中华人民共和国政府采购法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى

(2002年6月29日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十八次会议通过 根据2014年8月31日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改<中华人民共和国保险法>等五部法律的决定》修正)

( 2002-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2014-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى > قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 政府采购当事人

2-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختاملاشقۇچىلىرى

第三章 政府采购方式

3-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئۇسۇلى

第四章 政府采购程序

4-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تەرتىپى

第五章 政府采购合同

5-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامى

第六章 质疑与投诉

6-باب گۇمان ۋە ئەرز

第七章 监督检查

7-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范政府采购行为,提高政府采购资金的使用效益,维护国家利益和社会公共利益,保护政府采购当事人的合法权益,促进廉政建设,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 在中华人民共和国境内进行的政府采购适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

本法所称政府采购,是指各级国家机关、事业单位和团体组织,使用财政性资金采购依法制定的集中采购目录以内的或者采购限额标准以上的货物、工程和服务的行为。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى ئىشلىتىپ، قانۇن بويىچە تۈزگەن مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ياكى سېتىۋېلىش چېكى، ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولغان مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

政府集中采购目录和采购限额标准依照本法规定的权限制定。

ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى ۋە سېتىۋېلىش چەك ئۆلچىمى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

本法所称采购,是指以合同方式有偿取得货物、工程和服务的行为,包括购买、租赁、委托、雇用等。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سېتىۋېلىش مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەتكە توختام شەكلىدە ھەقلىق ئېرىشىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سېتىۋېلىش، ئىجارە بېرىش، ھاۋالە قىلىش، ياللاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

本法所称货物,是指各种形态和种类的物品,包括原材料、燃料、设备、产品等。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مال خام ئەشيا-ماتېرىيال، يېقىلغۇ، ئۈسكۈنە، مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى ۋە تۈردىكى بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称工程,是指建设工程,包括建筑物和构筑物的新建、改建、扩建、装修、拆除、修缮等。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرۇلۇش قۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش، بېزەش، چېقىش، رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

本法所称服务,是指除货物和工程以外的其他政府采购对象。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇلازىمەت مال ۋە قۇرۇلۇشتىن باشقا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئوبيېكتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 政府采购应当遵循公开透明原则、公平竞争原则、公正原则和诚实信用原则。

3-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپى، ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

第四条 政府采购工程进行招标投标的,适用招标投标法。

4-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرغان-خېرىدار چىققان بولسا، خېرىدار چاقىرىپ خېرىدار چىقىش قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

第五条 任何单位和个人不得采用任何方式,阻挠和限制供应商自由进入本地区和本行业的政府采购市场。

5-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل قوللىنىپ، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ شۇ رايون ۋە شۇ ساھەدىكى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش بازىرىغا ئەركىن كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە چەك قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第六条 政府采购应当严格按照批准的预算执行。

6-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى تەستىقلانغان خامچوتقا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.

第七条 政府采购实行集中采购和分散采购相结合。集中采购的范围由省级以上人民政府公布的集中采购目录确定。

7-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش بىلەن تارقاق سېتىۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى بېكىتىدۇ.

属于中央预算的政府采购项目,其集中采购目录由国务院确定并公布;属于地方预算的政府采购项目,其集中采购目录由省、自治区、直辖市人民政府或者其授权的机构确定并公布。

مەركەز خامچوتىغا تەۋە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ يەرلىك خامچوتقا تەۋە بولغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

纳入集中采购目录的政府采购项目,应当实行集中采购。

مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدە مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

第八条 政府采购限额标准,属于中央预算的政府采购项目,由国务院确定并公布;属于地方预算的政府采购项目,由省、自治区、直辖市人民政府或者其授权的机构确定并公布。

8-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش نورمىسى ئۆلچىمىنى مەركەز خامچوتىغا تەۋە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ يەرلىك خامچوتقا تەۋە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

第九条 政府采购应当有助于实现国家的经济和社会发展政策目标,包括保护环境,扶持不发达地区和少数民族地区,促进中小企业发展等。

9-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر سىياسەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى، جۈملىدىن مۇھىت ئاسراش، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى يۆلەش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

第十条 政府采购应当采购本国货物、工程和服务。但有下列情形之一的除外:

10-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا ئۆز دۆلىتىنىڭ مېلى، قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش كېرەك. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)需要采购的货物、工程或者服务在中国境内无法获取或者无法以合理的商业条件获取的;

( 1 ) سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەتكە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئېرىشكىلى بولمىسا ياكى مۇۋاپىق سودا شارائىتىدا ئېرىشكىلى بولمىسا؛

(二)为在中国境外使用而进行采购的;

( 2 ) جۇڭگو چېگرا سىرتىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلار؛

(三)其他法律、行政法规另有规定的。

( 3 ) باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا.

前款所称本国货物、工程和服务的界定,依照国务院有关规定执行。

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئۆز دۆلىتىنىڭ مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمىتىنى بېكىتىش گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

第十一条 政府采购的信息应当在政府采购监督管理部门指定的媒体上及时向社会公开发布,但涉及商业秘密的除外。

11-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرىنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن تاراتقۇدا جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك، لېكىن سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第十二条 在政府采购活动中,采购人员及相关人员与供应商有利害关系的,必须回避。供应商认为采购人员及相关人员与其他供应商有利害关系的,可以申请其回避。

12-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە، سېتىۋالغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى شەرت. تەمىنلىگۈچى سودىگەر سېتىۋالغۇچى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىسا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

前款所称相关人员,包括招标采购中评标委员会的组成人员,竞争性谈判采购中谈判小组的组成人员,询价采购中询价小组的组成人员等。

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئالاقىدار خادىملار خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتا خېرىدار باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، رىقابەتلىك سۆھبەتلىشىپ سېتىۋېلىشتا سۆھبەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى خادىملار، باھا سۈرۈشتۈرۈپ سېتىۋېلىشتا باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى خادىملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第十三条 各级人民政府财政部门是负责政府采购监督管理的部门,依法履行对政府采购活动的监督管理职责。

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار بولۇپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

各级人民政府其他有关部门依法履行与政府采购活动有关的监督管理职责。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

第二章 政府采购当事人

2-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختاملاشقۇچىلىرى

第十四条 政府采购当事人是指在政府采购活动中享有权利和承担义务的各类主体,包括采购人、供应商和采购代理机构等。

14-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى توختاملاشقۇچىلار ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان تۈرلۈك سۇبيېكتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سېتىۋالغۇچى، تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第十五条 采购人是指依法进行政府采购的国家机关、事业单位、团体组织。

15-ماددا سېتىۋالغۇچى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋالىدىغان دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن، كوللېكتىپ تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

第十六条 集中采购机构为采购代理机构。设区的市、自治州以上人民政府根据本级政府采购项目组织集中采购的需要设立集中采购机构。

16-ماددا مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بولىدۇ. رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈرىنى تەشكىللەپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ.

集中采购机构是非营利事业法人,根据采购人的委托办理采购事宜。

مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئاپپاراتى پايدا ئالمايدىغان كەسپىي قانۇنىي ئىگە بولسا، سېتىۋالغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ.

第十七条 集中采购机构进行政府采购活动,应当符合采购价格低于市场平均价格、采购效率更高、采购质量优良和服务良好的要求。

17-ماددا مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندا، سېتىۋېلىش باھاسى بازارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىن تۆۋەن، سېتىۋېلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، سېتىۋېلىش سۈپىتى ياخشى ۋە مۇلازىمىتى ياخشى بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第十八条 采购人采购纳入集中采购目录的政府采购项目,必须委托集中采购机构代理采购;采购未纳入集中采购目录的政府采购项目,可以自行采购,也可以委托集中采购机构在委托的范围内代理采购。

18-ماددا سېتىۋالغۇچى مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى سېتىۋالغاندا، مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىغا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىشى شەرت؛ سېتىۋېلىش مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنى ئۆزى سېتىۋالسا بولىدۇ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىنغان دائىرىدە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

纳入集中采购目录属于通用的政府采购项目的,应当委托集中采购机构代理采购;属于本部门、本系统有特殊要求的项目,应当实行部门集中采购;属于本单位有特殊要求的项目,经省级以上人民政府批准,可以自行采购。

مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، ھەممىباب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىگە تەۋە بولسا، مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىغا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىش كېرەك؛ شۇ تارماق، شۇ سىستېمىنىڭ ئالاھىدە تەلىپى بولغان تۈرلەرگە تەۋە بولغاندا، تارماقلار مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشى كېرەك؛ شۇ ئورۇننىڭ ئالاھىدە تەلىپى بار تۈرلەر ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆزلىرى سېتىۋالسا بولىدۇ.

第十九条 采购人可以委托集中采购机构以外的采购代理机构,在委托的范围内办理政府采购事宜。

19-ماددا سېتىۋالغۇچى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىدىن باشقا سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ھاۋالە قىلغان دائىرىدە بېجىرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

采购人有权自行选择采购代理机构,任何单位和个人不得以任何方式为采购人指定采购代理机构。

سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سېتىۋالغۇچىغا ھەرقانداق ئۇسۇلدا سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第二十条 采购人依法委托采购代理机构办理采购事宜的,应当由采购人与采购代理机构签订委托代理协议,依法确定委托代理的事项,约定双方的权利义务。

20-ماددا سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشنى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلسا، سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

第二十一条 供应商是指向采购人提供货物、工程或者服务的法人、其他组织或者自然人。

21-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەر سېتىۋالغۇچىغا مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ياكى تەبىئىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

第二十二条 供应商参加政府采购活动应当具备下列条件:

22-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەر ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :

(一)具有独立承担民事责任的能力;

( 1 ) ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛

(二)具有良好的商业信誉和健全的财务会计制度;

( 2 ) ياخشى سودا ئىناۋىتىگە ۋە مۇكەممەل مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە ئىگە بولۇش؛

(三)具有履行合同所必需的设备和专业技术能力;

( 3 ) توختامنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنە ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛

(四)有依法缴纳税收和社会保障资金的良好记录;

( 4 ) قانۇن بويىچە باج ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى تاپشۇرغانلىق ياخشى خاتىرىسى بولۇش؛

(五)参加政府采购活动前三年内,在经营活动中没有重大违法记录;

( 5 ) ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن، تىجارەت پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئېغىر خاتىرىسى بولماسلىق؛

(六)法律、行政法规规定的其他条件。

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

采购人可以根据采购项目的特殊要求,规定供应商的特定条件,但不得以不合理的条件对供应商实行差别待遇或者歧视待遇。

سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ ئالاھىدە تەلىپىگە ئاساسەن، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ مۇئەييەن شەرتىنى بەلگىلىسە بولىدۇ، لېكىن نامۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە پەرقلىق مۇئامىلە ياكى كەمسىتىش مۇئامىلىسى بەرسە بولمايدۇ.

第二十三条 采购人可以要求参加政府采购的供应商提供有关资质证明文件和业绩情况,并根据本法规定的供应商条件和采购项目对供应商的特定要求,对供应商的资格进行审查。

23-ماددا سېتىۋالغۇچى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا قاتناشقان تەمىنلىگۈچىدىن ئالاقىدار سالاھىيەت ئىسپاتى ھۆججىتى ۋە نەتىجە ئەھۋالىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ شەرتى ۋە سېتىۋېلىش تۈرىگە ئاساسەن، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ مۇئەييەن تەلىپىگە ئاساسەن، تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

第二十四条 两个以上的自然人、法人或者其他组织可以组成一个联合体,以一个供应商的身份共同参加政府采购。

24-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بىر بىرلەشمە گەۋدە تەشكىللەپ، بىر تەمىنلىگۈچى سودىگەر سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا ئورتاق قاتناشسا بولىدۇ.

以联合体形式进行政府采购的,参加联合体的供应商均应当具备本法第二十二条规定的条件,并应当向采购人提交联合协议,载明联合体各方承担的工作和义务。联合体各方应当共同与采购人签订采购合同,就采购合同约定的事项对采购人承担连带责任。

بىرلەشمە گەۋدە شەكلىدە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا، بىرلەشمە گەۋدىگە قاتناشقان تەمىنلىگۈچى سودىگەر مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىشى ھەمدە سېتىۋالغۇچىغا بىرلەشمە كېلىشىم تاپشۇرۇشى، بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر سېتىۋالغۇچى بىلەن بىرلىكتە سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىشى، سېتىۋېلىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلار توغرىسىدا سېتىۋالغۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第二十五条 政府采购当事人不得相互串通损害国家利益、社会公共利益和其他当事人的合法权益;不得以任何手段排斥其他供应商参与竞争。

25-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختاملاشقۇچىلىرى دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە باشقا توختاملاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ زىيان سالسا بولمايدۇ؛ ھەرقانداق ۋاسىتە ئارقىلىق باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ رىقابەتكە قاتنىشىشىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

供应商不得以向采购人、采购代理机构、评标委员会的组成人员、竞争性谈判小组的组成人员、询价小组的组成人员行贿或者采取其他不正当手段谋取中标或者成交。

تەمىنلىگۈچى سودىگەر سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى، خېرىدار باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، رىقابەتلىك سۆھبەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى خادىملار، باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى خادىملارغا پارا بەرسە ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خېرىدار بولسا ياكى پۈتۈشسە بولمايدۇ.

采购代理机构不得以向采购人行贿或者采取其他不正当手段谋取非法利益。

سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى سېتىۋالغۇچىغا پارا بەرسە ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قانۇنسىز پايدا ئالسا بولمايدۇ.

第三章 政府采购方式

3-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئۇسۇلى

第二十六条 政府采购采用以下方式:

26-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ :

(一)公开招标;

( 1 ) ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش؛

(二)邀请招标;

( 2 ) خېرىدار چاقىرىشقا تەكلىپ قىلىش؛

(三)竞争性谈判;

( 3 ) رىقابەتلىك سۆھبەت؛

(四)单一来源采购;

( 4 ) يەككە مەنبەدىن سېتىۋېلىش؛

(五)询价;

( 5 ) باھا سۈرۈشتۈرۈش؛

(六)国务院政府采购监督管理部门认定的其他采购方式。

( 6 ) گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن باشقا بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى.

公开招标应作为政府采购的主要采购方式。

ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قىلىنىشى كېرەك.

第二十七条 采购人采购货物或者服务应当采用公开招标方式的,其具体数额标准,属于中央预算的政府采购项目,由国务院规定;属于地方预算的政府采购项目,由省、自治区、直辖市人民政府规定;因特殊情况需要采用公开招标以外的采购方式的,应当在采购活动开始前获得设区的市、自治州以上人民政府采购监督管理部门的批准。

27-ماددا سېتىۋالغۇچى مال ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ كونكرېت سان ئۆلچىمى مەركەز خامچوتىدىكى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىگە كىرىدۇ، بۇنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ؛ يەرلىك خامچوتقا تەۋە بولغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشتىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، سېتىۋېلىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

第二十八条 采购人不得将应当以公开招标方式采购的货物或者服务化整为零或者以其他任何方式规避公开招标采购。

28-ماددا سېتىۋالغۇچى ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىدا سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك مالنى ياكى مۇلازىمەتنى پارچە قىلسا ياكى باشقا ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدۇ.

第二十九条 符合下列情形之一的货物或者服务,可以依照本法采用邀请招标方式采购:

29-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىپ خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ :

(一)具有特殊性,只能从有限范围的供应商处采购的;

( 1 ) ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، چەكلىك دائىرىدىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئورنىدىنلا سېتىۋالالايدىغانلىرى؛

(二)采用公开招标方式的费用占政府采购项目总价值的比例过大的。

( 2 ) ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش خىراجىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋالغان تۈرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بەك كۆپ بولسا.

第三十条 符合下列情形之一的货物或者服务,可以依照本法采用竞争性谈判方式采购:

30-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە رىقابەتلىك سۆھبەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ :

(一)招标后没有供应商投标或者没有合格标的或者重新招标未能成立的;

( 1 ) خېرىدار چاقىرغاندىن كېيىن، تەمىنلىگۈچى سودىگەر خېرىدار بولمىسا ياكى لاياقەتلىك نىشانى بولمىسا ياكى قايتا خېرىدار چاقىرىش ئەمەلگە ئاشمىسا؛

(二)技术复杂或者性质特殊,不能确定详细规格或者具体要求的;

( 2 ) تېخنىكىسى مۇرەككەپ ياكى خاراكتېرى ئالاھىدە بولۇپ، تەپسىلىي ئۆلچەم ياكى كونكرېت تەلەپنى بېكىتكىلى بولمىسا؛

(三)采用招标所需时间不能满足用户紧急需要的;

( 3 ) خېرىدار چاقىرىشقا كېرەكلىك ۋاقىت ئۆتۈپ خېرىدارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان بولسا؛

(四)不能事先计算出价格总额的。

( 4 ) باھا ئومۇمىي سوممىسىنى ئالدىن ھېسابلاپ چىققىلى بولمىسا.

第三十一条 符合下列情形之一的货物或者服务,可以依照本法采用单一来源方式采购:

31-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە يەككە مەنبەلىك ئۇسۇل قوللىنىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ :

(一)只能从唯一供应商处采购的;

( 1 ) بىردىنبىر تەمىنلىگۈچى سودا ئورنىدىنلا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىرى؛

(二)发生了不可预见的紧急情况不能从其他供应商处采购的;

( 2 ) مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان جىددىي ئەھۋال يۈز بېرىپ باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئورنىدىن سېتىۋالغىلى بولمىسا؛

(三)必须保证原有采购项目一致性或者服务配套的要求,需要继续从原供应商处添购,且添购资金总额不超过原合同采购金额百分之十的。

( 3 ) ئەسلىدىكى سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ بىردەكلىكى ياكى مۇلازىمەتنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرت، ئەسلىدىكى تەمىنلىگۈچى كارخانىدىن داۋاملىق كۆپەيتىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ ھەمدە كۆپەيتىپ سېتىۋېلىش مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ئەسلىدىكى توختامدىكى سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ% 10 ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

第三十二条 采购的货物规格、标准统一、现货货源充足且价格变化幅度小的政府采购项目,可以依照本法采用询价方式采购。

32-ماددا سېتىۋېلىنغان مالنىڭ ئۆلچىمى، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، نەق مال مەنبەسى يېتەرلىك ھەمدە باھا ئۆزگىرىش دەرىجىسى كىچىك بولغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە باھانى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

第四章 政府采购程序

4-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تەرتىپى

第三十三条 负有编制部门预算职责的部门在编制下一财政年度部门预算时,应当将该财政年度政府采购的项目及资金预算列出,报本级财政部门汇总。部门预算的审批,按预算管理权限和程序进行。

33-ماددا تۈزگۈچى تارماقلارنىڭ خامچوت مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار كېيىنكى مالىيە يىللىق تارماق خامچوتىنى تۈزگەندە، شۇ مالىيە يىللىق ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرى ۋە مەبلەغ خامچوتىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ جەملىشىگە يوللىشى كېرەك. تارماقلار خامچوتىنى تەستىقلاش خامچوت باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

第三十四条 货物或者服务项目采取邀请招标方式采购的,采购人应当从符合相应资格条件的供应商中,通过随机方式选择三家以上的供应商,并向其发出投标邀请书。

34-ماددا مال ياكى مۇلازىمەت تۈرىدە تەكلىپ قىلىش-خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىۋېلىشتا، سېتىۋالغۇچى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئىچىدىن ئىختىيارىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈچتىن ئارتۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى تاللىشى ھەمدە ئۇنىڭغا خېرىدار چىقىش تەكلىپنامىسى چىقىرىشى كېرەك.

第三十五条 货物和服务项目实行招标方式采购的,自招标文件开始发出之日起至投标人提交投标文件截止之日止,不得少于二十日。

35-ماددا مال ۋە مۇلازىمەت تۈرىدە خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىدا سېتىۋېلىشتا، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ، خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقىچە 20 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.

第三十六条 在招标采购中,出现下列情形之一的,应予废标:

36-ماددا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خېرىدارنى بىكار قىلىش كېرەك :

(一)符合专业条件的供应商或者对招标文件作实质响应的供应商不足三家的;

( 1 ) كەسپىي شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەر ياكى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ماھىيەتلىك ئىنكاس قايتۇرىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئۈچكە يەتمىسە؛

(二)出现影响采购公正的违法、违规行为的;

( 2 ) سېتىۋېلىش ئادىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلگەنلەر؛

(三)投标人的报价均超过了采购预算,采购人不能支付的;

( 3 ) خېرىدار چىققۇچى مەلۇم قىلغان باھانىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىش خامچوتىدىن ئېشىپ كېتىپ، سېتىۋالغۇچى تۆلىيەلمىسە؛

(四)因重大变故,采购任务取消的。

( 4 ) زور ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار.

废标后,采购人应当将废标理由通知所有投标人。

خېرىدار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى خېرىدارنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بارلىق خېرىدار چىققۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第三十七条 废标后,除采购任务取消情形外,应当重新组织招标;需要采取其他方式采购的,应当在采购活动开始前获得设区的市、自治州以上人民政府采购监督管理部门或者政府有关部门批准。

37-ماددا خېرىدار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدىغان ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خېرىدار چاقىرىشنى قايتىدىن تەشكىللەش كېرەك؛ باشقا ئۇسۇلدا سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، سېتىۋېلىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

第三十八条 采用竞争性谈判方式采购的,应当遵循下列程序:

38-ماددا رىقابەتلىك سۆھبەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك :

(一)成立谈判小组。谈判小组由采购人的代表和有关专家共三人以上的单数组成,其中专家的人数不得少于成员总数的三分之二。

( 1 ) سۆھبەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش. سۆھبەت گۇرۇپپىسى سېتىۋالغۇچى ۋەكىللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ جەمئىي ئۈچتىن ئىككى كىشىدىن ئارتۇق تاق ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

(二)制定谈判文件。谈判文件应当明确谈判程序、谈判内容、合同草案的条款以及评定成交的标准等事项。

( 2 ) سۆھبەت ھۆججىتى تۈزۈش. سۆھبەت ھۆججەتلىرىدە سۆھبەت تەرتىپى، سۆھبەت مەزمۇنى، توختام لايىھەسىدىكى ماددىلار ۋە باھالاپ بېكىتىشتىكى ئۆلچەم قاتارلىق ئىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

(三)确定邀请参加谈判的供应商名单。谈判小组从符合相应资格条件的供应商名单中确定不少于三家的供应商参加谈判,并向其提供谈判文件。

( 3 ) سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش. سۆھبەت گۇرۇپپىسى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر تىزىملىكىدىن كەم دېگەندە ئۈچ تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى سۆھبەت ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(四)谈判。谈判小组所有成员集中与单一供应商分别进行谈判。在谈判中,谈判的任何一方不得透露与谈判有关的其他供应商的技术资料、价格和其他信息。谈判文件有实质性变动的,谈判小组应当以书面形式通知所有参加谈判的供应商。

( 4 ) سۆھبەت ئۆتكۈزۈش. سۆھبەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار يىغىلىپ يەككە تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت جەريانىدا، سۆھبەتلەشكەن ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق ماتېرىيالى، باھاسى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. سۆھبەت ھۆججىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولسا، سۆھبەت گۇرۇپپىسى سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق تەمىنلىگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

(五)确定成交供应商。谈判结束后,谈判小组应当要求所有参加谈判的供应商在规定时间内进行最后报价,采购人从谈判小组提出的成交候选人中根据符合采购需求、质量和服务相等且报价最低的原则确定成交供应商,并将结果通知所有参加谈判的未成交的供应商。

( 5 ) پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى بېكىتىش. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۆھبەت گۇرۇپپىسى سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق تەمىنلىگۈچىدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرقى باھانى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، سېتىۋالغۇچى سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان پۈتۈشكەن نامزاتلار ئىچىدىن سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىش، سۈپەت ۋە مۇلازىمەت ئوخشاش بولۇش ھەمدە باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچىنى بېكىتىشى كېرەك. ھەمدە نەتىجىنى سۆھبەتكە قاتناشقان، پۈتۈشمىگەن بارلىق تەمىنلىگۈچىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ.

第三十九条 采取单一来源方式采购的,采购人与供应商应当遵循本法规定的原则,在保证采购项目质量和双方商定合理价格的基础上进行采购。

39-ماددا بىرلا خىل مەنبەدىن سېتىۋېلىشتا، سېتىۋالغۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى، سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مۇۋاپىق باھا ئاساسىدا سېتىۋېلىشى كېرەك.

第四十条 采取询价方式采购的,应当遵循下列程序:

40-ماددا باھا سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك :

(一)成立询价小组。询价小组由采购人的代表和有关专家共三人以上的单数组成,其中专家的人数不得少于成员总数的三分之二。询价小组应当对采购项目的价格构成和评定成交的标准等事项作出规定。

( 1 ) باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش. باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى سېتىۋالغۇچى ۋەكىللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ جەمئىي ئۈچتىن ئىككى كىشىدىن ئارتۇق تاق ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كەم بولسا بولمايدۇ. باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ باھا قۇرۇلمىسى ۋە باھالاپ بېكىتىشتە پۈتۈشۈش ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى بەلگىلىشى كېرەك.

(二)确定被询价的供应商名单。询价小组根据采购需求,从符合相应资格条件的供应商名单中确定不少于三家的供应商,并向其发出询价通知书让其报价。

( 2 ) باھاسى سۈرۈشتۈرۈلگەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش. باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تىزىملىكىدىن كەم بولمىغان ئۈچ تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇلارغا باھا سۈرۈشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ باھا مەلۇم قىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ.

(三)询价。询价小组要求被询价的供应商一次报出不得更改的价格。

( 3 ) باھا سۈرۈشتۈرۈش. باھا سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى باھا سۈرۈشتۈرۈلگەن تەمىنلىگۈچىدىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان باھانى بىر قېتىمدىلا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(四)确定成交供应商。采购人根据符合采购需求、质量和服务相等且报价最低的原则确定成交供应商,并将结果通知所有被询价的未成交的供应商。

( 4 ) پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى بېكىتىش. سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، سۈپەت ۋە مۇلازىمەت ئوخشاش بولۇش ھەمدە باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى بېكىتىدۇ ھەمدە نەتىجىسىنى باھاسى سۈرۈشتۈرۈلگەن بارلىق پۈتۈشۈلمىگەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە ئۇقتۇرىدۇ.

第四十一条 采购人或者其委托的采购代理机构应当组织对供应商履约的验收。大型或者复杂的政府采购项目,应当邀请国家认可的质量检测机构参加验收工作。验收方成员应当在验收书上签字,并承担相应的法律责任。

41-ماددا سېتىۋالغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللىشى كېرەك. چوڭ تىپتىكى ياكى مۇرەككەپ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدە، دۆلەت ئېتىراپ قىلغان سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەرەپنىڭ ئەزالىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچىغا ئىمزا قويۇشى ھەمدە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第四十二条 采购人、采购代理机构对政府采购项目每项采购活动的采购文件应当妥善保存,不得伪造、变造、隐匿或者销毁。采购文件的保存期限为从采购结束之日起至少保存十五年。

42-ماددا سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈرىدىكى ھەربىر سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە دائىر سېتىۋېلىش ھۆججىتىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېلىشقا، تىقىۋېلىشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. سېتىۋېلىش ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ كەم دېگەندە 15 يىل بولىدۇ.

采购文件包括采购活动记录、采购预算、招标文件、投标文件、评标标准、评估报告、定标文件、合同文本、验收证明、质疑答复、投诉处理决定及其他有关文件、资料。

سېتىۋېلىش ھۆججىتى سېتىۋېلىش پائالىيىتى خاتىرىسى، سېتىۋېلىش خامچوتى، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، خېرىدار چىقىش ھۆججىتى، خېرىدارنى باھالاش ئۆلچىمى، باھالاش دوكلاتى، خېرىدارنى بېكىتىش ھۆججىتى، توختام نۇسخىسى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىسپاتى، گۇمانغا جاۋاب بېرىش، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

采购活动记录至少应当包括下列内容:

سېتىۋېلىش پائالىيىتى خاتىرىسى ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :

(一)采购项目类别、名称;

( 1 ) سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ تۈرى، نامى؛

(二)采购项目预算、资金构成和合同价格;

( 2 ) سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ خامچوتى، مەبلەغ قۇرۇلمىسى ۋە توختام باھاسى؛

(三)采购方式,采用公开招标以外的采购方式的,应当载明原因;

( 3 ) سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشتىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا، سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك؛

(四)邀请和选择供应商的条件及原因;

( 4 ) تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى تەكلىپ قىلىش ۋە تاللاشنىڭ شەرتى ۋە سەۋەبى؛

(五)评标标准及确定中标人的原因;

( 5 ) خېرىدارنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە خېرىدار بولغۇچىنى بېكىتىش سەۋەبى؛

(六)废标的原因;

( 6 ) خېرىدارنى بىكار قىلىشنىڭ سەۋەبى؛

(七)采用招标以外采购方式的相应记载。

( 7 ) خېرىدار چاقىرىشتىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا دائىر مۇناسىپ خاتىرە.

第五章 政府采购合同

5-باب ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامى

第四十三条 政府采购合同适用合同法。采购人和供应商之间的权利和义务,应当按照平等、自愿的原则以合同方式约定。

43-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامىغا توختام قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. سېتىۋالغۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە توختام ئۇسۇلىدا پۈتۈشۈشى كېرەك.

采购人可以委托采购代理机构代表其与供应商签订政府采购合同。由采购代理机构以采购人名义签订合同的,应当提交采购人的授权委托书,作为合同附件。

سېتىۋالغۇچى سېتىۋالغۇچى ۋاكالەتچى ئاپپاراتقا ۋاكالىتەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى سېتىۋالغۇچى نامىدا توختام تۈزگەندە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى توختامنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى قىلىشى كېرەك.

第四十四条 政府采购合同应当采用书面形式。

44-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第四十五条 国务院政府采购监督管理部门应当会同国务院有关部门,规定政府采购合同必须具备的条款。

45-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامىدا ھازىرلىنىدىغان ماددىلارنى بەلگىلىشى كېرەك.

第四十六条 采购人与中标、成交供应商应当在中标、成交通知书发出之日起三十日内,按照采购文件确定的事项签订政府采购合同。

46-ماددا سېتىۋالغۇچى خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن خېرىدار بولغان، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، سېتىۋېلىش ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن ئىشلار بويىچە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

中标、成交通知书对采购人和中标、成交供应商均具有法律效力。中标、成交通知书发出后,采购人改变中标、成交结果的,或者中标、成交供应商放弃中标、成交项目的,应当依法承担法律责任。

خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى سېتىۋالغۇچى ئۈچۈنمۇ، خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرگىمۇ نىسبەتەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە. خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى خېرىدار بولۇش، پۈتۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتسە ياكى خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر خېرىدار بولۇش، پۈتۈشكەن تۈردىن ۋاز كەچسە، قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第四十七条 政府采购项目的采购合同自签订之日起七个工作日内,采购人应当将合同副本报同级政府采购监督管理部门和有关部门备案。

47-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە، سېتىۋالغۇچى توختامنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا مۇئاۋىن ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

第四十八条 经采购人同意,中标、成交供应商可以依法采取分包方式履行合同。

48-ماددا سېتىۋالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر توختامنى قانۇن بويىچە بۆلۈپ ھۆددە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

政府采购合同分包履行的,中标、成交供应商就采购项目和分包项目向采购人负责,分包供应商就分包项目承担责任。

ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش توختامى بۆلۈپ ھۆددە بېرىش بويىچە ئىجرا قىلىنسا، خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سېتىۋېلىش تۈرى ۋە بۆلۈپ ھۆددە بېرىلگەن تۈر ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن تەمىنلىگۈچى تۈر ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第四十九条 政府采购合同履行中,采购人需追加与合同标的相同的货物、工程或者服务的,在不改变合同其他条款的前提下,可以与供应商协商签订补充合同,但所有补充合同的采购金额不得超过原合同采购金额的百分之十。

49-ماددا ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، سېتىۋالغۇچى توختامدىكى نىشان بىلەن ئوخشاش مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەتنى قوشۇشقا توغرا كەلسە، توختامدىكى باشقا ماددىلارنى ئۆزگەرتمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن كېڭىشىپ قوشۇمچە توختام ئىمزالىسا بولىدۇ، لېكىن بارلىق قوشۇمچە توختامدىكى سېتىۋېلىش سوممىسى ئەسلىدىكى توختامدىكى سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ % 10 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

第五十条 政府采购合同的双方当事人不得擅自变更、中止或者终止合同。

50-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامىدىكى توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتسە، توختىتىپ تۇرسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ.

政府采购合同继续履行将损害国家利益和社会公共利益的,双方当事人应当变更、中止或者终止合同。有过错的一方应当承担赔偿责任,双方都有过错的,各自承担相应的责任。

ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشى دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ، توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختامنى ئۆزگەرتىشى، توختىتىپ تۇرۇشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ھەر ئىككى تەرەپتە سەۋەنلىك بولسا، ھەر تەرەپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六章 质疑与投诉

6-باب گۇمان ۋە ئەرز

第五十一条 供应商对政府采购活动事项有疑问的,可以向采购人提出询问,采购人应当及时作出答复,但答复的内容不得涉及商业秘密。

51-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئىشلىرىدا گۇمانى بولسا، سېتىۋالغۇچىدىن سورىسا بولىدۇ، سېتىۋالغۇچى ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى كېرەك، لېكىن جاۋاب مەزمۇنى سودا مەخپىيىتىگە چېتىلسا بولمايدۇ.

第五十二条 供应商认为采购文件、采购过程和中标、成交结果使自己的权益受到损害的,可以在知道或者应知其权益受到损害之日起七个工作日内,以书面形式向采购人提出质疑。

52-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەر سېتىۋېلىش ھۆججىتى، سېتىۋېلىش جەريانى ۋە خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ قارىسا، ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە، سېتىۋالغۇچىغا يازما شەكىلدە گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

第五十三条 采购人应当在收到供应商的书面质疑后七个工作日内作出答复,并以书面形式通知质疑供应商和其他有关供应商,但答复的内容不得涉及商业秘密。

53-ماددا سېتىۋالغۇچى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ يازما گۇمانىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە جاۋاب بېرىشى ھەمدە تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە ۋە باشقا ئالاقىدار تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇشى كېرەك، لېكىن جاۋاب مەزمۇنى سودا مەخپىيىتىگە چېتىلسا بولمايدۇ.

第五十四条 采购人委托采购代理机构采购的,供应商可以向采购代理机构提出询问或者质疑,采购代理机构应当依照本法第五十一条、第五十三条的规定就采购人委托授权范围内的事项作出答复。

54-ماددا سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، تەمىنلىگۈچى سودىگەر سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىدىن سوئال سورىسا ياكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 51-، 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سېتىۋالغۇچى ھاۋالە قىلىپ ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىكى ئىشلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第五十五条 质疑供应商对采购人、采购代理机构的答复不满意或者采购人、采购代理机构未在规定的时间内作出答复的,可以在答复期满后十五个工作日内向同级政府采购监督管理部门投诉。

55-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ جاۋابىدىن رازى بولمىغانلىقى ياكى سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچى ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جاۋاب بەرمىگەنلىكىدىن گۇمانلانسا، جاۋاب بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى 15 ئىش كۈنى ئىچىدە تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

第五十六条 政府采购监督管理部门应当在收到投诉后三十个工作日内,对投诉事项作出处理决定,并以书面形式通知投诉人和与投诉事项有关的当事人。

56-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 30 ئىش كۈنى ئىچىدە، ئەرز ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئەرز قىلغۇچىغا ۋە ئەرز ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

第五十七条 政府采购监督管理部门在处理投诉事项期间,可以视具体情况书面通知采购人暂停采购活动,但暂停时间最长不得超过三十日。

57-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ سېتىۋالغۇچىغا سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى يازما ئۇقتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ۋاقتىنچە توختىتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

第五十八条 投诉人对政府采购监督管理部门的投诉处理决定不服或者政府采购监督管理部门逾期未作处理的,可以依法申请行政复议或者向人民法院提起行政诉讼。

58-ماددا ئەرز قىلغۇچى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەرز بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا ياكى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى تەشۋىق قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第七章 监督检查

7-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

第五十九条 政府采购监督管理部门应当加强对政府采购活动及集中采购机构的监督检查。

59-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتى ۋە مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىغا بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

监督检查的主要内容是:

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :

(一)有关政府采购的法律、行政法规和规章的执行情况;

( 1 ) ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛

(二)采购范围、采购方式和采购程序的执行情况;

( 2 ) سېتىۋېلىش دائىرىسى، سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە سېتىۋېلىش تەرتىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛

(三)政府采购人员的职业素质和专业技能。

( 3 ) ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ماھارىتى.

第六十条 政府采购监督管理部门不得设置集中采购机构,不得参与政府采购项目的采购活动。

60-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلسا، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكى سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

采购代理机构与行政机关不得存在隶属关系或者其他利益关系。

سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن مەمۇرىي ئورگان تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئورناتسا بولمايدۇ.

第六十一条 集中采购机构应当建立健全内部监督管理制度。采购活动的决策和执行程序应当明确,并相互监督、相互制约。经办采购的人员与负责采购合同审核、验收人员的职责权限应当明确,并相互分离。

61-ماددا مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئاپپاراتى ئىچكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش تەرتىپى ئېنىق بولۇشى ھەمدە بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشى، بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك. بېجىرگۈچى بىلەن سېتىۋالغۇچى توختامىنى تەكشۈرگۈچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇق چېكى ئېنىق بولۇشى ھەمدە بىر-بىرىنى ئايرىۋېتىشى كېرەك.

第六十二条 集中采购机构的采购人员应当具有相关职业素质和专业技能,符合政府采购监督管理部门规定的专业岗位任职要求。

62-ماددا مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىنىڭ سېتىۋېلىش خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساپا ۋە كەسپىي ماھارەتكە ئىگە بولۇشى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن كەسپىي ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

集中采购机构对其工作人员应当加强教育和培训;对采购人员的专业水平、工作实绩和职业道德状况定期进行考核。采购人员经考核不合格的,不得继续任职。

مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتى ئۇنىڭ خادىملىرىغا بولغان تەربىيە ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ سېتىۋېلىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە كەسىپ ئەخلاق ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاش كېرەك. سېتىۋېلىش خادىملىرى باھالاشتا لاياقەتسىز بولسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

第六十三条 政府采购项目的采购标准应当公开。

63-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش كېرەك.

采用本法规定的采购方式的,采购人在采购活动完成后,应当将采购结果予以公布。

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندا، سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش پائالىيىتى تاماملانغاندىن كېيىن، سېتىۋېلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

第六十四条 采购人必须按照本法规定的采购方式和采购程序进行采购。

64-ماددا سېتىۋالغۇچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە سېتىۋېلىش تەرتىپى بويىچە سېتىۋېلىشى شەرت.

任何单位和个人不得违反本法规定,要求采购人或者采购工作人员向其指定的供应商进行采购。

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سېتىۋالغۇچى ياكى سېتىۋېلىش خادىملىرىدىن ئۆزى بېكىتكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第六十五条 政府采购监督管理部门应当对政府采购项目的采购活动进行检查,政府采购当事人应当如实反映情况,提供有关材料。

65-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكى سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈشى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار تەرەپلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第六十六条 政府采购监督管理部门应当对集中采购机构的采购价格、节约资金效果、服务质量、信誉状况、有无违法行为等事项进行考核,并定期如实公布考核结果。

66-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى، مەبلەغ تېجەش ئۈنۈمى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئىناۋەت ئەھۋالى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار-يوقلۇقى قاتارلىق ئىشلارنى باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئەينەن ئېلان قىلىشى كېرەك.

第六十七条 依照法律、行政法规的规定对政府采购负有行政监督职责的政府有关部门,应当按照其职责分工,加强对政府采购活动的监督。

67-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا مەمۇرىي نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى بار ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第六十八条 审计机关应当对政府采购进行审计监督。政府采购监督管理部门、政府采购各当事人有关政府采购活动,应当接受审计机关的审计监督。

68-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ. ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第六十九条 监察机关应当加强对参与政府采购活动的国家机关、国家公务员和国家行政机关任命的其他人员实施监察。

69-ماددا رېۋىزىيە ئورگىنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارغا بولغان رېۋىزىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第七十条 任何单位和个人对政府采购活动中的违法行为,有权控告和检举,有关部门、机关应当依照各自职责及时处理。

70-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز-شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورگانلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七十一条 采购人、采购代理机构有下列情形之一的,责令限期改正,给予警告,可以并处罚款,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,由其行政主管部门或者有关机关给予处分,并予通报:

71-ماددا سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۇلارنىڭ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئورگىنى چارە كۆرىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ :

(一)应当采用公开招标方式而擅自采用其他方式采购的;

( 1 ) ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سېتىۋالغانلار؛

(二)擅自提高采购标准的;

( 2 ) سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرگەنلەر؛

(三)以不合理的条件对供应商实行差别待遇或者歧视待遇的;

( 3 ) تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە نامۇۋاپىق شەرت بىلەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان ياكى كەمسىتىش مۇئامىلىسى بەرگەنلەر؛

(四)在招标采购过程中与投标人进行协商谈判的;

( 4 ) خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش جەريانىدا خېرىدار چىققۇچى بىلەن كېڭىشىپ سۆھبەتلەشكەنلەر؛

(五)中标、成交通知书发出后不与中标、成交供应商签订采购合同的;

( 5 ) خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كېيىن خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىمىغان بولسا؛

(六)拒绝有关部门依法实施监督检查的。

( 6 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار.

第七十二条 采购人、采购代理机构及其工作人员有下列情形之一,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,处以罚款,有违法所得的,并处没收违法所得,属于国家机关工作人员的,依法给予行政处分:

72-ماددا سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىغا تەۋە بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)与供应商或者采购代理机构恶意串通的;

( 1 ) تەمىنلىگۈچى سودىگەر ياكى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋالغان بولسا؛

(二)在采购过程中接受贿赂或者获取其他不正当利益的;

( 2 ) سېتىۋېلىش جەريانىدا پارا قوبۇل قىلغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر؛

(三)在有关部门依法实施的监督检查中提供虚假情况的;

( 3 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە قىلغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشىدە ئەھۋالنى ساختا مەلۇم قىلغانلار؛

(四)开标前泄露标底的。

( 4 ) خېرىدارنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خېرىدارى ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا.

第七十三条 有前两条违法行为之一影响中标、成交结果或者可能影响中标、成交结果的,按下列情况分别处理:

73-ماددا ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرى خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزسە ياكى خېرىدار بولۇش، پۈتۈشكەن نەتىجىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

(一)未确定中标、成交供应商的,终止采购活动;

( 1 ) خېرىدار بولغان، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(二)中标、成交供应商已经确定但采购合同尚未履行的,撤销合同,从合格的中标、成交候选人中另行确定中标、成交供应商;

( 2 ) خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سېتىۋېلىش توختامىنى تېخى ئادا قىلمىغان بولسا، توختام بىكار قىلىنىدۇ، لاياقەتلىك خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نامزاتلىرى ئىچىدىن خېرىدار بولغان، پۈتۈشۈلگەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئايرىم بېكىتىلىدۇ؛

(三)采购合同已经履行的,给采购人、供应商造成损失的,由责任人承担赔偿责任。

( 3 ) سېتىۋېلىش توختامى ئىجرا قىلىنىپ بولغان بولسا، سېتىۋالغۇچى، تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە زىيان سالغان بولسا، جاۋابكار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第七十四条 采购人对应当实行集中采购的政府采购项目,不委托集中采购机构实行集中采购的,由政府采购监督管理部门责令改正;拒不改正的,停止按预算向其支付资金,由其上级行政主管部门或者有关机关依法给予其直接负责的主管人员和其他直接责任人员处分。

74-ماددا مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدىن مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتىغا مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلمىغانلىرىنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا خامچوت بويىچە مەبلەغ بېرىشنى توختىتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئورگىنى ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

第七十五条 采购人未依法公布政府采购项目的采购标准和采购结果的,责令改正,对直接负责的主管人员依法给予处分。

75-ماددا سېتىۋالغۇچى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمى ۋە سېتىۋېلىش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلمىسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十六条 采购人、采购代理机构违反本法规定隐匿、销毁应当保存的采购文件或者伪造、变造采购文件的,由政府采购监督管理部门处以二万元以上十万元以下的罚款,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

76-ماددا سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلاشقا تېگىشلىك سېتىۋېلىش ھۆججىتىنى تىقىۋالغان، كۆيدۈرۈۋەتكەن ياكى سېتىۋېلىش ھۆججىتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十七条 供应商有下列情形之一的,处以采购金额千分之五以上千分之十以下的罚款,列入不良行为记录名单,在一至三年内禁止参加政府采购活动,有违法所得的,并处没收违法所得,情节严重的,由工商行政管理机关吊销营业执照;构成犯罪的,依法追究刑事责任:

77-ماددا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ مىڭدىن بەش قىسمىدىن يۇقىرى، مىڭدىن ئون قىسمىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ناچار قىلمىش خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش مەنئى قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :

(一)提供虚假材料谋取中标、成交的;

( 1 ) ساختا ماتېرىيال بېرىپ خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن بولسا؛

(二)采取不正当手段诋毁、排挤其他供应商的;

( 2 ) ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقا تەمىنلىگۈچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، چەتكە قاققانلار؛

(三)与采购人、其他供应商或者采购代理机构恶意串通的;

( 3 ) سېتىۋالغۇچى، باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەر ياكى سېتىۋېلىش ۋاكالەتچى ئاپپاراتى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار؛

(四)向采购人、采购代理机构行贿或者提供其他不正当利益的;

( 4 ) سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا پارا بەرگەن ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەر؛

(五)在招标采购过程中与采购人进行协商谈判的;

( 5 ) خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش جەريانىدا سېتىۋالغۇچى بىلەن كېڭىشىپ سۆھبەتلەشكەنلەر؛

(六)拒绝有关部门监督检查或者提供虚假情况的。

( 6 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ياكى ئەھۋالنى ساختا مەلۇم قىلغانلار.

供应商有前款第(一)至(五)项情形之一的,中标、成交无效。

تەمىنلىگۈچى سودىگەردە ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 5 ) تارماقچىسىغىچە بولغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، خېرىدار بولغان، پۈتۈشۈش ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

第七十八条 采购代理机构在代理政府采购业务中有违法行为的,按照有关法律规定处以罚款,可以在一至三年内禁止其代理政府采购业务,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

78-ماددا سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش كەسپىگە ۋاكالىتەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشىنى مەنئى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十九条 政府采购当事人有本法第七十一条、第七十二条、第七十七条违法行为之一,给他人造成损失的,并应依照有关民事法律规定承担民事责任。

79-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى ئالاقىدارلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 71-، 72-، 77-ماددىلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھەمدە ھەق تەلەپ ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八十条 政府采购监督管理部门的工作人员在实施监督检查中违反本法规定滥用职权,玩忽职守,徇私舞弊的,依法给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

80-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八十一条 政府采购监督管理部门对供应商的投诉逾期未作处理的,给予直接负责的主管人员和其他直接责任人员行政处分。

81-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ئەرزىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

第八十二条 政府采购监督管理部门对集中采购机构业绩的考核,有虚假陈述,隐瞒真实情况的,或者不作定期考核和公布考核结果的,应当及时纠正,由其上级机关或者监察机关对其负责人进行通报,并对直接负责的人员依法给予行政处分。

82-ماددا ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشتا ساختا بايان قىلغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان بولسا ياكى قەرەللىك باھالىمىغان ۋە باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان بولسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى ئۇنىڭ مەسئۇلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

集中采购机构在政府采购监督管理部门考核中,虚报业绩,隐瞒真实情况的,处以二万元以上二十万元以下的罚款,并予以通报;情节严重的,取消其代理采购的资格。

مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتلىرىدىن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باھالىشىدا، خىزمەت نەتىجىسىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

第八十三条 任何单位或者个人阻挠和限制供应商进入本地区或者本行业政府采购市场的,责令限期改正;拒不改正的,由该单位、个人的上级行政主管部门或者有关机关给予单位责任人或者个人处分。

83-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخستىن تەمىنلىگۈچىنىڭ شۇ رايون ياكى شۇ ساھەدىكى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش بازىرىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە چەك قويغانلىرى، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا شۇ ئورۇن، شەخسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقى ياكى شەخسكە چارە كۆرىدۇ.

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第八十四条 使用国际组织和外国政府贷款进行的政府采购,贷款方、资金提供方与中方达成的协议对采购的具体条件另有规定的,可以适用其规定,但不得损害国家利益和社会公共利益。

84-ماددا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرزىنى ئىشلىتىپ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا، قەرز پۇل بەرگۈچى تەرەپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمدە سېتىۋېلىشنىڭ كونكرېت شەرتلىرىگە قارىتا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولسا بولىدۇ، لېكىن دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第八十五条 对因严重自然灾害和其他不可抗力事件所实施的紧急采购和涉及国家安全和秘密的采购,不适用本法。

85-ماددا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ۋە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا ۋەقەلەر سەۋەبىدىن جىددىي سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان سېتىۋېلىشتا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

第八十六条 军事采购法规由中央军事委员会另行制定。

86-ماددا ھەربىي سېتىۋېلىش نىزامىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم تۈزىدۇ.

第八十七条 本法实施的具体步骤和办法由国务院规定。

87-ماددا بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第八十八条 本法自2003年1月1日起施行。

88-ماددا بۇ قانۇن 2003-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.