中华人民共和国社会保险法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى

(2010年10月28日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十七次会议通过)

( 2010-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 基本养老保险

2-باب ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

第三章 基本医疗保险

3-باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

第四章 工伤保险

4-باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

第五章 失业保险

5-باب ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

第六章 生育保险

6-باب تۇغۇت سۇغۇرتىسى

第七章 社会保险费征缴

7-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش

第八章 社会保险基金

8-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى

第九章 社会保险经办

9-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش

第十章 社会保险监督

10-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى

第十一章 法律责任

11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第十二章 附则

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范社会保险关系,维护公民参加社会保险和享受社会保险待遇的合法权益,使公民共享发展成果,促进社会和谐稳定,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 国家建立基本养老保险、基本医疗保险、工伤保险、失业保险、生育保险等社会保险制度,保障公民在年老、疾病、工伤、失业、生育等情况下依法从国家和社会获得物质帮助的权利。

2-ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، پۇقرالارنىڭ ياشانغاندا، كېسەل بولغاندا، ئىشتا يارىلانغاندا، ئىشسىز قالغاندا، پەرزەنت كۆرگەندە قانۇن بويىچە دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第三条 社会保险制度坚持广覆盖、保基本、多层次、可持续的方针,社会保险水平应当与经济社会发展水平相适应。

3-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى كەڭ قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

第四条 中华人民共和国境内的用人单位和个人依法缴纳社会保险费,有权查询缴费记录、个人权益记录,要求社会保险经办机构提供社会保险咨询等相关服务。

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاندا، ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

个人依法享受社会保险待遇,有权监督本单位为其缴费情况。

شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولسا، شۇ ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五条 县级以上人民政府将社会保险事业纳入国民经济和社会发展规划。

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

国家多渠道筹集社会保险资金。县级以上人民政府对社会保险事业给予必要的经费支持。

دۆلەت كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەبلىغى توپلىدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا زۆرۈر خىراجەت مەدىتى بېرىدۇ.

国家通过税收优惠政策支持社会保险事业。

دۆلەت باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

第六条 国家对社会保险基金实行严格监管。

6-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

国务院和省、自治区、直辖市人民政府建立健全社会保险基金监督管理制度,保障社会保险基金安全、有效运行。

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

县级以上人民政府采取措施,鼓励和支持社会各方面参与社会保险基金的监督。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第七条 国务院社会保险行政部门负责全国的社会保险管理工作,国务院其他有关部门在各自的职责范围内负责有关的社会保险工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方人民政府社会保险行政部门负责本行政区域的社会保险管理工作,县级以上地方人民政府其他有关部门在各自的职责范围内负责有关的社会保险工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第八条 社会保险经办机构提供社会保险服务,负责社会保险登记、个人权益记录、社会保险待遇支付等工作。

8-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش، شەخسلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى خاتىرىلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

第九条 工会依法维护职工的合法权益,有权参与社会保险重大事项的研究,参加社会保险监督委员会,对与职工社会保险权益有关的事项进行监督。

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىشقا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا قاتنىشىشقا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第二章 基本养老保险

2-باب ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

第十条 职工应当参加基本养老保险,由用人单位和职工共同缴纳基本养老保险费。

10-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

无雇工的个体工商户、未在用人单位参加基本养老保险的非全日制从业人员以及其他灵活就业人员可以参加基本养老保险,由个人缴纳基本养老保险费。

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى شەخسلەر تاپشۇرىدۇ.

公务员和参照公务员法管理的工作人员养老保险的办法由国务院规定。

مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇلىدىغان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第十一条 基本养老保险实行社会统筹与个人账户相结合。

11-ماددا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىدا جەمئىيەت بىرتۇتاش پىلانلاش بىلەن شەخسىي ئىسچوتنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

基本养老保险基金由用人单位和个人缴费以及政府补贴等组成。

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ۋە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

第十二条 用人单位应当按照国家规定的本单位职工工资总额的比例缴纳基本养老保险费,记入基本养老保险统筹基金。

12-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىغا خاتىرىلىشى كېرەك.

职工应当按照国家规定的本人工资的比例缴纳基本养老保险费,记入个人账户。

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش نىسبىتى بويىچە تاپشۇرۇپ، شەخسىي ئىسچوتقا خاتىرىلىشى كېرەك.

无雇工的个体工商户、未在用人单位参加基本养老保险的非全日制从业人员以及其他灵活就业人员参加基本养老保险的,应当按照国家规定缴纳基本养老保险费,分别记入基本养老保险统筹基金和个人账户。

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرتۇتاش غەملەنگەن فوندى ۋە شەخسىي ھېساباتىغا ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلىشى كېرەك.

第十三条 国有企业、事业单位职工参加基本养老保险前,视同缴费年限期间应当缴纳的基本养老保险费由政府承担。

13-ماددا دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى مەزگىلىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

基本养老保险基金出现支付不足时,政府给予补贴。

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش يېتەرلىك بولمىغاندا، ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

第十四条 个人账户不得提前支取,记账利率不得低于银行定期存款利率,免征利息税。个人死亡的,个人账户余额可以继承。

14-ماددا شەخسىي ھېساباتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا بولمايدۇ، ھېساباتتىكى ئۆسۈم نىسبىتى بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، ئۆسۈم بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شەخس ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، شەخسىي ھېساباتتىكى قالدۇق سوممىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

第十五条 基本养老金由统筹养老金和个人账户养老金组成。

15-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بىرتۇتاش غەملەنگەن كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېساباتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

基本养老金根据个人累计缴费年限、缴费工资、当地职工平均工资、个人账户金额、城镇人口平均预期寿命等因素确定。

ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى شەخسلەرنىڭ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى، ھەق تاپشۇرغان مائاشى، شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى، شەخسىي ئىسچوتتىكى سومما، شەھەر-بازار نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

第十六条 参加基本养老保险的个人,达到法定退休年龄时累计缴费满十五年的,按月领取基本养老金。

16-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن شەخسلەرنىڭ جەمئىي تاپشۇرغان پۇلى 15 يىلغا توشقان بولسا، ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ.

参加基本养老保险的个人,达到法定退休年龄时累计缴费不足十五年的,可以缴费至满十五年,按月领取基本养老金;也可以转入新型农村社会养老保险或者城镇居民社会养老保险,按照国务院规定享受相应的养老保险待遇。

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن شەخسلەردىن جەمئىي تاپشۇرغان پۇلى 15 يىلغا يەتمىسە، 15 يىلغىچە تاپشۇرۇپ، ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ؛ يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەشكىمۇ بولىدۇ، ئۇلار گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第十七条 参加基本养老保险的个人,因病或者非因工死亡的,其遗属可以领取丧葬补助金和抚恤金;在未达到法定退休年龄时因病或者非因工致残完全丧失劳动能力的,可以领取病残津贴。所需资金从基本养老保险基金中支付。

17-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى ئالسا بولىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلار كېسەل مېيىپلىكى قوشۇمچە پۇلى ئالسا بولىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

第十八条 国家建立基本养老金正常调整机制。根据职工平均工资增长、物价上涨情况,适时提高基本养老保险待遇水平。

18-ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈشى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سەۋىيەسى دەل ۋاقتىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

第十九条 个人跨统筹地区就业的,其基本养老保险关系随本人转移,缴费年限累计计算。个人达到法定退休年龄时,基本养老金分段计算、统一支付。具体办法由国务院规定。

19-ماددا شەخسلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ. شەخسلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى باسقۇچقا بۆلۈپ ھېسابلىنىدۇ، بىرتۇتاش تۆلىنىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十条 国家建立和完善新型农村社会养老保险制度。

20-ماددا دۆلەت يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

新型农村社会养老保险实行个人缴费、集体补助和政府补贴相结合。

يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

第二十一条 新型农村社会养老保险待遇由基础养老金和个人账户养老金组成。

21-ماددا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېساباتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

参加新型农村社会养老保险的农村居民,符合国家规定条件的,按月领取新型农村社会养老保险待遇。

يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېزا ئاھالىلىرىدىن دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشىدىغانلىرى ھەر ئايدا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالىدۇ.

第二十二条 国家建立和完善城镇居民社会养老保险制度。

22-ماددا دۆلەت شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府根据实际情况,可以将城镇居民社会养老保险和新型农村社会养老保险合并实施。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويسا بولىدۇ.

第三章 基本医疗保险

3-باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

第二十三条 职工应当参加职工基本医疗保险,由用人单位和职工按照国家规定共同缴纳基本医疗保险费。

23-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

无雇工的个体工商户、未在用人单位参加职工基本医疗保险的非全日制从业人员以及其他灵活就业人员可以参加职工基本医疗保险,由个人按照国家规定缴纳基本医疗保险费。

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ، شەخسلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.

第二十四条 国家建立和完善新型农村合作医疗制度。

24-ماددا دۆلەت يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

新型农村合作医疗的管理办法,由国务院规定。

يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十五条 国家建立和完善城镇居民基本医疗保险制度。

25-ماددا دۆلەت شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

城镇居民基本医疗保险实行个人缴费和政府补贴相结合。

شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

享受最低生活保障的人、丧失劳动能力的残疾人、低收入家庭六十周岁以上的老年人和未成年人等所需个人缴费部分,由政府给予补贴。

ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتارلىقلار تاپشۇرىدىغان شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ.

第二十六条 职工基本医疗保险、新型农村合作医疗和城镇居民基本医疗保险的待遇标准按照国家规定执行。

26-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تەمىنات ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第二十七条 参加职工基本医疗保险的个人,达到法定退休年龄时累计缴费达到国家规定年限的,退休后不再缴纳基本医疗保险费,按照国家规定享受基本医疗保险待遇;未达到国家规定年限的,可以缴费至国家规定年限。

27-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە جەمئىي تاپشۇرغان ھەققى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە يەتكەن شەخسلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرمايدۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇددەت چېكىگە يەتمىگەن بولسا، ھەقنى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە تاپشۇرسا بولىدۇ.

第二十八条 符合基本医疗保险药品目录、诊疗项目、医疗服务设施标准以及急诊、抢救的医疗费用,按照国家规定从基本医疗保险基金中支付。

28-ماددا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دورا مۇندەرىجىسى، داۋالاش تۈرى، داۋالاش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۆلچىمى، شۇنىڭدەك جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىراجىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

第二十九条 参保人员医疗费用中应当由基本医疗保险基金支付的部分,由社会保险经办机构与医疗机构、药品经营单位直接结算。

29-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان قىسمىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ.

社会保险行政部门和卫生行政部门应当建立异地就医医疗费用结算制度,方便参保人员享受基本医疗保险待遇。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

第三十条 下列医疗费用不纳入基本医疗保险基金支付范围:

30-ماددا تۆۋەندىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ :

(一)应当从工伤保险基金中支付的;

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش كېرەك؛

(二)应当由第三人负担的;

( 2 ) 3-كىشى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا؛

(三)应当由公共卫生负担的;

( 3 ) ئاممىۋى سەھىيە ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا؛

(四)在境外就医的。

( 4 ) چېگرا سىرتىدا داۋالانغانلار.

医疗费用依法应当由第三人负担,第三人不支付或者无法确定第三人的,由基本医疗保险基金先行支付。基本医疗保险基金先行支付后,有权向第三人追偿。

داۋالىنىش خىراجىتىنى قانۇن بويىچە 3-كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ، 3-كىشى تۆلىمىسە ياكى 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئالدىن تۆلەيدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاۋۋال چىقىم قىلغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三十一条 社会保险经办机构根据管理服务的需要,可以与医疗机构、药品经营单位签订服务协议,规范医疗服务行为。

31-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورنى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرسا بولىدۇ.

医疗机构应当为参保人员提供合理、必要的医疗服务。

داۋالاش ئاپپاراتى سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا مۇۋاپىق، زۆرۈر داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十二条 个人跨统筹地区就业的,其基本医疗保险关系随本人转移,缴费年限累计计算。

32-ماددا شەخسلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

第四章 工伤保险

4-باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

第三十三条 职工应当参加工伤保险,由用人单位缴纳工伤保险费,职工不缴纳工伤保险费。

33-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

第三十四条 国家根据不同行业的工伤风险程度确定行业的差别费率,并根据使用工伤保险基金、工伤发生率等情况在每个行业内确定费率档次。行业差别费率和行业内费率档次由国务院社会保险行政部门制定,报国务院批准后公布施行。

34-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان ساھەنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ-خەتىرى دەرىجىسىگە قاراپ ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ھەربىر ساھە ئىچىدە ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ. ساھەلەر ھەق نىسبىتى پەرقى ۋە ساھە ئىچىدىكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

社会保险经办机构根据用人单位使用工伤保险基金、工伤发生率和所属行业费率档次等情况,确定用人单位缴费费率。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ساھەلەرنىڭ ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى بېكىتىدۇ.

第三十五条 用人单位应当按照本单位职工工资总额,根据社会保险经办机构确定的费率缴纳工伤保险费。

35-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ھەق نىسبىتى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

第三十六条 职工因工作原因受到事故伤害或者患职业病,且经工伤认定的,享受工伤保险待遇;其中,经劳动能力鉴定丧失劳动能力的,享受伤残待遇。

36-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسە سەۋەبىدىن زەخىملەنگەنلىرى ياكى كەسپىي كېسەل بولغانلىرى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمگەك ئىقتىدارى باھالىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلار مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

工伤认定和劳动能力鉴定应当简捷、方便。

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىخچام، قولاي بولۇشى كېرەك.

第三十七条 职工因下列情形之一导致本人在工作中伤亡的,不认定为工伤:

37-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خىزمەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرى ئىشتا يارىلاندى، دەپ بېكىتىلمەيدۇ :

(一)故意犯罪;

( 1 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش؛

(二)醉酒或者吸毒;

( 2 ) مەست بولۇپ قېلىش ياكى زەھەر چېكىش؛

(三)自残或者自杀;

( 3 ) ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش ياكى ئۆلۈۋېلىش؛

(四)法律、行政法规规定的其他情形。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第三十八条 因工伤发生的下列费用,按照国家规定从工伤保险基金中支付:

38-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن تۆۋەندىكى خىراجەتلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ :

(一)治疗工伤的医疗费用和康复费用;

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىشنى داۋالاش خىراجىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛

(二)住院伙食补助费;

( 2 ) بالنىتسىدا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى؛

(三)到统筹地区以外就医的交通食宿费;

( 3 ) بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون سىرتىغا بېرىپ داۋالىنىشتىكى قاتناش، ياتاق-تاماق خىراجىتى؛

(四)安装配置伤残辅助器具所需费用;

( 4 ) مېيىپ قوشۇمچە سايمانلارنى ئورنىتىش، سەپلەشكە كېتىدىغان خىراجەت؛

(五)生活不能自理的,经劳动能力鉴定委员会确认的生活护理费;

( 5 ) تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى بېكىتكەن تۇرمۇش قاراش ھەققى؛

(六)一次性伤残补助金和一至四级伤残职工按月领取的伤残津贴;

( 6 ) بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى ۋە 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئايدا ئالىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛

(七)终止或者解除劳动合同时,应当享受的一次性医疗补助金;

( 7 ) ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكار قىلغاندا، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛

(八)因工死亡的,其遗属领取的丧葬补助金、供养亲属抚恤金和因工死亡补助金;

( 8 ) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئالغان دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ۋە ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياردەم پۇلى؛

(九)劳动能力鉴定费。

( 9 ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى.

第三十九条 因工伤发生的下列费用,按照国家规定由用人单位支付:

39-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەندىكى خىراجەتنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ :

(一)治疗工伤期间的工资福利;

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىش مەزگىلىدىكى مائاش-پاراۋانلىق؛

(二)五级、六级伤残职工按月领取的伤残津贴;

( 2 ) 5-، 6-دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئايدا ئالىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛

(三)终止或者解除劳动合同时,应当享受的一次性伤残就业补助金。

( 3 ) ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكار قىلغاندا، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك.

第四十条 工伤职工符合领取基本养老金条件的,停发伤残津贴,享受基本养老保险待遇。基本养老保险待遇低于伤残津贴的,从工伤保险基金中补足差额。

40-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن تولۇقلاش كېرەك.

第四十一条 职工所在用人单位未依法缴纳工伤保险费,发生工伤事故的,由用人单位支付工伤保险待遇。用人单位不支付的,从工伤保险基金中先行支付。

41-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرماي، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىم قىلمىسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالدىن چىقىم قىلىدۇ.

从工伤保险基金中先行支付的工伤保险待遇应当由用人单位偿还。用人单位不偿还的,社会保险经办机构可以依照本法第六十三条的规定追偿。

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالدىن چىقىم قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتۇرۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلىمىسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇشۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第四十二条 由于第三人的原因造成工伤,第三人不支付工伤医疗费用或者无法确定第三人的,由工伤保险基金先行支付。工伤保险基金先行支付后,有权向第三人追偿。

42-ماددا 3-كىشى سەۋەبىدىن ئىشتا يارىلىنىپ، 3-كىشى ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىمىسە ياكى 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئالدىن تۆلىنىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاۋۋال بەرگەندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四十三条 工伤职工有下列情形之一的,停止享受工伤保险待遇:

43-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى توختىتىدۇ :

(一)丧失享受待遇条件的;

( 1 ) تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىنى يوقاتقانلار؛

(二)拒不接受劳动能力鉴定的;

( 2 ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى رەت قىلغانلار؛

(三)拒绝治疗的。

( 3 ) داۋالىنىشنى رەت قىلغانلار.

第五章 失业保险

5-باب ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

第四十四条 职工应当参加失业保险,由用人单位和职工按照国家规定共同缴纳失业保险费。

44-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

第四十五条 失业人员符合下列条件的,从失业保险基金中领取失业保险金:

45-ماددا ئىشسىزلاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدۇ :

(一)失业前用人单位和本人已经缴纳失业保险费满一年的;

( 1 ) ئىشسىز قېلىشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئۆزى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغىنىغا بىر يىل توشقان بولسا؛

(二)非因本人意愿中断就业的;

( 2 ) ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار؛

(三)已经进行失业登记,并有求职要求的。

( 3 ) ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەمدە خىزمەت ئىزدەش تەلىپى بارلار.

第四十六条 失业人员失业前用人单位和本人累计缴费满一年不足五年的,领取失业保险金的期限最长为十二个月;累计缴费满五年不足十年的,领取失业保险金的期限最长为十八个月;累计缴费十年以上的,领取失业保险金的期限最长为二十四个月。重新就业后,再次失业的,缴费时间重新计算,领取失业保险金的期限与前次失业应当领取而尚未领取的失业保险金的期限合并计算,最长不超过二十四个月。

46-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىز قېلىشتىن ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ كىشى جەمئىي تاپشۇرغان ھەق بىر يىل توشقان، بەش يىلغا يەتمىگەن بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي تاپشۇرغان ھەق بەش يىلغا توشسا، ئون يىلغا يەتمىسە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 18 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي 10 يىلدىن ئارتۇق ھەق تاپشۇرسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئاي بولىدۇ. قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئىشسىز قالسا، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئالدىنقى قېتىم ئىشسىز قالغاندا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان، لېكىن تېخى ئالمىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ مۇددىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

第四十七条 失业保险金的标准,由省、自治区、直辖市人民政府确定,不得低于城市居民最低生活保障标准。

47-ماددا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

第四十八条 失业人员在领取失业保险金期间,参加职工基本医疗保险,享受基本医疗保险待遇。

48-ماددا ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالغان مەزگىلدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

失业人员应当缴纳的基本医疗保险费从失业保险基金中支付,个人不缴纳基本医疗保险费。

ئىشسىزلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلىنىدۇ، شەخسلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

第四十九条 失业人员在领取失业保险金期间死亡的,参照当地对在职职工死亡的规定,向其遗属发给一次性丧葬补助金和抚恤金。所需资金从失业保险基金中支付。

49-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىرى شۇ جاينىڭ ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە دائىر بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بىر قېتىملىق دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى بېرىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

个人死亡同时符合领取基本养老保险丧葬补助金、工伤保险丧葬补助金和失业保险丧葬补助金条件的,其遗属只能选择领取其中的一项。

شەخسلەر ئۆلۈپ كەتكەندە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، دەپنە ياردەم پۇلى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، دەپنە تولۇقلىما پۇلى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، دەپنە قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى پەقەت شۇلارنىڭ بىرىنىلا ئالسا بولىدۇ.

第五十条 用人单位应当及时为失业人员出具终止或者解除劳动关系的证明,并将失业人员的名单自终止或者解除劳动关系之日起十五日内告知社会保险经办机构。

50-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشسىزلارغا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە ئىشسىزلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياكى بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

失业人员应当持本单位为其出具的终止或者解除劳动关系的证明,及时到指定的公共就业服务机构办理失业登记。

ئىشسىزلار شۇ ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشى كېرەك.

失业人员凭失业登记证明和个人身份证明,到社会保险经办机构办理领取失业保险金的手续。失业保险金领取期限自办理失业登记之日起计算。

ئىشسىزلار ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ئىسپاتى ۋە شەخسىي سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئېلىش مۇددىتى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第五十一条 失业人员在领取失业保险金期间有下列情形之一的,停止领取失业保险金,并同时停止享受其他失业保险待遇:

51-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى توختىتىدۇ ھەمدە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىمۇ توختىتىدۇ :

(一)重新就业的;

( 1 ) قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار؛

(二)应征服兵役的;

( 2 ) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلار؛

(三)移居境外的;

( 3 ) چېگرا سىرتىغا كۆچۈپ چىققانلار؛

(四)享受基本养老保险待遇的;

( 4 ) ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار؛

(五)无正当理由,拒不接受当地人民政府指定部门或者机构介绍的适当工作或者提供的培训的。

( 5 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەتنى ياكى تەربىيەلەشنى رەت قىلغانلار.

第五十二条 职工跨统筹地区就业的,其失业保险关系随本人转移,缴费年限累计计算。

52-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

第六章 生育保险

6-باب تۇغۇت سۇغۇرتىسى

第五十三条 职工应当参加生育保险,由用人单位按照国家规定缴纳生育保险费,职工不缴纳生育保险费。

53-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنت سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

第五十四条 用人单位已经缴纳生育保险费的,其职工享受生育保险待遇;职工未就业配偶按照国家规定享受生育医疗费用待遇。所需资金从生育保险基金中支付。

54-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان جورىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت، داۋالىنىش خىراجىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغ تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

生育保险待遇包括生育医疗费用和生育津贴。

تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第五十五条 生育医疗费用包括下列各项:

55-ماددا تۇغۇت، داۋالىنىش خىراجىتى تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)生育的医疗费用;

( 1 ) تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛

(二)计划生育的医疗费用;

( 2 ) پىلانلىق تۇغۇتنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى؛

(三)法律、法规规定的其他项目费用。

( 3 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تۈر خىراجىتى.

第五十六条 职工有下列情形之一的,可以按照国家规定享受生育津贴:

56-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ :

(一)女职工生育享受产假;

( 1 ) ئايال ئىشچى-خىزمەتچى پەرزەنت كۆرۈش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

(二)享受计划生育手术休假;

( 2 ) پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

(三)法律、法规规定的其他情形。

( 3 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

生育津贴按照职工所在用人单位上年度职工月平均工资计发。

تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

第七章 社会保险费征缴

7-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش

第五十七条 用人单位应当自成立之日起三十日内凭营业执照、登记证书或者单位印章,向当地社会保险经办机构申请办理社会保险登记。社会保险经办机构应当自收到申请之日起十五日内予以审核,发给社会保险登记证件。

57-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تىجارەت كىنىشكىسى، تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ياكى ئورۇننىڭ تامغىسىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىشى كېرەك.

用人单位的社会保险登记事项发生变更或者用人单位依法终止的,应当自变更或者终止之日起三十日内,到社会保险经办机构办理变更或者注销社会保险登记。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىدىغان ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئاخىرلاشسا، ئۆزگەرتىلگەن ياكى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

工商行政管理部门、民政部门和机构编制管理机关应当及时向社会保险经办机构通报用人单位的成立、终止情况,公安机关应当及时向社会保险经办机构通报个人的出生、死亡以及户口登记、迁移、注销等情况。

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرغۇچى ئورگان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئورگانغا شەخسنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈپ كېتىش، شۇنىڭدەك نوپۇس تىزىملاش، يۆتكەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第五十八条 用人单位应当自用工之日起三十日内为其职工向社会保险经办机构申请办理社会保险登记。未办理社会保险登记的,由社会保险经办机构核定其应当缴纳的社会保险费。

58-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

自愿参加社会保险的无雇工的个体工商户、未在用人单位参加社会保险的非全日制从业人员以及其他灵活就业人员,应当向社会保险经办机构申请办理社会保险登记。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان ياللانمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

国家建立全国统一的个人社会保障号码。个人社会保障号码为公民身份号码。

دۆلەت مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەخسىي ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىنى تەسىس قىلىدۇ. شەخسنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى بولىدۇ.

第五十九条 县级以上人民政府加强社会保险费的征收工作。

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

社会保险费实行统一征收,实施步骤和具体办法由国务院规定。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بىرتۇتاش ئېلىنىدۇ، يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第六十条 用人单位应当自行申报、按时足额缴纳社会保险费,非因不可抗力等法定事由不得缓缴、减免。职工应当缴纳的社会保险费由用人单位代扣代缴,用人单位应当按月将缴纳社会保险费的明细情况告知本人。

60-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى ئىلتىماس قىلىشى، ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەر بولمىسا كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئايمۇئاي ئۆزىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

无雇工的个体工商户、未在用人单位参加社会保险的非全日制从业人员以及其他灵活就业人员,可以直接向社会保险费征收机构缴纳社会保险费。

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بىۋاسىتە تاپشۇرسا بولىدۇ.

第六十一条 社会保险费征收机构应当依法按时足额征收社会保险费,并将缴费情况定期告知用人单位和个人。

61-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشى ھەمدە ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەرەللىك ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第六十二条 用人单位未按规定申报应当缴纳的社会保险费数额的,按照该单位上月缴费额的百分之一百一十确定应当缴纳数额;缴费单位补办申报手续后,由社会保险费征收机构按照规定结算。

62-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىسا، شۇ ئورۇن ئالدىنقى ئايدا تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ % 110 ى بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا سوممىسىنى بېكىتىدۇ؛ ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇن ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلىمە بويىچە راسچوت قىلىدۇ.

第六十三条 用人单位未按时足额缴纳社会保险费的,由社会保险费征收机构责令其限期缴纳或者补足。

63-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئالغۇچى ئاپپارات ئۇنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ.

用人单位逾期仍未缴纳或者补足社会保险费的,社会保险费征收机构可以向银行和其他金融机构查询其存款账户;并可以申请县级以上有关行政部门作出划拨社会保险费的决定,书面通知其开户银行或者其他金融机构划拨社会保险费。用人单位账户余额少于应当缴纳的社会保险费的,社会保险费征收机构可以要求该用人单位提供担保,签订延期缴费协议。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىسا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئۇنىڭ ئامانەت پۇل ھېساباتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بېرىش قارارى چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە ھېسابات ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بېرىشنى يازما ئۇقتۇرسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھېساباتىدىكى قالدۇق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن ئاز بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىسا بولىدۇ.

用人单位未足额缴纳社会保险费且未提供担保的,社会保险费征收机构可以申请人民法院扣押、查封、拍卖其价值相当于应当缴纳社会保险费的财产,以拍卖所得抵缴社会保险费。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ھەمدە كېپىللىك بەرمىگەن بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش، پېچەتلەش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشقا تەڭ كېلىدىغان مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە تۆلىسە بولىدۇ.

第八章 社会保险基金

8-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى

第六十四条 社会保险基金包括基本养老保险基金、基本医疗保险基金、工伤保险基金、失业保险基金和生育保险基金。各项社会保险基金按照社会保险险种分别建账,分账核算,执行国家统一的会计制度。

64-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھېسابات قىلىنىدۇ، ھېساباتقا ئايرىپ ھېسابات قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

社会保险基金专款专用,任何组织和个人不得侵占或者挪用。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ مەخسۇس پۇلىنى مەخسۇس جايىغا ئىشلىتىش كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

基本养老保险基金逐步实行全国统筹,其他社会保险基金逐步实行省级统筹,具体时间、步骤由国务院规定。

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ، باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەش پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى، قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第六十五条 社会保险基金通过预算实现收支平衡。

65-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت ئارقىلىق كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇردى.

县级以上人民政府在社会保险基金出现支付不足时,给予补贴。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىشتا يېتەرسىزلىك كۆرۈلگەندە تولۇقلىما بېرىدۇ.

第六十六条 社会保险基金按照统筹层次设立预算。社会保险基金预算按照社会保险项目分别编制。

66-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ خامچوتى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتلىمى بويىچە تەسىس قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم تۈزۈلىدۇ.

第六十七条 社会保险基金预算、决算草案的编制、审核和批准,依照法律和国务院规定执行。

67-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第六十八条 社会保险基金存入财政专户,具体管理办法由国务院规定。

68-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا قويۇلىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第六十九条 社会保险基金在保证安全的前提下,按照国务院规定投资运营实现保值增值。

69-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەبلەغ سېلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، قىممىتى ساقلىنىدۇ، قىممىتى ئاشىدۇ.

社会保险基金不得违规投资运营,不得用于平衡其他政府预算,不得用于兴建、改建办公场所和支付人员经费、运行费用、管理费用,或者违反法律、行政法规规定挪作其他用途。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈشكە، باشقا ھۆكۈمەت خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە، ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ۋە خادىملار خىراجىتى، يۈرۈشۈش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتىگە چىقىم قىلىشقا ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

第七十条 社会保险经办机构应当定期向社会公布参加社会保险情况以及社会保险基金的收入、支出、结余和收益情况。

70-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم، چىقىم، قالدۇق ۋە پايدا ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

第七十一条 国家设立全国社会保障基金,由中央财政预算拨款以及国务院批准的其他方式筹集的资金构成,用于社会保障支出的补充、调剂。全国社会保障基金由全国社会保障基金管理运营机构负责管理运营,在保证安全的前提下实现保值增值。

71-ماددا دۆلەت مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئۇ مەركەز مالىيەسىدىن خامچوت بويىچە ئاجرىتىلغان پۇل، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغدىن تەركىب تاپىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمىنى تولۇقلاش، تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى باشقۇرۇش تىجارەت ئاپپاراتى باشقۇرۇش-يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

全国社会保障基金应当定期向社会公布收支、管理和投资运营的情况。国务院财政部门、社会保险行政部门、审计机关对全国社会保障基金的收支、管理和投资运营情况实施监督。

مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيەتكە كىرىم-چىقىم، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

第九章 社会保险经办

9-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش

第七十二条 统筹地区设立社会保险经办机构。社会保险经办机构根据工作需要,经所在地的社会保险行政部门和机构编制管理机关批准,可以在本统筹地区设立分支机构和服务网点。

72-ماددا بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان رايونلاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوندا تارماق ئاپپارات ۋە مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرسا بولىدۇ.

社会保险经办机构的人员经费和经办社会保险发生的基本运行费用、管理费用,由同级财政按照国家规定予以保障。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ خادىملار خىراجىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشتە كېتىدىغان ئاساسىي ھەرىكەت خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第七十三条 社会保险经办机构应当建立健全业务、财务、安全和风险管理制度。

73-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات كەسىپ، مالىيە، بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

社会保险经办机构应当按时足额支付社会保险待遇。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.

第七十四条 社会保险经办机构通过业务经办、统计、调查获取社会保险工作所需的数据,有关单位和个人应当及时、如实提供。

74-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار كەسىپ بېجىرىش، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ۋاقتىدا، ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

社会保险经办机构应当及时为用人单位建立档案,完整、准确地记录参加社会保险的人员、缴费等社会保险数据,妥善保管登记、申报的原始凭证和支付结算的会计凭证。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار، ھەق تاپشۇرغانلار قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تولۇق، توغرا خاتىرىلىشى، تىزىملاش، ئىلتىماس قىلىش دەسلەپكى ئىسپاتى ۋە چىقىم راسچوت قىلىش بوغالتىرلىق ئىسپاتىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

社会保险经办机构应当及时、完整、准确地记录参加社会保险的个人缴费和用人单位为其缴费,以及享受社会保险待遇等个人权益记录,定期将个人权益记录单免费寄送本人。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزى ئۈچۈن تاپشۇرغان ھەقنى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى قاتارلىق شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق، توغرا خاتىرىلەپ، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتنى خاتىرىلەش تالونىنى قەرەللىك ھالدا ئۆزىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

用人单位和个人可以免费向社会保险经办机构查询、核对其缴费和享受社会保险待遇记录,要求社会保险经办机构提供社会保险咨询等相关服务。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش خاتىرىسىنى ھەقسىز كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七十五条 全国社会保险信息系统按照国家统一规划,由县级以上人民政府按照分级负责的原则共同建设。

75-ماددا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇر سىستېمىسىنى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئورتاق قۇرىدۇ.

第十章 社会保险监督

10-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى

第七十六条 各级人民代表大会常务委员会听取和审议本级人民政府对社会保险基金的收支、管理、投资运营以及监督检查情况的专项工作报告,组织对本法实施情况的执法检查等,依法行使监督职权。

76-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، ئۇنى باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا تەشكىللەيدۇ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

第七十七条 县级以上人民政府社会保险行政部门应当加强对用人单位和个人遵守社会保险法律、法规情况的监督检查。

77-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

社会保险行政部门实施监督检查时,被检查的用人单位和个人应当如实提供与社会保险有关的资料,不得拒绝检查或者谎报、瞒报。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى كېرەك، تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا ياكى يالغان مەلۇم قىلسا، يوشۇرسا بولمايدۇ.

第七十八条 财政部门、审计机关按照各自职责,对社会保险基金的收支、管理和投资运营情况实施监督。

78-ماددا مالىيە تارماقلىرى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-تىجارەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

第七十九条 社会保险行政部门对社会保险基金的收支、管理和投资运营情况进行监督检查,发现存在问题的,应当提出整改建议,依法作出处理决定或者向有关行政部门提出处理建议。社会保险基金检查结果应当定期向社会公布。

79-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە سېلىنمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماققا بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىش كېرەك.

社会保险行政部门对社会保险基金实施监督检查,有权采取下列措施:

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)查阅、记录、复制与社会保险基金收支、管理和投资运营相关的资料,对可能被转移、隐匿或者灭失的资料予以封存;

( 1 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، خاتىرىلەش، كۆپەيتىش، يۆتكەپ كېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ياكى يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

(二)询问与调查事项有关的单位和个人,要求其对与调查事项有关的问题作出说明、提供有关证明材料;

( 2 ) تەكشۈرۈش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخستىن سوئال سوراش، ئۇلاردىن تەكشۈرۈش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىش، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(三)对隐匿、转移、侵占、挪用社会保险基金的行为予以制止并责令改正。

( 3 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تىقىۋېلىش، يۆتكىۋېتىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش.

第八十条 统筹地区人民政府成立由用人单位代表、参保人员代表,以及工会代表、专家等组成的社会保险监督委员会,掌握、分析社会保险基金的收支、管理和投资运营情况,对社会保险工作提出咨询意见和建议,实施社会监督。

80-ماددا ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، تەھلىل قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى توغرىسىدا مەسلىھەت-پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىش، جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇش.

社会保险经办机构应当定期向社会保险监督委员会汇报社会保险基金的收支、管理和投资运营情况。社会保险监督委员会可以聘请会计师事务所对社会保险基金的收支、管理和投资运营情况进行年度审计和专项审计。审计结果应当向社会公开。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتى بوغالتىرلىق ئورنىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما-تىجارەت ئەھۋالىنى يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

社会保险监督委员会发现社会保险基金收支、管理和投资运营中存在问题的,有权提出改正建议;对社会保险经办机构及其工作人员的违法行为,有权向有关部门提出依法处理建议。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش تىجارىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئالاقىدار تارماقلارغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

第八十一条 社会保险行政部门和其他有关行政部门、社会保险经办机构、社会保险费征收机构及其工作人员,应当依法为用人单位和个人的信息保密,不得以任何形式泄露。

81-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇشى، ھەرقانداق شەكىلدە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

第八十二条 任何组织或者个人有权对违反社会保险法律、法规的行为进行举报、投诉。

82-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

社会保险行政部门、卫生行政部门、社会保险经办机构、社会保险费征收机构和财政部门、审计机关对属于本部门、本机构职责范围的举报、投诉,应当依法处理;对不属于本部门、本机构职责范围的,应当书面通知并移交有权处理的部门、机构处理。有权处理的部门、机构应当及时处理,不得推诿。

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ۋە مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى شۇ تارماق، شۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان پاش قىلغان، ئەرز-شىكايەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ شۇ تارماق، شۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمىگەنلىرىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماق، ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بىر-بىرىگە ئىتتىرسە بولمايدۇ.

第八十三条 用人单位或者个人认为社会保险费征收机构的行为侵害自己合法权益的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。

83-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتنىڭ قىلمىشى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

用人单位或者个人对社会保险经办机构不依法办理社会保险登记、核定社会保险费、支付社会保险待遇、办理社会保险转移接续手续或者侵害其他社会保险权益的行为,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتماسلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمەسلىك ياكى باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى سادىر بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

个人与所在用人单位发生社会保险争议的,可以依法申请调解、仲裁,提起诉讼。用人单位侵害个人社会保险权益的,个人也可以要求社会保险行政部门或者社会保险费征收机构依法处理。

شەخسلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش-تارتىشى كېلىپ چىققان بولسا، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شەخسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

第十一章 法律责任

11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八十四条 用人单位不办理社会保险登记的,由社会保险行政部门责令限期改正;逾期不改正的,对用人单位处应缴社会保险费数额一倍以上三倍以下的罚款,对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员处五百元以上三千元以下的罚款。

84-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第八十五条 用人单位拒不出具终止或者解除劳动关系证明的,依照《中华人民共和国劳动合同法》的规定处理。

85-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىشنى رەت قىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

第八十六条 用人单位未按时足额缴纳社会保险费的,由社会保险费征收机构责令限期缴纳或者补足,并自欠缴之日起,按日加收万分之五的滞纳金;逾期仍不缴纳的,由有关行政部门处欠缴数额一倍以上三倍以下的罚款。

86-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تاپشۇرمىغان كۈندىن باشلاپ، كۈنگە 10 مىڭدىن بەش ئۈلۈش جەرىمانە قوشۇپ ئالىدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق قەرز سوممىسى بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第八十七条 社会保险经办机构以及医疗机构、药品经营单位等社会保险服务机构以欺诈、伪造证明材料或者其他手段骗取社会保险基金支出的,由社会保险行政部门责令退回骗取的社会保险金,处骗取金额二倍以上五倍以下的罚款;属于社会保险服务机构的,解除服务协议;直接负责的主管人员和其他直接责任人员有执业资格的,依法吊销其执业资格。

87-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، شۇنىڭدەك داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارەت ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋېلىش سوممىسى ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا تەۋە بولسا، مۇلازىمەت كېلىشىمى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بولسا، ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ.

第八十八条 以欺诈、伪造证明材料或者其他手段骗取社会保险待遇的,由社会保险行政部门责令退回骗取的社会保险金,处骗取金额二倍以上五倍以下的罚款。

88-ماددا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئالدامچىلىق قىلىش، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋېلىش سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第八十九条 社会保险经办机构及其工作人员有下列行为之一的,由社会保险行政部门责令改正;给社会保险基金、用人单位或者个人造成损失的,依法承担赔偿责任;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:

89-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)未履行社会保险法定职责的;

( 1 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(二)未将社会保险基金存入财政专户的;

( 2 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزمىگەنلەر؛

(三)克扣或者拒不按时支付社会保险待遇的;

( 3 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى تۇتۇپ قالغان ياكى ۋاقتىدا بېرىشنى رەت قىلغانلار؛

(四)丢失或者篡改缴费记录、享受社会保险待遇记录等社会保险数据、个人权益记录的;

( 4 ) ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش خاتىرىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويغان ياكى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(五)有违反社会保险法律、法规的其他行为的。

( 5 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

第九十条 社会保险费征收机构擅自更改社会保险费缴费基数、费率,导致少收或者多收社会保险费的,由有关行政部门责令其追缴应当缴纳的社会保险费或者退还不应当缴纳的社会保险费;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

90-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، ھەق نىسبىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز ئېلىش ياكى كۆپ ئېلىشقا سەۋەبچى بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第九十一条 违反本法规定,隐匿、转移、侵占、挪用社会保险基金或者违规投资运营的,由社会保险行政部门、财政部门、审计机关责令追回;有违法所得的,没收违法所得;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

91-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تىقىۋالغان، يۆتكىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第九十二条 社会保险行政部门和其他有关行政部门、社会保险经办机构、社会保险费征收机构及其工作人员泄露用人单位和个人信息的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分;给用人单位或者个人造成损失的,应当承担赔偿责任。

92-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第九十三条 国家工作人员在社会保险管理、监督工作中滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法给予处分。

93-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第九十四条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

94-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第十二章 附则

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第九十五条 进城务工的农村居民依照本法规定参加社会保险。

95-ماددا شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەن يېزا ئاھالىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

第九十六条 征收农村集体所有的土地,应当足额安排被征地农民的社会保险费,按照国务院规定将被征地农民纳入相应的社会保险制度。

96-ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئالغاندا، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

第九十七条 外国人在中国境内就业的,参照本法规定参加社会保险。

97-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

第九十八条 本法自2011年7月1日起施行。

98-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.