中华人民共和国环境噪声污染防治法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

(1996年10月29日第八届全国人民代表大会常务委员会第二十二次会议通过)

( 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 环境噪声污染防治的监督管理

2-باب مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش

第三章 工业噪声污染防治

3-باب سانائەت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第四章 建筑施工噪声污染防治

4-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第五章 交通运输噪声污染防治

5-باب قاتناش-تىرانسپورت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第六章 社会生活噪声污染防治

6-باب ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为防治环境噪声污染,保护和改善生活环境,保障人体健康,促进经济和社会发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، تۇرمۇش مۇھىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称环境噪声,是指在工业生产、建筑施工、交通运输和社会生活中所产生的干扰周围生活环境的声音。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش-تىرانسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا پەيدا بولغان ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان سادانى كۆرسىتىدۇ.

本法所称环境噪声污染,是指所产生的环境噪声超过国家规定的环境噪声排放标准,并干扰他人正常生活、工作和学习的现象。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا بولغان مۇھىت شاۋقۇنىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىش ھەمدە باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشى، خىزمىتى ۋە ئۆگىنىشىگە كاشىلا قىلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 本法适用于中华人民共和国领域内环境噪声污染的防治。

3-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

因从事本职生产、经营工作受到噪声危害的防治,不适用本法。

ئۆز ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ شاۋقۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

第四条 国务院和地方各级人民政府应当将环境噪声污染防治工作纳入环境保护规划,并采取有利于声环境保护的经济、技术政策和措施。

4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئاۋازلىق مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىقتىسادىي، تېخنىكىلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

第五条 地方各级人民政府在制定城乡建设规划时,应当充分考虑建设项目和区域开发、改造所产生的噪声对周围生活环境的影响,统筹规划,合理安排功能区和建设布局,防止或者减轻环境噪声污染。

5-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزگەندە، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە رايون ئېچىش، ئۆزگەرتىشتىن چىققان شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، فۇنكسىيەلىك رايون ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

第六条 国务院环境保护行政主管部门对全国环境噪声污染防治实施统一监督管理。

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门对本行政区域内的环境噪声污染防治实施统一监督管理。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

各级公安、交通、铁路、民航等主管部门和港务监督机构,根据各自的职责,对交通运输和社会生活噪声污染防治实施监督管理。

ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ۋە پورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، قاتناش-تىرانسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى نازارەت قىلىدۇ-باشقۇرىدۇ.

第七条 任何单位和个人都有保护声环境的义务,并有权对造成环境噪声污染的单位和个人进行检举和控告。

7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاۋازلىق مۇھىتنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنى پاش قىلىش ۋە ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第八条 国家鼓励、支持环境噪声污染防治的科学研究、技术开发,推广先进的防治技术和普及防治环境噪声污染的科学知识。

8-ماددا دۆلەت مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر پەن تەتقىقات، تېخنىكا ئىجادىيىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش تېخنىكىسىنى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

第九条 对在环境噪声污染防治方面成绩显著的单位和个人,由人民政府给予奖励。

9-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

第二章 环境噪声污染防治的监督管理

2-باب مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش

第十条 国务院环境保护行政主管部门分别不同的功能区制定国家声环境质量标准。

10-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىپ، دۆلەتنىڭ ئاۋازلىق مۇھىت سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

县级以上地方人民政府根据国家声环境质量标准,划定本行政区域内各类声环境质量标准的适用区域,并进行管理。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تۈرلۈك ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى تەتبىقلايدىغان رايونلارنى بېكىتىدۇ ھەمدە باشقۇرىدۇ.

第十一条 国务院环境保护行政主管部门根据国家声环境质量标准和国家经济、技术条件,制定国家环境噪声排放标准。

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ شاۋقۇنلۇق مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

第十二条 城市规划部门在确定建设布局时,应当依据国家声环境质量标准和民用建筑隔声设计规范,合理划定建筑物与交通干线的防噪声距离,并提出相应的规划设计要求。

12-ماددا شەھەر يىرىك پىلان تارمىقى قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتكەندە، دۆلەتنىڭ شاۋقۇن-مۇھىت سۈپەت ئۆلچىمى ۋە پۇقراۋى قۇرۇلۇشلارنى ئاۋاز چىقارماي لايىھەلەش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئىمارەت بىلەن قاتناش غول لىنىيەسىنىڭ شاۋقۇندىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئايرىشى ھەمدە مۇناسىپ يىرىك پىلان لايىھەسى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

第十三条 新建、改建、扩建的建设项目,必须遵守国家有关建设项目环境保护管理的规定。

13-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

建设项目可能产生环境噪声污染的,建设单位必须提出环境影响报告书,规定环境噪声污染的防治措施,并按照国家规定的程序报环境保护行政主管部门批准。

قۇرۇلۇش تۈرىدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرى دوكلاتى بېرىشى، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش تەدبىرىنى بەلگىلىشى ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە مۇھىت قوغداش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

环境影响报告书中,应当有该建设项目所在地单位和居民的意见。

مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا، شۇ قۇرۇلۇش تۈرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ئاھالىنىڭ پىكرى بولۇشى كېرەك.

第十四条 建设项目的环境噪声污染防治设施必须与主体工程同时设计、同时施工、同时投产使用。

14-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت.

建设项目在投入生产或者使用之前,其环境噪声污染防治设施必须经原审批环境影响报告书的环境保护行政主管部门验收;达不到国家规定要求的,该建设项目不得投入生产或者使用。

قۇرۇلۇش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ياكى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەسى ئەسلىي تەستىقلانغان مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە يەتمىگەن قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

第十五条 产生环境噪声污染的企业事业单位,必须保持防治环境噪声污染的设施的正常使用;拆除或者闲置环境噪声污染防治设施的,必须事先报经所在地的县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门批准。

15-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىنى ساقلىشى شەرت؛ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى چېقىۋېتىشتە، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئالدىن تەستىقلىتىش شەرت.

第十六条 产生环境噪声污染的单位,应当采取措施进行治理,并按照国家规定缴纳超标准排污费。

16-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

征收的超标准排污费必须用于污染的防治,不得挪作他用。

ئېلىنغان ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

第十七条 对于在噪声敏感建筑物集中区域内造成严重环境噪声污染的企业事业单位,限期治理。

17-ماددا شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەت مەركەزلەشكەن رايوندا مۇھىت شاۋقۇنىدىن ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەش كېرەك.

被限期治理的单位必须按期完成治理任务。限期治理由县级以上人民政府按照国务院规定的权限决定。

بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تىزگىنلىنىدىغان ئورۇن تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىشى شەرت. بەلگىلەنگەن مۆھلەتنى تۈزەشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار قىلىدۇ.

对小型企业事业单位的限期治理,可以由县级以上人民政府在国务院规定的权限内授权其环境保护行政主管部门决定。

كىچىك تىپتىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇننى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قارار قىلىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

第十八条 国家对环境噪声污染严重的落后设备实行淘汰制度。

18-ماددا دۆلەت مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىشى ئېغىر بولغان قالاق ئۈسكۈنىلەرنى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

国务院经济综合主管部门应当会同国务院有关部门公布限期禁止生产、禁止销售、禁止进口的环境噪声污染严重的设备名录。

گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۈرۈك ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان، سېتىش مەنئى قىلىنغان، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېغىر بولغان ئۈسكۈنىلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

生产者、销售者或者进口者必须在国务院经济综合主管部门会同国务院有关部门规定的期限内分别停止生产、销售或者进口列入前款规定的名录中的设备。

ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ياكى ئىمپورت قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىمپورت قىلىشنى ئايرىم-ئايرىم توختىتىشى شەرت.

第十九条 在城市范围内从事生产活动确需排放偶发性强烈噪声的,必须事先向当地公安机关提出申请,经批准后方可进行。当地公安机关应当向社会公告。

19-ماددا شەھەر دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ھەقىقەتەن تاسادىپىي كۈچلۈك شاۋقۇن چىقىرىشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئالدىن ئىلتىماس سۇنۇش شەرت، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

第二十条 国务院环境保护行政主管部门应当建立环境噪声监测制度,制定监测规范,并会同有关部门组织监测网络。

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت شاۋقۇنىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆزىتىش-ئۆلچەش قائىدىسى تۈزۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىش-ئۆلچەش تورى تەشكىللىشى كېرەك.

环境噪声监测机构应当按照国务院环境保护行政主管部门的规定报送环境噪声监测结果。

مۇھىت شاۋقۇنىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىنى كۆزىتىش نەتىجىسىنى يوللىشى كېرەك.

第二十一条 县级以上人民政府环境保护行政主管部门和其他环境噪声污染防治工作的监督管理部门、机构,有权依据各自的职责对管辖范围内排放环境噪声的单位进行现场检查。被检查的单位必须如实反映情况,并提供必要的资料。检查部门、机构应当为被检查的单位保守技术秘密和业务秘密。

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر باشقا خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار، ئاپپاراتلار ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدە مۇھىت شاۋقۇنى چىقارغان ئورۇننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى ھەمدە زۆرۈر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئۈچۈن تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

检查人员进行现场检查,应当出示证件。

تەكشۈرگۈچى خادىملار نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

第三章 工业噪声污染防治

3-باب سانائەت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第二十二条 本法所称工业噪声,是指在工业生产活动中使用固定的设备时产生的干扰周围生活环境的声音。

22-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سانائەت شاۋقۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدە مۇقىم ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان سادانى كۆرسىتىدۇ.

第二十三条 在城市范围内向周围生活环境排放工业噪声的,应当符合国家规定的工业企业厂界环境噪声排放标准。

23-ماددا شەھەر دائىرىسىدىن ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا سانائەت شاۋقۇنى چىقىرىشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن سانائەت كارخانىلىرى زاۋۇتى دائىرىسىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك.

第二十四条 在工业生产中因使用固定的设备造成环境噪声污染的工业企业,必须按照国务院环境保护行政主管部门的规定,向所在地的县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门申报拥有的造成环境噪声污染的设备的种类、数量以及在正常作业条件下所发出的噪声值和防治环境噪声污染的设施情况,并提供防治噪声污染的技术资料。

24-ماددا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ئۈسكۈنە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغانغان سانائەت كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى شەرت، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلكىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرى، مىقدارى، شۇنىڭدەك نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا چىقارغان شاۋقۇننىڭ قىممىتى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھە ئەھۋالىنى ئىلتىماس قىلىش ھەمدە شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشكە دائىر تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش.

造成环境噪声污染的设备的种类、数量、噪声值和防治设施有重大改变的,必须及时申报,并采取应有的防治措施。

مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرى، مىقدارى، شاۋقۇن قىممىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەسلىھەلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ھەمدە تېگىشلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش شەرت.

第二十五条 产生环境噪声污染的工业企业,应当采取有效措施,减轻噪声对周围生活环境的影响。

25-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان سانائەت كارخانىلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىشى كېرەك.

第二十六条 国务院有关主管部门对可能产生环境噪声污染的工业设备,应当根据声环境保护的要求和国家的经济、技术条件,逐步在依法制定的产品的国家标准、行业标准中规定噪声限值。

26-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئاۋازلىق مۇھىت ئاسراشتىكى تەلەپ ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن مەھسۇلاتنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىدە شاۋقۇننىڭ چەك قىممىتىنى تەدرىجىي بەلگىلىشى كېرەك.

前款规定的工业设备运行时发出的噪声值,应当在有关技术文件中予以注明。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سانائەت ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا چىقارغان شاۋقۇن قىممىتىنى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ھۆججەتلەردە ئەسكەرتىش كېرەك.

第四章 建筑施工噪声污染防治

4-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第二十七条 本法所称建筑施工噪声,是指在建筑施工过程中产生的干扰周围生活环境的声音。

27-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شاۋقۇنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى جەريانىدا پەيدا بولغان ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا سالغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

第二十八条 在城市市区范围内向周围生活环境排放建筑施工噪声的,应当符合国家规定的建筑施工场界环境噪声排放标准。

28-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش شاۋقۇنىنى شەھەر رايونى دائىرىسىدە ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا چىقىرىشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن قۇرۇلۇش قىلىش مەيدانى پاسىلىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك.

第二十九条 在城市市区范围内,建筑施工过程中使用机械设备,可能产生环境噪声污染的,施工单位必须在工程开工十五日以前向工程所在地县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门申报该工程的项目名称、施工场所和期限、可能产生的环境噪声值以及所采取的环境噪声污染防治措施的情况。

29-ماددا شەھەر رايونى دائىرىسىدە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى جەريانىدا ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلىنىپ 15 كۈندىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۈر نامى، قۇرۇلۇش قىلىش ئورنى ۋە مۇددىتى، پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان مۇھىت شاۋقۇنى قىممىتى شۇنىڭدەك قوللانغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش تەدبىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى شەرت.

第三十条 在城市市区噪声敏感建筑物集中区域内,禁止夜间进行产生环境噪声污染的建筑施工作业,但抢修、抢险作业和因生产工艺上要求或者特殊需要必须连续作业的除外。

30-ماددا شەھەر شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا، كېچىدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى مەشغۇلاتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن جىددىي رېمونت قىلىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىدىكى تەلەپ ياكى ئالاھىدە ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۇدا مەشغۇلات قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا.

因特殊需要必须连续作业的,必须有县级以上人民政府或者其有关主管部门的证明。

ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن ئۇدا مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇشى شەرت.

前款规定的夜间作业,必须公告附近居民。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېچىلىك مەشغۇلاتنى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە ئېلان قىلىش شەرت.

第五章 交通运输噪声污染防治

5-باب قاتناش-تىرانسپورت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第三十一条 本法所称交通运输噪声,是指机动车辆、铁路机车、机动船舶、航空器等交通运输工具在运行时所产生的干扰周围生活环境的声音。

31-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قاتناش-تىرانسپورت شاۋقۇنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، تۆمۈريول پاراۋۇزى، موتورلۇق قاتناش كېمىسى، ئۇچقۇ قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى يۈرۈۋاتقاندا پەيدا بولغان ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان سادانى كۆرسىتىدۇ.

第三十二条 禁止制造、销售或者进口超过规定的噪声限值的汽车。

32-ماددا بەلگىلەنگەن شاۋقۇن چەك قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى ياساش، سېتىش ياكى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三十三条 在城市市区范围内行驶的机动车辆的消声器和喇叭必须符合国家规定的要求。机动车辆必须加强维修和保养,保持技术性能良好,防治环境噪声污染。

33-ماددا شەھەر رايونى دائىرىسىدە يۈرۈۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاۋاز يوقاتقۇچىسى ۋە كانىيى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنى ياخشى ساقلاش، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك.

第三十四条 机动车辆在城市市区范围内行驶,机动船舶在城市市区的内河航道航行,铁路机车驶经或者进入城市市区、疗养区时,必须按照规定使用声响装置。

34-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شەھەر رايونى دائىرىسىدە، موتورلۇق قاتناش پاراخوتلىرى شەھەر رايونىدىكى ئىچكى دەريا سۇ يولىدا ماڭىدۇ، تۆمۈريول پاراۋۇزلىرى شەھەر رايونى، كۈتۈنۈش رايونىدىن ئۆتكەندە ياكى ئۆتكەندە بەلگىلىمە بويىچە ئاۋاز قۇرۇلمىسى ئىشلىتىش شەرت.

警车、消防车、工程抢险车、救护车等机动车辆安装、使用警报器,必须符合国务院公安部门的规定;在执行非紧急任务时,禁止使用警报器。

ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىشتە، گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ جىددىي بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغاندا، سىگنال بېرىش ئەسۋابى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三十五条 城市人民政府公安机关可以根据本地城市市区区域声环境保护的需要,划定禁止机动车辆行驶和禁止其使用声响装置的路段和时间,并向社会公告。

35-ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوڭئەن ئورگىنى شۇ جايدىكى شەھەر رايونى رايونىنىڭ ئاۋاز مۇھىتىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى مەنئى قىلىدىغان ۋە ئاۋاز قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىدىغان يول بۆلىكى ۋە ۋاقىتنى بېكىتسە ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

第三十六条 建设经过已有的噪声敏感建筑物集中区域的高速公路和城市高架、轻轨道路,有可能造成环境噪声污染的,应当设置声屏障或者采取其他有效的控制环境噪声污染的措施。

36-ماددا شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايوندا ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەر ئاسما جازىسى، يېنىك رېلىسلىق يولدىن ئۆتۈپ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولسا، ئاۋاز توسۇقى ئورنىتىش ياكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن يۇقۇملىنىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

第三十七条 在已有的城市交通干线的两侧建设噪声敏感建筑物的,建设单位应当按照国家规定间隔一定距离,并采取减轻、避免交通噪声影响的措施。

37-ماددا ھازىر بار بولغان شەھەر قاتناش غول لىنىيەلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەت سېلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇشى ھەمدە قاتناش شاۋقۇنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

第三十八条 在车站、铁路编组站、港口、码头、航空港等地指挥作业时使用广播喇叭的,应当控制音量,减轻噪声对周围生活环境的影响。

38-ماددا ۋوگزال، تۆمۈريول گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى، پورت، پىرىستان، ئايروپورت قاتارلىق جايلاردا مەشغۇلاتقا قوماندانلىق قىلغاندا رادىيو كانىيى ئىشلەتكەندە، ئاۋازنى كونترول قىلىپ، شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

第三十九条 穿越城市居民区、文教区的铁路,因铁路机车运行造成环境噪声污染的,当地城市人民政府应当组织铁路部门和其他有关部门,制定减轻环境噪声污染的规划。铁路部门和其他有关部门应当按照规划的要求,采取有效措施,减轻环境噪声污染。

39-ماددا شەھەر ئاھالە رايونى، مەدەنىيەت-مائارىپ رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريوللاردا پاراۋۇزنىڭ يۈرۈشى سەۋەبىدىن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش كېلىپ چىقسا، شۇ جايدىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆمۈريول تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى تۈزۈشى كېرەك. تۆمۈريول تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يىرىك پىلاندىكى تەلەپ بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

第四十条 除起飞、降落或者依法规定的情形以外,民用航空器不得飞越城市市区上空。城市人民政府应当在航空器起飞、降落的净空周围划定限制建设噪声敏感建筑物的区域;在该区域内建设噪声敏感建筑物的,建设单位应当采取减轻、避免航空器运行时产生的噪声影响的措施。民航部门应当采取有效措施,减轻环境噪声污染。

40-ماددا ئۇچۇش، قونۇش ياكى قانۇن بويىچە بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى شەھەر رايونى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتسە بولمايدۇ. شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقان، قونغان پاكىز ھاۋا بوشلۇقى ئەتراپىدا، شاۋقۇنغا چىداملىق سەزگۈر ئىمارەت سېلىشقا چەك قويىدىغان رايون بېكىتىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن شۇ رايوندا شاۋقۇنلۇق سەزگۈر ئىمارەت سېلىشتا، ئايروپىلاننىڭ يۈرۈشۈش جەريانىدا پەيدا بولغان شاۋقۇن تەسىرىنى يېنىكلىتىش، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. خەلق ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

第六章 社会生活噪声污染防治

6-باب ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

第四十一条 本法所称社会生活噪声,是指人为活动所产生的除工业噪声、建筑施工噪声和交通运输噪声之外的干扰周围生活环境的声音。

41-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنى كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىدىن كېلىپ چىققان سانائەت شاۋقۇنى، قۇرۇلۇش قىلىش شاۋقۇنى ۋە قاتناش-تىرانسپورت شاۋقۇنىدىن باشقا ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا سالىدىغان سادانى كۆرسىتىدۇ.

第四十二条 在城市市区噪声敏感建筑物集中区域内,因商业经营活动中使用固定设备造成环境噪声污染的商业企业,必须按照国务院环境保护行政主管部门的规定,向所在地的县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门申报拥有的造成环境噪声污染的设备的状况和防治环境噪声污染的设施的情况。

42-ماددا شەھەر شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايوندا، سودا-تىجارەت پائالىيىتىدە مۇقىم ئۈسكۈنە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغانغان سودا كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى شەرت شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلكىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىلتىماس قىلىش.

第四十三条 新建营业性文化娱乐场所的边界噪声必须符合国家规定的环境噪声排放标准;不符合国家规定的环境噪声排放标准的,文化行政主管部门不得核发文化经营许可证,工商行政管理部门不得核发营业执照。

43-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ چېگرا شاۋقۇنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت تىجارىتى ئىجازەتنامىسى تارقاتسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسى تارقاتسا بولمايدۇ.

经营中的文化娱乐场所,其经营管理者必须采取有效措施,使其边界噪声不超过国家规定的环境噪声排放标准。

تىجارەت قىلىۋاتقان مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا شاۋقۇنىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى شەرت.

第四十四条 禁止在商业经营活动中使用高音广播喇叭或者采用其他发出高噪声的方法招揽顾客。

44-ماددا سودا-تىجارەت پائالىيىتىدە يۇقىرى ئاۋازلىق رادىيو كانىيى ئىشلىتىش ياكى باشقا يۇقىرى شاۋقۇن چىقىرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ خېرىدار چاقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

在商业经营活动中使用空调器、冷却塔等可能产生环境噪声污染的设备、设施的,其经营管理者应当采取措施,使其边界噪声不超过国家规定的环境噪声排放标准。

سودا-تىجارەت پائالىيىتىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، سوۋۇتۇش مۇنارى قاتارلىق مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ تىجارەت باشقۇرغۇچىسى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ چېگرا شاۋقۇنىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

第四十五条 禁止任何单位、个人在城市市区噪声敏感建筑物集中区域内使用高音广播喇叭。

45-ماددا ھەرقانداق ئورۇن، شەخسنىڭ شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايوندا يۇقىرى ئاۋازلىق رادىيو كانىيى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

在城市市区街道、广场、公园等公共场所组织娱乐、集会等活动,使用音响器材可能产生干扰周围生活环境的过大音量的,必须遵守当地公安机关的规定。

شەھەر رايونىدىكى كوچا، مەيدان، باغچە قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە، ياڭراتقۇ ئىشلەتكەندە ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋاز زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

第四十六条 使用家用电器、乐器或者进行其他家庭室内娱乐活动时,应当控制音量或者采取其他有效措施,避免对周围居民造成环境噪声污染。

46-ماددا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، چالغۇ ئىشلىتىش ياكى باشقا ئائىلىلەرنىڭ ئۆي ئىچى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، ئاۋاز مىقدارىنى كونترول قىلىش ياكى باشقا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

第四十七条 在已竣工交付使用的住宅楼进行室内装修活动,应当限制作业时间,并采取其他有效措施,以减轻、避免对周围居民造成环境噪声污染。

47-ماددا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تۇرالغۇ ئۆيلىرىدە ئۆي ئىچىنى بېزەش پائالىيىتىدە، مەشغۇلات ۋاقتىغا چەك قويۇش ھەمدە باشقا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第四十八条 违反本法第十四条的规定,建设项目中需要配套建设的环境噪声污染防治设施没有建成或者没有达到国家规定的要求,擅自投入生产或者使用的,由批准该建设项目的环境影响报告书的环境保护行政主管部门责令停止生产或者使用,可以并处罚款。

48-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرىدىكى يانداش قۇرۇلۇشقا تېگىشلىك مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى پۈتمىگەن ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە يەتمىگەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى ئىشلىتىلگەن بولسا، شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第四十九条 违反本法规定,拒报或者谎报规定的环境噪声排放申报事项的,县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门可以根据不同情节,给予警告或者处以罚款。

49-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第五十条 违反本法第十五条的规定,未经环境保护行政主管部门批准,擅自拆除或者闲置环境噪声污染防治设施,致使环境噪声排放超过规定标准的,由县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门责令改正,并处罚款。

50-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇپ ياكى بىكار قويۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىنىڭ چىقىرىلىشىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

第五十一条 违反本法第十六条的规定,不按照国家规定缴纳超标准排污费的,县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门可以根据不同情节,给予警告或者处以罚款。

51-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرمىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第五十二条 违反本法第十七条的规定,对经限期治理逾期未完成治理任务的企业事业单位,除依照国家规定加收超标准排污费外,可以根据所造成的危害后果处以罚款,或者责令停业、搬迁、关闭。

52-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەش بولسىمۇ تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى قوشۇپ ئېلىنغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېلىپ چىققان خەۋپ ئاقىۋىتىگە قاراپ جەرىمانە قويسا ياكى ئىش توختىتىش، كۆچۈرۈش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

前款规定的罚款由环境保护行政主管部门决定。责令停业、搬迁、关闭由县级以上人民政府按照国务院规定的权限决定。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قارار قىلىدۇ. ئىشنى توختىتىش، كۆچۈرۈش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار قىلىدۇ.

第五十三条 违反本法第十八条的规定,生产、销售、进口禁止生产、销售、进口的设备的,由县级以上人民政府经济综合主管部门责令改正;情节严重的,由县级以上人民政府经济综合主管部门提出意见,报请同级人民政府按照国务院规定的权限责令停业、关闭。

53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار، ئىمپورت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى پىكىر بېرىپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشىغا يوللايدۇ.

第五十四条 违反本法第十九条的规定,未经当地公安机关批准,进行产生偶发性强烈噪声活动的,由公安机关根据不同情节给予警告或者处以罚款。

54-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، تاسادىپىي كۈچلۈك شاۋقۇن ھەرىكىتى پەيدا قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

第五十五条 排放环境噪声的单位违反本法第二十一条的规定,拒绝环境保护行政主管部门或者其他依照本法规定行使环境噪声监督管理权的部门、机构现场检查或者在被检查时弄虚作假的,环境保护行政主管部门或者其他依照本法规定行使环境噪声监督管理权的监督管理部门、机构可以根据不同情节,给予警告或者处以罚款。

55-ماددا مۇھىت شاۋقۇنى چىقارغان ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا تارماق، ئاپپاراتلار نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ساختىپەزلىك قىلسا، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، ئاپپاراتى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第五十六条 建筑施工单位违反本法第三十条第一款的规定,在城市市区噪声敏感建筑物集中区域内,夜间进行禁止进行的产生环境噪声污染的建筑施工作业的,由工程所在地县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门责令改正,可以并处罚款。

56-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر-رايونلىرىدىكى شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايوندا، كېچىدە ئېلىپ بېرىش مەنئى قىلىنغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلغانلىرىنى قۇرۇلۇش قىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第五十七条 违反本法第三十四条的规定,机动车辆不按照规定使用声响装置的,由当地公安机关根据不同情节给予警告或者处以罚款。

57-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئاۋاز قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەنلەرگە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

机动船舶有前款违法行为的,由港务监督机构根据不同情节给予警告或者处以罚款。

موتورلۇق كېمىلەردە ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىنغان بولسا، پورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

铁路机车有第一款违法行为的,由铁路主管部门对有关责任人员给予行政处分。

تۆمۈريول پاراۋۇزىنىڭ تۇنجى تارمىقىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولسا، تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار جاۋابكارلارغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

第五十八条 违反本法规定,有下列行为之一的,由公安机关给予警告,可以并处罚款:

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ :

(一)在城市市区噪声敏感建筑物集中区域内使用高音广播喇叭;

( 1 ) شەھەر-رايونلىرىدىكى شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايوندا يۇقىرى ئاۋازلىق رادىيو كانىيى ئىشلىتىش؛

(二)违反当地公安机关的规定,在城市市区街道、广场、公园等公共场所组织娱乐、集会等活动,使用音响器材,产生干扰周围生活环境的过大音量的;

( 2 ) شۇ جايدىكى گوڭئەن ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر رايونىدىكى كوچا، مەيدان، باغچە قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ياڭراتقۇ ئىشلىتىپ، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان زىيادە يۇقىرى ئاۋاز چىقارغانلار؛

(三)未按本法第四十六条和第四十七条规定采取措施,从家庭室内发出严重干扰周围居民生活的环境噪声的。

( 3 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 46-ۋە 47-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەدبىر قوللانماي، ئۆي ئىچىدىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر كاشىلا قىلىدىغان مۇھىت شاۋقۇنى چىقارغانلار.

第五十九条 违反本法第四十三条第二款、第四十四条第二款的规定,造成环境噪声污染的,由县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门责令改正,可以并处罚款。

59-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 43-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 44-تارمىقىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第六十条 违反本法第四十四条第一款的规定,造成环境噪声污染的,由公安机关责令改正,可以并处罚款。

60-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

省级以上人民政府依法决定由县级以上地方人民政府环境保护行政主管部门行使前款规定的行政处罚权的,从其决定。

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قانۇن بويىچە قارار قىلغانلىرى شۇ قارار قىلىدۇ.

第六十一条 受到环境噪声污染危害的单位和个人,有权要求加害人排除危害;造成损失的,依法赔偿损失。

61-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىپ خەۋپ يەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەر زىيانلانغۇچىدىن خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ.

赔偿责任和赔偿金额的纠纷,可以根据当事人的请求,由环境保护行政主管部门或者其他环境噪声污染防治工作的监督管理部门、机构调解处理;调解不成的,当事人可以向人民法院起诉。当事人也可以直接向人民法院起诉。

تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسى ماجىراسىنى توختاملاشقۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، ئاپپاراتى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

第六十二条 环境噪声污染防治监督管理人员滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,由其所在单位或者上级主管机关给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

62-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگىنى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十三条 本法中下列用语的含义是:

63-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)“噪声排放”是指噪声源向周围生活环境辐射噪声。

( 1 ) «شاۋقۇن چىقىرىش»شاۋقۇن مەنبەسىنىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا رادىياتسىيە شاۋقۇنىنى كۆرسىتىدۇ.

(二)“噪声敏感建筑物”是指医院、学校、机关、科研单位、住宅等需要保持安静的建筑物。

( 2 ) «شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەت»دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئورگان، پەن تەتقىقات ئورنى، تۇرالغۇ قاتارلىق جايلاردىكى جىمجىتلىقنى ساقلاشقا تېگىشلىك ئىمارەتنى كۆرسىتىدۇ.

(三)“噪声敏感建筑物集中区域”是指医疗区、文教科研区和以机关或者居民住宅为主的区域。

( 3 ) «شاۋقۇنغا سەزگۈر ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايون»داۋالاش رايونى، مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن تەتقىقات رايونى ۋە ئورگان ياكى ئاھالە تۇرالغۇسىنى ئاساس قىلغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

(四)“夜间”是指晚二十二点至晨六点之间的期间。

( 4 ) «كېچە»كەچ سائەت 22:00 دىن ئەتىگەن سائەت 6:00 گىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

(五)“机动车辆”是指汽车和摩托车。

( 5 ) «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى»ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتنى كۆرسىتىدۇ.

第六十四条 本法自1997年3月1日起施行。1989年9月26日国务院发布的《中华人民共和国环境噪声污染防治条例》同时废止。

64-ماددا بۇ قانۇن 1997-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1989-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.