(2010年6月25日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十五次会议通过)
( 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2010年6月25日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十五次会议通过)
( 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 管道规划与建设
ئىككىنچى باب تۇرۇبا يوللىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش
第三章 管道运行中的保护
ئۈچىنچى باب تۇرۇبا يولىدىكى قوغداش
第四章 管道建设工程与其他建设工程相遇关系的处理
4-باب تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了保护石油、天然气管道,保障石油、天然气输送安全,维护国家能源安全和公共安全,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قوغداش، نېفىت-تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 中华人民共和国境内输送石油、天然气的管道的保护,适用本法。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە نېفىت-تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
城镇燃气管道和炼油、化工等企业厂区内管道的保护,不适用本法。
شەھەر-بازار يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ زاۋۇت رايونىدىكى تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
第三条 本法所称石油包括原油和成品油,所称天然气包括天然气、煤层气和煤制气。
3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نېفىت نېفىت ۋە تەييار ماينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېيتىلغان تەبىئىي گاز تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى ۋە كۆمۈردىن گاز ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
本法所称管道包括管道及管道附属设施。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۇرۇبا يولى ۋە تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
第四条 国务院能源主管部门依照本法规定主管全国管道保护工作,负责组织编制并实施全国管道发展规划,统筹协调全国管道发展规划与其他专项规划的衔接,协调跨省、自治区、直辖市管道保护的重大问题。国务院其他有关部门依照有关法律、行政法规的规定,在各自职责范围内负责管道保护的相关工作。
4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا يولى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى بىلەن باشقا مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ تۇرۇبا يولىنى قوغداشتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
第五条 省、自治区、直辖市人民政府能源主管部门和设区的市级、县级人民政府指定的部门,依照本法规定主管本行政区域的管道保护工作,协调处理本行政区域管道保护的重大问题,指导、监督有关单位履行管道保护义务,依法查处危害管道安全的违法行为。县级以上地方人民政府其他有关部门依照有关法律、行政法规的规定,在各自职责范围内负责管道保护的相关工作。
5-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تومۇر يولىنى قوغداشقا دائىر زور مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۇرۇبا يولىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
省、自治区、直辖市人民政府能源主管部门和设区的市级、县级人民政府指定的部门,统称县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门。
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
第六条 县级以上地方人民政府应当加强对本行政区域管道保护工作的领导,督促、检查有关部门依法履行管道保护职责,组织排除管道的重大外部安全隐患。
6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ، تۇرۇبا يولىدىكى ئېغىر تاشقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە تەشكىللىشى كېرەك.
第七条 管道企业应当遵守本法和有关规划、建设、安全生产、质量监督、环境保护等法律、行政法规,执行国家技术规范的强制性要求,建立、健全本企业有关管道保护的规章制度和操作规程并组织实施,宣传管道安全与保护知识,履行管道保护义务,接受人民政府及其有关部门依法实施的监督,保障管道安全运行。
7-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، سۈپەت نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىنى ئىجرا قىلىشى، شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداشقا دائىر قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، تۇرۇبا بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى ئاسراش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك، تۇرۇبا يولىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
第八条 任何单位和个人不得实施危害管道安全的行为。
8-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
对危害管道安全的行为,任何单位和个人有权向县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门或者其他有关部门举报。接到举报的部门应当在职责范围内及时处理。
تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第九条 国家鼓励和促进管道保护新技术的研究开发和推广应用。
9-ماددا دۆلەت تۇرۇبا ئارقىلىق قوغداش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.
第二章 管道规划与建设
ئىككىنچى باب تۇرۇبا يوللىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش
第十条 管道的规划、建设应当符合管道保护的要求,遵循安全、环保、节约用地和经济合理的原则。
10-ماددا تۇرۇبا يولىنى پىلانلاش ۋە ياساش تۇرۇبا يولىنى ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان، يەرنى تېجەپ ئىشلىتىدىغان ۋە تېجەشلىك، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
第十一条 国务院能源主管部门根据国民经济和社会发展的需要组织编制全国管道发展规划。组织编制全国管道发展规划应当征求国务院有关部门以及有关省、自治区、直辖市人民政府的意见。
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك تۇرۇبا يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزىدۇ. مەملىكەت بويىچە تۇرۇبا تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەشتە، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.
全国管道发展规划应当符合国家能源规划,并与土地利用总体规划、城乡规划以及矿产资源、环境保护、水利、铁路、公路、航道、港口、电信等规划相协调。
مەملىكەت بويىچە تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك قېزىلما بايلىق، مۇھىت ئاسراش، سۇچىلىق، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پورت، تېلېگراف قاتارلىق يىرىك پىلانلارغا ماس كېلىشى كېرەك.
第十二条 管道企业应当根据全国管道发展规划编制管道建设规划,并将管道建设规划确定的管道建设选线方案报送拟建管道所在地县级以上地方人民政府城乡规划主管部门审核;经审核符合城乡规划的,应当依法纳入当地城乡规划。
12-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈشى ھەمدە تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ لىنىيە تاللاش لايىھەسىنى قۇرۇلىدىغان تۇرۇبا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلىشىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە شۇ جاينىڭ شەھەر-يېزا بىرتۇتاش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
纳入城乡规划的管道建设用地,不得擅自改变用途。
شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
第十三条 管道建设的选线应当避开地震活动断层和容易发生洪灾、地质灾害的区域,与建筑物、构筑物、铁路、公路、航道、港口、市政设施、军事设施、电缆、光缆等保持本法和有关法律、行政法规以及国家技术规范的强制性要求规定的保护距离。
13-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا سىم تاللاشتا يەر تەۋرەش ھەرىكىتى ئۈزۈلگەن قەۋىتى ۋە كەلكۈن ئاپىتى، گېئو ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلاردىن ساقلىنىش كېرەك، ئىمارەت، قۇرۇلما، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پورت، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسى، ھەربىي ئەسلىھە، كابېل، نۇركابېل قاتارلىقلار بىلەن مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىدە بەلگىلەنگەن قوغداش ئارىلىقى ساقلىنىدۇ.
新建管道通过的区域受地理条件限制,不能满足前款规定的管道保护要求的,管道企业应当提出防护方案,经管道保护方面的专家评审论证,并经管道所在地县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门批准后,方可建设。
يېڭىدىن ياسالغان تۇرۇبا يولى جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇرۇبا يولىنى قوغداش تەلىپىنى قاندۇرالمىسا، تۇرۇبا يولى كارخانىلىرى مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تۇرۇبا يولىنى قوغداش جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ دەلىللىشىدىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە تۇرۇبا يولى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلسا بولىدۇ.
管道建设项目应当依法进行环境影响评价。
تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تۈرىدە قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش كېرەك.
第十四条 管道建设使用土地,依照《中华人民共和国土地管理法》等法律、行政法规的规定执行。
14-ماددا تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان يەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
依法建设的管道通过集体所有的土地或者他人取得使用权的国有土地,影响土地使用的,管道企业应当按照管道建设时土地的用途给予补偿。
قانۇن بويىچە ياسالغان تۇرۇبا يولى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ياكى باشقىلار ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت يېرىدىن ئۆتۈپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتسە، تۇرۇبا يولى كارخانىلىرى تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
第十五条 依照法律和国务院的规定,取得行政许可或者已报送备案并符合开工条件的管道项目的建设,任何单位和个人不得阻碍。
15-ماددا قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشكەن ياكى ئەنگە ئالدۇرۇلغان ھەمدە ئىش باشلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرۇبا تۈرى قۇرۇلۇشىغا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.
第十六条 管道建设应当遵守法律、行政法规有关建设工程质量管理的规定。
16-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.
管道企业应当依照有关法律、行政法规的规定,选择具备相应资质的勘察、设计、施工、工程监理单位进行管道建设。
تۇرۇبا كارخانىلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاللاپ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلدۇرۇشى كېرەك.
管道的安全保护设施应当与管道主体工程同时设计、同时施工、同时投入使用。
تۇرۇبىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى تۇرۇبا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش كېرەك.
管道建设使用的管道产品及其附件的质量,应当符合国家技术规范的强制性要求。
تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇبا مەھسۇلاتى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
第十七条 穿跨越水利工程、防洪设施、河道、航道、铁路、公路、港口、电力设施、通信设施、市政设施的管道的建设,应当遵守本法和有关法律、行政法规,执行国家技术规范的强制性要求。
17-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەسى، دەريا يولى، سۇ يولى، تۆمۈريول، تاشيول، پورت، ئېلېكتىر ئەسلىھەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا، مۇشۇ قانۇنغا ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.
第十八条 管道企业应当按照国家技术规范的强制性要求在管道沿线设置管道标志。管道标志毁损或者安全警示不清的,管道企业应当及时修复或者更新。
18-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى دۆلەت تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە تۇرۇبا يولى بويىغا تۇرۇبا بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك. تۇرۇبا بەلگىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ياكى بىخەتەرلىك ئاگاھ بېرىش ئېنىق بولمىسا، تۇرۇبا كارخانىلىرى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى يېڭىلىشى كېرەك.
第十九条 管道建成后应当按照国家有关规定进行竣工验收。竣工验收应当审查管道是否符合本法规定的管道保护要求,经验收合格方可正式交付使用。
19-ماددا تۇرۇبا يولى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، تۇرۇبا يولىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇرۇبا يولىنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.
第二十条 管道企业应当自管道竣工验收合格之日起六十日内,将竣工测量图报管道所在地县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门备案;县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门应当将管道企业报送的管道竣工测量图分送本级人民政府规划、建设、国土资源、铁路、交通、水利、公安、安全生产监督管理等部门和有关军事机关。
20-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش ئۆلچەش خەرىتىسىنى تۇرۇبا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللىشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تۇرۇبا كارخانىلىرى يوللىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىش-ئۆلچەش خەرىتىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، تۆمۈريول، قاتناش، سۇچىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第二十一条 地方各级人民政府编制、调整土地利用总体规划和城乡规划,需要管道改建、搬迁或者增加防护设施的,应当与管道企业协商确定补偿方案。
21-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەڭشەشتە، تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كۆچۈرۈش ياكى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، تۇرۇبا كارخانىلىرى بىلەن كېڭىشىپ تولۇقلىما لايىھەسىنى بېكىتىشى كېرەك.
第三章 管道运行中的保护
ئۈچىنچى باب تۇرۇبا يولىدىكى قوغداش
第二十二条 管道企业应当建立、健全管道巡护制度,配备专门人员对管道线路进行日常巡护。管道巡护人员发现危害管道安全的情形或者隐患,应当按照规定及时处理和报告。
22-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا چارلاش-ئاسراش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەخسۇس خادىم سەپلەپ تۇرۇبا لىنىيەسىنى كۈندىلىك چارلىشى كېرەك. تۇرۇبا چارلاش خادىملىرى تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋال ياكى يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ۋە دوكلات قىلىشى كېرەك.
第二十三条 管道企业应当定期对管道进行检测、维修,确保其处于良好状态;对管道安全风险较大的区段和场所应当进行重点监测,采取有效措施防止管道事故的发生。
23-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تۇرۇبا بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان بۆلەك ۋە سورۇنلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۇرۇبا يولى ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
对不符合安全使用条件的管道,管道企业应当及时更新、改造或者停止使用。
بىخەتەر ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۇرۇبا يوللىرىنى تۇرۇبا كارخانىلىرى ۋاقتىدا يېڭىلىشى، ئۆزگەرتىشى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.
第二十四条 管道企业应当配备管道保护所必需的人员和技术装备,研究开发和使用先进适用的管道保护技术,保证管道保护所必需的经费投入,并对在管道保护中做出突出贡献的单位和个人给予奖励。
24-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا ئاسراشقا كېرەكلىك خادىم ۋە تېخنىكا جابدۇقلىرىنى سەپلەپ، ئىلغار، قوللىنىشچان تۇرۇبا ئاسراش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ۋە ئىشلىتىپ، تۇرۇبا ئاسراشقا كېرەكلىك خىراجەت سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تۇرۇبا ئاسراشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.
第二十五条 管道企业发现管道存在安全隐患,应当及时排除。对管道存在的外部安全隐患,管道企业自身排除确有困难的,应当向县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门报告。接到报告的主管管道保护工作的部门应当及时协调排除或者报请人民政府及时组织排除安全隐患。
25-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا يولىدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك. تۇرۇبا يولىدا ساقلانغان تاشقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۇرۇبا كارخانىسى ئۆزى چىقىرىۋېتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا تەشكىللەپ يوللىشى كېرەك.
第二十六条 管道企业依法取得使用权的土地,任何单位和个人不得侵占。
26-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يەرنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
为合理利用土地,在保障管道安全的条件下,管道企业可以与有关单位、个人约定,同意有关单位、个人种植浅根农作物。但是,因管道巡护、检测、维修造成的农作物损失,除另有约定外,管道企业不予赔偿。
يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شارائىتىدا، تۇرۇبا يولى كارخانىلىرى ئالاقىدار ئورۇن، شەخسلەر بىلەن پۈتۈشسە، ئالاقىدار ئورۇن، شەخسلەرنىڭ تېيىز يىلتىزلىق زىرائەت تېرىشىغا قوشۇلسا بولىدۇ. لېكىن، تۇرۇبا چارلاش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش تۈپەيلىدىن زىرائەتلەرگە زىيان يەتسە، ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۇرۇبا كارخانىلىرى تۆلەم بەرمەيدۇ.
第二十七条 管道企业对管道进行巡护、检测、维修等作业,管道沿线的有关单位、个人应当给予必要的便利。
27-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا چارلاش-ئاسراش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا، تۇرۇبا لىنىيەسى بويىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
因管道巡护、检测、维修等作业给土地使用权人或者其他单位、个人造成损失的,管道企业应当依法给予赔偿。
تۇرۇبا چارلاش-ئاسراش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن يەر ئىشلەتكۈچىلەر ياكى باشقا ئورۇن، شەخسلەرگە زىيان يەتكەن بولسا، تۇرۇبا كارخانىلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.
第二十八条 禁止下列危害管道安全的行为:
28-ماددا تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ :
(一)擅自开启、关闭管道阀门;
( 1 ) تۇرۇبا كىلاپانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىش، ئېتىش؛
(二)采用移动、切割、打孔、砸撬、拆卸等手段损坏管道;
( 2 ) يۆتكەش، كېسىش، تۆشۈك تېشىش، قومۇرۇش، چۇۋۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇبىنى بۇزۇۋېتىش؛
(三)移动、毁损、涂改管道标志;
( 3 ) تۇرۇبا بەلگىسىنى يۆتكەش، بۇزۇۋېتىش، سۈركەپ ئۆزگەرتىش؛
(四)在埋地管道上方巡查便道上行驶重型车辆;
( 4 ) كۆمۈلگەن تۇرۇبا يولىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى يان يولدا ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى چارلاش؛
(五)在地面管道线路、架空管道线路和管桥上行走或者放置重物。
( 5 ) يەر يۈزىدىكى تۇرۇبا لىنىيەسى، تارتىلغان تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە تۇرۇبا كۆۋرۈكىدە مېڭىش ياكى ئېغىر نەرسە قويۇش.
第二十九条 禁止在本法第五十八条第一项所列管道附属设施的上方架设电力线路、通信线路或者在储气库构造区域范围内进行工程挖掘、工程钻探、采矿。
29-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ 1-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى، خەۋەرلىشىش لىنىيەسى تارتىش ياكى گاز ئامبىرى قۇرۇلمىسى رايونى دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قېزىش، قۇرۇلۇش بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش، كان ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.
第三十条 在管道线路中心线两侧各五米地域范围内,禁止下列危害管道安全的行为:
30-ماددا تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بەش مېتىر دائىرە ئىچىدە، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ :
(一)种植乔木、灌木、藤类、芦苇、竹子或者其他根系深达管道埋设部位可能损坏管道防腐层的深根植物;
( 1 ) غوللۇق دەرەخ، چاتقال، پېلەك، قومۇش، بامبۇك ياكى باشقا يىلتىز سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تۇرۇبا كۆمۈلگەن ئورۇنغىچە بولغان تۇرۇبىنىڭ چىرىشتىن ساقلاش قەۋىتىنى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان چوڭقۇر يىلتىزلىق ئۆسۈملۈكلەر؛
(二)取土、采石、用火、堆放重物、排放腐蚀性物质、使用机械工具进行挖掘施工;
( 2 ) توپا ئېلىش، تاش قېزىش، ئوت ئىشلىتىش، ئېغىر نەرسە دۆۋىلەش، چىرىتىشچان نەرسىلەرنى قويۇپ بېرىش، ماشىنا سايمانلىرى ئارقىلىق قېزىش قۇرۇلۇشى قىلىش؛
(三)挖塘、修渠、修晒场、修建水产养殖场、建温室、建家畜棚圈、建房以及修建其他建筑物、构筑物。
( 3 ) كۆلچەك كولاش، ئۆستەڭ ياساش، ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى ياساش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش، پارنىك سېلىش، ئۆي قوتىنى سېلىش، ئۆي سېلىش، شۇنىڭدەك باشقا ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىش.
第三十一条 在管道线路中心线两侧和本法第五十八条第一项所列管道附属设施周边修建下列建筑物、构筑物的,建筑物、构筑物与管道线路和管道附属设施的距离应当符合国家技术规范的强制性要求:
31-ماددا تۇرۇبا لىنىيەسى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ 1-تارماقچىسىدىكى تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۆۋەندىكى ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىشتا، ئىمارەت، قۇرۇلما بىلەن تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئارىلىقى دۆلەت تېخنىكا قائىدىسىنىڭ مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك :
(一)居民小区、学校、医院、娱乐场所、车站、商场等人口密集的建筑物;
( 1 ) ئاھالە ئولتۇراق رايونى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، بېكەت، سودا ساراي قاتارلىق ئاھالە زىچ توپلاشقان ئىمارەتلەر؛
(二)变电站、加油站、加气站、储油罐、储气罐等易燃易爆物品的生产、经营、存储场所。
( 2 ) تىرانسفورموتور پونكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، گاز قاچىلاش پونكىتى، ماي ساقلاش باكى، گاز ساقلاش باكى قاتارلىق ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ساقلاش سورۇنى.
前款规定的国家技术规范的强制性要求,应当按照保障管道及建筑物、构筑物安全和节约用地的原则确定。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىنى تۇرۇبا يولى ۋە ئىمارەت، قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.
第三十二条 在穿越河流的管道线路中心线两侧各五百米地域范围内,禁止抛锚、拖锚、挖砂、挖泥、采石、水下爆破。但是,在保障管道安全的条件下,为防洪和航道通畅而进行的养护疏浚作业除外。
32-ماددا دەريانى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇرۇبا يولى لىنىيەسىنىڭ مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 500 مېتىر دائىرىدە، لەڭگەر تاشلاش، لەڭگەر سۆرەش، قۇم-شېغىل قېزىش، لاي-لاتقا قېزىش، تاش قېزىش، سۇ ئاستىدا پارتلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. لېكىن، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شارائىتىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە سۇ يولىنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاسراش، راۋانلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十三条 在管道专用隧道中心线两侧各一千米地域范围内,除本条第二款规定的情形外,禁止采石、采矿、爆破。
33-ماددا تۇرۇبا مەخسۇس تونېلى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 1000 مېتىر دائىرىدە، مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاش قېزىش، كان ئېچىش، پارتلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
在前款规定的地域范围内,因修建铁路、公路、水利工程等公共工程,确需实施采石、爆破作业的,应当经管道所在地县级人民政府主管管道保护工作的部门批准,并采取必要的安全防护措施,方可实施。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن رايون دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى قىلىش سەۋەبىدىن تاش قېزىش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، تۇرۇبا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەمدە زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، يولغا قويۇشقا بولىدۇ.
第三十四条 未经管道企业同意,其他单位不得使用管道专用伴行道路、管道水工防护设施、管道专用隧道等管道附属设施。
34-ماددا باشقا ئورۇنلار تۇرۇبا كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تۇرۇبا مەخسۇس يانداش يولى، تۇرۇبا سۇ تىزگىنلەش، مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى، تۇرۇبا مەخسۇس تونېلى قاتارلىق تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
第三十五条 进行下列施工作业,施工单位应当向管道所在地县级人民政府主管管道保护工作的部门提出申请:
35-ماددا تۆۋەندىكى قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۇرۇبا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك :
(一)穿跨越管道的施工作业;
( 1 ) تۇرۇبىدىن كېسىپ ئۆتۈش قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى؛
(二)在管道线路中心线两侧各五米至五十米和本法第五十八条第一项所列管道附属设施周边一百米地域范围内,新建、改建、扩建铁路、公路、河渠,架设电力线路,埋设地下电缆、光缆,设置安全接地体、避雷接地体;
( 2 ) تۇرۇبا لىنىيەسى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بەش مېتىردىن 50 مېتىرغىچە ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ 1-تارماقچىسىدىكى تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدە، تۆمۈريول، تاشيول، دەريا-ئۆستەڭلەرنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، كېڭەيتىپ ياساش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى قۇرۇش، يەر ئاستى كابېل، نۇركابېل كۆمۈش، بىخەتەر ھالدا يەرگە ئۇلىنىدىغان جىسىم، چاقماقتىن دالدىلىنىدىغان جىسىم ئورنىتىش؛
(三)在管道线路中心线两侧各二百米和本法第五十八条第一项所列管道附属设施周边五百米地域范围内,进行爆破、地震法勘探或者工程挖掘、工程钻探、采矿。
( 3 ) تۇرۇبا لىنىيەسى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى يېنىدىن 200 مېتىر ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ 1-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى 500 مېتىر دائىرە ئىچىدە پارتلىتىش، يەر تەۋرەش ئۇسۇلى بويىچە چارلاش ياكى قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش، كان ئېچىش.
县级人民政府主管管道保护工作的部门接到申请后,应当组织施工单位与管道企业协商确定施工作业方案,并签订安全防护协议;协商不成的,主管管道保护工作的部门应当组织进行安全评审,作出是否批准作业的决定。
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننى تۇرۇبا كارخانىلىرى بىلەن قۇرۇلۇش مەشغۇلات لايىھەسىنى كېڭىشىشكە تەشكىللىشى ھەمدە بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بىخەتەرلىكنى باھالاشقا تەشكىللىشى، مەشغۇلاتنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
第三十六条 申请进行本法第三十三条第二款、第三十五条规定的施工作业,应当符合下列条件:
36-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك :
(一)具有符合管道安全和公共安全要求的施工作业方案;
( 1 ) تۇرۇبا بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلۇش مەشغۇلات لايىھەسى بولۇش؛
(二)已制定事故应急预案;
( 2 ) ھادىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزگەن بولۇش؛
(三)施工作业人员具备管道保护知识;
( 3 ) قۇرۇلۇش مەشغۇلاتچىلىرى تۇرۇبا ئاسراش بىلىملىرىنى ھازىرلاش؛
(四)具有保障安全施工作业的设备、设施。
( 4 ) بىخەتەر قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەر بولۇش.
第三十七条 进行本法第三十三条第二款、第三十五条规定的施工作业,应当在开工七日前书面通知管道企业。管道企业应当指派专门人员到现场进行管道保护安全指导。
37-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىشتا، ئىش باشلاشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن تۇرۇبا كارخانىلىرىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. تۇرۇبا كارخانىلىرى مەخسۇس خادىملارنى نەق مەيدانغا تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداش بويىچە بىخەتەرلىك يېتەكچىلىكى قىلىشقا ئەۋەتىشى كېرەك.
第三十八条 管道企业在紧急情况下进行管道抢修作业,可以先行使用他人土地或者设施,但应当及时告知土地或者设施的所有权人或者使用权人。给土地或者设施的所有权人或者使用权人造成损失的,管道企业应当依法给予赔偿。
38-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇبا جىددىي رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى قىلغاندا، باشقىلارنىڭ يېرى ياكى ئەسلىھەسىنى ئاۋۋال ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن يەر ياكى ئەسلىھەنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلەتكۈچىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. يەر ياكى ئەسلىھەنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلەتكۈچىسىگە زىيان سالغان بولسا، تۇرۇبا يولى كارخانىسى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.
第三十九条 管道企业应当制定本企业管道事故应急预案,并报管道所在地县级人民政府主管管道保护工作的部门备案;配备抢险救援人员和设备,并定期进行管道事故应急救援演练。
39-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا يولى ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە تۇرۇبا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش ھەمدە تۇرۇبا يولى ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش مانېۋىرىنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىش كېرەك.
发生管道事故,管道企业应当立即启动本企业管道事故应急预案,按照规定及时通报可能受到事故危害的单位和居民,采取有效措施消除或者减轻事故危害,并依照有关事故调查处理的法律、行政法规的规定,向事故发生地县级人民政府主管管道保护工作的部门、安全生产监督管理部门和其他有关部门报告。
تۇرۇبا يولى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، تۇرۇبا كارخانىلىرى شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا يولى ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال قوزغىتىپ، ھادىسە زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە ئاھالىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھادىسىنىڭ زىيىنىنى تۈگىتىشى ياكى يېنىكلىتىشى ھەمدە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولۇشى كېرەك، ھادىسە يۈزبەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلىدۇ.
接到报告的主管管道保护工作的部门应当按照规定及时上报事故情况,并根据管道事故的实际情况组织采取事故处置措施或者报请人民政府及时启动本行政区域管道事故应急预案,组织进行事故应急处置与救援。
دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بەلگىلىمە بويىچە ھادىسە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تۇرۇبا يولى ھادىسىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا تەشكىللىشى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا يولى ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا قوزغىتىشىغا يوللاپ، ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
第四十条 管道泄漏的石油和因管道抢修排放的石油造成环境污染的,管道企业应当及时治理。因第三人的行为致使管道泄漏造成环境污染的,管道企业有权向第三人追偿治理费用。
40-ماددا تۇرۇبىدىن چىقىپ كەتكەن نېفىت ۋە تۇرۇبا يولىنى جىددىي رېمونت قىلىش جەريانىدا چىقىپ كەتكەن نېفىت مۇھىتنى بۇلغىسا، تۇرۇبا كارخانىلىرى ۋاقتىدا تىزگىنلىشى كېرەك. 3-كىشىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن تۇرۇبا يولى ئېقىپ كېتىپ مۇھىت بۇلغانغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى 3-كىشىدىن تۈزەش ھەققىنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
环境污染损害的赔偿责任,适用《中华人民共和国侵权责任法》和防治环境污染的法律的有关规定。
مۇھىت بۇلغىنىش زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第四十一条 管道泄漏的石油和因管道抢修排放的石油,由管道企业回收、处理,任何单位和个人不得侵占、盗窃、哄抢。
41-ماددا تۇرۇبىدىن چىقىپ كەتكەن نېفىت ۋە تۇرۇبا جىددىي رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن چىقىپ كەتكەن نېفىتنى تۇرۇبا كارخانىسى يىغىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئوغرىلىشىغا، تالاپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第四十二条 管道停止运行、封存、报废的,管道企业应当采取必要的安全防护措施,并报县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门备案。
42-ماددا تۇرۇبا يۈرۈشتىن توختىغان، پېچەتلەنگەن، بىراك قىلىنغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىلىرى زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
第四十三条 管道重点保护部位,需要由中国人民武装警察部队负责守卫的,依照《中华人民共和国人民武装警察法》和国务院、中央军事委员会的有关规定执行。
43-ماددا تۇرۇبا يولىدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇنلارنى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى مەسئۇل بولۇپ قوغداشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى»ۋە گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第四章 管道建设工程与其他建设工程相遇关系的处理
4-باب تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش
第四十四条 管道建设工程与其他建设工程的相遇关系,依照法律的规定处理;法律没有规定的,由建设工程双方按照下列原则协商处理,并为对方提供必要的便利:
44-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بولسا، قۇرۇلۇشچى ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار بويىچە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە قارشى تەرەپكە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ :
(一)后开工的建设工程服从先开工或者已建成的建设工程;
( 1 ) كېيىن ئىش باشلىنىدىغان قۇرۇلۇش ئاۋۋال ئىش باشلانغان ياكى پۈتكەن قۇرۇلۇشقا بويسۇنۇش؛
(二)同时开工的建设工程,后批准的建设工程服从先批准的建设工程。
( 2 ) بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش، كېيىن تەستىقلانغان قۇرۇلۇش ئاۋۋال تەستىقلانغان قۇرۇلۇشقا بويسۇنۇشى كېرەك.
依照前款规定,后开工或者后批准的建设工程,应当符合先开工、已建成或者先批准的建设工程的安全防护要求;需要先开工、已建成或者先批准的建设工程改建、搬迁或者增加防护设施的,后开工或者后批准的建设工程一方应当承担由此增加的费用。
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، كېيىن ئىش باشلانغان ياكى كېيىن تەستىقلانغان قۇرۇلۇش ئاۋۋال ئىش باشلانغان، پۈتكەن ياكى ئاۋۋال تەستىقلانغان قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ ئاۋۋال ئىش باشلىغان، پۈتكەن ياكى ئاۋۋال تەستىقلىغان قۇرۇلۇشلاردا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كۆچۈرۈش ياكى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، كېيىن ئىش باشلىغان ياكى كېيىن تەستىقلىغان قۇرۇلۇشچى تەرەپ بۇنىڭدىن كۆپىيىپ كەتكەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
管道建设工程与其他建设工程相遇的,建设工程双方应当协商确定施工作业方案并签订安全防护协议,指派专门人员现场监督、指导对方施工。
تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلار ئۇچرىشىپ قالسا، قۇرۇلۇشچى ئىككى تەرەپ قۇرۇلۇش مەشغۇلات لايىھەسىنى كېڭىشىپ بېكىتىشى ھەمدە بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەخسۇس خادىملارنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىشقا، قارشى تەرەپنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىشى كېرەك.
第四十五条 经依法批准的管道建设工程,需要通过正在建设的其他建设工程的,其他工程建设单位应当按照管道建设工程的需要,预留管道通道或者预建管道通过设施,管道企业应当承担由此增加的费用。
45-ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇۋاتقان باشقا قۇرۇلۇشلارنى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، باشقا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۇرۇبا يولى يولى قالدۇرۇش ياكى تۇرۇبا يولىنى ئۆتكۈزۈش ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن ياساش كېرەك، تۇرۇبا كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
经依法批准的其他建设工程,需要通过正在建设的管道建设工程的,管道建设单位应当按照其他建设工程的需要,预留通道或者预建相关设施,其他工程建设单位应当承担由此增加的费用。
قانۇن بويىچە تەستىقلانغان باشقا قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچى ئورۇن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆتۈشمە يول قالدۇرۇشى ياكى ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى ئالدىن قۇرۇشى كېرەك، باشقا قۇرۇلۇشچى ئورۇنلار بۇنىڭدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第四十六条 管道建设工程通过矿产资源开采区域的,管道企业应当与矿产资源开采企业协商确定管道的安全防护方案,需要矿产资源开采企业按照管道安全防护要求预建防护设施或者采取其他防护措施的,管道企业应当承担由此增加的费用。
46-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قېزىلما بايلىق قېزىش رايونىدىن ئۆتكەندە، تۇرۇبا كارخانىسى قېزىلما بايلىق قېزىش كارخانىسى بىلەن تۇرۇبىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى كېڭىشىدۇ، قېزىلما بايلىق قېزىش كارخانىسىنىڭ تۇرۇبا بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەلىپى بويىچە مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن قۇرۇشى ياكى باشقا مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا توغرا كەلسە، تۇرۇبا كارخانىسى بۇنىڭدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
矿产资源开采企业未按照约定预建防护设施或者采取其他防护措施,造成地面塌陷、裂缝、沉降等地质灾害,致使管道需要改建、搬迁或者采取其他防护措施的,矿产资源开采企业应当承担由此增加的费用。
قېزىلما بايلىقنى قېزىش كارخانىلىرى پۈتۈم بويىچە مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن قۇرماي ياكى باشقا مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، يېرىلىش، تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق گېئو ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كۆچۈرۈش ياكى باشقا مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، قېزىلما بايلىقنى قېزىش كارخانىسى بۇنىڭدىن كۆپىيىپ كەتكەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第四十七条 铁路、公路等建设工程修建防洪、分流等水工防护设施,可能影响管道保护的,应当事先通知管道企业并注意保护下游已建成的管道水工防护设施。
47-ماددا تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق سۇ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ياساش تۇرۇبا يولىنى ئاسراشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، تۇرۇبا كارخانىلىرىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە تۆۋەن ئېقىندا قۇرۇلغان تۇرۇبا سۇ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
建设工程修建防洪、分流等水工防护设施,使下游已建成的管道水工防护设施的功能受到影响,需要新建、改建、扩建管道水工防护设施的,工程建设单位应当承担由此增加的费用。
قۇرۇلۇشتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق سۇ تىزگىنلەش، سۇ تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، تۆۋەن ئېقىندا قۇرۇلغان تۇرۇبا تىزگىنلەش، مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تۇرۇبا تىزگىنلەش، سۇ مۇداپىئەلىنىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بۇنىڭدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第四十八条 县级以上地方人民政府水行政主管部门制定防洪、泄洪方案应当兼顾管道的保护。
48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش لايىھەسىنى تۈزۈشتە، تۇرۇبا يولىنى قوغداشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
需要在管道通过的区域泄洪的,县级以上地方人民政府水行政主管部门应当在泄洪方案确定后,及时将泄洪量和泄洪时间通知本级人民政府主管管道保护工作的部门和管道企业或者向社会公告。主管管道保护工作的部门和管道企业应当对管道采取防洪保护措施。
تۇرۇبا ئارقىلىق ئۆتىدىغان رايوندا كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش لايىھەسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش مىقدارى ۋە كەلكۈن سۈيىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ۋە تۇرۇبا كارخانىسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلار ۋە تۇرۇبا كارخانىلىرى تۇرۇبا يولىغا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
第四十九条 管道与航道相遇,确需在航道中修建管道防护设施的,应当进行通航标准技术论证,并经航道主管部门批准。管道防护设施完工后,应经航道主管部门验收。
49-ماددا تۇرۇبا يولى بىلەن سۇ يولى ئۇچرىشىپ قالغاندا، ھەقىقەتەن سۇ يولىدا تۇرۇبا مۇداپىئە ئەسلىھەسى ياساشقا توغرا كەلسە، قاتناش ئۆلچىمىنى تېخنىكىلىق دەلىللەش ھەمدە سۇ يولى مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. تۇرۇبا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ يولى مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
进行前款规定的施工作业,应当在批准的施工区域内设置航标,航标的设置和维护费用由管道企业承担。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىشتا، تەستىقلانغان قۇرۇلۇش قىلىش رايونىغا يول بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك، يول بەلگىسىنى ئورنىتىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى تۇرۇبا كارخانىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第五十条 管道企业有下列行为之一的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门责令限期改正;逾期不改正的,处二万元以上十万元以下的罚款;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予处分:
50-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)未依照本法规定对管道进行巡护、检测和维修的;
( 1 ) تۇرۇبا يولىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاسرىمىغان، تەكشۈرمىگەن ۋە رېمونت قىلمىغانلار؛
(二)对不符合安全使用条件的管道未及时更新、改造或者停止使用的;
( 2 ) بىخەتەر ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۇرۇبا يوللىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلىمىغان، ئۆزگەرتمىگەن ياكى ئىشلىتىشنى توختاتمىغانلار؛
(三)未依照本法规定设置、修复或者更新有关管道标志的;
( 3 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك تۇرۇبا بەلگىسىنى ئورناتمىغان، ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن ياكى يېڭىلىمىغانلار؛
(四)未依照本法规定将管道竣工测量图报人民政府主管管道保护工作的部门备案的;
( 4 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشىنى ئۆلچەش خەرىتىسىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛
(五)未制定本企业管道事故应急预案,或者未将本企业管道事故应急预案报人民政府主管管道保护工作的部门备案的;
( 5 ) شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا يولى ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزمىگەن ياكى شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا يوللىرى ھادىسىسىگە جىددىي كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللىمىغانلار؛
(六)发生管道事故,未采取有效措施消除或者减轻事故危害的;
( 6 ) تۇرۇبا يولى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ زىياننى تۈگەتمىگەن ياكى يېنىكلەتمىگەنلەر؛
(七)未对停止运行、封存、报废的管道采取必要的安全防护措施的。
( 7 ) يۈرۈشۈشتىن توختىغان، پېچەتلەنگەن، كاردىن چىققان تۇرۇبىغا زۆرۈر بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللانمىغانلار.
管道企业违反本法规定的行为同时违反建设工程质量管理、安全生产、消防等其他法律的,依照其他法律的规定处罚。
تۇرۇبا يولى كارخانىلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق باشقا قانۇنلارغا بىرلا ۋاقىتتا خىلاپ بولسا، باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
管道企业给他人合法权益造成损害的,依法承担民事责任。
تۇرۇبا كارخانىلىرى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十一条 采用移动、切割、打孔、砸撬、拆卸等手段损坏管道或者盗窃、哄抢管道输送、泄漏、排放的石油、天然气,尚不构成犯罪的,依法给予治安管理处罚。
51-ماددا يۆتكەش، كېسىش، تۆشۈك تېشىش، قومۇرۇش، چۇۋۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇبا يولىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى تۇرۇبا يولىدىن يەتكۈزۈلگەن، ئېقىپ كەتكەن، قويۇپ بېرىلگەن نېفىت-تەبىئىي گازنى ئوغرىلىغان، تالىغان بولسا، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
第五十二条 违反本法第二十九条、第三十条、第三十二条或者第三十三条第一款的规定,实施危害管道安全行为的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门责令停止违法行为;情节较重的,对单位处一万元以上十万元以下的罚款,对个人处二百元以上二千元以下的罚款;对违法修建的建筑物、构筑物或者其他设施限期拆除;逾期未拆除的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门组织拆除,所需费用由违法行为人承担。
52-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 29-، 30-، 32-ماددىسى ياكى 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىش؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى چۇۋۇشقا تەشكىللەيدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十三条 未经依法批准,进行本法第三十三条第二款或者第三十五条规定的施工作业的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门责令停止违法行为;情节较重的,处一万元以上五万元以下的罚款;对违法修建的危害管道安全的建筑物、构筑物或者其他设施限期拆除;逾期未拆除的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门组织拆除,所需费用由违法行为人承担。
53-ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ياكى 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىش؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى چۇۋۇشقا تەشكىللەيدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十四条 违反本法规定,有下列行为之一的,由县级以上地方人民政府主管管道保护工作的部门责令改正;情节严重的,处二百元以上一千元以下的罚款:
54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا يوللىرىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
(一)擅自开启、关闭管道阀门的;
( 1 ) تۇرۇبا كىلاپانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان، ئېتىۋەتكەنلەر؛
(二)移动、毁损、涂改管道标志的;
( 2 ) تۇرۇبا بەلگىسىنى يۆتكىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن، سۈركەپ ئۆزگەرتكەنلەر؛
(三)在埋地管道上方巡查便道上行驶重型车辆的;
( 3 ) كۆمۈلگەن تۇرۇبا يولىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى يان يولدا ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى چارلاۋاتقانلار؛
(四)在地面管道线路、架空管道线路和管桥上行走或者放置重物的;
( 4 ) يەر يۈزىدىكى تۇرۇبا سىمى، تارتىلغان تۇرۇبا سىمى ۋە تۇرۇبا كۆۋرۈكىدە مېڭىش ياكى ئېغىر نەرسە قويۇش؛
(五)阻碍依法进行的管道建设的。
( 5 ) قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.
第五十五条 违反本法规定,实施危害管道安全的行为,给管道企业造成损害的,依法承担民事责任。
55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر قىلىپ، تۇرۇبا كارخانىلىرىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第五十六条 县级以上地方人民政府及其主管管道保护工作的部门或者其他有关部门,违反本法规定,对应当组织排除的管道外部安全隐患不及时组织排除,发现危害管道安全的行为或者接到对危害管道安全行为的举报后不依法予以查处,或者有其他不依照本法规定履行职责的行为的,由其上级机关责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
56-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈگىتىشكە تەشكىللىنىدىغان تۇرۇبا يولىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشكە تەشكىللىمەي، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى بايقىغان ياكى تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى توغرىسىدىكى پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ، ياكى مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第五十七条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第五十八条 本法所称管道附属设施包括:
58-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(一)管道的加压站、加热站、计量站、集油站、集气站、输油站、输气站、配气站、处理场、清管站、阀室、阀井、放空设施、油库、储气库、装卸栈桥、装卸场;
( 1 ) تۇرۇبا يولىدىكى بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتى، قىزىتىش پونكىتى، ئۆلچەش پونكىتى، نېفىت يىغىش پونكىتى، گاز يىغىش پونكىتى، نېفىت يەتكۈزۈش پونكىتى، گاز يەتكۈزۈش پونكىتى، تەبىئىي گاز تەقسىملەش پونكىتى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى، تۇرۇبا تازىلاش پونكىتى، كىلاپان قۇدۇقى، ھاۋا بوشىتىش ئەسلىھەلىرى، نېفىت ئامبىرى، تەبىئىي گاز ئامبىرى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئاسما كۆۋرۈكى، قاچىلاش-چۈشۈش مەيدانى؛
(二)管道的水工防护设施、防风设施、防雷设施、抗震设施、通信设施、安全监控设施、电力设施、管堤、管桥以及管道专用涵洞、隧道等穿跨越设施;
( 2 ) تۇرۇبىدىكى سۇ تىزگىنلەش، مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەلىرى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى، مىنادىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى، تۇرۇبا توسمىسى، تۇرۇبا كۆۋرۈكى ۋە تۇرۇبا مەخسۇس سۈڭگۈچى، تونېل قاتارلىق ھالقىش ئەسلىھەلىرى؛
(三)管道的阴极保护站、阴极保护测试桩、阳极地床、杂散电流排流站等防腐设施;
( 3 ) تۇرۇبىنىڭ كاتودلۇق قوغداش پونكىتى، كاتودلۇق قوغداشنى سىناش قوزۇقى، ئانودلۇق يەر ياتمىسى، ئارىلاشما توك چىقىرىش پونكىتى قاتارلىق چىرىشتىن ساقلاش ئەسلىھەلىرى؛
(四)管道穿越铁路、公路的检漏装置;
( 4 ) تۇرۇبا يولى تۆمۈريول، تاشيولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان تۆشۈك تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى؛
(五)管道的其他附属设施。
( 5 ) تۇرۇبىنىڭ باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى.
第五十九条 本法施行前在管道保护距离内已建成的人口密集场所和易燃易爆物品的生产、经营、存储场所,应当由所在地人民政府根据当地的实际情况,有计划、分步骤地进行搬迁、清理或者采取必要的防护措施。需要已建成的管道改建、搬迁或者采取必要的防护措施的,应当与管道企业协商确定补偿方案。
59-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، تۇرۇبا قوغداش ئارىلىقى ئىچىدە قۇرۇلغان ئاھالە زىچ توپلىشىدىغان سورۇن ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش سورۇنىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق كۆچۈرۈشى، تازىلىشى ياكى زۆرۈر مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. پۈتكەن تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كۆچۈرۈش ياكى زۆرۈر مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، تۇرۇبا كارخانىلىرى بىلەن تۆلەم لايىھەسىنى كېڭىشىپ بېكىتىش كېرەك.
第六十条 国务院可以根据海上石油、天然气管道的具体情况,制定海上石油、天然气管道保护的特别规定。
60-ماددا گوۋۇيۈەن دېڭىزدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، دېڭىزدىكى نېفىت-تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
第六十一条 本法自2010年10月1日起施行。
61-ماددا بۇ قانۇن 2010-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.