1991年10月1日起施行。

15-ماددا بۇ قانۇن 1991-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

附件:

قوشۇمچە ھۆججەت :

中华人民共和国国徽图案

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى

(1950年6月28日中央人民政府委员会第八次会议通过)

( 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

说明:国徽的内容为国旗、天安门、齿轮和麦稻穗,象征中国人民自“五四”运动以来的新民主主义革命斗争和工人阶级领导的以工农联盟为基础的人民民主专政的新中国的诞生。

ئىزاھات:دۆلەت گېربىنىڭ مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنئەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي باشاقلىرى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ «4 ـ ماي»ھەرىكىتىدىن بۇيانقى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىي كۈرەش ۋە ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلغان، ئىشچى ـ دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سىمۋول قىلىنغان.

中华人民共和国国徽图案制作说明

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى نۇسخىسىنى ياساش توغرىسىدىكى ئىزاھات

(1950年9月20日中央人民政府委员会办公厅公布)

( 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان )

一、两把麦稻组成正圆形的环。齿轮安在下方麦稻杆的交叉点上。齿轮的中心交结着红绶。红绶向左右绾住麦稻而下垂,把齿轮分成上下两部。

1.ئىككى باغلام بۇغدايدىن كىۋادرات شەكىللىك ھالقا ھاسىل قىلىندى. چىشلىق چاق تۆۋەندىكى شال شېخىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چىشلىق چاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مۆھۈر بېغى چىگىلگەنىدى. قىزىل مۆھۈر بېغى ئوڭ-سولغا قارىتىلىپ شالنىڭ ئاستىغا ساڭگىلاپتۇ، چىشلىق چاقنى ئاستى-ئۈستى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپتۇ.

二、从图案正中垂直画一直线,其左右两部分,完全对称。

ئىككىنچى، نەقىشنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر تۈز سىزىق سىزىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ-سول ئىككى قىسمى پۈتۈنلەي سىممېترىك بولىدۇ.

三、图案各部分之地位、尺寸,可根据方格墨线图之比例,放大或缩小。

ئۈچىنچى، نەقىشنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكىنى كاتەكچە سىياھ خەرىتىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن چوڭايتىشقا ياكى كىچىكلىتىشكە بولىدۇ.

四、如制作浮雕,其各部位之高低,可根据断面图之比例放大或缩小。

4.ئەگەر قاپارتما ھەيكەل ياسىسا، ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى كەسمە يۈز خەرىتىسىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن چوڭايتىشقا ياكى كىچىكلىتىشكە بولىدۇ.

五、国徽之涂色为金红二色:麦稻、五星,天安门、齿轮为金色,圆环内之底子及垂绶为红色;红为正红(同于国旗),金为大赤金(淡色而有光泽之金)。

5.دۆلەت گېربىگە ئالتۇن رەڭدىن ئىبارەت ئىككى خىل رەڭدە بويالغان:مەيداۋ، بەش يۇلتۇز، تيەنئەنمېن، چىشلىق چاق ئالتۇن رەڭ، يۇمىلاق ھالقا ئىچىدىكى تەگلىك ۋە تىكلىمە مۆھۈر بېغى قىزىل رەڭدە؛ قىزىل رەڭگى ئوچۇق قىزىل ( دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش )، ئالتۇن رەڭگى چوڭ قىزىل ئالتۇن ( سۇس رەڭلىك ھەم پارقىراق ئالتۇن ).

中华人民共和国国徽方格墨线图

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى چاسا قارا خەرىتىسى

中华人民共和国国徽纵断面图

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى تىك كەسمە يۈز خەرىتىسى