(2016年11月7日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十四次会议通过)
( 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2016年11月7日第十二届全国人民代表大会常务委员会第二十四次会议通过)
( 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 电影创作、摄制
2-باب كىنو ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش
第三章 电影发行、放映
3-باب كىنو تارقىتىش، قويۇش
第四章 电影产业支持、保障
4-باب كىنو كەسپىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了促进电影产业健康繁荣发展,弘扬社会主义核心价值观,规范电影市场秩序,丰富人民群众精神文化生活,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن كىنو كەسپىنىڭ ساغلام گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 在中华人民共和国境内从事电影创作、摄制、发行、放映等活动(以下统称电影活动),适用本法。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە كىنو ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش، تارقىتىش، قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
本法所称电影,是指运用视听技术和艺术手段摄制、以胶片或者数字载体记录、由表达一定内容的有声或者无声的连续画面组成、符合国家规定的技术标准、用于电影院等固定放映场所或者流动放映设备公开放映的作品。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كىنو كۆرۈش-ئاڭلاش تېخنىكىسى ۋە سەنئەت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان، فىلىم ياكى رەقەم ۋاسىتىسى ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن، بەلگىلىك مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ئاۋازلىق ياكى ئاۋازسىز ئۈزۈلمە كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان، دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم كىنو قويۇش سورۇنى ياكى كۆچمە كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاشكارا قويۇلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
通过互联网、电信网、广播电视网等信息网络传播电影的,还应当遵守互联网、电信网、广播电视网等信息网络管理的法律、行政法规的规定。
ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق كىنو تارقىتىشتا، يەنە ئالاقە تورى، تېلېگرامما تورى، رادىيو، تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇرلار تورىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
第三条 从事电影活动,应当坚持为人民服务、为社会主义服务,坚持社会效益优先,实现社会效益与经济效益相统一。
3-ماددا كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
第四条 国家坚持以人民为中心的创作导向,坚持百花齐放、百家争鸣的方针,尊重和保障电影创作自由,倡导电影创作贴近实际、贴近生活、贴近群众,鼓励创作思想性、艺术性、观赏性相统一的优秀电影。
4-ماددا دۆلەت خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كىنو ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، كىنو ئىجادىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، زوقلىنىش بىرلىككە كەلگەن ئېسىل كىنولارنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
第五条 国务院应当将电影产业发展纳入国民经济和社会发展规划。县级以上地方人民政府根据当地实际情况将电影产业发展纳入本级国民经济和社会发展规划。
5-ماددا گوۋۇيۈەن كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.
国家制定电影及其相关产业政策,引导形成统一开放、公平竞争的电影市场,促进电影市场繁荣发展。
دۆلەت كىنو ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان كىنو بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىنو بازىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
第六条 国家鼓励电影科技的研发、应用,制定并完善电影技术标准,构建以企业为主体、市场为导向、产学研相结合的电影技术创新体系。
6-ماددا دۆلەت كىنو پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كىنو تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن كىنو تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.
第七条 与电影有关的知识产权受法律保护,任何组织和个人不得侵犯。
7-ماددا كىنوغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
县级以上人民政府负责知识产权执法的部门应当采取措施,保护与电影有关的知识产权,依法查处侵犯与电影有关的知识产权的行为。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، كىنوغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى، كىنوغا يېقىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
从事电影活动的公民、法人和其他组织应当增强知识产权意识,提高运用、保护和管理知识产权的能力。
كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوللىنىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
国家鼓励公民、法人和其他组织依法开发电影形象产品等衍生产品。
دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كىنو ئوبرازى مەھسۇلاتى قاتارلىق ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى قانۇن بويىچە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第八条 国务院电影主管部门负责全国的电影工作;县级以上地方人民政府电影主管部门负责本行政区域内的电影工作。
8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上人民政府其他有关部门在各自职责范围内,负责有关的电影工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
第九条 电影行业组织依法制定行业自律规范,开展业务交流,加强职业道德教育,维护其成员的合法权益。
9-ماددا كىنو ساھە تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ساھە تەلەپچانلىقى قائىدىسىنى تۈزىدۇ، كەسپىي جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
演员、导演等电影从业人员应当坚持德艺双馨,遵守法律法规,尊重社会公德,恪守职业道德,加强自律,树立良好社会形象。
ئارتىس، رېژىسسور قاتارلىق كىنو كەسىپكارلىرى ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، تەلەپچان بولۇشىنى كۈچەيتىشى، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشى كېرەك.
第十条 国家支持建立电影评价体系,鼓励开展电影评论。
10-ماددا دۆلەت كىنو باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ، كىنو ئوبزورى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
对优秀电影以及为促进电影产业发展作出突出贡献的组织、个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。
مۇنەۋۋەر كىنو، شۇنىڭدەك كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات، شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
第十一条 国家鼓励开展平等、互利的电影国际合作与交流,支持参加境外电影节(展)。
11-ماددا دۆلەت باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كىنو خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) غا قاتنىشىشنى قوللايدۇ.
第二章 电影创作、摄制
2-باب كىنو ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش
第十二条 国家鼓励电影剧本创作和题材、体裁、形式、手段等创新,鼓励电影学术研讨和业务交流。
12-ماددا دۆلەت كىنو سېنارىيەسى ئىجادىيىتى ۋە تېمىسى، ژانىرى، شەكلى، ۋاسىتىسى قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كىنو ئىلمىي مۇھاكىمىسى ۋە كەسپىي جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
县级以上人民政府电影主管部门根据电影创作的需要,为电影创作人员深入基层、深入群众、体验生活等提供必要的便利和帮助。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو ئىجادىيىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كىنو ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىشى، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشى قاتارلىقلارغا زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
第十三条 拟摄制电影的法人、其他组织应当将电影剧本梗概向国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门备案;其中,涉及重大题材或者国家安全、外交、民族、宗教、军事等方面题材的,应当按照国家有关规定将电影剧本报送审查。
13-ماددا كىنو سۈرەتكە ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىم، زور تېمىلار ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دىپلوماتىيە، مىللەت، دىن، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېمىلارغا چېتىلىدىغانلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كىنو سېنارىيەسىنى تەكشۈرۈشكە يوللاش كېرەك.
电影剧本梗概或者电影剧本符合本法第十六条规定的,由国务院电影主管部门将拟摄制电影的基本情况予以公告,并由国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门出具备案证明文件或者颁发批准文件。具体办法由国务院电影主管部门制定。
كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ياكى كىنو سېنارىيە مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو سۈرەتكە ئېلىش ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارماق ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئەنگە ئېلىش ئىسپات ھۆججىتى چىقىرىدۇ ياكى تەستىق ھۆججىتى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.
第十四条 法人、其他组织经国务院电影主管部门批准,可以与境外组织合作摄制电影;但是,不得与从事损害我国国家尊严、荣誉和利益,危害社会稳定,伤害民族感情等活动的境外组织合作,也不得聘用有上述行为的个人参加电影摄制。
14-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلىسە بولىدۇ؛ لېكىن، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىدىغان قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ، يۇقىرىقى قىلمىشى بار شەخسلەرنى كىنو ئىشلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ.
合作摄制电影符合创作、出资、收益分配等方面比例要求的,该电影视同境内法人、其他组织摄制的电影。
ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىنو ئىجادىيەت، مەبلەغ چىقىرىش، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نىسبەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسا، شۇ كىنو چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئالغان كىنو دەپ قارىلىدۇ.
境外组织不得在境内独立从事电影摄制活动;境外个人不得在境内从事电影摄制活动。
چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ چېگرا ئىچىدە كىنو ئىشلەش پائالىيىتى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەرنىڭ چېگرا ئىچىدە كىنو سۈرەتكە ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第十五条 县级以上人民政府电影主管部门应当协调公安、文物保护、风景名胜区管理等部门,为法人、其他组织依照本法从事电影摄制活动提供必要的便利和帮助。
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە كىنو سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
从事电影摄制活动的,应当遵守有关环境保护、文物保护、风景名胜区管理和安全生产等方面的法律、法规,并在摄制过程中采取必要的保护、防护措施。
كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئائىت قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا زۆرۈر قوغداش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
第十六条 电影不得含有下列内容:
16-ماددا كىنودا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولمايدۇ :
(一)违反宪法确定的基本原则,煽动抗拒或者破坏宪法、法律、行政法规实施;
( 1 ) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛
(二)危害国家统一、主权和领土完整,泄露国家秘密,危害国家安全,损害国家尊严、荣誉和利益,宣扬恐怖主义、极端主义;
( 2 ) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىش؛
(三)诋毁民族优秀文化传统,煽动民族仇恨、民族歧视,侵害民族风俗习惯,歪曲民族历史或者民族历史人物,伤害民族感情,破坏民族团结;
( 3 ) مىللەتنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە تۆھمەت قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، مىللىي تارىخ ياكى مىللىي تارىخىي شەخسلەرنى بۇرمىلاش، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛
(四)煽动破坏国家宗教政策,宣扬邪教、迷信;
(四)煽动破坏国家宗教政策,宣扬邪教、迷信;
(五)危害社会公德,扰乱社会秩序,破坏社会稳定,宣扬淫秽、赌博、吸毒,渲染暴力、恐怖,教唆犯罪或者传授犯罪方法;
( 5 ) ئىجتىمائىي ئەخلاققا خەۋپ يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر چېكىشنى تەرغىب قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى كۆپتۈرۈش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ياكى جىنايەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش؛
(六)侵害未成年人合法权益或者损害未成年人身心健康;
( 6 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش؛
(七)侮辱、诽谤他人或者散布他人隐私,侵害他人合法权益;
( 7 ) باشقىلارغا ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى تارقىتىش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛
(八)法律、行政法规禁止的其他内容。
( 8 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.
第十七条 法人、其他组织应当将其摄制完成的电影送国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门审查。
17-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ئۆزى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن كىنونى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.
国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门应当自受理申请之日起三十日内作出审查决定。对符合本法规定的,准予公映,颁发电影公映许可证,并予以公布;对不符合本法规定的,不准予公映,书面通知申请人并说明理由。
گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ھەمدە سەۋەبى ئىزاھلىنىدۇ.
国务院电影主管部门应当根据本法制定完善电影审查的具体标准和程序,并向社会公布。制定完善电影审查的具体标准应当向社会公开征求意见,并组织专家进行论证。
گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن كىنو تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. كىنو تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ دەلىللەش كېرەك.
第十八条 进行电影审查应当组织不少于五名专家进行评审,由专家提出评审意见。法人、其他组织对专家评审意见有异议的,国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门可以另行组织专家再次评审。专家的评审意见应当作为作出审查决定的重要依据。
18-ماددا كىنو تەكشۈرۈشتە ئاز دېگەندە بەش مۇتەخەسسىسنى باھالاشقا تەشكىللەش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش پىكرىنى بېرىش كېرەك. قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى باشقا مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ قايتا باھالىسا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىنى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.
前款规定的评审专家包括专家库中的专家和根据电影题材特别聘请的专家。专家遴选和评审的具体办法由国务院电影主管部门制定。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىنو تېمىسىغا ئاساسەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاش ۋە باھالاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.
第十九条 取得电影公映许可证的电影需要变更内容的,应当依照本法规定重新报送审查。
19-ماددا كىنو قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغان كىنونىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈشكە يوللاش كېرەك.
第二十条 摄制电影的法人、其他组织应当将取得的电影公映许可证标识置于电影的片头处;电影放映可能引起未成年人等观众身体或者心理不适的,应当予以提示。
20-ماددا كىنو ئىشلىگەن قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ئېرىشكەن كىنو قويۇش ئىجازەتنامىسى بەلگىسىنى كىنونىڭ بېشىغا قويۇشى كېرەك؛ كىنو قويۇش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتارلىق كۆرۈرمەنلەرنى ساقسىز قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا، ئەسكەرتىش كېرەك.
未取得电影公映许可证的电影,不得发行、放映,不得通过互联网、电信网、广播电视网等信息网络进行传播,不得制作为音像制品;但是,国家另有规定的,从其规定。
كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنولارنى تارقىتىشقا، قويۇشقا بولمايدۇ، ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرى ئارقىلىق تارقىتىشقا بولمايدۇ، ئۈن-سىن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ؛ لېكىن، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第二十一条 摄制完成的电影取得电影公映许可证,方可参加电影节(展)。拟参加境外电影节(展)的,送展法人、其他组织应当在该境外电影节(展)举办前,将相关材料报国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门备案。
21-ماددا سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش تاماملانغان كىنولار كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) غا قاتناشسا بولىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) غا قاتنىشىدىغان كۆرگەزمە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلاتلار چېگرا سىرتىدىكى شۇ كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمە ) ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
第二十二条 公民、法人和其他组织可以承接境外电影的洗印、加工、后期制作等业务,并报省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门备案,但是不得承接含有损害我国国家尊严、荣誉和利益,危害社会稳定,伤害民族感情等内容的境外电影的相关业务。
22-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار چېگرا سىرتىدىكى كىنولارنى يۇيۇش، پىششىقلاش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى قوبۇل قىلسا ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان كەسىپلەرنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىش قاتارلىق مەزمۇندىكى چېگرا سىرتىدىكى كىنوغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر.
第二十三条 国家设立的电影档案机构依法接收、收集、整理、保管并向社会开放电影档案。
23-ماددا دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپ ئاپپاراتى كىنو ئارخىپىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، توپلايدۇ، رەتلەيدۇ، ساقلايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ.
国家设立的电影档案机构应当配置必要的设备,采用先进技术,提高电影档案管理现代化水平。
دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپ ئاپپاراتلىرى زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى، ئىلغار تېخنىكا قوللىنىشى، كىنو ئارخىپ باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
摄制电影的法人、其他组织依照《中华人民共和国档案法》的规定,做好电影档案保管工作,并向国家设立的电影档案机构移交、捐赠、寄存电影档案。
كىنو ئىشلىگەن قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىنو ئارخىپىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ ھەمدە دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپ ئاپپاراتىغا كىنو ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئىئانە قىلىدۇ، ساقلاشقا بېرىدۇ.
第三章 电影发行、放映
3-باب كىنو تارقىتىش، قويۇش
第二十四条 企业具有与所从事的电影发行活动相适应的人员、资金条件的,经国务院电影主管部门或者所在地省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门批准,可以从事电影发行活动。
24-ماددا كارخانىلاردىن كىنو تارقىتىش پائالىيىتىگە مۇناسىپ خادىم، مەبلەغ شارائىتى بارلىرى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
企业、个体工商户具有与所从事的电影放映活动相适应的人员、场所、技术和设备等条件的,经所在地县级人民政府电影主管部门批准,可以从事电影院等固定放映场所电影放映活动。
كارخانا، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن شۇغۇللىنىدىغان كىنو قويۇش پائالىيىتىگە مۇناسىپ خادىم، سورۇن، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىرى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم كىنو قويۇش سورۇنىدا كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
第二十五条 依照本法规定负责电影发行、放映活动审批的电影主管部门,应当自受理申请之日起三十日内,作出批准或者不批准的决定。对符合条件的,予以批准,颁发电影发行经营许可证或者电影放映经营许可证,并予以公布;对不符合条件的,不予批准,书面通知申请人并说明理由。
25-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كىنو تارقىتىش، قويۇش پائالىيىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا تەستىق سېلىنىدۇ، كىنو تارقىتىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى كىنو قويۇش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى تەستىقلانمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ھەمدە سەۋەبى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
第二十六条 企业、个人从事电影流动放映活动,应当将企业名称或者经营者姓名、地址、联系方式、放映设备等向经营区域所在地县级人民政府电影主管部门备案。
26-ماددا كارخانا، شەخسلەر كۆچمە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كارخانا نامى ياكى تىجارەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى تىجارەت رايونى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
第二十七条 国家加大对农村电影放映的扶持力度,由政府出资建立完善农村电影公益放映服务网络,积极引导社会资金投资农村电影放映,不断改善农村地区观看电影条件,统筹保障农村地区群众观看电影需求。
27-ماددا دۆلەت يېزىلاردا كىنو قويۇشنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ يېزىلاردا ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك كىنو قويۇش مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى يېزىلاردا كىنو قويۇشقا مەبلەغ سېلىشقا پائال يېتەكلەپ، يېزا رايونلىرىنىڭ كىنو كۆرۈش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزا رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش كاپالەتلەندۈرىدۇ.
县级以上人民政府应当将农村电影公益放映纳入农村公共文化服务体系建设,按照国家有关规定对农村电影公益放映活动给予补贴。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلاردا ئاممىۋى پاراۋانلىق كىنوسى قويۇشنى يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە يېزىلاردا ئاممىۋى پاراۋانلىق كىنو قويۇش پائالىيىتىگە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
从事农村电影公益放映活动的,不得以虚报、冒领等手段骗取农村电影公益放映补贴资金。
يېزا كىنو ئاممىۋى پاراۋانلىق كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار يالغان مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن يېزا كىنو ئاممىۋى مەنپەئەت كىنو قويۇش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第二十八条 国务院教育、电影主管部门可以共同推荐有利于未成年人健康成长的电影,并采取措施支持接受义务教育的学生免费观看,由所在学校组织安排。
28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، كىنو مەسئۇل تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق كىنولارنى بىرلىكتە كۆرسەتسە ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز كۆرۈشىنى تەدبىر قوللىنىپ قوللىسا بولىدۇ، كىنونى شۇ مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.
国家鼓励电影院以及从事电影流动放映活动的企业、个人采取票价优惠、建设不同条件的放映厅、设立社区放映点等多种措施,为未成年人、老年人、残疾人、城镇低收入居民以及进城务工人员等观看电影提供便利;电影院以及从事电影流动放映活动的企业、个人所在地人民政府可以对其发放奖励性补贴。
دۆلەت كىنوخانىلار ھەمدە كۆچمە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، شەخسلەرنىڭ بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، ئوخشاش بولمىغان شارائىتتىكى كىنو قويۇش زالى قۇرۇش، مەھەللە كىنو قويۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ھەمدە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار قاتارلىقلارنىڭ كىنو كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ كىنوخانا ھەمدە كۆچمە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، شەخس تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا مۇكاپات خاراكتېرلىك ياردەم پۇلى تارقاتسا بولىدۇ.
第二十九条 电影院应当合理安排由境内法人、其他组织所摄制电影的放映场次和时段,并且放映的时长不得低于年放映电影时长总和的三分之二。
29-ماددا كىنوخانىدا چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئالغان كىنو قويۇش مەيدانى ۋە ۋاقىت بۆلىكىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ھەمدە قويۇش ۋاقتى يىللىق كىنو قويۇش ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
电影院以及从事电影流动放映活动的企业、个人应当保障电影放映质量。
كىنوخانا، شۇنىڭدەك كۆچمە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، شەخسلەر كىنو قويۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第三十条 电影院的设施、设备以及用于流动放映的设备应当符合电影放映技术的国家标准。
30-ماددا كىنوخانىنىڭ ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، شۇنىڭدەك كۆچمە كىنو قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلىرى كىنو قويۇش تېخنىكىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
电影院应当按照国家有关规定安装计算机售票系统。
كىنوخانىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كومپيۇتېردا بېلەت سېتىش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك.
第三十一条 未经权利人许可,任何人不得对正在放映的电影进行录音录像。发现进行录音录像的,电影院工作人员有权予以制止,并要求其删除;对拒不听从的,有权要求其离场。
31-ماددا ھوقۇقدارنىڭ رۇخسىتىسىز، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قويۇلۇۋاتقان كىنونى ئۈن-سىنغا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۈن-سىنغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىغاندا، كىنوخانا خادىملىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ بويسۇنۇشنى رەت قىلغانلار مەيداندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第三十二条 国家鼓励电影院在向观众明示的电影开始放映时间之前放映公益广告。
32-ماددا دۆلەت كىنوخانىلارنىڭ تاماشىبىنلارغا ئېنىق كۆرسىتىلگەن كىنو قويۇلۇش ۋاقتىدىن بۇرۇن ئاممىۋى مەنپەئەت ئېلانى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
电影院在向观众明示的电影开始放映时间之后至电影放映结束前,不得放映广告。
كىنوخانىدا تاماشىبىنلارغا ئېنىق كۆرسىتىلگەن كىنو قويۇلۇش ۋاقتى باشلانغاندىن تارتىپ كىنو قويۇلۇش ئاخىرلاشقىچە ئېلان قويۇشقا بولمايدۇ.
第三十三条 电影院应当遵守治安、消防、公共场所卫生等法律、行政法规,维护放映场所的公共秩序和环境卫生,保障观众的安全与健康。
33-ماددا كىنوخانىلار ئامانلىق ساقلاش، ئوت مۇداپىئەسى، ئاممىۋى سورۇن تازىلىقى قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، كىنو قويۇش ئورنىنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ساقلىشى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
任何人不得携带爆炸性、易燃性、放射性、毒害性、腐蚀性物品进入电影院等放映场所,不得非法携带枪支、弹药、管制器具进入电影院等放映场所;发现非法携带上述物品的,有关工作人员应当拒绝其进入,并向有关部门报告。
ھەرقانداق كىشىنىڭ پارتلاتقۇچ، ئاسان يانىدىغان، رادىيوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كىنوخانا قاتارلىق كىنو قويۇش سورۇنلىرىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا، تىزگىنلىنىدىغان سايمانلارنى كىنوخانا قاتارلىق قويۇش سورۇنلىرىغا قانۇنسىز ئېلىپ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىسا، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنىڭ كىرىشىنى رەت قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第三十四条 电影发行企业、电影院等应当如实统计电影销售收入,提供真实准确的统计数据,不得采取制造虚假交易、虚报瞒报销售收入等不正当手段,欺骗、误导观众,扰乱电影市场秩序。
34-ماددا كىنو تارقىتىش كارخانىسى، كىنوخانا قاتارلىقلار كىنو سېتىش كىرىمىنى ئەينەن ئىستاتىستىكا قىلىشى، ھەقىقىي، توغرا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، ساختا سودا قىلىش، سېتىش كىرىمىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنى ئالداپ، خاتا يېتەكلەپ، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
第三十五条 在境内举办涉外电影节(展),须经国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门批准。
35-ماددا چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) ئۆتكۈزۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت.
第四章 电影产业支持、保障
4-باب كىنو كەسپىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش
第三十六条 国家支持下列电影的创作、摄制:
36-ماددا دۆلەت تۆۋەندىكى كىنولارنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەشنى قوللايدۇ :
(一)传播中华优秀文化、弘扬社会主义核心价值观的重大题材电影;
( 1 ) جۇڭخۇا ئېسىل مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم، زور تېمىدىكى كىنولار؛
(二)促进未成年人健康成长的电影;
( 2 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىنولار؛
(三)展现艺术创新成果、促进艺术进步的电影;
( 3 ) سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان، سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىنولار؛
(四)推动科学教育事业发展和科学技术普及的电影;
( 4 ) پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كىنو؛
(五)其他符合国家支持政策的电影。
( 5 ) دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىنولار.
第三十七条 国家引导相关文化产业专项资金、基金加大对电影产业的投入力度,根据不同阶段和时期电影产业的发展情况,结合财力状况和经济社会发展需要,综合考虑、统筹安排财政资金对电影产业的支持,并加强对相关资金、基金使用情况的审计。
37-ماددا دۆلەت مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت كەسپى مەخسۇس مەبلىغى، فوندىنى كىنو كەسپىگە بولغان سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچ ۋە مەزگىلدىكى كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، مالىيە كۈچى ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنى كىنو كەسپىنى قوللاشنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىدۇ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار مەبلەغ، فوندنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
第三十八条 国家实施必要的税收优惠政策,促进电影产业发展,具体办法由国务院财税主管部门依照税收法律、行政法规的规定制定。
38-ماددا دۆلەت زۆرۈر باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە-باج مەسئۇل تارمىقى باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىدۇ.
第三十九条 县级以上地方人民政府应当依据人民群众需求和电影市场发展需要,将电影院建设和改造纳入国民经济和社会发展规划、土地利用总体规划和城乡规划等。
39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كىنو بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كىنوخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
县级以上地方人民政府应当按照国家有关规定,有效保障电影院用地需求,积极盘活现有电影院用地资源,支持电影院建设和改造。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كىنوخانىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ھازىر بار بولغان كىنوخانىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر بايلىقىنى پائال جانلاندۇرۇپ، كىنوخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى قوللىشى كېرەك.
第四十条 国家鼓励金融机构为从事电影活动以及改善电影基础设施提供融资服务,依法开展与电影有关的知识产权质押融资业务,并通过信贷等方式支持电影产业发展。
40-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىنو پائالىيىتى قىلىش ھەمدە كىنو ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشىغا، كىنوغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ھەمدە كىرېدىت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
国家鼓励保险机构依法开发适应电影产业发展需要的保险产品。
دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ كىنوچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى قانۇن بويىچە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
国家鼓励融资担保机构依法向电影产业提供融资担保,通过再担保、联合担保以及担保与保险相结合等方式分散风险。
دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە كىنوچىلىققا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى بېرىپ، قايتا كېپىللىك بېرىش، بىرلىشىپ كېپىللىك بېرىش، شۇنىڭدەك كېپىللىك بىلەن سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
对国务院电影主管部门依照本法规定公告的电影的摄制,按照国家有关规定合理确定贷款期限和利率。
گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىنغان كىنونى سۈرەتكە ئېلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قەرز پۇل مۇددىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.
第四十一条 国家鼓励法人、其他组织通过到境外合作摄制电影等方式进行跨境投资,依法保障其对外贸易、跨境融资和投资等合理用汇需求。
41-ماددا دۆلەت قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ چېگرا سىرتىغا چىقىپ ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ تاشقى سودا، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق تاشقى پېرېۋوت ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.
第四十二条 国家实施电影人才扶持计划。
42-ماددا دۆلەت كىنو ئىختىساسلىقلىرىنى يۆلەش پىلانىنى يولغا قويىدۇ.
国家支持有条件的高等学校、中等职业学校和其他教育机构、培训机构等开设与电影相关的专业和课程,采取多种方式培养适应电影产业发展需要的人才。
دۆلەت شارائىتى بار ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ كىنوغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە دەرس تەسىس قىلىشىنى، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كىنوچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.
国家鼓励从事电影活动的法人和其他组织参与学校相关人才培养。
دۆلەت كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第四十三条 国家采取措施,扶持农村地区、边疆地区、贫困地区和民族地区开展电影活动。
43-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ۋە مىللىي رايونلارنىڭ كىنو پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.
国家鼓励、支持少数民族题材电影创作,加强电影的少数民族语言文字译制工作,统筹保障民族地区群众观看电影需求。
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت تېمىسىدىكى كىنو ئىجادىيىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، كىنونى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، مىللەتلەر رايونىدىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كاپالەتلەندۈرىدۇ.
第四十四条 国家对优秀电影的外语翻译制作予以支持,并综合利用外交、文化、教育等对外交流资源开展电影的境外推广活动。
44-ماددا دۆلەت نادىر كىنولارنىڭ چەت ئەل تىلى تەرجىمىسىنى قوللايدۇ ھەمدە دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق تاشقى ئالماشتۇرۇش بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كىنونى چېگرا سىرتىدا كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
国家鼓励公民、法人和其他组织从事电影的境外推广。
دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كىنو ئىشلەشنى چېگرا سىرتىدا كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
第四十五条 国家鼓励社会力量以捐赠、资助等方式支持电影产业发展,并依法给予优惠。
45-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىنو كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىدۇ.
第四十六条 县级以上人民政府电影主管部门应当加强对电影活动的日常监督管理,受理对违反本法规定的行为的投诉、举报,并及时核实、处理、答复;将从事电影活动的单位和个人因违反本法规定受到行政处罚的情形记入信用档案,并向社会公布。
46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو پائالىيىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار توغرىسىدىكى ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى، جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ئەھۋالىنى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەيدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第四十七条 违反本法规定擅自从事电影摄制、发行、放映活动的,由县级以上人民政府电影主管部门予以取缔,没收电影片和违法所得以及从事违法活动的专用工具、设备;违法所得五万元以上的,并处违法所得五倍以上十倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处二十五万元以下的罚款。
47-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىنو ئىشلەش، تارقىتىش، قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ، كىنو ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس قورالى، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەش ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第四十八条 有下列情形之一的,由原发证机关吊销有关许可证、撤销有关批准或者证明文件;县级以上人民政府电影主管部门没收违法所得;违法所得五万元以上的,并处违法所得五倍以上十倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处二十五万元以下的罚款:
48-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلەرنى بىكار قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەش ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ :
(一)伪造、变造、出租、出借、买卖本法规定的许可证、批准或者证明文件,或者以其他形式非法转让本法规定的许可证、批准或者证明文件的;
( 1 ) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە، تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەتكە بەرگەن، سېتىۋالغان ياكى ساتقانلار؛
(二)以欺骗、贿赂等不正当手段取得本法规定的许可证、批准或者证明文件的。
( 2 ) ئالدامچىلىق قىلىش، پارا بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە، تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرىگە ئېرىشكەنلەر.
第四十九条 有下列情形之一的,由原发证机关吊销许可证;县级以上人民政府电影主管部门没收电影片和违法所得;违法所得五万元以上的,并处违法所得十倍以上二十倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处五十万元以下的罚款:
49-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجازەتنامىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئېلېكتىرونلۇق فىلىمنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ :
(一)发行、放映未取得电影公映许可证的电影的;
( 1 ) كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنولارنى تارقاتقان، قويغانلار؛
(二)取得电影公映许可证后变更电影内容,未依照规定重新取得电影公映许可证擅自发行、放映、送展的;
( 2 ) كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن كىنو مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەن، بەلگىلىمە بويىچە كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسىنى قايتا ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقان، قويغان، كۆرگەزمە قىلىشقا بەرگەنلەر؛
(三)提供未取得电影公映许可证的电影参加电影节(展)的。
( 3 ) كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنولارنى كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) غا قاتناشتۇرغانلار.
第五十条 承接含有损害我国国家尊严、荣誉和利益,危害社会稳定,伤害民族感情等内容的境外电影的洗印、加工、后期制作等业务的,由县级以上人民政府电影主管部门责令停止违法活动,没收电影片和违法所得;违法所得五万元以上的,并处违法所得三倍以上五倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处十五万元以下的罚款。情节严重的,由电影主管部门通报工商行政管理部门,由工商行政管理部门吊销营业执照。
50-ماددا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرا سىرتىدىكى كىنولارنى يۇيۇش، پىششىقلاش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى قوبۇل قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، ئېلېكتىرونلۇق فىلىم ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى كىنو مەسئۇل تارمىقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرىدۇ، سودا-سانائەت سىياسىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
第五十一条 电影发行企业、电影院等有制造虚假交易、虚报瞒报销售收入等行为,扰乱电影市场秩序的,由县级以上人民政府电影主管部门责令改正,没收违法所得,处五万元以上五十万元以下的罚款;违法所得五十万元以上的,处违法所得一倍以上五倍以下的罚款。情节严重的,责令停业整顿;情节特别严重的,由原发证机关吊销许可证。
51-ماددا كىنو تارقىتىش كارخانىسى، كىنوخانا قاتارلىقلاردىن ساختا سودا قىلىش، سېتىش كىرىمىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىنى ئەسلىدىكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان بىكار قىلىدۇ.
电影院在向观众明示的电影开始放映时间之后至电影放映结束前放映广告的,由县级人民政府电影主管部门给予警告,责令改正;情节严重的,处一万元以上五万元以下的罚款。
كىنوخانىلاردىن تاماشىبىنلارغا ئېنىق كۆرسىتىلگەن كىنو قويۇلۇش ۋاقتى باشلانغاندىن تارتىپ كىنو قويۇلۇش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئېلان قويۇلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
第五十二条 法人或者其他组织未经许可擅自在境内举办涉外电影节(展)的,由国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门责令停止违法活动,没收参展的电影片和违法所得;违法所得五万元以上的,并处违法所得五倍以上十倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处二十五万元以下的罚款;情节严重的,自受到处罚之日起五年内不得举办涉外电影节(展)。
52-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) ئۆتكۈزگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان تېلېۋىزىيە فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەش ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ جازالانغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمە ) ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
个人擅自在境内举办涉外电影节(展),或者擅自提供未取得电影公映许可证的电影参加电影节(展)的,由国务院电影主管部门或者省、自治区、直辖市人民政府电影主管部门责令停止违法活动,没收参展的电影片和违法所得;违法所得五万元以上的,并处违法所得五倍以上十倍以下的罚款;没有违法所得或者违法所得不足五万元的,可以并处二十五万元以下的罚款;情节严重的,自受到处罚之日起五年内不得从事相关电影活动。
شەخسلەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمە ) ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىنو قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنولارنى كىنو بايرىمى ( كۆرگەزمىسى ) غا قاتناشتۇرغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەش ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، قوشۇمچە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ جازالانغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第五十三条 法人、其他组织或者个体工商户因违反本法规定被吊销许可证的,自吊销许可证之日起五年内不得从事该项业务活动;其法定代表人或者主要负责人自吊销许可证之日起五年内不得担任从事电影活动的法人、其他组织的法定代表人或者主要负责人。
53-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا، ئىجازەتنامە بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە شۇ كەسپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى ئىجازەتنامە بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى يا ئاساسلىق مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ.
第五十四条 有下列情形之一的,依照有关法律、行政法规及国家有关规定予以处罚:
54-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ :
(一)违反国家有关规定,擅自将未取得电影公映许可证的电影制作为音像制品的;
( 1 ) دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنو تۈزۈمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۈن-سىن بۇيۇمى قىلىۋالغانلار؛
(二)违反国家有关规定,擅自通过互联网、电信网、广播电视网等信息网络传播未取得电影公映许可证的电影的;
( 2 ) دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرى ئارقىلىق ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىنونى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنولارنى تارقاتقانلار؛
(三)以虚报、冒领等手段骗取农村电影公益放映补贴资金的;
( 3 ) يالغان مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن يېزا كىنو ئاممىۋى پاراۋانلىق كىنو قويۇش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
(四)侵犯与电影有关的知识产权的;
( 4 ) كىنوغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلار؛
(五)未依法接收、收集、整理、保管、移交电影档案的。
( 5 ) كىنو ئارخىپىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلمىغان، توپلىمىغان، رەتلىمىگەن، ساقلىمىغان، ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر.
电影院有前款第四项规定行为,情节严重的,由原发证机关吊销许可证。
كىنوخانىلاردا ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 4 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىش سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىنى ئەسلىدىكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان بىكار قىلىدۇ.
第五十五条 县级以上人民政府电影主管部门或者其他有关部门的工作人员有下列情形之一,尚不构成犯罪的,依法给予处分:
55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)利用职务上的便利收受他人财物或者其他好处的;
( 1 ) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-مېلى ياكى باشقا پايدىسىنى ئالغانلار؛
(二)违反本法规定进行审批活动的;
( 2 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاش پائالىيىتى قىلغانلار؛
(三)不履行监督职责的;
( 3 ) نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(四)发现违法行为不予查处的;
( 4 ) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بايقالسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(五)贪污、挪用、截留、克扣农村电影公益放映补贴资金或者相关专项资金、基金的;
( 5 ) يېزا كىنو ئاممىۋى پاراۋانلىق قويۇش ياردەم مەبلىغى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تۈر مەبلىغى، فوندىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغانلار؛
(六)其他违反本法规定滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的情形。
( 6 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىدىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىدىغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
第五十六条 违反本法规定,造成人身、财产损害的,依法承担民事责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى تۇغدۇرغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
因违反本法规定二年内受到二次以上行政处罚,又有依照本法规定应当处罚的违法行为的,从重处罚。
مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىككى يىل ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، يەنە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
第五十七条 县级以上人民政府电影主管部门及其工作人员应当严格依照本法规定的处罚种类和幅度,根据违法行为的性质和具体情节行使行政处罚权,具体办法由国务院电影主管部门制定。
57-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا تۈرى ۋە دائىرىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە كونكرېت قىلمىشىغا ئاساسەن مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.
县级以上人民政府电影主管部门对有证据证明违反本法规定的行为进行查处时,可以依法查封与违法行为有关的场所、设施或者查封、扣押用于违法行为的财物。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك سورۇن، ئەسلىھەنى قانۇن بويىچە پېچەتلىسە ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا ئىشلىتىلگەن پۇل-مالنى پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
第五十八条 当事人对县级以上人民政府电影主管部门以及其他有关部门依照本法作出的行政行为不服的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。其中,对国务院电影主管部门作出的不准予电影公映的决定不服的,应当先依法申请行政复议,对行政复议决定不服的可以提起行政诉讼。
58-ماددا ئالاقىدارلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە قىلغان مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ كىنونى ئاشكارا قويۇشقا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىغانلار ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغۇچىلار مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第五十九条 境外资本在中华人民共和国境内设立从事电影活动的企业的,按照国家有关规定执行。
59-ماددا چېگرا سىرتىدىكى كاپىتال ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە كىنو پائالىيىتى قىلىدىغان كارخانىلارنى قۇرغان بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
第六十条 本法自2017年3月1日起施行。
60-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.