(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 监察官的职责、义务和权利
2-باب رېۋىزورلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى
第三章 监察官的条件和选用
3-باب رېۋىزورلارنىڭ شەرتى ۋە تاللاپ ئىشلىتىشى
第四章 监察官的任免
4-باب رېۋىزورلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش
第五章 监察官的管理
5-باب رېۋىزورلارنى باشقۇرۇش
第六章 监察官的考核和奖励
6-باب رېۋىزورلارنى سىناش ۋە مۇكاپاتلاش
第七章 监察官的监督和惩戒
7-باب رېۋىزورلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە جازاسى
第八章 监察官的职业保障
8-باب رېۋىزورلارنىڭ كەسپىي كاپالىتى
第九章 附 则
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了加强对监察官的管理和监督,保障监察官依法履行职责,维护监察官合法权益,推进高素质专业化监察官队伍建设,推进监察工作规范化、法治化,根据宪法和《中华人民共和国监察法》,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن رېۋىزورلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، رېۋىزورلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، رېۋىزونېرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن رېۋىزورلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىشى، قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
第二条 监察官的管理和监督坚持中国共产党领导,坚持以马克思列宁主义、毛泽东思想、邓小平理论、“三个代表”重要思想、科学发展观、习近平新时代中国特色社会主义思想为指导,坚持党管干部原则,增强监察官的使命感、责任感、荣誉感,建设忠诚干净担当的监察官队伍。
2-ماددا رېۋىزورلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، رېۋىزورلارنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، شان-شەرەپ تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان رېۋىزورلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
第三条 监察官包括下列人员:
3-ماددا رېۋىزورلار تۆۋەندىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(一)各级监察委员会的主任、副主任、委员;
( 1 ) ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛
(二)各级监察委员会机关中的监察人员;
( 2 ) ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگانلىرىدىكى رېۋىزىيە خادىملىرى؛
(三)各级监察委员会派驻或者派出到中国共产党机关、国家机关、法律法规授权或者委托管理公共事务的组织和单位以及所管辖的行政区域等的监察机构中的监察人员、监察专员;
( 3 ) ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئورگىنى، دۆلەت ئورگىنى، قانۇن-نىزاملاردا ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان تەشكىلات ۋە ئورۇنغا، شۇنىڭدەك تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي رايون قاتارلىق رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىدىكى رېۋىزىيە خادىملىرى، رېۋىزىيە مەخسۇس خادىملىرىنى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ياكى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان بولسا؛
(四)其他依法行使监察权的监察机构中的监察人员。
( 4 ) رېۋىزىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان باشقا رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىدىكى رېۋىزىيە خادىملىرى.
对各级监察委员会派驻到国有企业的监察机构工作人员、监察专员,以及国有企业中其他依法行使监察权的监察机构工作人员的监督管理,参照执行本法有关规定。
ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى دۆلەت كارخانىلىرىغا تۇرۇشقا ئەۋەتكەن رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى، رېۋىزىيە مەخسۇس خادىملىرى، شۇنىڭدەك دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رېۋىزىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان باشقا رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.
第四条 监察官应当忠诚坚定、担当尽责、清正廉洁,做严格自律、作风优良、拒腐防变的表率。
4-ماددا رېۋىزورلار سادىق، قەتئىي بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، پاك-دۇرۇس بولۇشى، قاتتىق تەلەپچان، ئىستىلى ياخشى، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
第五条 监察官应当维护宪法和法律的尊严和权威,以事实为根据,以法律为准绳,客观公正地履行职责,保障当事人的合法权益。
5-ماددا رېۋىزورلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدىشى، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئادا قىلىشى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第六条 监察官应当严格按照规定的权限和程序履行职责,坚持民主集中制,重大事项集体研究。
6-ماددا رېۋىزورلار مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئادا قىلىشى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى، مۇھىم، زور ئىشلارنى كوللېكتىپ تەتقىق قىلىشى كېرەك.
第七条 监察机关应当建立健全对监察官的监督制度和机制,确保权力受到严格约束。
7-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى رېۋىزورلارغا بولغان نازارەتچىلىك تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ قاتتىق چەكلىنىپ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
监察官应当自觉接受组织监督和民主监督、社会监督、舆论监督。
رېۋىزورلار تەشكىلىي نازارەتچىلىك ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第八条 监察官依法履行职责受法律保护,不受行政机关、社会团体和个人的干涉。
8-ماددا رېۋىزورلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى قانۇندا قوغدىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ.
第二章 监察官的职责、义务和权利
2-باب رېۋىزورلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى
第九条 监察官依法履行下列职责:
9-ماددا رېۋىزورلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ :
(一)对公职人员开展廉政教育;
( 1 ) ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىتا پاكلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛
(二)对公职人员依法履职、秉公用权、廉洁从政从业以及道德操守情况进行监督检查;
( 2 ) ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، شۇنىڭدەك ئەخلاق-پەزىلىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش؛
(三)对法律规定由监察机关管辖的职务违法和职务犯罪进行调查;
( 3 ) قانۇندا رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى تەكشۈرۈش؛
(四)根据监督、调查的结果,对办理的监察事项提出处置意见;
( 4 ) نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بېجىرىلگەن رېۋىزىيە ئىشلىرىغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛
(五)开展反腐败国际合作方面的工作;
( 5 ) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛
(六)法律规定的其他职责。
( 6 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.
监察官在职权范围内对所办理的监察事项负责。
رېۋىزورلار خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە بېجىرىلىدىغان رېۋىزىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
第十条 监察官应当履行下列义务:
10-ماددا رېۋىزورلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :
(一)自觉坚持中国共产党领导,严格执行中国共产党和国家的路线方针政策、重大决策部署;
( 1 ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش؛
(二)模范遵守宪法和法律;
( 2 ) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛
(三)维护国家和人民利益,秉公执法,勇于担当、敢于监督,坚决同腐败现象作斗争;
( 3 ) دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش؛
(四)依法保障监察对象及有关人员的合法权益;
( 4 ) رېۋىزىيە ئوبيېكتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش؛
(五)忠于职守,勤勉尽责,努力提高工作质量和效率;
( 5 ) خىزمىتىگە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىش، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛
(六)保守国家秘密和监察工作秘密,对履行职责中知悉的商业秘密和个人隐私、个人信息予以保密;
( 6 ) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە رېۋىزىيە خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلاش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىك، شەخسىي ئۇچۇرنى مەخپىي تۇتۇش؛
(七)严守纪律,恪守职业道德,模范遵守社会公德、家庭美德;
( 7 ) ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛
(八)自觉接受监督;
( 8 ) نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش؛
(九)法律规定的其他义务。
( 9 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.
第十一条 监察官享有下列权利:
11-ماددا رېۋىزورلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :
(一)履行监察官职责应当具有的职权和工作条件;
( 1 ) رېۋىزورلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت شارائىتى؛
(二)履行监察官职责应当享有的职业保障和福利待遇;
( 2 ) رېۋىزورلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي كاپالەت ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى؛
(三)人身、财产和住所安全受法律保护;
( 3 ) جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلكى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانۇن قوغدايدۇ؛
(四)提出申诉或者控告;
( 4 ) ئەرز-شىكايەت قىلىش؛
(五)《中华人民共和国公务员法》等法律规定的其他权利。
( 5 ) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
第三章 监察官的条件和选用
3-باب رېۋىزورلارنىڭ شەرتى ۋە تاللاپ ئىشلىتىشى
第十二条 担任监察官应当具备下列条件:
12-ماددا رېۋىزور بولۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك :
(一)具有中华人民共和国国籍;
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇش؛
(二)忠于宪法,坚持中国共产党领导和社会主义制度;
( 2 ) ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش؛
(三)具有良好的政治素质、道德品行和廉洁作风;
( 3 ) ياخشى سىياسىي ساپا، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە پاكلىق ئىستىلىغا ئىگە بولۇش؛
(四)熟悉法律、法规、政策,具有履行监督、调查、处置等职责的专业知识和能力;
( 4 ) قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى پىششىق بىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش؛
(五)具有正常履行职责的身体条件和心理素质;
( 5 ) مەسئۇلىيەتنى نورمال ئادا قىلىدىغان بەدەن شارائىتى ۋە پىسخىكا ساپاسىغا ئىگە بولۇش؛
(六)具备高等学校本科及以上学历;
( 6 ) ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلاش؛
(七)法律规定的其他条件。
( 7 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
本法施行前的监察人员不具备前款第六项规定的学历条件的,应当接受培训和考核,具体办法由国家监察委员会制定。
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى رېۋىزىيە خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ 6-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخى شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرى تەربىيەلىنىشى ۋە باھالىنىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى چىقىرىدۇ.
第十三条 有下列情形之一的,不得担任监察官:
13-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رېۋىزور بولسا بولمايدۇ :
(一)因犯罪受过刑事处罚,以及因犯罪情节轻微被人民检察院依法作出不起诉决定或者被人民法院依法免予刑事处罚的;
( 1 ) جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار، شۇنىڭدەك جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىقتىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىلغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى جازادىن قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنغانلار؛
(二)被撤销中国共产党党内职务、留党察看、开除党籍的;
( 2 ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىنالغان، پارتىيەدىن قوغلانغانلار؛
(三)被撤职或者开除公职的;
( 3 ) ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ياكى خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛
(四)被依法列为失信联合惩戒对象的;
( 4 ) لەۋزىدە تۇرمىغانلىق بويىچە بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلەر؛
(五)配偶已移居国(境)外,或者没有配偶但是子女均已移居国(境)外的;
( 5 ) جورىسى دۆلەت ( چېگرا ) سىرتىدا كۆچۈپ تۇرغان ياكى جورىسى يوق، لېكىن پەرزەنتلىرى دۆلەت ( چېگرا»سىرتىدا كۆچۈپ كەتكەن بولسا؛
(六)法律规定的其他情形。
( 6 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第十四条 监察官的选用,坚持德才兼备、以德为先,坚持五湖四海、任人唯贤,坚持事业为上、公道正派,突出政治标准,注重工作实绩。
14-ماددا رېۋىزورلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتە ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل-دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ.سىياسىي ئۆلچەم گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
第十五条 监察官采用考试、考核的办法,从符合监察官条件的人员中择优选用。
15-ماددا رېۋىزورلار ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش چارىسىنى قوللىنىپ، رېۋىزورلۇق شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملاردىن ئەلالىرىنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ.
第十六条 录用监察官,应当依照法律和国家有关规定采取公开考试、严格考察、平等竞争、择优录取的办法。
16-ماددا رېۋىزور قوبۇل قىلىشتا، قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، باراۋەر رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك.
第十七条 监察委员会可以根据监察工作需要,依照法律和国家有关规定从中国共产党机关、国家机关、事业单位、国有企业等机关、单位从事公务的人员中选择符合任职条件的人员担任监察官。
17-ماددا رېۋىزىيە كومىتېتى رېۋىزىيە خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورگىنى، دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن، دۆلەت كارخانىسى قاتارلىق ئورگان، ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ئىچىدىن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنى رېۋىزورلۇققا تاللاپ قويسا بولىدۇ.
第十八条 监察委员会可以根据监察工作需要,依照法律和国家有关规定在从事与监察机关职能职责相关的职业或者教学、研究的人员中选拔或者聘任符合任职条件的人员担任监察官。
18-ماددا رېۋىزىيە كومىتېتى رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ياكى ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ئىچىدىن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنى رېۋىزورلۇققا تاللاپ ئۆستۈرسە ياكى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
第四章 监察官的任免
4-باب رېۋىزورلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش
第十九条 国家监察委员会主任由全国人民代表大会选举和罢免,副主任、委员由国家监察委员会主任提请全国人民代表大会常务委员会任免。
19-ماددا دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلىشى ۋە قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ.
地方各级监察委员会主任由本级人民代表大会选举和罢免,副主任、委员由监察委员会主任提请本级人民代表大会常务委员会任免。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشقا سۇنىدۇ.
新疆生产建设兵团各级监察委员会主任、副主任、委员,由新疆维吾尔自治区监察委员会主任提请自治区人民代表大会常务委员会任免。
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى ۋە قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ.
其他监察官的任免,按照管理权限和规定的程序办理。
باشقا رېۋىزورلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.
第二十条 监察官就职时应当依照法律规定进行宪法宣誓。
20-ماددا رېۋىزورلار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشى كېرەك.
第二十一条 监察官有下列情形之一的,应当免去其监察官职务:
21-ماددا رېۋىزورلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ رېۋىزور ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ :
(一)丧失中华人民共和国国籍的;
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلار؛
(二)职务变动不需要保留监察官职务的;
( 2 ) ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشتە رېۋىزور ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش ھاجەتسىز بولغانلار؛
(三)退休的;
( 3 ) پېنسىيىگە چىققانلار؛
(四)辞职或者依法应当予以辞退的;
( 4 ) ئىستېپا بەرگەن ياكى قانۇن بويىچە ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلار؛
(五)因违纪违法被调离或者开除的;
( 5 ) ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن يۆتكىۋېتىلگەن ياكى خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛
(六)法律规定的其他情形。
( 6 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第二十二条 监察官不得兼任人民代表大会常务委员会的组成人员,不得兼任行政机关、审判机关、检察机关的职务,不得兼任企业或者其他营利性组织、事业单位的职务,不得兼任人民陪审员、人民监督员、执业律师、仲裁员和公证员。
22-ماددا رېۋىزورلار خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىسە، مەمۇرىي ئورگان، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ، كارخانا ياكى باشقا پايدا ئالىدىغان تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىسا بولمايدۇ، خەلق زاسېداتېللىرى، خەلق نازارەتچىلىرى، كەسپىي ئادۋوكاتلار، كېسىمچىلەر ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنى قوشۇمچە ئۆتىسە يول قويۇلمايدۇ.
监察官因工作需要兼职的,应当按照管理权限批准,但是不得领取兼职报酬。
رېۋىزورلار خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشتە، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىتىشى كېرەك، لېكىن قوشۇمچە ۋەزىپە ھەققى ئالسا بولمايدۇ.
第二十三条 监察官担任县级、设区的市级监察委员会主任的,应当按照有关规定实行地域回避。
23-ماددا رېۋىزورلار ناھىيە دەرىجىلىك، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە رايون ھالقىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.
第二十四条 监察官之间有夫妻关系、直系血亲关系、三代以内旁系血亲以及近姻亲关系的,不得同时担任下列职务:
24-ماددا رېۋىزورلار ئارىسىدا ئەر-خوتۇنلۇق، بىۋاسىتە قانداشلىق، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداشلىق ۋە يېقىن قۇدىلىق مۇناسىۋىتى بولسا، بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىسە بولمايدۇ :
(一)同一监察委员会的主任、副主任、委员,上述人员和其他监察官;
( 1 ) بىر رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، يۇقىرىقى خادىملار ۋە باشقا رېۋىزورلار؛
(二)监察委员会机关同一部门的监察官;
( 2 ) رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ بىر تارمىقىدىكى رېۋىزورلار؛
(三)同一派驻机构、派出机构或者其他监察机构的监察官;
( 3 ) بىر تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپارات، ۋاكالەت ئاپپاراتى ياكى باشقا رېۋىزىيە ئاپپاراتىنىڭ رېۋىزورلىرى؛
(四)上下相邻两级监察委员会的主任、副主任、委员。
( 4 ) يۇقىرى-تۆۋەن قوشنا ئىككى دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى.
第五章 监察官的管理
5-باب رېۋىزورلارنى باشقۇرۇش
第二十五条 监察官等级分为十三级,依次为总监察官、一级副总监察官、二级副总监察官,一级高级监察官、二级高级监察官、三级高级监察官、四级高级监察官,一级监察官、二级监察官、三级监察官、四级监察官、五级监察官、六级监察官。
25-ماددا رېۋىزورلار دەرىجىسى 13-دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، تەرتىپ بويىچە باش رېۋىزور، 1-دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش رېۋىتەپتىش، 2-دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئومۇمىي رېۋىزور.1-دەرىجىلىك يۇقىرى رېۋىزور
第二十六条 国家监察委员会主任为总监察官。
26-ماددا دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باش رېۋىزور بولىدۇ.
第二十七条 监察官等级的确定,以监察官担任的职务职级、德才表现、业务水平、工作实绩和工作年限等为依据。
27-ماددا رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشتە، رېۋىزورلار ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە دەرىجىسى، ئەخلاق-قابىلىيەت ئىپادىسى، كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە خىزمەت مۇددىتى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.
监察官等级晋升采取按期晋升和择优选升相结合的方式,特别优秀或者作出特别贡献的,可以提前选升。
رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ۋاقتىدا ئۆستۈرۈش بىلەن ئەلالىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئالاھىدە مۇنەۋۋەر بولغان ياكى ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلار مۇددەتتىن بۇرۇن تاللاپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
第二十八条 监察官的等级设置、确定和晋升的具体办法,由国家另行规定。
28-ماددا رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسىنى تەسىس قىلىش، بېكىتىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
第二十九条 初任监察官实行职前培训制度。
29-ماددا يېڭى تەيىنلەنگەن رېۋىزورلار خىزمەتتىن بۇرۇن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
第三十条 对监察官应当有计划地进行政治、理论和业务培训。
30-ماددا رېۋىزورلارنى پىلانلىق ھالدا سىياسىي، نەزەرىيە ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كېرەك.
培训应当突出政治机关特色,坚持理论联系实际、按需施教、讲求实效,提高专业能力。
تەربىيەلەشتە سىياسىي ئورگان خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
监察官培训情况,作为监察官考核的内容和任职、等级晋升的依据之一。
رېۋىزورلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى رېۋىزورلارنى باھالاش مەزمۇنى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، دەرىجە ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ.
第三十一条 监察官培训机构按照有关规定承担培训监察官的任务。
31-ماددا رېۋىزورلارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە رېۋىزورلەرنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第三十二条 国家加强监察学科建设,鼓励具备条件的普通高等学校设置监察专业或者开设监察课程,培养德才兼备的高素质监察官后备人才,提高监察官的专业能力。
32-ماددا دۆلەت رېۋىزىيەنىڭ پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتى ھازىرلانغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رېۋىزىيە كەسپى تەسىس قىلىشى ياكى رېۋىزىيە دەرسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق رېۋىزورلار زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، رېۋىزورلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
第三十三条 监察官依照法律和国家有关规定实行任职交流。
33-ماددا رېۋىزورلار قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش-ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
第三十四条 监察官申请辞职,应当由本人书面提出,按照管理权限批准后,依照规定的程序免去其职务。
34-ماددا رېۋىزورلار ئىستېپا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆزى يازما ئوتتۇرىغا قويۇشى، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى كېرەك.
第三十五条 监察官有依法应当予以辞退情形的,依照规定的程序免去其职务。
35-ماددا رېۋىزورلاردىن قانۇن بويىچە ئىستېپا بېرىشكە تېگىشلىك ئەھۋالى بولغانلىرى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
辞退监察官应当按照管理权限决定。辞退决定应当以书面形式通知被辞退的监察官,并列明作出决定的理由和依据。
رېۋىزورنى ئىشتىن بوشىتىشنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىش كېرەك. ئىشتىن بوشىتىش قارارىدا ئىشتىن بوشىتىلغان رېۋىزورغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قارار چىقىرىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئاساسىنى تەڭ ئېنىق بەلگىلەش كېرەك.
第六章 监察官的考核和奖励
6-باب رېۋىزورلارنى سىناش ۋە مۇكاپاتلاش
第三十六条 对监察官的考核,应当全面、客观、公正,实行平时考核、专项考核和年度考核相结合。
36-ماددا رېۋىزورلارنى باھالاشتا ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئادەتتىكى باھالاش، مەخسۇس باھالاش ۋە يىللىق باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
第三十七条 监察官的考核应当按照管理权限,全面考核监察官的德、能、勤、绩、廉,重点考核政治素质、工作实绩和廉洁自律情况。
37-ماددا رېۋىزورلار باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى بويىچە، رېۋىزورلارنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىقىنى ئومۇميۈزلۈك باھالىشى، سىياسىي ساپاسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە پاك-تەلەپچان بولۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق باھالىشى كېرەك.
第三十八条 年度考核结果分为优秀、称职、基本称职和不称职四个等次。
38-ماددا يىللىق باھالاش نەتىجىسى ئەلا، لاياقەتلىك، ئاساسىي لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز بولۇشتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
考核结果作为调整监察官等级、工资以及监察官奖惩、免职、降职、辞退的依据。
باھالاش نەتىجىسى رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسى، مائاشىنى تەڭشەش ھەمدە رېۋىزورلارنى مۇكاپاتلاش-جازالاش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
第三十九条 年度考核结果以书面形式通知监察官本人。监察官对考核结果如果有异议,可以申请复核。
39-ماددا يىللىق باھالاش نەتىجىسى رېۋىزورغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. رېۋىزورلارنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
第四十条 对在监察工作中有显著成绩和贡献,或者有其他突出事迹的监察官、监察官集体,给予奖励。
40-ماددا رېۋىزىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە تۆھپە قوشقان ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش ئىزلىرى بار رېۋىزورلار، رېۋىزورلەر كوللېكتىپى مۇكاپاتلىنىدۇ.
第四十一条 监察官有下列表现之一的,给予奖励:
41-ماددا رېۋىزورلاردىن تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنىڭ بىرى بولغانلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ :
(一)履行监督职责,成效显著的;
( 1 ) نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛
(二)在调查、处置职务违法和职务犯罪工作中,做出显著成绩和贡献的;
( 2 ) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە تۆھپە قوشقانلار؛
(三)提出有价值的监察建议,对防止和消除重大风险隐患效果显著的;
( 3 ) قىممىتى بار رېۋىزىيە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسا؛
(四)研究监察理论、总结监察实践经验成果突出,对监察工作有指导作用的;
( 4 ) رېۋىزىيە نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش، رېۋىزىيە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، رېۋىزىيە خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچىلىك رولى بارلار؛
(五)有其他功绩的。
( 5 ) باشقا تۆھپىسى بارلار.
监察官的奖励按照有关规定办理。
رېۋىزورلارنىڭ مۇكاپاتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
第七章 监察官的监督和惩戒
7-باب رېۋىزورلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە جازاسى
第四十二条 监察机关应当规范工作流程,加强内部监督制约机制建设,强化对监察官执行职务和遵守法律情况的监督。
42-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى نازارەتچىلىك قىلىش، چەكلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رېۋىزورلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第四十三条 任何单位和个人对监察官的违纪违法行为,有权检举、控告。受理检举、控告的机关应当及时调查处理,并将结果告知检举人、控告人。
43-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس رېۋىزورلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلغۇچى، ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلغان ئورگان ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچىغا، ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
对依法检举、控告的单位和个人,任何人不得压制和打击报复。
ھەرقانداق كىشىنىڭ قانۇن بويىچە پاش قىلغان، ئەرز-شىكايەت قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنى بېسىشىغا ۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第四十四条 对于审判机关、检察机关、执法部门等移送的监察官违纪违法履行职责的问题线索,监察机关应当及时调查处理。
44-ماددا سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماق قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن رېۋىزورلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第四十五条 监察委员会根据工作需要,按照规定从各方面代表中聘请特约监察员等监督人员,对监察官履行职责情况进行监督,提出加强和改进监察工作的意见、建议。
45-ماددا رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رېۋىزور قاتارلىق نازارەتچىلىك خادىملىرى رېۋىزورلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، رېۋىزىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
第四十六条 监察官不得打听案情、过问案件、说情干预。对于上述行为,办理监察事项的监察官应当及时向上级报告。有关情况应当登记备案。
46-ماددا رېۋىزورلار دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە، دېلو سۈرۈشتە قىلسا، ئارىغا ئادەم قويۇپ ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ. يۇقىرىقى قىلمىشلارنى رېۋىزىيە ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان رېۋىزورلار يۇقىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
办理监察事项的监察官未经批准不得接触被调查人、涉案人员及其特定关系人,或者与其进行交往。对于上述行为,知悉情况的监察官应当及时向上级报告。有关情况应当登记备案。
رېۋىزىيە ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان رېۋىزورلار تەستىقلاتماي تۇرۇپ تەكشۈرۈلگۈچى، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەر ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچراشسا ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلسا بولمايدۇ. يۇقىرىقى قىلمىشلارنى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان رېۋىزورلار يۇقىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
第四十七条 办理监察事项的监察官有下列情形之一的,应当自行回避,监察对象、检举人、控告人及其他有关人员也有权要求其回避;没有主动申请回避的,监察机关应当依法决定其回避:
47-ماددا رېۋىزىيە ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان رېۋىزورلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆزى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك، رېۋىزىيە ئوبيېكتى، پاش قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، رېۋىزىيە ئورگىنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى قانۇن بويىچە قارار قىلىشى كېرەك :
(一)是监察对象或者检举人、控告人的近亲属的;
( 1 ) رېۋىزىيە ئوبيېكتى ياكى پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولسا؛
(二)担任过本案的证人的;
( 2 ) شۇ دېلودا گۇۋاھچى بولغان بولسا؛
(三)本人或者其近亲属与办理的监察事项有利害关系的;
( 3 ) ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بېجىرىلگەن رېۋىزىيە ئىشلىرى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا؛
(四)有可能影响监察事项公正处理的其他情形的。
( 4 ) رېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.
第四十八条 监察官应当严格执行保密制度,控制监察事项知悉范围和时间,不得私自留存、隐匿、查阅、摘抄、复制、携带问题线索和涉案资料,严禁泄露监察工作秘密。
48-ماددا رېۋىزورلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رېۋىزىيە ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش دائىرىسى ۋە ۋاقتىنى تىزگىنلىشى كېرەك، مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە دېلوغا چېتىشلىق ماتېرىياللارنى ئۆز مەيلىچە ساقلىماسلىقى، تىقىۋالماسلىقى، كۆرمەسلىكى، كۆپەيتىۋالماسلىقى، ئېلىپ يۈرمەسلىكى، رېۋىزىيە خىزمىتى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.
监察官离岗离职后,应当遵守脱密期管理规定,严格履行保密义务,不得泄露相关秘密。
رېۋىزورلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەزگىلىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى كېرەك، ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
第四十九条 监察官离任三年内,不得从事与监察和司法工作相关联且可能发生利益冲突的职业。
49-ماددا رېۋىزور ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئۈچ يىل ئىچىدە، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
监察官离任后,不得担任原任职监察机关办理案件的诉讼代理人或者辩护人,但是作为当事人的监护人或者近亲属代理诉讼、进行辩护的除外。
رېۋىزورلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچىسى بولسا بولمايدۇ، لېكىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋەسىيسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ۋاكالىتەن دەۋا قىلغانلىرى، ئاقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
监察官被开除后,不得担任诉讼代理人或者辩护人,但是作为当事人的监护人或者近亲属代理诉讼、进行辩护的除外。
رېۋىزورلار ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ، لېكىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋەسىيسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ۋاكالىتەن دەۋا قىلغانلىرى، ئاقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五十条 监察官应当遵守有关规范领导干部配偶、子女及其配偶经商办企业行为的规定。违反规定的,予以处理。
50-ماددا رېۋىزورلار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتى ۋە ئۇنىڭ جورىسىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
第五十一条 监察官的配偶、父母、子女及其配偶不得以律师身份担任该监察官所任职监察机关办理案件的诉讼代理人、辩护人,或者提供其他有偿法律服务。
51-ماددا رېۋىزورنىڭ جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى ۋە ئۇنىڭ جورىسى شۇ رېۋىزوردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى دەۋا ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى بولسا ياكى باشقا ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلسا بولمايدۇ.
第五十二条 监察官有下列行为之一的,依法给予处理;构成犯罪的,依法追究刑事责任:
52-ماددا رېۋىزورلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
(一)贪污贿赂的;
( 1 ) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغانلار؛
(二)不履行或者不正确履行监督职责,应当发现的问题没有发现,或者发现问题不报告、不处置,造成恶劣影响的;
( 2 ) نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، بايقاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى بايقىماي ياكى بايقالغان مەسىلىلەرنى دوكلات قىلماي، بىر تەرەپ قىلماي، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(三)未经批准、授权处置问题线索,发现重大案情隐瞒不报,或者私自留存、处理涉案材料的;
( 3 ) مەسىلە يىپ ئۇچىنى تەستىقلاتماي، ھوقۇق بەرمەي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، زور دېلو ئەھۋالىنى بايقاپ يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان ياكى دېلوغا چېتىشلىق ماتېرىياللارنى ئۆز ئالدىغا ساقلىغان، بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(四)利用职权或者职务上的影响干预调查工作、以案谋私的;
( 4 ) خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئارىلىشىۋالغان، دېلو ئارقىلىق كۆمىچىگە چوغ تارتقانلار؛
(五)窃取、泄露调查工作信息,或者泄露举报事项、举报受理情况以及举报人信息的;
( 5 ) تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇچۇرىنى ئوغرىلىغان، ئاشكارىلاپ قويغان ياكى پاش قىلغان ئىش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(六)隐瞒、伪造、变造、故意损毁证据、案件材料的;
( 6 ) دەلىل-ئىسپات، دېلو ماتېرىياللىرىنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛
(七)对被调查人或者涉案人员逼供、诱供,或者侮辱、打骂、虐待、体罚、变相体罚的;
( 7 ) تەكشۈرۈلگۈچى ياكى دېلوغا چېتىلغۇچىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئالداپ ئىقرار قىلدۇرغانلار ياكى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان، خورلىغان، تەن جازاسى بەرگەن، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەر؛
(八)违反规定采取调查措施或者处置涉案财物的;
( 8 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانغان ياكى دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(九)违反规定发生办案安全事故,或者发生安全事故后隐瞒不报、报告失实、处置不当的;
( 9 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېلو بېجىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەرگەن ياكى بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەرگەندىن كېيىن يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(十)其他职务违法犯罪行为。
( 10 ) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىشلار.
监察官有其他违纪违法行为,影响监察官队伍形象,损害国家和人民利益的,依法追究相应责任。
رېۋىزورلاردىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، رېۋىزورلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەن، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第五十三条 监察官涉嫌违纪违法,已经被立案审查、调查、侦查,不宜继续履行职责的,按照管理权限和规定的程序暂时停止其履行职务。
53-ماددا رېۋىزورلار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈلگەن، تەھقىقلەنگەن، مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
第五十四条 实行监察官责任追究制度,对滥用职权、失职失责造成严重后果的,终身追究责任或者进行问责。
54-ماددا رېۋىزورلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ياكى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
监察官涉嫌严重职务违法、职务犯罪或者对案件处置出现重大失误的,应当追究负有责任的领导人员和直接责任人员的责任。
رېۋىزورلار ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغاندا ياكى دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېغىر، زور سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە، جاۋابكار رەھبەرلىك خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
第八章 监察官的职业保障
8-باب رېۋىزورلارنىڭ كەسپىي كاپالىتى
第五十五条 除下列情形外,不得将监察官调离:
55-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رېۋىزورلارنى يۆتكەپ كېتىشكە بولمايدۇ :
(一)按规定需要任职回避的;
( 1 ) بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا توغرا كەلسە؛
(二)按规定实行任职交流的;
( 2 ) بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش-ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويغانلار؛
(三)因机构、编制调整需要调整工作的;
( 3 ) ئاپپارات، ئىشتاتنى تەڭشەش سەۋەبىدىن خىزمەتنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە؛
(四)因违纪违法不适合继续从事监察工作的;
( 4 ) ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن رېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمىگەنلەر؛
(五)法律规定的其他情形。
( 5 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第五十六条 任何单位或者个人不得要求监察官从事超出法定职责范围的事务。
56-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رېۋىزوردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
对任何干涉监察官依法履职的行为,监察官有权拒绝并予以全面如实记录和报告;有违纪违法情形的,由有关机关根据情节轻重追究有关人员的责任。
رېۋىزورلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى رېۋىزورلار رەت قىلىشقا ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئەينەن خاتىرىلەشكە ۋە دوكلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋال بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
第五十七条 监察官的职业尊严和人身安全受法律保护。
57-ماددا رېۋىزورلارنىڭ كەسپىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قانۇن قوغدايدۇ.
任何单位和个人不得对监察官及其近亲属打击报复。
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ رېۋىزورلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
对监察官及其近亲属实施报复陷害、侮辱诽谤、暴力侵害、威胁恐吓、滋事骚扰等违法犯罪行为的,应当依法从严惩治。
رېۋىزورلار ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، ھاقارەتلەش-تۆھمەت قىلىش، زوراۋانلىق قىلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، تەھدىت سېلىش-قورقۇتۇش، چاتاق چىقىرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.
第五十八条 监察官因依法履行职责遭受不实举报、诬告陷害、侮辱诽谤,致使名誉受到损害的,监察机关应当会同有关部门及时澄清事实,消除不良影响,并依法追究相关单位或者个人的责任。
58-ماددا رېۋىزورلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش سەۋەبلىك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىش، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش، ھاقارەتلەش-تۆھمەت قىلىشقا ئۇچراپ نام-شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزسە، رېۋىزىيە ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پاكىتنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناچار تەسىرنى تۈگىتىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
第五十九条 监察官因依法履行职责,本人及其近亲属人身安全面临危险的,监察机关、公安机关应当对监察官及其近亲属采取人身保护、禁止特定人员接触等必要保护措施。
59-ماددا رېۋىزورلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئۆزى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، رېۋىزىيە ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى رېۋىزور ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش، مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق زۆرۈر قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
第六十条 监察官实行国家规定的工资制度,享受监察官等级津贴和其他津贴、补贴、奖金、保险、福利待遇。监察官的工资及等级津贴制度,由国家另行规定。
60-ماددا رېۋىزورلار دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، رېۋىزورلارنىڭ دەرىجە قوشۇمچە پۇلى ۋە باشقا قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. رېۋىزورلارنىڭ مائاش ۋە دەرىجە قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
第六十一条 监察官因公致残的,享受国家规定的伤残待遇。监察官因公牺牲或者病故的,其亲属享受国家规定的抚恤和优待。
61-ماددا رېۋىزورلاردىن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېيىپ بولغانلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. رېۋىزورلار خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولسا ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولسا، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第六十二条 监察官退休后,享受国家规定的养老金和其他待遇。
62-ماددا رېۋىزورلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن كۈتۈنۈش پۇلى ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第六十三条 对于国家机关及其工作人员侵犯监察官权利的行为,监察官有权提出控告。
63-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رېۋىزورلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا رېۋىزورلار ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
受理控告的机关应当依法调查处理,并将调查处理结果及时告知本人。
ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第六十四条 监察官对涉及本人的政务处分、处分和人事处理不服的,可以依照规定的程序申请复审、复核,提出申诉。
64-ماددا رېۋىزورلار ئۆزىگە بېرىلگەن مەمۇرىي جازا، جازا ۋە كادىرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قايىل بولمىسا، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا قاراپ چىقىش، قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەرز قىلسا بولىدۇ.
第六十五条 对监察官的政务处分、处分或者人事处理错误的,应当及时予以纠正;造成名誉损害的,应当恢复名誉、消除影响、赔礼道歉;造成经济损失的,应当赔偿。对打击报复的直接责任人员,应当依法追究其责任。
65-ماددا رېۋىزورلارغا بېرىلگەن مەمۇرىي جازا، جازا ياكى كادىرلار جەھەتتىكى خاتالىقنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك؛ نام-شۆھرىتى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش كېرەك؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار تۆلەم تۆلىشى كېرەك. زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
第九章 附 则
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第六十六条 有关监察官的权利、义务和管理制度,本法已有规定的,适用本法的规定;本法未作规定的,适用《中华人民共和国公务员法》等法律法规的规定。
66-ماددا رېۋىزورلارنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلىمە بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第六十七条 中国人民解放军和中国人民武装警察部队的监察官制度,按照国家和军队有关规定执行。
67-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ رېۋىزورلار تۈزۈمى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第六十八条 本法自2022年1月1日起施行。
68-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.