中华人民共和国学位法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان قانۇنى

(2024年4月26日第十四届全国人民代表大会常务委员会第九次会议通过)

( 2024-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 学位工作体制

2-باب ئىلمىي ئۇنۋان خىزمەت تۈزۈلمىسى

第三章 学位授予资格

3-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتى

第四章 学位授予条件

4-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش شەرتلىرى

第五章 学位授予程序

5-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش تەرتىپى

第六章 学位质量保障

6-باب ئىلمىي ئۇنۋان سۈپەت كاپالىتى

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范学位授予工作,保护学位申请人的合法权益,保障学位质量,培养担当民族复兴大任的时代新人,建设教育强国、科技强国、人才强国,服务全面建设社会主义现代化国家,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىلمىي ئۇنۋان سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 国家实行学位制度。学位分为学士、硕士、博士,包括学术学位、专业学位等类型,按照学科门类、专业学位类别等授予。

2-ماددا دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇققا ئايرىلىدۇ، ئىلمىي ئۇنۋان، كەسپىي ئۇنۋان قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، پەن تۈرى، كەسپىي ئۇنۋان تۈرى قاتارلىقلار بويىچە بېرىلىدۇ.

第三条 学位工作坚持中国共产党的领导,全面贯彻国家的教育方针,践行社会主义核心价值观,落实立德树人根本任务,遵循教育规律,坚持公平、公正、公开,坚持学术自由与学术规范相统一,促进创新发展,提高人才自主培养质量。

3-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ

第四条 拥护中国共产党的领导、拥护社会主义制度的中国公民,在高等学校、科学研究机构学习或者通过国家规定的其他方式接受教育,达到相应学业要求、学术水平或者专业水平的,可以依照本法规定申请相应学位。

4-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتىدا ئوقۇغان ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيە ئالغان، مۇناسىپ ئوقۇش تەلىپى، ئىلمىي سەۋىيە ياكى كەسپىي سەۋىيەگە يەتكەنلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第五条 经审批取得相应学科、专业学位授予资格的高等学校、科学研究机构为学位授予单位,其授予学位的学科、专业为学位授予点。学位授予单位可以依照本法规定授予相应学位。

5-ماددا تەستىقلاش ئارقىلىق مۇناسىپ پەن، كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇن بولىدۇ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان پەن، كەسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسى بولىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بەرسە بولىدۇ.

第二章 学位工作体制

2-باب ئىلمىي ئۇنۋان خىزمەت تۈزۈلمىسى

第六条 国务院设立学位委员会,领导全国学位工作。

6-ماددا گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

国务院学位委员会设主任委员一人,副主任委员和委员若干人。主任委员、副主任委员和委员由国务院任免,每届任期五年。

گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىدا بىر مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىرقانچە ئەزا تەسىس قىلىندى. مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئەزالىرىنى گوۋۇيۈەن تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

国务院学位委员会设立专家组,负责学位评审评估、质量监督、研究咨询等工作。

گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىدۇ، ئۇ ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش، مۇھاكىمە قىلىپ مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

第七条 国务院学位委员会在国务院教育行政部门设立办事机构,承担国务院学位委员会日常工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىدا ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

国务院教育行政部门负责全国学位管理有关工作。

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第八条 省、自治区、直辖市人民政府设立省级学位委员会,在国务院学位委员会的指导下,领导本行政区域学位工作。

8-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ، ئۇلار گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府教育行政部门负责本行政区域学位管理有关工作。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

第九条 学位授予单位设立学位评定委员会,履行下列职责:

9-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇندا ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ :

(一)审议本单位学位授予的实施办法和具体标准;

( 1 ) شۇ ئورۇننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە كونكرېت ئۆلچىمىنى قاراپ چىقىش؛

(二)审议学位授予点的增设、撤销等事项;

( 2 ) ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى كۆپەيتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قاراپ چىقىش؛

(三)作出授予、不授予、撤销相应学位的决议;

( 3 ) مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش، بەرمەسلىك، بىكار قىلىش قارارى چىقىرىش؛

(四)研究处理学位授予争议;

( 4 ) ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش تالاش-تارتىشىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش؛

(五)受理与学位相关的投诉或者举报;

( 5 ) ئىلمىي ئۇنۋانغا مۇناسىۋەتلىك ئەرز ياكى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش؛

(六)审议其他与学位相关的事项。

( 6 ) ئىلمىي ئۇنۋانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى قاراپ چىقىش.

学位评定委员会可以设立若干分委员会协助开展工作,并可以委托分委员会履行相应职责。

ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى بىرقانچە شۆبە كومىتېت تەسىس قىلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملەشسە بولىدۇ ھەمدە شۆبە كومىتېتقا مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

第十条 学位评定委员会由学位授予单位具有高级专业技术职务的负责人、教学科研人员组成,其组成人员应当为不少于九人的单数。学位评定委员会主席由学位授予单位主要行政负责人担任。

10-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇندىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بار مەسئۇل خادىملار، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار توققۇز كىشىدىن كەم بولمىغان تاق سان بولۇشى كېرەك. ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇلى ئۈستىگە ئالىدۇ.

学位评定委员会作出决议,应当以会议的方式进行。审议本法第九条第一款第一项至第四项所列事项或者其他重大事项的,会议应当有全体组成人员的三分之二以上出席。决议事项以投票方式表决,由全体组成人员的过半数通过。

ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى قارار چىقىرىشتا، يىغىن شەكلىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 4 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ياكى باشقا مۇھىم، زور ئىشلارنى قاراپ چىقىشتا، يىغىنغا تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى قاتنىشىشى كېرەك. قارار قىلىنىدىغان ئىشلار بېلەت تاشلاش شەكلىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ، قارار تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

第十一条 学位评定委员会及分委员会的组成人员、任期、职责分工、工作程序等由学位授予单位确定并公布。

11-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى ۋە شۆبە كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى، خىزمەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

第三章 学位授予资格

3-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتى

第十二条 高等学校、科学研究机构申请学位授予资格,应当具备下列条件:

12-ماددا ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :

(一)坚持社会主义办学方向,落实立德树人根本任务;

( 1 ) سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(二)符合国家和地方经济社会发展需要、高等教育发展规划;

( 2 ) دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىش؛

(三)具有与所申请学位授予资格相适应的师资队伍、设施设备等教学科研资源及办学水平;

( 3 ) ئىلتىماس قىلغان ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە قاتارلىق ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات بايلىقى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش؛

(四)法律、行政法规规定的其他条件。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

国务院学位委员会、省级学位委员会可以根据前款规定,对申请相应学位授予资格的条件作出具体规定。

گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

第十三条 依法实施本科教育且具备本法第十二条规定条件的高等学校,可以申请学士学位授予资格。依法实施本科教育、研究生教育且具备本法第十二条规定条件的高等学校、科学研究机构,可以申请硕士、博士学位授予资格。

13-ماددا تولۇق كۇرس مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويغان ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپلەر باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تولۇق كۇرس مائارىپى، ئاسپىرانتلار مائارىپى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغان ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ماگىستىر، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第十四条 学士学位授予资格,由省级学位委员会审批,报国务院学位委员会备案。

14-ماددا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەستىقلايدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

硕士学位授予资格,由省级学位委员会组织审核,报国务院学位委员会审批。

ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.

博士学位授予资格,由国务院教育行政部门组织审核,报国务院学位委员会审批。

دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

审核学位授予资格,应当组织专家评审。

ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە، مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاشقا تەشكىللەش كېرەك.

第十五条 申请学位授予资格,应当在国务院学位委员会、省级学位委员会规定的期限内提出。

15-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىشنى گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

负责学位授予资格审批的单位应当自受理申请之日起九十日内作出决议,并向社会公示。公示期不少于十个工作日。公示期内有异议的,应当组织复核。

ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل ئورۇن ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. ئاشكارىلاش مۇددىتى ئون خىزمەت كۈنىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئاشكارىلاش مەزگىلىدە باشقىچە پىكىر بولسا، تەشكىل قايتا ئېنىقلىشى كېرەك.

第十六条 符合条件的学位授予单位,经国务院学位委员会批准,可以自主开展增设硕士、博士学位授予点审核。自主增设的学位授予点,应当报国务院学位委员会审批。具体条件和办法由国务院学位委员会制定。

16-ماددا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنلار گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرسا بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىغا تەستىقلىتىش كېرەك. كونكرېت شەرت ۋە چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى بېكىتىدۇ.

第十七条 国家立足经济社会发展对各类人才的需求,优化学科结构和学位授予点布局,加强基础学科、新兴学科、交叉学科建设。

17-ماددا دۆلەت مەۋقەنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا قويۇپ، پەن قۇرۇلمىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئاساس پەنلەر، گۈللىنىۋاتقان پەنلەر، گىرەلەشمە پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

国务院学位委员会可以根据国家重大需求和经济发展、科技创新、文化传承、维护人民群众生命健康的需要,对相关学位授予点的设置、布局和学位授予另行规定条件和程序。

گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشتە ئايرىم شەرت ۋە تەرتىپ بەلگىلىسە بولىدۇ.

第四章 学位授予条件

4-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش شەرتلىرى

第十八条 学位申请人应当拥护中国共产党的领导,拥护社会主义制度,遵守宪法和法律,遵守学术道德和学术规范。

18-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئىلىم ئەخلاقى ۋە ئىلىم قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

学位申请人在高等学校、科学研究机构学习或者通过国家规定的其他方式接受教育,达到相应学业要求、学术水平或者专业水平的,由学位授予单位分别依照本法第十九条至第二十一条规定的条件授予相应学位。

ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتىدا ئوقۇپ ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ، مۇناسىپ ئوقۇش تەلىپىگە، ئىلمىي سەۋىيەگە ياكى كەسپىي سەۋىيەگە يەتكەن بولسا، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىن 21-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەر بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدۇ.

第十九条 接受本科教育,通过规定的课程考核或者修满相应学分,通过毕业论文或者毕业设计等毕业环节审查,表明学位申请人达到下列水平的,授予学士学位:

19-ماددا تولۇق كۇرس مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن دەرس باھالاش ياكى مۇناسىپ ئوقۇش نومۇرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈلەش لايىھەسى قاتارلىق ئوقۇش پۈتكۈزۈقىلىش ھالقىلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرسە، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ :

(一)在本学科或者专业领域较好地掌握基础理论、专门知识和基本技能;

( 1 ) شۇ پەن ياكى كەسپىي ساھەدە ئاساسىي نەزەرىيە، مەخسۇس بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتنى بىرقەدەر ياخشى ئىگىلەش؛

(二)具有从事学术研究或者承担专业实践工作的初步能力。

( 2 ) ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى كەسپىي ئەمەلىيەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان دەسلەپكى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش.

第二十条 接受硕士研究生教育,通过规定的课程考核或者修满相应学分,完成学术研究训练或者专业实践训练,通过学位论文答辩或者规定的实践成果答辩,表明学位申请人达到下列水平的,授予硕士学位:

20-ماددا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن دەرس باھالاش ياكى مۇناسىپ ئوقۇش نومۇرى ئوقۇش ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقات مەشىقى ياكى كەسپىي ئەمەلىيەت مەشىقىنى تاماملاپ، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى دىسسېرتاتسىيەلەش ياكى بەلگىلەنگەن ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى دىسسېرتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرسە، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ :

(一)在本学科或者专业领域掌握坚实的基础理论和系统的专门知识;

( 1 ) شۇ پەن ياكى كەسپىي ساھەدە پۇختا ئاساسىي نەزەرىيە ۋە سىستېما مەخسۇس بىلىملىرىنى ئىگىلەش؛

(二)学术学位申请人应当具有从事学术研究工作的能力,专业学位申请人应当具有承担专业实践工作的能力。

( 2 ) ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، كەسپىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار كەسپىي ئەمەلىيەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

第二十一条 接受博士研究生教育,通过规定的课程考核或者修满相应学分,完成学术研究训练或者专业实践训练,通过学位论文答辩或者规定的实践成果答辩,表明学位申请人达到下列水平的,授予博士学位:

21-ماددا دوكتور-ئاسپىرانتلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى باھالاش ياكى مۇناسىپ ئوقۇش نومۇرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقات مەشىقى ياكى كەسپىي ئەمەلىيەت مەشىقىنى تاماملاپ، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى دىسسېرتاتسىيەلەش ياكى بەلگىلەنگەن ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى دىسسېرتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرسە، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ :

(一)在本学科或者专业领域掌握坚实全面的基础理论和系统深入的专门知识;

( 1 ) شۇ پەن ياكى كەسپىي ساھەدە پۇختا، ئەتراپلىق ئاساسىي نەزەرىيە ۋە سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەخسۇس بىلىملەرنى ئىگىلەش؛

(二)学术学位申请人应当具有独立从事学术研究工作的能力,专业学位申请人应当具有独立承担专业实践工作的能力;

( 2 ) ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، كەسپىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار كەسپىي ئەمەلىيەت خىزمىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛

(三)学术学位申请人应当在学术研究领域做出创新性成果,专业学位申请人应当在专业实践领域做出创新性成果。

( 3 ) ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشچان نەتىجە يارىتىشى، كەسپىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار كەسپىي ئەمەلىيەت ساھەسىدە ئىجادىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

第二十二条 学位授予单位应当根据本法第十八条至第二十一条规定的条件,结合本单位学术评价标准,坚持科学的评价导向,在充分听取相关方面意见的基础上,制定各学科、专业的学位授予具体标准并予以公布。

22-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىن 21-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئاساسەن، شۇ ئورۇننىڭ ئىلمىي باھالاش ئۆلچىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي باھالاش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش ئاساسىدا، ھەرقايسى پەن، كەسىپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش كونكرېت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

第五章 学位授予程序

5-باب ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش تەرتىپى

第二十三条 符合本法规定的受教育者,可以按照学位授予单位的要求提交申请材料,申请相应学位。非学位授予单位的应届毕业生,由毕业单位推荐,可以向相关学位授予单位申请学位。

23-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيەلەنگۈچى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرسا، مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان بەرمەيدىغان ئورۇنلاردىكى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئورۇن كۆرسىتىدۇ، ئالاقىدار ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنغا ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

学位授予单位应当自申请日期截止之日起六十日内审查决定是否受理申请,并通知申请人。

ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى تەكشۈرۈپ قارار قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第二十四条 申请学士学位的,由学位评定委员会组织审查,作出是否授予学士学位的决议。

24-ماددا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ، باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

第二十五条 申请硕士、博士学位的,学位授予单位应当在组织答辩前,将学位申请人的学位论文或者实践成果送专家评阅。

25-ماددا ماگىستىر، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن دىسسېرتاتسىيەگە تەشكىللەشتىن بۇرۇن، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

经专家评阅,符合学位授予单位规定的,进入答辩程序。

مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ كۆرگەندىن كېيىن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى جاۋاب بېرىش تەرتىپىگە كىرىدۇ.

第二十六条 学位授予单位应当按照学科、专业组织硕士、博士学位答辩委员会。硕士学位答辩委员会组成人员应当不少于三人。博士学位答辩委员会组成人员应当不少于五人,其中学位授予单位以外的专家应当不少于二人。

26-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن پەن، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ماگىستىر، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى دىسسېرتاتسىيە كومىتېتىغا ئاساسەن بولۇشى كېرەك. ماگىستىرلىق ئۇنۋانى دىسسېرتاتسىيە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئۈچتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى دىسسېرتاتسىيە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر بەش كىشىدىن كەم بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇندىن باشقا مۇتەخەسسىسلەر ئىككى كىشىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

学位论文或者实践成果应当在答辩前送答辩委员会组成人员审阅,答辩委员会组成人员应当独立负责地履行职责。

ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى دىسسېرتاتسىيە تەييارلىقىدىن بۇرۇن دىسسېرتاتسىيە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇش، دىسسېرزىيە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ئادا قىلىشى كېرەك.

答辩委员会应当按照规定的程序组织答辩,就学位申请人是否通过答辩形成决议并当场宣布。答辩以投票方式表决,由全体组成人员的三分之二以上通过。除内容涉及国家秘密的外,答辩应当公开举行。

دىسسېرتاتسىيە كومىتېتى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دىسسېرتاتسىيە ئۇيۇشتۇرۇشى، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ دىسسېرتاتسىيەدىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ۋە نەق مەيداندا ئېلان قىلىشى كېرەك. دىسسېرتاتسىيە بېلەت تاشلاش شەكلىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ، ئۇ تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتىدۇ. مەزمۇنى دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىسسېرتاتسىيەنى ئاشكارا ئۆتكۈزۈش كېرەك.

第二十七条 学位论文答辩或者实践成果答辩未通过的,经答辩委员会同意,可以在规定期限内修改,重新申请答辩。

27-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان دىسسېرتاتسىيەسى ياكى ئەمەلىيەت نەتىجىسى دىسسېرتاتسىيەسىدىن ماقۇللانمىسا، دىسسېرتاتسىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىپ، دىسسېرتاتىيەنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

博士学位答辩委员会认为学位申请人虽未达到博士学位的水平,但已达到硕士学位的水平,且学位申请人尚未获得过本单位该学科、专业硕士学位的,经学位申请人同意,可以作出建议授予硕士学位的决议,报送学位评定委员会审定。

دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى دىسسېرتاتسىيە كومىتېتى ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى سەۋىيەسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى سەۋىيەسىنىڭ سەۋىيەسىگە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ ئورۇننىڭ شۇ پەن، كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ باقمىغان بولسا، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللىسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

第二十八条 学位评定委员会应当根据答辩委员会的决议,在对学位申请进行审核的基础上,作出是否授予硕士、博士学位的决议。

28-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى دىسسېرتاتسىيە كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ماگىستىر، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

第二十九条 学位授予单位应当根据学位评定委员会授予学士、硕士、博士学位的决议,公布授予学位的人员名单,颁发学位证书,并向省级学位委员会报送学位授予信息。省级学位委员会将本行政区域的学位授予信息报国务院学位委员会备案。

29-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش قارارىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بېرىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىغا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ.

第三十条 学位授予单位应当保存学位申请人的申请材料和学位论文、实践成果等档案资料;博士学位论文应当同时交存国家图书馆和有关专业图书馆。

30-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى قاتارلىق ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ساقلىشى كېرەك؛ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىسىنى دۆلەت كۇتۇپخانىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي كۇتۇپخانىلاردا بىرلا ۋاقىتتا ساقلاش كېرەك.

涉密学位论文、实践成果及学位授予过程应当依照保密法律、行政法规和国家有关保密规定,加强保密管理。

مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئىلمىي ماقالە، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش جەريانى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第六章 学位质量保障

6-باب ئىلمىي ئۇنۋان سۈپەت كاپالىتى

第三十一条 学位授予单位应当建立本单位学位质量保障制度,加强招生、培养、学位授予等全过程质量管理,及时公开相关信息,接受社会监督,保证授予学位的质量。

31-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان سۈپەت كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第三十二条 学位授予单位应当为研究生配备品行良好、具有较高学术水平或者较强实践能力的教师、科研人员或者专业人员担任指导教师,建立遴选、考核、监督和动态调整机制。

32-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئاسپىرانتلارغا پەزىلىتى ياخشى، بىرقەدەر يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيەگە ياكى بىرقەدەر كۈچلۈك ئەمەلىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى، پەن تەتقىقات خادىملىرى ياكى كەسپىي خادىملارنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ سەپلەپ، تاللاش، سىناش، نازارەت قىلىش ۋە ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

研究生指导教师应当为人师表,履行立德树人职责,关心爱护学生,指导学生开展相关学术研究和专业实践、遵守学术道德和学术规范、提高学术水平或者专业水平。

ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۇستاز بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە كەسپىي ئەمەلىيەتنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئىلىم ئەخلاقى ۋە ئىلىم قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىغا، ئىلمىي سەۋىيەسى ياكى كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

第三十三条 博士学位授予单位应当立足培养高层次创新人才,加强博士学位授予点建设,加大对博士研究生的培养、管理和支持力度,提高授予博士学位的质量。

33-ماددا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىدىغان ئورۇنلار مەۋقەنى يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قويۇپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دوكتور ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

博士研究生指导教师应当认真履行博士研究生培养职责,在培养关键环节严格把关,全过程加强指导,提高培养质量。

دوكتور ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار دوكتور ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، پۈتۈن جەرياندا يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

博士研究生应当努力钻研和实践,认真准备学位论文或者实践成果,确保符合学术规范和创新要求。

دوكتور ئاسپىرانتلار تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، ئىلىم قائىدىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第三十四条 国务院教育行政部门和省级学位委员会应当在各自职责范围内定期组织专家对已经批准的学位授予单位及学位授予点进行质量评估。对经质量评估确认不能保证所授学位质量的,责令限期整改;情节严重的,由原审批单位撤销相应学位授予资格。

34-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەستىقلاپ بولغان ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇن ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشقا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك. سۈپەت باھالاش ئارقىلىق بېرىلگەن ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سالاھىيىتى ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورۇن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

自主开展增设硕士、博士学位授予点审核的学位授予单位,研究生培养质量达不到规定标准或者学位质量管理存在严重问题的,国务院学位委员会应当撤销其自主审核资格。

ماگىستىر، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرغان ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنلاردىن ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەن ياكى ئىلمىي ئۇنۋان سۈپىتىنى باشقۇرۇشتا ئېغىر مەسىلە ساقلانغانلىرىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىشى كېرەك.

第三十五条 学位授予单位可以根据本单位学科、专业需要,向原审批单位申请撤销相应学位授予点。

35-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ پەن، كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورۇنغا مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第三十六条 国务院教育行政部门应当加强信息化建设,完善学位信息管理系统,依法向社会提供信息服务。

36-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十七条 学位申请人、学位获得者在攻读该学位过程中有下列情形之一的,经学位评定委员会决议,学位授予单位不授予学位或者撤销学位:

37-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئىلمىي ئۇنۋان ئالغۇچىلاردىن شۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى ئوقۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان بەرمەيدۇ ياكى ئىلمىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىدۇ :

(一)学位论文或者实践成果被认定为存在代写、剽窃、伪造等学术不端行为;

( 1 ) ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئەمەلىيەت نەتىجىسى ۋاكالىتەن يېزىش، كۆچۈرۈۋېلىش، ياسىۋېلىش قاتارلىق ئىلمىي نامۇۋاپىق قىلمىشلار ساقلانغان دەپ بېكىتىلسە؛

(二)盗用、冒用他人身份,顶替他人取得的入学资格,或者以其他非法手段取得入学资格、毕业证书;

( 2 ) باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىش؛

(三)攻读期间存在依法不应当授予学位的其他严重违法行为。

( 3 ) ئوقۇش مەزگىلىدە قانۇن بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان قانۇنغا ئېغىر خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

第三十八条 违反本法规定授予学位、颁发学位证书的,由教育行政部门宣布证书无效,并依照《中华人民共和国教育法》的有关规定处理。

38-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگەن، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بەرگەنلەرنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى گۇۋاھنامىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

第三十九条 学位授予单位拟作出不授予学位或者撤销学位决定的,应当告知学位申请人或者学位获得者拟作出决定的内容及事实、理由、依据,听取其陈述和申辩。

39-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان بەرمەسلىك ياكى ئىلمىي ئۇنۋاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى چىقارماقچى بولسا، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىغا ياكى ئىلمىي ئۇنۋان ئېرىشكۈچىگە قارار چىقىرىدىغان مەزمۇن ۋە پاكىت، سەۋەب، ئاساسنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلىشى كېرەك.

第四十条 学位申请人对专家评阅、答辩、成果认定等过程中相关学术组织或者人员作出的学术评价结论有异议的,可以向学位授予单位申请学术复核。学位授予单位应当自受理学术复核申请之日起三十日内重新组织专家进行复核并作出复核决定,复核决定为最终决定。学术复核的办法由学位授予单位制定。

40-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، جاۋاب بېرىش، نەتىجىنى بېكىتىش قاتارلىق جەرياندا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەشكىلات ياكى خادىملار چىقارغان ئىلمىي باھالاش يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇنغا ئىلمىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي قايتا ئېنىقلاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنى قايتا ئېنىقلاشقا قايتىدىن تەشكىللىشى ھەمدە قايتا ئېنىقلاش قارارى چىقىرىشى كېرەك، قايتا ئېنىقلاش قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ. ئىلمىي قايتا قاراپ چىقىش چارىسىنى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن بېكىتىدۇ.

第四十一条 学位申请人或者学位获得者对不受理其学位申请、不授予其学位或者撤销其学位等行为不服的,可以向学位授予单位申请复核,或者请求有关机关依照法律规定处理。

41-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ياكى ئىلمىي ئۇنۋان ئالغۇچىلار ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئىلمىي ئۇنۋان بەرمەسلىك ياكى ئىلمىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قايىل بولمىسا، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇنغا قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئالاقىدار ئورگاندىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

学位申请人或者学位获得者申请复核的,学位授予单位应当自受理复核申请之日起三十日内进行复核并作出复核决定。

ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئىلمىي ئۇنۋان ئېرىشكۈچى قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن قايتا ئېنىقلاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا ئېنىقلىشى ھەمدە قايتا ئېنىقلاش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十二条 军队设立学位委员会。军队学位委员会依据本法负责管理军队院校和科学研究机构的学位工作。

42-ماددا ئارمىيە ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ. ئارمىيەنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئارمىيەنىڭ مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第四十三条 对在学术或者专门领域、在推进科学教育和文化交流合作方面做出突出贡献,或者对世界和平与人类发展有重大贡献的个人,可以授予名誉博士学位。

43-ماددا ئىلىم-پەن ياكى مەخسۇس ساھەدە، پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشكە بولىدۇ.

取得博士学位授予资格的学位授予单位,经学位评定委员会审议通过,报国务院学位委员会批准后,可以向符合前款规定条件的个人授予名誉博士学位。

دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنلار ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرگە پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بەرسە بولىدۇ.

名誉博士学位授予、撤销的具体办法由国务院学位委员会制定。

پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى چىقىرىدۇ.

第四十四条 学位授予单位对申请学位的境外个人,依照本法规定的学业要求、学术水平或者专业水平等条件和相关程序授予相应学位。

44-ماددا ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان ئىلتىماس قىلغان چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەرگە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تەلىپى، ئىلمىي سەۋىيە ياكى كەسپىي سەۋىيە قاتارلىق شەرتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدۇ.

学位授予单位在境外授予学位的,适用本法有关规定。

ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنلاردىن چېگرا سىرتىدا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

境外教育机构在境内授予学位的,应当遵守中国有关法律法规的规定。

چېگرا سىرتىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى چېگرا ئىچىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشتە، جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

对境外教育机构颁发的学位证书的承认,应当严格按照国家有关规定办理。

چېگرا سىرتىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ بېجىرىش كېرەك.

第四十五条 本法自2025年1月1日起施行。《中华人民共和国学位条例》同时废止。

45-ماددا بۇ قانۇن 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.