中华人民共和国国防法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى

(1997年3月14日第八届全国人民代表大会第五次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 1997 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 国家机构的国防职权

2-باب دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىزمەت ھوقۇقى

第三章 武装力量

3-باب قوراللىق كۈچلەر

第四章 边防、海防和空防

4-باب چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى

第五章 国防科研生产和军事订货

5-باب دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ھەربىي ئىشلارنى زاكاز قىلىش

第六章 国防经费和国防资产

6-باب دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۈلكى

第七章 国防教育

7-باب دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى

第八章 国防动员和战争状态

8-باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە ئۇرۇش ھالىتى

第九章 公民、组织的国防义务和权利

9-باب پۇقرالار، تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

第十章 军人的义务和权益

10-باب ھەربىيلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتى

第十一章 对外军事关系

11-باب تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەت

第十二章 附则

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了建设和巩固国防,保障社会主义现代化建设的顺利进行,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئەسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 国家为防备和抵抗侵略,制止武装颠覆,保卫国家的主权、统一、领土完整和安全所进行的军事活动,以及与军事有关的政治、经济、外交、科技、教育等方面的活动,适用本法。

2-ماددا دۆلەت تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، قوراللىق ئاغدۇرمىچىلىقنى توسۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي پائالىيەتلەرگە، شۇنىڭدەك ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى پائالىيەتلەرگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 国防是国家生存与发展的安全保障。

3-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى − دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى.

国家加强武装力量建设和边防、海防、空防建设,发展国防科研生产,普及全民国防教育,完善动员体制,实现国防现代化。

دۆلەت قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

第四条 国家独立自主、自力更生地建设和巩固国防,实行积极防御战略,坚持全民自卫原则。

4-ماددا دۆلەت مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇلۇش قىلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ئاكتىپ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئومۇمىي خەلق ئۆزىنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش.

国家在集中力量进行经济建设的同时,加强国防建设,促进国防建设与经济建设协调发展。

دۆلەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第五条 国家对国防活动实行统一的领导。

5-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

第六条 保卫祖国、抵抗侵略是中华人民共和国每一个公民的神圣职责。

6-ماددا ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

中华人民共和国公民应当依法履行国防义务。

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

第七条 国家和社会尊重、优待军人,保护军人的合法权益,开展各种形式的拥军优属活动。

7-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھەربىيلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئېتىبار بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

中国人民解放军和中国人民武装警察部队开展拥政爱民活动,加强军政、军民团结。

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ئارمىيە-خەلق ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى.

第八条 中华人民共和国在对外军事关系中,维护世界和平,反对侵略扩张行为。

8-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەتتە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ.

第九条 国家和社会对在国防活动中作出贡献的组织和个人,采取各种形式给予表彰和奖励。

9-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىدە تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسنى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

违反本法和有关法律,拒绝履行国防义务或者危害国防利益的,依法追究法律责任。

مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

第二章 国家机构的国防职权

2-باب دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىزمەت ھوقۇقى

第十条 全国人民代表大会依照宪法规定,决定战争和和平的问题,并行使宪法规定的国防方面的其他职权。

10-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

全国人民代表大会常务委员会依照宪法规定,决定战争状态的宣布,决定全国总动员或者局部动员,并行使宪法规定的国防方面的其他职权。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۇرۇش ھالىتىنى ئېلان قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

第十一条 中华人民共和国主席根据全国人民代表大会的决定和全国人民代表大会常务委员会的决定,宣布战争状态,发布动员令,并行使宪法规定的国防方面的其他职权。

11-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

第十二条 国务院领导和管理国防建设事业,行使下列职权:

12-ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :

(一)编制国防建设发展规划和计划;

( 1 ) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە پىلانىنى تۈزۈش؛

(二)制定国防建设方面的方针、政策和行政法规;

( 2 ) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى فاڭجېن-سىياسەت ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈش؛

(三)领导和管理国防科研生产;

( 3 ) دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

(四)管理国防经费和国防资产;

( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى باشقۇرۇش؛

(五)领导和管理国民经济动员工作和人民武装动员、人民防空、国防交通等方面的有关工作;

( 5 ) خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىك خىزمىتى ۋە خەلق قوراللىق سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

(六)领导和管理拥军优属工作和退出现役的军人的安置工作;

( 6 ) ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىگە ۋە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

(七)领导国防教育工作;

(七)领导国防教育工作;

(八)与中央军事委员会共同领导中国人民武装警察部队、民兵的建设和征兵、预备役工作以及边防、海防、空防的管理工作;

( 8 ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىلەن جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئەسكەر قوبۇل قىلىش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىگە، شۇنىڭدەك چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئورتاق رەھبەرلىك قىلىش؛

(九)法律规定的与国防建设事业有关的其他职权。

( 9 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

第十三条 中央军事委员会领导全国武装力量,行使下列职权:

13-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :

(一)统一指挥全国武装力量;

( 1 ) پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش؛

(二)决定军事战略和武装力量的作战方针;

( 2 ) ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنىنى قارار قىلىش؛

(三)领导和管理中国人民解放军的建设,制定规划、计划并组织实施;

( 3 ) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، يىرىك پىلان تۈزۈش، پىلان تۈزۈش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

(四)向全国人民代表大会或者全国人民代表大会常务委员会提出议案;

( 4 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىش؛

(五)根据宪法和法律,制定军事法规,发布决定和命令;

( 5 ) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن ھەربىي نىزام چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛

(六)决定中国人民解放军的体制和编制,规定总部以及军区、军兵种和其他军区级单位的任务和职责;

( 6 ) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئىشتاتىنى بەلگىلەش، باش ئىشتاب، شۇنىڭدەك ھەربىي رايون، قىسىم تۈرلىرى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشقا ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش؛

(七)依照法律、军事法规的规定,任免、培训、考核和奖惩武装力量成员;

( 7 ) قانۇن، ھەربىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، قوراللىق كۈچ ئەزالىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، تەربىيەلەش، سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛

(八)批准武装力量的武器装备体制和武器装备发展规划、计划,协同国务院领导和管理国防科研生产;

( 8 ) قوراللىق كۈچلەرنىڭ قورال-جابدۇق تۈزۈلمىسى ۋە قورال-جابدۇق تەرەققىيات يىرىك پىلانى، پىلانىنى تەستىقلاش، گوۋۇيۈەن بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشىنى رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش؛

(九)会同国务院管理国防经费和国防资产;

( 9 ) گوۋۇيۈەن بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى باشقۇرۇش؛

(十)法律规定的其他职权。

( 10 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

第十四条 国务院和中央军事委员会可以根据情况召开协调会议,解决国防事务的有关问题。会议议定的事项,由国务院和中央军事委员会在各自的职权范围内组织实施。

14-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەھۋالغا قاراپ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلسا بولىدۇ. يىغىندا كېلىشكەن ئىشلارنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第十五条 地方各级人民代表大会和县级以上地方各级人民代表大会常务委员会在本行政区域内,保证有关国防事务的法律、法规的遵守和执行。

15-ماددا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندا دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

地方各级人民政府依照法律规定的权限,管理本行政区域内的征兵、民兵、预备役、国防教育、国民经济动员、人民防空、国防交通、国防设施保护、退出现役的军人的安置和拥军优属等工作。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش، خەلق ئەسكىرى، زاپاس ئەسكەر، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.

第十六条 地方各级人民政府和驻地军事机关根据需要召开军地联席会议,协调解决本行政区域内有关国防事务的问题。

16-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگانلار ئېھتىياجغا قاراپ ئارمىيە-يەرلىك بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

军地联席会议由地方人民政府的负责人和驻地军事机关的负责人共同召集。军地联席会议的参加人员由会议召集人确定。

ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگاننىڭ مەسئۇلى بىرلىكتە چاقىرىدۇ. ئارمىيە-يەرلىك بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خادىملارنى يىغىن چاقىرغۇچىسى بېكىتىدۇ.

军地联席会议议定的事项,由地方人民政府和驻地军事机关依照各自的权限办理,重大事项应当分别向上级报告。

ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلەشمە يىغىنىدا كېلىشكەن ئىشلارنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگان ئۆز ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېجىرىدۇ، مۇھىم، زور ئىشلارنى يۇقىرىغا ئايرىم-ئايرىم دوكلات قىلىشى كېرەك.

第三章 武装力量

3-باب قوراللىق كۈچلەر

第十七条 中华人民共和国的武装力量属于人民。它的任务是巩固国防,抵抗侵略,保卫祖国,保卫人民的和平劳动,参加国家建设事业,全心全意为人民服务。

17-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

第十八条 中华人民共和国的武装力量必须遵守宪法和法律,坚持依法治军。

18-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى شەرت.

第十九条 中华人民共和国的武装力量受中国共产党领导。武装力量中的中国共产党组织依照中国共产党章程进行活动。

19-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى قىلىنىدۇ. قوراللىق كۈچلەر ئىچىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.

第二十条 国家加强武装力量的革命化、现代化、正规化建设,增强国防力量。

20-ماددا دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

第二十一条 中华人民共和国的武装力量应当适应现代战争的要求,加强军事训练,开展政治工作,提高保障水平,全面提高战斗力。

21-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىشى، ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىشى، سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، جەڭگىۋارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第二十二条 中华人民共和国的武装力量,由中国人民解放军现役部队和预备役部队、中国人民武装警察部队、民兵组成。

22-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان قىسمى ۋە زاپاس قىسمى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

中国人民解放军现役部队是国家的常备军,主要担负防卫作战任务,必要时可以依照法律规定协助维护社会秩序;预备役部队平时按照规定进行训练,必要时可以依照法律规定协助维护社会秩序,战时根据国家发布的动员令转为现役部队。

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان قىسمى دۆلەتنىڭ دائىمىي ئارمىيەسى بولۇپ، ئاساسلىقى قوغدىنىش، ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملەشسە بولىدۇ؛ زاپاس قىسىم ئادەتتە بەلگىلىمە بويىچە مەشىق قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملەشسە بولىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەت چىقارغان سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بويىچە رەسمىي قىسىمغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

中国人民武装警察部队在国务院、中央军事委员会的领导指挥下,担负国家赋予的安全保卫任务,维护社会秩序。

جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدا دۆلەت تاپشۇرغان بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

民兵在军事机关的指挥下,担负战备勤务、防卫作战任务,协助维护社会秩序。

خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي ئورگاننىڭ قوماندانلىقىدا، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسى، قوغدىنىش-ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ.

第二十三条 中华人民共和国武装力量的规模应当与保卫国家安全和利益的需要相适应。

23-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كۆلىمى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

第二十四条 中华人民共和国的兵役分为现役和预备役。现役军人和预备役人员的服役制度由法律规定。

24-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيىتى ھەربىي خىزمەت ۋە زاپاس ھەربىيلىككە ئايرىلىدۇ. رەسمىي ھەربىيلەر ۋە زاپاس خادىملارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

国家依照法律规定对现役军人和预备役人员实行衔级制度。

دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە زاپاس ھەربىيلەرگە ئۇنۋان-دەرىجە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第二十五条 国家禁止任何组织或者个人非法建立武装组织,禁止非法武装活动,禁止冒充现役军人或者武装力量组织。

25-ماددا دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇنسىز ھالدا قوراللىق تەشكىلات قۇرۇشىنى مەنئى قىلىدۇ، قانۇنسىز قوراللىق ھەرىكەتنى مەنئى قىلىدۇ، رەسمىي ھەربىي ياكى قوراللىق كۈچ تەشكىلاتى قىياپىتىگە كىرىۋېلىشنى مەنئى قىلىدۇ.

第四章 边防、海防和空防

4-باب چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى

第二十六条 中华人民共和国的领陆、内水、领海、领空神圣不可侵犯。国家加强边防、海防和空防建设,采取有效的防卫和管理措施,保卫领陆、内水、领海、领空的安全,维护国家海洋权益。

26-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق تەۋەلىكى، ئىچكى سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكى مۇقەددەس، چېقىلىشقا بولمايدۇ. دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇق، ئىچكى سۇ، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

第二十七条 中央军事委员会统一领导边防、海防和空防的防卫工作。

27-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى مۇداپىئە خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

地方各级人民政府、国务院有关部门和有关军事机关,按照国家规定的职权范围,分工负责边防、海防和空防的管理和防卫工作,共同维护国家的安全和利益。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانلار دۆلەت بەلگىلىگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

第二十八条 国家根据边防、海防和空防的需要,建设作战、指挥、通信、防护、交通、保障等国防设施。各级人民政府和军事机关应当依照法律、法规的规定,保障国防设施的建设,保护国防设施的安全。

28-ماددا دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇرۇش قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، خەۋەرلىشىش، مۇداپىئە كۆرۈش، قاتناش، كاپالەت قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

第五章 国防科研生产和军事订货

5-باب دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ھەربىي ئىشلارنى زاكاز قىلىش

第二十九条 国家建立和完善国防科技工业体系,发展国防科研生产,为武装力量提供性能先进、质量可靠、配套完善、便于操作和维修的武器装备以及其他适用的军用物资,满足国防需要。

29-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قوراللىق كۈچلەرنى ئىقتىدارى ئىلغار، سۈپىتى ئىشەنچلىك، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل، مەشغۇلات قىلىش ۋە رېمونت قىلىشقا قولايلىق قورال-جابدۇقلار، شۇنىڭدەك باشقا ئەسقاتىدىغان ھەربىي ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

第三十条 国防科技工业实行军民结合、平战结合、军品优先、以民养军的方针。

30-ماددا دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتىدە ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىش، تىنچلىق مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي بۇيۇملارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق ئارقىلىق ئارمىيەنى بېقىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

国家统筹规划国防科技工业建设,保持规模适度、专业配套、布局合理的国防科研生产能力。

دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆلىمى مۇۋاپىق، كەسىپلىرى يۈرۈشلەشكەن، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولغان دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.

第三十一条 国家促进国防科学技术进步,加强高新技术研究,发挥高新技术在武器装备发展中的先导作用,增加技术储备,研制新型武器装备。

31-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىنىڭ قورال-جابدۇق تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا زاپىسىنى كۆپەيتىپ، يېڭى تىپتىكى قورال-جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ.

第三十二条 国家对国防科研生产实行统一领导和计划调控。

32-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە پىلانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويىدۇ.

国家为承担国防科研生产任务的企业事业单位提供必要的保障条件和优惠政策。地方各级人民政府应当对承担国防科研生产任务的企业事业单位给予协助和支持。

دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى زۆرۈر كاپالەت شارائىتى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ھەمكارلىشىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

承担国防科研生产任务的企业事业单位必须完成国防科研生产任务,保证武器装备的质量。

دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، قورال-جابدۇقلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

第三十三条 国家采取必要措施,培养和造就国防科学技术人才,创造有利的环境和条件,充分发挥他们的作用。

33-ماددا دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا پايدىلىق مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

国防科学技术工作者应当受到全社会的尊重。国家逐步提高国防科学技术工作者的待遇,保护其合法权益。

دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

第三十四条 国家根据国防建设的需要和社会主义市场经济的要求,实行国家军事订货制度,保障武器装备和其他军用物资的采购供应。

34-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ھەربىي مال زاكاز قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، قورال-جابدۇقلارنى ۋە باشقا ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第六章 国防经费和国防资产

6-باب دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۈلكى

第三十五条 国家保障国防事业的必要经费。国防经费的增长应当与国防需求和国民经济发展水平相适应。

35-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە لايىقلىشىشى كېرەك.

第三十六条 国家对国防经费实行财政拨款制度。

36-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىگە قارىتا مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第三十七条 国家为武装力量建设、国防科研生产和其他国防建设直接投入的资金、划拨使用的土地等资源,以及由此形成的用于国防目的的武器装备和设备设施、物资器材、技术成果等属于国防资产。

37-ماددا دۆلەت قوراللىق كۈچ قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باشقا دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ، ئاجرىتىپ ئىشلەتكەن يەر قاتارلىق بايلىقلار، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى مەقسىتىگە ئىشلىتىلىدىغان قورال-جابدۇق ۋە ئۈسكۈنە-ئەسلىھە، ماددىي ئەشيا-سايمان، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى قاتارلىقلار دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىگە كىرىدۇ.

国防资产归国家所有。

دۆلەت مۇداپىئەسى مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第三十八条 国家根据国防建设和经济建设的需要,确定国防资产的规模、结构和布局,调整和处分国防资产。

38-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى بېكىتىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى تەڭشەيدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

国防资产的管理机构和占有、使用单位,应当依法管理国防资产,充分发挥国防资产的效能。

دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ۋە ئىگىلىگۈچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

第三十九条 国家保护国防资产不受侵害,保障国防资产的安全、完整和有效。

39-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتماي قوغدايدۇ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە ئۈنۈمىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

禁止任何组织或者个人破坏、损害和侵占国防资产。未经国务院、中央军事委员会或者国务院、中央军事委员会授权的机构批准,国防资产的占有、使用单位不得改变国防资产用于国防的目的。国防资产经批准不再用于国防目的的,依照有关法律、法规的规定管理。

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى بۇزۇشى، زىيانغا ئۇچرىتىشى ۋە ئىگىلىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى ئىگىلىگەن، ئىشلەتكۈچى ئورۇن گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىش مەقسىتىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مۈلكى تەستىقلانغاندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مەقسىتىگە ئىشلىتىلمىسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

第七章 国防教育

7-باب دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى

第四十条 国家通过开展国防教育,使公民增强国防观念、掌握国防知识、发扬爱国主义精神,自觉履行国防义务。

40-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۇقرالارنى دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

普及和加强国防教育是全社会的共同责任。

دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

第四十一条 国防教育贯彻全民参与、长期坚持、讲求实效的方针,实行经常教育与集中教育相结合、普及教育与重点教育相结合、理论教育与行为教育相结合的原则。

41-ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىدە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، دائىملىق تەربىيەلەش بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىلەن نۇقتىلىق تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە تەربىيەسى بىلەن ھەرىكەت تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

第四十二条 国务院、中央军事委员会和省、自治区、直辖市人民政府以及有关军事机关,应当采取措施,加强国防教育工作。

42-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانلار تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

一切国家机关和武装力量、各政党和各社会团体、各企业事业单位都应当组织本地区、本部门、本单位开展国防教育。

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنى تەشكىللەپ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

学校的国防教育是全民国防教育的基础。各级各类学校应当设置适当的国防教育课程,或者在有关课程中增加国防教育的内容。军事机关应当协助学校开展国防教育。

مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنىڭ ئاساسى. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر مۇۋاپىق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى دەرسلىكى تەسىس قىلىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرگە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى مەزمۇنىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ھەربىي ئورگان مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

教育、文化、新闻、出版、广播、电影、电视等部门和单位应当密切配合,采取多种形式开展国防教育。

مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە تارمىقى ۋە ئورۇنلىرى زىچ ماسلىشىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第四十三条 各级人民政府应当将国防教育纳入国民经济和社会发展计划,保障国防教育所需的经费。

43-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىگە كېرەكلىك خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第八章 国防动员和战争状态

8-باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە ئۇرۇش ھالىتى

第四十四条 中华人民共和国的主权、统一、领土完整和安全遭受威胁时,国家依照宪法和法律规定,进行全国总动员或者局部动员。

44-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، دۆلەت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىدۇ ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك قىلىدۇ.

第四十五条 国家在和平时期进行动员准备,将人民武装动员、国民经济动员、人民防空、国防交通等方面的动员准备纳入国家总体发展规划和计划,完善动员体制,增强动员潜力,提高动员能力。

45-ماددا دۆلەت تىنچلىق مەزگىلىدە سەپەرۋەرلىك تەييارلىقى قىلىپ، خەلقنى قوراللىق سەپەرۋەر قىلىش، خەلق ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەپەرۋەرلىك تەييارلىقىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第四十六条 国家建立战略物资储备制度。战略物资储备应当规模适度、储存安全、调用方便、定期更换,保障战时的需要。

46-ماددا دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيا زاپىسىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق قىلىش، ساقلىنىشىنى بىخەتەر قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولۇش، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第四十七条 国务院和中央军事委员会共同领导动员准备和动员实施工作。

47-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولغا قويۇش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىشقا ئورتاق رەھبەرلىك قىلىدۇ.

一切国家机关和武装力量、各政党和各社会团体、各企业事业单位和公民,在和平时期必须依照法律规定完成动员准备工作;在国家发布动员令后,必须完成规定的动员任务。

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالار تىنچلىق مەزگىلىدە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە سەپەرۋەرلىك تەييارلىق خىزمىتىنى ئورۇندىشى شەرت؛ دۆلەت سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش شەرت.

第四十八条 国家根据动员需要,可以依法征收、征用组织和个人的设备设施、交通工具和其他物资。

48-ماددا دۆلەت سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا قاراپ، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرى، قاتناش قوراللىرى ۋە باشقا ماددىي ئەشيالىرىنى قانۇن بويىچە ئالسا، ئىشلەتسە بولىدۇ.

县级以上人民政府对被征收、征用者因征收、征用所造成的直接经济损失,按照国家有关规定给予适当补偿。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالغان، ئالغۇچىنىڭ ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ.

第四十九条 国家依照宪法规定宣布战争状态,采取各种措施集中人力、物力和财力,领导全体公民保卫祖国,抵抗侵略。

49-ماددا دۆلەت ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇرۇش ھالىتىنى ئېلان قىلىدۇ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ۋەتەننى قوغدىشىغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

第九章 公民、组织的国防义务和权利

9-باب پۇقرالار، تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

第五十条 依照法律服兵役和参加民兵组织是中华人民共和国公民的光荣义务。

50-ماددا قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.

各级兵役机关和基层人民武装机构应当依法办理兵役工作,按照国务院和中央军事委员会的命令完成征兵任务,保证兵员质量。其他有关国家机关、社会团体和企业事业单位应当依法完成民兵和预备役工作,协助兵役机关完成征兵任务。

ھەر دەرىجىلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگانلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق قوراللىق ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت خىزمىتىنى بېجىرىشى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس ھەربىيلەر خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئورۇندىشى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

第五十一条 企业事业单位应当按照国家的要求承担国防科研生产任务,接受国家军事订货,提供符合质量标准的武器装备或者军用物资。

51-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار زاكازىنى قوبۇل قىلىشى، سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قورال-جابدۇق ياكى ھەربىي ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

企业事业单位应当按照国家规定,在交通建设中贯彻国防要求。车站、港口、机场、道路等交通设施的管理单位应当为现役军人和军用车辆、船舶的通行提供优先服务,按照规定给予优待。

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، قاتناش قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ۋوگزال، پورت، ئايرودۇرۇم، يول قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانلار ۋە ھەربىي ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوتلارنىڭ يۈرۈشىگە ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشى، بەلگىلىمە بويىچە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

第五十二条 公民应当接受国防教育。

52-ماددا پۇقرالار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

公民和组织应当保护国防设施,不得破坏、危害国防设施。

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قوغدىشى، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتمەسلىكى، خەۋپكە سالماسلىقى كېرەك.

公民和组织应当遵守保密规定,不得泄露国防方面的国家秘密,不得非法持有国防方面的秘密文件、资料和其他秘密物品。

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ۋە باشقا مەخپىي بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتماسلىقى كېرەك.

第五十三条 公民和组织应当支持国防建设,为武装力量的军事训练、战备勤务、防卫作战等活动提供便利条件或者其他协助。

53-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي مەشىقى، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسى، قوغدىنىش، ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى ياكى باشقا ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.

第五十四条 公民和组织有对国防建设提出建议的权利,有对危害国防的行为进行制止或者检举的权利。

54-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا، دۆلەت مۇداپىئەسىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توسۇش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第五十五条 公民和组织因国防建设和军事活动在经济上受到直接损失的,可以依照国家有关规定取得补偿。

55-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلاردىن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي پائالىيەت سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما ئالسا بولىدۇ.

第十章 军人的义务和权益

10-باب ھەربىيلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتى

第五十六条 现役军人必须忠于祖国,履行职责,英勇战斗,不怕牺牲,捍卫祖国的安全、荣誉和利益。

56-ماددا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋەتەنگە سادىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقى، ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدىشى شەرت.

第五十七条 现役军人必须模范地遵守宪法和法律,遵守军事法规,执行命令,严守纪律。

57-ماددا رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، ھەربىي نىزامغا رىئايە قىلىشى، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.

第五十八条 现役军人应当发扬人民军队的优良传统,热爱人民,保护人民,积极参加社会主义物质文明、精神文明建设,完成抢险救灾等任务。

58-ماددا رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كېرەك.

第五十九条 军人应当受到全社会的尊重。

59-ماددا ھەربىيلەر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشى كېرەك.

国家采取有效措施保护现役军人的荣誉、人格尊严,对现役军人的婚姻实行特别保护。

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ شان-شەرىپى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ، رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ ئۆيلىنىشىنى ئالاھىدە قوغدايدۇ.

现役军人依法履行职责的行为受法律保护。

رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第六十条 国家和社会优待现役军人。

60-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىدۇ.

国家保障现役军人享有与其履行职责相适应的生活福利待遇,对在条件艰苦的边防、海防等地区或者岗位工作的现役军人在生活福利等方面给予优待。

دۆلەت رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىپ تۇرمۇش پاراۋانلىقى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شارائىتى جاپالىق بولغان چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قاتارلىق رايونلار ياكى ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رەسمىي ھەربىيلەرگە تۇرمۇش پاراۋانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدۇ.

国家实行军人保险制度。

دۆلەت ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第六十一条 国家妥善安置退出现役的军人,为转业军人提供必要的职业培训,保障离休退休军人的生活福利待遇。

61-ماددا دۆلەت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى زۆرۈر كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ، دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

县级以上人民政府负责安置转业军人,根据其在军队的职务等级、贡献和专长安排工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارمىيەدىكى ۋەزىپە دەرىجىسى، تۆھپىسى ۋە ئارتۇقچىلىقىغا قاراپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

接收转业军人的单位应当按照国家有关规定,在生活福利待遇、教育、住房等方面给予优待。

كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتى، مائارىپ، تۇرالغۇ جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

第六十二条 国家和社会抚恤优待残疾军人,对残疾军人的生活和医疗依法给予特别保障。

62-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ، مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە داۋالىنىشىنى قانۇن بويىچە ئالاھىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

因战、因公致残或者致病的残疾军人退出现役后,县级以上人民政府应当及时接收安置,并保障其生活不低于当地的平均生活水平。

ئۇرۇش، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان ياكى كېسەل بولغان مېيىپ ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第六十三条 国家和社会优待现役军人家属,抚恤优待烈士家属和因公牺牲、病故军人的家属,在就业、住房、义务教育等方面给予照顾。

第六十三条 国家和社会优待现役军人家属,抚恤优待烈士家属和因公牺牲、病故军人的家属,在就业、住房、义务教育等方面给予照顾。

第六十四条 民兵、预备役人员和其他人员依法参加军事训练,担负战备勤务、防卫作战任务时,应当履行自己的职责和义务;国家和社会保障其享有相应的待遇,按照有关规定对其实行抚恤优待。

64-ماددا خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس خادىملار ۋە باشقا خادىملار قانۇن بويىچە ھەربىي مەشىققە قاتنىشىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسى، قوغدىنىش ئۇرۇشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نەپىقە بېرىدۇ-ئېتىبار بېرىدۇ.

第十一章 对外军事关系

11-باب تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەت

第六十五条 中华人民共和国坚持互相尊重主权和领土完整、互不侵犯、互不干涉内政、平等互利、和平共处五项原则,独立自主地处理对外军事关系,开展军事交流与合作。

65-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى ھەربىي ئىشلارنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەربىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

第六十六条 中华人民共和国支持国际社会采取的有利于维护世界和地区和平、安全、稳定的与军事有关的活动,支持国际社会为公正合理地解决国际争端、军备控制和裁军所做的努力。

66-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان، ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى قوللىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا تالاش-تارتىشلارنى، ھەربىي تەييارلىقلارنى تىزگىنلەش ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشنى ئادىل، مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

第六十七条 中华人民共和国在对外军事关系中遵守同外国缔结或者加入、接受的有关条约和协定。

67-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەتتە چەت ئەل بىلەن تۈزگەن ياكى قاتناشقان، قوبۇل قىلغان مۇناسىۋەتلىك شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىدۇ.

第十二章 附则

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十八条 本法关于军人的规定,适用于中国人民武装警察部队。

68-ماددا بۇ قانۇندىكى ھەربىيلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

第六十九条 中华人民共和国特别行政区的防务,由特别行政区基本法和有关法律规定。

69-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلىنىدۇ.

第七十条 本法自公布之日起施行。

70-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.