中华人民共和国法律援助法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن ياردىمى قانۇنى

(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)

( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 机构和人员

2-باب ئاپپارات ۋە خادىملار

第三章 形式和范围

3-باب شەكىل ۋە دائىرە

第四章 程序和实施

4-باب تەرتىپ ۋە يولغا قويۇش

第五章 保障和监督

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范和促进法律援助工作,保障公民和有关当事人的合法权益,保障法律正确实施,维护社会公平正义,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称法律援助,是国家建立的为经济困难公民和符合法定条件的其他当事人无偿提供法律咨询、代理、刑事辩护等法律服务的制度,是公共法律服务体系的组成部分。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قانۇن ياردىمى دۆلەت قۇرغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا دەۋالاشقۇچىلار قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلارنى ئاقلاش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىدىغان تۈزۈم، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.

第三条 法律援助工作坚持中国共产党领导,坚持以人民为中心,尊重和保障人权,遵循公开、公平、公正的原则,实行国家保障与社会参与相结合。

3-ماددا قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، دۆلەت كاپالىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

第四条 县级以上人民政府应当将法律援助工作纳入国民经济和社会发展规划、基本公共服务体系,保障法律援助事业与经济社会协调发展。

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ياردىمى ئىشلىرى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

县级以上人民政府应当健全法律援助保障体系,将法律援助相关经费列入本级政府预算,建立动态调整机制,保障法律援助工作需要,促进法律援助均衡发展。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن ياردىمى كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ياردىمىگە مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ياردىمىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第五条 国务院司法行政部门指导、监督全国的法律援助工作。县级以上地方人民政府司法行政部门指导、监督本行政区域的法律援助工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى نازارەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

县级以上人民政府其他有关部门依照各自职责,为法律援助工作提供支持和保障。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第六条 人民法院、人民检察院、公安机关应当在各自职责范围内保障当事人依法获得法律援助,为法律援助人员开展工作提供便利。

6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第七条 律师协会应当指导和支持律师事务所、律师参与法律援助工作。

7-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

第八条 国家鼓励和支持群团组织、事业单位、社会组织在司法行政部门指导下,依法提供法律援助。

8-ماددا دۆلەت ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第九条 国家鼓励和支持企业事业单位、社会组织和个人等社会力量,依法通过捐赠等方式为法律援助事业提供支持;对符合条件的,给予税收优惠。

9-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قانۇن بويىچە ئىئانە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇن ياردىمى ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

第十条 司法行政部门应当开展经常性的法律援助宣传教育,普及法律援助知识。

10-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى دائىملىق قانۇن ياردىمى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ياردىمى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

新闻媒体应当积极开展法律援助公益宣传,并加强舆论监督。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى قانۇن ياردىمى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第十一条 国家对在法律援助工作中做出突出贡献的组织和个人,按照有关规定给予表彰、奖励。

11-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

第二章 机构和人员

2-باب ئاپپارات ۋە خادىملار

第十二条 县级以上人民政府司法行政部门应当设立法律援助机构。法律援助机构负责组织实施法律援助工作,受理、审查法律援助申请,指派律师、基层法律服务工作者、法律援助志愿者等法律援助人员提供法律援助,支付法律援助补贴。

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك. قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش، قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خادىمى، قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قاتارلىق قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىدۇ، قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

第十三条 法律援助机构根据工作需要,可以安排本机构具有律师资格或者法律职业资格的工作人员提供法律援助;可以设置法律援助工作站或者联络点,就近受理法律援助申请。

13-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ ئاپپاراتتىكى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى ياكى قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملارنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ؛ قانۇن ياردىمى خىزمەت پونكىتى ياكى ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتا قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ.

第十四条 法律援助机构可以在人民法院、人民检察院和看守所等场所派驻值班律师,依法为没有辩护人的犯罪嫌疑人、被告人提供法律援助。

14-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە قاماقخانا قاتارلىق سورۇنلاردا نۆۋەتچى ئادۋوكات ئەۋەتىپ، ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

第十五条 司法行政部门可以通过政府采购等方式,择优选择律师事务所等法律服务机构为受援人提供法律援助。

15-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئادۋوكاتلىق ئورنى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

第十六条 律师事务所、基层法律服务所、律师、基层法律服务工作者负有依法提供法律援助的义务。

16-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى، ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇنغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

律师事务所、基层法律服务所应当支持和保障本所律师、基层法律服务工作者履行法律援助义务。

ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى شۇ ئادۋوكاتتىكى ئادۋوكاتلار، ئاساسىي قاتلام قانۇنمۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第十七条 国家鼓励和规范法律援助志愿服务;支持符合条件的个人作为法律援助志愿者,依法提供法律援助。

17-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرنىڭ قانۇن ياردىمى پىدائىيسى بولۇپ، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.

高等院校、科研机构可以组织从事法学教育、研究工作的人员和法学专业学生作为法律援助志愿者,在司法行政部门指导下,为当事人提供法律咨询、代拟法律文书等法律援助。

ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قانۇنشۇناسلىق تەربىيەسى، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ۋە قانۇنشۇناسلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قىلىشقا تەشكىللەپ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالاقىدارلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسە، قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن تەييارلىسا قاتارلىق قانۇن ياردىمىنى بەرسە بولىدۇ.

法律援助志愿者具体管理办法由国务院有关部门规定。

قانۇن ياردىمى پىدائىيلىرىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第十八条 国家建立健全法律服务资源依法跨区域流动机制,鼓励和支持律师事务所、律师、法律援助志愿者等在法律服务资源相对短缺地区提供法律援助。

18-ماددا دۆلەت قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنىڭ قانۇن بويىچە رايون ھالقىپ يۆتكىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكات، قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قاتارلىقلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقى نىسبەتەن قىس رايونلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第十九条 法律援助人员应当依法履行职责,及时为受援人提供符合标准的法律援助服务,维护受援人的合法权益。

19-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا قىلىپ، ياردەم بەرگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

第二十条 法律援助人员应当恪守职业道德和执业纪律,不得向受援人收取任何财物。

20-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ھەرقانداق پۇل-مال ئالسا بولمايدۇ.

第二十一条 法律援助机构、法律援助人员对提供法律援助过程中知悉的国家秘密、商业秘密和个人隐私应当予以保密。

21-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

第三章 形式和范围

3-باب شەكىل ۋە دائىرە

第二十二条 法律援助机构可以组织法律援助人员依法提供下列形式的法律援助服务:

22-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى شەكىلدىكى قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ :

(一)法律咨询;

( 1 ) قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش؛

(二)代拟法律文书;

( 2 ) قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن تەييارلاش؛

(三)刑事辩护与代理;

( 3 ) جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

(四)民事案件、行政案件、国家赔偿案件的诉讼代理及非诉讼代理;

( 4 ) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلو، دۆلەت تۆلەم دېلوسىدىكى دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ۋە غەيرىي دەۋا ۋاكالەتچىلىكى؛

(五)值班律师法律帮助;

( 5 ) نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن ياردىمى؛

(六)劳动争议调解与仲裁代理;

( 6 ) ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم قىلىش ۋاكالەتچىلىكى؛

(七)法律、法规、规章规定的其他形式。

( 7 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر.

第二十三条 法律援助机构应当通过服务窗口、电话、网络等多种方式提供法律咨询服务;提示当事人享有依法申请法律援助的权利,并告知申请法律援助的条件和程序。

23-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇلازىمەت كۆزنىكى، تېلېفون، تور قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك؛ ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ھەمدە قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى ۋە تەرتىپىنى ئۇقتۇرۇش.

第二十四条 刑事案件的犯罪嫌疑人、被告人因经济困难或者其他原因没有委托辩护人的,本人及其近亲属可以向法律援助机构申请法律援助。

24-ماددا جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第二十五条 刑事案件的犯罪嫌疑人、被告人属于下列人员之一,没有委托辩护人的,人民法院、人民检察院、公安机关应当通知法律援助机构指派律师担任辩护人:

25-ماددا جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىنمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلەشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك :

(一)未成年人;

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر؛

(二)视力、听力、言语残疾人;

( 2 ) كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، گەپ-سۆزىدىكى مېيىپلەر؛

(三)不能完全辨认自己行为的成年人;

( 3 ) قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغانلىرى؛

(四)可能被判处无期徒刑、死刑的人;

( 4 ) مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغانلار؛

(五)申请法律援助的死刑复核案件被告人;

( 5 ) قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغان ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىدىكى جاۋابكارلار؛

(六)缺席审判案件的被告人;

( 6 ) دېلونى دەرقەمسىز سوت قىلغان جاۋابكارلار؛

(七)法律法规规定的其他人员。

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خادىملار.

其他适用普通程序审理的刑事案件,被告人没有委托辩护人的,人民法院可以通知法律援助机构指派律师担任辩护人。

ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا تەتبىقلىنىدىغان باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا، جاۋابكار ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلەشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

第二十六条 对可能被判处无期徒刑、死刑的人,以及死刑复核案件的被告人,法律援助机构收到人民法院、人民检察院、公安机关通知后,应当指派具有三年以上相关执业经历的律师担任辩护人。

26-ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بويىچە قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىدىكى جاۋابكارلارغا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىغا ئىگە ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلىشى كېرەك.

第二十七条 人民法院、人民检察院、公安机关通知法律援助机构指派律师担任辩护人时,不得限制或者损害犯罪嫌疑人、被告人委托辩护人的权利。

27-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئاقلىغۇچىلىققا ئادۋوكات تەيىنلەشنى ئۇقتۇرغاندا، جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكار ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەشكە ياكى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.

第二十八条 强制医疗案件的被申请人或者被告人没有委托诉讼代理人的,人民法院应当通知法律援助机构指派律师为其提供法律援助。

28-ماددا مەجبۇرىي داۋالاش دېلوسىدىكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى ياكى جاۋابكار دەۋا ۋاكالەتچىسىنى ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكات بەلگىلەپ ئۇنىڭغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第二十九条 刑事公诉案件的被害人及其法定代理人或者近亲属,刑事自诉案件的自诉人及其法定代理人,刑事附带民事诉讼案件的原告人及其法定代理人,因经济困难没有委托诉讼代理人的,可以向法律援助机构申请法律援助。

29-ماددا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى، جىنايى ئىشلار بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن ۋاكالەتچىسى، جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا دېلوسىدىكى دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلىگەن ۋاكالەتچىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第三十条 值班律师应当依法为没有辩护人的犯罪嫌疑人、被告人提供法律咨询、程序选择建议、申请变更强制措施、对案件处理提出意见等法律帮助。

30-ماددا نۆۋەتچى ئادۋوكات قانۇن بويىچە ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، تەرتىپ تاللاش تەكلىپى بېرىش، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا پىكرى بېرىش قاتارلىق قانۇن ياردىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

第三十一条 下列事项的当事人,因经济困难没有委托代理人的,可以向法律援助机构申请法律援助:

31-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئالاقىدارلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :

(一)依法请求国家赔偿;

( 1 ) قانۇن بويىچە دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش؛

(二)请求给予社会保险待遇或者社会救助;

( 2 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(三)请求发给抚恤金;

( 3 ) نەپىقە پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(四)请求给付赡养费、抚养费、扶养费;

( 4 ) كۈتۈش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(五)请求确认劳动关系或者支付劳动报酬;

( 5 ) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئەمگەك ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(六)请求认定公民无民事行为能力或者限制民事行为能力;

( 6 ) پۇقرالارنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ بېكىتىش ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا؛

(七)请求工伤事故、交通事故、食品药品安全事故、医疗事故人身损害赔偿;

( 7 ) ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى، قاتناش ھادىسىسى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىك ھادىسىسى، داۋالاش ھادىسىسىنىڭ جىسمانىي زىيىنى تۆلىمىنى تەلەپ قىلىش؛

(八)请求环境污染、生态破坏损害赔偿;

( 8 ) مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش زىيىنىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛

(九)法律、法规、规章规定的其他情形。

( 9 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第三十二条 有下列情形之一,当事人申请法律援助的,不受经济困难条件的限制:

32-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ ئالاقىدارلار قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ :

(一)英雄烈士近亲属为维护英雄烈士的人格权益;

( 1 ) قەھرىمانلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قەھرىمانلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن؛

(二)因见义勇为行为主张相关民事权益;

( 2 ) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىدار ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىش؛

(三)再审改判无罪请求国家赔偿;

( 3 ) قايتا سوت قىلىپ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش؛

(四)遭受虐待、遗弃或者家庭暴力的受害人主张相关权益;

( 4 ) خورلانغان، تاشلىۋېتىلگەن ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان زىيانلانغۇچى ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلسا؛

(五)法律、法规、规章规定的其他情形。

( 5 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第三十三条 当事人不服司法机关生效裁判或者决定提出申诉或者申请再审,人民法院决定、裁定再审或者人民检察院提出抗诉,因经济困难没有委托辩护人或者诉讼代理人的,本人及其近亲属可以向法律援助机构申请法律援助。

33-ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىمىگە ياكى ئەرز قىلىش قارارىغا قايىل بولماي ياكى قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىش قارارى، كېسىمى چىقارغان ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئاقلىغۇچىغا ياكى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، ئۆزى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第三十四条 经济困难的标准,由省、自治区、直辖市人民政府根据本行政区域经济发展状况和法律援助工作需要确定,并实行动态调整。

34-ماددا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قانۇن ياردىمى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.

第四章 程序和实施

4-باب تەرتىپ ۋە يولغا قويۇش

第三十五条 人民法院、人民检察院、公安机关和有关部门在办理案件或者相关事务中,应当及时告知有关当事人有权依法申请法律援助。

35-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دېلو بېجىرىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第三十六条 人民法院、人民检察院、公安机关办理刑事案件,发现有本法第二十五条第一款、第二十八条规定情形的,应当在三日内通知法律援助机构指派律师。法律援助机构收到通知后,应当在三日内指派律师并通知人民法院、人民检察院、公安机关。

36-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 28-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى بايقىسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئادۋوكات ئەۋەتىشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

第三十七条 人民法院、人民检察院、公安机关应当保障值班律师依法提供法律帮助,告知没有辩护人的犯罪嫌疑人、被告人有权约见值班律师,并依法为值班律师了解案件有关情况、阅卷、会见等提供便利。

37-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارلىرىغا، جاۋابكارلارغا نۆۋەتچى ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى، دېلو ئارخىپىنى كۆرۈشى، كۆرۈشۈشى قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第三十八条 对诉讼事项的法律援助,由申请人向办案机关所在地的法律援助机构提出申请;对非诉讼事项的法律援助,由申请人向争议处理机关所在地或者事由发生地的法律援助机构提出申请。

38-ماددا دەۋا ئىشلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛ غەيرىي دەۋا ئىشلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچى تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جاي ياكى سەۋەب پەيدا بولغان جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

第三十九条 被羁押的犯罪嫌疑人、被告人、服刑人员,以及强制隔离戒毒人员等提出法律援助申请的,办案机关、监管场所应当在二十四小时内将申请转交法律援助机构。

39-ماددا قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار، شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغۇچىلار قاتارلىقلار قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى ئىلتىماسنى 24 سائەت ئىچىدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

犯罪嫌疑人、被告人通过值班律师提出代理、刑事辩护等法律援助申请的,值班律师应当在二十四小时内将申请转交法律援助机构。

جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلاردىن نۆۋەتچى ئادۋوكات ئارقىلىق ۋاكالەتچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش قاتارلىق قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، نۆۋەتچى ئادۋوكات 24 سائەت ئىچىدە ئىلتىماسنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第四十条 无民事行为能力人或者限制民事行为能力人需要法律援助的,可以由其法定代理人代为提出申请。法定代理人侵犯无民事行为能力人、限制民事行为能力人合法权益的,其他法定代理人或者近亲属可以代为提出法律援助申请。

40-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر قانۇن ياردىمىگە موھتاج بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋاكالەتچىلەر ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئۇلارغا ۋاكالىتەن قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

被羁押的犯罪嫌疑人、被告人、服刑人员,以及强制隔离戒毒人员,可以由其法定代理人或者近亲属代为提出法律援助申请。

قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغۇچىلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ۋاكالىتەن قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

第四十一条 因经济困难申请法律援助的,申请人应当如实说明经济困难状况。

41-ماددا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

法律援助机构核查申请人的经济困难状况,可以通过信息共享查询,或者由申请人进行个人诚信承诺。

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى شەخسىي سەمىمىيەت ۋەدىسى بەرسە بولىدۇ.

法律援助机构开展核查工作,有关部门、单位、村民委员会、居民委员会和个人应当予以配合。

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇن، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك.

第四十二条 法律援助申请人有材料证明属于下列人员之一的,免予核查经济困难状况:

42-ماددا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى خادىملارنىڭ بىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال بولسا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ :

(一)无固定生活来源的未成年人、老年人、残疾人等特定群体;

( 1 ) مۇقىم تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەر توپى؛

(二)社会救助、司法救助或者优抚对象;

(二)社会救助、司法救助或者优抚对象;

(三)申请支付劳动报酬或者请求工伤事故人身损害赔偿的进城务工人员;

( 3 ) ئەمگەك ھەققى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ جىسمانىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەنلەر؛

(四)法律、法规、规章规定的其他人员。

( 4 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا خادىملار.

第四十三条 法律援助机构应当自收到法律援助申请之日起七日内进行审查,作出是否给予法律援助的决定。决定给予法律援助的,应当自作出决定之日起三日内指派法律援助人员为受援人提供法律援助;决定不给予法律援助的,应当书面告知申请人,并说明理由。

43-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قانۇن ياردىمى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. قانۇن ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغاندا، قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىش كېرەك؛ قانۇن ياردىمى بەرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

申请人提交的申请材料不齐全的,法律援助机构应当一次性告知申请人需要补充的材料或者要求申请人作出说明。申请人未按要求补充材料或者作出说明的,视为撤回申请。

ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىيالنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇشى ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە ماتېرىيال تولۇقلىمىسا ياكى ئىزاھات بەرمىسە، ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

第四十四条 法律援助机构收到法律援助申请后,发现有下列情形之一的,可以决定先行提供法律援助:

44-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بايقالسا، ئاۋۋال قانۇن ياردىمى بېرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ :

(一)距法定时效或者期限届满不足七日,需要及时提起诉讼或者申请仲裁、行政复议;

( 1 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ياكى مۇددىتى توشۇشقا يەتتە كۈن يەتمىگەن بولسا، ۋاقتىدا دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛

(二)需要立即申请财产保全、证据保全或者先予执行;

( 2 ) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش، دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىشنى دەرھال ئىلتىماس قىلىش زۆرۈر بولسا؛

(三)法律、法规、规章规定的其他情形。

( 3 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

法律援助机构先行提供法律援助的,受援人应当及时补办有关手续,补充有关材料。

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمىنى ئاۋۋال بەرگەن بولسا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېجىرىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلىشى كېرەك.

第四十五条 法律援助机构为老年人、残疾人提供法律援助服务的,应当根据实际情况提供无障碍设施设备和服务。

45-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرىدىن ياشانغانلار، مېيىپلەرگە قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتى قىلغانلىرى توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ سەپلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

法律法规对向特定群体提供法律援助有其他特别规定的,依照其规定。

قانۇن-نىزاملاردا مۇئەييەن كىشىلەر توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىشكە دائىر باشقا ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四十六条 法律援助人员接受指派后,无正当理由不得拒绝、拖延或者终止提供法律援助服务。

46-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى بەلگىلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى رەت قىلسا، كېچىكتۈرسە ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ.

法律援助人员应当按照规定向受援人通报法律援助事项办理情况,不得损害受援人合法权益。

قانۇن ياردىمى خادىملىرى بەلگىلىمە بويىچە ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك، ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第四十七条 受援人应当向法律援助人员如实陈述与法律援助事项有关的情况,及时提供证据材料,协助、配合办理法律援助事项。

47-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمى خادىمىغا قانۇن ياردىمى ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن بايان قىلىپ بېرىشى، دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا تەمىنلەپ بېرىشى، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ياردەملىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

第四十八条 有下列情形之一的,法律援助机构应当作出终止法律援助的决定:

48-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقىرىشى كېرەك :

(一)受援人以欺骗或者其他不正当手段获得法律援助;

( 1 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قانۇن ياردىمىگە ئېرىشسە؛

(二)受援人故意隐瞒与案件有关的重要事实或者提供虚假证据;

( 2 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغان ياكى ساختا دەلىل-ئىسپات بەرگەن بولسا؛

(三)受援人利用法律援助从事违法活动;

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

(四)受援人的经济状况发生变化,不再符合法律援助条件;

( 4 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، قانۇن ياردىمى شەرتىگە توشمايدىغانلار؛

(五)案件终止审理或者已经被撤销;

( 5 ) دېلونى قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغانلار؛

(六)受援人自行委托律师或者其他代理人;

( 6 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئادۋوكات ياكى باشقا ۋاكالەتچىگە ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلسا؛

(七)受援人有正当理由要求终止法律援助;

( 7 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى يوللۇق سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا؛

(八)法律法规规定的其他情形。

( 8 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

法律援助人员发现有前款规定情形的,应当及时向法律援助机构报告。

قانۇن ياردىمى خادىملىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى بايقىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

第四十九条 申请人、受援人对法律援助机构不予法律援助、终止法律援助的决定有异议的,可以向设立该法律援助机构的司法行政部门提出。

49-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ياردىمى بەرمەسلىك، قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى باشقىچە پىكىردە بولسا، شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى قۇرغان ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا سۇنسا بولىدۇ.

司法行政部门应当自收到异议之日起五日内进行审查,作出维持法律援助机构决定或者责令法律援助机构改正的决定。

ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ قارارىنى ساقلاش ياكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.

申请人、受援人对司法行政部门维持法律援助机构决定不服的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。

ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第五十条 法律援助事项办理结束后,法律援助人员应当及时向法律援助机构报告,提交有关法律文书的副本或者复印件、办理情况报告等材料。

50-ماددا قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ كۆچۈرمىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى، بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

第五章 保障和监督

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

第五十一条 国家加强法律援助信息化建设,促进司法行政部门与司法机关及其他有关部门实现信息共享和工作协同。

51-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشى ۋە خىزمەتتە ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

第五十二条 法律援助机构应当依照有关规定及时向法律援助人员支付法律援助补贴。

52-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قانۇن ياردىمى خادىملىرىغا ۋاقتىدا قانۇن ياردىمى ياردىمى بېرىشى كېرەك.

法律援助补贴的标准,由省、自治区、直辖市人民政府司法行政部门会同同级财政部门,根据当地经济发展水平和法律援助的服务类型、承办成本、基本劳务费用等确定,并实行动态调整。

قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە قانۇن ياردىمىنىڭ مۇلازىمەت تۈرى، بېجىرىش تەننەرخى، ئاساسىي ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەققى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.

法律援助补贴免征增值税和个人所得税。

قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

第五十三条 人民法院应当根据情况对受援人缓收、减收或者免收诉讼费用;对法律援助人员复制相关材料等费用予以免收或者减收。

53-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ئەھۋالغا قاراپ دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ ئېلىشى، كېمەيتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال قاتارلىق خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ياكى كېمەيتىدۇ.

公证机构、司法鉴定机构应当对受援人减收或者免收公证费、鉴定费。

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى، باھالاش ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

第五十四条 县级以上人民政府司法行政部门应当有计划地对法律援助人员进行培训,提高法律援助人员的专业素质和服务能力。

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى پىلانلىق تەربىيەلەپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第五十五条 受援人有权向法律援助机构、法律援助人员了解法律援助事项办理情况;法律援助机构、法律援助人员未依法履行职责的,受援人可以向司法行政部门投诉,并可以请求法律援助机构更换法律援助人员。

55-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى، قانۇن ياردىمى خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق؛ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ ھەمدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىدىن قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五十六条 司法行政部门应当建立法律援助工作投诉查处制度;接到投诉后,应当依照有关规定受理和调查处理,并及时向投诉人告知处理结果。

56-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە دائىر ئەرز-شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك؛ ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئەرز قىلغۇچىغا بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

第五十七条 司法行政部门应当加强对法律援助服务的监督,制定法律援助服务质量标准,通过第三方评估等方式定期进行质量考核。

57-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، 3-تەرەپ باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۈپەتنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك.

第五十八条 司法行政部门、法律援助机构应当建立法律援助信息公开制度,定期向社会公布法律援助资金使用、案件办理、质量考核结果等情况,接受社会监督。

58-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە قانۇن ياردىمى مەبلىغىنى ئىشلىتىش، دېلو بېجىرىش، سۈپىتىنى سىناش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第五十九条 法律援助机构应当综合运用庭审旁听、案卷检查、征询司法机关意见和回访受援人等措施,督促法律援助人员提升服务质量。

59-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى سوتتا قاراپ چىقىپ سىرتتىن ئاڭلاش، دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، ئەدلىيە ئورگىنىدىن پىكىر ئېلىش ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچىنى قايتا زىيارەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

第六十条 律师协会应当将律师事务所、律师履行法律援助义务的情况纳入年度考核内容,对拒不履行或者怠于履行法律援助义务的律师事务所、律师,依照有关规定进行惩戒。

60-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى يىللىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ياردىمى بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى سۇسلۇق قىلغان ئادۋوكات ئورنى، ئادۋوكاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى كېرەك.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六十一条 法律援助机构及其工作人员有下列情形之一的,由设立该法律援助机构的司法行政部门责令限期改正;有违法所得的,责令退还或者没收违法所得;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分:

61-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەسىس قىلغان ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)拒绝为符合法律援助条件的人员提供法律援助,或者故意为不符合法律援助条件的人员提供法律援助;

( 1 ) قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى رەت قىلىش ياكى قانۇن ياردىمى بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملارغا قەستەن قانۇن ياردىمى بېرىش؛

(二)指派不符合本法规定的人员提供法律援助;

( 2 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملارنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىش؛

(三)收取受援人财物;

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىش؛

(四)从事有偿法律服务;

( 4 ) ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛

(五)侵占、私分、挪用法律援助经费;

( 5 ) قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش؛

(六)泄露法律援助过程中知悉的国家秘密、商业秘密和个人隐私;

( 6 ) قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(七)法律法规规定的其他情形。

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第六十二条 律师事务所、基层法律服务所有下列情形之一的,由司法行政部门依法给予处罚:

62-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىگە دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :

(一)无正当理由拒绝接受法律援助机构指派;

( 1 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ تەيىنلىشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش؛

(二)接受指派后,不及时安排本所律师、基层法律服务工作者办理法律援助事项或者拒绝为本所律师、基层法律服务工作者办理法律援助事项提供支持和保障;

( 2 ) بەلگىلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئادۋوكاتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىسىنى قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ياكى شۇ ئادۋوكاتنىڭ، ئاساسىي قاتلام قانۇنمۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى رەت قىلىش؛

(三)纵容或者放任本所律师、基层法律服务工作者怠于履行法律援助义务或者擅自终止提供法律援助;

( 3 ) شۇ ئورۇننىڭ ئادۋوكاتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن سۇسلۇق قىلىشىغا يول قويۇش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(四)法律法规规定的其他情形。

( 4 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第六十三条 律师、基层法律服务工作者有下列情形之一的,由司法行政部门依法给予处罚:

63-ماددا ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :

(一)无正当理由拒绝履行法律援助义务或者怠于履行法律援助义务;

( 1 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش ياكى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن سۇسلۇق قىلىش؛

(二)擅自终止提供法律援助;

( 2 ) قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(三)收取受援人财物;

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىش؛

(四)泄露法律援助过程中知悉的国家秘密、商业秘密和个人隐私;

( 4 ) قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(五)法律法规规定的其他情形。

( 5 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第六十四条 受援人以欺骗或者其他不正当手段获得法律援助的,由司法行政部门责令其支付已实施法律援助的费用,并处三千元以下罚款。

64-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردىن قانۇن ياردىمىگە ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشكەنلىرىنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى بەرگەن خىراجەتنى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第六十五条 违反本法规定,冒用法律援助名义提供法律服务并谋取利益的,由司法行政部门责令改正,没收违法所得,并处违法所得一倍以上三倍以下罚款。

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن ياردىمى نامىدىن پايدىلىنىپ قانۇن مۇلازىمىتى قىلغان ھەمدە نەپ ئالغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第六十六条 国家机关及其工作人员在法律援助工作中滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

66-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第六十七条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十八条 工会、共产主义青年团、妇女联合会、残疾人联合会等群团组织开展法律援助工作,参照适用本法的相关规定。

68-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第六十九条 对外国人和无国籍人提供法律援助,我国法律有规定的,适用法律规定;我国法律没有规定的,可以根据我国缔结或者参加的国际条约,或者按照互惠原则,参照适用本法的相关规定。

69-ماددا چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارغا قانۇن ياردىمى بېرىشتە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىمە بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنمىگەن بولسا، دۆلىتىمىز تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولسا بولىدۇ.

第七十条 对军人军属提供法律援助的具体办法,由国务院和中央军事委员会有关部门制定。

70-ماددا ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىگە قانۇن ياردىمى بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بېكىتىدۇ.

第七十一条 本法自2022年1月1日起施行。

71-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.