中华人民共和国归侨侨眷权益保护法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى

(1990年9月7日第七届全国人民代表大会常务委员会第十五次会议通过 根据2000年10月31日第九届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议《关于修改<中华人民共和国归侨侨眷权益保护法>的决定》第一次修正 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》第二次修正)

( 1990-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىدا ماقۇللانغان يىغىندا «قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

第一条 为了保护归侨、侨眷的合法的权利和利益,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 归侨是指回国定居的华侨。华侨是指定居在国外的中国公民。

2-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان چياۋمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. خۇاچياۋ چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى كۆرسىتىدۇ.

侨眷是指华侨、归侨在国内的眷属。

چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى _ خۇاچياۋ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلە تەۋەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称侨眷包括:华侨、归侨的配偶,父母,子女及其配偶,兄弟姐妹,祖父母、外祖父母,孙子女、外孙子女,以及同华侨、归侨有长期扶养关系的其他亲属。

本法所称侨眷包括:华侨、归侨的配偶,父母,子女及其配偶,兄弟姐妹,祖父母、外祖父母,孙子女、外孙子女,以及同华侨、归侨有长期扶养关系的其他亲属。

第三条 归侨、侨眷享有宪法和法律规定的公民的权利,并履行宪法和法律规定的公民的义务,任何组织或者个人不得歧视。

3-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

国家根据实际情况和归侨、侨眷的特点,给予适当照顾,具体办法由国务院或者国务院有关主管部门规定。

دۆلەت ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第四条 县级以上各级人民政府及其负责侨务工作的机构,组织协调有关部门做好保护归侨、侨眷的合法权益的工作。

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چياۋمىنلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

第五条 国家对回国定居的华侨给予安置。

第五条 国家对回国定居的华侨给予安置。

第六条 全国人民代表大会和归侨人数较多地区的地方人民代表大会应当有适当名额的归侨代表。

6-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار كۆپرەك بولغان رايونلاردىكى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمېنلارنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

第七条 归侨、侨眷有权依法申请成立社会团体,进行适合归侨、侨眷需要的合法的社会活动。

7-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن ۋە چياۋمىنلار دۆلەت تەۋەلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان قانۇنلۇق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق.

归侨、侨眷依法成立的社会团体的财产受法律保护,任何组织或者个人不得侵犯。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قانۇن بويىچە قۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第八条 中华全国归国华侨联合会和地方归国华侨联合会代表归侨、侨眷的利益,依法维护归侨、侨眷的合法权益。

8-ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگولۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگولۇق خۇاچياۋلار بىرلەشمىلىرى ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋاكالىتەن، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن ۋە چياۋمىنلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

第九条 国家对安置归侨的农场、林场等企业给予扶持,任何组织或者个人不得侵占其合法使用的土地,不得侵犯其合法权益。

9-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانى، ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق كارخانىلارنى يۆلەيدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىۋاتقان يېرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

在安置归侨的农场、林场等企业所在的地方,可以根据需要合理设置学校和医疗保健机构,国家在人员、设备、经费等方面给予扶助。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانى، ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق كارخانىلار جايلاشقان جايلاردا ئېھتىياجغا قاراپ مەكتەپ ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، دۆلەت خادىم، ئۈسكۈنە، خىراجەت قاتارلىق جەھەتلەردە يار-يۆلەك بولىدۇ.

第十条 国家依法维护归侨、侨眷职工的社会保障权益。用人单位及归侨、侨眷职工应当依法参加当地的社会保险,缴纳社会保险费用。

10-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قانۇن بويىچە شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

对丧失劳动能力又无经济来源或者生活确有困难的归侨、侨眷,当地人民政府应当给予救济。

ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ھەم ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق ياكى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار بولغان ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇشى كېرەك.

第十一条 国家鼓励和引导归侨、侨眷依法投资兴办产业,特别是兴办高新技术企业,各级人民政府应当给予支持,其合法权益受法律保护。

11-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ كەسىپ قۇرۇشىغا، بولۇپمۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەدەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第十二条 归侨、侨眷在国内兴办公益事业,各级人民政府应当给予支持,其合法权益受法律保护。

12-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەدەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدىشى كېرەك.

归侨、侨眷境外亲友捐赠的物资用于国内公益事业的,依照法律、行政法规的规定减征或者免征关税和进口环节的增值税。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالارنى دۆلەت ئىچى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلەردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

第十三条 国家依法保护归侨、侨眷在国内私有房屋的所有权。

13-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خۇسۇسىي ئۆيلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

依法征收、征用、拆迁归侨、侨眷私有房屋的,建设单位应当按照国家有关规定给予合理补偿和妥善安置。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شەخسىي ئۆيلىرىنى قانۇن بويىچە ئالغان، ئېلىپ ئىشلەتكەن، چېقىپ كۆچۈرگەنلەرگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

第十四条 各级人民政府应当对归侨、侨眷就业给予照顾,提供必要的指导和服务。

14-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئېتىبار بېرىشى، زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

归侨学生、归侨子女和华侨在国内的子女升学,按照国家有关规定给予照顾。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن ئوقۇغۇچىلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە خۇاچياۋلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پەرزەنتلىرى ئۆرلەپ ئوقۇسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

第十五条 国家保护归侨、侨眷的侨汇收入。

15-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چياۋمىنلار تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى قوغدايدۇ.

第十六条 归侨、侨眷有权接受境外亲友的遗赠或者赠与。

16-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى چېگرا سىرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ۋەسىيەتلىك ھەدىيەسى ياكى ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

归侨、侨眷继承境外遗产的权益受法律保护。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

归侨、侨眷有权处分其在境外的财产。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئۇلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第十七条 归侨、侨眷与境外亲友的往来和通讯受法律保护。

17-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئالاقىسىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第十八条 归侨、侨眷申请出境,有关主管部门应当在规定期限内办理手续。

18-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى چېگرادىن چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.

归侨、侨眷确因境外直系亲属病危、死亡或者限期处理境外财产等特殊情况急需出境的,有关主管部门应当根据申请人提供的有效证明优先办理手续。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى چېگرا سىرتىدىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قېلىش، ئۆلۈپ كېتىش ياكى چېگرا سىرتىدىكى مال-مۈلكىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن چېگرادىن چىقىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ئۈنۈملۈك ئىسپاتقا ئاساسەن ئاۋۋال رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.

第十九条 国家保障归侨、侨眷出境探亲的权利。

19-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تۇغقان يوقلاش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

归侨、侨眷职工按照国家有关规定享受出境探亲的待遇。

ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادىن چىقىپ تۇغقان يوقلاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第二十条 归侨、侨眷可以按照国家有关规定申请出境定居,经批准出境定居的,任何组织或者个人不得损害其合法权益。

20-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەستىقلىتىش ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

离休、退休、退职的归侨、侨眷职工出境定居的,其离休金、退休金、退职金、养老金照发。

دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققان، خىزمىتىدىن چېكىنگەن ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر چېگرادىن چىقىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش پۇلى، پېنسىيە پۇلى، خىزمەتتىن چېكىنىش پۇلى، كۈتۈنۈش پۇلى تولۇق تارقىتىلىدۇ.

第二十一条 归侨、侨眷申请自费出境学习、讲学的,或者因经商出境的,其所在单位和有关部门应当提供便利。

21-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن چېگرادىن چىقىپ ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى ياكى سودا قىلىش، چېگرادىن چىقىش بىلەن شۇغۇللانغانلىرىغا تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第二十二条 国家对归侨、侨眷在境外的正当权益,根据中华人民共和国缔结或者参加的国际条约或者国际惯例,给予保护。

22-ماددا دۆلەت ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى خەلقئارا ئادەت بويىچە قوغدايدۇ.

第二十三条 归侨、侨眷合法权益受到侵害时,被侵害人有权要求有关主管部门依法处理,或者向人民法院提起诉讼。归国华侨联合会应当给予支持和帮助。

23-ماددا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第二十四条 国家机关工作人员玩忽职守或者滥用职权,致使归侨、侨眷合法权益受到损害的,其所在单位或者上级主管机关应当责令改正或者给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

24-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنى ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگىنى تۈزىتىشكە ياكى مەمۇرىي جازا بېرىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第二十五条 任何组织或者个人侵害归侨、侨眷的合法权益,造成归侨、侨眷财产损失或者其他损害的,依法承担民事责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

25-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخستىن ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چياۋمىنلەر ئائىلە تەۋەلىرىنى مال-مۈلۈك زىيانغا ياكى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第二十六条 违反本法第九条第一款规定,非法占用安置归侨的农场、林场合法使用的土地,有关主管部门应当责令退还;造成损失的,依法承担赔偿责任。

26-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېھقانچىلىق مەيدانى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلەتكەن يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十七条 违反本法第十三条规定,非法侵占归侨、侨眷在国内私有房屋的,有关主管部门应当责令退还;造成损失的,依法承担赔偿责任。

27-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خۇسۇسىي ئۆيىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十八条 违反本法第二十条第二款规定,停发、扣发、侵占或者挪用出境定居的归侨、侨眷的离休金、退休金、退职金、养老金的,有关单位或者有关主管部门应当责令补发,并依法给予赔偿;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

28-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرادىن چىقىپ ئولتۇراقلاشقان ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش پۇلى، پېنسىيە پۇلى، خىزمەتتىن چېكىنىش پۇلى ۋە كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشنى توختاتقان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تولۇقلاپ تارقىتىشقا بۇيرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第二十九条 国务院根据本法制定实施办法。

29-ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىدۇ.

省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会可以根据本法和国务院的实施办法,制定实施办法。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يولغا قويۇش چارىسىگە ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第三十条 本法自1991年1月1日起施行。

30-ماددا بۇ قانۇن 1991-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.