第四十四条 被审计单位违反本法规定,转移、隐匿、篡改、毁弃会计凭证、会计账簿、财务会计报告以及其他与财政收支、财务收支有关的资料,或者转移、隐匿所持有的违反国家规定取得的资产,审计机关认为对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法应当给予处分的,应当提出给予处分的建议,被审计单位或者其上级机关、监察机关应当依法及时作出决定,并将结果书面通知审计机关;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
44-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق-راسچوت دەپتىرى، مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە مالىيە كىرىم-چىقىمى، مالىيە كىرىم-چىقىمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى يۆتكىگەن، تىقىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى ئىلكىدە تۇتقان دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئېرىشكەن مۈلكىنى يۆتكىۋەتكەن، تىقىۋەتكەن بولسا،
ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىغا چارە كۆرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، رېۋىزىيە ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.