(2016年9月3日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十二次会议通过)
( 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2016年9月3日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十二次会议通过)
( 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 国防交通规划
2-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى
第三章 交通工程设施
3-باب قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى
第四章 民用运载工具
4-باب پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى
第五章 国防运输
5-باب دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى
第六章 国防交通保障
6-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
第七章 国防交通物资储备
7-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش
第八章 法律责任
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第九章 附则
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了加强国防交通建设,促进交通领域军民融合发展,保障国防活动顺利进行,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قاتناش ساھەسىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 以满足国防需要为目的,在铁路、道路、水路、航空、管道以及邮政等交通领域进行的规划、建设、管理和资源使用活动,适用本法。
2-ماددا دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، تۆمۈريول، يول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى شۇنىڭدەك پوچتا قاتارلىق قاتناش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش ۋە بايلىق ئىشلىتىش پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
第三条 国家坚持军民融合发展战略,推动军地资源优化配置、合理共享,提高国防交通平时服务、急时应急、战时应战的能力,促进经济建设和国防建设协调发展。
3-ماددا دۆلەت ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ ئادەتتە مۇلازىمەت قىلىش، جىددىي پەيتتە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭگە ئاتلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
国防交通工作遵循统一领导、分级负责、统筹规划、平战结合的原则。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.
第四条 国家国防交通主管机构负责规划、组织、指导和协调全国的国防交通工作。国家国防交通主管机构的设置和工作职责,由国务院、中央军事委员会规定。
4-ماددا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىنى پىلانلاش، تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.
县级以上地方人民政府国防交通主管机构负责本行政区域的国防交通工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上人民政府有关部门和有关军事机关按照职责分工,负责有关的国防交通工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
省级以上人民政府有关部门和军队有关部门建立国防交通军民融合发展会商机制,相互通报交通建设和国防需求等情况,研究解决国防交通重大问题。
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىدا ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قاتناش قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆزئارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىدۇ.
第五条 公民和组织应当依法履行国防交通义务。
5-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
国家鼓励公民和组织依法参与国防交通建设,并按照有关规定给予政策和经费支持。
دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە سىياسەت ۋە خىراجەت مەدىتى بېرىدۇ.
第六条 国防交通经费按照事权划分的原则,列入政府预算。
6-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىراجىتى ئىش ھوقۇقىغا ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
企业事业单位用于开展国防交通日常工作的合理支出,列入本单位预算,计入成本。
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كۈندىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان مۇۋاپىق چىقىمى شۇ ئورۇننىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەننەرخىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
第七条 县级以上人民政府根据国防需要,可以依法征用民用运载工具、交通设施、交通物资等民用交通资源,有关组织和个人应当予以配合,履行相关义务。
7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، قاتناش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق پۇقراۋى قاتناش بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە شەخسلەر ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
民用交通资源征用的组织实施和补偿,依照有关法律、行政法规执行。
پۇقراۋى قاتناش بايلىقىنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە تولۇقلىما بېرىش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第八条 各级人民政府应当将国防交通教育纳入全民国防教育,通过多种形式开展国防交通宣传活动,普及国防交通知识,增强公民的国防交通观念。
8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەربىيەسىنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قارىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
各级铁路、道路、水路、航空、管道、邮政等行政管理部门(以下统称交通主管部门)和相关企业事业单位应当对本系统、本单位的人员进行国防交通教育。
ھەر دەرىجىلىك تۆمۈريول، يول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، پوچتا قاتارلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قاتناش مەسئۇل تارمىقى دېيىلىدۇ ) ۋە ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ سىستېما، شۇ ئورۇننىڭ خادىملىرىغا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.
设有交通相关专业的院校应当将国防交通知识纳入相关专业课程或者单独开设国防交通相关课程。
قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر دۆلەت مۇداپىئە قاتناش بىلىملىرىنى ئالاقىدار كەسپىي دەرسلىككە كىرگۈزۈشى ياكى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئايرىم تەسىس قىلىشى كېرەك.
第九条 任何组织和个人对在国防交通工作中知悉的国家秘密和商业秘密负有保密义务。
9-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
第十条 对在国防交通工作中作出突出贡献的组织和个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。
10-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
第十一条 国家加强国防交通信息化建设,为提高国防交通保障能力提供支持。
11-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.
第十二条 战时和平时特殊情况下,需要在交通领域采取行业管制、为武装力量优先提供交通保障等国防动员措施的,依照《中华人民共和国国防法》、《中华人民共和国国防动员法》等有关法律执行。
12-ماددا ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدا، قاتناش ساھەسىدە كەسىپلەرنى باشقۇرۇش، قوراللىق كۈچلەرنى ئاۋۋال قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
武装力量组织进行军事演习、训练,需要对交通采取临时性管制措施的,按照国务院、中央军事委员会的有关规定执行。
قوراللىق كۈچلەردىن ھەربىي مانېۋىر ۋە مەشىق ئۇيۇشتۇرۇشتا، قاتناشقا ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第十三条 战时和平时特殊情况下,国家根据需要,设立国防交通联合指挥机构,统筹全国或者局部地区的交通运输资源,统一组织指挥全国或者局部地区的交通运输以及交通设施设备的抢修、抢建与防护。相关组织和个人应当服从统一指挥。
13-ماددا ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردا، ئالاھىدە ئەھۋالدا، دۆلەت ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى بىرلەشمە قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ياكى قىسمەن رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى قىسمەن رايونلارنىڭ قاتنىشى-تىرانسپورتى، شۇنىڭدەك قاتناش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىشكە بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىرتۇتاش قوماندانلىققا بويسۇنۇشى كېرەك.
第二章 国防交通规划
2-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى
第十四条 国防交通规划包括国防交通工程设施建设规划、国防交通专业保障队伍建设规划、国防交通物资储备规划、国防交通科研规划等。
14-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇن قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى بىلەن، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى پەن تەتقىقات يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
编制国防交通规划应当符合下列要求:
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك :
(一)满足国防需要,有利于平战快速转换,保障国防活动顺利进行;
( 1 ) دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇرۇش تىنچلىقىنى ساقلاشقا تېز ئالماشتۇرۇشقا، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق؛
(二)兼顾经济社会发展需要,突出重点,注重效益,促进资源融合共享;
( 2 ) ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بايلىقنى يۇغۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
(三)符合城乡规划和土地利用总体规划,与国家综合交通运输体系发展规划相协调;
( 3 ) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىش، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ماسلىشىش؛
(四)有利于加强边防、海防交通基础设施建设,扶持沿边、沿海经济欠发达地区交通运输发展;
( 4 ) چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا بويى، دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىياتىنى يۆلەشكە پايدىلىق بولۇش؛
(五)保护环境,节约土地、能源等资源。
( 5 ) مۇھىت ئاسراش، يەر، ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىقلارنى تېجەش.
第十五条 县级以上人民政府应当将国防交通建设纳入国民经济和社会发展规划。
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
国务院及其有关部门和省、自治区、直辖市人民政府制定交通行业以及相关领域的发展战略、产业政策和规划交通网络布局,应当兼顾国防需要,提高国家综合交通运输体系保障国防活动的能力。
گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەم ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتناش كەسپى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ سىياسىتى ۋە قاتناش تورىنىڭ جايلىشىشىنى پىلانلاشتا، دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
国务院有关部门应当将有关国防要求纳入交通设施、设备的技术标准和规范。有关国防要求由国家国防交通主管机构征求军队有关部门意见后汇总提出。
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار تەلەپلەرنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن جەملەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
第十六条 国防交通工程设施建设规划,由县级以上人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府交通主管部门编制,经本级人民政府发展改革部门审核后,报本级人民政府批准。
16-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
下级国防交通工程设施建设规划应当依据上一级国防交通工程设施建设规划编制。
تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈش كېرەك.
编制国防交通工程设施建设规划,应当征求有关军事机关和本级人民政府有关部门的意见。县级以上人民政府有关部门编制综合交通运输体系发展规划和交通工程设施建设规划,应当征求本级人民政府国防交通主管机构的意见,并纳入国防交通工程设施建设的相关内容。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۇنى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
第十七条 国防交通专业保障队伍建设规划,由国家国防交通主管机构会同国务院有关部门和军队有关部门编制。
17-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
第十八条 国防交通物资储备规划,由国防交通主管机构会同军地有关部门编制。
18-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانىنى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
中央储备的国防交通物资,由国家国防交通主管机构会同国务院交通主管部门和军队有关部门编制储备规划。
مەركەزدە زاپاس ساقلانغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانى تۈزىدۇ.
地方储备的国防交通物资,由省、自治区、直辖市人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府有关部门和有关军事机关编制储备规划。
يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.
第十九条 国防交通科研规划,由国家国防交通主管机构会同国务院有关部门和军队有关部门编制。
19-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى پەن تەتقىقات يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
第三章 交通工程设施
3-باب قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى
第二十条 建设国防交通工程设施,应当以国防交通工程设施建设规划为依据,保障战时和平时特殊情况下国防交通畅通。
20-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىپ، ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردىمۇ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
建设其他交通工程设施,应当依法贯彻国防要求,在建设中采用增强其国防功能的工程技术措施,提高国防交通保障能力。
باشقا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش تېخنىكا تەدبىرىنى قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
第二十一条 国防交通工程设施应当按照基本建设程序、相关技术标准和规范以及国防要求进行设计、施工和竣工验收。相关人民政府国防交通主管机构组织军队有关部门参与项目的设计审定、竣工验收等工作。
21-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە تەلىپى بويىچە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنى تۈرلەرنى لايىھەلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ.
交通工程设施建设中为增加国防功能修建的项目应当与主体工程同步设计、同步建设、同步验收。
قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئە فۇنكسىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياسىلىدىغان تۈرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە لايىھەلەش، ماس قەدەمدە قۇرۇش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.
第二十二条 国防交通工程设施在满足国防活动需要的前提下,应当为经济社会活动提供便利。
22-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
第二十三条 国防交通工程设施管理单位负责国防交通工程设施的维护和管理,保持其国防功能。
23-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
国防交通工程设施需要改变用途或者作报废处理的,由国防交通工程设施管理单位逐级上报国家国防交通主管机构或者其授权的国防交通主管机构批准。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىغا دەرىجىمۇدەرىجە يوللايدۇ.
县级以上人民政府应当加强对国防交通工程设施维护管理工作的监督检查。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第二十四条 任何组织和个人进行生产和其他活动,不得影响国防交通工程设施的正常使用,不得危及国防交通工程设施的安全。
24-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىدا، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
第二十五条 县级以上人民政府国防交通主管机构负责向本级人民政府交通主管部门以及相关企业事业单位了解交通工程设施建设项目的立项、设计、施工等情况;有关人民政府交通主管部门以及相关企业事业单位应当予以配合。
25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇندىن قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ماسلىشىشى كېرەك.
第二十六条 县级以上人民政府国防交通主管机构应当及时向有关军事机关通报交通工程设施建设情况,并征求其贯彻国防要求的意见,汇总后提出需要贯彻国防要求的具体项目。
26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانغا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشى، جەملىگەندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك كونكرېت تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
第二十七条 对需要贯彻国防要求的交通工程设施建设项目,由有关人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府发展改革部门、财政部门、交通主管部门和有关军事机关,与建设单位协商确定贯彻国防要求的具体事宜。
27-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى، مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كونكرېت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.
交通工程设施新建、改建、扩建项目因贯彻国防要求增加的费用由国家承担。有关部门应当对项目的实施予以支持和保障。
قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第二十八条 各级人民政府对国防交通工程设施建设项目和贯彻国防要求的交通工程设施建设项目,在土地使用、城乡规划、财政、税费等方面,按照国家有关规定给予政策支持。
28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يەر ئىشلىتىش، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى، مالىيە، باج-ھەق قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
第四章 民用运载工具
4-باب پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى
第二十九条 国家国防交通主管机构应当根据国防需要,会同国务院有关部门和军队有关部门,确定需要贯彻国防要求的民用运载工具的类别和范围,及时向社会公布。
29-ماددا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ تۈرى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
国家鼓励公民和组织建造、购置、经营前款规定的类别和范围内的民用运载工具及其相关设备。
دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۈر ۋە دائىرىدىكى پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېلىشى، سېتىۋېلىشى، تىجارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第三十条 县级以上人民政府国防交通主管机构应当向民用运载工具登记管理部门和建造、购置人了解需要贯彻国防要求的民用运载工具的建造、购置、使用等情况,有关公民和组织应当予以配合。
30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ياسىغۇچى، سېتىۋالغۇچىدىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش سايمانلىرىنى ياساش، سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى، مۇناسىۋەتلىك پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار ماسلىشىشى كېرەك.
第三十一条 县级以上人民政府国防交通主管机构应当及时将掌握的民用运载工具基本情况通报有关军事机关,并征求其贯彻国防要求的意见,汇总后提出需要贯彻国防要求的民用运载工具的具体项目。
31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى ئىگىلىگەن پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئالاقىدار ھەربىي ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۇلاردىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشى، جەملىگەندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى كونكرېت تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
第三十二条 对需要贯彻国防要求的民用运载工具的具体项目,由县级以上人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府财政部门、交通主管部门和有关军事机关,与有关公民和组织协商确定贯彻国防要求的具体事宜,并签订相关协议。
32-ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى كونكرېت تۈرىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كونكرېت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالايدۇ.
第三十三条 民用运载工具因贯彻国防要求增加的费用由国家承担。有关部门应当对民用运载工具贯彻国防要求的实施予以支持和保障。
33-ماددا پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپىيىپ كەتكەن خىراجىتىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
各级人民政府对贯彻国防要求的民用运载工具在服务采购、运营范围等方面,按照有关规定给予政策支持。
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى سېتىۋېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
第三十四条 贯彻国防要求的民用运载工具所有权人、承租人、经营人负责民用运载工具的维护和管理,保障其使用效能。
34-ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرغان پۇقراۋى توشۇش قورالى ئىگىدارى، ئىجارە ئالغۇچىسى، تىجارەتچىسى پۇقراۋى توشۇش قورالىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
第五章 国防运输
5-باب دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى
第三十五条 县级以上人民政府交通主管部门会同军队有关交通运输部门按照统一计划、集中指挥、迅速准确、安全保密的原则,组织国防运输。
35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاش، مەركەزلىك قوماندانلىق قىلىش، تېز، توغرا بولۇش، بىخەتەر، مەخپىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىنى تەشكىللەيدۇ.
承担国防运输任务的公民和组织应当优先安排国防运输任务。
دۆلەت مۇداپىئەسى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
第三十六条 国家以大中型运输企业为主要依托,组织建设战略投送支援力量,增强战略投送能力,为快速组织远距离、大规模国防运输提供有效支持。
36-ماددا دۆلەت چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت كارخانىلىرىنى ئاساسلىق تايانچ قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما ياردەم كۈچىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يىراق ئارىلىققا، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىنى تېز تەشكىللەشنى ئۈنۈملۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
承担战略投送支援任务的企业负责编组人员和装备,根据有关规定制定实施预案,进行必要的训练、演练,提高执行战略投送任务的能力。
ئىستراتېگىيەلىك ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇل گۇرۇپپا خادىملىرى ۋە جابدۇقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، زۆرۈر مەشىق ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
第三十七条 各级人民政府和军事机关应当加强国防运输供应、装卸等保障设施建设。
37-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى، تەمىناتى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش قاتارلىق كاپالەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
县级以上地方人民政府和相关企业事业单位,应当根据国防运输的需要提供饮食饮水供应、装卸作业、医疗救护、通行与休整、安全警卫等方面的必要的服务或者保障。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قاراپ يېمەك-ئىچمەك، ئىچىدىغان سۇ تەمىناتى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، يۈرۈش ۋە دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر مۇلازىمەت قىلىشى ياكى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第三十八条 国家驻外机构和我国从事国际运输业务的企业及其境外机构,应当为我国实施国际救援、海上护航和维护国家海外利益的军事行动的船舶、飞机、车辆和人员的补给、休整提供协助。
38-ماددا دۆلەتنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، دېڭىزدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەل مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر ھەربىي ھەرىكەتنى يولغا قويغان كېمە-پاراخوتلىرى، ئايروپىلانلىرى، ئاپتوموبىللىرى ۋە خادىملىرىنى تولۇقلاش، دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.
国家有关部门应当对前款规定的机构和企业为海外军事行动提供协助所需的人员和运输工具、货物等的出境入境提供相关便利。
دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپارات ۋە كارخانىلارغا چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە ياردەملىشىشكە كېرەكلىك خادىملار ۋە تىرانسپورت قوراللىرى، مال قاتارلىقلارنىڭ چېگرادىن چىقىشى، چېگرادىن كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
第三十九条 公民和组织完成国防运输任务所发生的费用,由使用单位按照不低于市场价格的原则支付。具体办法由国务院财政部门、交通主管部门和中央军事委员会后勤保障部规定。
39-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كەتكەن خىراجەتنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىق پىرىنسىپى بويىچە تۆلەيدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
第四十条 军队根据需要,可以在相关交通企业或者交通企业较为集中的地区派驻军事代表,会同有关单位共同完成国防运输和交通保障任务。
40-ماددا ئارمىيە ئېھتىياجغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك قاتناش كارخانىلىرى ياكى قاتناش كارخانىلىرى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلارغا ھەربىي ۋەكىل ئەۋەتسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى ۋە قاتناش كاپالىتى ۋەزىپىسىنى تاماملىسا بولىدۇ.
军事代表驻在单位和驻在地人民政府有关部门,应当为军事代表开展工作提供便利。
ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ ئىدارىدە ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
军事代表的派驻和工作职责,按照国务院、中央军事委员会的有关规定执行。
ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىش ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第六章 国防交通保障
6-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
第四十一条 各级国防交通主管机构组织人民政府有关部门和有关军事机关制定国防交通保障方案,明确重点交通目标、线路以及保障原则、任务、技术措施和组织措施。
41-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارنى تەشكىللەپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، نۇقتىلىق قاتناش نىشانى، لىنىيەسى، شۇنىڭدەك كاپالەت پىرىنسىپى، ۋەزىپىسى، تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى ۋە تەشكىلىي تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
第四十二条 国务院有关部门和县级以上地方人民政府按照职责分工,组织有关企业事业单位实施交通工程设施抢修、抢建和运载工具抢修,保障国防活动顺利进行。有关军事机关应当给予支持和协助。
42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋە توشۇش قوراللىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار ھەربىي ئورگان مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
第四十三条 国防交通保障方案确定的重点交通目标的管理单位和预定承担保障任务的单位,应当根据有关规定编制重点交通目标保障预案,并做好相关准备。
43-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئالدىن بېكىتكەن ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن نۇقتىلىق قاتناش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى كېرەك.
第四十四条 重点交通目标的管理单位和预定承担保障任务的单位,在重点交通目标受到破坏威胁时,应当立即启动保障预案,做好相应准备;在重点交通目标遭受破坏时,应当按照任务分工,迅速组织实施工程加固和抢修、抢建,尽快恢复交通。
44-ماددا نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە كاپالەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن ئورۇن نۇقتىلىق قاتناش نىشانى بۇزغۇنچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، كاپالەت لايىھەسىنى دەرھال باشلاپ، مۇناسىپ تەييارلىق قىلىشى كېرەك؛ نۇقتىلىق قاتناش نىشانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋەزىپە تەقسىماتى بويىچە قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇشقا تېزدىن تەشكىللەپ، قاتناشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
与国防运输有关的其他交通工程设施遭到破坏的,其管理单位应当及时按照管理关系向上级报告,同时组织修复。
دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن بۇزۇلغانلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى بويىچە ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.
第四十五条 县级以上人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府国土资源、城乡规划等主管部门确定预定抢建重要国防交通工程设施的土地,作为国防交通控制范围,纳入土地利用总体规划和城乡规划。
45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن بايلىقى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى تالىشىپ سالىدىغان يەرنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى تىزگىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا بىرتۇتاش پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.
未经县级以上人民政府国土资源主管部门、城乡规划主管部门和国防交通主管机构批准,任何组织和个人不得占用作为国防交通控制范围的土地。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى، شەھەر-يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى تىزگىنلەش دائىرىسىدىكى يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第四十六条 重点交通目标的对空、对海防御,由军队有关部门纳入对空、对海防御计划,统一组织实施。
46-ماددا نۇقتىلىق قاتناش نىشانىدىكى ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە دېڭىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇداپىئەسىنى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە دېڭىز مۇداپىئەسى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
重点交通目标的地面防卫,由其所在地县级以上人民政府和有关军事机关共同组织实施。
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىغا دائىر يەر يۈزى مۇداپىئەسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ئورتاق تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
重点交通目标的工程技术防护,由其所在地县级以上人民政府交通主管部门会同本级人民政府国防交通主管机构、人民防空主管部门,组织指导其管理单位和保障单位实施。
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بويىچە مۇداپىئەلىنىشنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇش ئورنى ۋە كاپالەت ئورنىنىڭ يولغا قويۇشىغا تەشكىللەيدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
重点交通目标以外的其他交通设施的防护,由其所在地县级以上人民政府按照有关规定执行。
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىدىن باشقا قاتناش ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
第四十七条 因重大军事行动和国防科研生产试验以及与国防相关的保密物资、危险品运输等特殊需要,县级以上人民政府有关部门应当按照规定的权限和程序,在相关地区的陆域、水域、空域采取必要的交通管理措施和安全防护措施。有关军事机关应当给予协助。
47-ماددا مۇھىم، زور ھەربىي ھەرىكەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش سىنىقى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ماددىي ئەشيا، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ قۇرۇقلۇق رايونى، سۇ رايونى، ھاۋا تەۋەلىكىدە زۆرۈر قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ياردەم بېرىشى كېرەك.
第四十八条 县级以上人民政府交通主管部门和有关军事机关、国防交通主管机构应当根据需要,组织相关企业事业单位开展国防交通专业保障队伍的训练、演练。
48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەتلەندۈرۈش قوشۇنى مەشىقى ۋە مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
国防交通专业保障队伍由企业事业单位按照有关规定组建。
دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەيدۇ.
参加训练、演练的国防交通专业保障队伍人员的生活福利待遇,参照民兵参加军事训练的有关规定执行。
مەشىق ۋە مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالىتى قوشۇنىدىكى خادىملارنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第四十九条 国防交通专业保障队伍执行国防交通工程设施抢修、抢建、防护和民用运载工具抢修以及人员物资抢运等任务,由县级以上人民政府国防交通主管机构会同本级人民政府交通主管部门统一调配。
49-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالەت قوشۇنى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش ۋە پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك خادىم، ماددىي ئەشيالارنى جىددىي توشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش تەقسىملەيدۇ.
国防交通专业保障队伍的车辆、船舶和其他机动设备,执行任务时按照国家国防交通主管机构的规定设置统一标志,可以优先通行。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالەت قوشۇنىدىكى ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوت ۋە باشقا موتورلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىككە كەلگەن بەلگە ئورنىتىلسا، ئالدىن يۈرۈشكە بولىدۇ.
第五十条 各级人民政府对承担国防交通保障任务的企业和个人,按照有关规定给予政策支持。
50-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا ۋە شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
第七章 国防交通物资储备
7-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش
第五十一条 国家建立国防交通物资储备制度,保证战时和平时特殊情况下国防交通顺畅的需要。
51-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە ئەھۋالدا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
国防交通物资储备应当布局合理、规模适度,储备的物资应当符合国家规定的质量标准。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق، كۆلىمى مۇۋاپىق بولۇشى، زاپاس ماددىي ئەشيا دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
国防交通储备物资的品种由国家国防交通主管机构会同国务院有关部门和军队有关部门规定。
دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تۈرىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
第五十二条 国务院交通主管部门和省、自治区、直辖市人民政府国防交通主管机构,应当按照有关规定确定国防交通储备物资储存管理单位,监督检查国防交通储备物资管理工作。
52-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش-باشقۇرۇش ئورنىنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشياسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
国防交通储备物资储存管理单位应当建立健全管理制度,按照国家有关规定和标准对储备物资进行保管、维护和更新,保证储备物资的使用效能和安全,不得挪用、损坏和丢失储备物资。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاشنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، زاپاس ماددىي ئەشيانى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ساقلىشى، ئاسرىشى ۋە يېڭىلىشى، زاپاس ماددىي ئەشيا ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ۋە يىتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
第五十三条 战时和平时特殊情况下执行交通防护和抢修、抢建任务,或者组织重大军事演习,抢险救灾以及国防交通专业保障队伍训练、演练等需要的,可以调用国防交通储备物资。
53-ماددا ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدا قاتناشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ياكى مۇھىم، زور ھەربىي مانېۋىر تەشكىللەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنىڭ مەشىقى، مانېۋىرى قاتارلىق ئېھتىياجلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
调用中央储备的国防交通物资,由国家国防交通主管机构批准;调用地方储备的国防交通物资,由省、自治区、直辖市人民政府国防交通主管机构批准。
مەركەز زاپاس ساقلىغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ؛ يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ.
国防交通储备物资储存管理单位,应当严格执行储备物资调用指令,不得拒绝或者拖延。
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاشنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار زاپاس ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، رەت قىلىشقا ياكى ئارقىغا سۆرەشكە يول قويۇلمايدۇ.
未经批准,任何组织和个人不得动用国防交通储备物资。
تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第五十四条 国防交通储备物资因产品技术升级、更新换代或者主要技术性能低于使用维护要求,丧失储备价值的,可以改变用途或者作报废处理。
54-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكى، يېڭىلانغانلىقى، ئالماشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئاساسلىق تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ئىشلىتىش، ئاسراش تەلىپىدىن تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن زاپاس قىممىتىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
中央储备的国防交通物资需要改变用途或者作报废处理的,由国家国防交通主管机构组织技术鉴定并审核后,报国务院财政部门审批。
مەركەز زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تېخنىكىلىق باھالاشقا تەشكىللىگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
地方储备的国防交通物资需要改变用途或者作报废处理的,由省、自治区、直辖市人民政府国防交通主管机构组织技术鉴定并审核后,报本级人民政府财政部门审批。
يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تېخنىكىلىق باھالاشقا تەشكىللىگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
中央和地方储备的国防交通物资改变用途或者报废获得的收益,应当上缴本级国库,纳入财政预算管理。
مەركەز ۋە يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىپ ياكى بىراك قىلىپ ئېرىشكەن پايدا شۇ دەرىجىلىك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى، مالىيە خامچوتىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.
第八章 法律责任
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第五十五条 违反本法规定,有下列行为之一的,由县级以上人民政府交通主管部门或者国防交通主管机构责令限期改正,对负有直接责任的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分;有违法所得的,予以没收,并处违法所得一倍以上五倍以下罚款:
55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ياكى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
(一)擅自改变国防交通工程设施用途或者作报废处理的;
( 1 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(二)拒绝或者故意拖延执行国防运输任务的;
( 2 ) دۆلەت مۇداپىئەسى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
(三)拒绝或者故意拖延执行重点交通目标抢修、抢建任务的;
( 3 ) نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
(四)拒绝或者故意拖延执行国防交通储备物资调用命令的;
( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
(五)擅自改变国防交通储备物资用途或者作报废处理的;
( 5 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشياسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(六)擅自动用国防交通储备物资的;
( 6 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر؛
(七)未按照规定保管、维护国防交通储备物资,造成损坏、丢失的。
( 7 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىماي، ئاسرىماي، بۇزۇۋەتكەن، يىتتۈرۈپ قويغانلار.
上述违法行为造成财产损失的,依法承担赔偿责任。
يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش مال-مۈلۈككە زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十六条 国防交通主管机构、有关军事机关以及交通主管部门和其他相关部门的工作人员违反本法规定,有下列情形之一的,对负有直接责任的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:
56-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان، شۇنىڭدەك قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)滥用职权或者玩忽职守,给国防交通工作造成严重损失的;
( 1 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلار؛
(二)贪污、挪用国防交通经费、物资的;
( 2 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىراجىتى، ماددىي ئەشيالىرىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
(三)泄露在国防交通工作中知悉的国家秘密和商业秘密的;
( 3 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(四)在国防交通工作中侵害公民或者组织合法权益的。
( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار.
第五十七条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第九章 附则
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第五十八条 本法所称国防交通工程设施,是指国家为国防目的修建的交通基础设施以及国防交通专用的指挥、检修、装卸、仓储等工程设施。
58-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەسى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مەقسىتىدە ياسىغان قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قوماندانلىق قىلىش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称国防运输,是指政府和军队为国防目的运用军民交通运输资源,运送人员、装备、物资的活动。军队运用自身资源进行的运输活动,按照中央军事委员会有关规定执行。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مەقسىتىدە ئارمىيە-خەلق قاتناش-تىرانسپورت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم، جابدۇق، ماددىي ئەشيا توشۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئارمىيە ئۆز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تىرانسپورت پائالىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
第五十九条 与国防交通密切相关的信息设施、设备和专业保障队伍的建设、管理、使用活动,适用本法。
59-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
国家对信息动员另有规定的,从其规定。
دۆلەتنىڭ ئۇچۇر سەپەرۋەرلىكىگە دائىر ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第六十条 本法自2017年1月1日起施行。
60-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.