中华人民共和国基本医疗卫生与健康促进法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي داۋالاش-سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2019年12月28日第十三届全国人民代表大会常务委员会第十五次会议通过)

( 2019-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 基本医疗卫生服务

2-باب ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى

第三章 医疗卫生机构

3-باب داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى

第四章 医疗卫生人员

4-باب داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى

第五章 药品供应保障

5-باب دورا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش

第六章 健康促进

6-باب ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش

第七章 资金保障

7-باب مەبلەغ كاپالىتى

第八章 监督管理

سەككىزىنچى باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第十章 附则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了发展医疗卫生与健康事业,保障公民享有基本医疗卫生服务,提高公民健康水平,推进健康中国建设,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 从事医疗卫生、健康促进及其监督管理活动,适用本法。

2-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش پائالىيىتى قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 医疗卫生与健康事业应当坚持以人民为中心,为人民健康服务。

3-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

医疗卫生事业应当坚持公益性原则。

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىدا ئاممىۋى پاراۋانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

第四条 国家和社会尊重、保护公民的健康权。

4-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنى قوغدايدۇ.

国家实施健康中国战略,普及健康生活,优化健康服务,完善健康保障,建设健康环境,发展健康产业,提升公民全生命周期健康水平。

دۆلەت ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىپ، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

国家建立健康教育制度,保障公民获得健康教育的权利,提高公民的健康素养。

دۆلەت ساغلاملىق تەربىيەسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第五条 公民依法享有从国家和社会获得基本医疗卫生服务的权利。

5-ماددا پۇقرالار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە قانۇن بويىچە ئىگە.

国家建立基本医疗卫生制度,建立健全医疗卫生服务体系,保护和实现公民获得基本医疗卫生服务的权利。

دۆلەت ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ ۋە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

第六条 各级人民政府应当把人民健康放在优先发展的战略地位,将健康理念融入各项政策,坚持预防为主,完善健康促进工作体系,组织实施健康促进的规划和行动,推进全民健身,建立健康影响评估制度,将公民主要健康指标改善情况纳入政府目标责任考核。

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يىرىك پىلان ۋە ھەرىكەتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈپ، ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرىنى ياخشىلاش ئەھۋالى ھۆكۈمەتنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالىشىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

全社会应当共同关心和支持医疗卫生与健康事业的发展。

پۈتۈن جەمئىيەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

第七条 国务院和地方各级人民政府领导医疗卫生与健康促进工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

国务院卫生健康主管部门负责统筹协调全国医疗卫生与健康促进工作。国务院其他有关部门在各自职责范围内负责有关的医疗卫生与健康促进工作。

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方人民政府卫生健康主管部门负责统筹协调本行政区域医疗卫生与健康促进工作。县级以上地方人民政府其他有关部门在各自职责范围内负责有关的医疗卫生与健康促进工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第八条 国家加强医学基础科学研究,鼓励医学科学技术创新,支持临床医学发展,促进医学科技成果的转化和应用,推进医疗卫生与信息技术融合发展,推广医疗卫生适宜技术,提高医疗卫生服务质量。

8-ماددا دۆلەت تېببىي ئاساسىي پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېببىي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كىلىنىكىلىق تېبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ، تېببىي پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدۇ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاشقا باب تېخنىكىلارنى كېڭەيتىدۇ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

国家发展医学教育,完善适应医疗卫生事业发展需要的医学教育体系,大力培养医疗卫生人才。

دۆلەت تېببىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان تېببىي مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىدۇ.

第九条 国家大力发展中医药事业,坚持中西医并重、传承与创新相结合,发挥中医药在医疗卫生与健康事业中的独特作用。

9-ماددا دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

第十条 国家合理规划和配置医疗卫生资源,以基层为重点,采取多种措施优先支持县级以下医疗卫生机构发展,提高其医疗卫生服务能力。

10-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بايلىقىنى مۇۋاپىق پىلانلايدۇ ۋە تەقسىملەيدۇ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاۋۋال مەدەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第十一条 国家加大对医疗卫生与健康事业的财政投入,通过增加转移支付等方式重点扶持革命老区、民族地区、边疆地区和经济欠发达地区发展医疗卫生与健康事业。

11-ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يۆتكىمە چىقىمنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ داۋالاش، ساقلىق تۇتۇش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىدۇ.

第十二条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织通过依法举办机构和捐赠、资助等方式,参与医疗卫生与健康事业,满足公民多样化、差异化、个性化健康需求。

12-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئاپپارات قۇرۇش ۋە ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، پۇقرالارنىڭ كۆپ خىللاشقان، پەرقلىق، خاس ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

公民、法人和其他组织捐赠财产用于医疗卫生与健康事业的,依法享受税收优惠。

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا مال-مۈلۈك ئىئانە قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

第十三条 对在医疗卫生与健康事业中做出突出贡献的组织和个人,按照国家规定给予表彰、奖励。

13-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

第十四条 国家鼓励和支持医疗卫生与健康促进领域的对外交流合作。

14-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدىكى تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

开展医疗卫生与健康促进对外交流合作活动,应当遵守法律、法规,维护国家主权、安全和社会公共利益。

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تاشقى ئالاقە-ھەمكارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش كېرەك.

第二章 基本医疗卫生服务

2-باب ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى

第十五条 基本医疗卫生服务,是指维护人体健康所必需、与经济社会发展水平相适应、公民可公平获得的,采用适宜药物、适宜技术、适宜设备提供的疾病预防、诊断、治疗、护理和康复等服务。

15-ماددا ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بولغان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشقان، پۇقرالار ئادىل ئېرىشەلەيدىغان، مۇۋاپىق دورا، مۇۋاپىق تېخنىكا، مۇۋاپىق ئۈسكۈنە قوللانغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

基本医疗卫生服务包括基本公共卫生服务和基本医疗服务。基本公共卫生服务由国家免费提供。

ئاساسىي داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمىتى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

第十六条 国家采取措施,保障公民享有安全有效的基本公共卫生服务,控制影响健康的危险因素,提高疾病的预防控制水平。

16-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى تىزگىنلەيدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

国家基本公共卫生服务项目由国务院卫生健康主管部门会同国务院财政部门、中医药主管部门等共同确定。

دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府可以在国家基本公共卫生服务项目基础上,补充确定本行政区域的基本公共卫生服务项目,并报国务院卫生健康主管部门备案。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرى ئاساسىدا، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرىنى تولۇقلاپ بېكىتسە ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

第十七条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府可以将针对重点地区、重点疾病和特定人群的服务内容纳入基本公共卫生服务项目并组织实施。

17-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كېسەل ۋە مۇئەييەن كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىگە كىرگۈزسە ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويسا بولىدۇ.

县级以上地方人民政府针对本行政区域重大疾病和主要健康危险因素,开展专项防控工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئېغىر كېسەل ۋە ئاساسلىق ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى ئامىللىرىغا قارىتا مەخسۇس ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

第十八条 县级以上人民政府通过举办专业公共卫生机构、基层医疗卫生机构和医院,或者从其他医疗卫生机构购买服务的方式提供基本公共卫生服务。

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى ۋە دوختۇرخانا قۇرۇش ياكى باشقا داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第十九条 国家建立健全突发事件卫生应急体系,制定和完善应急预案,组织开展突发事件的医疗救治、卫生学调查处置和心理援助等卫生应急工作,有效控制和消除危害。

19-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەگە دائىر داۋالاش-قۇتقۇزۇش، سەھىيە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە پىسخىكا ياردىمى بېرىش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خەۋپنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ ۋە تۈگىتىدۇ.

第二十条 国家建立传染病防控制度,制定传染病防治规划并组织实施,加强传染病监测预警,坚持预防为主、防治结合,联防联控、群防群控、源头防控、综合治理,阻断传播途径,保护易感人群,降低传染病的危害。

20-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

任何组织和个人应当接受、配合医疗卫生机构为预防、控制、消除传染病危害依法采取的调查、检验、采集样本、隔离治疗、医学观察等措施。

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە قوللانغان تەكشۈرۈش، سىناش، ئەۋرىشكە ئېلىش، ئايرىپ داۋالاش، تېببىي كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك.

第二十一条 国家实行预防接种制度,加强免疫规划工作。居民有依法接种免疫规划疫苗的权利和义务。政府向居民免费提供免疫规划疫苗。

21-ماددا دۆلەت ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنى ئىممۇنىتېتلاش پىلانى ۋاكسىنىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

第二十二条 国家建立慢性非传染性疾病防控与管理制度,对慢性非传染性疾病及其致病危险因素开展监测、调查和综合防控干预,及时发现高危人群,为患者和高危人群提供诊疗、早期干预、随访管理和健康教育等服务。

22-ماددا دۆلەت سوزۇلما يۇقۇملۇق بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سوزۇلما يۇقۇملۇق بولمىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش خەۋپى بولغان ئامىللارغا قارىتا كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئاغرىقلار ۋە خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش، دەسلەپكى مەزگىللىك ئارىلىشىش، ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ.

第二十三条 国家加强职业健康保护。县级以上人民政府应当制定职业病防治规划,建立健全职业健康工作机制,加强职业健康监督管理,提高职业病综合防治能力和水平。

23-ماددا دۆلەت كەسپىي ساغلاملىقنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، كەسپىي ساغلاملىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

用人单位应当控制职业病危害因素,采取工程技术、个体防护和健康管理等综合治理措施,改善工作环境和劳动条件。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل خەۋپ ئامىلىنى تىزگىنلەپ، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، يەككە مۇداپىئەلىنىش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خىزمەت مۇھىتى ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

第二十四条 国家发展妇幼保健事业,建立健全妇幼健康服务体系,为妇女、儿童提供保健及常见病防治服务,保障妇女、儿童健康。

24-ماددا دۆلەت ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئانا-بالىلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارغا ساقلىق ساقلاش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

国家采取措施,为公民提供婚前保健、孕产期保健等服务,促进生殖健康,预防出生缺陷。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارغا ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى ساقلىق ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدە ساقلىق ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، كۆپىيىش ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

第二十五条 国家发展老年人保健事业。国务院和省、自治区、直辖市人民政府应当将老年人健康管理和常见病预防等纳入基本公共卫生服务项目。

25-ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياشانغانلار ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

第二十六条 国家发展残疾预防和残疾人康复事业,完善残疾预防和残疾人康复及其保障体系,采取措施为残疾人提供基本康复服务。

26-ماددا دۆلەت مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، مېيىپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنى سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

县级以上人民政府应当优先开展残疾儿童康复工作,实行康复与教育相结合。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئاۋۋال قانات يايدۇرۇشى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

第二十七条 国家建立健全院前急救体系,为急危重症患者提供及时、规范、有效的急救服务。

27-ماددا دۆلەت دوختۇرخانىنى ساغلاملاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى ۋاقتىدا، قېلىپلىق، ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

卫生健康主管部门、红十字会等有关部门、组织应当积极开展急救培训,普及急救知识,鼓励医疗卫生人员、经过急救培训的人员积极参与公共场所急救服务。公共场所应当按照规定配备必要的急救设备、设施。

سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماق، تەشكىلاتلار جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەنگەن خادىملارنى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئاممىۋى سورۇنلارغا بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش كېرەك.

急救中心(站)不得以未付费为由拒绝或者拖延为急危重症患者提供急救服务。

جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ( پونكىتى ) ھەق تۆلىمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا ياكى كەينىگە سۈرسە بولمايدۇ.

第二十八条 国家发展精神卫生事业,建设完善精神卫生服务体系,维护和增进公民心理健康,预防、治疗精神障碍。

28-ماددا دۆلەت روھىي ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، پۇقرالارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ، روھىي توسالغۇلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.

国家采取措施,加强心理健康服务体系和人才队伍建设,促进心理健康教育、心理评估、心理咨询与心理治疗服务的有效衔接,设立为公众提供公益服务的心理援助热线,加强未成年人、残疾人和老年人等重点人群心理健康服务。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى، پىسخىكا باھالاش، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى بىلەن پىسخىكا داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان پىسخىكا ياردىمى قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

第二十九条 基本医疗服务主要由政府举办的医疗卫生机构提供。鼓励社会力量举办的医疗卫生机构提供基本医疗服务。

29-ماددا ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تەمىنلەيدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

第三十条 国家推进基本医疗服务实行分级诊疗制度,引导非急诊患者首先到基层医疗卫生机构就诊,实行首诊负责制和转诊审核责任制,逐步建立基层首诊、双向转诊、急慢分治、上下联动的机制,并与基本医疗保险制度相衔接。

30-ماددا دۆلەت ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىدە دەرىجە بويىچە داۋالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي داۋالانمايدىغان بىمارلارنى ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىشقا، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەيدۇ، ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، جىددىي كېسەل بىلەن سوزۇلما كېسەلنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ ھەمدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىلەن جىپسىلاشتۇرىدۇ.

县级以上地方人民政府根据本行政区域医疗卫生需求,整合区域内政府举办的医疗卫生资源,因地制宜建立医疗联合体等协同联动的医疗服务合作机制。鼓励社会力量举办的医疗卫生机构参与医疗服务合作机制。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، رايون ئىچىدىكى ھۆكۈمەت يولغا قويغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىق ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۇيۇشتۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

第三十一条 国家推进基层医疗卫生机构实行家庭医生签约服务,建立家庭医生服务团队,与居民签订协议,根据居民健康状况和医疗需求提供基本医疗卫生服务。

31-ماددا دۆلەت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئاھالىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا قاراپ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第三十二条 公民接受医疗卫生服务,对病情、诊疗方案、医疗风险、医疗费用等事项依法享有知情同意的权利。

32-ماددا پۇقرالار داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى، داۋالاش لايىھەسى، داۋالاش خەۋپ-خەتىرى، داۋالاش خىراجىتى قاتارلىق ئىشلاردا ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، قوشۇلۇش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە.

需要实施手术、特殊检查、特殊治疗的,医疗卫生人员应当及时向患者说明医疗风险、替代医疗方案等情况,并取得其同意;不能或者不宜向患者说明的,应当向患者的近亲属说明,并取得其同意。法律另有规定的,依照其规定。

ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش، ئالاھىدە داۋالاشقا توغرا كەلسە، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى بىمارغا داۋالاش خەۋپ-خەتىرى، سەپلىمە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا چۈشەندۈرگىلى بولمىسا ياكى چۈشەندۈرۈشكە ئەپسىز بولسا، بىمارنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

开展药物、医疗器械临床试验和其他医学研究应当遵守医学伦理规范,依法通过伦理审查,取得知情同意。

دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش ۋە باشقا تېببىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشتا، تېببىي ئېتىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، قانۇن بويىچە ئېتىكا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

第三十三条 公民接受医疗卫生服务,应当受到尊重。医疗卫生机构、医疗卫生人员应当关心爱护、平等对待患者,尊重患者人格尊严,保护患者隐私。

33-ماددا پۇقرالار داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى بىمارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، بىمارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، بىمارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغدىشى كېرەك.

公民接受医疗卫生服务,应当遵守诊疗制度和医疗卫生服务秩序,尊重医疗卫生人员。

پۇقرالار داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشتا، داۋالاش تۈزۈمى ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش خادىملىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

第三章 医疗卫生机构

3-باب داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى

第三十四条 国家建立健全由基层医疗卫生机构、医院、专业公共卫生机构等组成的城乡全覆盖、功能互补、连续协同的医疗卫生服务体系。

34-ماددا دۆلەت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، دوختۇرخانا، كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، شەھەر-يېزىلار تولۇق قاپلىغان، فۇنكسىيەسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئۇدا ماسلىشىدىغان داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

国家加强县级医院、乡镇卫生院、村卫生室、社区卫生服务中心(站)和专业公共卫生机构等的建设,建立健全农村医疗卫生服务网络和城市社区卫生服务网络。

دۆلەت ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت شىپاخانىسى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ( پونكىتى ) ۋە كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتى قاتارلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى ۋە شەھەر مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

第三十五条 基层医疗卫生机构主要提供预防、保健、健康教育、疾病管理,为居民建立健康档案,常见病、多发病的诊疗以及部分疾病的康复、护理,接收医院转诊患者,向医院转诊超出自身服务能力的患者等基本医疗卫生服务。

35-ماددا ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئاساسلىقى ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق تەربىيەسى، كېسەل باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاھالىگە ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزىدۇ، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كېسەللەرنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، دوختۇرخانىغا يۆتكەپ دىياگنوز قويىدىغان بىمارنى قوبۇل قىلىدۇ، دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىغاندا ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن بىمارلارغا قاتارلىق ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

医院主要提供疾病诊治,特别是急危重症和疑难病症的诊疗,突发事件医疗处置和救援以及健康教育等医疗卫生服务,并开展医学教育、医疗卫生人员培训、医学科学研究和对基层医疗卫生机构的业务指导等工作。

دوختۇرخانا ئاساسلىقى كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، بولۇپمۇ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار ۋە چىگىش، قىيىن كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى داۋالاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەمدە ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم تېببىي مائارىپ، داۋالاش-سەھىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش، تېببىي پەن تەتقىقاتى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

专业公共卫生机构主要提供传染病、慢性非传染性疾病、职业病、地方病等疾病预防控制和健康教育、妇幼保健、精神卫生、院前急救、采供血、食品安全风险监测评估、出生缺陷防治等公共卫生服务。

كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئاساسلىقى يۇقۇملۇق كېسەل، سوزۇلما يۇقۇملۇق كېسەل بولمىغان كېسەل، كەسپىي كېسەل، يەرلىك كېسەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، روھىي ساغلاملىق، دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن جىددىي قۇتقۇزۇش، قان ئېلىش-قان بېرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش-باھالاش، تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第三十六条 各级各类医疗卫生机构应当分工合作,为公民提供预防、保健、治疗、护理、康复、安宁疗护等全方位全周期的医疗卫生服务。

36-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، پۇقرالارغا ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خاتىرجەم داۋالاش-پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

各级人民政府采取措施支持医疗卫生机构与养老机构、儿童福利机构、社区组织建立协作机制,为老年人、孤残儿童提供安全、便捷的医疗和健康服务。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى، مەھەللە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى قوللاپ، ياشانغانلار، يېتىم، مېيىپ بالىلارنى بىخەتەر، قولاي داۋالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第三十七条 县级以上人民政府应当制定并落实医疗卫生服务体系规划,科学配置医疗卫生资源,举办医疗卫生机构,为公民获得基本医疗卫生服务提供保障。

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش بايلىقىنى ئىلمىي سەپلەپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى قۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق تۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

政府举办医疗卫生机构,应当考虑本行政区域人口、经济社会发展状况、医疗卫生资源、健康危险因素、发病率、患病率以及紧急救治需求等情况。

ھۆكۈمەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قۇرۇشتا، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاھالىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بايلىقى، ساغلاملىق خەۋپى ئامىلى، كېسەل بولۇش نىسبىتى، شۇنىڭدەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلىشىشى كېرەك.

第三十八条 举办医疗机构,应当具备下列条件,按照国家有关规定办理审批或者备案手续:

38-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلاش ياكى ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك :

(一)有符合规定的名称、组织机构和场所;

( 1 ) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە سورۇنى بولۇش؛

(二)有与其开展的业务相适应的经费、设施、设备和医疗卫生人员;

( 2 ) ئۆزى قانات يايدۇرغان كەسىپكە مۇناسىپ خىراجەت، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى بولۇش؛

(三)有相应的规章制度;

( 3 ) مۇناسىپ قائىدە-تۈزۈملىرى بولۇش؛

(四)能够独立承担民事责任;

( 4 ) ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش؛

(五)法律、行政法规规定的其他条件。

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

医疗机构依法取得执业许可证。禁止伪造、变造、买卖、出租、出借医疗机构执业许可证。

داۋالاش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىم-سېتىم قىلىش، ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

各级各类医疗卫生机构的具体条件和配置应当符合国务院卫生健康主管部门制定的医疗卫生机构标准。

ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كونكرېت شەرتى ۋە سەپلىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش ئاپپاراتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第三十九条 国家对医疗卫生机构实行分类管理。

39-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى تۈر بويىچە باشقۇرىدۇ.

医疗卫生服务体系坚持以非营利性医疗卫生机构为主体、营利性医疗卫生机构为补充。政府举办非营利性医疗卫生机构,在基本医疗卫生事业中发挥主导作用,保障基本医疗卫生服务公平可及。

داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، پايدا ئالمايدىغان تەكشۈرۈش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى تولۇقلىما قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا يېتەكچى رول ئويناپ، ئاساسىي داۋالىنىش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئادىل ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

以政府资金、捐赠资产举办或者参与举办的医疗卫生机构不得设立为营利性医疗卫生机构。

ھۆكۈمەت مەبلىغى، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈك ئارقىلىق قۇرۇلغان ياكى قۇرۇشقا قاتناشقان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى پايدا ئالىدىغان داۋالاش-ساقلىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى قىلىپ تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

医疗卫生机构不得对外出租、承包医疗科室。非营利性医疗卫生机构不得向出资人、举办者分配或者变相分配收益。

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش بۆلۈملىرىنى سىرتقا ئىجارىگە بەرسە، ھۆددە ئالسا بولمايدۇ. پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى مەبلەغ چىقارغۇچى، ئۇيۇشتۇرغۇچىغا پايدا تەقسىم قىلسا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەقسىم قىلسا بولمايدۇ.

第四十条 政府举办的医疗卫生机构应当坚持公益性质,所有收支均纳入预算管理,按照医疗卫生服务体系规划合理设置并控制规模。

40-ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كىرىم-چىقىمنى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى يىرىك پىلانى بويىچە مۇۋاپىق تەسىس قىلىشى ھەمدە كۆلىمىنى تىزگىنلىشى كېرەك.

国家鼓励政府举办的医疗卫生机构与社会力量合作举办非营利性医疗卫生机构。

دۆلەت ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

政府举办的医疗卫生机构不得与其他组织投资设立非独立法人资格的医疗卫生机构,不得与社会资本合作举办营利性医疗卫生机构。

ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن مەبلەغ سېلىپ مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىدە بولمىغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرسا بولمايدۇ، ئىجتىمائىي كاپىتال بىلەن ھەمكارلىشىپ پايدا ئالىدىغان داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش ئاپپاراتى قۇرسا بولمايدۇ.

第四十一条 国家采取多种措施,鼓励和引导社会力量依法举办医疗卫生机构,支持和规范社会力量举办的医疗卫生机构与政府举办的医疗卫生机构开展多种类型的医疗业务、学科建设、人才培养等合作。

41-ماددا دۆلەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى بىلەن كۆپ خىل تىپتىكى داۋالاش كەسپى، پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.

社会力量举办的医疗卫生机构在基本医疗保险定点、重点专科建设、科研教学、等级评审、特定医疗技术准入、医疗卫生人员职称评定等方面享有与政府举办的医疗卫生机构同等的权利。

ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن ئورۇن، نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ئوقۇتۇشى، دەرىجە باھالاش، ئالاھىدە داۋالاش تېخنىكىسى ئىجازىتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

社会力量可以选择设立非营利性或者营利性医疗卫生机构。社会力量举办的非营利性医疗卫生机构按照规定享受与政府举办的医疗卫生机构同等的税收、财政补助、用地、用水、用电、用气、用热等政策,并依法接受监督管理。

ئىجتىمائىي كۈچلەر پايدا ئالمايدىغان ياكى پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ تەسىس قىلسا بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قۇرغان پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوخشاش باج، مالىيە ياردەم پۇلى، يەر ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش، پار ئىشلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىدۇ.

第四十二条 国家以建成的医疗卫生机构为基础,合理规划与设置国家医学中心和国家、省级区域性医疗中心,诊治疑难重症,研究攻克重大医学难题,培养高层次医疗卫生人才。

42-ماددا دۆلەت قۇرۇلغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتلىك تېببىي مەركەز ۋە دۆلەتلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك رايون خاراكتېرلىك داۋالاش مەركىزىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ۋە تەسىس قىلىپ، چىگىش، قىيىن، ئېغىر كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇپ ۋە ئۇنى داۋالاپ، ئېغىر، زور تېببىي قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

第四十三条 医疗卫生机构应当遵守法律、法规、规章,建立健全内部质量管理和控制制度,对医疗卫生服务质量负责。

43-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئىچكى سۈپەت باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

医疗卫生机构应当按照临床诊疗指南、临床技术操作规范和行业标准以及医学伦理规范等有关要求,合理进行检查、用药、诊疗,加强医疗卫生安全风险防范,优化服务流程,持续改进医疗卫生服务质量。

داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش-داۋالاش كۆرسەتمىسى، كىلىنىكىلىق تېخنىكا مەشغۇلات قائىدىسى ۋە ساھە ئۆلچىمى، شۇنىڭدەك تېببىي ئېتىكا قائىدىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش، دورا ئىشلىتىش، دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش-سەھىيە بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىشى كېرەك.

第四十四条 国家对医疗卫生技术的临床应用进行分类管理,对技术难度大、医疗风险高,服务能力、人员专业技术水平要求较高的医疗卫生技术实行严格管理。

44-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىشنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ، تېخنىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، داۋالاش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى، خادىملارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىگە بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولغان داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش تېخنىكىسىنى قاتتىق باشقۇرىدۇ.

医疗卫生机构开展医疗卫生技术临床应用,应当与其功能任务相适应,遵循科学、安全、规范、有效、经济的原则,并符合伦理。

داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىشتا، فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىسىگە ماس كېلىشى، ئىلمىي، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ھەمدە ئېتىكىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第四十五条 国家建立权责清晰、管理科学、治理完善、运行高效、监督有力的现代医院管理制度。

45-ماددا دۆلەت ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، باشقۇرۇشى ئىلمىي، ئىدارە قىلىنىشى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

医院应当制定章程,建立和完善法人治理结构,提高医疗卫生服务能力和运行效率。

دوختۇرخانىلار نىزامنامە تۈزۈپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第四十六条 医疗卫生机构执业场所是提供医疗卫生服务的公共场所,任何组织或者个人不得扰乱其秩序。

46-ماددا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇنى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاممىۋى سورۇندۇر، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئۇنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第四十七条 国家完善医疗风险分担机制,鼓励医疗机构参加医疗责任保险或者建立医疗风险基金,鼓励患者参加医疗意外保险。

47-ماددا دۆلەت داۋالاش خەۋپ-خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياكى داۋالاش خەۋپ-خەتىرى فوندى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، بىمارلارنى كۈتۈلمىگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

第四十八条 国家鼓励医疗卫生机构不断改进预防、保健、诊断、治疗、护理和康复的技术、设备与服务,支持开发适合基层和边远地区应用的医疗卫生技术。

48-ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىسى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا ۋە چەت-ياقا رايونلاردا قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان داۋالاش، ساقلىق تۇتۇش تېخنىكىسىنى يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ.

第四十九条 国家推进全民健康信息化,推动健康医疗大数据、人工智能等的应用发展,加快医疗卫生信息基础设施建设,制定健康医疗数据采集、存储、分析和应用的技术标准,运用信息技术促进优质医疗卫生资源的普及与共享。

49-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈپ، ساغلاملىق-داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇماتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساغلاملىق-داۋالىنىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، ساقلاش، تەھلىل قىلىش ۋە قوللىنىشنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

县级以上人民政府及其有关部门应当采取措施,推进信息技术在医疗卫生领域和医学教育中的应用,支持探索发展医疗卫生服务新模式、新业态。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىدە ۋە تېببىي مائارىپتا قوللىنىلىشىنى ئالغا سۈرۈشى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.

国家采取措施,推进医疗卫生机构建立健全医疗卫生信息交流和信息安全制度,应用信息技术开展远程医疗服务,构建线上线下一体化医疗服务模式。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ئىچى-سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن داۋالاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسى بەرپا قىلىدۇ.

第五十条 发生自然灾害、事故灾难、公共卫生事件和社会安全事件等严重威胁人民群众生命健康的突发事件时,医疗卫生机构、医疗卫生人员应当服从政府部门的调遣,参与卫生应急处置和医疗救治。对致病、致残、死亡的参与人员,按照规定给予工伤或者抚恤、烈士褒扬等相关待遇。

50-ماددا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندە، داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، سەھىيە بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشى كېرەك. كېسەل بولغان، مېيىپ بولغان، ئۆلگەن قاتناشقۇچىلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش ياكى نەپىقە بېرىش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەمىناتلار بېرىلىدۇ.

第四章 医疗卫生人员

4-باب داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى

第五十一条 医疗卫生人员应当弘扬敬佑生命、救死扶伤、甘于奉献、大爱无疆的崇高职业精神,遵守行业规范,恪守医德,努力提高专业水平和服务质量。

51-ماددا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئالىيجاناب كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساھە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، تېببىي ئەخلاققا ئەمەل قىلىشى، كەسپىي سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

医疗卫生行业组织、医疗卫生机构、医学院校应当加强对医疗卫生人员的医德医风教育。

داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى تەشكىلاتلار، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، تېببىي مەكتەپلەر داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش خادىملىرىغا بولغان تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第五十二条 国家制定医疗卫生人员培养规划,建立适应行业特点和社会需求的医疗卫生人员培养机制和供需平衡机制,完善医学院校教育、毕业后教育和继续教育体系,建立健全住院医师、专科医师规范化培训制度,建立规模适宜、结构合理、分布均衡的医疗卫生队伍。

52-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە تەمىنات-ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تېببىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەربىيەسى ۋە داۋاملىق تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، بالنىست ۋىراچى، مەخسۇس بۆلۈم ۋىراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ، كۆلىمى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى تەكشى بولغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇش.

国家加强全科医生的培养和使用。全科医生主要提供常见病、多发病的诊疗和转诊、预防、保健、康复,以及慢性病管理、健康管理等服务。

دۆلەت ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئاساسلىقى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە يۆتكەپ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第五十三条 国家对医师、护士等医疗卫生人员依法实行执业注册制度。医疗卫生人员应当依法取得相应的职业资格。

53-ماددا دۆلەت ۋىراچ، سېسترا قاتارلىق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا قانۇن بويىچە كەسىپكارلىقنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشىشى كېرەك.

第五十四条 医疗卫生人员应当遵循医学科学规律,遵守有关临床诊疗技术规范和各项操作规范以及医学伦理规范,使用适宜技术和药物,合理诊疗,因病施治,不得对患者实施过度医疗。

54-ماددا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى تېببىي پەن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك كىلىنىكىلىق داۋالاش تېخنىكا قائىدىسى ۋە تۈرلۈك مەشغۇلات قائىدىسى، شۇنىڭدەك تېببىي ئېتىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، مۇۋاپىق تېخنىكا ۋە دورىلارنى ئىشلىتىشى، مۇۋاپىق داۋالىشى، كېسەل سەۋەبىدىن داۋالىشى، بىمارغا زىيادە داۋالاش قىلماسلىقى كېرەك.

医疗卫生人员不得利用职务之便索要、非法收受财物或者牟取其他不正当利益。

داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل-مال تەلەپ قىلىشىغا، قانۇنسىز پۇل-مال ئېلىشىغا ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第五十五条 国家建立健全符合医疗卫生行业特点的人事、薪酬、奖励制度,体现医疗卫生人员职业特点和技术劳动价值。

55-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىرلار ئىشلىرى، ئىش ھەققى، مۇكاپات تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە تېخنىكىلىق ئەمگەك قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

对从事传染病防治、放射医学和精神卫生工作以及其他在特殊岗位工作的医疗卫生人员,应当按照国家规定给予适当的津贴。津贴标准应当定期调整。

يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، رادىياتسىيە تېبابىتى ۋە روھىي ساغلاملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان باشقا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق قوشۇمچە پۇل بېرىش كېرەك. قوشۇمچە پۇل ئۆلچىمىنى قەرەللىك تەڭشەش كېرەك.

第五十六条 国家建立医疗卫生人员定期到基层和艰苦边远地区从事医疗卫生工作制度。

56-ماددا دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا قەرەللىك بېرىپ داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش خىزمىتى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

国家采取定向免费培养、对口支援、退休返聘等措施,加强基层和艰苦边远地区医疗卫生队伍建设。

دۆلەت نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قايتا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە جاپالىق، چەت-يىراق رايونلارنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

执业医师晋升为副高级技术职称的,应当有累计一年以上在县级以下或者对口支援的医疗卫生机构提供医疗卫生服务的经历。

كەسپىي ۋىراچلاردىن كاندىدات ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەنلىرىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ياكى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلغىنىغا جەمئىي بىر يىلدىن ئاشقان كەچۈرمىشى بولۇشى كېرەك.

对在基层和艰苦边远地区工作的医疗卫生人员,在薪酬津贴、职称评定、职业发展、教育培训和表彰奖励等方面实行优惠待遇。

ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئىش ھەققى قوشۇمچە پۇلى، ئۇنۋان باھالاش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەلىم-تەربىيە ۋە تەقدىرلەش-مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش تەمىناتى يولغا قويۇلىدۇ.

国家加强乡村医疗卫生队伍建设,建立县乡村上下贯通的职业发展机制,完善对乡村医疗卫生人员的服务收入多渠道补助机制和养老政策。

دۆلەت يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۇتاشقان كەسپىي تەرەققىيات مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت كىرىمىگە كۆپ يول ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ۋە كۈتۈنۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

第五十七条 全社会应当关心、尊重医疗卫生人员,维护良好安全的医疗卫生服务秩序,共同构建和谐医患关系。

57-ماددا پۈتۈن جەمئىيەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى، ياخشى، بىخەتەر داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تەرتىپىنى ساقلىشى، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار ئىناق مۇناسىۋەتنى بىرلىكتە ئورنىتىشى كېرەك.

医疗卫生人员的人身安全、人格尊严不受侵犯,其合法权益受法律保护。禁止任何组织或者个人威胁、危害医疗卫生人员人身安全,侵犯医疗卫生人员人格尊严。

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى، زىيان سېلىشى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

国家采取措施,保障医疗卫生人员执业环境。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ كەسىپكارلىق مۇھىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第五章 药品供应保障

5-باب دورا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش

第五十八条 国家完善药品供应保障制度,建立工作协调机制,保障药品的安全、有效、可及。

58-ماددا دۆلەت دورا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دورىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمى ۋە ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第五十九条 国家实施基本药物制度,遴选适当数量的基本药物品种,满足疾病防治基本用药需求。

59-ماددا دۆلەت ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاساسىي دورا تۈرىنى تاللاپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئاساسىي دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

国家公布基本药物目录,根据药品临床应用实践、药品标准变化、药品新上市情况等,对基本药物目录进行动态调整。

دۆلەت ئاساسىي دورا مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ، دورىنىڭ كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىش ئەمەلىيىتى، دورا ئۆلچىمىنىڭ ئۆزگىرىشى، دورىنىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئاساسىي دورا مۇندەرىجىسى ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ.

基本药物按照规定优先纳入基本医疗保险药品目录。

ئاساسىي دورىلار بەلگىلىمە بويىچە ئالدى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

国家提高基本药物的供给能力,强化基本药物质量监管,确保基本药物公平可及、合理使用。

دۆلەت ئاساسىي دورا بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي دورا سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي دورىنى ئادىل ئىشلىتىشكە ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第六十条 国家建立健全以临床需求为导向的药品审评审批制度,支持临床急需药品、儿童用药品和防治罕见病、重大疾病等药品的研制、生产,满足疾病防治需求。

60-ماددا دۆلەت كىلىنىكىلىق ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلغان دورىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق دورىلار، بالىلار ئىشلىتىدىغان دورىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، ئېغىر، چوڭ كېسەللىكلەر قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى داۋالايدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىشقا مەدەت بېرىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

第六十一条 国家建立健全药品研制、生产、流通、使用全过程追溯制度,加强药品管理,保证药品质量。

61-ماددا دۆلەت دورا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دورا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第六十二条 国家建立健全药品价格监测体系,开展成本价格调查,加强药品价格监督检查,依法查处价格垄断、价格欺诈、不正当竞争等违法行为,维护药品价格秩序。

62-ماددا دۆلەت دورا باھاسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەننەرخ باھاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دورا باھاسىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باھانى مونوپول قىلىۋېلىش، باھا ئالدامچىلىقى، ناتوغرا رىقابەت قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دورا باھاسى تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

国家加强药品分类采购管理和指导。参加药品采购投标的投标人不得以低于成本的报价竞标,不得以欺诈、串通投标、滥用市场支配地位等方式竞标。

دۆلەت دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. دورا سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇشقا قاتنىشىدىغان خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ تەننەرختىن تۆۋەن باھادا باھا مەلۇم قىلىش، خېرىدار بولۇشتا رىقابەتلىشىشىگە، ئالدامچىلىق قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار بولۇش، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خېرىدار بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第六十三条 国家建立中央与地方两级医药储备,用于保障重大灾情、疫情及其他突发事件等应急需要。

63-ماددا دۆلەت مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى دەرىجىلىك تېببىي دورا زاپىسى تەسىس قىلىپ، ئېغىر، زور ئاپەت، يۇقۇم ئەھۋالى ھەم باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەر قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第六十四条 国家建立健全药品供求监测体系,及时收集和汇总分析药品供求信息,定期公布药品生产、流通、使用等情况。

64-ماددا دۆلەت دورا تەمىنات-تەلىپىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دورا تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا توپلايدۇ ۋە جەملەپ تەھلىل قىلىدۇ، دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

第六十五条 国家加强对医疗器械的管理,完善医疗器械的标准和规范,提高医疗器械的安全有效水平。

65-ماددا دۆلەت داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

国务院卫生健康主管部门和省、自治区、直辖市人民政府卫生健康主管部门应当根据技术的先进性、适宜性和可及性,编制大型医用设备配置规划,促进区域内医用设备合理配置、充分共享。

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇلى تېخنىكىنىڭ ئىلغارلىقى، مۇۋاپىقلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىغا ئاساسەن، چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، رايون ئىچىدە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەش، تولۇق ھەمبەھرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第六十六条 国家加强中药的保护与发展,充分体现中药的特色和优势,发挥其在预防、保健、医疗、康复中的作用。

66-ماددا دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

第六章 健康促进

6-باب ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش

第六十七条 各级人民政府应当加强健康教育工作及其专业人才培养,建立健康知识和技能核心信息发布制度,普及健康科学知识,向公众提供科学、准确的健康信息。

67-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە ماھارەت يادرولۇق ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساغلاملىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىغا ئىلمىي، توغرا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىشى كېرەك.

医疗卫生、教育、体育、宣传等机构、基层群众性自治组织和社会组织应当开展健康知识的宣传和普及。医疗卫生人员在提供医疗卫生服务时,应当对患者开展健康教育。新闻媒体应当开展健康知识的公益宣传。健康知识的宣传应当科学、准确。

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، مائارىپ، تەنتەربىيە، تەشۋىقات ئاپپاراتى قاتارلىق ئاپپاراتلار، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلغاندا، بىمارغا ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئىلمىي، توغرا بولۇشى كېرەك.

第六十八条 国家将健康教育纳入国民教育体系。学校应当利用多种形式实施健康教育,普及健康知识、科学健身知识、急救知识和技能,提高学生主动防病的意识,培养学生良好的卫生习惯和健康的行为习惯,减少、改善学生近视、肥胖等不良健康状况。

68-ماددا دۆلەت ساغلاملىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ. مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىپ، ساغلاملىق بىلىملىرى، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىملىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتى ۋە ساغلام ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك قاتارلىق ناچار ساغلاملىق ئەھۋاللىرىنى ئازايتىشى، ياخشىلىشى كېرەك.

学校应当按照规定开设体育与健康课程,组织学生开展广播体操、眼保健操、体能锻炼等活动。

مەكتەپلەر بەلگىلىمە بويىچە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى رادىيو گىمناستىكىسى، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى، بەدەن ئىقتىدارى چېنىقتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

学校按照规定配备校医,建立和完善卫生室、保健室等。

مەكتەپ بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ دوختۇرى سەپلەپ، داۋالاش ئۆيى، ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

县级以上人民政府教育主管部门应当按照规定将学生体质健康水平纳入学校考核体系。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى مەكتەپنىڭ باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

第六十九条 公民是自己健康的第一责任人,树立和践行对自己健康负责的健康管理理念,主动学习健康知识,提高健康素养,加强健康管理。倡导家庭成员相互关爱,形成符合自身和家庭特点的健康生活方式。

69-ماددا پۇقرالار ئۆز ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى بولۇپ، ئۆز ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇشتەك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش.

公民应当尊重他人的健康权利和利益,不得损害他人健康和社会公共利益。

پۇقرالار باشقىلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

第七十条 国家组织居民健康状况调查和统计,开展体质监测,对健康绩效进行评估,并根据评估结果制定、完善与健康相关的法律、法规、政策和规划。

70-ماددا دۆلەت ئاھالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىشنى تەشكىللەپ، تەن ساپاسىنى كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق ئۈنۈمىنى باھالايدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، سىياسەت ۋە يىرىك پىلاننى تۈزىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

第七十一条 国家建立疾病和健康危险因素监测、调查和风险评估制度。县级以上人民政府及其有关部门针对影响健康的主要问题,组织开展健康危险因素研究,制定综合防治措施。

71-ماددا دۆلەت كېسەللىك ۋە ساغلاملىق خەۋپى ئامىللىرىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللار تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەدبىرلىرىنى تۈزىدۇ.

国家加强影响健康的环境问题预防和治理,组织开展环境质量对健康影响的研究,采取措施预防和控制与环境问题有关的疾病。

دۆلەت ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت سۈپىتىنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ.

第七十二条 国家大力开展爱国卫生运动,鼓励和支持开展爱国卫生月等群众性卫生与健康活动,依靠和动员群众控制和消除健康危险因素,改善环境卫生状况,建设健康城市、健康村镇、健康社区。

72-ماددا دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى قاتارلىق ئاممىۋى تازىلىق ۋە ساغلاملىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىنى ساغلاملىق خەۋپى ئامىللىرىنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىشكە تايىنىپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، مۇھىت تازىلىقى ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ساغلام شەھەر، ساغلام كەنت-بازار، ساغلام مەھەللە قۇرىدۇ.

第七十三条 国家建立科学、严格的食品、饮用水安全监督管理制度,提高安全水平。

73-ماددا دۆلەت ئىلمىي، قاتتىق بولغان يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第七十四条 国家建立营养状况监测制度,实施经济欠发达地区、重点人群营养干预计划,开展未成年人和老年人营养改善行动,倡导健康饮食习惯,减少不健康饮食引起的疾病风险。

74-ماددا دۆلەت ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئارىلىشىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىدۇ.

第七十五条 国家发展全民健身事业,完善覆盖城乡的全民健身公共服务体系,加强公共体育设施建设,组织开展和支持全民健身活动,加强全民健身指导服务,普及科学健身知识和方法。

75-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئومۇمىي خەلق بەدەن تاۋلاش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ ۋە قوللاپ، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەت چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىملىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

国家鼓励单位的体育场地设施向公众开放。

دۆلەت ئورۇنلارنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第七十六条 国家制定并实施未成年人、妇女、老年人、残疾人等的健康工作计划,加强重点人群健康服务。

76-ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

国家推动长期护理保障工作,鼓励发展长期护理保险。

دۆلەت ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش كاپالىتى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第七十七条 国家完善公共场所卫生管理制度。县级以上人民政府卫生健康等主管部门应当加强对公共场所的卫生监督。公共场所卫生监督信息应当依法向社会公开。

77-ماددا دۆلەت ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سەھىيە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سەھىيە نازارەتچىلىك ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

公共场所经营单位应当建立健全并严格实施卫生管理制度,保证其经营活动持续符合国家对公共场所的卫生要求。

ئاممىۋى سورۇن تىجارىتى ئورۇنلىرى تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەمدە قاتتىق يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سورۇن تازىلىقى تەلىپىگە داۋاملىق ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第七十八条 国家采取措施,减少吸烟对公民健康的危害。

78-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، تاماكا چېكىشنىڭ پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ.

公共场所控制吸烟,强化监督执法。

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

烟草制品包装应当印制带有说明吸烟危害的警示。

تاماكا بۇيۇملىرى ئورالمىسىنى بېسىشتا تاماكا چېكىش زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش ئاگاھ بولۇشى كېرەك.

禁止向未成年人出售烟酒。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق-تاماكا سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第七十九条 用人单位应当为职工创造有益于健康的环境和条件,严格执行劳动安全卫生等相关规定,积极组织职工开展健身活动,保护职工健康。

79-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ساغلاملىققا پايدىلىق مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى-ساقلىق ساقلاش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

国家鼓励用人单位开展职工健康指导工作。

دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

国家提倡用人单位为职工定期开展健康检查。法律、法规对健康检查有规定的,依照其规定。

دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قانۇن-نىزاملاردا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第七章 资金保障

7-باب مەبلەغ كاپالىتى

第八十条 各级人民政府应当切实履行发展医疗卫生与健康事业的职责,建立与经济社会发展、财政状况和健康指标相适应的医疗卫生与健康事业投入机制,将医疗卫生与健康促进经费纳入本级政府预算,按照规定主要用于保障基本医疗服务、公共卫生服务、基本医疗保障和政府举办的医疗卫生机构建设和运行发展。

80-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مالىيە ئەھۋالى ۋە ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىگە لايىقلاشقان داۋالاش-ساقلىق تۇتۇش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، بەلگىلىمە بويىچە ئاساسلىقى ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، ئاساسىي داۋالاش كاپالىتى ۋە ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

第八十一条 县级以上人民政府通过预算、审计、监督执法、社会监督等方式,加强资金的监督管理。

81-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خامچوت، ئىقتىسادىي تەپتىش، قانۇننى نازارەت قىلىش، جەمئىيەت نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

第八十二条 基本医疗服务费用主要由基本医疗保险基金和个人支付。国家依法多渠道筹集基本医疗保险基金,逐步完善基本医疗保险可持续筹资和保障水平调整机制。

82-ماددا ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى ھەققىنى ئاساسلىقى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە شەخسلەر تۆلەيدۇ. دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇن بويىچە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق توپلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ جۇغلاش ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

公民有依法参加基本医疗保险的权利和义务。用人单位和职工按照国家规定缴纳职工基本医疗保险费。城乡居民按照规定缴纳城乡居民基本医疗保险费。

پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىسى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.

第八十三条 国家建立以基本医疗保险为主体,商业健康保险、医疗救助、职工互助医疗和医疗慈善服务等为补充的、多层次的医疗保障体系。

83-ماددا دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزئارا ياردەملىشىپ داۋالىنىش ۋە داۋالاش خەيرىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى تولۇقلىما قىلغان، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

国家鼓励发展商业健康保险,满足人民群众多样化健康保障需求。

دۆلەت سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق كاپالىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

国家完善医疗救助制度,保障符合条件的困难群众获得基本医疗服务。

دۆلەت داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第八十四条 国家建立健全基本医疗保险经办机构与协议定点医疗卫生机构之间的协商谈判机制,科学合理确定基本医疗保险基金支付标准和支付方式,引导医疗卫生机构合理诊疗,促进患者有序流动,提高基本医疗保险基金使用效益。

84-ماددا دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بەلگىلەنگەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش-سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ۋە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق داۋالىنىش، داۋالاشقا يېتەكلەپ، بىمارلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

第八十五条 基本医疗保险基金支付范围由国务院医疗保障主管部门组织制定,并应当听取国务院卫生健康主管部门、中医药主管部门、药品监督管理部门、财政部门等的意见。

85-ماددا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ داۋالاش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى، جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى، دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى، مالىيە تارمىقى قاتارلىقلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府可以按照国家有关规定,补充确定本行政区域基本医疗保险基金支付的具体项目和标准,并报国务院医疗保障主管部门备案。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان كونكرېت تۈر ۋە ئۆلچەمنى تولۇقلاپ بېكىتسە ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

国务院医疗保障主管部门应当对纳入支付范围的基本医疗保险药品目录、诊疗项目、医疗服务设施标准等组织开展循证医学和经济性评价,并应当听取国务院卫生健康主管部门、中医药主管部门、药品监督管理部门、财政部门等有关方面的意见。评价结果应当作为调整基本医疗保险基金支付范围的依据。

گوۋۇيۈەننىڭ داۋالاش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى، داۋالاش تۈرى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا قارىتا دەلىل-ئىسپاتقا ئەمەل قىلىپ تېببىي ئىلىم ۋە تېجەشلىك باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى، جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، مالىيە تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

第八章 监督管理

سەككىزىنچى باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第八十六条 国家建立健全机构自治、行业自律、政府监管、社会监督相结合的医疗卫生综合监督管理体系。

86-ماددا دۆلەت ئاپپاراتلار ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، ساھە تەلەپچانلىقى، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

县级以上人民政府卫生健康主管部门对医疗卫生行业实行属地化、全行业监督管理。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-سەھىيە ساھەسىنى تەۋەلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساھە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

第八十七条 县级以上人民政府医疗保障主管部门应当提高医疗保障监管能力和水平,对纳入基本医疗保险基金支付范围的医疗服务行为和医疗费用加强监督管理,确保基本医疗保险基金合理使用、安全可控。

87-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى داۋالاش كاپالىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتى ۋە داۋالاش خىراجىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第八十八条 县级以上人民政府应当组织卫生健康、医疗保障、药品监督管理、发展改革、财政等部门建立沟通协商机制,加强制度衔接和工作配合,提高医疗卫生资源使用效率和保障水平。

88-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە-ساغلاملىق، داۋالاش كاپالىتى، دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈزۈملەرنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第八十九条 县级以上人民政府应当定期向本级人民代表大会或者其常务委员会报告基本医疗卫生与健康促进工作,依法接受监督。

89-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قەرەللىك دوكلات قىلىپ، قانۇن بويىچە نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第九十条 县级以上人民政府有关部门未履行医疗卫生与健康促进工作相关职责的,本级人民政府或者上级人民政府有关部门应当对其主要负责人进行约谈。

90-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى داۋالاش-سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆزلىشىشى كېرەك.

地方人民政府未履行医疗卫生与健康促进工作相关职责的,上级人民政府应当对其主要负责人进行约谈。

يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆزلىشىشى كېرەك.

被约谈的部门和地方人民政府应当立即采取措施,进行整改。

كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن تارماق ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىشى كېرەك.

约谈情况和整改情况应当纳入有关部门和地方人民政府工作评议、考核记录。

چاقىرتىپ سۆزلىشىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتنى باھالاش، سىناش خاتىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

第九十一条 县级以上地方人民政府卫生健康主管部门应当建立医疗卫生机构绩效评估制度,组织对医疗卫生机构的服务质量、医疗技术、药品和医用设备使用等情况进行评估。评估应当吸收行业组织和公众参与。评估结果应当以适当方式向社会公开,作为评价医疗卫生机构和卫生监管的重要依据。

91-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، داۋالاش تېخنىكىسى، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك. باھالاشقا ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە سەھىيە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

第九十二条 国家保护公民个人健康信息,确保公民个人健康信息安全。任何组织或者个人不得非法收集、使用、加工、传输公民个人健康信息,不得非法买卖、提供或者公开公民个人健康信息。

92-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنى قوغداپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز توپلىشىغا، ئىشلىتىشىگە، پىششىقلىشىغا، يەتكۈزۈشىگە، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىشىغا، تەمىنلىشىگە ياكى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第九十三条 县级以上人民政府卫生健康主管部门、医疗保障主管部门应当建立医疗卫生机构、人员等信用记录制度,纳入全国信用信息共享平台,按照国家规定实施联合惩戒。

93-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى، داۋالاش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، خادىمى قاتارلىقلارنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەملىكەتلىك ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىشىپ جازا بېرىشى كېرەك.

第九十四条 县级以上地方人民政府卫生健康主管部门及其委托的卫生健康监督机构,依法开展本行政区域医疗卫生等行政执法工作。

94-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان سەھىيە-ساغلاملىق نازارەت ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ.

第九十五条 县级以上人民政府卫生健康主管部门应当积极培育医疗卫生行业组织,发挥其在医疗卫生与健康促进工作中的作用,支持其参与行业管理规范、技术标准制定和医疗卫生评价、评估、评审等工作。

95-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-سەھىيە ساھەسى تەشكىلاتىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ داۋالاش-سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ساھەنى باشقۇرۇش قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بويىچە باھالاش، باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

第九十六条 国家建立医疗纠纷预防和处理机制,妥善处理医疗纠纷,维护医疗秩序。

96-ماددا دۆلەت داۋالاش ماجىراسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، داۋالاش ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، داۋالاش تەرتىپىنى ساقلايدۇ.

第九十七条 国家鼓励公民、法人和其他组织对医疗卫生与健康促进工作进行社会监督。

97-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى جەمئىيەت نازارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

任何组织和个人对违反本法规定的行为,有权向县级以上人民政府卫生健康主管部门和其他有关部门投诉、举报。

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ئەرز قىلىشقا، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第九十八条 违反本法规定,地方各级人民政府、县级以上人民政府卫生健康主管部门和其他有关部门,滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

98-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第九十九条 违反本法规定,未取得医疗机构执业许可证擅自执业的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令停止执业活动,没收违法所得和药品、医疗器械,并处违法所得五倍以上二十倍以下的罚款,违法所得不足一万元的,按一万元计算。

99-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ئالماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدۇ، ئون مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

违反本法规定,伪造、变造、买卖、出租、出借医疗机构执业许可证的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令改正,没收违法所得,并处违法所得五倍以上十五倍以下的罚款,违法所得不足一万元的,按一万元计算;情节严重的,吊销医疗机构执业许可证。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ-ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، ئارىيەتكە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 15 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

第一百条 违反本法规定,有下列行为之一的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门责令改正,没收违法所得,并处违法所得二倍以上十倍以下的罚款,违法所得不足一万元的,按一万元计算;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:

100-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)政府举办的医疗卫生机构与其他组织投资设立非独立法人资格的医疗卫生机构;

( 1 ) ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىدە بولمىغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى؛

(二)医疗卫生机构对外出租、承包医疗科室;

( 2 ) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش بۆلۈملىرىنى سىرتقا ئىجارىگە بېرىش، ھۆددىگە ئېلىش؛

(三)非营利性医疗卫生机构向出资人、举办者分配或者变相分配收益。

( 3 ) پايدا ئالمايدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى مەبلەغ چىقارغۇچى، ئۇيۇشتۇرغۇچىغا پايدا تەقسىم قىلىدۇ ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەقسىم قىلىدۇ.

第一百零一条 违反本法规定,医疗卫生机构等的医疗信息安全制度、保障措施不健全,导致医疗信息泄露,或者医疗质量管理和医疗技术管理制度、安全措施不健全的,由县级以上人民政府卫生健康等主管部门责令改正,给予警告,并处一万元以上五万元以下的罚款;情节严重的,可以责令停止相应执业活动,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法追究法律责任。

101-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ داۋالاش ئۇچۇرى بىخەتەرلىك تۈزۈمى، كاپالەت تەدبىرى مۇكەممەل بولماي، داۋالاش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى داۋالاش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇكەممەل بولمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى مۇناسىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

第一百零二条 违反本法规定,医疗卫生人员有下列行为之一的,由县级以上人民政府卫生健康主管部门依照有关执业医师、护士管理和医疗纠纷预防处理等法律、行政法规的规定给予行政处罚:

102-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى كەسپىي ۋىراچ، سېسترالارنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش ماجىراسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ :

(一)利用职务之便索要、非法收受财物或者牟取其他不正当利益;

( 1 ) خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل-مال تەلەپ قىلىش، قانۇنسىز قوبۇل قىلىش ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛

(二)泄露公民个人健康信息;

( 2 ) پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(三)在开展医学研究或提供医疗卫生服务过程中未按照规定履行告知义务或者违反医学伦理规范。

( 3 ) تېببىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ياكى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش جەريانىدا خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى تېببىي ئېتىكا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار.

前款规定的人员属于政府举办的医疗卫生机构中的人员的,依法给予处分。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملار ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار بولسا، قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第一百零三条 违反本法规定,参加药品采购投标的投标人以低于成本的报价竞标,或者以欺诈、串通投标、滥用市场支配地位等方式竞标的,由县级以上人民政府医疗保障主管部门责令改正,没收违法所得;中标的,中标无效,处中标项目金额千分之五以上千分之十以下的罚款,对法定代表人、主要负责人、直接负责的主管人员和其他责任人员处对单位罚款数额百分之五以上百分之十以下的罚款;情节严重的,取消其二年至五年内参加药品采购投标的资格并予以公告。

103-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دورا سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇشقا قاتناشقان خېرىدار چىققۇچىلاردىن تەننەرختىن تۆۋەن باھادا باھا مەلۇم قىلىپ خېرىدار بولغانلىرىغا ياكى ئالدامچىلىق قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار بولۇش، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خېرىدار بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ خېرىدار بولغان بولسا، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسىز بولىدۇ، خېرىدار بولغان تۈر سوممىسىنىڭ بەشتىن بەش قىسمىدىن يۇقىرى، مىڭدىن ئون قىسمىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل، ئاساسلىق مەسئۇل خادىم، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكار خادىملارغا ئورۇنغا قويىدىغان جەرىمانە سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 10 تىن تۆۋەن بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە دورا سېتىۋېلىش، خېرىدار بولۇشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.

第一百零四条 违反本法规定,以欺诈、伪造证明材料或者其他手段骗取基本医疗保险待遇,或者基本医疗保险经办机构以及医疗机构、药品经营单位等以欺诈、伪造证明材料或者其他手段骗取基本医疗保险基金支出的,由县级以上人民政府医疗保障主管部门依照有关社会保险的法律、行政法规规定给予行政处罚。

104-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىسپات ماتېرىيالىنى ئالدامچىلىق قىلىش، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات، شۇنىڭدەك داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورنى قاتارلىقلار ئىسپات ماتېرىيالىنى ئالدامچىلىق قىلىپ، ئويدۇرۇپ چىقارغان ياكى باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش كاپالىتى مەسئۇل تارمىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

第一百零五条 违反本法规定,扰乱医疗卫生机构执业场所秩序,威胁、危害医疗卫生人员人身安全,侵犯医疗卫生人员人格尊严,非法收集、使用、加工、传输公民个人健康信息,非法买卖、提供或者公开公民个人健康信息等,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚。

105-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سورۇنى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە خەۋپ يەتكۈزۈش، داۋالاش-سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز توپلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاش، يەتكۈزۈش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، تەمىنلەش ياكى ئاشكارىلاش ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

第一百零六条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任;造成人身、财产损害的,依法承担民事责任。

106-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第十章 附则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一百零七条 本法中下列用语的含义:

107-ماددا بۇ قانۇندا تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)主要健康指标,是指人均预期寿命、孕产妇死亡率、婴儿死亡率、五岁以下儿童死亡率等。

( 1 ) ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(二)医疗卫生机构,是指基层医疗卫生机构、医院和专业公共卫生机构等。

( 2 ) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى، دوختۇرخانا ۋە كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(三)基层医疗卫生机构,是指乡镇卫生院、社区卫生服务中心(站)、村卫生室、医务室、门诊部和诊所等。

( 3 ) ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ( پونكىتى )، كەنت شىپاخانىسى، داۋالاش ئۆيى، ئامبۇلاتورىيە ۋە شىپاخانا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(四)专业公共卫生机构,是指疾病预防控制中心、专科疾病防治机构、健康教育机构、急救中心(站)和血站等。

( 4 ) كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، مەخسۇس كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى، ساغلاملىق تەربىيەسى ئاپپاراتى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ( پونكىتى ) ۋە قان پونكىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(五)医疗卫生人员,是指执业医师、执业助理医师、注册护士、药师(士)、检验技师(士)、影像技师(士)和乡村医生等卫生专业人员。

( 5 ) داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى كەسپىي ۋىراچ، كەسپىي ياردەمچى ۋىراچى، رويخەتكە ئېلىنغان سېسترا، دورىگەر، تەكشۈرۈش تېخنىكى ( شى )، سۈرەت تېخنىكى ( شىسى ) ۋە يېزا-كەنت دوختۇرى قاتارلىق سەھىيە كەسپىي خادىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(六)基本药物,是指满足疾病防治基本用药需求,适应现阶段基本国情和保障能力,剂型适宜,价格合理,能够保障供应,可公平获得的药品。

( 6 ) ئاساسىي دورا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى ئاساسىي دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە كاپالەت ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان، دورا تىپى مۇۋاپىق، باھاسى مۇۋاپىق، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدىغان، ئادىل ئېرىشكىلى بولىدىغان دورىنى كۆرسىتىدۇ.

第一百零八条 省、自治区、直辖市和设区的市、自治州可以结合实际,制定本地方发展医疗卫生与健康事业的具体办法。

108-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第一百零九条 中国人民解放军和中国人民武装警察部队的医疗卫生与健康促进工作,由国务院和中央军事委员会依照本法制定管理办法。

109-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ.

第一百一十条 本法自2020年6月1日起施行。

110-ماددا بۇ قانۇن 2020-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.