中华人民共和国教师法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى

(1993年10月31日第八届全国人民代表大会常务委员会第四次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 1993 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 权利和义务

2-باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت

第三章 资格和任用

3-باب سالاھىيەت ۋە تەيىنلەش

第四章 培养和培训

4-باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش

第五章 考核

بەشىنچى باب سىناش

第六章 待遇

6-باب تەمىنات

第七章 奖励

يەتتىنچى باب مۇكاپاتلاش

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了保障教师的合法权益,建设具有良好思想品德修养和业务素质的教师队伍,促进社会主义教育事业的发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشى ئىدىيەۋى-پەزىلەتلىك ساپا ۋە كەسپىي ساپاغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法适用于在各级各类学校和其他教育机构中专门从事教育教学工作的教师。

2-ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 教师是履行教育教学职责的专业人员,承担教书育人,培养社会主义事业建设者和接班人、提高民族素质的使命。教师应当忠诚于人民的教育事业。

3-ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش-ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي خادىملار بولۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك.

第四条 各级人民政府应当采取措施,加强教师的思想政治教育和业务培训,改善教师的工作条件和生活条件,保障教师的合法权益,提高教师的社会地位。

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى ۋە كەسپىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

全社会都应当尊重教师。

پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

第五条 国务院教育行政部门主管全国的教师工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

国务院有关部门在各自职权范围内负责有关的教师工作。

گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

学校和其他教育机构根据国家规定,自主进行教师管理工作。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەيدۇ.

第六条 每年九月十日为教师节。

6-ماددا ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولىدۇ.

第二章 权利和义务

2-باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت

第七条 教师享有下列权利:

7-ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)进行教育教学活动,开展教育教学改革和实验;

( 1 ) تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، تەلىم-تەربىيە ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش؛

(二)从事科学研究、学术交流,参加专业的学术团体,在学术活动中充分发表意见;

( 2 ) ئىلمىي تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان، كەسپىي ئىلمىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان، ئىلمىي پائالىيەتلەردە تولۇق پىكىر بايان قىلغان بولۇش؛

(三)指导学生的学习和发展,评定学生的品行和学业成绩;

( 3 ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئوقۇش نەتىجىسىنى باھالاش؛

(四)按时获取工资报酬,享受国家规定的福利待遇以及寒暑假期的带薪休假;

( 4 ) مائاش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنىڭدەك قىشلىق، يازلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛

(五)对学校教育教学、管理工作和教育行政部门的工作提出意见和建议,通过教职工代表大会或者其他形式,参与学校的民主管理;

( 5 ) مەكتەپنىڭ مائارىپ-ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشىغا قاتنىشىش؛

(六)参加进修或者其他方式的培训。

( 6 ) بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىش.

第八条 教师应当履行下列义务:

8-ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)遵守宪法、法律和职业道德,为人师表;

( 1 ) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۇستاز بولۇش؛

(二)贯彻国家的教育方针,遵守规章制度,执行学校的教学计划,履行教师聘约,完成教育教学工作任务;

( 2 ) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش كېلىشىمىنى ئادا قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛

(三)对学生进行宪法所确定的基本原则的教育和爱国主义、民族团结的教育,法制教育以及思想品德、文化、科学技术教育,组织、带领学生开展有益的社会活动;

( 3 ) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپ تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇنچىلىق تەربىيەسى، شۇنىڭدەك ئىدىيەۋى-ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا تەربىيەسى بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش؛

(四)关心、爱护全体学生,尊重学生人格,促进学生在品德、智力、体质等方面全面发展;

( 4 ) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى، تەن ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

(五)制止有害于学生的行为或者其他侵犯学生合法权益的行为,批评和抵制有害于学生健康成长的现象;

( 5 ) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق قىلمىشلارنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى توسۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ھادىسىلەرنى تەنقىد قىلىش ۋە توسۇش؛

(六)不断提高思想政治觉悟和教育教学业务水平。

( 6 ) ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاڭ ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

第九条 为保障教师完成教育教学任务,各级人民政府、教育行政部门、有关部门、学校和其他教育机构应当履行下列职责:

9-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)提供符合国家安全标准的教育教学设施和设备;

( 1 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش؛

(二)提供必需的图书、资料及其他教育教学用品;

( 2 ) زۆرۈر كىتاب، ماتېرىيال ۋە باشقا مائارىپ، ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش؛

(三)对教师在教育教学、科学研究中的创造性工作给以鼓励和帮助;

( 3 ) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى، پەن تەتقىقات جەريانىدىكى ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىش؛

(四)支持教师制止有害于学生的行为或者其他侵犯学生合法权益的行为。

( 4 ) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق قىلمىشلارنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى توسۇشىنى قوللاش.

第三章 资格和任用

3-باب سالاھىيەت ۋە تەيىنلەش

第十条 国家实行教师资格制度。

10-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

中国公民凡遵守宪法和法律,热爱教育事业,具有良好的思想品德,具备本法规定的学历或者经国家教师资格考试合格,有教育教学能力,经认定合格的,可以取得教师资格。

جۇڭگو پۇقرالىرى ئومۇمەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيەۋى ئەخلاققا ئىگە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان، مائارىپ-ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، لاياقەتلىك دەپ بېكىتىلگەنلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

第十一条 取得教师资格应当具备的相应学历是:

11-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى :

(一)取得幼儿园教师资格,应当具备幼儿师范学校毕业及其以上学历;

( 1 ) يەسلى ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر بالىلار سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىشى كېرەك؛

(二)取得小学教师资格,应当具备中等师范学校毕业及其以上学历;

( 2 ) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىشى كېرەك؛

(三)取得初级中学教师、初级职业学校文化、专业课教师资格,应当具备高等师范专科学校或者其他大学专科毕业及其以上学历;

( 3 ) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، باشلانغۇچ كەسپىي مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئالىي سىفەن ئالىي تېخنىكومى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛

(四)取得高级中学教师资格和中等专业学校、技工学校、职业高中文化课、专业课教师资格,应当具备高等师范院校本科或者其他大学本科毕业及其以上学历;取得中等专业学校、技工学校和职业高中学生实习指导教师资格应当具备的学历,由国务院教育行政部门规定;

( 4 ) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتى ۋە ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئالىي سىفەن مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرس ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئوقۇش تارىخىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ؛

(五)取得高等学校教师资格,应当具备研究生或者大学本科毕业学历;

( 5 ) ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئاسپىرانتلىق ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىشى كېرەك؛

(六)取得成人教育教师资格,应当按照成人教育的层次、类别,分别具备高等、中等学校毕业及其以上学历。

( 6 ) چوڭلار مائارىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى، تۈرى بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك.

不具备本法规定的教师资格学历的公民,申请获取教师资格,必须通过国家教师资格考试。国家教师资格考试制度由国务院规定。

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى شەرت. دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى تۈزۈمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第十二条 本法实施前已经在学校或者其他教育机构中任教的教师,未具备本法规定学历的,由国务院教育行政部门规定教师资格过渡办法。

12-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىمىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئۆتكۈزۈش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.

第十三条 中小学教师资格由县级以上地方人民政府教育行政部门认定。中等专业学校、技工学校的教师资格由县级以上地方人民政府教育行政部门组织有关主管部门认定。普通高等学校的教师资格由国务院或者省、自治区、直辖市教育行政部门或者由其委托的学校认定。

13-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ بېكىتىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مەكتەپ بېكىتىدۇ.

具备本法规定的学历或者经国家教师资格考试合格的公民,要求有关部门认定其教师资格的,有关部门应当依照本法规定的条件予以认定。

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا، مۇناسىۋەتلىك تارماق مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە بېكىتىشى كېرەك.

取得教师资格的人员首次任教时,应当有试用期。

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بولۇشى كېرەك.

第十四条 受到剥夺政治权利或者故意犯罪受到有期徒刑以上刑事处罚的,不能取得教师资格;已经取得教师资格的,丧失教师资格。

14-ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

第十五条 各级师范学校毕业生,应当按照国家有关规定从事教育教学工作。

15-ماددا ھەر دەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.

国家鼓励非师范高等学校毕业生到中小学或者职业学校任教。

دۆلەت سىفەن بولمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第十六条 国家实行教师职务制度,具体办法由国务院规定。

16-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第十七条 学校和其他教育机构应当逐步实行教师聘任制。教师的聘任应当遵循双方地位平等的原则,由学校和教师签订聘任合同,明确规定双方的权利、义务和责任。

17-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئېنىق بەلگىلەيدۇ.

实施教师聘任制的步骤、办法由国务院教育行政部门规定。

ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچى، چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第四章 培养和培训

4-باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش

第十八条 各级人民政府和有关部门应当办好师范教育,并采取措施,鼓励优秀青年进入各级师范学校学习。各级教师进修学校承担培训中小学教师的任务。

18-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سىفەن مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

非师范学校应当承担培养和培训中小学教师的任务。

سىفەن مەكتەپلىرىدىن باشقا مەكتەپلەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

各级师范学校学生享受专业奖学金。

ھەر دەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第十九条 各级人民政府教育行政部门、学校主管部门和学校应当制定教师培训规划,对教师进行多种形式的思想政治、业务培训。

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپ مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدە ئىدىيەۋى-سىياسىي، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك.

第二十条 国家机关、企业事业单位和其他社会组织应当为教师的社会调查和社会实践提供方便,给予协助。

20-ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

第二十一条 各级人民政府应当采取措施,为少数民族地区和边远贫困地区培养、培训教师。

21-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە چەت-ياقا نامرات رايونلارغا ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەپ بېرىشى، تەربىيەلەپ بېرىشى كېرەك.

第五章 考核

بەشىنچى باب سىناش

第二十二条 学校或者其他教育机构应当对教师的政治思想、业务水平、工作态度和工作成绩进行考核。

22-ماددا مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى، كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى باھالىشى كېرەك.

教育行政部门对教师的考核工作进行指导、监督。

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، نازارەت قىلىدۇ.

第二十三条 考核应当客观、公正、准确,充分听取教师本人、其他教师以及学生的意见。

23-ماددا باھالاشتا ئوبيېكتىپ، ئادىل، توغرا بولۇش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى، باشقا ئوقۇتقۇچىلار، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك.

第二十四条 教师考核结果是受聘任教、晋升工资、实施奖惩的依据。

24-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىش، مائاش ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش-جازالاشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.

第六章 待遇

6-باب تەمىنات

第二十五条 教师的平均工资水平应当不低于或者高于国家公务员的平均工资水平,并逐步提高。建立正常晋级增薪制度,具体办法由国务院规定。

25-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشى ھەمدە تەدرىجىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. نورمال ئۆستۈرۈش-مائاش ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十六条 中小学教师和职业学校教师享受教龄津贴和其他津贴,具体办法由国务院教育行政部门会同有关部门制定。

26-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش يېشى قوشۇمچە پۇلى ۋە باشقا قوشۇمچە پۇلدىن بەھرىمەن بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

第二十七条 地方各级人民政府对教师以及具有中专以上学历的毕业生到少数民族地区和边远贫困地区从事教育教学工作的,应当予以补贴。

27-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلاردىن، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋە چەت-يىراق نامرات رايونلارغا بېرىپ ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتى قىلغانلىرىغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

第二十八条 地方各级人民政府和国务院有关部门,对城市教师住房的建设、租赁、出售实行优先、优惠。

28-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەر ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرالغۇسىنى سېلىش، ئىجارە بېرىش، سېتىشتا ئاۋۋال، ئېتىبار بېرىدۇ.

县、乡两级人民政府应当为农村中小学教师解决住房提供方便。

ناھىيەلىك، يېزىلىق ئىككى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第二十九条 教师的医疗同当地国家公务员享受同等的待遇;定期对教师进行身体健康检查,并因地制宜安排教师进行休养。

29-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشى شۇ جايدىكى دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ھەم ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئوقۇتقۇچىلارنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

医疗机构应当对当地教师的医疗提供方便。

داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第三十条 教师退休或者退职后,享受国家规定的退休或者退职待遇。

30-ماددا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيەگە چىققان ياكى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيەگە چىقىش ياكى خىزمىتىدىن چېكىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

县级以上地方人民政府可以适当提高长期从事教育教学工作的中小学退休教师的退休金比例。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېنسىيە پۇلى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ.

第三十一条 各级人民政府应当采取措施,改善国家补助、集体支付工资的中小学教师的待遇,逐步做到在工资收入上与国家支付工资的教师同工同酬,具体办法由地方各级人民政府根据本地区的实际情况规定。

31-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىدىغان، كوللېكتىپ مائاش بېرىدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، مائاش كىرىمىدە دۆلەت مائاش بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، كونكرېت چارىسىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىشى كېرەك.

第三十二条 社会力量所办学校的教师的待遇,由举办者自行确定并予以保障。

32-ماددا ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۆزى بېكىتىدۇ ھەمدە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第七章 奖励

يەتتىنچى باب مۇكاپاتلاش

第三十三条 教师在教育教学、培养人才、科学研究、教学改革、学校建设、社会服务、勤工俭学等方面成绩优异的,由所在学校予以表彰、奖励。

33-ماددا ئوقۇتقۇچىلاردىن مائارىپ ئوقۇتۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى ئەلا بولغانلىرىنى شۇ مەكتەپ تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

国务院和地方各级人民政府及其有关部门对有突出贡献的教师,应当予以表彰、奖励。

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك.

对有重大贡献的教师,依照国家有关规定授予荣誉称号。

مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ.

第三十四条 国家支持和鼓励社会组织或者个人向依法成立的奖励教师的基金组织捐助资金,对教师进行奖励。

34-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغان فوند تەشكىلاتىغا مەبلەغ ئىئانە قىلىشىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十五条 侮辱、殴打教师的,根据不同情况,分别给予行政处分或者行政处罚;造成损害的,责令赔偿损失;情节严重,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

35-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلارغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي جازا ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十六条 对依法提出申诉、控告、检举的教师进行打击报复的,由其所在单位或者上级机关责令改正;情节严重的,可以根据具体情况给予行政处分。

36-ماددا قانۇن بويىچە ئەرز-شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلىرىنى ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي جازا بېرىلسە بولىدۇ.

国家工作人员对教师打击报复构成犯罪的,依照刑法有关规定追究刑事责任。

دۆلەت خادىملىرىدىن ئوقۇتقۇچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十七条 教师有下列情形之一的,由所在学校、其他教育机构或者教育行政部门给予行政处分或者解聘:

37-ماددا ئوقۇتقۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىشلەۋاتقان مەكتەپ، باشقا مائارىپ ئاپپاراتى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى تەكلىپ قىلىشنى بىكار قىلىدۇ :

(一)故意不完成教育教学任务给教育教学工作造成损失的;

( 1 ) ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇندىماي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان سالغانلار؛

(二)体罚学生,经教育不改的;

( 2 ) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىلىدۇ، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر؛

(三)品行不良、侮辱学生,影响恶劣的。

( 3 ) ئەخلاقى ناچار، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، تەسىرى ناچار بولغانلار.

教师有前款第(二)项、第(三)项所列情形之一,情节严重,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 2 ) تارماقچىسى، ( 3 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十八条 地方人民政府对违反本法规定,拖欠教师工资或者侵犯教师其他合法权益的,应当责令其限期改正。

38-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

违反国家财政制度、财务制度,挪用国家财政用于教育的经费,严重妨碍教育教学工作,拖欠教师工资,损害教师合法权益的,由上级机关责令限期归还被挪用的经费,并对直接责任人员给予行政处分;情节严重,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى، مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ مائارىپقا ئىشلەتكەن خىراجىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىپ، مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن خىراجەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十九条 教师对学校或者其他教育机构侵犯其合法权益的,或者对学校或者其他教育机构作出的处理不服的,可以向教育行政部门提出申诉,教育行政部门应当在接到申诉的三十日内,作出处理。

39-ماددا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىرىنى ياكى مەكتەپ ياكى باشقا ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىسا، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

教师认为当地人民政府有关行政部门侵犯其根据本法规定享有的权利的,可以向同级人民政府或者上一级人民政府有关部门提出申诉,同级人民政府或者上一级人民政府有关部门应当作出处理。

ئوقۇتقۇچى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十条 本法下列用语的含义是:

40-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)各级各类学校,是指实施学前教育、普通初等教育、普通中等教育、职业教育、普通高等教育以及特殊教育、成人教育的学校。

( 1 ) ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ، شۇنىڭدەك ئالاھىدە مائارىپ، چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويىدىغان مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(二)其他教育机构,是指少年宫以及地方教研室、电化教育机构等。

( 2 ) باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، شۇنىڭدەك يەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(三)中小学教师,是指幼儿园、特殊教育机构、普通中小学、成人初等中等教育机构、职业中学以及其他教育机构的教师。

( 3 ) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلار باغچىسى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتىپى، چوڭلار تولۇقسىز ئوتتۇرا قاتارلىق ئوتتۇرا مائارىپ ئاپپاراتى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنىڭدەك باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

第四十一条 学校和其他教育机构中的教育教学辅助人员,其他类型的学校的教师和教育教学辅助人员,可以根据实际情况参照本法的有关规定执行。

41-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى مائارىپ ئوقۇتۇشى ياردەمچىلىرى، باشقا تۈردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى ياردەمچىلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

军队所属院校的教师和教育教学辅助人员,由中央军事委员会依照本法制定有关规定。

ئارمىيەگە قاراشلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ، ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر چىقىرىدۇ.

第四十二条 外籍教师的聘任办法由国务院教育行政部门规定。

42-ماددا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第四十三条 本法自1994年1月1日起施行。

43-ماددا بۇ قانۇن 1994-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.