中华人民共和国标准化法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى

(1988年12月29日第七届全国人民代表大会常务委员会第五次会议通过 2017年11月4日第十二届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议修订)

( 1988-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2017-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 标准的制定

2-باب ئۆلچەمنى بېكىتىش

第三章 标准的实施

3-باب ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى

第四章 监督管理

4-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强标准化工作,提升产品和服务质量,促进科学技术进步,保障人身健康和生命财产安全,维护国家安全、生态环境安全,提高经济社会发展水平,制定本法。

بۇ قانۇن ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىسمانىي ساغلاملىق ۋە ھايات، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称标准(含标准样品),是指农业、工业、服务业以及社会事业等领域需要统一的技术要求。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆلچەم ( ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مۇلازىمەتچىلىك، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك تېخنىكا تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ.

标准包括国家标准、行业标准、地方标准和团体标准、企业标准。国家标准分为强制性标准、推荐性标准,行业标准、地方标准是推荐性标准。

ئۆلچەم دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەم ۋە كوللېكتىپ ئۆلچەم، كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمى مەجبۇرىي ئۆلچەم، تەۋسىيەلىك ئۆلچەمگە بۆلۈنىدۇ، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەم تەۋسىيەلىك ئۆلچەمدۇر.

强制性标准必须执行。国家鼓励采用推荐性标准。

强制性标准必须执行。国家鼓励采用推荐性标准。

第三条 标准化工作的任务是制定标准、组织实施标准以及对标准的制定、实施进行监督。

3-ماددا ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆلچەم بېكىتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئۆلچىمى ھەمدە ئۆلچەم تۈزۈش، يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت.

县级以上人民政府应当将标准化工作纳入本级国民经济和社会发展规划,将标准化工作经费纳入本级预算。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

第四条 制定标准应当在科学技术研究成果和社会实践经验的基础上,深入调查论证,广泛征求意见,保证标准的科学性、规范性、时效性,提高标准质量。

4-ماددا ئۆلچەم تۈزۈشتە پەن-تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىللەش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، ئۆلچەمنىڭ ئىلمىيلىكى، قېلىپلىقلىقى، ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆلچەمنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

第五条 国务院标准化行政主管部门统一管理全国标准化工作。国务院有关行政主管部门分工管理本部门、本行业的标准化工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ تارماق، شۇ ساھەنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە باشقۇرىدۇ.

县级以上地方人民政府标准化行政主管部门统一管理本行政区域内的标准化工作。县级以上地方人民政府有关行政主管部门分工管理本行政区域内本部门、本行业的标准化工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى شۇ تارماق، شۇ ساھەنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە باشقۇرىدۇ.

第六条 国务院建立标准化协调机制,统筹推进标准化重大改革,研究标准化重大政策,对跨部门跨领域、存在重大争议标准的制定和实施进行协调。

6-ماددا گوۋۇيۈەن ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە دائىر مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئائىت مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان، ئېغىر، زور تالاش-تارتىش ساقلانغان ئۆلچەملەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى ماسلاشتۇرىدۇ.

设区的市级以上地方人民政府可以根据工作需要建立标准化协调机制,统筹协调本行政区域内标准化工作重大事项。

رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.

第七条 国家鼓励企业、社会团体和教育、科研机构等开展或者参与标准化工作。

7-ماددا دۆلەت كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第八条 国家积极推动参与国际标准化活动,开展标准化对外合作与交流,参与制定国际标准,结合国情采用国际标准,推进中国标准与国外标准之间的转化运用。

8-ماددا دۆلەت خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش جەھەتتىكى تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ خەلقئارا ئۆلچەم قوللىنىپ، جۇڭگو ئۆلچىمى بىلەن چەت ئەل ئۆلچىمى ئارىسىدىكى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

国家鼓励企业、社会团体和教育、科研机构等参与国际标准化活动。

دۆلەت كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第九条 对在标准化工作中做出显著成绩的单位和个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。

9-ماددا ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

第二章 标准的制定

2-باب ئۆلچەمنى بېكىتىش

第十条 对保障人身健康和生命财产安全、国家安全、生态环境安全以及满足经济社会管理基本需要的技术要求,应当制定强制性国家标准。

10-ماددا جىسمانىي ساغلاملىق ۋە ھايات، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى، شۇنىڭدەك ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا بولغان ئاساسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش توغرىسىدىكى تېخنىكا تەلىپىگە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈش كېرەك.

国务院有关行政主管部门依据职责负责强制性国家标准的项目提出、组织起草、征求意见和技术审查。国务院标准化行政主管部门负责强制性国家标准的立项、编号和对外通报。国务院标准化行政主管部门应当对拟制定的强制性国家标准是否符合前款规定进行立项审查,对符合前款规定的予以立项。

گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ئاساسىدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەييارلاشقا تەشكىللەش، پىكىر ئېلىش ۋە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش، نومۇر سېلىش ۋە سىرتقا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتمەكچى بولغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تۈر تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ماس كېلىدىغانلىرىنى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇشى كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府标准化行政主管部门可以向国务院标准化行政主管部门提出强制性国家标准的立项建议,由国务院标准化行政主管部门会同国务院有关行政主管部门决定。社会团体、企业事业组织以及公民可以向国务院标准化行政主管部门提出强制性国家标准的立项建议,国务院标准化行政主管部门认为需要立项的,会同国务院有关行政主管部门决定。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، بۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش سىياسىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قارار قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش سىياسىي مەسئۇل تارمىقى تۈر تۇرغۇزۇش زۆرۈر دەپ قارىسا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قارار قىلىدۇ.

强制性国家标准由国务院批准发布或者授权批准发布。

مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ ئېلان قىلىدۇ ياكى ھوقۇق بېرىپ تەستىقلاپ ئېلان قىلىدۇ.

法律、行政法规和国务院决定对强制性标准的制定另有规定的,从其规定。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارىدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم تۈزۈش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第十一条 对满足基础通用、与强制性国家标准配套、对各有关行业起引领作用等需要的技术要求,可以制定推荐性国家标准。

11-ماددا ھەممىباب ئاساس، مەجبۇرىي دۆلەت ئۆلچىمىگە يانداشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش رولى ئويناش قاتارلىق ئېھتىياجلارنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمى بېكىتىشكە بولىدۇ.

推荐性国家标准由国务院标准化行政主管部门制定。

تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

第十二条 对没有推荐性国家标准、需要在全国某个行业范围内统一的技术要求,可以制定行业标准。

12-ماددا تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەلۇم كەسىپ دائىرىسىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك تېخنىكا تەلىپىگە قارىتا، كەسىپ ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.

行业标准由国务院有关行政主管部门制定,报国务院标准化行政主管部门备案。

ساھە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ.

第十三条 为满足地方自然条件、风俗习惯等特殊技术要求,可以制定地方标准。

13-ماددا يەرلىكنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدە تېخنىكىلىق تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك ئۆلچەم تۈزۈشكە بولىدۇ.

地方标准由省、自治区、直辖市人民政府标准化行政主管部门制定;设区的市级人民政府标准化行政主管部门根据本行政区域的特殊需要,经所在地省、自治区、直辖市人民政府标准化行政主管部门批准,可以制定本行政区域的地方标准。地方标准由省、自治区、直辖市人民政府标准化行政主管部门报国务院标准化行政主管部门备案,由国务院标准化行政主管部门通报国务院有关行政主管部门。

يەرلىك ئۆلچەمنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ؛ رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى چىقارسا بولىدۇ. يەرلىك ئۆلچەمنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىيەت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

第十四条 对保障人身健康和生命财产安全、国家安全、生态环境安全以及经济社会发展所急需的标准项目,制定标准的行政主管部门应当优先立项并及时完成。

14-ماددا جىسمانىي ساغلاملىق ۋە ھايات، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئۆلچەم تۈرلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىن تۈر تۇرغۇزۇشى ھەمدە ۋاقتىدا تاماملىشى كېرەك.

第十五条 制定强制性标准、推荐性标准,应当在立项时对有关行政主管部门、企业、社会团体、消费者和教育、科研机构等方面的实际需求进行调查,对制定标准的必要性、可行性进行论证评估;在制定过程中,应当按照便捷有效的原则采取多种方式征求意见,组织对标准相关事项进行调查分析、实验、论证,并做到有关标准之间的协调配套。

15-ماددا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم، تەۋسىيەلىك ئۆلچەم تۈزۈشتە، تۈر تۇرغۇزغاندا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىستېمالچىلار ۋە مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ئېھتىياجنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەم تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش-باھالاش كېرەك؛ تۈزۈش جەريانىدا قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ پىكىر ئېلىش، ئۆلچەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش، تەجرىبە قىلىش، دەلىللەشكە تەشكىللەش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەر ئارا ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

第十六条 制定推荐性标准,应当组织由相关方组成的标准化技术委员会,承担标准的起草、技术审查工作。制定强制性标准,可以委托相关标准化技术委员会承担标准的起草、技术审查工作。未组成标准化技术委员会的,应当成立专家组承担相关标准的起草、技术审查工作。标准化技术委员会和专家组的组成应当具有广泛代表性。

16-ماددا تەۋسىيەلىك ئۆلچەم تۈزۈشتە، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن تەشكىللەنگەن ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنى تەشكىللەش، ئۆلچەم تەييارلاش، تېخنىكا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم تۈزۈشتە، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىغا ئۆلچەم تەييارلاش، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى تەشكىللەنمىگەن بولسا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمنى تەييارلاش، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

第十七条 强制性标准文本应当免费向社会公开。国家推动免费向社会公开推荐性标准文本。

17-ماددا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملىك ھۆججەتنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئاشكارىلاش كېرەك. دۆلەت جەمئىيەتكە ھەقسىز تەۋسىيە خاراكتېرلىك ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈردى.

第十八条 国家鼓励学会、协会、商会、联合会、产业技术联盟等社会团体协调相关市场主体共同制定满足市场和创新需要的团体标准,由本团体成员约定采用或者按照本团体的规定供社会自愿采用。

18-ماددا دۆلەت ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، بىرلەشمە، كەسىپ-تېخنىكا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بازار سۇبيېكتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بازار ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى بىرلىكتە تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى قوللىنىشنى پۈتۈشىدۇ ياكى شۇ تەشكىلاتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جەمئىيەتنىڭ ئىختىيارىي ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ.

制定团体标准,应当遵循开放、透明、公平的原则,保证各参与主体获取相关信息,反映各参与主体的共同需求,并应当组织对标准相关事项进行调查分析、实验、论证。

كوللېكتىپ ئۆلچەم تۈزۈشتە، ئوچۇق، ئوچۇق، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، قاتناشقۇچى سۇبيېكتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، قاتناشتۇرغۇچى سۇبيېكتلارنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىنى ئىنكاس قىلىش ھەمدە ئۆلچەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش، تەجرىبە قىلىش، دەلىللەشكە تەشكىللەش كېرەك.

国务院标准化行政主管部门会同国务院有关行政主管部门对团体标准的制定进行规范、引导和监督。

گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

第十九条 企业可以根据需要自行制定企业标准,或者与其他企业联合制定企业标准。

19-ماددا كارخانىلار ئېھتىياجغا قاراپ كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە ياكى باشقا كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ كارخانا ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ.

第二十条 国家支持在重要行业、战略性新兴产业、关键共性技术等领域利用自主创新技术制定团体标准、企业标准。

20-ماددا دۆلەت مۇھىم كەسىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كوللېكتىپ ئۆلچىمى، كارخانا ئۆلچىمى تۈزۈشنى قوللايدۇ.

第二十一条 推荐性国家标准、行业标准、地方标准、团体标准、企业标准的技术要求不得低于强制性国家标准的相关技术要求。

21-ماددا تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەم، كوللېكتىپ ئۆلچەم، كارخانا ئۆلچىمىنىڭ تېخنىكا تەلىپى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەلىپىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

国家鼓励社会团体、企业制定高于推荐性标准相关技术要求的团体标准、企业标准。

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە كارخانىلارنىڭ تەۋسىيەلىك ئۆلچەمگە ئالاقىدار تېخنىكا تەلىپىدىن يۇقىرى كوللېكتىپ ئۆلچىمى، كارخانا ئۆلچىمى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第二十二条 制定标准应当有利于科学合理利用资源,推广科学技术成果,增强产品的安全性、通用性、可替换性,提高经济效益、社会效益、生态效益,做到技术上先进、经济上合理。

22-ماددا ئۆلچەم تۈزۈش بايلىقتىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكى، قوللىنىشچانلىقى، ئالماشتۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتە ئىلغار، ئىقتىساد جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

禁止利用标准实施妨碍商品、服务自由流通等排除、限制市场竞争的行为。

ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ تاۋار، مۇلازىمەتنىڭ ئەركىن ئوبوروتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، بازار رىقابىتىنى تۈگىتىدىغان، چەكلەيدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第二十三条 国家推进标准化军民融合和资源共享,提升军民标准通用化水平,积极推动在国防和军队建设中采用先进适用的民用标准,并将先进适用的军用标准转化为民用标准。

23-ماددا دۆلەت ئۆلچەملەشكەن ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق ئۆلچىمىنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا ئىلغار، قوللىنىشچان پۇقراۋى ئۆلچەمنى قوللىنىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە ئىلغار، قوللىنىشچان ھەربىي ئۆلچەمنى پۇقراۋى ئۆلچەمگە ئايلاندۇرىدۇ.

第二十四条 标准应当按照编号规则进行编号。标准的编号规则由国务院标准化行政主管部门制定并公布。

24-ماددا ئۆلچەمگە نومۇر قويۇش قائىدىسى بويىچە نومۇر سېلىش كېرەك. ئۆلچەمگە نومۇر قويۇش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

第三章 标准的实施

3-باب ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى

第二十五条 不符合强制性标准的产品、服务,不得生产、销售、进口或者提供。

25-ماددا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلات، مۇلازىمەتنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش ياكى تەمىنلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

第二十六条 出口产品、服务的技术要求,按照合同的约定执行。

26-ماددا مەھسۇلات، مۇلازىمەت ئېكسپورت قىلىشتىكى تېخنىكا تەلىپى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第二十七条 国家实行团体标准、企业标准自我声明公开和监督制度。企业应当公开其执行的强制性标准、推荐性标准、团体标准或者企业标准的编号和名称;企业执行自行制定的企业标准的,还应当公开产品、服务的功能指标和产品的性能指标。国家鼓励团体标准、企业标准通过标准信息公共服务平台向社会公开。

27-ماددا دۆلەت كوللېكتىپ ئۆلچىمى ۋە كارخانا ئۆلچىمى بويىچە ئۆزى بايانات ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كارخانا ئۆزى ئىجرا قىلىدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم، تەۋسىيەلىك ئۆلچەم، كوللېكتىپ ئۆلچەم ياكى كارخانا ئۆلچىمىنىڭ نومۇرى ۋە نامىنى ئاشكارىلىشى كېرەك؛ كارخانا ئۆزى بېكىتكەن كارخانا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشتا، يەنە مەھسۇلات، مۇلازىمەتنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. دۆلەت كوللېكتىپ ئۆلچىمى، كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆلچەملىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا ئىلھام بېرىدۇ.

企业应当按照标准组织生产经营活动,其生产的产品、提供的服务应当符合企业公开标准的技术要求。

كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنى ئۆلچەم بويىچە تەشكىللىشى، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات، تەمىنلىگەن مۇلازىمەت كارخانىنى ئاشكارىلاش ئۆلچىمىنىڭ تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第二十八条 企业研制新产品、改进产品,进行技术改造,应当符合本法规定的标准化要求。

28-ماددا كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشى، مەھسۇلاتنى ياخشىلىشى، تېخنىكا ئۆزگەرتىشىدە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملەشتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第二十九条 国家建立强制性标准实施情况统计分析报告制度。

29-ماددا دۆلەت مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

国务院标准化行政主管部门和国务院有关行政主管部门、设区的市级以上地方人民政府标准化行政主管部门应当建立标准实施信息反馈和评估机制,根据反馈和评估情况对其制定的标准进行复审。标准的复审周期一般不超过五年。经过复审,对不适应经济社会发展需要和技术进步的应当及时修订或者废止。

گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلچەمنى يولغا قويۇش ئۇچۇرىنى قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قايتما ئىنكاس ۋە باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتكەن ئۆلچەمنى قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئۆلچەمنى قايتا تەكشۈرۈش مۇددىتى ئادەتتە بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا لايىقلاشمىغانلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىش كېرەك.

第三十条 国务院标准化行政主管部门根据标准实施信息反馈、评估、复审情况,对有关标准之间重复交叉或者不衔接配套的,应当会同国务院有关行政主管部门作出处理或者通过国务院标准化协调机制处理。

30-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلچەمگە ئاساسەن ئۇچۇر قايتۇرۇش، باھالاش، قايتا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ئارىسىدا تەكرار گىرەلىشىپ قالغان ياكى جىپسىلىشىپ يۈرۈشلەشمىگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىشى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第三十一条 县级以上人民政府应当支持开展标准化试点示范和宣传工作,传播标准化理念,推广标准化经验,推动全社会运用标准化方式组织生产、经营、管理和服务,发挥标准对促进转型升级、引领创新驱动的支撑作用。

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى تەشكىللىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆلچەمنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

第四章 监督管理

4-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第三十二条 县级以上人民政府标准化行政主管部门、有关行政主管部门依据法定职责,对标准的制定进行指导和监督,对标准的实施进行监督检查。

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆلچەم تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ، ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.

第三十三条 国务院有关行政主管部门在标准制定、实施过程中出现争议的,由国务院标准化行政主管部门组织协商;协商不成的,由国务院标准化协调机制解决。

33-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلچەم تۈزۈش، يولغا قويۇش جەريانىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشكەن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كېڭىشىشكە تەشكىللەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، گوۋۇيۈەن ئۆلچەملەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ھەل قىلىدۇ.

第三十四条 国务院有关行政主管部门、设区的市级以上地方人民政府标准化行政主管部门未依照本法规定对标准进行编号、复审或者备案的,国务院标准化行政主管部门应当要求其说明情况,并限期改正。

34-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەم بويىچە نومۇر قويمىسا، قايتا تەكشۈرمىسە ياكى ئەنگە ئالدۇرمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ھەمدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشى كېرەك.

第三十五条 任何单位或者个人有权向标准化行政主管部门、有关行政主管部门举报、投诉违反本法规定的行为。

35-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

标准化行政主管部门、有关行政主管部门应当向社会公开受理举报、投诉的电话、信箱或者电子邮件地址,并安排人员受理举报、投诉。对实名举报人或者投诉人,受理举报、投诉的行政主管部门应当告知处理结果,为举报人保密,并按照国家有关规定对举报人给予奖励。

ئۆلچەملەشكەن مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق جەمئىيەتكە پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تېلېفون نومۇرى، خەت ساندۇقى ياكى ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئادرېسىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشى ھەمدە پاش قىلىش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا خادىم ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي ئىسىم بىلەن پاش قىلغۇچى ياكى ئەرز قىلغۇچىغا پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ، پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پاش قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十六条 生产、销售、进口产品或者提供服务不符合强制性标准,或者企业生产的产品、提供的服务不符合其公开标准的技术要求的,依法承担民事责任。

36-ماددا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلغان ياكى مۇلازىمەت قىلغان مۇلازىمىتى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى كارخانا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات، تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى ئاشكارا ئۆلچەمنىڭ تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三十七条 生产、销售、进口产品或者提供服务不符合强制性标准的,依照《中华人民共和国产品质量法》、《中华人民共和国进出口商品检验法》、《中华人民共和国消费者权益保护法》等法律、行政法规的规定查处,记入信用记录,并依照有关法律、行政法规的规定予以公示;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

37-ماددا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلغان ياكى مۇلازىمەت قىلغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئىناۋەت خاتىرىسىگە خاتىرىلىنىدۇ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十八条 企业未依照本法规定公开其执行的标准的,由标准化行政主管部门责令限期改正;逾期不改正的,在标准信息公共服务平台上公示。

38-ماددا كارخانىلار ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلىمىسا، ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئۆلچەملىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

第三十九条 国务院有关行政主管部门、设区的市级以上地方人民政府标准化行政主管部门制定的标准不符合本法第二十一条第一款、第二十二条第一款规定的,应当及时改正;拒不改正的,由国务院标准化行政主管部门公告废止相关标准;对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。

39-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقارغان ئۆلچەم مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 22-ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك؛ تۈزىتىشنى رەت قىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلىدۇ؛ جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

社会团体、企业制定的标准不符合本法第二十一条第一款、第二十二条第一款规定的,由标准化行政主管部门责令限期改正;逾期不改正的,由省级以上人民政府标准化行政主管部门废止相关标准,并在标准信息公共服务平台上公示。

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار تۈزگەن ئۆلچەم مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 22-ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئۆلچەملىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئېلان قىلىدۇ.

违反本法第二十二条第二款规定,利用标准实施排除、限制市场竞争行为的,依照《中华人民共和国反垄断法》等法律、行政法规的规定处理。

مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ بازار رىقابىتىنى يوقىتىش، چەكلەش قىلمىشى سادىر قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第四十条 国务院有关行政主管部门、设区的市级以上地方人民政府标准化行政主管部门未依照本法规定对标准进行编号或者备案,又未依照本法第三十四条的规定改正的,由国务院标准化行政主管部门撤销相关标准编号或者公告废止未备案标准;对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。

40-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەم قويمىغان ياكى ئەنگە ئالدۇرمىغان، شۇنداقلا مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزەتمىگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم نومۇرىنى بىكار قىلىدۇ ياكى ئەنگە ئېلىنمىغان ئۆلچەمنى ئېلان چىقىرىپ بىكار قىلىدۇ؛ جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

国务院有关行政主管部门、设区的市级以上地方人民政府标准化行政主管部门未依照本法规定对其制定的标准进行复审,又未依照本法第三十四条的规定改正的,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。

گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى تۈزگەن ئۆلچەم بويىچە قايتا تەكشۈرمىگەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزەتمىگەن بولسا، جاۋابكار رەھبىرىي خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第四十一条 国务院标准化行政主管部门未依照本法第十条第二款规定对制定强制性国家标准的项目予以立项,制定的标准不符合本法第二十一条第一款、第二十二条第一款规定,或者未依照本法规定对标准进行编号、复审或者予以备案的,应当及时改正;对负有责任的领导人员和直接责任人员可以依法给予处分。

41-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى چىقىرىش تۈرىنى تۇرغۇزمىغان، چىقارغان ئۆلچىمى مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 22-ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەمگە نومۇر قويمىغان، قايتا تەكشۈرمىگەن ياكى ئەنگە ئالدۇرمىغانلار ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك؛ جاۋابكار رەھبىرىي خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.

第四十二条 社会团体、企业未依照本法规定对团体标准或者企业标准进行编号的,由标准化行政主管部门责令限期改正;逾期不改正的,由省级以上人民政府标准化行政主管部门撤销相关标准编号,并在标准信息公共服务平台上公示。

42-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كوللېكتىپ ئۆلچىمى ياكى كارخانا ئۆلچىمىگە نومۇر قويمىغانلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم نومۇرىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئۆلچەملىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئېلان قىلىدۇ.

第四十三条 标准化工作的监督、管理人员滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

43-ماددا ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十四条 军用标准的制定、实施和监督办法,由国务院、中央军事委员会另行制定。

44-ماددا ھەربىي ئىشلار ئۆلچىمىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم تۈزىدۇ.

第四十五条 本法自2018年1月1日起施行。

45-ماددا بۇ قانۇن 2018-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.