(2018年8月31日第十三届全国人民代表大会常务委员会第五次会议通过)
( 2018-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2018年8月31日第十三届全国人民代表大会常务委员会第五次会议通过)
( 2018-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 电子商务经营者
2-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第二节 电子商务平台经营者
2-پاراگراف ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى
第三章 电子商务合同的订立与履行
3-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا توختامىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى
第四章 电子商务争议解决
4-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش
第五章 电子商务促进
5-باب ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了保障电子商务各方主体的合法权益,规范电子商务行为,维护市场秩序,促进电子商务持续健康发展,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ھەرقايسى تەرەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 中华人民共和国境内的电子商务活动,适用本法。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
本法所称电子商务,是指通过互联网等信息网络销售商品或者提供服务的经营活动。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
法律、行政法规对销售商品或者提供服务有规定的,适用其规定。金融类产品和服务,利用信息网络提供新闻信息、音视频节目、出版以及文化产品等内容方面的服务,不适用本法。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت، ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ ئاخبارات ئۇچۇرى، ئۈن-سىن پىروگراممىسى، نەشر، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت مەھسۇلاتى قاتارلىق مەزمۇن جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
第三条 国家鼓励发展电子商务新业态,创新商业模式,促进电子商务技术研发和推广应用,推进电子商务诚信体系建设,营造有利于电子商务创新发展的市场环境,充分发挥电子商务在推动高质量发展、满足人民日益增长的美好生活需要、构建开放型经济方面的重要作用。
3-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشكە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بازار مۇھىتى يارىتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
第四条 国家平等对待线上线下商务活动,促进线上线下融合发展,各级人民政府和有关部门不得采取歧视性的政策措施,不得滥用行政权力排除、限制市场竞争。
4-ماددا دۆلەت تور ئىچى-سىرتىدىكى سودا پائالىيىتىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، تور ئىچى-سىرتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللانسا، مەمۇرىي ھوقۇقتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، بازار رىقابىتىنى چەتكە قاقسا، چەكلىسە بولمايدۇ.
第五条 电子商务经营者从事经营活动,应当遵循自愿、平等、公平、诚信的原则,遵守法律和商业道德,公平参与市场竞争,履行消费者权益保护、环境保护、知识产权保护、网络安全与个人信息保护等方面的义务,承担产品和服务质量责任,接受政府和社会的监督。
5-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىختىيارىي، باراۋەر، ئادىل، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن ۋە سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
第六条 国务院有关部门按照职责分工负责电子商务发展促进、监督管理等工作。县级以上地方各级人民政府可以根据本行政区域的实际情况,确定本行政区域内电子商务的部门职责划分。
6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتسە بولىدۇ.
第七条 国家建立符合电子商务特点的协同管理体系,推动形成有关部门、电子商务行业组织、电子商务经营者、消费者等共同参与的电子商务市场治理体系。
7-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھە تەشكىلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى، ئىستېمالچىلار قاتارلىقلار ئورتاق قاتناشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
第八条 电子商务行业组织按照本组织章程开展行业自律,建立健全行业规范,推动行业诚信建设,监督、引导本行业经营者公平参与市场竞争。
8-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھە تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقىنى شۇ تەشكىلات نىزامنامىسى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ساھە ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ساھەدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
第二章 电子商务经营者
2-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第九条 本法所称电子商务经营者,是指通过互联网等信息网络从事销售商品或者提供服务的经营活动的自然人、法人和非法人组织,包括电子商务平台经营者、平台内经营者以及通过自建网站、其他网络服务销售商品或者提供服务的电子商务经营者。
9-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنى، جۈملىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى، سۇپا تىجارەتچىسى، شۇنىڭدەك ئۆزى قۇرغان تور بېكىتى، باشقا تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسىنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称电子商务平台经营者,是指在电子商务中为交易双方或者多方提供网络经营场所、交易撮合、信息发布等服务,供交易双方或者多方独立开展交易活动的法人或者非法人组织。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپكە تور تىجارەت سورۇنى بېرىش، سودىدا تېپىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان، سودىلاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ سودا پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称平台内经营者,是指通过电子商务平台销售商品或者提供服务的电子商务经营者。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
第十条 电子商务经营者应当依法办理市场主体登记。但是,个人销售自产农副产品、家庭手工业产品,个人利用自己的技能从事依法无须取得许可的便民劳务活动和零星小额交易活动,以及依照法律、行政法规不需要进行登记的除外。
10-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاشنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك. لېكىن، شەخسلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان، شەخسلەر ئۆز ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدىغان خەلققە قولايلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى پائالىيىتى ۋە پارچە-پۇرات، ئاز سوممىلىق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە تىزىملىتىش ھاجەتسىز بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第十一条 电子商务经营者应当依法履行纳税义务,并依法享受税收优惠。
11-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.
依照前条规定不需要办理市场主体登记的电子商务经营者在首次纳税义务发生后,应当依照税收征收管理法律、行政法规的规定申请办理税务登记,并如实申报纳税。
ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ئۆتىگەندىن كېيىن، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باجنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە باج تاپشۇرۇشنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.
第十二条 电子商务经营者从事经营活动,依法需要取得相关行政许可的,应当依法取得行政许可。
12-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن تىجارەت پائالىيىتى قىلىشتا، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشى كېرەك.
第十三条 电子商务经营者销售的商品或者提供的服务应当符合保障人身、财产安全的要求和环境保护要求,不得销售或者提供法律、行政法规禁止交易的商品或者服务。
13-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ساتقان تاۋار ياكى قىلغان مۇلازىمەت جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ۋە مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سودىلىشىش مەنئى قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىشقا ياكى تەمىنلەشكە يول قويۇلمايدۇ.
第十四条 电子商务经营者销售商品或者提供服务应当依法出具纸质发票或者电子发票等购货凭证或者服务单据。电子发票与纸质发票具有同等法律效力。
14-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا، قانۇن بويىچە قەغەز تالون ياكى ئېلېكتىرونلۇق تالون قاتارلىق مال سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى مۇلازىمەت تالونى بېرىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق تالون بىلەن قەغەز تالون ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.
第十五条 电子商务经营者应当在其首页显著位置,持续公示营业执照信息、与其经营业务有关的行政许可信息、属于依照本法第十条规定的不需要办理市场主体登记情形等信息,或者上述信息的链接标识。
15-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە، تىجارەت كىنىشكىسى ئۇچۇرى، تىجارەت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەت ئۇچۇرى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىش ھاجەتسىز ئەھۋال قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى داۋاملىق ئېلان قىلىشى كېرەك.
前款规定的信息发生变更的,电子商务经营者应当及时更新公示信息。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرنى ۋاقتىدا يېڭىلىشى كېرەك.
第十六条 电子商务经营者自行终止从事电子商务的,应当提前三十日在首页显著位置持续公示有关信息。
16-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆز ئالدىغا ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، 30 كۈن بۇرۇن باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئېلان قىلىشى كېرەك.
第十七条 电子商务经营者应当全面、真实、准确、及时地披露商品或者服务信息,保障消费者的知情权和选择权。电子商务经营者不得以虚构交易、编造用户评价等方式进行虚假或者引人误解的商业宣传,欺骗、误导消费者。
17-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي، توغرا، ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ساختا سودا قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەر باھا سۆزىنى ئويدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىسا، ئازدۇرسا بولمايدۇ.
第十八条 电子商务经营者根据消费者的兴趣爱好、消费习惯等特征向其提供商品或者服务的搜索结果的,应当同时向该消费者提供不针对其个人特征的选项,尊重和平等保护消费者合法权益。
18-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئىستېمال ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلسا، شۇ ئىستېمالچىغا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان بولمىغان تاللاش تۈرىنى بىرلا ۋاقىتتا تەمىنلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك.
电子商务经营者向消费者发送广告的,应当遵守《中华人民共和国广告法》的有关规定。
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارغا ئېلان بېرىشتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
第十九条 电子商务经营者搭售商品或者服务,应当以显著方式提请消费者注意,不得将搭售商品或者服务作为默认同意的选项。
19-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى قوشۇپ سېتىشتا، ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى روشەن ئۇسۇلدا سۇنۇشى كېرەك، قوشۇپ سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى كۆڭۈلدە قوشۇلغان تۈر قىلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第二十条 电子商务经营者应当按照承诺或者与消费者约定的方式、时限向消费者交付商品或者服务,并承担商品运输中的风险和责任。但是,消费者另行选择快递物流服务提供者的除外。
20-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ۋەدە بېرىش ياكى ئىستېمالچىلار بىلەن پۈتۈشكەن ئۇسۇل، ۋاقىت چېكى بويىچە ئىستېمالچىغا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاپشۇرۇشى ھەمدە تاۋار توشۇشتىكى خەۋپ-خەتەر ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېكىن، ئىستېمالچىلار ئايرىم ھالدا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنى تاللىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第二十一条 电子商务经营者按照约定向消费者收取押金的,应当明示押金退还的方式、程序,不得对押金退还设置不合理条件。消费者申请退还押金,符合押金退还条件的,电子商务经营者应当及时退还。
21-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە ئىستېمالچىلاردىن زاكالەت ئالغاندا، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ. ئىستېمالچىلار زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.
第二十二条 电子商务经营者因其技术优势、用户数量、对相关行业的控制能力以及其他经营者对该电子商务经营者在交易上的依赖程度等因素而具有市场支配地位的,不得滥用市场支配地位,排除、限制竞争。
22-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى، خېرىدار سانى، ئالاقىدار كەسىپلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ شۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسىگە بولغان سودىدىكى تايىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىغا ئىگە بولسا، بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رىقابەتنى چەتكە قاقسا، چەكلىسە بولمايدۇ.
第二十三条 电子商务经营者收集、使用其用户的个人信息,应当遵守法律、行政法规有关个人信息保护的规定。
23-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئابۇنىچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش، ئىشلىتىشتە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
第二十四条 电子商务经营者应当明示用户信息查询、更正、删除以及用户注销的方式、程序,不得对用户信息查询、更正、删除以及用户注销设置不合理条件。
24-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ھەمدە ئابونتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك، ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈشكە ھەمدە ئابونتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشكە مۇۋاپىق بولمىغان شەرت قويسا بولمايدۇ.
电子商务经营者收到用户信息查询或者更正、删除的申请的,应当在核实身份后及时提供查询或者更正、删除用户信息。用户注销的,电子商务经营者应当立即删除该用户的信息;依照法律、行政法规的规定或者双方约定保存的,依照其规定。
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، سالاھىيىتىنى دەلىللىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈشى ياكى تۈزىتىشى، ئۆچۈرۈشى كېرەك. ئىشلەتكۈچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمى بويىچە ساقلانغان بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第二十五条 有关主管部门依照法律、行政法规的规定要求电子商务经营者提供有关电子商务数据信息的,电子商务经营者应当提供。有关主管部门应当采取必要措施保护电子商务经营者提供的数据信息的安全,并对其中的个人信息、隐私和商业秘密严格保密,不得泄露、出售或者非法向他人提供。
25-ماددا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇر، شەخسىيەت ۋە سودا مەخپىيىتىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى، سېتىپ بەرمەسلىكى ياكى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارغا بەرمەسلىكى كېرەك.
第二十六条 电子商务经营者从事跨境电子商务,应当遵守进出口监督管理的法律、行政法规和国家有关规定。
26-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئىمپورت-ئېكسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
第二节 电子商务平台经营者
2-پاراگراف ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى
第二十七条 电子商务平台经营者应当要求申请进入平台销售商品或者提供服务的经营者提交其身份、地址、联系方式、行政许可等真实信息,进行核验、登记,建立登记档案,并定期核验更新。
27-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىغا كىرىپ تاۋار سېتىشنى ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان تىجارەتچىدىن سالاھىيىتى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مەمۇرىي ئىجازەت قاتارلىق ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىشى، تىزىملاش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈپ يېڭىلىشى كېرەك.
电子商务平台经营者为进入平台销售商品或者提供服务的非经营用户提供服务,应当遵守本节有关规定。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپىغا كىرىپ تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىشتىكى تىجارەتسىز خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا، مۇشۇ پاراگرافتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
第二十八条 电子商务平台经营者应当按照规定向市场监督管理部门报送平台内经营者的身份信息,提示未办理市场主体登记的经营者依法办理登记,并配合市场监督管理部门,针对电子商务的特点,为应当办理市场主体登记的经营者办理登记提供便利。
28-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىغا سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى يوللاپ، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى ھەمدە بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارمىقىغا ماسلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
电子商务平台经营者应当依照税收征收管理法律、行政法规的规定,向税务部门报送平台内经营者的身份信息和与纳税有关的信息,并应当提示依照本法第十条规定不需要办理市场主体登记的电子商务经营者依照本法第十一条第二款的规定办理税务登记。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى باج ئېلىشنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، باج تارمىقىغا سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى ۋە باج تاپشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىشى كېرەك، ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىشتا رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باج تىزىملىتىشنى ئەسكەرتىش كېرەك.
第二十九条 电子商务平台经营者发现平台内的商品或者服务信息存在违反本法第十二条、第十三条规定情形的,应当依法采取必要的处置措施,并向有关主管部门报告。
29-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 12-، 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال بارلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第三十条 电子商务平台经营者应当采取技术措施和其他必要措施保证其网络安全、稳定运行,防范网络违法犯罪活动,有效应对网络安全事件,保障电子商务交易安全。
30-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
电子商务平台经营者应当制定网络安全事件应急预案,发生网络安全事件时,应当立即启动应急预案,采取相应的补救措施,并向有关主管部门报告。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈزبەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال قوزغىتىشى، مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第三十一条 电子商务平台经营者应当记录、保存平台上发布的商品和服务信息、交易信息,并确保信息的完整性、保密性、可用性。商品和服务信息、交易信息保存时间自交易完成之日起不少于三年;法律、行政法规另有规定的,依照其规定。
31-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپىدا ئېلان قىلىنغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى خاتىرىلىشى، ساقلىشى ھەمدە ئۇچۇرنىڭ مۇكەممەللىكى، مەخپىيەتلىكى، ئىشلىتىشچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى ساقلاش ۋاقتى سودا تاماملانغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第三十二条 电子商务平台经营者应当遵循公开、公平、公正的原则,制定平台服务协议和交易规则,明确进入和退出平台、商品和服务质量保障、消费者权益保护、个人信息保护等方面的权利和义务。
32-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى تۈزۈپ، سۇپىغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالىتى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
第三十三条 电子商务平台经营者应当在其首页显著位置持续公示平台服务协议和交易规则信息或者上述信息的链接标识,并保证经营者和消费者能够便利、完整地阅览和下载。
33-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى ئۇچۇرى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى ئۆزىنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىشى ھەمدە تىجارەتچى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قولاي، تولۇق كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第三十四条 电子商务平台经营者修改平台服务协议和交易规则,应当在其首页显著位置公开征求意见,采取合理措施确保有关各方能够及时充分表达意见。修改内容应当至少在实施前七日予以公示。
34-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق پىكىر بايان قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۈزىتىلگەن مەزمۇن كەم دېگەندە يولغا قويۇلۇشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى كېرەك.
平台内经营者不接受修改内容,要求退出平台的,电子商务平台经营者不得阻止,并按照修改前的服务协议和交易规则承担相关责任。
سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇننى قوبۇل قىلماي، سۇپىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى توسۇپ قالسا بولمايدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十五条 电子商务平台经营者不得利用服务协议、交易规则以及技术等手段,对平台内经营者在平台内的交易、交易价格以及与其他经营者的交易等进行不合理限制或者附加不合理条件,或者向平台内经营者收取不合理费用。
35-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇلازىمەت كېلىشىمى، سودا قائىدىسى، تېخنىكا قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇپىدىكى سودىسى، سودا باھاسى ۋە باشقا تىجارەتچىلەر بىلەن قىلغان سودىسى قاتارلىقلارغا نامۇۋاپىق چەك قويسا ياكى نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويسا، ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرىدىن نامۇۋاپىق ھەق ئالسا بولمايدۇ.
第三十六条 电子商务平台经营者依据平台服务协议和交易规则对平台内经营者违反法律、法规的行为实施警示、暂停或者终止服务等措施的,应当及时公示。
36-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسىگە ئاساسەن، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشىغا ئاگاھ بېرىش، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第三十七条 电子商务平台经营者在其平台上开展自营业务的,应当以显著方式区分标记自营业务和平台内经营者开展的业务,不得误导消费者。
37-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئۆز سۇپىسىدا ئۆز ئالدىغا كەسىپ قىلىشتا، ئۆز ئالدىغا كەسىپ قىلىش ۋە سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قانات يايدۇرغان كەسىپلىرىنى ئېنىق ئۇسۇل بىلەن پەرقلەندۈرۈشى، ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرماسلىقى كېرەك.
电子商务平台经营者对其标记为自营的业务依法承担商品销售者或者服务提供者的民事责任。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئۆزى تىجارەت قىلىش دەپ بەلگە قويۇلغان كەسىپكە قارىتا تاۋار ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十八条 电子商务平台经营者知道或者应当知道平台内经营者销售的商品或者提供的服务不符合保障人身、财产安全的要求,或者有其他侵害消费者合法权益行为,未采取必要措施的,依法与该平台内经营者承担连带责任。
38-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرى ساتقان تاۋارلار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، قانۇن بويىچە شۇ سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
对关系消费者生命健康的商品或者服务,电子商务平台经营者对平台内经营者的资质资格未尽到审核义务,或者对消费者未尽到安全保障义务,造成消费者损害的,依法承担相应的责任。
ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十九条 电子商务平台经营者应当建立健全信用评价制度,公示信用评价规则,为消费者提供对平台内销售的商品或者提供的服务进行评价的途径。
39-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىناۋەتنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىناۋەت باھالاش قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا سۇپىدا سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن باھالاش يولى ئېچىپ بېرىشى كېرەك.
电子商务平台经营者不得删除消费者对其平台内销售的商品或者提供的服务的评价。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز سۇپىسىدا ساتقان تاۋارلىرى ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىگە بەرگەن باھاسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە بولمايدۇ.
第四十条 电子商务平台经营者应当根据商品或者服务的价格、销量、信用等以多种方式向消费者显示商品或者服务的搜索结果;对于竞价排名的商品或者服务,应当显著标明“广告”。
40-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ باھاسى، سېتىلىش مىقدارى، ئىناۋىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئىستېمالچىلارغا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا كۆرسىتىشى كېرەك؛ رىقابەت باھاسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە «ئېلان»نى ئېنىق يېزىش كېرەك.
第四十一条 电子商务平台经营者应当建立知识产权保护规则,与知识产权权利人加强合作,依法保护知识产权。
41-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قائىدىسى ئورنىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.
第四十二条 知识产权权利人认为其知识产权受到侵害的,有权通知电子商务平台经营者采取删除、屏蔽、断开链接、终止交易和服务等必要措施。通知应当包括构成侵权的初步证据。
42-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھوقۇقدارى ئۆزىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىدى دەپ قارىسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىگە ئۆچۈرۈش، چەكلىۋېتىش، ئۈزۈۋېتىش، سودا ۋە مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇقتۇرۇش ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
电子商务平台经营者接到通知后,应当及时采取必要措施,并将该通知转送平台内经营者;未及时采取必要措施的,对损害的扩大部分与平台内经营者承担连带责任。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە بۇ ئۇقتۇرۇشنى سۇپا تىجارەتچىسىگە يەتكۈزۈشى كېرەك؛ ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، زىياننىڭ كۆپەيگەن قىسمى ئۈچۈن سۇپىدىكى تىجارەتچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
因通知错误造成平台内经营者损害的,依法承担民事责任。恶意发出错误通知,造成平台内经营者损失的,加倍承担赔偿责任。
ئۇقتۇرۇش خاتالىقى تۈپەيلىدىن سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرگە زىيان يەتكەن بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يامان غەرەزدە خاتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرگە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
第四十三条 平台内经营者接到转送的通知后,可以向电子商务平台经营者提交不存在侵权行为的声明。声明应当包括不存在侵权行为的初步证据。
43-ماددا سۇپا تىجارەتچىلىرى يەتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىگە ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا بايانات تاپشۇرسا بولىدۇ. بايانات ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دائىر دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
电子商务平台经营者接到声明后,应当将该声明转送发出通知的知识产权权利人,并告知其可以向有关主管部门投诉或者向人民法院起诉。电子商务平台经营者在转送声明到达知识产权权利人后十五日内,未收到权利人已经投诉或者起诉通知的,应当及时终止所采取的措施。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى باياناتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇقتۇرۇش چىقارغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىگە يەتكۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ئەرز قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىگە يەتكۈزگەندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە، ھوقۇقدارنىڭ ئەرز قىلغانلىقى ياكى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا، قوللانغان تەدبىرنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
第四十四条 电子商务平台经营者应当及时公示收到的本法第四十二条、第四十三条规定的通知、声明及处理结果。
44-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تاپشۇرۇۋالغان مۇشۇ قانۇننىڭ 42-، 43-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش، بايانات ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第四十五条 电子商务平台经营者知道或者应当知道平台内经营者侵犯知识产权的,应当采取删除、屏蔽、断开链接、终止交易和服务等必要措施;未采取必要措施的,与侵权人承担连带责任。
45-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئۆچۈرۈش، چەكلىۋېتىش، ئۈزۈۋېتىش، سودا ۋە مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؛ زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第四十六条 除本法第九条第二款规定的服务外,电子商务平台经营者可以按照平台服务协议和交易规则,为经营者之间的电子商务提供仓储、物流、支付结算、交收等服务。电子商务平台经营者为经营者之间的电子商务提供服务,应当遵守法律、行政法规和国家有关规定,不得采取集中竞价、做市商等集中交易方式进行交易,不得进行标准化合约交易。
46-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مۇلازىمەتتىن باشقا، سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە، تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، چىقىم راسچوتى، تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تىجارەتچىلەر ئارا ئېلېكتىرونلۇق سودىغا مۇلازىمەت قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، مەركەزلىك رىقابەتلىك باھا قويۇش، بازار سودىسى قىلىشتەك مەركەزلىك سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سودا قىلسا، ئۆلچەملەشكەن توختام سودىسى قىلسا بولمايدۇ.
第三章 电子商务合同的订立与履行
3-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا توختامىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى
第四十七条 电子商务当事人订立和履行合同,适用本章和《中华人民共和国民法总则》《中华人民共和国合同法》《中华人民共和国电子签名法》等法律的规定。
47-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ توختام تۈزۈشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا مۇشۇ باب ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»، «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第四十八条 电子商务当事人使用自动信息系统订立或者履行合同的行为对使用该系统的当事人具有法律效力。
48-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا توختاملاشقۇچىلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ توختام تۈزۈش ياكى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى شۇ سىستېمىنى ئىشلەتكەن توختاملاشقۇچىلارغا نىسبەتەن قانۇن كۈچىگە ئىگە.
在电子商务中推定当事人具有相应的民事行为能力。但是,有相反证据足以推翻的除外。
ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئالاقىدارلار مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第四十九条 电子商务经营者发布的商品或者服务信息符合要约条件的,用户选择该商品或者服务并提交订单成功,合同成立。当事人另有约定的,从其约定。
49-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلان قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى چاقىرىق شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئابۇنىچى شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىغان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زاكاز قىلغان بولسا، توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
电子商务经营者不得以格式条款等方式约定消费者支付价款后合同不成立;格式条款等含有该内容的,其内容无效。
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلار پۇل تۆلىگەندىن كېيىن توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ئەندىزىلىك ماددا قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پۈتۈشسە بولمايدۇ؛ ئەندىزىلىك ماددا قاتارلىقلار شۇ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىناۋەتسىز.
第五十条 电子商务经营者应当清晰、全面、明确地告知用户订立合同的步骤、注意事项、下载方法等事项,并保证用户能够便利、完整地阅览和下载。
50-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابۇنىچىغا توختام تۈزۈش قەدەم-باسقۇچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، چۈشۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق، ئەتراپلىق، ئېنىق ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئابۇنىچىنىڭ قولايلىق، تولۇق كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
电子商务经营者应当保证用户在提交订单前可以更正输入错误。
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابۇنىچىنىڭ زاكازنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن كىرگۈزۈش خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第五十一条 合同标的为交付商品并采用快递物流方式交付的,收货人签收时间为交付时间。合同标的为提供服务的,生成的电子凭证或者实物凭证中载明的时间为交付时间;前述凭证没有载明时间或者载明时间与实际提供服务时间不一致的,实际提供服务的时间为交付时间。
51-ماددا توختام نىشانى تاپشۇرۇلىدىغان تاۋار بولسا ھەمدە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا تاپشۇرۇلسا، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ. توختام نىشانى مۇلازىمەت قىلىش بولسا، ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق دوكۇمېنت ياكى ماددىي دوكۇمېنتقا يېزىلغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىسپاتقا ۋاقىت ئېنىق يېزىلمىغان ياكى ۋاقىت بىلەن ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقىت بىردەك بولمىغان بولسا، ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.
合同标的为采用在线传输方式交付的,合同标的进入对方当事人指定的特定系统并且能够检索识别的时间为交付时间。
توختام نىشانى توردا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاپشۇرۇلسا، توختام نىشانى توختاملاشقۇچى قارشى تەرەپ بېكىتكەن مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.
合同当事人对交付方式、交付时间另有约定的,从其约定。
توختاملاشقۇچىلار تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
第五十二条 电子商务当事人可以约定采用快递物流方式交付商品。
52-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلار مەھسۇلاتنى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا تاپشۇرۇشنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
快递物流服务提供者为电子商务提供快递物流服务,应当遵守法律、行政法规,并应当符合承诺的服务规范和时限。快递物流服务提供者在交付商品时,应当提示收货人当面查验;交由他人代收的,应当经收货人同意。
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە ۋەدە بەرگەن مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە ۋاقىت چېكىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تاۋارنى تاپشۇرغاندا، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا يۈزتۇرا تەكشۈرۈشنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشىغا بېرىشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
快递物流服务提供者应当按照规定使用环保包装材料,实现包装材料的减量化和再利用。
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت بۇلغىمايدىغان ئورۇ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىپ، ئورۇ ماتېرىيالىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشى ۋە قايتا پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
快递物流服务提供者在提供快递物流服务的同时,可以接受电子商务经营者的委托提供代收货款服务。
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ مال پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.
第五十三条 电子商务当事人可以约定采用电子支付方式支付价款。
53-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلار مال پۇلىنى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
电子支付服务提供者为电子商务提供电子支付服务,应当遵守国家规定,告知用户电子支付服务的功能、使用方法、注意事项、相关风险和收费标准等事项,不得附加不合理交易条件。电子支付服务提供者应当确保电子支付指令的完整性、一致性、可跟踪稽核和不可篡改。
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ئابۇنىچىلارغا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئالاقىدار خەۋپ-خەتەر ۋە ھەق ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، نامۇۋاپىق سودا شەرتلىرىنى قوشۇمچە قىلسا بولمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مۇكەممەللىكى، بىردەكلىكىگە، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
电子支付服务提供者应当向用户免费提供对账服务以及最近三年的交易记录。
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار خېرىدارلارغا ھېساباتنى توغرىلاش مۇلازىمىتى ۋە يېقىنقى ئۈچ يىللىق سودا خاتىرىسىنى ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك.
第五十四条 电子支付服务提供者提供电子支付服务不符合国家有关支付安全管理要求,造成用户损失的,应当承担赔偿责任。
54-ماددا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى دۆلەتنىڭ چىقىم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئابۇنىچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第五十五条 用户在发出支付指令前,应当核对支付指令所包含的金额、收款人等完整信息。
55-ماددا ئابۇنىچى چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىشتىن بۇرۇن، چىقىم قىلىش بۇيرۇقى ئۆز ئىچىگە ئالغان سومما، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى قاتارلىق مۇكەممەل ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇشى كېرەك.
支付指令发生错误的,电子支付服务提供者应当及时查找原因,并采取相关措施予以纠正。造成用户损失的,电子支付服务提供者应当承担赔偿责任,但能够证明支付错误非自身原因造成的除外。
تۆلەش بۇيرۇقىدا خاتالىق كۆرۈلسە، ئېلېكتىرونلۇق تۆلەش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى ھەمدە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈزىتىشى كېرەك. ئابۇنىچىلارغا زىيان سالسا، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن تۆلەش خاتالىقىنىڭ ئۆز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五十六条 电子支付服务提供者完成电子支付后,应当及时准确地向用户提供符合约定方式的确认支付的信息。
56-ماددا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئابونتقا پۈتۈشكەن ئۇسۇلغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، چىقىم قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئۇچۇر بىلەن ۋاقتىدا، توغرا تەمىنلىشى كېرەك.
第五十七条 用户应当妥善保管交易密码、电子签名数据等安全工具。用户发现安全工具遗失、被盗用或者未经授权的支付的,应当及时通知电子支付服务提供者。
57-ماددا ئىشلەتكۈچىلەر سودا مەخپىي نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق بىخەتەرلىك قوراللىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك. ئابونت بىخەتەرلىك قورالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئوغرىلانغانلىقى، ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى ھوقۇق بېرىلمىگەن پۇل تۆلىگەنلىكىنى بايقىسا، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
未经授权的支付造成的损失,由电子支付服务提供者承担;电子支付服务提供者能够证明未经授权的支付是因用户的过错造成的,不承担责任。
ھوقۇق بېرىلمىگەن چىقىم قىلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ھوقۇق بېرىلمىگەن چىقىم قىلىشنىڭ خېرىدارنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
电子支付服务提供者发现支付指令未经授权,或者收到用户支付指令未经授权的通知时,应当立即采取措施防止损失扩大。电子支付服务提供者未及时采取措施导致损失扩大的,对损失扩大部分承担责任。
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەنلىكىنى ياكى ئابۇنىچىنىڭ چىقىم قىلىش بۇيرۇقىغا ھوقۇق بېرىلمىگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، زىياننىڭ كۆپەيگەن قىسمى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第四章 电子商务争议解决
4-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش
第五十八条 国家鼓励电子商务平台经营者建立有利于电子商务发展和消费者权益保护的商品、服务质量担保机制。
58-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق تاۋار، مۇلازىمەت سۈپىتى كېپىللىك مېخانىزمى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
电子商务平台经营者与平台内经营者协议设立消费者权益保证金的,双方应当就消费者权益保证金的提取数额、管理、使用和退还办法等作出明确约定。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى كاپالەت پۇلى تەسىس قىلماقچى بولسا، ئىككى تەرەپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەت پۇلىنى ئېلىش سوممىسى، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە قايتۇرۇش چارىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق پۈتۈشۈشى كېرەك.
消费者要求电子商务平台经营者承担先行赔偿责任以及电子商务平台经营者赔偿后向平台内经营者的追偿,适用《中华人民共和国消费者权益保护法》的有关规定。
ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىدىن ئالدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى باشقۇرغۇچىسىدىن تۆلەم بەرگەندىن كېيىن سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第五十九条 电子商务经营者应当建立便捷、有效的投诉、举报机制,公开投诉、举报方式等信息,及时受理并处理投诉、举报。
59-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى قولاي، ئۈنۈملۈك ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەرز قىلىش، مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى، ئەرز، پاش قىلىشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第六十条 电子商务争议可以通过协商和解,请求消费者组织、行业协会或者其他依法成立的调解组织调解,向有关部门投诉,提请仲裁,或者提起诉讼等方式解决。
60-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تالاش-تارتىشنى كېڭىشىش ئارقىلىق ياراشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى، ساھە جەمئىيىتى ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەرز قىلىپ، كېسىم قىلىشقا سۇنسا ياكى دەۋا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.
第六十一条 消费者在电子商务平台购买商品或者接受服务,与平台内经营者发生争议时,电子商务平台经营者应当积极协助消费者维护合法权益。
61-ماددا ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تاۋار سېتىۋالغاندا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا پائال ياردەملىشىشى كېرەك.
第六十二条 在电子商务争议处理中,电子商务经营者应当提供原始合同和交易记录。因电子商务经营者丢失、伪造、篡改、销毁、隐匿或者拒绝提供前述资料,致使人民法院、仲裁机构或者有关机关无法查明事实的,电子商务经营者应当承担相应的法律责任。
62-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئەسلىي توختام ۋە سودا خاتىرىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللارنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقى، ياسىۋالغانلىقى، ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى، كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى، تىقىۋالغانلىقى ياكى تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار ئورگان پاكىتنى ئېنىقلىيالمىسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第六十三条 电子商务平台经营者可以建立争议在线解决机制,制定并公示争议解决规则,根据自愿原则,公平、公正地解决当事人的争议。
63-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تالاش-تارتىشنى توردا ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئادىل، ھەققانىي ھەل قىلسا بولىدۇ.
第五章 电子商务促进
5-باب ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش
第六十四条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府应当将电子商务发展纳入国民经济和社会发展规划,制定科学合理的产业政策,促进电子商务创新发展。
64-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق كەسىپ سىياسىتى تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
第六十五条 国务院和县级以上地方人民政府及其有关部门应当采取措施,支持、推动绿色包装、仓储、运输,促进电子商务绿色发展。
65-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېشىل ئوراش-قاچىلاش، ئامباردا ساقلاش، توشۇشقا مەدەت بېرىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
第六十六条 国家推动电子商务基础设施和物流网络建设,完善电子商务统计制度,加强电子商务标准体系建设。
66-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئەشيا ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
第六十七条 国家推动电子商务在国民经济各个领域的应用,支持电子商务与各产业融合发展。
67-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.
第六十八条 国家促进农业生产、加工、流通等环节的互联网技术应用,鼓励各类社会资源加强合作,促进农村电子商务发展,发挥电子商务在精准扶贫中的作用。
68-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئالاقە تورى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
第六十九条 国家维护电子商务交易安全,保护电子商务用户信息,鼓励电子商务数据开发应用,保障电子商务数据依法有序自由流动。
69-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قوغدايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىش، قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
国家采取措施推动建立公共数据共享机制,促进电子商务经营者依法利用公共数据。
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
第七十条 国家支持依法设立的信用评价机构开展电子商务信用评价,向社会提供电子商务信用评价服务。
70-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئىناۋەت باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىناۋىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، جەمئىيەتكە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىناۋىتىنى باھالاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
第七十一条 国家促进跨境电子商务发展,建立健全适应跨境电子商务特点的海关、税收、进出境检验检疫、支付结算等管理制度,提高跨境电子商务各环节便利化水平,支持跨境电子商务平台经营者等为跨境电子商务提供仓储物流、报关、报检等服务。
71-ماددا دۆلەت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاموژنا، باج، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش، چىقىم راسچوتى قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ.
国家支持小型微型企业从事跨境电子商务。
دۆلەت كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللايدۇ.
第七十二条 国家进出口管理部门应当推进跨境电子商务海关申报、纳税、检验检疫等环节的综合服务和监管体系建设,优化监管流程,推动实现信息共享、监管互认、执法互助,提高跨境电子商务服务和监管效率。跨境电子商务经营者可以凭电子单证向国家进出口管理部门办理有关手续。
72-ماددا دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تارمىقى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىش، باج تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق تالونغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.
第七十三条 国家推动建立与不同国家、地区之间跨境电子商务的交流合作,参与电子商务国际规则的制定,促进电子签名、电子身份等国际互认。
73-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، رايونلار بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
国家推动建立与不同国家、地区之间的跨境电子商务争议解决机制。
دۆلەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七十四条 电子商务经营者销售商品或者提供服务,不履行合同义务或者履行合同义务不符合约定,或者造成他人损害的,依法承担民事责任。
74-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا ياكى باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第七十五条 电子商务经营者违反本法第十二条、第十三条规定,未取得相关行政许可从事经营活动,或者销售、提供法律、行政法规禁止交易的商品、服务,或者不履行本法第二十五条规定的信息提供义务,电子商务平台经营者违反本法第四十六条规定,采取集中交易方式进行交易,或者进行标准化合约交易的,依照有关法律、行政法规的规定处罚。
75-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 12-، 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشمەي تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سودا قىلىش مەنئى قىلىنغان تاۋار، مۇلازىمەتنى ساتقان، تەمىنلىگەن ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇنىنىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، مەركەزلىك سودا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سودا قىلغان ياكى ئۆلچەملەشكەن توختام سودىسى قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第七十六条 电子商务经营者违反本法规定,有下列行为之一的,由市场监督管理部门责令限期改正,可以处一万元以下的罚款,对其中的电子商务平台经营者,依照本法第八十一条第一款的规定处罚:
76-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 81-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :
(一)未在首页显著位置公示营业执照信息、行政许可信息、属于不需要办理市场主体登记情形等信息,或者上述信息的链接标识的;
( 1 ) تىجارەت كىنىشكىسى ئۇچۇرى، مەمۇرىي ئىجازەت ئۇچۇرى، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھاجەتسىز ئەھۋال قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باش بەتتىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا ئېلان قىلمىغان ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلانما بەلگىسىنى ئېلان قىلمىغانلار؛
(二)未在首页显著位置持续公示终止电子商务的有关信息的;
( 2 ) ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە داۋاملىق ئېلان قىلمىغان بولسا؛
(三)未明示用户信息查询、更正、删除以及用户注销的方式、程序,或者对用户信息查询、更正、删除以及用户注销设置不合理条件的。
( 3 ) ئابۇنىچىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ۋە ئابۇنىچىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەنلەر ياكى ئابۇنىچىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە ئابۇنىچىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ شەرتى مۇۋاپىق بولمىسا.
电子商务平台经营者对违反前款规定的平台内经营者未采取必要措施的,由市场监督管理部门责令限期改正,可以处二万元以上十万元以下的罚款。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرگە زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第七十七条 电子商务经营者违反本法第十八条第一款规定提供搜索结果,或者违反本法第十九条规定搭售商品、服务的,由市场监督管理部门责令限期改正,没收违法所得,可以并处五万元以上二十万元以下的罚款;情节严重的,并处二十万元以上五十万元以下的罚款。
77-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىزدەش نەتىجىسى چىقارغانلىرىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تاۋار، مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第七十八条 电子商务经营者违反本法第二十一条规定,未向消费者明示押金退还的方式、程序,对押金退还设置不合理条件,或者不及时退还押金的,由有关主管部门责令限期改正,可以处五万元以上二十万元以下的罚款;情节严重的,处二十万元以上五十万元以下的罚款。
78-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسەتمەي، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلەرنى قويغان ياكى زاكالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第七十九条 电子商务经营者违反法律、行政法规有关个人信息保护的规定,或者不履行本法第三十条和有关法律、行政法规规定的网络安全保障义务的,依照《中华人民共和国网络安全法》等法律、行政法规的规定处罚。
79-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第八十条 电子商务平台经营者有下列行为之一的,由有关主管部门责令限期改正;逾期不改正的,处二万元以上十万元以下的罚款;情节严重的,责令停业整顿,并处十万元以上五十万元以下的罚款:
80-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :
(一)不履行本法第二十七条规定的核验、登记义务的;
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش، تىزىملاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(二)不按照本法第二十八条规定向市场监督管理部门、税务部门报送有关信息的;
( 2 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى، باج تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىمىغانلار؛
(三)不按照本法第二十九条规定对违法情形采取必要的处置措施,或者未向有关主管部门报告的;
( 3 ) قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالنى مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلمىغانلار؛
(四)不履行本法第三十一条规定的商品和服务信息、交易信息保存义务的。
( 4 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.
法律、行政法规对前款规定的违法行为的处罚另有规定的,依照其规定。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا جازا بېرىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第八十一条 电子商务平台经营者违反本法规定,有下列行为之一的,由市场监督管理部门责令限期改正,可以处二万元以上十万元以下的罚款;情节严重的,处十万元以上五十万元以下的罚款:
81-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
(一)未在首页显著位置持续公示平台服务协议、交易规则信息或者上述信息的链接标识的;
( 1 ) سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى، سودا قائىدە ئۇچۇرى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى باش بەتتىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا داۋاملىق ئېلان قىلمىغان بولسا؛
(二)修改交易规则未在首页显著位置公开征求意见,未按照规定的时间提前公示修改内容,或者阻止平台内经营者退出的;
( 2 ) سودا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشتە باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاشكارا پىكىر ئالمىغان، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇننى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالدىن ئېلان قىلمىغان ياكى سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى توسقان بولسا؛
(三)未以显著方式区分标记自营业务和平台内经营者开展的业务的;
( 3 ) ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان كەسىپ ۋە سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىنىڭ قانات يايدۇرغان كەسىپلىرىگە ئېنىق بەلگە سالمىغانلار؛
(四)未为消费者提供对平台内销售的商品或者提供的服务进行评价的途径,或者擅自删除消费者的评价的。
( 4 ) ئىستېمالچىلارغا سۇپىدا سېتىلغان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى باھالاش يولى بىلەن تەمىنلىمىگەنلەر ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر.
电子商务平台经营者违反本法第四十条规定,对竞价排名的商品或者服务未显著标明“广告”的,依照《中华人民共和国广告法》的规定处罚。
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتلىك باھا رەت تەرتىپىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە «ئېلان»نى ئېنىق كۆرسەتمىگەن بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
第八十二条 电子商务平台经营者违反本法第三十五条规定,对平台内经营者在平台内的交易、交易价格或者与其他经营者的交易等进行不合理限制或者附加不合理条件,或者向平台内经营者收取不合理费用的,由市场监督管理部门责令限期改正,可以处五万元以上五十万元以下的罚款;情节严重的,处五十万元以上二百万元以下的罚款。
82-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇپا ئىچىدىكى سودىسى، سودا باھاسى ياكى باشقا تىجارەتچىلەر بىلەن بولغان سودىسى قاتارلىقلارغا نامۇۋاپىق چەك قويغان ياكى نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويغان ياكى سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەردىن نامۇۋاپىق ھەق ئالغان بولسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第八十三条 电子商务平台经营者违反本法第三十八条规定,对平台内经营者侵害消费者合法权益行为未采取必要措施,或者对平台内经营者未尽到资质资格审核义务,或者对消费者未尽到安全保障义务的,由市场监督管理部门责令限期改正,可以处五万元以上五十万元以下的罚款;情节严重的,责令停业整顿,并处五十万元以上二百万元以下的罚款。
83-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
第八十四条 电子商务平台经营者违反本法第四十二条、第四十五条规定,对平台内经营者实施侵犯知识产权行为未依法采取必要措施的,由有关知识产权行政部门责令限期改正;逾期不改正的,处五万元以上五十万元以下的罚款;情节严重的,处五十万元以上二百万元以下的罚款。
84-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 42-، 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىگە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىپ، قانۇن بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرىنى ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第八十五条 电子商务经营者违反本法规定,销售的商品或者提供的服务不符合保障人身、财产安全的要求,实施虚假或者引人误解的商业宣传等不正当竞争行为,滥用市场支配地位,或者实施侵犯知识产权、侵害消费者权益等行为的,依照有关法律的规定处罚。
85-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساتقان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى قاتارلىق ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第八十六条 电子商务经营者有本法规定的违法行为的,依照有关法律、行政法规的规定记入信用档案,并予以公示。
86-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
第八十七条 依法负有电子商务监督管理职责的部门的工作人员,玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊,或者泄露、出售或者非法向他人提供在履行职责中所知悉的个人信息、隐私和商业秘密的,依法追究法律责任。
87-ماددا قانۇن بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلگەن شەخسىي ئۇچۇر، شەخسىيەت ۋە سودا مەخپىيىتىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويغان، ساتقان ياكى قانۇنسىز تەمىنلىگەنلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
第八十八条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
88-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第八十九条 本法自2019年1月1日起施行。
89-ماددا بۇ قانۇن 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.