中华人民共和国科学技术普及法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى

(2002年6月29日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十八次会议通过 2024年12月25日第十四届全国人民代表大会常务委员会第十三次会议修订)

( 2002-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللاندى 2024-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 组织管理

2-باب تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش

第三章 社会责任

3-باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

第四章 科普活动

4-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى

第五章 科普人员

5-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى

第六章 保障措施

6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了实施科教兴国战略、人才强国战略和创新驱动发展战略,全面促进科学技术普及,加强国家科学技术普及能力建设,提高公民的科学文化素质,推进实现高水平科技自立自强,推动经济发展和社会进步,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 本法适用于国家和社会普及科学技术知识、倡导科学方法、传播科学思想、弘扬科学精神的活动。

2-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ۋە جەمئىيەتتە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش، ئىلمىي ئىدىيەنى تارقىتىش، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

开展科学技术普及(以下简称科普),应当采取公众易于接触、理解、接受、参与的方式。

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دېيىلىدۇ ) نى قانات يايدۇرۇشتا، ئامما ئاسان ئۇچرىشىدىغان، چۈشىنىدىغان، قوبۇل قىلىدىغان، قاتنىشىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.

第三条 坚持中国共产党对科普事业的全面领导。

3-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

开展科普,应当以人民为中心,坚持面向世界科技前沿、面向经济主战场、面向国家重大需求、面向人民生命健康,培育和弘扬创新文化,推动形成崇尚科学、追求创新的风尚,服务高质量发展,为建设科技强国奠定坚实基础。

پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم-پەننى قەدىرلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

第四条 科普是国家创新体系的重要组成部分,是实现创新发展的基础性工作。国家把科普放在与科技创新同等重要的位置,加强科普工作总体布局、统筹部署,推动科普与科技创新紧密协同,充分发挥科普在一体推进教育科技人才事业发展中的作用。

4-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت. دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن پەن-تېخنىكىدا ئىجادىي بولۇشنى زىچ ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

第五条 科普是公益事业,是社会主义物质文明和精神文明建设的重要内容。发展科普事业是国家的长期任务,国家推动科普全面融入经济、政治、文化、社会、生态文明建设,构建政府、社会、市场等协同推进的科普发展格局。

5-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىسى، دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار قاتارلىقلار ماس ئالغا سىلجىتىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

国家加强农村的科普工作,扶持革命老区、民族地区、边疆地区、经济欠发达地区的科普工作,建立完善跨区域科普合作和共享机制,促进铸牢中华民族共同体意识,推进乡村振兴。

دۆلەت يېزىلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۆلەپ، رايون ھالقىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

第六条 科普工作应当践行社会主义核心价值观,弘扬科学精神和科学家精神,遵守科技伦理,反对和抵制伪科学。

6-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىلىم-پەن روھى ۋە ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئېتىكىسىغا رىئايە قىلىش، ساختا ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

任何组织和个人不得以科普为名从事损害国家利益、社会公共利益或者他人合法权益的活动。

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第七条 国家机关、武装力量、社会团体、企业事业单位、基层群众性自治组织及其他组织应当开展科普工作,可以通过多种形式广泛开展科普活动。

7-ماددا دۆلەت ئورگىنى، قوراللىق كۈچلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

每年9月为全国科普月。

ھەر يىلى 9-ئاي مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېيى.

公民有参与科普活动的权利。

پۇقرالار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第八条 国家保护科普组织和科普人员的合法权益,鼓励科普组织和科普人员自主开展科普活动,依法兴办科普事业。

8-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第九条 国家支持社会力量兴办科普事业。社会力量兴办科普事业可以按照市场机制运行。

9-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشتا بازار مېخانىزمى بويىچە يۈرگۈزسە بولىدۇ.

第十条 科普工作应当坚持群众性、社会性和经常性,结合实际,因地制宜,采取多种方式。

10-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاممىۋىلىق، جەمئىيەتچانلىق ۋە دائىملىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.

第十一条 国家实施全民科学素质行动,制定全民科学素质行动规划,引导公民培育科学和理性思维,树立科学的世界观和方法论,养成文明、健康、绿色、环保的科学生活方式,提高劳动、生产、创新创造的技能。

11-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ھەرىكەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پۇقرالارنى ئىلمىي ۋە ئاقىلانە تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش، ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە تىكلەش، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلىق يارىتىش-ئىجاد قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

第十二条 国家支持和促进科普对外合作与交流。

12-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第十三条 对在科普工作中做出突出贡献的组织和个人,按照国家有关规定给予表彰、奖励。

13-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

国家鼓励社会力量依法设立科普奖项。

دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第二章 组织管理

2-باب تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش

第十四条 各级人民政府领导科普工作,应当将科普工作纳入国民经济和社会发展相关规划,为开展科普工作创造良好的环境和条件。

14-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىشى كېرەك.

县级以上人民政府应当建立科普工作协调制度。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

第十五条 国务院科学技术行政部门负责制定全国科普工作规划,实行政策引导,进行督促检查,加强统筹协调,推动科普工作发展。

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

国务院其他部门按照各自的职责分工,负责有关的科普工作。

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方人民政府科学技术行政部门及其他部门在同级人民政府领导下按照各自的职责分工,负责本地区有关的科普工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا تارماقلار تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە شۇ رايوننىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第十六条 行业主管部门应当结合本行业特点和实际情况,组织开展相关科普活动。

16-ماددا ساھە مەسئۇل تارمىقى شۇ ساھەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第十七条 科学技术协会是科普工作的主要社会力量,牵头实施全民科学素质行动,组织开展群众性、社会性和经常性的科普活动,加强国际科技人文交流,支持有关组织和企业事业单位开展科普活动,协助政府制定科普工作规划,为政府科普工作决策提供建议和咨询服务。

17-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي كۈچ بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويىدۇ، ئاممىۋى، ئىجتىمائىي ۋە دائىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەملىشىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە دائىر تەدبىر بەلگىلىشىنى تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第十八条 工会、共产主义青年团、妇女联合会等群团组织应当结合各自工作对象的特点组织开展科普活动。

18-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第三章 社会责任

3-باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

第十九条 科普是全社会的共同责任。社会各界都应当组织、参加各类科普活动。

19-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك.

第二十条 各级各类学校及其他教育机构,应当把科普作为素质教育的重要内容,加强科学教育,提升师生科学文化素质,支持和组织师生开展多种形式的科普活动。

20-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پەن-مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قوللىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.

高等学校应当发挥科教资源优势,开设科技相关通识课程,开展科研诚信和科技伦理教育,把科普纳入社会服务职能,提供必要保障。

ئالىي مەكتەپلەر پەن-مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي ساۋات دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىگە كىرگۈزۈپ، زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

中小学校、特殊教育学校应当利用校内、校外资源,提高科学教育质量,完善科学教育课程和实践活动,激发学生对科学的兴趣,培养科学思维、创新意识和创新能力。

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى مەكتەپ ئىچى، مەكتەپ سىرتىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەربىيە دەرسلىكى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئىلمىي تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

学前教育机构应当根据学前儿童年龄特点和身心发展规律,加强科学启蒙教育,培育、保护好奇心和探索意识。

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئاپپاراتلىرى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە جىسمانىي-روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئىلىم-پەن ئويغىتىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، قوغدىشى كېرەك.

第二十一条 开放大学、老年大学、老年科技大学、社区学院等应当普及卫生健康、网络通信、智能技术、应急安全等知识技能,提升老年人、残疾人等群体信息获取、识别和应用等能力。

21-ماددا ئوچۇق داشۆ، ياشانغانلار داشۆسى، ياشانغانلار پەن-تېخنىكا داشۆسى، مەھەللە شۆيۈەنى قاتارلىقلار سەھىيە-ساغلاملىق، تور ئالاقىسى، ئاقىل تېخنىكا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىلىم-ماھارەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە قوللىنىش قاتارلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第二十二条 科学研究和技术开发机构、高等学校应当支持和组织科学技术人员、教师开展科普活动,有条件的可以设置专职科普岗位和专门科普场所,使科普成为机构运行的重要内容,为开展科普活动提供必要的支持和保障,促进科技研发、科技成果转化与科普紧密结合。

22-ماددا پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قوللىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك، شارائىتى بارلار مەخسۇس ۋەزىپىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىش ئورنى ۋە مەخسۇس پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنى تەسىس قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاپپاراتلارنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى زۆرۈر مەدەت ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلسا بولىدۇ، پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

第二十三条 科技企业应当把科普作为履行社会责任的重要内容,结合科技创新和职工技能培训面向公众开展科普活动。

23-ماددا پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا يۈزلىنىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

鼓励企业将自身科技资源转化为科普资源,向公众开放实验室、生产线等科研、生产设施,有条件的可以设立向公众开放的科普场馆和设施。

كارخانىلارنىڭ ئۆز پەن-تېخنىكا بايلىقىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشى، ئاممىغا تەجرىبىخانا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، شارائىتى بارلىرى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى ۋە ئەسلىھەسىنى قۇرسا بولىدۇ.

第二十四条 自然科学和社会科学类社会团体等应当组织开展专业领域科普活动,促进科学技术的普及推广。

24-ماددا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلار كەسپىي ساھەلەردە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第二十五条 新闻出版、电影、广播电视、文化、互联网信息服务等机构和团体应当发挥各自优势做好科普宣传工作。

25-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات، كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاپپارات ۋە تەشكىلاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

综合类报纸、期刊、广播电台、电视台应当开展公益科普宣传;电影、广播电视生产、发行和播映机构应当加强科普作品的制作、发行和播映;书刊出版、发行机构应当扶持科普书刊的出版、发行;综合性互联网平台应当开设科普网页或者科普专区。

ئۇنىۋېرسال تۈردىكى گېزىت، قەرەللىك ژۇرنال، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاممىۋى مەنپەئەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە قويۇش ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش ۋە قويۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىش، تارقىتىش ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى، تارقىتىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال ئالاقە تورى سۇپىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېتى ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىشى كېرەك.

鼓励组织和个人利用新兴媒体开展多种形式的科普,拓展科普渠道和手段。

تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يوللىرى ۋە ۋاسىتىسى كېڭەيتىلىدۇ.

第二十六条 农村基层群众性自治组织协助当地人民政府根据当地经济与社会发展的需要,围绕科学生产、文明健康生活,发挥农村科普组织、农村学校、基层医疗卫生机构等作用,开展科普工作,提升农民科学文化素质。

26-ماددا يېزا ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇشنى چۆرىدەپ، يېزا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتى، يېزا مەكتىپى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

各类农村经济组织、农业科研和技术推广机构、农民教育培训机构、农村专业技术协(学)会以及科技特派员等,应当开展农民科技培训和农业科技服务,结合推广先进适用技术和科技成果转化应用向农民普及科学技术。

تۈرلۈك يېزا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى، دېھقانلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى، يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى ( ئىلمىي ) يىغىنى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى قاتارلىقلار دېھقانلارنى پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئىلغار، ياراملىق تېخنىكا ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

第二十七条 城市基层群众性自治组织协助当地人民政府利用当地科技、教育、文化、旅游、医疗卫生等资源,结合居民的生活、学习等需要开展科普活动,完善社区综合服务设施科普功能,提高科普服务质量和水平。

27-ماددا شەھەر ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جايدىكى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第二十八条 科技馆(站)、科技活动中心和其他科普教育基地,应当组织开展科普教育活动。图书馆、博物馆、文化馆、规划展览馆等文化场所应当发挥科普教育的作用。

28-ماددا پەن-تېخنىكا سارىيى ( پونكىتى )، پەن-تېخنىكا پائالىيەت مەركىزى ۋە باشقا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پىلانلانغان كۆرگەزمىخانا قاتارلىق مەدەنىيەت سورۇنلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

公园、自然保护地、风景名胜区、商场、机场、车站、码头等各类公共场所以及重大基础设施的经营管理单位,应当在所辖范围内加强科普宣传。

باغچە، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، سودا ساراي، ئايرودۇرۇم، بېكەت، پىرىستان قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇن، شۇنىڭدەك مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تەۋەلىكىدىكى دائىرىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第四章 科普活动

4-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى

第二十九条 国家支持科普产品和服务研究开发,鼓励新颖、独创、科学性强的高质量科普作品创作,提升科普原创能力,依法保护科普成果知识产权。

29-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى قوللايدۇ، يېڭى، مۇستەقىل ئىجاد قىلىنغان، ئىلمىيلىكى كۈچلۈك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

鼓励科学研究和技术开发机构、高等学校、企业等依托现有资源并根据发展需要建设科普创作中心。

پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ھازىر بار بولغان بايلىققا تايىنىپ ھەمدە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت مەركىزى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

第三十条 国家发展科普产业,鼓励兴办科普企业,促进科普与文化、旅游、体育、卫生健康、农业、生态环保等产业融合发展。

30-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارخانىلىرى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سەھىيە-ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第三十一条 国家推动新技术、新知识在全社会各类人群中的传播与推广,鼓励各类创新主体围绕新技术、新知识开展科普,鼓励在科普中应用新技术,引导社会正确认识和使用科技成果,为科技成果应用创造良好环境。

31-ماددا دۆلەت يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىملەرنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشى ۋە كېڭەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا، كونا بىلىملەرنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش داۋامىدا يېڭى تېخنىكا قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، جەمئىيەتنى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.

第三十二条 国家部署实施新技术领域重大科技任务,在符合保密法律法规的前提下,可以组织开展必要的科普,增进公众理解、认同和支持。

32-ماددا دۆلەت يېڭى تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، زۆرۈر بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

第三十三条 国家加强自然灾害、事故灾难、公共卫生事件等突发事件预防、救援、应急处置等方面的科普工作,加强应急科普资源和平台建设,完善应急科普响应机制,提升公众应急处理能力和自我保护意识。

33-ماددا دۆلەت تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى ۋە سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشقا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

第三十四条 国家鼓励在职业培训、农民技能培训和干部教育培训中增加科普内容,促进培育高素质产业工人和农民,提高公职人员科学履职能力。

34-ماددا دۆلەت كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، دېھقانلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش داۋامىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپ ئىشچىلىرى ۋە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئىلمىي ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第三十五条 组织和个人提供的科普产品和服务、发布的科普信息应当具有合法性、科学性,不得有虚假错误的内容。

35-ماددا تەشكىلات ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى، ئېلان قىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇچۇرى قانۇنلۇقلۇققا، ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك، ساختا، خاتا مەزمۇن بولسا بولمايدۇ.

第三十六条 国家加强对科普信息发布和传播的监测与评估。对传播范围广、社会危害大的虚假错误信息,科学技术或者有关主管部门应当按照职责分工及时予以澄清和纠正。

36-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىشنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىدۇ. تارقىتىش دائىرىسى كەڭ، جەمئىيەتكە خەۋپى زور بولغان ساختا، خاتا ئۇچۇرلارنى پەن-تېخنىكا ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.

网络服务提供者发现用户传播虚假错误信息的,应当立即采取处置措施,防止信息扩散。

تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا، خاتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى بايقىسا، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇچۇرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第三十七条 有条件的科普组织和科学技术人员应当结合自身专业特色组织、参与国际科普活动,开展国际科技人文交流,拓展国际科普合作渠道,促进优秀科普成果共享。国家支持开展青少年国际科普交流。

37-ماددا شارائىتى بار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۆز كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، قاتنىشىپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇشىنى قوللايدۇ.

第三十八条 国家完善科普工作评估体系和公民科学素质监测评估体系,开展科普调查统计和公民科学素质测评,监测和评估科普事业发展成效。

38-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى باھالاش سىستېمىسى ۋە پۇقرالارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى كۆزىتىش-باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ، پەن-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى كۆزىتىدۇ ۋە باھالايدۇ.

第五章 科普人员

5-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى

第三十九条 国家加强科普工作人员培训和交流,提升科普工作人员思想道德品质、科学文化素质和业务水平,建立专业化科普工作人员队伍。

39-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق پەزىلىتى، پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى قوشۇنىنى قۇرىدۇ.

第四十条 科学技术人员和教师应当发挥自身优势和专长,积极参与和支持科普活动。

40-ماددا پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

科技领军人才和团队应当发挥表率作用,带头开展科普。

پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە كوللېكتىپى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

鼓励和支持老年科学技术人员积极参与科普工作。

ياشانغانلار پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

第四十一条 国家支持有条件的高等学校、职业学校设置和完善科普相关学科和专业,培养科普专业人才。

41-ماددا دۆلەت شارائىتى بار ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پەن ۋە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

第四十二条 国家完善科普志愿服务制度和工作体系,支持志愿者开展科普志愿服务,加强培训与监督。

42-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈمى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.

第四十三条 国家健全科普人员评价、激励机制,鼓励相关单位建立符合科普特点的职称评定、绩效考核等评价制度,为科普人员提供有效激励。

43-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، نەتىجە-ئۈنۈم باھالاش قاتارلىق باھالاش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدۇ.

第六章 保障措施

6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第四十四条 各级人民政府应当将科普经费列入本级预算,完善科普投入经费保障机制,逐步提高科普投入水平,保障科普工作顺利开展。

44-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سېلىنمىسى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سېلىنما سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

各级人民政府有关部门应当根据需要安排经费支持科普工作。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئېھتىياجغا قاراپ خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك.

第四十五条 国家完善科普场馆和科普基地建设布局,扩大科普设施覆盖面,促进城乡科普设施均衡发展。

45-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

国家鼓励有条件的地方和组织建设综合型科普场馆和专业型科普场馆,发展数字科普场馆,推进科普信息化发展,加强与社区建设、文化设施融合发展。

دۆلەت شارائىتى بار جايلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە كەسپىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، رەقەملىك پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەيدان-سارايلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، مەھەللە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتنى كۈچەيتىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府和其他有条件的地方人民政府,应当将科普场馆、设施建设纳入国土空间规划;对现有科普场馆、设施应当加强利用、维修和改造升级。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شارائىتى بار باشقا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ھازىر بار بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

第四十六条 各级人民政府应当对符合规划的科普场馆、设施建设给予支持,开展财政性资金资助的科普场馆运营绩效评估,保障科普场馆有效运行。

46-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ياردىمى بېرىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەيدان-سارايلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

政府投资建设的科普场馆,应当配备必要的专职人员,常年向公众开放,对青少年实行免费或者优惠,并不得擅自改为他用;经费困难的,政府可以根据需要予以补贴,使其正常运行。

ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىغا زۆرۈر مەخسۇس خادىم قويۇش، يىل بويى ئاممىغا ئېچىۋېتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئۇنى باشقا ئىشقا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ خىراجەت قىيىنچىلىقى بولسا، ھۆكۈمەت ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلىما بېرىپ، ئۇنى نورمال يۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

尚无条件建立科普场馆的地方,应当利用现有的科技、教育、文化、旅游、医疗卫生、体育、交通运输、应急等设施开展科普,并设立科普画廊、橱窗等。

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى بولىدىغان جايلار ھازىر بار بولغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش-سەھىيە، تەنتەربىيە، قاتناش-تىرانسپورت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش رەسىم كارىدورى، كۆزنىكى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىشى كېرەك.

第四十七条 国家建设完善开放、共享的国家科普资源库和科普资源公共服务平台,推动全社会科普资源共建共享。

47-ماددا دۆلەت مۇكەممەل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھرە دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىق ئامبىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

利用财政性资金设立的科学研究和技术开发机构、高等学校、职业学校,有条件的应当向公众开放科技基础设施和科技资源,为公众了解、认识、参与科学研究活动提供便利。

مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەردىن شارائىتى بارلىرى پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە پەن-تېخنىكا بايلىقىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىپ، ئاممىنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى چۈشىنىشى، تونۇشى، قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第四十八条 国家鼓励和引导社会资金投入科普事业。国家鼓励境内外的组织和个人设立科普基金,用于资助科普事业。

48-ماددا دۆلەت جەمئىيەت مەبلىغىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فوندى تەسىس قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第四十九条 国家鼓励境内外的组织和个人依法捐赠财产资助科普事业;对捐赠财产用于科普事业或者投资建设科普场馆、设施的,依法给予优惠。

49-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە مال-مۈلكىنى ئىئانە قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلەرگە ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا مەبلەغ سالغانلارغا قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

科普组织开展科普活动、兴办科普事业,可以依法获得资助和捐赠。

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويغاندا، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي ياردەمگە ۋە ئىئانىگە ئېرىشەلەيدۇ.

第五十条 国家依法对科普事业实行税收优惠。

50-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

第五十一条 利用财政性资金设立科学技术计划项目,除涉密项目外,应当结合任务需求,合理设置科普工作任务,充分发挥社会效益。

51-ماددا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ پەن-تېخنىكا پىلانى تۈرى تەسىس قىلىشتا، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان تۈرلەردىن باشقا، ۋەزىپە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

第五十二条 科学研究和技术开发机构、学校、企业的主管部门以及科学技术等相关行政部门应当支持开展科普活动,建立有利于促进科普的评价标准和制度机制。

52-ماددا پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتى، مەكتەپ، كارخانىنىڭ مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىشى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق باھالاش ئۆلچىمى ۋە تۈزۈم-مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

第五十三条 科普经费和组织、个人资助科普事业的财产,应当用于科普事业,任何组织和个人不得克扣、截留、挪用。

53-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى ۋە تەشكىلات، شەخسلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان مال-مۈلۈكنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تۇتۇۋېلىشىغا، قىسىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十四条 违反本法规定,制作、发布、传播虚假错误信息,或者以科普为名损害国家利益、社会公共利益或者他人合法权益的,由有关主管部门责令改正,给予警告或者通报批评,没收违法所得,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، خاتا ئۇچۇر ياسىغان، ئېلان قىلغان، تارقاتقان ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十五条 违反本法规定,克扣、截留、挪用科普款物或者骗取科普优惠政策支持的,由有关主管部门责令限期退还相关款物;对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分;情节严重的,禁止一定期限内申请科普优惠政策支持。

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پۇل-مېلىنى تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ مەدىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتى مەدىتىنى ئىلتىماس قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第五十六条 擅自将政府投资建设的科普场馆改为他用的,由有关主管部门责令限期改正;情节严重的,给予警告或者通报批评,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。

56-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىنى ئۆز مەيلىچە باشقا ئىشقا ئۆزگەرتىۋالغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十七条 骗取科普表彰、奖励的,由授予表彰、奖励的部门或者单位撤销其所获荣誉,收回奖章、证书,追回其所获奖金等物质奖励,并由其所在单位或者有关部门依法给予处分。

57-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشىۋالغانلارغا تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تارمىقى ياكى ئورنى ئېرىشكەن شەرىپىنى بىكار قىلىپ، مېدال، گۇۋاھنامىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى قاتارلىق ماددىي مۇكاپاتلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

第五十八条 公职人员在科普工作中滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法给予处分。

58-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十九条 违反本法规定,造成人身损害或者财产损失的,依法承担民事责任;构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي زىيان ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十条 本法自公布之日起施行。

60-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.