中华人民共和国电子签名法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش قانۇنى

(2004年8月28日第十届全国人民代表大会常务委员会第十一次会议通过 根据2015年4月24日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十四次会议《关于修改<中华人民共和国电力法>等六部法律的决定》修正)

( 2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۆلەت قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قانۇنى > قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 数据电文

2-باب سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست

第三章 电子签名与认证

3-باب ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە ئىسپات بېرىش

第四章 法律责任

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范电子签名行为,确立电子签名的法律效力,维护有关各方的合法权益,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانىڭ قانۇن كۈچىنى تىكلەش، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称电子签名,是指数据电文中以电子形式所含、所附用于识别签名人身份并表明签名人认可其中内容的数据。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستتە ئېلېكتىرونلۇق شەكىلدە ئىمزا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان ھەمدە ئىمزا قويغۇچىنىڭ ئۇ مەزمۇننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称数据电文,是指以电子、光学、磁或者类似手段生成、发送、接收或者储存的信息。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون، يورۇقلۇق، ماگنىت ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان، تارقىتىلغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى ساقلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 民事活动中的合同或者其他文件、单证等文书,当事人可以约定使用或者不使用电子签名、数据电文。

3-ماددا ھەق تەلەپ پائالىيىتىدىكى توختام ياكى باشقا ھۆججەت، تالون قاتارلىق ھۆججەت-ھۆججەتلەرنى توختاملاشقۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستلەرنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

当事人约定使用电子签名、数据电文的文书,不得仅因为其采用电子签名、数据电文的形式而否定其法律效力。

توختاملاشقۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست ئىشلىتىشنى پۈتۈشكەن ھۆججەتلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، رەقەملىك ئېلېكتىرون تېكست شەكلى قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈنلا قانۇن كۈچىنى ئىنكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

前款规定不适用下列文书:

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەر تەتبىقلانمايدۇ :

(一)涉及婚姻、收养、继承等人身关系的;

( 1 ) ئۆيلىنىش، بېقىۋېلىش، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جىسمانىي مۇناسىۋەتكە چېتىلىدىغانلىرى؛

(二)涉及土地、房屋等不动产权益转让的;

( 2 ) يەر، ئۆي قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلغانلىرى؛

(三)涉及停止供水、供热、供气、供电等公用事业服务的;

( 3 ) سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىسسقلىق بېرىش، گاز بېرىش، توك بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا چېتىلغانلىرى؛

(四)法律、行政法规规定的不适用电子文书的其他情形。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەت تەتبىقلانمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第二章 数据电文

2-باب سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست

第四条 能够有形地表现所载内容,并可以随时调取查用的数据电文,视为符合法律、法规要求的书面形式。

4-ماددا يۈكلىمە مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلىيەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن يازما شەكىل دەپ قارىلىدۇ.

第五条 符合下列条件的数据电文,视为满足法律、法规规定的原件形式要求:

5-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەسلىي نۇسخا، شەكىل تەلىپىنى قاندۇرۇش دەپ قارىلىدۇ :

(一)能够有效地表现所载内容并可供随时调取查用;

( 1 ) يۈكلىمە مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلىيەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا ئېلىپ پايدىلىنالايدىغان بولۇش؛

(二)能够可靠地保证自最终形成时起,内容保持完整、未被更改。但是,在数据电文上增加背书以及数据交换、储存和显示过程中发生的形式变化不影响数据电文的完整性。

( 2 ) ئەڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، ئۆزگەرتىلمەسلىكىگە ئىشەنچلىك كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇش. لېكىن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست جەھەتتە كىتاب يادلاش ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇش، ساقلاش ۋە كۆرسىتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن شەكىل ئۆزگىرىشى سانلىق مەلۇماتلىق تېلېگرامما تېكىستىنىڭ مۇكەممەللىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

第六条 符合下列条件的数据电文,视为满足法律、法规规定的文件保存要求:

6-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھۆججەت ساقلاش تەلىپىنى قاندۇرۇش دەپ قارىلىدۇ :

(一)能够有效地表现所载内容并可供随时调取查用;

( 1 ) يۈكلىمە مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلىيەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا ئېلىپ پايدىلىنالايدىغان بولۇش؛

(二)数据电文的格式与其生成、发送或者接收时的格式相同,或者格式不相同但是能够准确表现原来生成、发送或者接收的内容;

( 2 ) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ شەكلى ئۇنىڭ ھاسىل بولغان، يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان چاغدىكى شەكلى بىلەن ئوخشاش بولسا ياكى شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئەسلىدىكى ھاسىل بولغان، ئەۋەتكەن ياكى قوبۇل قىلغان مەزمۇننى توغرا ئىپادىلىيەلەيدۇ؛

(三)能够识别数据电文的发件人、收件人以及发送、接收的时间。

( 3 ) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستىنى ئەۋەتكۈچى، تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكەن، قوبۇل قىلغان ۋاقىتنى تونۇيالايدىغان بولۇش.

第七条 数据电文不得仅因为其是以电子、光学、磁或者类似手段生成、发送、接收或者储存的而被拒绝作为证据使用。

7-ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون، يورۇقلۇق، ماگنىت ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىقلا ھاسىل قىلىنغان، تارقىتىلغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى ساقلانغان بولغاچقا، دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

第八条 审查数据电文作为证据的真实性,应当考虑以下因素:

8-ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكستنى دەلىل-ئىسپات قىلىشنىڭ چىنلىقىنى تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك :

(一)生成、储存或者传递数据电文方法的可靠性;

( 1 ) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست ھاسىل قىلىش، ساقلاش ياكى يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(二)保持内容完整性方法的可靠性;

( 2 ) مەزمۇننىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(三)用以鉴别发件人方法的可靠性;

( 3 ) يوللىغۇچىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(四)其他相关因素。

( 4 ) باشقا ئالاقىدار ئامىللار.

第九条 数据电文有下列情形之一的,视为发件人发送:

9-ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يوللىغۇچى ئەۋەتتى دەپ قارىلىدۇ :

(一)经发件人授权发送的;

( 1 ) ئەۋەتكۈچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئەۋەتكەن بولسا؛

(二)发件人的信息系统自动发送的;

( 2 ) يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئاپتوماتىك ئەۋەتكەن بولسا؛

(三)收件人按照发件人认可的方法对数据电文进行验证后结果相符的。

( 3 ) تاپشۇرۇۋالغۇچى يوللىغۇچى ئېتىراپ قىلغان ئۇسۇل بويىچە، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستىنى دەلىللىگەندىن كېيىن نەتىجىسى ماس كەلسە.

当事人对前款规定的事项另有约定的,从其约定。

توختاملاشقۇچىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第十条 法律、行政法规规定或者当事人约定数据电文需要确认收讫的,应当确认收讫。发件人收到收件人的收讫确认时,数据电文视为已经收到。

10-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە سانلىق مەلۇماتلىق تېلېگرامما تېكىستىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىش بەلگىلەنگەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئەۋەتكۈچى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تاپشۇرۇۋالغان تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست تاپشۇرۇۋالدۇق دەپ قارىلىدۇ.

第十一条 数据电文进入发件人控制之外的某个信息系统的时间,视为该数据电文的发送时间。

11-ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكسىت يوللىغۇچى كونترول قىلىۋالغاندىن باشقا مەلۇم ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگەن ۋاقىت، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىر تېكسىتنىڭ يوللانغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.

收件人指定特定系统接收数据电文的,数据电文进入该特定系统的时间,视为该数据电文的接收时间;未指定特定系统的,数据电文进入收件人的任何系统的首次时间,视为该数据电文的接收时间。

تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكسىتنى تاپشۇرۇۋالىدىغان ئالاھىدە سىستېمىنى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق تېلېگرامما تېكسىتنىڭ شۇ ئالاھىدە سىستېمىغا كىرگەن ۋاقتى شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىر تېكسىتنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ؛ ئالاھىدە سىستېما بەلگىلەنمىگەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكسىتنىڭ تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەرقانداق سىستېمىسىغا كىرگەن تۇنجى ۋاقتى شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىر تېكسىتنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.

当事人对数据电文的发送时间、接收时间另有约定的,从其约定。

توختاملاشقۇچىلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى يوللاش ۋاقتى، تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第十二条 发件人的主营业地为数据电文的发送地点,收件人的主营业地为数据电文的接收地点。没有主营业地的,其经常居住地为发送或者接收地点。

12-ماددا ئەۋەتكۈچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست يوللىنىدىغان جاي بولىدۇ، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى رەقەملىك ئېلېكتىرون تېكست قوبۇل قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ. ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوللاش ياكى قوبۇل قىلىش ئورنى بولىدۇ.

当事人对数据电文的发送地点、接收地点另有约定的,从其约定。

توختاملاشقۇچىلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست يوللىنىدىغان جاي، قوبۇللىنىدىغان جاينى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第三章 电子签名与认证

3-باب ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە ئىسپات بېرىش

第十三条 电子签名同时符合下列条件的,视为可靠的电子签名:

13-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىشەنچلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا دەپ قارىلىدۇ :

(一)电子签名制作数据用于电子签名时,属于电子签名人专有;

( 1 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا ئىشلىتىلگەندە، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىغا خاس بولىدۇ؛

(二)签署时电子签名制作数据仅由电子签名人控制;

( 2 ) ئىمزا قويغاندا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىلا كونترول قىلىدۇ؛

(三)签署后对电子签名的任何改动能够被发现;

( 3 ) ئىمزا قويغاندىن كېيىنكى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا بولغان ھەر قانداق ئۆزگەرتىش بايقالسا؛

(四)签署后对数据电文内容和形式的任何改动能够被发现。

( 4 ) ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست مەزمۇنى ۋە شەكلىدىكى ھەرقانداق ئۆزگەرتىش بايقالسا بولىدۇ.

当事人也可以选择使用符合其约定的可靠条件的电子签名。

توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن ئىشەنچلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى تاللاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

第十四条 可靠的电子签名与手写签名或者盖章具有同等的法律效力。

14-ماددا ئىشەنچلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قولدا يېزىلغان ئىمزا ياكى تامغا بىلەن ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.

第十五条 电子签名人应当妥善保管电子签名制作数据。电子签名人知悉电子签名制作数据已经失密或者可能已经失密时,应当及时告知有关各方,并终止使用该电子签名制作数据。

15-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش سانلىق مەلۇماتىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش سانلىق مەلۇماتىنىڭ مەخپىي شىفىرى يوقالغانلىقى ياكى مەخپىي شىفىرى چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئالاقىدار تەرەپلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شۇ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى ئىشلىتىپ سانلىق مەلۇمات ئىشلەشنى توختىتىشى كېرەك.

第十六条 电子签名需要第三方认证的,由依法设立的电子认证服务提供者提供认证服务。

16-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا 3-تەرەپ ئىسپات بېرىش زۆرۈر بولسا، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第十七条 提供电子认证服务,应当具备下列条件:

17-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك :

(一)取得企业法人资格;

( 1 ) كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىش؛

(二)具有与提供电子认证服务相适应的专业技术人员和管理人员;

( 2 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا ئۇيغۇنلاشقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار؛

(三)具有与提供电子认证服务相适应的资金和经营场所;

( 3 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا ماس كېلىدىغان مەبلەغ ۋە تىجارەت سورۇنى بولۇش؛

(四)具有符合国家安全标准的技术和设备;

( 4 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ھازىرلاش؛

(五)具有国家密码管理机构同意使用密码的证明文件;

( 5 ) دۆلەت شىفىر باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ شىفىر ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپات ھۆججىتى بولۇش؛

(六)法律、行政法规规定的其他条件。

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

第十八条 从事电子认证服务,应当向国务院信息产业主管部门提出申请,并提交符合本法第十七条规定条件的相关材料。国务院信息产业主管部门接到申请后经依法审查,征求国务院商务主管部门等有关部门的意见后,自接到申请之日起四十五日内作出许可或者不予许可的决定。予以许可的,颁发电子认证许可证书;不予许可的,应当书面通知申请人并告知理由。

18-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇش ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سودا مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە ئىجازەت بېرىش ياكى ئىجازەت بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. ئىجازەت بەرگەنلىرىگە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش-ئىجازەت بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ؛ ئىجازەت بېرىلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش ھەمدە سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

取得认证资格的电子认证服务提供者,应当按照国务院信息产业主管部门的规定在互联网上公布其名称、许可证号等信息。

ئىسپات بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ نامى، ئىجازەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

第十九条 电子认证服务提供者应当制定、公布符合国家有关规定的电子认证业务规则,并向国务院信息产业主管部门备案。

19-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش كەسپى قائىدىسىنى تۈزۈشى، ئېلان قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

电子认证业务规则应当包括责任范围、作业操作规范、信息安全保障措施等事项。

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات كەسپى قائىدىسى مەسئۇلىيەت دائىرىسى، مەشغۇلات مەشغۇلات قائىدىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

第二十条 电子签名人向电子认证服务提供者申请电子签名认证证书,应当提供真实、完整和准确的信息。

20-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش ئىسپات گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلغاندا، ھەقىقىي، تولۇق ۋە توغرا ئۇچۇر بېرىشى كېرەك.

电子认证服务提供者收到电子签名认证证书申请后,应当对申请人的身份进行查验,并对有关材料进行审查。

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپات بېرىش گۇۋاھنامىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

第二十一条 电子认证服务提供者签发的电子签名认证证书应当准确无误,并应当载明下列内容:

21-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزالىق ئىسپات گۇۋاھنامىسى توغرا، خاتاسىز بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك :

(一)电子认证服务提供者名称;

( 1 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(二)证书持有人名称;

( 2 ) گۇۋاھنامە ئىگىسىنىڭ نامى؛

(三)证书序列号;

( 3 ) گۇۋاھنامىنىڭ رەت نومۇرى؛

(四)证书有效期;

( 4 ) گۇۋاھنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى؛

(五)证书持有人的电子签名验证数据;

( 5 ) گۇۋاھنامە ئىگىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسىنى دەلىللەش سانلىق مەلۇماتى؛

(六)电子认证服务提供者的电子签名;

( 6 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسى؛

(七)国务院信息产业主管部门规定的其他内容。

( 7 ) گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار.

第二十二条 电子认证服务提供者应当保证电子签名认证证书内容在有效期内完整、准确,并保证电子签名依赖方能够证实或者了解电子签名认证证书所载内容及其他有关事项。

22-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزالىق ئىسپات بېرىش گۇۋاھنامىسىنىڭ مەزمۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە تولۇق، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا ئېرىشكۈچى تەرەپنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزالىق گۇۋاھنامە بېرىش گۇۋاھنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىسپاتلىيالىشى ياكى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第二十三条 电子认证服务提供者拟暂停或者终止电子认证服务的,应当在暂停或者终止服务九十日前,就业务承接及其他有关事项通知有关各方。

23-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتماقچى ياكى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن، كەسىپنى قوبۇل قىلىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

电子认证服务提供者拟暂停或者终止电子认证服务的,应当在暂停或者终止服务六十日前向国务院信息产业主管部门报告,并与其他电子认证服务提供者就业务承接进行协商,作出妥善安排。

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتماقچى ياكى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن 60 كۈن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن كەسىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىشى، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

电子认证服务提供者未能就业务承接事项与其他电子认证服务提供者达成协议的,应当申请国务院信息产业主管部门安排其他电子认证服务提供者承接其业务。

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار كەسىپ قوبۇل قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى قىلغۇچىلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى ئۇ كەسىپنى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

电子认证服务提供者被依法吊销电子认证许可证书的,其业务承接事项的处理按照国务院信息产业主管部门的规定执行。

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا، ئۇلارنىڭ كەسىپ قوبۇل قىلىدىغان ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

第二十四条 电子认证服务提供者应当妥善保存与认证相关的信息,信息保存期限至少为电子签名认证证书失效后五年。

24-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىسپات بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق ساقلىشى كېرەك، ئۇچۇرلارنى ساقلاش مۇددىتى ھېچبولمىغاندا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزالىق ئىسپات بېرىش گۇۋاھنامىسى كۈچتىن قالغاندىن كېيىنكى بەش يىل بولىدۇ.

第二十五条 国务院信息产业主管部门依照本法制定电子认证服务业的具体管理办法,对电子认证服务提供者依法实施监督管理。

25-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمەتچىلىكىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ-باشقۇرىدۇ.

第二十六条 经国务院信息产业主管部门根据有关协议或者对等原则核准后,中华人民共和国境外的电子认证服务提供者在境外签发的电子签名认证证书与依照本法设立的电子认证服务提供者签发的电子签名认证证书具有同等的法律效力。

26-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ياكى باراۋەر پىرىنسىپ بويىچە تەستىقلىغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزالىق ئىسپات گۇۋاھنامىسى مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئېلېكترونلۇق ئىمزالىق ئىسپات كىنىشكىسى بىلەن ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.

第四章 法律责任

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第二十七条 电子签名人知悉电子签名制作数据已经失密或者可能已经失密未及时告知有关各方、并终止使用电子签名制作数据,未向电子认证服务提供者提供真实、完整和准确的信息,或者有其他过错,给电子签名依赖方、电子认证服务提供者造成损失的,承担赔偿责任。

27-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ياساش سانلىق مەلۇماتىنىڭ مەخپىي بولۇپ قالغانلىقىدىن ياكى مەخپىي بولماي قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇپ سانلىق مەلۇمات ئىشلەشنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ھەقىقىي، تولۇق ۋە توغرا ئۇچۇر بەرمىگەن ياكى باشقا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى بېقىۋالغۇچى تەرەپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十八条 电子签名人或者电子签名依赖方因依据电子认证服务提供者提供的电子签名认证服务从事民事活动遭受损失,电子认证服务提供者不能证明自己无过错的,承担赔偿责任。

28-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا تايىنىدىغان تەرەپلەر ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش، ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十九条 未经许可提供电子认证服务的,由国务院信息产业主管部门责令停止违法行为;有违法所得的,没收违法所得;违法所得三十万元以上的,处违法所得一倍以上三倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足三十万元的,处十万元以上三十万元以下的罚款。

29-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第三十条 电子认证服务提供者暂停或者终止电子认证服务,未在暂停或者终止服务六十日前向国务院信息产业主管部门报告的,由国务院信息产业主管部门对其直接负责的主管人员处一万元以上五万元以下的罚款。

30-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن 60 كۈن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپىگە مەسئۇل تارمىقى ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第三十一条 电子认证服务提供者不遵守认证业务规则、未妥善保存与认证相关的信息,或者有其他违法行为的,由国务院信息产业主管部门责令限期改正;逾期未改正的,吊销电子认证许可证书,其直接负责的主管人员和其他直接责任人员十年内不得从事电子认证服务。吊销电子认证许可证书的,应当予以公告并通知工商行政管理部门。

31-ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىسپات بېرىش كەسپى قائىدىسىگە رىئايە قىلمىغان، ئىسپات بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق ساقلىمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپى مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازىتى گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى 10 يىل ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشتا، ئېلان چىقىرىش ھەمدە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

第三十二条 伪造、冒用、盗用他人的电子签名,构成犯罪的,依法追究刑事责任;给他人造成损失的,依法承担民事责任。

32-ماددا باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسىنى ياسىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三十三条 依照本法负责电子认证服务业监督管理工作的部门的工作人员,不依法履行行政许可、监督管理职责的,依法给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

33-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقنىڭ خادىملىرىدىن مەمۇرىي ئىجازەت، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十四条 本法中下列用语的含义:

34-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)电子签名人,是指持有电子签名制作数据并以本人身份或者以其所代表的人的名义实施电子签名的人;

( 1 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا سانلىق مەلۇمات يازغان ھەمدە ئۆز سالاھىيىتى ياكى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان كىشىنىڭ نامىدا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ؛

(二)电子签名依赖方,是指基于对电子签名认证证书或者电子签名的信赖从事有关活动的人;

( 2 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا تايىنىدىغان تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئېتىراپنامىسى ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا بولغان ئىشەنچ ئاساسىدا ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ؛

(三)电子签名认证证书,是指可证实电子签名人与电子签名制作数据有联系的数据电文或者其他电子记录;

( 3 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپات گۇۋاھنامىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ياساش سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست ياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق خاتىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(四)电子签名制作数据,是指在电子签名过程中使用的,将电子签名与电子签名人可靠地联系起来的字符、编码等数据;

( 4 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا دائىر سانلىق مەلۇمات ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئىشەنچلىك باغلىنىشلىق بولغان ھەرپ-بەلگە، كود قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ؛

(五)电子签名验证数据,是指用于验证电子签名的数据,包括代码、口令、算法或者公钥等。

( 5 ) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانىڭ دەلىللەش سانلىق مەلۇماتى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى دەلىللەشكە ئىشلىتىلىدىغان كود، پارول، ھېسابلاش ئۇسۇلى ياكى ئاممىۋى ئاچقۇچ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

第三十五条 国务院或者国务院规定的部门可以依据本法制定政务活动和其他社会活动中使用电子签名、数据电文的具体办法。

35-ماددا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن تارماق مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مەمۇرىيەت پائالىيىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى تۈزسە بولىدۇ.

第三十六条 本法自2005年4月1日起施行。

36-ماددا بۇ قانۇن 2005-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.