境内活动管理法
چېگرا ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش قانۇنى
境内活动管理法
چېگرا ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش قانۇنى
(2016年4月28日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十次会议通过 根据2017年11月4日第十二届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议《关于修改<中华人民共和国会计法>等十一部法律的决定》修正)
( 2016 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2017 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىمىي كومىتېتى 30 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى > قاتارلىق 11 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 登记和备案
2-باب تىزىملاش ۋە ئەنگە ئېلىش
第三章 活动规范
ئۈچىنچى باب پائالىيەت قائىدىسى
第四章 便利措施
4-باب قولايلىق تەدبىرلەر
第五章 监督管理
5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了规范、引导境外非政府组织在中国境内的活动,保障其合法权益,促进交流与合作,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 境外非政府组织在中国境内开展活动适用本法。
2-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
本法所称境外非政府组织,是指在境外合法成立的基金会、社会团体、智库机构等非营利、非政府的社会组织。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى چېگرا سىرتىدا قانۇنلۇق قۇرۇلغان فوند جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئاقىللار ئامبىرى ئاپپاراتى قاتارلىق پايدا ئالمايدىغان، ھۆكۈمەتتىن باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 境外非政府组织依照本法可以在经济、教育、科技、文化、卫生、体育、环保等领域和济困、救灾等方面开展有利于公益事业发展的活动。
3-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
第四条 境外非政府组织在中国境内依法开展活动,受法律保护。
4-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇن بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، بۇنى قانۇن قوغدايدۇ.
第五条 境外非政府组织在中国境内开展活动应当遵守中国法律,不得危害中国的国家统一、安全和民族团结,不得损害中国国家利益、社会公共利益和公民、法人以及其他组织的合法权益。
5-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا جۇڭگو قانۇنىغا رىئايە قىلىشى، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىرلىكى، خەۋپسىزلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئىتى ۋە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
境外非政府组织在中国境内不得从事或者资助营利性活动、政治活动,不得非法从事或者资助宗教活动。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىگە، دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىشىغا ياكى دىنىي پائالىيەت بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第六条 国务院公安部门和省级人民政府公安机关,是境外非政府组织在中国境内开展活动的登记管理机关。
6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىدۇر.
国务院有关部门和单位、省级人民政府有关部门和单位,是境外非政府组织在中国境内开展活动的相应业务主管单位。
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت قانات يايدۇرۇشىغا مۇناسىپ كەسىپكە مەسئۇل ئورۇنلاردۇر.
第七条 县级以上人民政府公安机关和有关部门在各自职责范围内对境外非政府组织在中国境内开展活动依法实施监督管理、提供服务。
7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
国家建立境外非政府组织监督管理工作协调机制,负责研究、协调、解决境外非政府组织在中国境内开展活动监督管理和服务便利中的重大问题。
دۆلەت چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
第八条 国家对为中国公益事业发展做出突出贡献的境外非政府组织给予表彰。
8-ماددا دۆلەت جۇڭگونىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەيدۇ.
第二章 登记和备案
2-باب تىزىملاش ۋە ئەنگە ئېلىش
第九条 境外非政府组织在中国境内开展活动,应当依法登记设立代表机构;未登记设立代表机构需要在中国境内开展临时活动的,应当依法备案。
9-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا، ۋەكىل ئاپپاراتىنى قانۇن بويىچە تىزىملاپ قۇرۇشى كېرەك؛ تىزىملاتماي تۇرۇپ ۋەكىل ئاپپاراتى قۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
境外非政府组织未登记设立代表机构、开展临时活动未经备案的,不得在中国境内开展或者变相开展活动,不得委托、资助或者变相委托、资助中国境内任何单位和个人在中国境内开展活动。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تىزىملاتماي تۇرۇپ ۋەكىللىك ئاپپاراتى قۇرغان، ۋاقىتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئەنگە ئالدۇرمىغانلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارسا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قانات يايدۇرسا بولمايدۇ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىشىغا، ياردەم بېرىشىگە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھاۋالە قىلىشىغا، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第十条 境外非政府组织符合下列条件,根据业务范围、活动地域和开展活动的需要,可以申请在中国境内登记设立代表机构:
10-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، كەسىپ دائىرىسى، پائالىيەت رايونى ۋە پائالىيەت قانات يايدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋەكىل ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :
(一)在境外合法成立;
( 1 ) چېگرا سىرتىدا قانۇنلۇق قۇرۇلغان بولۇش؛
(二)能够独立承担民事责任;
( 2 ) ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش؛
(三)章程规定的宗旨和业务范围有利于公益事业发展;
( 3 ) نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە كەسىپ دائىرىسى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش؛
(四)在境外存续二年以上并实质性开展活动;
( 4 ) چېگرا سىرتىدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ھەمدە پائالىيەتنى ماھىيەتلىك قانات يايدۇرغان بولۇش؛
(五)法律、行政法规规定的其他条件。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
第十一条 境外非政府组织申请登记设立代表机构,应当经业务主管单位同意。
11-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تىزىملىتىپ ۋەكىل ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كەسىپكە مەسئۇل ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
业务主管单位的名录由国务院公安部门和省级人民政府公安机关会同有关部门公布。
كەسىپكە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ.
第十二条 境外非政府组织应当自业务主管单位同意之日起三十日内,向登记管理机关申请设立代表机构登记。申请设立代表机构登记,应当向登记管理机关提交下列文件、材料:
12-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن قوشۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى، تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :
(一)申请书;
( 1 ) ئىلتىماسنامە؛
(二)符合本法第十条规定的证明文件、材料;
( 2 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسپات ھۆججەتلىرى، ماتېرىياللىرى؛
(三)拟设代表机构首席代表的身份证明、简历及其无犯罪记录证明材料或者声明;
( 3 ) ۋەكىللىك ئاپپاراتى باش ۋەكىلىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ جىنايەت خاتىرىسى يوقلۇق ئىسپات ماتېرىيالى ياكى باياناتى تەسىس قىلىنىدۇ؛
(四)拟设代表机构的住所证明材料;
( 4 ) ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدىغان تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرى؛
(五)资金来源证明材料;
( 5 ) مەبلەغ مەنبەسى ئىسپات ماتېرىياللىرى؛
(六)业务主管单位的同意文件;
( 6 ) كەسپىي مەسئۇل ئورۇننىڭ ماقۇللۇق ھۆججىتى؛
(七)法律、行政法规规定的其他文件、材料。
( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەت-ماتېرىياللار.
登记管理机关审查境外非政府组织代表机构设立申请,根据需要可以组织专家进行评估。
تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالىسا بولىدۇ.
登记管理机关应当自受理申请之日起六十日内作出准予登记或者不予登记的决定。
تىزىملاشنى باشقۇرغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تىزىملىتىشقا رۇخسەت قىلىش ياكى تىزىملاتماسلىق قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.
第十三条 对准予登记的境外非政府组织代表机构,登记管理机关发给登记证书,并向社会公告。登记事项包括:
13-ماددا تىزىملىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرىغا تىزىملاشنى باشقۇرغۇچى ئورگان تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. تىزىملىتىدىغان ئىشلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(一)名称;
( 1 ) نامى؛
(二)住所;
( 2 ) تۇرۇشلۇق جايى؛
(三)业务范围;
كەسىپ دائىرىسى؛
(四)活动地域;
( 4 ) پائالىيەت رايونى؛
(五)首席代表;
( 5 ) باش ۋەكىلى؛
(六)业务主管单位。
6 ) كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن.
境外非政府组织代表机构凭登记证书依法办理税务登记,刻制印章,在中国境内的银行开立银行账户,并将税务登记证件复印件、印章式样以及银行账户报登记管理机关备案。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە باج تىزىملىتىدۇ، تامغا ئويدۇرىدۇ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى بانكىلاردا بانكا ھېساباتى ئاچىدۇ ھەمدە باج تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تامغا نۇسخىسى ھەمدە بانكا ھېساباتىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشقا مەلۇم قىلىدۇ.
第十四条 境外非政府组织代表机构需要变更登记事项的,应当自业务主管单位同意之日起三十日内,向登记管理机关申请变更登记。
14-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدىن تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىرى كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن قوشۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تىزىملاشنى باشقۇرغۇچى ئورگانغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第十五条 有下列情形之一的,境外非政府组织代表机构由登记管理机关注销登记,并向社会公告:
15-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ :
(一)境外非政府组织撤销代表机构的;
( 1 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىل ئاپپاراتىنى بىكار قىلغان بولسا؛
(二)境外非政府组织终止的;
( 2 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئاخىرلاشقانلار؛
(三)境外非政府组织代表机构依法被撤销登记或者吊销登记证书的;
( 3 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىتىش قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا؛
(四)由于其他原因终止的。
( 4 ) باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرلاشقانلار.
境外非政府组织代表机构注销登记后,设立该代表机构的境外非政府组织应当妥善办理善后事宜。境外非政府组织代表机构不具有法人资格,涉及相关法律责任的,由该境外非政府组织承担。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ ۋەكىل ئاپپاراتىنى قۇرغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتى قالدۇق ئىشلارنى مۇۋاپىق بېجىرىشى كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدا قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن جاۋابكارلىقىغا چېتىلىدىغانلىرىنى چېگرا سىرتىدىكى شۇ ھۆكۈمەت سىرتىدىكى غەيرىي تەشكىلات ئۈستىگە ئالىدۇ.
第十六条 境外非政府组织未在中国境内设立代表机构,在中国境内开展临时活动的,应当与中国的国家机关、人民团体、事业单位、社会组织(以下称中方合作单位)合作进行。
16-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋەكىللىك ئاپپارات قۇرماي، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرسا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ( تۆۋەندە جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئورنى دېيىلىدۇ ) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
第十七条 境外非政府组织开展临时活动,中方合作单位应当按照国家规定办理审批手续,并在开展临时活动十五日前向其所在地的登记管理机关备案。备案应当提交下列文件、材料:
17-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتا، جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ۋاقىتلىق ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشتىن 15 كۈن بۇرۇن شۇ جايدىكى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئېلىشتا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :
(一)境外非政府组织合法成立的证明文件、材料;
( 1 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات ھۆججەتلىرى، ماتېرىياللىرى؛
(二)境外非政府组织与中方合作单位的书面协议;
( 2 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنىڭ يازما كېلىشىمى؛
(三)临时活动的名称、宗旨、地域和期限等相关材料;
( 3 ) ۋاقىتلىق پائالىيەتنىڭ نامى، ئاساسىي مەقسىتى، رايونى ۋە مۇددىتى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار؛
(四)项目经费、资金来源证明材料及中方合作单位的银行账户;
( 4 ) تۈر خىراجىتى، مەبلەغ مەنبەسى ئىسپات ماتېرىيالى ۋە جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنىڭ بانكا ھېساباتى؛
(五)中方合作单位获得批准的文件;
( 5 ) جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلىرى تەستىقلىغان ھۆججەت؛
(六)法律、行政法规规定的其他文件、材料。
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەت-ماتېرىياللار.
在赈灾、救援等紧急情况下,需要开展临时活动的,备案时间不受前款规定的限制。
ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا، ۋاقىتلىق پائالىيەت قانات يايدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋاقتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
临时活动期限不超过一年,确实需要延长期限的,应当重新备案。
ۋاقىتلىق پائالىيەتنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەي، مۇددەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، قايتىدىن ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
登记管理机关认为备案的临时活动不符合本法第五条规定的,应当及时通知中方合作单位停止临时活动。
تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ئەنگە ئالدۇرغان ۋاقىتلىق پائالىيەت مۇشۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا، جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقۇچى ئورنىغا ۋاقىتلىق پائالىيەتنى توختىتىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第三章 活动规范
ئۈچىنچى باب پائالىيەت قائىدىسى
第十八条 境外非政府组织代表机构应当以登记的名称,在登记的业务范围和活动地域内开展活动。
18-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى تىزىملىتىلغان نام بىلەن تىزىملىتىلغان كەسىپ دائىرىسى ۋە پائالىيەت رايونى ئىچىدە پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
境外非政府组织不得在中国境内设立分支机构,国务院另有规定的除外。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلسا بولمايدۇ، گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第十九条 境外非政府组织代表机构应当于每年12月31日前将包含项目实施、资金使用等内容的下一年度活动计划报业务主管单位,业务主管单位同意后十日内报登记管理机关备案。特殊情况下需要调整活动计划的,应当及时向登记管理机关备案。
19-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن تۈرلەرنى يولغا قويۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى يىللىق پائالىيەت پىلانىنى كەسىپكە مەسئۇل ئورۇنغا مەلۇم قىلىشى، كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن قوشۇلغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا پائالىيەت پىلانىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
第二十条 境外非政府组织在中国境内开展活动不得对中方合作单位、受益人附加违反中国法律法规的条件。
20-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقان ئورۇنلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا قوشۇمچە خىلاپ شەرت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第二十一条 境外非政府组织在中国境内活动资金包括:
21-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پائالىيەت مەبلىغى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(一)境外合法来源的资金;
( 1 ) چېگرا سىرتىدىكى قانۇنلۇق مەنبەدىكى مەبلەغ؛
(二)中国境内的银行存款利息;
( 2 ) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمى؛
(三)中国境内合法取得的其他资金。
( 3 ) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇنلۇق قولغا كەلتۈرۈلگەن باشقا مەبلەغ.
境外非政府组织在中国境内活动不得取得或者使用前款规定以外的资金。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت قىلغاندا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەبلەغكە ئېرىشىشىگە ياكى ئۇنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
境外非政府组织及其代表机构不得在中国境内进行募捐。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىئانە توپلىسا بولمايدۇ.
第二十二条 设立代表机构的境外非政府组织应当通过代表机构在登记管理机关备案的银行账户管理用于中国境内的资金。
22-ماددا ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىل ئاپپاراتى ئارقىلىق تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگاندا ئەنگە ئالغان بانكا ھېساباتىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مەبلەغكە ئىشلىتىشى كېرەك.
开展临时活动的境外非政府组织应当通过中方合作单位的银行账户管理用于中国境内的资金,实行单独记账,专款专用。
ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنىڭ بانكا ھېساباتىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مەبلەغكە ئىشلىتىشى، ھېساباتنى ئايرىم خاتىرىلىشى، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشلىتىشى كېرەك.
未经前两款规定的银行账户,境外非政府组织、中方合作单位和个人不得以其他任何形式在中国境内进行项目活动资金的收付。
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن بانكا ھېساباتىدىن باشقا، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى، جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە باشقا ھەرقانداق شەكىلدە تۈر پائالىيىتى مەبلىغى كىرىم-چىقىمى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第二十三条 境外非政府组织应当按照代表机构登记的业务范围、活动地域或者与中方合作单位协议的约定使用资金。
23-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىل ئاپپاراتى تىزىملاتقان كەسىپ دائىرىسى، پائالىيەت رايونى ياكى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇن كېلىشىمىدىكى پۈتۈم بويىچە مەبلەغ ئىشلىتىشى كېرەك.
第二十四条 境外非政府组织代表机构应当执行中国统一的会计制度。财务会计报告应当经中国境内会计师事务所审计。
24-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتىنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى بوغالتىرلىق ئورنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى كېرەك.
第二十五条 境外非政府组织在中国境内开展活动,应当按照中国有关外汇管理的规定办理外汇收支。
25-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىمىنى بېجىرىشى كېرەك.
第二十六条 境外非政府组织代表机构应当依法办理税务登记、纳税申报和税款缴纳等事项。
26-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى باج تىزىملىتىش، باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە باج تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك.
第二十七条 境外非政府组织代表机构在中国境内聘用工作人员应当遵守法律、行政法规,并将聘用的工作人员信息报业务主管单位和登记管理机关备案。
27-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكۈچى خادىملار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن ۋە تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
第二十八条 境外非政府组织代表机构、开展临时活动的境外非政府组织不得在中国境内发展会员,国务院另有规定的除外。
28-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى، ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي دۆلەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئەزالىقىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولمايدۇ، گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第二十九条 境外非政府组织代表机构应当设一名首席代表,可以根据业务需要设一至三名代表。
29-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتىدا بىر باش ۋەكىل تەسىس قىلىنىشى كېرەك، كەسىپ ئېھتىياجىغا قاراپ بىردىن ئۈچكىچە ۋەكىل تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.
有下列情形之一的,不得担任首席代表、代表:
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باش ۋەكىل، ۋەكىل بولسا بولمايدۇ :
(一)无民事行为能力或者限制民事行为能力的;
( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىسە؛
(二)有犯罪记录的;
( 2 ) جىنايەت خاتىرىسى بارلار؛
(三)依法被撤销登记、吊销登记证书的代表机构的首席代表、代表,自被撤销、吊销之日起未逾五年的;
( 3 ) تىزىملاش گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، بىكار قىلىنغان ۋەكىل ئاپپاراتنىڭ باش ۋەكىلى، ۋەكىللىرى بىكار قىلىنغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلدىن ئاشمىغانلار؛
(四)法律、行政法规规定的其他情形。
( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第三十条 开展临时活动的境外非政府组织,应当以经备案的名称开展活动。
30-ماددا ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى پائالىيەتنى ئەنگە ئېلىنغان نام بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
境外非政府组织、中方合作单位应当于临时活动结束后三十日内将活动情况、资金使用情况等书面报送登记管理机关。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى، جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلار ۋاقىتلىق پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە پائالىيەت ئەھۋالى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا يازما يوللىشى كېرەك.
第三十一条 境外非政府组织代表机构应当于每年1月31日前向业务主管单位报送上一年度工作报告,经业务主管单位出具意见后,于3月31日前报送登记管理机关,接受年度检查。
31-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن كەسپىي مەسئۇل ئورۇنغا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى يوللىشى، كەسپىي مەسئۇل ئورۇن پىكىر بەرگەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا يوللاپ، يىللىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
年度工作报告应当包括经审计的财务会计报告、开展活动的情况以及人员和机构变动的情况等内容。
يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
境外非政府组织代表机构应当将年度工作报告在登记管理机关统一的网站上向社会公开。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ بىرلىككە كەلگەن تور بېكىتىدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
第三十二条 中国境内任何单位和个人不得接受未登记代表机构、开展临时活动未经备案的境外非政府组织的委托、资助,代理或者变相代理境外非政府组织在中国境内开展活动。
32-ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىزىملاتمىغان ۋەكىللىك ئاپپاراتى، ۋاقىتلىق پائالىيەت قانات يايدۇرۇشتا ئەنگە ئېلىنمىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋالىسى، ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىغا، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ۋاكالەتچىلىك قىلىپ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第四章 便利措施
4-باب قولايلىق تەدبىرلەر
第三十三条 国家保障和支持境外非政府组织在中国境内依法开展活动。各级人民政府有关部门应当为境外非政府组织在中国境内依法开展活动提供必要的便利和服务。
33-ماددا دۆلەت چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇن بويىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇن بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
第三十四条 国务院公安部门和省级人民政府公安机关会同有关部门制定境外非政府组织活动领域和项目目录,公布业务主管单位名录,为境外非政府组织开展活动提供指引。
34-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ساھەسى ۋە تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، كەسىپكە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
第三十五条 县级以上人民政府有关部门应当依法为境外非政府组织提供政策咨询、活动指导服务。
35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قانۇن بويىچە چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىغا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، پائالىيەت يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
登记管理机关应当通过统一的网站,公布境外非政府组织申请设立代表机构以及开展临时活动备案的程序,供境外非政府组织查询。
تىزىملاشنى باشقۇرغۇچى ئورگان بىرلىككە كەلگەن تور بېكىتى ئارقىلىق، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەمدە ۋاقىتلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى ئېلان قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قانۇنسىز ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە بېرىشى كېرەك.
第三十六条 境外非政府组织代表机构依法享受税收优惠等政策。
36-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
第三十七条 对境外非政府组织代表机构进行年度检查不得收取费用。
37-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشتە ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
第三十八条 境外非政府组织代表机构首席代表和代表中的境外人员,可以凭登记证书、代表证明文件等依法办理就业等工作手续。
38-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنىڭ باش ۋەكىللىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىچىدىكى چېگرا سىرتىدىكىلەر تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، ۋەكىللەر ئىسپات ھۆججىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ.
第五章 监督管理
5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第三十九条 境外非政府组织在中国境内开展活动,应当接受公安机关、有关部门和业务主管单位的监督管理。
39-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە كەسىپكە مەسئۇل ئورۇننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第四十条 业务主管单位负责对境外非政府组织设立代表机构、变更登记事项、年度工作报告提出意见,指导、监督境外非政府组织及其代表机构依法开展活动,协助公安机关等部门查处境外非政府组织及其代表机构的违法行为。
40-ماددا كەسپىي مەسئۇل ئورۇنلار چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى، تىزىملىتىدىغان ئىشلار، يىللىق خىزمەت دوكلاتىغا پىكىر بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنىڭ پائالىيەتنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى نازارەت قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.
第四十一条 公安机关负责境外非政府组织代表机构的登记、年度检查,境外非政府组织临时活动的备案,对境外非政府组织及其代表机构的违法行为进行查处。
41-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنى تىزىملاش، يىللىق تەكشۈرۈشكە، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ئاممىۋى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق پائالىيەتلىرىنى ئەنگە ئېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
公安机关履行监督管理职责,发现涉嫌违反本法规定行为的,可以依法采取下列措施:
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش بارلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :
(一)约谈境外非政府组织代表机构的首席代表以及其他负责人;
( 1 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئاپپاراتىنىڭ باش ۋەكىللىرى ھەمدە باشقا مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلىشىش؛
(二)进入境外非政府组织在中国境内的住所、活动场所进行现场检查;
( 2 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىغا كىرىپ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تۇرۇشلۇق جاي، پائالىيەت سورۇنىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛
(三)询问与被调查事件有关的单位和个人,要求其对与被调查事件有关的事项作出说明;
( 3 ) تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخستىن سوئال سوراش، ئۇنىڭدىن تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛
(四)查阅、复制与被调查事件有关的文件、资料,对可能被转移、销毁、隐匿或者篡改的文件、资料予以封存;
( 4 ) تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، كۆپەيتىش، يۆتكەش، كۆيدۈرۈۋېتىش، تىقىۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛
(五)查封或者扣押涉嫌违法活动的场所、设施或者财物。
( 5 ) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىشلىق سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش.
第四十二条 公安机关可以查询与被调查事件有关的单位和个人的银行账户,有关金融机构、金融监督管理机构应当予以配合。对涉嫌违法活动的银行账户资金,经设区的市级以上人民政府公安机关负责人批准,可以提请人民法院依法冻结;对涉嫌犯罪的银行账户资金,依照《中华人民共和国刑事诉讼法》的规定采取冻结措施。
42-ماددا گوڭئەن ئورگىنى تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بانكا ئىسچوتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى ماسلىشىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىشلىق بانكا ھېساباتىدىكى مەبلەغنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە توڭلىتىشىغا سۇنسا بولىدۇ؛ جىنايەتكە چېتىشلىق بانكا ھېسابات مەبلىغىگە قارىتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.
第四十三条 国家安全、外交外事、财政、金融监督管理、海关、税务、外国专家等部门按照各自职责对境外非政府组织及其代表机构依法实施监督管理。
43-ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دىپلوماتىيە-تاشقى ئىشلار، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، تاموژنا، باج، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ-باشقۇرىدۇ.
第四十四条 国务院反洗钱行政主管部门依法对境外非政府组织代表机构、中方合作单位以及接受境外非政府组织资金的中国境内单位和个人开立、使用银行账户过程中遵守反洗钱和反恐怖主义融资法律规定的情况进行监督管理。
44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرى، جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان ئورۇنلىرى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بانكا ھېساباتى ئېچىش، ئىشلىتىش جەريانىدا پۇل يۇيۇشقا قارشى بولۇش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە دائىر قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第四十五条 境外非政府组织代表机构、开展临时活动的境外非政府组织或者中方合作单位有下列情形之一的,由设区的市级以上人民政府公安机关给予警告或者责令限期停止活动;没收非法财物和违法所得;情节严重的,由登记管理机关吊销登记证书、取缔临时活动:
45-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرى، ۋاقىتلىق پائالىيەت قانات يايدۇرىدىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرى ياكى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى پائالىيەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنسىز پۇل-مېلىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىزىملاش-باشقۇرۇش ئورگىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، ۋاقىتلىق پائالىيەتنى بىكار قىلىدۇ :
(一)未按照规定办理变更登记、备案相关事项的;
( 1 ) تىزىم ئۆزگەرتىش، ئەنگە ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي بېجىرگەنلەر؛
(二)未按照登记或者备案的名称、业务范围、活动地域开展活动的;
( 2 ) پائالىيەتنى تىزىملاش ياكى ئەنگە ئالدۇرغان نامى، كەسىپ دائىرىسى، پائالىيەت رايونى بويىچە قانات يايدۇرمىغانلار؛
(三)从事、资助营利性活动,进行募捐或者违反规定发展会员的;
( 3 ) پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ياردەم بەرگەن، ئىئانە توپلىغان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغانلار؛
(四)违反规定取得、使用资金,未按照规定开立、使用银行账户或者进行会计核算的;
( 4 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغنى ئالغان، ئىشلەتكەن، بانكا ھېساباتى ئاچقان، ئىشلەتمىگەن ياكى بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلمىغانلار؛
(五)未按照规定报送年度活动计划、报送或者公开年度工作报告的;
( 5 ) يىللىق پائالىيەت پىلانىنى يوللاش، يوللاش ياكى ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(六)拒不接受或者不按照规定接受监督检查的。
( 6 ) نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى بەلگىلىمە بويىچە قوبۇل قىلمىغانلار.
境外非政府组织代表机构、开展临时活动的境外非政府组织或者中方合作单位以提供虚假材料等非法手段,取得代表机构登记证书或者进行临时活动备案的,或者有伪造、变造、买卖、出租、出借登记证书、印章行为的,依照前款规定处罚。
چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى، ۋاقىتلىق پائالىيەت قىلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرى ياكى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلىرى ساختا ماتېرىيال بېرىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ۋەكىل ئاپپاراتىنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەتنى ئەنگە ئالدۇرغانلار ياكى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، تامغىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، سېتىۋېلىش-سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش قىلمىشى سادىر قىلغانلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第四十六条 有下列情形之一的,由设区的市级以上人民政府公安机关予以取缔或者责令停止违法行为;没收非法财物和违法所得;对直接责任人员给予警告,情节严重的,处十日以下拘留:
46-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىكار قىلىدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنسىز پۇل-مېلىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ :
(一)未经登记、备案,以境外非政府组织代表机构、境外非政府组织名义开展活动的;
( 1 ) تىزىملاتماي، ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نامىدا پائالىيەتنى قانات يايدۇرغانلار؛
(二)被撤销登记、吊销登记证书或者注销登记后以境外非政府组织代表机构名义开展活动的;
( 2 ) تىزىملىتىش بىكار قىلىنغان، تىزىملاش كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى نامىدا پائالىيەت قىلغان بولسا؛
(三)境外非政府组织临时活动期限届满或者临时活动被取缔后在中国境内开展活动的;
( 3 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق پائالىيەت مۇددىتى توشقان ياكى ۋاقىتلىق پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلار؛
(四)境外非政府组织未登记代表机构、临时活动未备案,委托、资助中国境内单位和个人在中国境内开展活动的。
( 4 ) چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىدىن تىزىملىتىلمىغان ۋەكىللىك ئاپپاراتى، ۋاقىتلىق پائالىيىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلەر.
中国境内单位和个人明知境外非政府组织未登记代表机构、临时活动未备案,与其合作的,或者接受其委托、资助,代理或者变相代理其开展活动、进行项目活动资金收付的,依照前款规定处罚。
جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەردىن چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئاپپاراتى، ۋاقىتلىق پائالىيىتىنى تىزىملاتمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ياكى ئۇنىڭ ھاۋالىسى، ياردىمىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشى، تۈر پائالىيىتى مەبلىغى كىرىم-چىقىمى قىلىشىغا ۋاكالەتچىلىك قىلغان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ۋاكالەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第四十七条 境外非政府组织、境外非政府组织代表机构有下列情形之一的,由登记管理机关吊销登记证书或者取缔临时活动;尚不构成犯罪的,由设区的市级以上人民政府公安机关对直接责任人员处十五日以下拘留:
47-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلىرىدىكى ۋەكىل ئاپپاراتلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەتنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ :
(一)煽动抗拒法律、法规实施的;
( 1 ) قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر؛
(二)非法获取国家秘密的;
( 2 ) دۆلەت مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغانلار؛
(三)造谣、诽谤或者发表、传播其他有害信息,危害国家安全或者损害国家利益的;
( 3 ) پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىپ ياكى باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، تارقىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر ياكى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛
(四)从事或者资助政治活动,非法从事或者资助宗教活动的;
( 4 ) سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى سىياسىي پائالىيەتكە ياردەم بەرگەن، قانۇنسىز شۇغۇللانغان ياكى دىنىي پائالىيەتكە ياردەم بەرگەنلەر؛
(五)有其他危害国家安全、损害国家利益或者社会公共利益情形的。
( 5 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دۆلەت مەنپەئىتى ياكى ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.
境外非政府组织、境外非政府组织代表机构有分裂国家、破坏国家统一、颠覆国家政权等犯罪行为的,由登记管理机关依照前款规定处罚,对直接责任人员依法追究刑事责任。
چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدا دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار كۆرۈلسە، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第四十八条 境外非政府组织、境外非政府组织代表机构违反本法规定被撤销登记、吊销登记证书或者临时活动被取缔的,自被撤销、吊销、取缔之日起五年内,不得在中国境内再设立代表机构或者开展临时活动。
48-ماددا چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت سىرتىدىكى غەيرىي تەشكىلاتلار، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ تىزىمى بىكار قىلىنغان، تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان ياكى ۋاقىتلىق پائالىيىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بىكار قىلىنغان، بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يەنە ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلىشىغا ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
未登记代表机构或者临时活动未备案开展活动的境外非政府组织,自活动被取缔之日起五年内,不得在中国境内再设立代表机构或者开展临时活动。
ۋەكىل ئاپپاراتى ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قانات يايدۇرمىغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يەنە ۋەكىل ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
有本法第四十七条规定情形之一的境外非政府组织,国务院公安部门可以将其列入不受欢迎的名单,不得在中国境内再设立代表机构或者开展临时活动。
مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولغان چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قارشى ئېلىنمايدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزسە بولىدۇ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يەنە ۋەكىل ئاپپاراتى تەسىس قىلسا ياكى ۋاقىتلىق پائالىيەت ئېلىپ بارسا بولمايدۇ.
第四十九条 境外非政府组织代表机构被责令限期停止活动的,由登记管理机关封存其登记证书、印章和财务凭证。对被撤销登记、吊销登记证书的,由登记管理机关收缴其登记证书、印章并公告作废。
49-ماددا چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلغانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، تامغىسى ۋە مالىيە ئىسپاتىنى پېچەتلەپ ساقلايدۇ. تىزىملاش بىكار قىلىنغان، تىزىملاش كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان بولسا، تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، تامغىسىنى ئالىدۇ ھەمدە ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان چىقىرىدۇ.
第五十条 境外人员违反本法规定的,有关机关可以依法限期出境、遣送出境或者驱逐出境。
50-ماددا چېگرا سىرتىدىكى خادىملاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان قانۇن بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېگرادىن چىقارسا، چېگرادىن چىقىرىۋەتسە ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقارسا بولىدۇ.
第五十一条 公安机关、有关部门和业务主管单位及其工作人员在境外非政府组织监督管理工作中,不履行职责或者滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法追究法律责任。
51-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە كەسپىي مەسئۇل ئورۇن ھەم ئۇنىڭ خادىملىرىدىن چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
第五十二条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
52-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第五十三条 境外学校、医院、自然科学和工程技术的研究机构或者学术组织与境内学校、医院、自然科学和工程技术的研究机构或者学术组织开展交流合作,按照国家有关规定办理。
53-ماددا چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەبىئىي پەن ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ياكى ئىلمىي تەشكىلاتلار چېگرا ئىچىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا
前款规定的境外学校、医院、机构和组织在中国境内的活动违反本法第五条规定的,依法追究法律责任。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئاپپارات ۋە تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پائالىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا، قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
第五十四条 本法自2017年1月1日起施行。
54-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.