中华人民共和国湿地保护法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنى

(2021年12月24日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十二次会议通过)

( 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 湿地资源管理

2-باب سۇلۇق يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش

第三章 湿地保护与利用

3-باب سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

第四章 湿地修复

4-باب سۇلۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

第五章 监督检查

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强湿地保护,维护湿地生态功能及生物多样性,保障生态安全,促进生态文明建设,实现人与自然和谐共生,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 在中华人民共和国领域及管辖的其他海域内从事湿地保护、利用、修复及相关管理活动,适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە سۇلۇق يەرنى قوغداش، پايدىلىنىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

本法所称湿地,是指具有显著生态功能的自然或者人工的、常年或者季节性积水地带、水域,包括低潮时水深不超过六米的海域,但是水田以及用于养殖的人工的水域和滩涂除外。国家对湿地实行分级管理及名录制度。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇلۇق يەر روشەن ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە تەبىئىي ياكى سۈنئىي، يىل بويى ياكى پەسىل خاراكتېرلىك سۇ يىغىلىپ قالىدىغان جاي، سۇ رايونىنى، جۈملىدىن تۆۋەن دولقۇن مەزگىلىدە سۇ چوڭقۇرلۇقى ئالتە مېتىردىن ئاشمايدىغان دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن سۇلۇق ئېتىز ھەمدە باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي سۇ رايونى ۋە ساھىل بۇنىڭ سىرتىدا. دۆلەت سۇلۇق يەرگە قارىتا دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

江河、湖泊、海域等的湿地保护、利用及相关管理活动还应当适用《中华人民共和国水法》、《中华人民共和国防洪法》、《中华人民共和国水污染防治法》、《中华人民共和国海洋环境保护法》、《中华人民共和国长江保护法》、《中华人民共和国渔业法》、《中华人民共和国海域使用管理法》等有关法律的规定。

دەريا، كۆل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىقلاردىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم ئالاقىدار باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»، قانۇندىكى بەلگىلىمە.

第三条 湿地保护应当坚持保护优先、严格管理、系统治理、科学修复、合理利用的原则,发挥湿地涵养水源、调节气候、改善环境、维护生物多样性等多种生态功能。

3-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداشتا قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىلمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، كىلىماتنى تەڭشەش، مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

第四条 县级以上人民政府应当将湿地保护纳入国民经济和社会发展规划,并将开展湿地保护工作所需经费按照事权划分原则列入预算。

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

县级以上地方人民政府对本行政区域内的湿地保护负责,采取措施保持湿地面积稳定,提升湿地生态功能。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

乡镇人民政府组织群众做好湿地保护相关工作,村民委员会予以协助。

يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياردەملىشىدۇ.

第五条 国务院林业草原主管部门负责湿地资源的监督管理,负责湿地保护规划和相关国家标准拟定、湿地开发利用的监督管理、湿地生态保护修复工作。国务院自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村等其他有关部门,按照职责分工承担湿地保护、修复、管理有关工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش، سۇلۇق يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە-مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تارمىقى قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

国务院林业草原主管部门会同国务院自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村等主管部门建立湿地保护协作和信息通报机制。

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە-مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

第六条 县级以上地方人民政府应当加强湿地保护协调工作。县级以上地方人民政府有关部门按照职责分工负责湿地保护、修复、管理有关工作。

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

第七条 各级人民政府应当加强湿地保护宣传教育和科学知识普及工作,通过湿地保护日、湿地保护宣传周等开展宣传教育活动,增强全社会湿地保护意识;鼓励基层群众性自治组织、社会组织、志愿者开展湿地保护法律法规和湿地保护知识宣传活动,营造保护湿地的良好氛围。

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەر قوغداش كۈنى، سۇلۇق يەر ئاسراش تەشۋىقات ھەپتىلىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پىدائىيلارنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، سۇلۇق يەرنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

教育主管部门、学校应当在教育教学活动中注重培养学生的湿地保护意识。

مائارىپ مەسئۇل تارمىقى، مەكتەپلەر مائارىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

新闻媒体应当开展湿地保护法律法规和湿地保护知识的公益宣传,对破坏湿地的行为进行舆论监督。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك.

第八条 国家鼓励单位和个人依法通过捐赠、资助、志愿服务等方式参与湿地保护活动。

8-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇلۇق يەرنى قوغداش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

对在湿地保护方面成绩显著的单位和个人,按照国家有关规定给予表彰、奖励。

سۇلۇق يەرنى قوغداش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

第九条 国家支持开展湿地保护科学技术研究开发和应用推广,加强湿地保护专业技术人才培养,提高湿地保护科学技术水平。

9-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئېچىش ۋە قوللىنىش، كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第十条 国家支持开展湿地保护科学技术、生物多样性、候鸟迁徙等方面的国际合作与交流。

10-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش پەن-تېخنىكىسى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.

第十一条 任何单位和个人都有保护湿地的义务,对破坏湿地的行为有权举报或者控告,接到举报或者控告的机关应当及时处理,并依法保护举报人、控告人的合法权益。

11-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى پاش قىلىشقا ياكى ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پاش قىلىش ياكى ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى، ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

第二章 湿地资源管理

2-باب سۇلۇق يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش

第十二条 国家建立湿地资源调查评价制度。

12-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

国务院自然资源主管部门应当会同国务院林业草原等有关部门定期开展全国湿地资源调查评价工作,对湿地类型、分布、面积、生物多样性、保护与利用情况等进行调查,建立统一的信息发布和共享机制。

گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ تۈرى، تارقىلىشى، كۆلىمى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، قوغداش ۋە پايدىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

第十三条 国家实行湿地面积总量管控制度,将湿地面积总量管控目标纳入湿地保护目标责任制。

13-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەمەلىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش نىشانىنى سۇلۇق يەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزىدۇ.

国务院林业草原、自然资源主管部门会同国务院有关部门根据全国湿地资源状况、自然变化情况和湿地面积总量管控要求,确定全国和各省、自治区、直辖市湿地面积总量管控目标,报国务院批准。地方各级人民政府应当采取有效措施,落实湿地面积总量管控目标的要求。

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى ئەھۋالى، تەبىئىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەمەلىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش نىشانىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش نىشانىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

第十四条 国家对湿地实行分级管理,按照生态区位、面积以及维护生态功能、生物多样性的重要程度,将湿地分为重要湿地和一般湿地。重要湿地包括国家重要湿地和省级重要湿地,重要湿地以外的湿地为一般湿地。重要湿地依法划入生态保护红线。

14-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەردە دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك رايون ئورنى، كۆلەم شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ، سۇلۇق يەرنى مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەرگە ئايرىيدۇ. مۇھىم سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇھىم سۇلۇق يەردىن باشقا سۇلۇق يەر ئادەتتىكى سۇلۇق يەردۇر. مۇھىم سۇلۇق يەرلەر قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈلدى.

国务院林业草原主管部门会同国务院自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村等有关部门发布国家重要湿地名录及范围,并设立保护标志。国际重要湿地应当列入国家重要湿地名录。

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە قوغداش بەلگىسى ئورنىتىدۇ. خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەرنى دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府或者其授权的部门负责发布省级重要湿地名录及范围,并向国务院林业草原主管部门备案。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

一般湿地的名录及范围由县级以上地方人民政府或者其授权的部门发布。

ئادەتتىكى سۇلۇق يەرنىڭ تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقلار ئېلان قىلىدۇ.

第十五条 国务院林业草原主管部门应当会同国务院有关部门,依据国民经济和社会发展规划、国土空间规划和生态环境保护规划编制全国湿地保护规划,报国务院或者其授权的部门批准后组织实施。

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

县级以上地方人民政府林业草原主管部门应当会同有关部门,依据本级国土空间规划和上一级湿地保护规划编制本行政区域内的湿地保护规划,报同级人民政府批准后组织实施。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، شۇ دەرىجىلىك زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش بىرتۇتاش پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

湿地保护规划应当明确湿地保护的目标任务、总体布局、保护修复重点和保障措施等内容。经批准的湿地保护规划需要调整的,按照原批准程序办理。

سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىدا سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تەستىقلىتىلغان سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

编制湿地保护规划应当与流域综合规划、防洪规划等规划相衔接。

سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

第十六条 国务院林业草原、标准化主管部门会同国务院自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村主管部门组织制定湿地分级分类、监测预警、生态修复等国家标准;国家标准未作规定的,可以依法制定地方标准并备案。

16-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇلۇق يەرنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، قانۇن بويىچە يەرلىك ئۆلچەم تۈزسە ھەمدە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

第十七条 县级以上人民政府林业草原主管部门建立湿地保护专家咨询机制,为编制湿地保护规划、制定湿地名录、制定相关标准等提供评估论证等服务。

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈش، سۇلۇق يەر تىزىملىكى تۈزۈش، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىقلارنى باھالاش، دەلىللەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第十八条 办理自然资源权属登记涉及湿地的,应当按照规定记载湿地的地理坐标、空间范围、类型、面积等信息。

18-ماددا تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا سۇلۇق يەرگە چېتىلىدىغانلىرىنى سۇلۇق يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك كوردىناتى، بوشلۇق دائىرىسى، تۈرى، كۆلىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە خاتىرىلەش كېرەك.

第十九条 国家严格控制占用湿地。

19-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى ئىگىلەشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ.

禁止占用国家重要湿地,国家重大项目、防灾减灾项目、重要水利及保护设施项目、湿地保护项目等除外。

دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تۈرلىرى، مۇھىم سۇچىلىق ۋە ئۇنى قوغداش ئەسلىھە تۈرلىرى، سۇلۇق يەرنى قوغداش تۈرلىرى قاتارلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا.

建设项目选址、选线应当避让湿地,无法避让的应当尽量减少占用,并采取必要措施减轻对湿地生态功能的不利影响。

قۇرۇلۇش تۈرىگە ئورۇن تاللاش، لىنىيە تاللاشتا سۇلۇق يەردىن چەتلەش كېرەك، چەتلىگىلى بولمىسا ئىگىلىنىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

建设项目规划选址、选线审批或者核准时,涉及国家重要湿地的,应当征求国务院林业草原主管部门的意见;涉及省级重要湿地或者一般湿地的,应当按照管理权限,征求县级以上地方人民政府授权的部门的意见。

قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاپ ئورۇن تاللاش، لىنىيە تاللاپ تەستىقلىتىش ياكى تەستىقلىتىشتا، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىگە چېتىلىدىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك؛ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرگە ياكى ئادەتتىكى سۇلۇق يەرگە چېتىلغانلىرىدا، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن تارماقتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

第二十条 建设项目确需临时占用湿地的,应当依照《中华人民共和国土地管理法》、《中华人民共和国水法》、《中华人民共和国森林法》、《中华人民共和国草原法》、《中华人民共和国海域使用管理法》等有关法律法规的规定办理。临时占用湿地的期限一般不得超过二年,并不得在临时占用的湿地上修建永久性建筑物。

20-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنى سۇلۇق يەرنى ھەقىقەتەن ۋاقىتلىق ئىگىلىۋېلىشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»،»«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قانۇنى > قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىش كېرەك. سۇلۇق يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى ئادەتتە 2 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن سۇلۇق يەرگە مەڭگۈلۈك ئىمارەت سالماسلىقى كېرەك.

临时占用湿地期满后一年内,用地单位或者个人应当恢复湿地面积和生态条件。

سۇلۇق يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخس سۇلۇق يەر كۆلىمى ۋە ئېكولوگىيەلىك شارائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

第二十一条 除因防洪、航道、港口或者其他水工程占用河道管理范围及蓄滞洪区内的湿地外,经依法批准占用重要湿地的单位应当根据当地自然条件恢复或者重建与所占用湿地面积和质量相当的湿地;没有条件恢复、重建的,应当缴纳湿地恢复费。缴纳湿地恢复费的,不再缴纳其他相同性质的恢复费用。

21-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ يولى، پورت ياكى باشقا سۇ قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا ئىگىلىگەن سۇلۇق يەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن ئورۇن شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتىغا قاراپ سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىپ سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى قايتا قۇرۇشى كېرەك؛ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا شارائىتى بولمىسا، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرغانلار ئوخشاش خاراكتېردىكى باشقا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

湿地恢复费缴纳和使用管理办法由国务院财政部门会同国务院林业草原等有关部门制定。

سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

第二十二条 国务院林业草原主管部门应当按照监测技术规范开展国家重要湿地动态监测,及时掌握湿地分布、面积、水量、生物多样性、受威胁状况等变化信息。

22-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش-ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلىرىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش-ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ جايلىشىشى، كۆلىمى، سۇ مىقدارى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى قاتارلىق ئۆزگىرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى كېرەك.

国务院林业草原主管部门应当依据监测数据,对国家重要湿地生态状况进行评估,并按照规定发布预警信息。

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلىرىنىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى باھالىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھ ئۇچۇرى ئېلان قىلىشى كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府林业草原主管部门应当按照监测技术规范开展省级重要湿地动态监测、评估和预警工作。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش-ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش-ئۆلچەش، باھالاش ۋە سىگنال بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

县级以上地方人民政府林业草原主管部门应当加强对一般湿地的动态监测。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئادەتتىكى سۇلۇق يەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第三章 湿地保护与利用

3-باب سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

第二十三条 国家坚持生态优先、绿色发展,完善湿地保护制度,健全湿地保护政策支持和科技支撑机制,保障湿地生态功能和永续利用,实现生态效益、社会效益、经济效益相统一。

23-ماددا دۆلەت ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە پەن-تېخنىكا تىرىكى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

第二十四条 省级以上人民政府及其有关部门根据湿地保护规划和湿地保护需要,依法将湿地纳入国家公园、自然保护区或者自然公园。

24-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇلۇق يەرنى قانۇن بويىچە دۆلەت باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياكى تەبىئىي باغچە دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

第二十五条 地方各级人民政府及其有关部门应当采取措施,预防和控制人为活动对湿地及其生物多样性的不利影响,加强湿地污染防治,减缓人为因素和自然因素导致的湿地退化,维护湿地生态功能稳定。

25-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئادەملەر پائالىيىتىنىڭ سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، سۇلۇق يەر بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەر ئامىلى ۋە تەبىئىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇلۇق يەرنىڭ چېكىنىشىنى ئازايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

在湿地范围内从事旅游、种植、畜牧、水产养殖、航运等利用活动,应当避免改变湿地的自然状况,并采取措施减轻对湿地生态功能的不利影响。

سۇلۇق يەر دائىرىسىدە ساياھەت، تېرىقچىلىق، چارۋا، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق پايدىلىنىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، سۇلۇق يەرنىڭ تەبىئىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

县级以上人民政府有关部门在办理环境影响评价、国土空间规划、海域使用、养殖、防洪等相关行政许可时,应当加强对有关湿地利用活动的必要性、合理性以及湿地保护措施等内容的审查。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، دېڭىز تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىش، باقمىچىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەت بېجىرگەندە، سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇۋاپىقلىقى شۇنىڭدەك سۇلۇق يەرنى قوغداش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第二十六条 地方各级人民政府对省级重要湿地和一般湿地利用活动进行分类指导,鼓励单位和个人开展符合湿地保护要求的生态旅游、生态农业、生态教育、自然体验等活动,适度控制种植养殖等湿地利用规模。

26-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە تەربىيەسى، تەبىئەتنى سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەيدۇ.

地方各级人民政府应当鼓励有关单位优先安排当地居民参与湿地管护。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىنى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش-قوغداشقا قاتنىشىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

第二十七条 县级以上地方人民政府应当充分考虑保障重要湿地生态功能的需要,优化重要湿地周边产业布局。

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىم سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى مۇھىم كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك.

县级以上地方人民政府可以采取定向扶持、产业转移、吸引社会资金、社区共建等方式,推动湿地周边地区绿色发展,促进经济发展与湿地保护相协调。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نىشانلىق يۆلەش، كەسىپلەرنى يۆتكەش، جەمئىيەت مەبلىغى جەلپ قىلىش، مەھەللە ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

第二十八条 禁止下列破坏湿地及其生态功能的行为:

28-ماددا سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ :

(一)开(围)垦、排干自然湿地,永久性截断自然湿地水源;

( 1 ) تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئېچىپ ( چۆرىدەپ ) بوز يەر ئېچىپ، زەي چىقىرىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى مەڭگۈلۈك ئۈزۈۋېتىش؛

(二)擅自填埋自然湿地,擅自采砂、采矿、取土;

( 2 ) تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆمۈۋېتىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇم قېزىش، كان ئېچىش، توپا ئېلىش؛

(三)排放不符合水污染物排放标准的工业废水、生活污水及其他污染湿地的废水、污水,倾倒、堆放、丢弃、遗撒固体废物;

( 3 ) سۇ بۇلغىمىسىنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سانائەت كېرەكسىز سۈيى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى ۋە سۇلۇق يەرنى بۇلغايدىغان باشقا كېرەكسىز سۇ، پاسكىنا سۇنى چىقىرىش، قاتتىق تاشلاندۇق تۆكۈش، دۆۋىلەش، تاشلاش، چېچىش؛

(四)过度放牧或者滥采野生植物,过度捕捞或者灭绝式捕捞,过度施肥、投药、投放饵料等污染湿地的种植养殖行为;

( 4 ) زىيادە چارۋا بېقىش ياكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان يىغىش، زىيادە تۇتۇش ياكى ئۈزۈۋېتىش شەكلىدە تۇتۇش، زىيادە ئوغۇتلاش، دورا بېرىش، يەمچۈك تاشلاش قاتارلىق سۇلۇق يەرنى بۇلغايدىغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلمىشى؛

(五)其他破坏湿地及其生态功能的行为。

( 5 ) سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

第二十九条 县级以上人民政府有关部门应当按照职责分工,开展湿地有害生物监测工作,及时采取有效措施预防、控制、消除有害生物对湿地生态系统的危害。

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەر زىيانلىق جانلىقلىرىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، زىيانلىق جانلىقلىرىنىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تىزگىنلىشى، يوقىتىشى كېرەك.

第三十条 县级以上人民政府应当加强对国家重点保护野生动植物集中分布湿地的保护。任何单位和个人不得破坏鸟类和水生生物的生存环境。

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر مەركەزلەشكەن سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇشلار ۋە سۇ جانلىقلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

禁止在以水鸟为保护对象的自然保护地及其他重要栖息地从事捕鱼、挖捕底栖生物、捡拾鸟蛋、破坏鸟巢等危及水鸟生存、繁衍的活动。开展观鸟、科学研究以及科普活动等应当保持安全距离,避免影响鸟类正常觅食和繁殖。

سۇ قۇشىنى قوغداش ئوبيېكتى قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم تۇرالغۇلاردا بېلىق تۇتۇش، ماكانلىق جانلىقلارنى تۇتۇش، تۇخۇم تېرىش، ئۇۋىسىنى بۇزۇۋېتىش قاتارلىق سۇ قۇشلىرىنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇش كۆزىتىش، ئىلمىي تەتقىقات شۇنىڭدەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، قۇشلارنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشى ۋە كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

在重要水生生物产卵场、索饵场、越冬场和洄游通道等重要栖息地应当实施保护措施。经依法批准在洄游通道建闸、筑坝,可能对水生生物洄游产生影响的,建设单位应当建造过鱼设施或者采取其他补救措施。

مۇھىم سۇ جانلىقلىرى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى، يەم بېرىش مەيدانى، قىشتىن ئۆتۈش مەيدانى ۋە يۆتكىلىش يولى قاتارلىق مۇھىم تۇرالغۇلاردا قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق يۆتكەش يولىدا چۈشۈرگە سېلىپ، توسما ياسىغاندا، سۇ جانلىقلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بېلىق ئەسلىھەسى ياسىشى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

禁止向湿地引进和放生外来物种,确需引进的应当进行科学评估,并依法取得批准。

سۇلۇق يەرگە سىرتتىن كىرگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈش ۋە قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، كىرگۈزۈشكە ھەقىقەتەن توغرا كەلسە ئىلمىي باھالاش ھەمدە قانۇن بويىچە تەستىقلاش كېرەك.

第三十一条 国务院水行政主管部门和地方各级人民政府应当加强对河流、湖泊范围内湿地的管理和保护,因地制宜采取水系连通、清淤疏浚、水源涵养与水土保持等治理修复措施,严格控制河流源头和蓄滞洪区、水土流失严重区等区域的湿地开发利用活动,减轻对湿地及其生物多样性的不利影响。

31-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەريا-ئېقىن، كۆل دائىرىسىدىكى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش، لاي-لاتقىلارنى تازىلاش-راۋانلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، دەريا-ئېقىن مەنبەسى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر رايون قاتارلىق رايونلاردىكى سۇلۇق يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، سۇلۇق يەر ھەم ئۇنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

第三十二条 国务院自然资源主管部门和沿海地方各级人民政府应当加强对滨海湿地的管理和保护,严格管控围填滨海湿地。经依法批准的项目,应当同步实施生态保护修复,减轻对滨海湿地生态功能的不利影响。

32-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز بويىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى، قاشالاپ تىندۇرۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تۈرلەردە ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

第三十三条 国务院住房城乡建设主管部门和地方各级人民政府应当加强对城市湿地的管理和保护,采取城市水系治理和生态修复等措施,提升城市湿地生态质量,发挥城市湿地雨洪调蓄、净化水质、休闲游憩、科普教育等功能。

33-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى سۇلۇق يەرلەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەر سۇ سىستېمىسىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەردىكى سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەردىكى سۇلۇق يەرنىڭ يامغۇر-كەلكۈننى تەڭشەش-ساقلاش، سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئارام ئېلىش ساياھىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

第三十四条 红树林湿地所在地县级以上地方人民政府应当组织编制红树林湿地保护专项规划,采取有效措施保护红树林湿地。

34-ماددا مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مانگروما ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغداش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مانگروۋ ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغدىشى كېرەك.

红树林湿地应当列入重要湿地名录;符合国家重要湿地标准的,应当优先列入国家重要湿地名录。

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

禁止占用红树林湿地。经省级以上人民政府有关部门评估,确因国家重大项目、防灾减灾等需要占用的,应当依照有关法律规定办理,并做好保护和修复工作。相关建设项目改变红树林所在河口水文情势、对红树林生长产生较大影响的,应当采取有效措施减轻不利影响。

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ھەقىقەتەن دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش ھەمدە قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مانگروۋا ئورمىنى جايلاشقان دەريا ئېغىزىنىڭ سۇ رايى ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتسە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ پايدىسىز تەسىرنى يېنىكلىتىش كېرەك.

禁止在红树林湿地挖塘,禁止采伐、采挖、移植红树林或者过度采摘红树林种子,禁止投放、种植危害红树林生长的物种。因科研、医药或者红树林湿地保护等需要采伐、采挖、移植、采摘的,应当依照有关法律法规办理。

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىدە كۆلچەك كولاش مەنئى قىلىنىدۇ، مانگروما ئورمىنىنى كېسىش، قېزىش، كۆچۈرۈش ياكى مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۇرۇقىنى زىيادە ئۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ، خۇڭگروۋا ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلەرنى سېلىش، تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. پەن تەتقىقات، تېببىي دورا ياكى مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغداش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كېسىش، ئېچىش، كۆچۈرۈش، ئۈزۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بېجىرىش كېرەك.

第三十五条 泥炭沼泽湿地所在地县级以上地方人民政府应当制定泥炭沼泽湿地保护专项规划,采取有效措施保护泥炭沼泽湿地。

35-ماددا پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پاتقاق كۆمۈر سازلىقى سۇلۇق يېرىنى قوغداش مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پاتقاق كۆمۈر سۇلۇق يېرىنى قوغدىشى كېرەك.

符合重要湿地标准的泥炭沼泽湿地,应当列入重要湿地名录。

مۇھىم سۇلۇق يەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پاتقاق، كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرىنى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

禁止在泥炭沼泽湿地开采泥炭或者擅自开采地下水;禁止将泥炭沼泽湿地蓄水向外排放,因防灾减灾需要的除外。

لاي كۆمۈر، سازلىق، سۇلۇق يەرلەردە لاي كۆمۈر قېزىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يەر ئاستى سۈيى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لاي، كۆمۈر، سازلىق، سۇلۇق يەرگە سۇ ساقلاپ سىرتقا قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېھتىياجى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三十六条 国家建立湿地生态保护补偿制度。

36-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

国务院和省级人民政府应当按照事权划分原则加大对重要湿地保护的财政投入,加大对重要湿地所在地区的财政转移支付力度。

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداشقا بولغان مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، مۇھىم سۇلۇق يەر بار رايونغا بولغان مالىيە يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

国家鼓励湿地生态保护地区与湿地生态受益地区人民政府通过协商或者市场机制进行地区间生态保护补偿。

دۆلەت سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى بىلەن سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭىشىش ياكى بازار مېخانىزمى ئارقىلىق رايونلار ئارا ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

因生态保护等公共利益需要,造成湿地所有者或者使用者合法权益受到损害的,县级以上人民政府应当给予补偿。

ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت ئېھتىياجى بىلەن سۇلۇق يەر ئىگىدارى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

第四章 湿地修复

4-باب سۇلۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

第三十七条 县级以上人民政府应当坚持自然恢复为主、自然恢复和人工修复相结合的原则,加强湿地修复工作,恢复湿地面积,提高湿地生态系统质量。

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

县级以上人民政府对破碎化严重或者功能退化的自然湿地进行综合整治和修复,优先修复生态功能严重退化的重要湿地。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېغىر دەرىجىدە پارچىلىنىپ كەتكەن ياكى فۇنكسىيەسى چېكىنگەن تەبىئىي سۇلۇق يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى ئاۋۋال ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

第三十八条 县级以上人民政府组织开展湿地保护与修复,应当充分考虑水资源禀赋条件和承载能力,合理配置水资源,保障湿地基本生态用水需求,维护湿地生态功能。

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشتا، سۇ بايلىقىنىڭ شارائىتى ۋە كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئاساسىي ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى قوغدىشى كېرەك.

第三十九条 县级以上地方人民政府应当科学论证,对具备恢复条件的原有湿地、退化湿地、盐碱化湿地等,因地制宜采取措施,恢复湿地生态功能。

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي دەلىللەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى ھازىرلانغان سۇلۇق يەر، چېكىنگەن سۇلۇق يەر، شورلىشىپ كەتكەن سۇلۇق يەر قاتارلىقلارغا شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

县级以上地方人民政府应当按照湿地保护规划,因地制宜采取水体治理、土地整治、植被恢复、动物保护等措施,增强湿地生态功能和碳汇功能。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ سۇ تۈزەش، يەرنى تۈزەش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھايۋانات قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

禁止违法占用耕地等建设人工湿地。

تېرىلغۇ يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق سۈنئىي سۇلۇق يەر بەرپا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第四十条 红树林湿地所在地县级以上地方人民政府应当对生态功能重要区域、海洋灾害风险等级较高地区、濒危物种保护区域或者造林条件较好地区的红树林湿地优先实施修复,对严重退化的红树林湿地进行抢救性修复,修复应当尽量采用本地树种。

40-ماددا مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى مۇھىم رايون، دېڭىز-ئوكيان ئاپىتى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى رايون، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش رايونى ياكى ئورمان بىنا قىلىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى رايونلاردىكى مانگروما ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى ئاۋۋال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن مانگروۋ ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىمكانقەدەر يەرلىك دەرەخ تۈرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

第四十一条 泥炭沼泽湿地所在地县级以上地方人民政府应当因地制宜,组织对退化泥炭沼泽湿地进行修复,并根据泥炭沼泽湿地的类型、发育状况和退化程度等,采取相应的修复措施。

41-ماددا پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چېكىنگەن پاتقاق كۆمۈر پاتقاقلىقى سۇلۇق يېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە پاتقاق كۆمۈر سۇلۇق يېرىنىڭ تۈرى، يېتىلىش ئەھۋالى ۋە چېكىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇناسىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

第四十二条 修复重要湿地应当编制湿地修复方案。

42-ماددا مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈش كېرەك.

重要湿地的修复方案应当报省级以上人民政府林业草原主管部门批准。林业草原主管部门在批准修复方案前,应当征求同级人民政府自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村等有关部门的意见。

مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

第四十三条 修复重要湿地应当按照经批准的湿地修复方案进行修复。

43-ماددا مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، تەستىقلانغان سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

重要湿地修复完成后,应当经省级以上人民政府林业草原主管部门验收合格,依法公开修复情况。省级以上人民政府林业草原主管部门应当加强修复湿地后期管理和动态监测,并根据需要开展修复效果后期评估。

مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدا لاياقەتلىك بولۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى كېيىنكى مەزگىللىك باشقۇرۇش ۋە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى كېيىنكى مەزگىللىك باھالىشى كېرەك.

第四十四条 因违法占用、开采、开垦、填埋、排污等活动,导致湿地破坏的,违法行为人应当负责修复。违法行为人变更的,由承继其债权、债务的主体负责修复。

44-ماددا سۇلۇق يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىش، ئېچىش، بوز يەر ئېچىش، كۆمۈۋېتىش، بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۆزگەرسە، ئۇنىڭ ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان سۇبيېكت ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

因重大自然灾害造成湿地破坏,以及湿地修复责任主体灭失或者无法确定的,由县级以上人民政府组织实施修复。

ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن سۇلۇق يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭدەك سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى يوقاپ كەتكەن ياكى بېكىتكىلى بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第五章 监督检查

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

第四十五条 县级以上人民政府林业草原、自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村主管部门应当依照本法规定,按照职责分工对湿地的保护、修复、利用等活动进行监督检查,依法查处破坏湿地的违法行为。

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پايدىلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى بۇزۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第四十六条 县级以上人民政府林业草原、自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村主管部门进行监督检查,有权采取下列措施:

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)询问被检查单位或者个人,要求其对与监督检查事项有关的情况作出说明;

( 1 ) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخستىن سوئال سوراش، ئۇنىڭدىن نازارەت قىلىنىدىغان، تەكشۈرۈلىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(二)进行现场检查;

2 ) نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛

(三)查阅、复制有关文件、资料,对可能被转移、销毁、隐匿或者篡改的文件、资料予以封存;

( 3 ) مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، كۆپەيتىش، يۆتكىۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش، تىقىۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

(四)查封、扣押涉嫌违法活动的场所、设施或者财物。

( 4 ) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىشلىق سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش.

第四十七条 县级以上人民政府林业草原、自然资源、水行政、住房城乡建设、生态环境、农业农村主管部门依法履行监督检查职责,有关单位和个人应当予以配合,不得拒绝、阻碍。

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第四十八条 国务院林业草原主管部门应当加强对国家重要湿地保护情况的监督检查。省、自治区、直辖市人民政府林业草原主管部门应当加强对省级重要湿地保护情况的监督检查。

48-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

县级人民政府林业草原主管部门和有关部门应当充分利用信息化手段,对湿地保护情况进行监督检查。

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

各级人民政府及其有关部门应当依法公开湿地保护相关信息,接受社会监督。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第四十九条 国家实行湿地保护目标责任制,将湿地保护纳入地方人民政府综合绩效评价内容。

49-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ.

对破坏湿地问题突出、保护工作不力、群众反映强烈的地区,省级以上人民政府林业草原主管部门应当会同有关部门约谈该地区人民政府的主要负责人。

سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك، قوغداش خىزمىتى كۈچلۈك بولمىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان رايونلارغا قارىتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆزلىشىشى كېرەك.

第五十条 湿地的保护、修复和管理情况,应当纳入领导干部自然资源资产离任审计。

50-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十一条 县级以上人民政府有关部门发现破坏湿地的违法行为或者接到对违法行为的举报,不予查处或者不依法查处,或者有其他玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊行为的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

51-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ ياكى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىدى ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十二条 违反本法规定,建设项目擅自占用国家重要湿地的,由县级以上人民政府林业草原等有关主管部门按照职责分工责令停止违法行为,限期拆除在非法占用的湿地上新建的建筑物、构筑物和其他设施,修复湿地或者采取其他补救措施,按照违法占用湿地的面积,处每平方米一千元以上一万元以下罚款;违法行为人不停止建设或者逾期不拆除的,由作出行政处罚决定的部门依法申请人民法院强制执行。

52-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان سۇلۇق يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ، سۇلۇق يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋالغان كۆلەم بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى قۇرۇلۇشنى توختاتمىغان ياكى مۇددەت ئۆتسىمۇ چاقمىغان بولسا، مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان تارماق خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

第五十三条 建设项目占用重要湿地,未依照本法规定恢复、重建湿地的,由县级以上人民政府林业草原主管部门责令限期恢复、重建湿地;逾期未改正的,由县级以上人民政府林业草原主管部门委托他人代为履行,所需费用由违法行为人承担,按照占用湿地的面积,处每平方米五百元以上二千元以下罚款。

53-ماددا قۇرۇلۇش تۈرى مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، سۇلۇق يەرنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن، قايتا قۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ، سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن كۆلەم بويىچە ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第五十四条 违反本法规定,开(围)垦、填埋自然湿地的,由县级以上人民政府林业草原等有关主管部门按照职责分工责令停止违法行为,限期修复湿地或者采取其他补救措施,没收违法所得,并按照破坏湿地面积,处每平方米五百元以上五千元以下罚款;破坏国家重要湿地的,并按照破坏湿地面积,处每平方米一千元以上一万元以下罚款。

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئاچقان ( چۆرىدىگەن ) بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن، كۆمۈۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋەتكىنى بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە ھەمدە سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋېتىش بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

违反本法规定,排干自然湿地或者永久性截断自然湿地水源的,由县级以上人民政府林业草原主管部门责令停止违法行为,限期修复湿地或者采取其他补救措施,没收违法所得,并处五万元以上五十万元以下罚款;造成严重后果的,并处五十万元以上一百万元以下罚款。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنى قۇرۇتۇۋەتكەن ياكى تەبىئىي سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى مەڭگۈ ئۈزۈۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第五十五条 违反本法规定,向湿地引进或者放生外来物种的,依照《中华人民共和国生物安全法》等有关法律法规的规定处理、处罚。

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇلۇق يەرگە تۈر كىرگۈزگەن ياكى قويۇپ بەرگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازا بېرىلىدۇ.

第五十六条 违反本法规定,在红树林湿地内挖塘的,由县级以上人民政府林业草原等有关主管部门按照职责分工责令停止违法行为,限期修复湿地或者采取其他补救措施,按照破坏湿地面积,处每平方米一千元以上一万元以下罚款;对树木造成毁坏的,责令限期补种成活毁坏株数一倍以上三倍以下的树木,无法确定毁坏株数的,按照相同区域同类树种生长密度计算株数。

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىدە كۆلچەك كولىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋېتىش جازاسى بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئورماننى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تولۇقلاپ تىكىشكە، ۋەيران قىلغان تۈپ سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن بولغان دەرەخلەرنى تىكىشكە بۇيرۇلىدۇ، ۋەيران قىلىنغان تۈپ سانىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئوخشاش رايوندىكى ئوخشاش تۈردىكى دەرەخ تۈرلىرىنىڭ ئۆسۈش زىچلىقى بويىچە تۈپ سانى ھېسابلىنىدۇ.

违反本法规定,在红树林湿地内投放、种植妨碍红树林生长物种的,由县级以上人民政府林业草原主管部门责令停止违法行为,限期清理,处二万元以上十万元以下罚款;造成严重后果的,处十万元以上一百万元以下罚款。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىگە مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلەرنى قويۇپ قويغان، تېرىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第五十七条 违反本法规定开采泥炭的,由县级以上人民政府林业草原等有关主管部门按照职责分工责令停止违法行为,限期修复湿地或者采取其他补救措施,没收违法所得,并按照采挖泥炭体积,处每立方米二千元以上一万元以下罚款。

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا لاي كۆمۈر قازغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قازغان لاي كۆمۈرنىڭ ھەجىمىگە ئاساسەن، ھەر كۇب مېتىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

违反本法规定,从泥炭沼泽湿地向外排水的,由县级以上人民政府林业草原主管部门责令停止违法行为,限期修复湿地或者采取其他补救措施,没收违法所得,并处一万元以上十万元以下罚款;情节严重的,并处十万元以上一百万元以下罚款。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاتقاق، سازلىق، سۇلۇق يەردىن سىرتقا سۇ چىقىرىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第五十八条 违反本法规定,未编制修复方案修复湿地或者未按照修复方案修复湿地,造成湿地破坏的,由省级以上人民政府林业草原主管部门责令改正,处十万元以上一百万元以下罚款。

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزمەي ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمەي، سۇلۇق يەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق-ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第五十九条 破坏湿地的违法行为人未按照规定期限或者未按照修复方案修复湿地的,由县级以上人民政府林业草原主管部门委托他人代为履行,所需费用由违法行为人承担;违法行为人因被宣告破产等原因丧失修复能力的,由县级以上人民政府组织实施修复。

59-ماددا سۇلۇق يەرنى بۇزۇۋەتكەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق-ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.

第六十条 违反本法规定,拒绝、阻碍县级以上人民政府有关部门依法进行的监督检查的,处二万元以上二十万元以下罚款;情节严重的,可以责令停产停业整顿。

60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇشقا بولىدۇ.

第六十一条 违反本法规定,造成生态环境损害的,国家规定的机关或者法律规定的组织有权依法请求违法行为人承担修复责任、赔偿损失和有关费用。

61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغان بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئورگان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، زىياننى ۋە ئالاقىدار خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第六十二条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十三条 本法下列用语的含义:

63-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)红树林湿地,是指由红树植物为主组成的近海和海岸潮间湿地;

( 1 ) مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى مانگروما دەرىخى ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلغان يېقىن دېڭىز ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى تاشقىن ئارىلىقىدىكى سۇلۇق يەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(二)泥炭沼泽湿地,是指有泥炭发育的沼泽湿地。

( 2 ) پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى دېگىنىمىز، پاتقاق كۆمۈر يېتىلگەن سازلىق سۇلۇق يېرىنى كۆرسىتىدۇ.

第六十四条 省、自治区、直辖市和设区的市、自治州可以根据本地实际,制定湿地保护具体办法。

64-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، سۇلۇق يەرنى قوغداش كونكرېت چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第六十五条 本法自2022年6月1日起施行。

65-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.