(2006年4月29日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2006-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2006年4月29日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2006-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
第一条 为了规范中华人民共和国护照的申请、签发和管理,保障中华人民共和国公民出入中华人民共和国国境的权益,促进对外交往,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىلتىماس قىلىش، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن كىرىش-چىقىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تاشقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 中华人民共和国护照是中华人民共和国公民出入国境和在国外证明国籍和身份的证件。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن كىرىش-چىقىش ۋە چەت ئەلدە دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش گۇۋاھنامىسىدۇر.
任何组织或者个人不得伪造、变造、转让、故意损毁或者非法扣押护照。
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پاسپورتنى ياسىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە، قەستەن بۇزۇۋېتىشىگە ياكى قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第三条 护照分为普通护照、外交护照和公务护照。
3-ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتىغا بۆلۈنىدۇ.
护照由外交部通过外交途径向外国政府推介。
پاسپورتنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرىدۇ.
第四条 普通护照由公安部出入境管理机构或者公安部委托的县级以上地方人民政府公安机关出入境管理机构以及中华人民共和国驻外使馆、领馆和外交部委托的其他驻外机构签发。
4-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپارات ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
外交护照由外交部签发。
دىپلوماتىيە پاسپورتىغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
公务护照由外交部、中华人民共和国驻外使馆、领馆或者外交部委托的其他驻外机构以及外交部委托的省、自治区、直辖市和设区的市人民政府外事部门签发。
ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلار، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلىنغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
第五条 公民因前往外国定居、探亲、学习、就业、旅行、从事商务活动等非公务原因出国的,由本人向户籍所在地的县级以上地方人民政府公安机关出入境管理机构申请普通护照。
5-ماددا پۇقرالار چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا پائالىيىتى قىلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشىدىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەلگە چىقسا، شۇ كىشى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىدۇ.
第六条 公民申请普通护照,应当提交本人的居民身份证、户口簿、近期免冠照片以及申请事由的相关材料。国家工作人员因本法第五条规定的原因出境申请普通护照的,还应当按照国家有关规定提交相关证明文件。
6-ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆزىنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى، شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. دۆلەت خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋەب بىلەن چېگرادىن چىقىپ ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
公安机关出入境管理机构应当自收到申请材料之日起十五日内签发普通护照;对不符合规定不予签发的,应当书面说明理由,并告知申请人享有依法申请行政复议或者提起行政诉讼的权利。
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىمزا قويۇپ بېرىشى كېرەك؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى ئىمزا قويۇپ بەرمىسە، سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
在偏远地区或者交通不便的地区或者因特殊情况,不能按期签发护照的,经护照签发机关负责人批准,签发时间可以延长至三十日。
چەت، يىراق رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلاردا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا ئىمزا قويۇپ تارقىتالمىغانلار پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتسا بولىدۇ.
公民因合理紧急事由请求加急办理的,公安机关出入境管理机构应当及时办理。
پۇقرالار مۇۋاپىق جىددىي سەۋەب بىلەن جىددىي بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك.
第七条 普通护照的登记项目包括:护照持有人的姓名、性别、出生日期、出生地,护照的签发日期、有效期、签发地点和签发机关。
7-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنى تىزىملاش تۈرى پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، پاسپورتنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورۇن ۋە ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
普通护照的有效期为:护照持有人未满十六周岁的五年,十六周岁以上的十年。
ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى:پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا بەش يىل، 16 ياشتىن ئاشقان بولسا ئون يىل بولىدۇ.
普通护照的具体签发办法,由公安部规定。
ئادەتتىكى پاسپورتقا كونكرېت ئىمزا قويۇپ بېرىش چارىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
第八条 外交官员、领事官员及其随行配偶、未成年子女和外交信使持用外交护照。
8-ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇل ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ بىللە بارغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى دىپلوماتىيە پاسپورتى ئىشلىتىدۇ.
在中华人民共和国驻外使馆、领馆或者联合国、联合国专门机构以及其他政府间国际组织中工作的中国政府派出的职员及其随行配偶、未成年子女持用公务护照。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىدا، شۇنىڭدەك باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋەتكەن خىزمەتچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بىللە بارغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ.
前两款规定之外的公民出国执行公务的,由其工作单位依照本法第四条第二款、第三款的规定向外交部门提出申请,由外交部门根据需要签发外交护照或者公务护照。
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا پۇقرالار چەت ئەلگە چىقىپ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلسا، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى مۇشۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، دىپلوماتىيە تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى ھۆكۈمەت پاسپورتىغا ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ.
第九条 外交护照、公务护照的登记项目包括:护照持有人的姓名、性别、出生日期、出生地,护照的签发日期、有效期和签发机关。
9-ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنى تىزىملاش تۈرى پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، پاسپورتنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
外交护照、公务护照的签发范围、签发办法、有效期以及公务护照的具体类别,由外交部规定。
دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش دائىرىسى، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش چارىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتىنىڭ كونكرېت تۈرىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
第十条 护照持有人所持护照的登记事项发生变更时,应当持相关证明材料,向护照签发机关申请护照变更加注。
10-ماددا پاسپورت ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ئىلكىدىكى پاسپورتنىڭ تىزىملىتىدىغان ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگانغا پاسپورتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第十一条 有下列情形之一的,护照持有人可以按照规定申请换发或者补发护照:
11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمە بويىچە پاسپورتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :
(一)护照有效期即将届满的;
( 1 ) پاسپورتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشاي دەپ قالغانلار؛
(二)护照签证页即将使用完毕的;
( 2 ) پاسپورت ۋىزا بېتى ئىشلىتىلىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار؛
(三)护照损毁不能使用的;
( 3 ) پاسپورت بۇزۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولمىسا؛
(四)护照遗失或者被盗的;
( 4 ) پاسپورتى يىتىپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان بولسا؛
(五)有正当理由需要换发或者补发护照的其他情形。
( 5 ) يوللۇق سەۋەب بىلەن پاسپورت ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ياكى تولۇقلاپ تارقىتىشقا توغرا كېلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
护照持有人申请换发或者补发普通护照,在国内,由本人向户籍所在地的县级以上地方人民政府公安机关出入境管理机构提出;在国外,由本人向中华人民共和国驻外使馆、领馆或者外交部委托的其他驻外机构提出。定居国外的中国公民回国后申请换发或者补发普通护照的,由本人向暂住地的县级以上地方人民政府公安机关出入境管理机构提出。
پاسپورت ئىگىسى ئادەتتىكى پاسپورتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، دۆلەت ئىچىدە، شۇ كىشى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كۆرسىتىدۇ؛ چەت ئەلدە، شۇ كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىغا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلارغا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئادەتتىكى پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، شۇ كىشى ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇنىدۇ.
外交护照、公务护照的换发或者补发,按照外交部的有关规定办理。
دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ياكى تولۇقلاپ تارقىتىش دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
第十二条 护照具备视读与机读两种功能。
12-ماددا پاسپورت ئوقۇپ كۆرۈش ۋە ماشىنىدا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان.
护照的防伪性能参照国际技术标准制定。
پاسپورتنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارا تېخنىكا ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
护照签发机关及其工作人员对因制作、签发护照而知悉的公民个人信息,应当予以保密。
پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پاسپورت ياساش، ئىمزا قويۇپ بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
第十三条 申请人有下列情形之一的,护照签发机关不予签发护照:
13-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتقا ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ :
(一)不具有中华人民共和国国籍的;
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولمىغانلار؛
(二)无法证明身份的;
( 2 ) سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛
(三)在申请过程中弄虚作假的;
( 3 ) ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛
(四)被判处刑罚正在服刑的;
( 4 ) جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئۆتەۋاتقانلار؛
(五)人民法院通知有未了结的民事案件不能出境的;
( 5 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ئاياغلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولسا چېگرادىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلار؛
(六)属于刑事案件被告人或者犯罪嫌疑人的;
( 6 ) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارىغا تەۋە بولغانلار؛
(七)国务院有关主管部门认为出境后将对国家安全造成危害或者对国家利益造成重大损失的。
( 7 ) گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى چېگرادىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئىتىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىسا.
第十四条 申请人有下列情形之一的,护照签发机关自其刑罚执行完毕或者被遣返回国之日起六个月至三年以内不予签发护照:
14-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ 6 ئايدىن 3 يىلغىچە پاسپورتقا ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ :
(一)因妨害国(边)境管理受到刑事处罚的;
( 1 ) دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛
(二)因非法出境、非法居留、非法就业被遣返回国的。
( 2 ) چېگرادىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر.
第十五条 人民法院、人民检察院、公安机关、国家安全机关、行政监察机关因办理案件需要,可以依法扣押案件当事人的护照。
15-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، مەمۇرىي رېۋىزىيە ئورگىنى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن، دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
案件当事人拒不交出护照的,前款规定的国家机关可以提请护照签发机关宣布案件当事人的护照作废。
دېلودىكى ئالاقىدارلار پاسپورتنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگىنى پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگانغا دېلودىكى ئالاقىدارلارنىڭ پاسپورتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشنى سۇنسا بولىدۇ.
第十六条 护照持有人丧失中华人民共和国国籍,或者护照遗失、被盗等情形,由护照签发机关宣布该护照作废。
16-ماددا پاسپورت ئىلكىدە تۇتقۇچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالسا ياكى پاسپورت يىتىپ كەتسە، ئوغرىلانسا، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان شۇ پاسپورتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
伪造、变造、骗取或者被签发机关宣布作废的护照无效。
ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ئورگان ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان پاسپورت ئىناۋەتسىز.
第十七条 弄虚作假骗取护照的,由护照签发机关收缴护照或者宣布护照作废;由公安机关处二千元以上五千元以下罚款;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
17-ماددا پاسپورتنى ساختىپەزلىك بىلەن ئالداپ ئېلىۋالسا، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتنى يىغىۋالىدۇ ياكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第十八条 为他人提供伪造、变造的护照,或者出售护照的,依法追究刑事责任;尚不够刑事处罚的,由公安机关没收违法所得,处十日以上十五日以下拘留,并处二千元以上五千元以下罚款;非法护照及其印制设备由公安机关收缴。
18-ماددا باشقىلارغا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان پاسپورت بەرگەن ياكى پاسپورت ساتقانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنسىز پاسپورت ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
第十九条 持用伪造或者变造的护照或者冒用他人护照出入国(边)境的,由公安机关依照出境入境管理的法律规定予以处罚;非法护照由公安机关收缴。
19-ماددا ياسىۋالغان ياكى ئۆزگەرتىۋالغان پاسپورتنى ئىشلەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىپ دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىغا كىرگەن-چىققانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ؛ قانۇنسىز پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
第二十条 护照签发机关工作人员在办理护照过程中有下列行为之一的,依法给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任:
20-ماددا پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگان خادىملىرىدىن پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
(一)应当受理而不予受理的;
( 1 ) قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغانلار؛
(二)无正当理由不在法定期限内签发的;
( 2 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئىمزا قويۇپ تارقاتمىغانلار؛
(三)超出国家规定标准收取费用的;
( 3 ) ھەق دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئېلىنغانلار؛
(四)向申请人索取或者收受贿赂的;
( 4 ) ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پارا سورىغان ياكى پارا ئالغانلار؛
(五)泄露因制作、签发护照而知悉的公民个人信息,侵害公民合法权益的;
( 5 ) پاسپورت ياساش، ئىمزا قويۇش ئارقىلىق بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار؛
(六)滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的其他行为。
( 6 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
第二十一条 普通护照由公安部规定式样并监制;外交护照、公务护照由外交部规定式样并监制。
21-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ نۇسخىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسايدۇ؛ دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنىڭ نۇسخىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسايدۇ.
第二十二条 护照签发机关可以收取护照的工本费、加注费。收取的工本费和加注费上缴国库。
22-ماددا پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتنىڭ تەننەرخ ھەققى، ئىزاھات ھەققى ئالسا بولىدۇ. ئېلىنغان تەننەرخ ھەققى ۋە دو تىكىش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
护照工本费和加注费的标准由国务院价格行政部门会同国务院财政部门规定、公布。
پاسپورتنىڭ تەننەرخ ھەققى ۋە دو تىكىش ھەققىنىڭ ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
第二十三条 短期出国的公民在国外发生护照遗失、被盗或者损毁不能使用等情形,应当向中华人民共和国驻外使馆、领馆或者外交部委托的其他驻外机构申请中华人民共和国旅行证。
23-ماددا قىسقا مۇددەت چەت ئەلگە چىقىدىغان پۇقرالاردا چەت ئەلدە پاسپورتى يىتىپ كېتىش، ئوغرىلىنىش ياكى بۇزۇلۇپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第二十四条 公民从事边境贸易、边境旅游服务或者参加边境旅游等情形,可以向公安部委托的县级以上地方人民政府公安机关出入境管理机构申请中华人民共和国出入境通行证。
24-ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىش ياكى چېگرا ساياھىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
第二十五条 公民以海员身份出入国境和在国外船舶上从事工作的,应当向交通部委托的海事管理机构申请中华人民共和国海员证。
25-ماددا پۇقرالار دېڭىز خادىمى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت چېگراسىغا كىرىپ-چىققاندا ۋە چەت ئەل كېمىلىرىدە خىزمەت قىلغاندا، قاتناش مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز خادىمى گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第二十六条 本法自2007年1月1日起施行。本法施行前签发的护照在有效期内继续有效。
26-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان پاسپورت كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە.