中华人民共和国城市居民委员会组织法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى

(1989年12月26日第七届全国人民代表大会常务委员会第十一次会议通过)

( 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

第一条 为了加强城市居民委员会的建设,由城市居民群众依法办理群众自己的事情,促进城市基层社会主义民主和城市社会主义物质文明、精神文明建设的发展,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن شەھەر ئاھالە كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەر ئاھالىسى ئاممىسىنىڭ ئۆز ئىشىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشىگە يول قويۇش، شەھەر ئاساسىي قاتلام سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى ۋە شەھەر سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىكى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 居民委员会是居民自我管理、自我教育、自我服务的基层群众性自治组织。

2-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى − ئاھالە ئۆزىنى باشقۇرىدىغان، ئۆزىنى تەربىيەلەيدىغان، ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتى.

不设区的市、市辖区的人民政府或者它的派出机关对居民委员会的工作给予指导、支持和帮助。居民委员会协助不设区的市、市辖区的人民政府或者它的派出机关开展工作。

رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.

第三条 居民委员会的任务:

3-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى :

(一)宣传宪法、法律、法规和国家的政策,维护居民的合法权益,教育居民履行依法应尽的义务,爱护公共财产,开展多种形式的社会主义精神文明建设活动;

( 1 ) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاھالىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسراش، كۆپ خىل شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛

(二)办理本居住地区居民的公共事务和公益事业;

( 2 ) شۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش؛

(三)调解民间纠纷;

( 3 ) ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش؛

(四)协助维护社会治安;

( 4 ) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىش؛

(五)协助人民政府或者它的派出机关做好与居民利益有关的公共卫生、计划生育、优抚救济、青少年教育等项工作;

( 5 ) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ ئاھالە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، نەپىقە بېرىش، قۇتقۇزۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىش؛

(六)向人民政府或者它的派出机关反映居民的意见、要求和提出建议。

( 6 ) خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنىغا ئاھالىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش.

第四条 居民委员会应当开展便民利民的社区服务活动,可以兴办有关的服务事业。

4-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق مەھەللە مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ.

居民委员会管理本居民委员会的财产,任何部门和单位不得侵犯居民委员会的财产所有权。

شەھەر ئاھالە كومىتېتى شۇ شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرىدۇ، ھەرقانداق تارماق ۋە ئورۇننىڭ شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ پۇل-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第五条 多民族居住地区的居民委员会,应当教育居民互相帮助,互相尊重,加强民族团结。

5-ماددا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىلەرنى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيەلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第六条 居民委员会根据居民居住状况,按照便于居民自治的原则,一般在一百户至七百户的范围内设立。

6-ماددا ئاھالە كومىتېتى ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ ئەھۋالىغا قاراپ، ئاھالىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئادەتتە 100 ئائىلىلىكتىن 700 ئائىلىلىككىچە بولغان دائىرىدە تەسىس قىلىنىدۇ.

居民委员会的设立、撤销、规模调整,由不设区的市、市辖区的人民政府决定。

شەھەر ئاھالە كومىتېتىنى قۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆلىمىنى تەڭشەشنى رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

第七条 居民委员会由主任、副主任和委员共五至九人组成。多民族居住地区,居民委员会中应当有人数较少的民族的成员。

7-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي بەشتىن توققۇزغىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئاھالە كومىتېتىدا ئادەم سانى بىرقەدەر ئاز مىللەتتىن بولغان ئەزالار بولۇشى كېرەك.

第八条 居民委员会主任、副主任和委员,由本居住地区全体有选举权的居民或者由每户派代表选举产生;根据居民意见,也可以由每个居民小组选举代表二至三人选举产生。居民委员会每届任期三年,其成员可以连选连任。

8-ماددا ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى شۇ رايوندىكى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق ئاھالە ياكى ھەربىر ۋەكىل ئەۋەتىپ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ؛ ئاھالىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەربىر ئاھالە گۇرۇپپىسى ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋەكىلنى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇدا سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

年满十八周岁的本居住地区居民,不分民族、种族、性别、职业、家庭出身、宗教信仰、教育程度、财产状况、居住期限,都有选举权和被选举权;但是,依照法律被剥夺政治权利的人除外。

شۇ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى 18 ياشقا توشقان ئاھالىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن، قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

第九条 居民会议由十八周岁以上的居民组成。

9-ماددا ئاھالە يىغىنى 18 ياشتىن ئاشقان ئاھالىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

居民会议可以由全体十八周岁以上的居民或者每户派代表参加,也可以由每个居民小组选举代表二至三人参加。

ئاھالە يىغىنىغا 18 ياشتىن ئاشقان بارلىق ئاھالە ياكى ھەربىر ئائىلە ۋەكىل ئەۋەتسىمۇ، ھەربىر ئاھالە گۇرۇپپىسى ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋەكىل سايلاپ قاتناشسىمۇ بولىدۇ.

居民会议必须有全体十八周岁以上的居民、户的代表或者居民小组选举的代表的过半数出席,才能举行。会议的决定,由出席人的过半数通过。

ئاھالە يىغىنى 18 ياشتىن ئاشقان بارلىق ئاھالە، ئائىلە ۋەكىللىرى ياكى ئاھالە گۇرۇپپىسى سايلىغان ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشسا، ئاندىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىننىڭ قارارى قاتناشقۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

第十条 居民委员会向居民会议负责并报告工作。

10-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى شەھەر ئاھالە يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

居民会议由居民委员会召集和主持。有五分之一以上的十八周岁以上的居民、五分之一以上的户或者三分之一以上的居民小组提议,应当召集居民会议。涉及全体居民利益的重要问题,居民委员会必须提请居民会议讨论决定。

ئاھالە يىغىنىنى ئاھالە كومىتېتى چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يېشى بەشتىن بىر قىسىمدىن ئاشقان ئاھالە، بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئائىلە ياكى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئاھالە گۇرۇپپىسى تەكلىپ بەرسە، ئاھالىلەر يىغىنى چاقىرىش كېرەك. بارلىق ئاھالىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاھالە كومىتېتى ئاھالە يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى شەرت.

居民会议有权撤换和补选居民委员会成员。

ئاھالە يىغىنى ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاشقا ھوقۇقلۇق.

第十一条 居民委员会决定问题,采取少数服从多数的原则。

11-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى مەسىلە ھەققىدە قارار چىقىرىشتا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىدۇ.

居民委员会进行工作,应当采取民主的方法,不得强迫命令。

ئاھالە كومىتېتى خىزمەتتە دېموكراتىك ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

第十二条 居民委员会成员应当遵守宪法、法律、法规和国家的政策,办事公道,热心为居民服务。

12-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە رىئايە قىلىشى، ئىشنى ئادىل بېجىرىشى، ئاھالىگە قىزغىن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

第十三条 居民委员会根据需要设人民调解、治安保卫、公共卫生等委员会。居民委员会成员可以兼任下属的委员会的成员。居民较少的居民委员会可以不设下属的委员会,由居民委员会的成员分工负责有关工作。

13-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتىدا ئېھتىياجغا قاراپ خەلق مۇرەسسە كومىتېتى، ئامانلىق ساقلاش كومىتېتى، ئاممىۋى تازىلىق كومىتېتى قاتارلىق كومىتېتلار تەسىس قىلىنىدۇ. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قارىمىقىدىكى كومىتېتنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. ئاھالە كومىتېتى نىسبەتەن ئاز ئاھالە كومىتېتىدا كومىتېت تەسىس قىلىنمىسا بولىدۇ، ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

第十四条 居民委员会可以分设若干居民小组,小组长由居民小组推选。

14-ماددا ئاھالە كومىتېتىدا بىرقانچە ئاھالە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ، گۇرۇپپا باشلىقىنى ئاھالە گۇرۇپپىسى سايلايدۇ.

第十五条 居民公约由居民会议讨论制定,报不设区的市、市辖区的人民政府或者它的派出机关备案,由居民委员会监督执行。居民应当遵守居民会议的决议和居民公约。

15-ماددا ئاھالە ئەھدىنامىسىنى ئاھالە يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزىدۇ، رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، ئاھالە كومىتېتى نازارەت قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ. ئاھالە ئاھالە ئاھالە يىغىنىنىڭ قارارى ۋە ئاھالە ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

居民公约的内容不得与宪法、法律、法规和国家的政策相抵触。

ئاھالە ئەھدىنامىسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە زىت كەلسە بولمايدۇ.

第十六条 居民委员会办理本居住地区公益事业所需的费用,经居民会议讨论决定,可以根据自愿原则向居民筹集,也可以向本居住地区的受益单位筹集,但是必须经受益单位同意;收支帐目应当及时公布,接受居民监督。

16-ماددا ئاھالە كومىتېتى ئۆز رايونىنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىشكە كېرەكلىك خىراجەتنى ئاھالە يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئاھالىدىن غەملىسىمۇ، شۇ رايوندىكى مەنپەئەتلەنگۈچى ئورۇندىن جۇغلىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن، مەنپەئەتلەنگۈچى ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت؛ كىرىم-چىقىم ھېساباتىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاھالىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

第十七条 居民委员会的工作经费和来源,居民委员会成员的生活补贴费的范围、标准和来源,由不设区的市、市辖区的人民政府或者上级人民政府规定并拨付;经居民会议同意,可以从居民委员会的经济收入中给予适当补助。

17-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ۋە كېلىش مەنبەسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما خىراجىتىنىڭ دائىرىسى، ئۆلچىمى ۋە كېلىش مەنبەسىنى رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئاجرىتىپ بېرىدۇ؛ ئاھالە يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدىن مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىشكە بولىدۇ.

居民委员会的办公用房,由当地人民政府统筹解决。

ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مەسىلىلىرىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش ھەل قىلىدۇ.

第十八条 依照法律被剥夺政治权利的人编入居民小组,居民委员会应当对他们进行监督和教育。

18-ماددا قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئاھالە گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاھالە كومىتېتى ئۇلارنى نازارەت قىلىشى ۋە تەربىيەلىشى كېرەك.

第十九条 机关、团体、部队、企业事业组织,不参加所在地的居民委员会,但是应当支持所在地的居民委员会的工作。所在地的居民委员会讨论同这些单位有关的问题,需要他们参加会议时,他们应当派代表参加,并且遵守居民委员会的有关决定和居民公约。

19-ماددا ئورگان، تەشكىلات، قىسىم، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتىغا قاتناشمايدۇ، لېكىن شۇ جايدىكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك. شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى شۇ ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا توغرا كەلگەندە، ۋەكىل ئەۋەتىشى ھەمدە شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى ۋە شەھەر ئاھالە ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

前款所列单位的职工及家属、军人及随军家属,参加居住地区的居民委员会;其家属聚居区可以单独成立家属委员会,承担居民委员会的工作,在不设区的市、市辖区的人民政府或者它的派出机关和本单位的指导下进行工作。家属委员会的工作经费和家属委员会成员的生活补贴费、办公用房,由所属单位解决。

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئاھالە كومىتېتىغا قاتنىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئايرىم ئائىلە تەۋەلىرى كومىتېتى قۇرۇلسا، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ، ئۇ رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى ۋە شۇ ئورنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەيدۇ. ئائىلە تەۋەلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ۋە ئائىلە تەۋەلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئىشخانا خىراجىتىنى ئۆزى قاراشلىق ئورۇن ھەل قىلىدۇ.

第二十条 市、市辖区的人民政府有关部门,需要居民委员会或者它的下属委员会协助进行的工作,应当经市、市辖区的人民政府或者它的派出机关同意并统一安排。市、市辖区的人民政府的有关部门,可以对居民委员会有关的下属委员会进行业务指导。

20-ماددا شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى كومىتېتلارنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەردە، شەھەرلىك، شەھەرگە قارشى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى ئالاقىدار كومىتېتلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

第二十一条 本法适用于乡、民族乡、镇的人民政府所在地设立的居民委员会。

21-ماددا بۇ قانۇن يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق جايدا قۇرۇلغان ئاھالە كومىتېتىغا تەتبىقلىنىدۇ.

第二十二条 省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会可以根据本法制定实施办法。

22-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第二十三条 本法自1990年1月1日起施行。1954年12月31日全国人民代表大会常务委员会通过的《城市居民委员会组织条例》同时废止。

23-ماددا بۇ قانۇن 1990-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1954-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان «شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.