中华人民共和国家庭教育促进法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2021年10月23日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十一次会议通过)

( 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 家庭责任

2-باب ئائىلە مەسئۇلىيىتى

第三章 国家支持

3-باب دۆلەت قوللاش

第四章 社会协同

4-باب جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشى

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六章 附  则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了发扬中华民族重视家庭教育的优良传统,引导全社会注重家庭、家教、家风,增进家庭幸福与社会和谐,培养德智体美劳全面发展的社会主义建设者和接班人,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەش، ئائىلىنىڭ بەختى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称家庭教育,是指父母或者其他监护人为促进未成年人全面健康成长,对其实施的道德品质、身体素质、生活技能、文化修养、行为习惯等方面的培育、引导和影响。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا ياكى باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار يولغا قويغان ئەخلاق-پەزىلەت، بەدەن ساپاسى، تۇرمۇش ماھارىتى، مەدەنىيەت ساپاسى، ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىلدۈرۈشى، يېتەكلىشى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 家庭教育以立德树人为根本任务,培育和践行社会主义核心价值观,弘扬中华民族优秀传统文化、革命文化、社会主义先进文化,促进未成年人健康成长。

3-ماددا ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپە قىلىنىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

第四条 未成年人的父母或者其他监护人负责实施家庭教育。

4-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئائىلە تەربىيەسى بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

国家和社会为家庭教育提供指导、支持和服务。

دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

国家工作人员应当带头树立良好家风,履行家庭教育责任。

دۆلەت خادىملىرى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第五条 家庭教育应当符合以下要求:

5-ماددا ئائىلە تەربىيەسى تۆۋەندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك :

(一)尊重未成年人身心发展规律和个体差异;

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە يەككىلىك پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش؛

(二)尊重未成年人人格尊严,保护未成年人隐私权和个人信息,保障未成年人合法权益;

( 2 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

(三)遵循家庭教育特点,贯彻科学的家庭教育理念和方法;

( 3 ) ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛

(四)家庭教育、学校教育、社会教育紧密结合、协调一致;

( 4 ) ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، بىردەك ماسلاشتۇرۇش؛

(五)结合实际情况采取灵活多样的措施。

( 5 ) ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

第六条 各级人民政府指导家庭教育工作,建立健全家庭学校社会协同育人机制。县级以上人民政府负责妇女儿童工作的机构,组织、协调、指导、督促有关部门做好家庭教育工作。

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ماسلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

教育行政部门、妇女联合会统筹协调社会资源,协同推进覆盖城乡的家庭教育指导服务体系建设,并按照职责分工承担家庭教育工作的日常事务。

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى جەمئىيەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىدۇ ھەمدە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

县级以上精神文明建设部门和县级以上人民政府公安、民政、司法行政、人力资源和社会保障、文化和旅游、卫生健康、市场监督管理、广播电视、体育、新闻出版、网信等有关部门在各自的职责范围内做好家庭教育工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، سەھىيە-ساغلاملىق، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات-نەشرىيات، تور ئۇچۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

第七条 县级以上人民政府应当制定家庭教育工作专项规划,将家庭教育指导服务纳入城乡公共服务体系和政府购买服务目录,将相关经费列入财政预算,鼓励和支持以政府购买服务的方式提供家庭教育指导。

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى شەھەر-يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

第八条 人民法院、人民检察院发挥职能作用,配合同级人民政府及其有关部门建立家庭教育工作联动机制,共同做好家庭教育工作。

8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتى ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

第九条 工会、共产主义青年团、残疾人联合会、科学技术协会、关心下一代工作委员会以及居民委员会、村民委员会等应当结合自身工作,积极开展家庭教育工作,为家庭教育提供社会支持。

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى، شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلار ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسىنى جەمئىيەت قوللىشى كېرەك.

第十条 国家鼓励和支持企业事业单位、社会组织及个人依法开展公益性家庭教育服务活动。

10-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئائىلە تەربىيەسى-مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第十一条 国家鼓励开展家庭教育研究,鼓励高等学校开设家庭教育专业课程,支持师范院校和有条件的高等学校加强家庭教育学科建设,培养家庭教育服务专业人才,开展家庭教育服务人员培训。

11-ماددا دۆلەت ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى كەسپىي دەرسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، سىفەن مەكتەپلىرى ۋە شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمىتىگە دائىر كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش خادىملىرىنى تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

第十二条 国家鼓励和支持自然人、法人和非法人组织为家庭教育事业进行捐赠或者提供志愿服务,对符合条件的,依法给予税收优惠。

12-ماددا دۆلەت تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشى ياكى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

国家对在家庭教育工作中做出突出贡献的组织和个人,按照有关规定给予表彰、奖励。

دۆلەت ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

第十三条 每年5月15日国际家庭日所在周为全国家庭教育宣传周。

13-ماددا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنى تۇرۇشلۇق ھەپتە مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولىدۇ.

第二章 家庭责任

2-باب ئائىلە مەسئۇلىيىتى

第十四条 父母或者其他监护人应当树立家庭是第一个课堂、家长是第一任老师的责任意识,承担对未成年人实施家庭教育的主体责任,用正确思想、方法和行为教育未成年人养成良好思想、品行和习惯。

14-ماددا ئاتا-ئانا ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئائىلە بىرىنچى دەرسخانا، ئائىلە باشلىقى بىرىنچى ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە تەربىيەسى بېرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، توغرا ئىدىيە، ئۇسۇل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياخشى ئىدىيە، پەزىلەت ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

共同生活的具有完全民事行为能力的其他家庭成员应当协助和配合未成年人的父母或者其他监护人实施家庭教育。

بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا ئائىلە ئەزالىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

第十五条 未成年人的父母或者其他监护人及其他家庭成员应当注重家庭建设,培育积极健康的家庭文化,树立和传承优良家风,弘扬中华民族家庭美德,共同构建文明、和睦的家庭关系,为未成年人健康成长营造良好的家庭环境。

15-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ، ساغلام ئائىلە مەدەنىيىتى يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تىكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

第十六条 未成年人的父母或者其他监护人应当针对不同年龄段未成年人的身心发展特点,以下列内容为指引,开展家庭教育:

16-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك :

(一)教育未成年人爱党、爱国、爱人民、爱集体、爱社会主义,树立维护国家统一的观念,铸牢中华民族共同体意识,培养家国情怀;

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، كوللېكتىپنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش قارىشى تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش؛

(二)教育未成年人崇德向善、尊老爱幼、热爱家庭、勤俭节约、团结互助、诚信友爱、遵纪守法,培养其良好社会公德、家庭美德、个人品德意识和法治意识;

( 2 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئائىلىنى قىزغىن سۆيۈش، ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ياردەم بېرىش، سەمىمىي-دوستانە بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلاردا ياخشى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاق ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ئېڭى يېتىلدۈرۈش؛

(三)帮助未成年人树立正确的成才观,引导其培养广泛兴趣爱好、健康审美追求和良好学习习惯,增强科学探索精神、创新意识和能力;

( 3 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توغرا بولغان قابىلىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەڭ قىزىقىشى، ساغلام ئېستېتىك ئىنتىلىشى ۋە ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي ئىزدىنىش روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛

(四)保证未成年人营养均衡、科学运动、睡眠充足、身心愉悦,引导其养成良好生活习惯和行为习惯,促进其身心健康发展;

( 4 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىشى، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

(五)关注未成年人心理健康,教导其珍爱生命,对其进行交通出行、健康上网和防欺凌、防溺水、防诈骗、防拐卖、防性侵等方面的安全知识教育,帮助其掌握安全知识和技能,增强其自我保护的意识和能力;

( 5 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئۇلارغا قاتناش-سەپەرگە چىقىش، ساغلام تورغا چىقىش ۋە بوزەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، ئالداپ سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛

(六)帮助未成年人树立正确的劳动观念,参加力所能及的劳动,提高生活自理能力和独立生活能力,养成吃苦耐劳的优秀品格和热爱劳动的良好习惯。

( 6 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توغرا ئەمگەك قارىشى تۇرغۇزۇشىغا، قۇربى يېتىدىغان ئەمگەككە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش.

第十七条 未成年人的父母或者其他监护人实施家庭教育,应当关注未成年人的生理、心理、智力发展状况,尊重其参与相关家庭事务和发表意见的权利,合理运用以下方式方法:

17-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئائىلە تەربىيەسى بېرىشتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق، ئەقلىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئائىلە ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، تۆۋەندىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق قوللىنىشى كېرەك :

(一)亲自养育,加强亲子陪伴;

( 1 ) ئۆزى بېقىش، ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى كۈچەيتىش؛

(二)共同参与,发挥父母双方的作用;

( 2 ) ئورتاق قاتنىشىپ، ئاتا-ئانىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

(三)相机而教,寓教于日常生活之中;

( 3 ) ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش؛

(四)潜移默化,言传与身教相结合;

( 4 ) ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، سۆز-ھەرىكەت بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش؛

(五)严慈相济,关心爱护与严格要求并重;

( 5 ) قاتتىق بولۇش بىلەن مېھرىبان بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش بىلەن قاتتىق تەلەپكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش؛

(六)尊重差异,根据年龄和个性特点进行科学引导;

( 6 ) پەرققە ھۆرمەت قىلىش، ياش ۋە خاسلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئىلمىي يېتەكلەش؛

(七)平等交流,予以尊重、理解和鼓励;

( 7 ) باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھۆرمەت قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىلھام بېرىش؛

(八)相互促进,父母与子女共同成长;

( 8 ) ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش؛

(九)其他有益于未成年人全面发展、健康成长的方式方法。

( 9 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق باشقا ئۇسۇل، ئۇسۇللار.

第十八条 未成年人的父母或者其他监护人应当树立正确的家庭教育理念,自觉学习家庭教育知识,在孕期和未成年人进入婴幼儿照护服务机构、幼儿园、中小学校等重要时段进行有针对性的学习,掌握科学的家庭教育方法,提高家庭教育的能力。

18-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى ئاڭلىق ئۆگىنىشى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مۇھىم مەزگىللەرگە كىرىپ قاراتمىلىق ھالدا ئۆگىنىشى، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئۇسۇلىنى ئىگىلىشى، ئائىلە تەربىيەسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第十九条 未成年人的父母或者其他监护人应当与中小学校、幼儿园、婴幼儿照护服务机构、社区密切配合,积极参加其提供的公益性家庭教育指导和实践活动,共同促进未成年人健康成长。

19-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، مەھەللە بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第二十条 未成年人的父母分居或者离异的,应当相互配合履行家庭教育责任,任何一方不得拒绝或者怠于履行;除法律另有规定外,不得阻碍另一方实施家庭教育。

20-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرۇشتا ياكى ئاجرىشىپ كەتكەندە، ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئۆزئارا ماسلىشىپ ئادا قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى سۇسلۇق قىلسا بولمايدۇ؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

第二十一条 未成年人的父母或者其他监护人依法委托他人代为照护未成年人的,应当与被委托人、未成年人保持联系,定期了解未成年人学习、生活情况和心理状况,与被委托人共同履行家庭教育责任。

21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھالىدىن ۋاكالىتەن خەۋەر ئېلىشنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە پىسخىك ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ، ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئادا قىلىشى كېرەك.

第二十二条 未成年人的父母或者其他监护人应当合理安排未成年人学习、休息、娱乐和体育锻炼的时间,避免加重未成年人学习负担,预防未成年人沉迷网络。

22-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第二十三条 未成年人的父母或者其他监护人不得因性别、身体状况、智力等歧视未成年人,不得实施家庭暴力,不得胁迫、引诱、教唆、纵容、利用未成年人从事违反法律法规和社会公德的活动。

23-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى جىنسى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئەقلىي ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەمسىتسە، ئائىلە زۇلۇمى سالسا، ئازدۇرسا، كۈشكۈرتسە، يول قويسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانۇن-نىزاملار ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىسا، كۈشكۈرسە، يول بەرسە، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ

第三章 国家支持

3-باب دۆلەت قوللاش

第二十四条 国务院应当组织有关部门制定、修订并及时颁布全国家庭教育指导大纲。

24-ماددا گوۋۇيۈەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى پىروگراممىسىنى تۈزۈشى، تۈزىتىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

省级人民政府或者有条件的设区的市级人民政府应当组织有关部门编写或者采用适合当地实际的家庭教育指导读本,制定相应的家庭教育指导服务工作规范和评估规范。

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شارائىتى بار رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈشى ياكى قوللىنىشى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇناسىپ قائىدىسى ۋە باھالاش قائىدىسىنى تۈزۈشى كېرەك.

第二十五条 省级以上人民政府应当组织有关部门统筹建设家庭教育信息化共享服务平台,开设公益性网上家长学校和网络课程,开通服务热线,提供线上家庭教育指导服务。

25-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئائىلە تەربىيەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئورتاق پايدىلىنىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بىرتۇتاش قۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تور ئاتا-ئانىلار مەكتىپى ۋە تور دەرسى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېچىپ، تور ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第二十六条 县级以上地方人民政府应当加强监督管理,减轻义务教育阶段学生作业负担和校外培训负担,畅通学校家庭沟通渠道,推进学校教育和家庭教育相互配合。

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەكتەپلەر بىلەن ئائىلىلەرنىڭ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

第二十七条 县级以上地方人民政府及有关部门组织建立家庭教育指导服务专业队伍,加强对专业人员的培养,鼓励社会工作者、志愿者参与家庭教育指导服务工作。

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك-مۇلازىمەت كەسپىي قوشۇنى قۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارنى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

第二十八条 县级以上地方人民政府可以结合当地实际情况和需要,通过多种途径和方式确定家庭教育指导机构。

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتىنى بېكىتسە بولىدۇ.

家庭教育指导机构对辖区内社区家长学校、学校家长学校及其他家庭教育指导服务站点进行指导,同时开展家庭教育研究、服务人员队伍建设和培训、公共服务产品研发。

ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتلىرى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى، مەكتەپ ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى ۋە باشقا ئائىلە تەربىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقاتى، مۇلازىمەت خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەلەش، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

第二十九条 家庭教育指导机构应当及时向有需求的家庭提供服务。

29-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرگە ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

对于父母或者其他监护人履行家庭教育责任存在一定困难的家庭,家庭教育指导机构应当根据具体情况,与相关部门协作配合,提供有针对性的服务。

ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدا بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، قاراتمىلىققا ئىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

第三十条 设区的市、县、乡级人民政府应当结合当地实际采取措施,对留守未成年人和困境未成年人家庭建档立卡,提供生活帮扶、创业就业支持等关爱服务,为留守未成年人和困境未成年人的父母或者其他监护人实施家庭教育创造条件。

30-ماددا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆيدە قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، تۇرمۇش ياردىمى بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىق كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى قىلىشى، ئۆيدە قالغان ئوغۇل يەتمىگەنلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

教育行政部门、妇女联合会应当采取有针对性的措施,为留守未成年人和困境未成年人的父母或者其他监护人实施家庭教育提供服务,引导其积极关注未成年人身心健康状况、加强亲情关爱。

مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆيدە قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمىتى قىلىپ، ئۇلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈشكە، قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

第三十一条 家庭教育指导机构开展家庭教育指导服务活动,不得组织或者变相组织营利性教育培训。

31-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، پايدا ئالىدىغان تەلىم-تەربىيە تەشكىللىسە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىسە بولمايدۇ.

第三十二条 婚姻登记机构和收养登记机构应当通过现场咨询辅导、播放宣传教育片等形式,向办理婚姻登记、收养登记的当事人宣传家庭教育知识,提供家庭教育指导。

32-ماددا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئاپپاراتى ۋە بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئاپپاراتى نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق-تەربىيە فىلىمى قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش، بېقىۋېلىشنى تىزىملاتقان ئالاقىدارلارغا ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第三十三条 儿童福利机构、未成年人救助保护机构应当对本机构安排的寄养家庭、接受救助保护的未成年人的父母或者其他监护人提供家庭教育指导。

33-ماددا بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش-قوغداش ئاپپاراتلىرى شۇ ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرغان باقتۇرۇش ئائىلىسى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، قوغداشنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第三十四条 人民法院在审理离婚案件时,应当对有未成年子女的夫妻双方提供家庭教育指导。

34-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى بار ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بېرىشى كېرەك.

第三十五条 妇女联合会发挥妇女在弘扬中华民族家庭美德、树立良好家风等方面的独特作用,宣传普及家庭教育知识,通过家庭教育指导机构、社区家长学校、文明家庭建设等多种渠道组织开展家庭教育实践活动,提供家庭教育指导服务。

35-ماددا ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى، مەھەللە ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى، مەدەنىي ئائىلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第三十六条 自然人、法人和非法人组织可以依法设立非营利性家庭教育服务机构。

36-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە پايدا ئالمايدىغان ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ.

县级以上地方人民政府及有关部门可以采取政府补贴、奖励激励、购买服务等扶持措施,培育家庭教育服务机构。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش، مۇكاپاتلاش-رىغبەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرسە بولىدۇ.

教育、民政、卫生健康、市场监督管理等有关部门应当在各自职责范围内,依法对家庭教育服务机构及从业人员进行指导和监督。

مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە-ساغلاملىق، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە كەسىپكارلىرىنى قانۇن بويىچە يېتەكلىشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك.

第三十七条 国家机关、企业事业单位、群团组织、社会组织应当将家风建设纳入单位文化建设,支持职工参加相关的家庭教育服务活动。

37-ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئورۇن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

文明城市、文明村镇、文明单位、文明社区、文明校园和文明家庭等创建活动,应当将家庭教育情况作为重要内容。

مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەھەللە، مەدەنىي مەكتەپ ۋە مەدەنىي ئائىلە قاتارلىق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئائىلە تەربىيەسى ئەھۋالىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

第四章 社会协同

4-باب جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشى

第三十八条 居民委员会、村民委员会可以依托城乡社区公共服务设施,设立社区家长学校等家庭教育指导服务站点,配合家庭教育指导机构组织面向居民、村民的家庭教育知识宣传,为未成年人的父母或者其他监护人提供家庭教育指导服务。

38-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شەھەر-يېزا مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، مەھەللە ئائىلە باشلىقى مەكتىپى قاتارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ، ئاھالىگە ۋە كەنت ئاھالىسىگە يۈزلەنگەن ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

第三十九条 中小学校、幼儿园应当将家庭教育指导服务纳入工作计划,作为教师业务培训的内容。

39-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

第四十条 中小学校、幼儿园可以采取建立家长学校等方式,针对不同年龄段未成年人的特点,定期组织公益性家庭教育指导服务和实践活动,并及时联系、督促未成年人的父母或者其他监护人参加。

40-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قەرەللىك تەشكىللىسە ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشسا، ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

第四十一条 中小学校、幼儿园应当根据家长的需求,邀请有关人员传授家庭教育理念、知识和方法,组织开展家庭教育指导服务和实践活动,促进家庭与学校共同教育。

41-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى، بىلىمى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئورتاق تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第四十二条 具备条件的中小学校、幼儿园应当在教育行政部门的指导下,为家庭教育指导服务站点开展公益性家庭教育指导服务活动提供支持。

42-ماددا شارائىتى ھازىرلانغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

第四十三条 中小学校发现未成年学生严重违反校规校纪的,应当及时制止、管教,告知其父母或者其他监护人,并为其父母或者其他监护人提供有针对性的家庭教育指导服务;发现未成年学生有不良行为或者严重不良行为的,按照有关法律规定处理。

43-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ قائىدىسى، مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇشى، باشقۇرۇشى، ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يا باشقا ۋەسىيلىرىنى قاراتمىلىققا ئىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردا ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىش بايقالسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第四十四条 婴幼儿照护服务机构、早期教育服务机构应当为未成年人的父母或者其他监护人提供科学养育指导等家庭教育指导服务。

44-ماددا بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى ئىلمىي بېقىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第四十五条 医疗保健机构在开展婚前保健、孕产期保健、儿童保健、预防接种等服务时,应当对有关成年人、未成年人的父母或者其他监护人开展科学养育知识和婴幼儿早期发展的宣传和指导。

45-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى ساقلىق ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدە ساقلىق ساقلاش، بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئىلمىي بېقىش بىلىملىرى ۋە بوۋاقلار-بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا دائىر تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第四十六条 图书馆、博物馆、文化馆、纪念馆、美术馆、科技馆、体育场馆、青少年宫、儿童活动中心等公共文化服务机构和爱国主义教育基地每年应当定期开展公益性家庭教育宣传、家庭教育指导服务和实践活动,开发家庭教育类公共文化服务产品。

46-ماددا كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، خاتىرە سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى، ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، بالىلار پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرى ھەر يىلى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقاتى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى تۈرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشى كېرەك.

广播、电视、报刊、互联网等新闻媒体应当宣传正确的家庭教育知识,传播科学的家庭教育理念和方法,营造重视家庭教育的良好社会氛围。

رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى تارقىتىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

第四十七条 家庭教育服务机构应当加强自律管理,制定家庭教育服务规范,组织从业人员培训,提高从业人员的业务素质和能力。

47-ماددا ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تەلەپچانلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، كەسىپكارلارنى تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第四十八条 未成年人住所地的居民委员会、村民委员会、妇女联合会,未成年人的父母或者其他监护人所在单位,以及中小学校、幼儿园等有关密切接触未成年人的单位,发现父母或者其他监护人拒绝、怠于履行家庭教育责任,或者非法阻碍其他监护人实施家庭教育的,应当予以批评教育、劝诫制止,必要时督促其接受家庭教育指导。

48-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى، سۇسلۇق قىلغانلىقىنى بايقىسا ياكى باشقا ۋەھىيلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بېرىشىگە قانۇنسىز توسقۇنلۇق قىلسا، تەنقىد-تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

未成年人的父母或者其他监护人依法委托他人代为照护未成年人,有关单位发现被委托人不依法履行家庭教育责任的,适用前款规定。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھالىدىن ۋاكالىتەن خەۋەر ئېلىشنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا ھاۋالە قىلغاندا، ئالاقىدار ئورۇنلار ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四十九条 公安机关、人民检察院、人民法院在办理案件过程中,发现未成年人存在严重不良行为或者实施犯罪行为,或者未成年人的父母或者其他监护人不正确实施家庭教育侵害未成年人合法权益的,根据情况对父母或者其他监护人予以训诫,并可以责令其接受家庭教育指导。

49-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو بېجىرىش جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىش بارلىقىنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى توغرا ئېلىپ بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىسا، ئەھۋالغا قاراپ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىگە تەنبىھ بېرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

第五十条 负有家庭教育工作职责的政府部门、机构有下列情形之一的,由其上级机关或者主管单位责令限期改正;情节严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法予以处分:

50-ماددا ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەسئۇل ئورنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)不履行家庭教育工作职责;

( 1 ) ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛

(二)截留、挤占、挪用或者虚报、冒领家庭教育工作经费;

( 2 ) ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش ياكى يالغان مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىۋېلىش؛

(三)其他滥用职权、玩忽职守或者徇私舞弊的情形。

( 3 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىدىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىدىغان ياكى نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第五十一条 家庭教育指导机构、中小学校、幼儿园、婴幼儿照护服务机构、早期教育服务机构违反本法规定,不履行或者不正确履行家庭教育指导服务职责的,由主管部门责令限期改正;情节严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法予以处分。

51-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان بولسا، مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十二条 家庭教育服务机构有下列情形之一的,由主管部门责令限期改正;拒不改正或者情节严重的,由主管部门责令停业整顿、吊销营业执照或者撤销登记:

52-ماددا ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى مەسئۇل تارماق ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا ياكى تىزىملاشنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇيدۇ :

(一)未依法办理设立手续;

( 1 ) تەسىس قىلىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرمىگەنلەر؛

(二)从事超出许可业务范围的行为或作虚假、引人误解宣传,产生不良后果;

( 2 ) ئىجازەت كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىلمىش سادىر قىلىپ ياكى ساختا، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(三)侵犯未成年人及其父母或者其他监护人合法权益。

( 3 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش.

第五十三条 未成年人的父母或者其他监护人在家庭教育过程中对未成年人实施家庭暴力的,依照《中华人民共和国未成年人保护法》、《中华人民共和国反家庭暴力法》等法律的规定追究法律责任。

53-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن ئائىلە تەربىيەسى جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلۇمى سالغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

第五十四条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法予以治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六章 附  则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第五十五条 本法自2022年1月1日起施行。

55-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.