(2007年8月30日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十九次会议通过)
( 2007-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2007年8月30日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十九次会议通过)
( 2007-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 预防与应急准备
2-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى
第三章 监测与预警
3-باب كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش
第四章 应急处置与救援
4-باب جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش
第五章 事后恢复与重建
5-باب ۋەقەدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了预防和减少突发事件的发生,控制、减轻和消除突发事件引起的严重社会危害,规范突发事件应对活动,保护人民生命财产安全,维护国家安全、公共安全、环境安全和社会秩序,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەردىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپنى تىزگىنلەش، يېنىكلىتىش ۋە تۈگىتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 突发事件的预防与应急准备、监测与预警、应急处置与救援、事后恢复与重建等应对活动,适用本法。
2-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
第三条 本法所称突发事件,是指突然发生,造成或者可能造成严重社会危害,需要采取应急处置措施予以应对的自然灾害、事故灾难、公共卫生事件和社会安全事件。
3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاسادىپىي ۋەقە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر بولغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ.
按照社会危害程度、影响范围等因素,自然灾害、事故灾难、公共卫生事件分为特别重大、重大、较大和一般四级。法律、行政法规或者国务院另有规定的,从其规定。
ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق ئامىللار بويىچە، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور، بىرقەدەر زور ۋە ئادەتتىكىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
突发事件的分级标准由国务院或者国务院确定的部门制定。
تاسادىپىي ۋەقەلەرنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق بېكىتىدۇ.
第四条 国家建立统一领导、综合协调、分类管理、分级负责、属地管理为主的应急管理体制。
4-ماددا دۆلەت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرىدىغان، تۈر بويىچە باشقۇرىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
第五条 突发事件应对工作实行预防为主、预防与应急相结合的原则。国家建立重大突发事件风险评估体系,对可能发生的突发事件进行综合性评估,减少重大突发事件的发生,最大限度地减轻重大突发事件的影响。
5-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئېغىر، زور تاساددىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى ئازايتىپ، ئېغىر، ئۇزاق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.
第六条 国家建立有效的社会动员机制,增强全民的公共安全和防范风险的意识,提高全社会的避险救助能力。
6-ماددا دۆلەت ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
第七条 县级人民政府对本行政区域内突发事件的应对工作负责;涉及两个以上行政区域的,由有关行政区域共同的上一级人民政府负责,或者由各有关行政区域的上一级人民政府共同负责。
7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا چېتىلىدىغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايونغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايوندىكى بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورتاق مەسئۇل بولىدۇ.
突发事件发生后,发生地县级人民政府应当立即采取措施控制事态发展,组织开展应急救援和处置工作,并立即向上一级人民政府报告,必要时可以越级上报。
تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۈزبەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال دوكلات قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
突发事件发生地县级人民政府不能消除或者不能有效控制突发事件引起的严重社会危害的,应当及时向上级人民政府报告。上级人民政府应当及时采取措施,统一领导应急处置工作。
تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشتىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپنى يوقىتالمىسا ياكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك.
法律、行政法规规定由国务院有关部门对突发事件的应对工作负责的,从其规定;地方人民政府应当积极配合并提供必要的支持。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پائال ماسلىشىشى ھەمدە زۆرۈر مەدەت بېرىشى كېرەك.
第八条 国务院在总理领导下研究、决定和部署特别重大突发事件的应对工作;根据实际需要,设立国家突发事件应急指挥机构,负责突发事件应对工作;必要时,国务院可以派出工作组指导有关工作。
8-ماددا گوۋۇيۈەن زۇڭلىنىڭ رەھبەرلىكىدە پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ؛ ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.
县级以上地方各级人民政府设立由本级人民政府主要负责人、相关部门负责人、驻当地中国人民解放军和中国人民武装警察部队有关负责人组成的突发事件应急指挥机构,统一领导、协调本级人民政府各有关部门和下级人民政府开展突发事件应对工作;根据实际需要,设立相关类别突发事件应急指挥机构,组织、协调、指挥突发事件应对工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇ جايدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئالاقىدار تۈردىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، قوماندانلىق قىلىدۇ.
上级人民政府主管部门应当在各自职责范围内,指导、协助下级人民政府及其相应部门做好有关突发事件的应对工作。
يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىپ تارمىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第九条 国务院和县级以上地方各级人民政府是突发事件应对工作的行政领导机关,其办事机构及具体职责由国务院规定。
9-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدىكى مەمۇرىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
第十条 有关人民政府及其部门作出的应对突发事件的决定、命令,应当及时公布。
10-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى چىقارغان تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قارارى ۋە بۇيرۇقىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第十一条 有关人民政府及其部门采取的应对突发事件的措施,应当与突发事件可能造成的社会危害的性质、程度和范围相适应;有多种措施可供选择的,应当选择有利于最大程度地保护公民、法人和其他组织权益的措施。
11-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تاسادىپىي ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپنىڭ خاراكتېرى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ تاللاشقا بولىدىغان كۆپ خىل تەدبىر بولغاندا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشقا پايدىلىق تەدبىرنى تاللاش كېرەك.
公民、法人和其他组织有义务参与突发事件应对工作。
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.
第十二条 有关人民政府及其部门为应对突发事件,可以征用单位和个人的财产。被征用的财产在使用完毕或者突发事件应急处置工作结束后,应当及时返还。财产被征用或者征用后毁损、灭失的,应当给予补偿。
12-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك. مال-مۈلۈك ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن زىيانغا ئۇچرىغان، يوقاپ كەتكەنلەرگە تۆلەم بېرىش كېرەك.
第十三条 因采取突发事件应对措施,诉讼、行政复议、仲裁活动不能正常进行的,适用有关时效中止和程序中止的规定,但法律另有规定的除外。
13-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش سەۋەبىدىن دەۋا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە تەرتىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第十四条 中国人民解放军、中国人民武装警察部队和民兵组织依照本法和其他有关法律、行政法规、军事法规的规定以及国务院、中央军事委员会的命令,参加突发事件的应急救援和处置工作。
14-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، ھەربىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.
第十五条 中华人民共和国政府在突发事件的预防、监测与预警、应急处置与救援、事后恢复与重建等方面,同外国政府和有关国际组织开展合作与交流。
15-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە ئالاقىلىشىدۇ.
第十六条 县级以上人民政府作出应对突发事件的决定、命令,应当报本级人民代表大会常务委员会备案;突发事件应急处置工作结束后,应当向本级人民代表大会常务委员会作出专项工作报告。
16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قارارى، بۇيرۇقى چىقىرىشتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى بېرىش كېرەك.
第二章 预防与应急准备
2-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى
第十七条 国家建立健全突发事件应急预案体系。
17-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
国务院制定国家突发事件总体应急预案,组织制定国家突发事件专项应急预案;国务院有关部门根据各自的职责和国务院相关应急预案,制定国家突发事件部门应急预案。
گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئومۇمىي جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە مەخسۇس تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئىشلار لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت تاسادىپىي ۋەقە تارمىقىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ.
地方各级人民政府和县级以上地方各级人民政府有关部门根据有关法律、法规、规章、上级人民政府及其有关部门的应急预案以及本地区的实际情况,制定相应的突发事件应急预案。
يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى، شۇنىڭدەك شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇناسىپ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزىدۇ.
应急预案制定机关应当根据实际需要和情势变化,适时修订应急预案。应急预案的制定、修订程序由国务院规定。
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزگۈچى ئورگان ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل قىلىش لايىھەسىگە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، تۈزىتىش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
第十八条 应急预案应当根据本法和其他有关法律、法规的规定,针对突发事件的性质、特点和可能造成的社会危害,具体规定突发事件应急管理工作的组织指挥体系与职责和突发事件的预防与预警机制、处置程序、应急保障措施以及事后恢复与重建措施等内容。
18-ماددا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاسادىپىي ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپ كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئاگاھ بېرىش مېخانىزمى، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى، جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى، شۇنىڭدەك ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار كونكرېت بەلگىلەنگەن بولسا.
第十九条 城乡规划应当符合预防、处置突发事件的需要,统筹安排应对突发事件所必需的设备和基础设施建设,合理确定应急避难场所。
19-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تاسادىپىي ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى، تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، جىددىي پاناھلاندۇرۇش سورۇنىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.
第二十条 县级人民政府应当对本行政区域内容易引发自然灾害、事故灾难和公共卫生事件的危险源、危险区域进行调查、登记、风险评估,定期进行检查、监控,并责令有关单位采取安全防范措施。
20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئاسان يۈزبېرىدىغان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايوننى تەكشۈرۈشى، تىزىملىتىشى، خەۋپ-خەتەرنى باھالىشى، قەرەللىك تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىشى-تىزگىنلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
省级和设区的市级人民政府应当对本行政区域内容易引发特别重大、重大突发事件的危险源、危险区域进行调查、登记、风险评估,组织进行检查、监控,并责令有关单位采取安全防范措施。
ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە ئاسان يۈزبېرىدىغان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايوننى تەكشۈرۈشى، تىزىملىتىشى، خەۋپ-خەتىرىنى باھالىشى، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشكە تەشكىللىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
县级以上地方各级人民政府按照本法规定登记的危险源、危险区域,应当按照国家规定及时向社会公布。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتقان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايونلارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第二十一条 县级人民政府及其有关部门、乡级人民政府、街道办事处、居民委员会、村民委员会应当及时调解处理可能引发社会安全事件的矛盾纠纷。
21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان زىددىيەت-ماجىرالارنى ۋاقتىدا مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第二十二条 所有单位应当建立健全安全管理制度,定期检查本单位各项安全防范措施的落实情况,及时消除事故隐患;掌握并及时处理本单位存在的可能引发社会安全事件的问题,防止矛盾激化和事态扩大;对本单位可能发生的突发事件和采取安全防范措施的情况,应当按照规定及时向所在地人民政府或者人民政府有关部门报告。
22-ماددا بارلىق ئورۇنلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك؛ شۇ ئورۇندا ساقلانغان ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ شۇ ئورۇندا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقە ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.
第二十三条 矿山、建筑施工单位和易燃易爆物品、危险化学品、放射性物品等危险物品的生产、经营、储运、使用单位,应当制定具体应急预案,并对生产经营场所、有危险物品的建筑物、构筑物及周边环境开展隐患排查,及时采取措施消除隐患,防止发生突发事件。
23-ماددا كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئورنى ۋە ئاسان يانىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇملار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار كونكرېت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى، خەتەرلىك بۇيۇملار بار ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى كېرەك، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
第二十四条 公共交通工具、公共场所和其他人员密集场所的经营单位或者管理单位应当制定具体应急预案,为交通工具和有关场所配备报警装置和必要的应急救援设备、设施,注明其使用方法,并显著标明安全撤离的通道、路线,保证安全通道、出口的畅通。
24-ماددا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، ئاممىۋى سورۇن ۋە باشقا ئادەم زىچ سورۇندىكى باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن كونكرېت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، قاتناش قوراللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارغا سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى ۋە زۆرۈر جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەر چېكىنىش يولى، لىنىيەسىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك، بىخەتەرلىك يولى، چىقىش ئېغىزىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
有关单位应当定期检测、维护其报警装置和应急救援设备、设施,使其处于良好状态,确保正常使用。
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنىڭ سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاسراپ، ئۇنى ياخشى ھالەتكە چۈشۈرۈپ، نورمال ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第二十五条 县级以上人民政府应当建立健全突发事件应急管理培训制度,对人民政府及其有关部门负有处置突发事件职责的工作人员定期进行培训。
25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار خادىملىرىنى قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.
第二十六条 县级以上人民政府应当整合应急资源,建立或者确定综合性应急救援队伍。人民政府有关部门可以根据实际需要设立专业应急救援队伍。
26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇشى ياكى بېكىتىشى كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.
县级以上人民政府及其有关部门可以建立由成年志愿者组成的应急救援队伍。单位应当建立由本单位职工组成的专职或者兼职应急救援队伍。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قۇرامىغا يەتكەن پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرسا بولىدۇ. ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.
县级以上人民政府应当加强专业应急救援队伍与非专业应急救援队伍的合作,联合培训、联合演练,提高合成应急、协同应急的能力。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كەسپىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى بىلەن كەسپىدىن باشقا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل قىلىش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ تەربىيەلەپ، بىرلىشىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرىكتۈرۈش، ماسلىشىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
第二十七条 国务院有关部门、县级以上地方各级人民政府及其有关部门、有关单位应当为专业应急救援人员购买人身意外伤害保险,配备必要的防护装备和器材,减少应急救援人员的人身风险。
27-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى، زۆرۈر مۇداپىئە جابدۇقى ۋە سايمانلىرىنى سەپلىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك.
第二十八条 中国人民解放军、中国人民武装警察部队和民兵组织应当有计划地组织开展应急救援的专门训练。
28-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەخسۇس مەشىقىنى پىلانلىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第二十九条 县级人民政府及其有关部门、乡级人民政府、街道办事处应当组织开展应急知识的宣传普及活动和必要的应急演练。
29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە زۆرۈر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل بولۇش مانېۋىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
居民委员会、村民委员会、企业事业单位应当根据所在地人民政府的要求,结合各自的实际情况,开展有关突发事件应急知识的宣传普及活动和必要的应急演练。
شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە زۆرۈر جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
新闻媒体应当无偿开展突发事件预防与应急、自救与互救知识的公益宣传。
ئاخبارات تاراتقۇلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第三十条 各级各类学校应当把应急知识教育纳入教学内容,对学生进行应急知识教育,培养学生的安全意识和自救与互救能力。
30-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئىشلار بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
教育主管部门应当对学校开展应急知识教育进行指导和监督。
مائارىپ مەسئۇل تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.
第三十一条 国务院和县级以上地方各级人民政府应当采取财政措施,保障突发事件应对工作所需经费。
31-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە تەدبىرى قوللىنىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第三十二条 国家建立健全应急物资储备保障制度,完善重要应急物资的监管、生产、储备、调拨和紧急配送体系。
32-ماددا دۆلەت جىددىي ماددىي ئەشيا زاپىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم جىددىي ماددىي ئەشيالارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، يۆتكەش-توشۇش ۋە جىددىي يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
设区的市级以上人民政府和突发事件易发、多发地区的县级人民政府应当建立应急救援物资、生活必需品和应急处置装备的储备制度。
رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تاسادىپىي ۋەقە ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جابدۇقلىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
县级以上地方各级人民政府应当根据本地区的实际情况,与有关企业签订协议,保障应急救援物资、生活必需品和应急处置装备的生产、供给。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第三十三条 国家建立健全应急通信保障体系,完善公用通信网,建立有线与无线相结合、基础电信网络与机动通信系统相配套的应急通信系统,确保突发事件应对工作的通信畅通。
33-ماددا دۆلەت جىددىي خەۋەرلىشىش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خەۋەرلىشىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىملىق ئالاقە بىلەن سىمسىز ئالاقە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساسىي تېلېگراف تورى بىلەن ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن جىددىي خەۋەرلىشىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ خەۋەرلىشىش راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
第三十四条 国家鼓励公民、法人和其他组织为人民政府应对突发事件工作提供物资、资金、技术支持和捐赠。
34-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماددىي ئەشيا، مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتى ۋە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第三十五条 国家发展保险事业,建立国家财政支持的巨灾风险保险体系,并鼓励单位和公民参加保险。
35-ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت مالىيەسى قوللايدىغان زور ئاپەت خەۋپ-خەتىرى سۇغۇرتا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
第三十六条 国家鼓励、扶持具备相应条件的教学科研机构培养应急管理专门人才,鼓励、扶持教学科研机构和有关企业研究开发用于突发事件预防、监测、预警、应急处置与救援的新技术、新设备和新工具。
36-ماددا دۆلەت مۇناسىپ شارائىت ھازىرلىغان ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىش، ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنە ۋە يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
第三章 监测与预警
3-باب كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش
第三十七条 国务院建立全国统一的突发事件信息系统。
37-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.
县级以上地方各级人民政府应当建立或者确定本地区统一的突发事件信息系统,汇集、储存、分析、传输有关突发事件的信息,并与上级人民政府及其有关部门、下级人民政府及其有关部门、专业机构和监测网点的突发事件信息系统实现互联互通,加强跨部门、跨地区的信息交流与情报合作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوندا بىرلىككە كەلگەن تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ياكى بېكىتىپ، تاسادىپىي ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىشى، ساقلىشى، تەھلىل قىلىشى، يەتكۈزۈشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي ئاپپاراتلىرى ۋە كۆزىتىش تور نۇقتىلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك، تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاخبارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
第三十八条 县级以上人民政府及其有关部门、专业机构应当通过多种途径收集突发事件信息。
38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، كەسپىي ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى توپلىشى كېرەك.
县级人民政府应当在居民委员会、村民委员会和有关单位建立专职或者兼职信息报告员制度。
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئۇچۇر دوكلاتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
获悉突发事件信息的公民、法人或者其他组织,应当立即向所在地人民政府、有关主管部门或者指定的专业机构报告。
تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىدىن خەۋەر تاپقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق ياكى بەلگىلەنگەن كەسپىي ئاپپاراتقا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.
第三十九条 地方各级人民政府应当按照国家有关规定向上级人民政府报送突发事件信息。县级以上人民政府有关主管部门应当向本级人民政府相关部门通报突发事件信息。专业机构、监测网点和信息报告员应当及时向所在地人民政府及其有关主管部门报告突发事件信息。
39-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. كەسپىي ئاپپارات، كۆزىتىپ ئۆلچەش تور نۇقتىسى ۋە ئۇچۇر دوكلات قىلغۇچى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
有关单位和人员报送、报告突发事件信息,应当做到及时、客观、真实,不得迟报、谎报、瞒报、漏报。
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملار تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى يوللاش، دوكلات قىلىشتا، ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇشى كېرەك، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىشقا، مەلۇم قىلماي چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
第四十条 县级以上地方各级人民政府应当及时汇总分析突发事件隐患和预警信息,必要时组织相关部门、专业技术人员、专家学者进行会商,对发生突发事件的可能性及其可能造成的影响进行评估;认为可能发生重大或者特别重大突发事件的,应当立即向上级人民政府报告,并向上级人民政府有关部门、当地驻军和可能受到危害的毗邻或者相关地区的人民政府通报。
40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپىي ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئاگاھ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا جەملەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ كېڭىشىپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تەسىرىنى باھالىشى كېرەك؛ ئېغىر، زور ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە ۋە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان قوشنا ياكى مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
第四十一条 国家建立健全突发事件监测制度。
41-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
县级以上人民政府及其有关部门应当根据自然灾害、事故灾难和公共卫生事件的种类和特点,建立健全基础信息数据库,完善监测网络,划分监测区域,确定监测点,明确监测项目,提供必要的设备、设施,配备专职或者兼职人员,对可能发生的突发事件进行监测。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ تۈرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇل ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش رايونىغا ئايرىپ، كۆزىتىش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، كۆزىتىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زۆرۈر ئۈسكۈنە، ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەپ، مەخسۇس ۋەزىپە ياكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن خادىملارنى سەپلىشى كېرەك، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش كېرەك.
第四十二条 国家建立健全突发事件预警制度。
42-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ئاگاھ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
可以预警的自然灾害、事故灾难和公共卫生事件的预警级别,按照突发事件发生的紧急程度、发展势态和可能造成的危害程度分为一级、二级、三级和四级,分别用红色、橙色、黄色和蓝色标示,一级为最高级别。
سىگنال بېرىشكە بولىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسى تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى، تەرەققىيات ھالىتى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ دەرىجىسىگە ئاساسەن، 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك ۋە 4-دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق ۋە كۆك رەڭلىك بەلگە ئىشلىتىلىدۇ، 1-دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولىدۇ.
预警级别的划分标准由国务院或者国务院确定的部门制定。
ئاگاھ دەرىجىسىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق بېكىتىدۇ.
第四十三条 可以预警的自然灾害、事故灾难或者公共卫生事件即将发生或者发生的可能性增大时,县级以上地方各级人民政府应当根据有关法律、行政法规和国务院规定的权限和程序,发布相应级别的警报,决定并宣布有关地区进入预警期,同时向上一级人民政府报告,必要时可以越级上报,并向当地驻军和可能受到危害的毗邻或者相关地区的人民政府通报。
43-ماددا سىگنال بېرىشكە بولىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ياكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ يۈزبېرىش ياكى يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى زورايغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپكە ئاساسەن، مۇناسىپ دەرىجىلىك سىگنال بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرىشىنى قارار قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ ھەمدە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان قوشنا ياكى ئالاقىدار رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
第四十四条 发布三级、四级警报,宣布进入预警期后,县级以上地方各级人民政府应当根据即将发生的突发事件的特点和可能造成的危害,采取下列措施:
44-ماددا 3-دەرىجىلىك، 4-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە ئاساسەن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك :
(一)启动应急预案;
( 1 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىش؛
(二)责令有关部门、专业机构、监测网点和负有特定职责的人员及时收集、报告有关信息,向社会公布反映突发事件信息的渠道,加强对突发事件发生、发展情况的监测、预报和预警工作;
( 2 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي ئاپپاراتلار، كۆزىتىپ ئۆلچەش تور نۇقتىلىرى ۋە مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار خادىملارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاش، دوكلات قىلىشقا بۇيرۇش، تاسادىپىي ۋەقەگە ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىش، راۋاجلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە سىگنال بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛
(三)组织有关部门和机构、专业技术人员、有关专家学者,随时对突发事件信息进行分析评估,预测发生突发事件可能性的大小、影响范围和强度以及可能发生的突发事件的级别;
( 3 ) مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئاپپارات، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس-ئالىملارنى تەشكىللەپ، تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىپ ۋە باھالاپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تەسىر دائىرىسى ۋە سىجىللىقىنى ھەمدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ دەرىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش؛
(四)定时向社会发布与公众有关的突发事件预测信息和分析评估结果,并对相关信息的报道工作进行管理;
( 4 ) ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى مۆلچەرلەش ئۇچۇرى ۋە تەھلىل قىلىش، باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش؛
(五)及时按照有关规定向社会发布可能受到突发事件危害的警告,宣传避免、减轻危害的常识,公布咨询电话。
( 5 ) تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى ئېلان قىلىش.
第四十五条 发布一级、二级警报,宣布进入预警期后,县级以上地方各级人民政府除采取本法第四十四条 规定的措施外,还应当针对即将发生的突发事件的特点和可能造成的危害,采取下列一项或者多项措施:
45-ماددا 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە قارىتا تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىشى كېرەك :
(一)责令应急救援队伍、负有特定职责的人员进入待命状态,并动员后备人员做好参加应急救援和处置工作的准备;
( 1 ) جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا، مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار خادىملارنى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىرىشكە بۇيرۇش ھەمدە زاپاس خادىملارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش؛
(二)调集应急救援所需物资、设备、工具,准备应急设施和避难场所,并确保其处于良好状态、随时可以投入正常使用;
( 2 ) جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە كېرەكلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، سايمانلارنى يۆتكەش، جىددىي ئەسلىھە ۋە پاناھلىنىش سورۇنى تەييارلاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇشىغا، خالىغان چاغدا نورمال ئىشلىتىشكە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛
(三)加强对重点单位、重要部位和重要基础设施的安全保卫,维护社会治安秩序;
( 3 ) نۇقتىلىق ئورۇن، مۇھىم ئورۇن ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش؛
(四)采取必要措施,确保交通、通信、供水、排水、供电、供气、供热等公共设施的安全和正常运行;
( 4 ) زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛
(五)及时向社会发布有关采取特定措施避免或者减轻危害的建议、劝告;
( 5 ) جەمئىيەتكە مۇئەييەن تەدبىر قوللىنىپ زىياندىن ساقلىنىش ياكى ئۇنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ، نەسىھەتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش؛
(六)转移、疏散或者撤离易受突发事件危害的人员并予以妥善安置,转移重要财产;
( 6 ) تاسادىپىي ۋەقەگە ئاسان ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى يۆتكەش، تارقاقلاشتۇرۇش ياكى چېكىندۈرۈش ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم مال-مۈلۈكنى يۆتكەش؛
(七)关闭或者限制使用易受突发事件危害的场所,控制或者限制容易导致危害扩大的公共场所的活动;
( 7 ) تاسادىپىي ۋەقە زىيىنىغا ئاسان ئۇچرايدىغان سورۇنلارنى تاقىۋېتىش ياكى ئىشلىتىشنى چەكلەش، خەۋپ دائىرىسى ئاسان كېڭىيىپ كېتىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىش ياكى چەكلەش؛
(八)法律、法规、规章规定的其他必要的防范性、保护性措施。
( 8 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش، قوغداش تەدبىرلىرى.
第四十六条 对即将发生或者已经发生的社会安全事件,县级以上地方各级人民政府及其有关主管部门应当按照规定向上一级人民政府及其有关主管部门报告,必要时可以越级上报。
46-ماددا يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان ياكى يۈزبەرگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
第四十七条 发布突发事件警报的人民政府应当根据事态的发展,按照有关规定适时调整预警级别并重新发布。
47-ماددا تاسادىپىي ۋەقەدىن سىگنال بېرىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە سىگنال دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ھەمدە قايتا ئېلان قىلىشى كېرەك.
有事实证明不可能发生突发事件或者危险已经解除的,发布警报的人民政府应当立即宣布解除警报,终止预警期,并解除已经采取的有关措施。
تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ياكى خەۋپنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولسا، سىگنال بەرگەن خەلق ھۆكۈمىتى سىگنالنى بىكار قىلغانلىقىنى دەرھال جاكارلاپ، سىگنال مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك.
第四章 应急处置与救援
4-باب جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش
第四十八条 突发事件发生后,履行统一领导职责或者组织处置突发事件的人民政府应当针对其性质、特点和危害程度,立即组织有关部门,调动应急救援队伍和社会力量,依照本章的规定和有关法律、法规、规章的规定采取应急处置措施。
48-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنى تەشكىللەپ بىر تەرەپ قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە جەمئىيەت كۈچىنى قوزغىتىپ، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
第四十九条 自然灾害、事故灾难或者公共卫生事件发生后,履行统一领导职责的人民政府可以采取下列一项或者多项应急处置措施:
49-ماددا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ياكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ :
(一)组织营救和救治受害人员,疏散、撤离并妥善安置受到威胁的人员以及采取其他救助措施;
( 1 ) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش، تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، چېكىندۈرۈش ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك باشقا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(二)迅速控制危险源,标明危险区域,封锁危险场所,划定警戒区,实行交通管制以及其他控制措施;
( 2 ) خەتەر مەنبەسىنى تېز تىزگىنلەش، خەتەرلىك رايون كۆرسىتىپ قويۇش، خەتەرلىك سورۇنلارنى قامال قىلىش، ئاگاھ رايونىنى ئايرىش، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە باشقا تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش؛
(三)立即抢修被损坏的交通、通信、供水、排水、供电、供气、供热等公共设施,向受到危害的人员提供避难场所和生活必需品,实施医疗救护和卫生防疫以及其他保障措施;
( 3 ) بۇزۇلغان قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى دەرھال جىددىي رېمونت قىلىش، زىيانغا ئۇچرىغانلارغا پاناھلىنىش سورۇنى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بېرىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى شۇنىڭدەك باشقا كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(四)禁止或者限制使用有关设备、设施,关闭或者限制使用有关场所,中止人员密集的活动或者可能导致危害扩大的生产经营活动以及采取其他保护措施;
( 4 ) مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش، مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى تاقاش ياكى ئىشلىتىشنى چەكلەش، ئادەم زىچ پائالىيەتنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى خەۋپ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ھەمدە باشقا قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(五)启用本级人民政府设置的财政预备费和储备的应急救援物资,必要时调用其他急需物资、设备、设施、工具;
( 5 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مالىيە زاپاس ھەققى ۋە زاپاس جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، سايمانلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش؛
(六)组织公民参加应急救援和处置工作,要求具有特定专长的人员提供服务;
( 6 ) پۇقرالارنى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقى بار خادىملاردىن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛
(七)保障食品、饮用水、燃料等基本生活必需品的供应;
( 7 ) يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، يېقىلغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛
(八)依法从严惩处囤积居奇、哄抬物价、制假售假等扰乱市场秩序的行为,稳定市场价格,维护市场秩序;
( 8 ) بېسىمدارلىق قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا مەھسۇلات ياساش، ساختا مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى قوغداش؛
(九)依法从严惩处哄抢财物、干扰破坏应急处置工作等扰乱社会秩序的行为,维护社会治安;
( 9 ) پۇل-مالنى تالاپ كېتىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش؛
(十)采取防止发生次生、衍生事件的必要措施。
( 10 ) ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش.
第五十条 社会安全事件发生后,组织处置工作的人民政府应当立即组织有关部门并由公安机关针对事件的性质和特点,依照有关法律、行政法规和国家其他有关规定,采取下列一项或者多项应急处置措施:
50-ماددا ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك :
(一)强制隔离使用器械相互对抗或者以暴力行为参与冲突的当事人,妥善解决现场纠纷和争端,控制事态发展;
( 1 ) ئۈسكۈنىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىپ ئىشلىتىپ ئۆزئارا قارشىلاشقان ياكى زوراۋانلىق قىلمىشى بىلەن توقۇنۇشقا قاتناشقان توختاملاشقۇچىلار نەق مەيداندىكى ماجىرا ۋە تالاش-تارتىشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىشى؛
(二)对特定区域内的建筑物、交通工具、设备、设施以及燃料、燃气、电力、水的供应进行控制;
( 2 ) مۇئەييەن رايوندىكى ئىمارەت، قاتناش قورالى، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، شۇنىڭدەك يېقىلغۇ، يېقىلغۇ گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تىزگىنلەش؛
(三)封锁有关场所、道路,查验现场人员的身份证件,限制有关公共场所内的活动;
( 3 ) مۇناسىۋەتلىك سورۇن، يوللارنى قامال قىلىش، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى سورۇندىكى پائالىيەتكە چەك قويۇش؛
(四)加强对易受冲击的核心机关和单位的警卫,在国家机关、军事机关、国家通讯社、广播电台、电视台、外国驻华使领馆等单位附近设置临时警戒线;
( 4 ) ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان يادرولۇق ئورگان ۋە ئورۇنلارنى مۇھاپىزەت قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئورگىنى، ھەربىي ئورگان، دۆلەت ئاگېنتلىقى، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىدا ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت لىنىيەسى تەسىس قىلىش؛
(五)法律、行政法规和国务院规定的其他必要措施。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.
严重危害社会治安秩序的事件发生时,公安机关应当立即依法出动警力,根据现场情况依法采取相应的强制性措施,尽快使社会秩序恢复正常。
جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋەقە يۈزبەرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دەرھال ساقچى كۈچى ئىشقا سېلىپ، نەق مەيدان ئەھۋالىغا قاراپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
第五十一条 发生突发事件,严重影响国民经济正常运行时,国务院或者国务院授权的有关主管部门可以采取保障、控制等必要的应急措施,保障人民群众的基本生活需要,最大限度地减轻突发事件的影响。
51-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق كاپالەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش قاتارلىق زۆرۈر جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتسا بولىدۇ.
第五十二条 履行统一领导职责或者组织处置突发事件的人民政府,必要时可以向单位和个人征用应急救援所需设备、设施、场地、交通工具和其他物资,请求其他地方人民政府提供人力、物力、财力或者技术支援,要求生产、供应生活必需品和应急救援物资的企业组织生产、保证供给,要求提供医疗、交通等公共服务的组织提供相应的服务。
52-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللىگەن خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر تېپىلغاندا ئورۇن ۋە شەخسلەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە كېرەكلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەيدان-ئورۇن، قاتناش قورالى ۋە باشقا ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئىشلىتىپ، باشقا جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ياكى تېخنىكا ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تەمىنلەيدىغان كارخانىلاردىن ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش، قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن مۇناسىپ مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش.
履行统一领导职责或者组织处置突发事件的人民政府,应当组织协调运输经营单位,优先运送处置突发事件所需物资、设备、工具、应急救援人员和受到突发事件危害的人员。
بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تىرانسپورت تىجارىتى ئورۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، قورال، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ خەۋپكە ئۇچرىغانلارنى ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.
第五十三条 履行统一领导职责或者组织处置突发事件的人民政府,应当按照有关规定统一、准确、及时发布有关突发事件事态发展和应急处置工作的信息。
53-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك بىرتۇتاش، توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
第五十四条 任何单位和个人不得编造、传播有关突发事件事态发展或者应急处置工作的虚假信息。
54-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ راۋاجى ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرنى ئويدۇرۇشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第五十五条 突发事件发生地的居民委员会、村民委员会和其他组织应当按照当地人民政府的决定、命令,进行宣传动员,组织群众开展自救和互救,协助维护社会秩序。
55-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە باشقا تەشكىلات شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى، بۇيرۇقى بويىچە تەشۋىق قىلىپ ۋە سەپەرۋەر قىلىشى، ئاممىنى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第五十六条 受到自然灾害危害或者发生事故灾难、公共卫生事件的单位,应当立即组织本单位应急救援队伍和工作人员营救受害人员,疏散、撤离、安置受到威胁的人员,控制危险源,标明危险区域,封锁危险场所,并采取其他防止危害扩大的必要措施,同时向所在地县级人民政府报告;对因本单位的问题引发的或者主体是本单位人员的社会安全事件,有关单位应当按照规定上报情况,并迅速派出负责人赶赴现场开展劝解、疏导工作。
56-ماددا تەبىئىي ئاپەت خەۋپىگە ئۇچرىغان ياكى ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەن ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە خادىملىرىنى دەرھال تەشكىللەپ زىيانغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشى، تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشى، چېكىندۈرۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، خەتەر مەنبەسىنى تىزگىنلىشى، خەتەرلىك رايون كۆرسىتىپ قويۇشى، خەتەرلىك سورۇننى قامال قىلىشى كېرەك، ھەمدە خەۋپ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ؛ شۇ ئورۇندىكى مەسىلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ياكى ئاساسىي گەۋدە شۇ ئورۇندىكى خادىملار يۈزبەرگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى يۇقىرىغا يوللىشى ھەمدە تېزدىن مەسئۇل كىشىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ياراشتۇرۇش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىشى كېرەك.
突发事件发生地的其他单位应当服从人民政府发布的决定、命令,配合人民政府采取的应急处置措施,做好本单位的应急救援工作,并积极组织人员参加所在地的应急救援和处置工作。
تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى باشقا ئورۇنلار خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قارار ۋە بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى، شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە خادىملارنى شۇ جاينىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللىشى كېرەك.
第五十七条 突发事件发生地的公民应当服从人民政府、居民委员会、村民委员会或者所属单位的指挥和安排,配合人民政府采取的应急处置措施,积极参加应急救援工作,协助维护社会秩序。
57-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى قاراشلىق ئورۇننىڭ قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، خەلق ھۆكۈمىتى قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第五章 事后恢复与重建
5-باب ۋەقەدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش
第五十八条 突发事件的威胁和危害得到控制或者消除后,履行统一领导职责或者组织处置突发事件的人民政府应当停止执行依照本法规定采取的应急处置措施,同时采取或者继续实施必要措施,防止发生自然灾害、事故灾难、公共卫生事件的次生、衍生事件或者重新引发社会安全事件。
58-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەھدىتى ۋە خەۋپى تىزگىنلەنگەن ياكى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنى تەشكىللەپ بىر تەرەپ قىلغان خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى ياكى داۋاملىق يولغا قويۇشى كېرەك، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە يۈزبېرىشىنىڭ ياكى جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنىڭ يېڭىباشتىن يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
第五十九条 突发事件应急处置工作结束后,履行统一领导职责的人民政府应当立即组织对突发事件造成的损失进行评估,组织受影响地区尽快恢复生产、生活、工作和社会秩序,制定恢复重建计划,并向上一级人民政府报告。
59-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان زىياننى باھالاشقا دەرھال تەشكىللىشى، تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پىلانى تۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
受突发事件影响地区的人民政府应当及时组织和协调公安、交通、铁路、民航、邮电、建设等有关部门恢复社会治安秩序,尽快修复被损坏的交通、通信、供水、排水、供电、供气、供热等公共设施。
تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، پوچتا-تېلېگراف، قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى، بۇزۇلغان قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
第六十条 受突发事件影响地区的人民政府开展恢复重建工作需要上一级人民政府支持的,可以向上一级人民政府提出请求。上一级人民政府应当根据受影响地区遭受的损失和实际情况,提供资金、物资支持和技术指导,组织其他地区提供资金、物资和人力支援。
60-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەسىرگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئۇچرىغان زىيىنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا مەدىتى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى، باشقا رايونلارنى مەبلەغ، ماددىي بۇيۇم ۋە ئادەم كۈچى ياردىمى بېرىشكە تەشكىللىشى كېرەك.
第六十一条 国务院根据受突发事件影响地区遭受损失的情况,制定扶持该地区有关行业发展的优惠政策。
61-ماددا گوۋۇيۈەن تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايوننىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىدۇ.
受突发事件影响地区的人民政府应当根据本地区遭受损失的情况,制定救助、补偿、抚慰、抚恤、安置等善后工作计划并组织实施,妥善解决因处置突发事件引发的矛盾和纠纷。
تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ رايوننىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، تولۇقلىما بېرىش، تەسەللى بېرىش، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قالدۇق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.
公民参加应急救援工作或者协助维护社会秩序期间,其在本单位的工资待遇和福利不变;表现突出、成绩显著的,由县级以上人民政府给予表彰或者奖励。
پۇقرالار جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملەشكەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ شۇ ئورۇندىكى مائاش تەمىناتى ۋە پاراۋانلىقى ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئىپادىسى گەۋدىلىك، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
县级以上人民政府对在应急救援工作中伤亡的人员依法给予抚恤。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا قانۇن بويىچە نەپىقە بېرىدۇ.
第六十二条 履行统一领导职责的人民政府应当及时查明突发事件的发生经过和原因,总结突发事件应急处置工作的经验教训,制定改进措施,并向上一级人民政府提出报告。
62-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىش جەريانى ۋە سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六十三条 地方各级人民政府和县级以上各级人民政府有关部门违反本法规定,不履行法定职责的,由其上级行政机关或者监察机关责令改正;有下列情形之一的,根据情节对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:
63-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئەھۋالغا قاراپ قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)未按规定采取预防措施,导致发生突发事件,或者未采取必要的防范措施,导致发生次生、衍生事件的;
( 1 ) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرغان ياكى زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي، ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە تۇغدۇرغان بولسا؛
(二)迟报、谎报、瞒报、漏报有关突发事件的信息,或者通报、报送、公布虚假信息,造成后果的;
( 2 ) تاسادىپىي ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي، چالا مەلۇم قىلىپ ياكى ساختا ئۇچۇرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يوللاپ، ئېلان قىلىپ ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(三)未按规定及时发布突发事件警报、采取预警期的措施,导致损害发生的;
( 3 ) تاسادىپىي ۋەقە سىگنالىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلماي، ئاگاھلاندۇرۇش مۇددىتى تەدبىرى قوللانماي، زىيان پەيدا قىلغانلار؛
(四)未按规定及时采取措施处置突发事件或者处置不当,造成后果的;
( 4 ) تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ياكى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماي ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(五)不服从上级人民政府对突发事件应急处置工作的统一领导、指挥和协调的;
( 5 ) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، قوماندانلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛
(六)未及时组织开展生产自救、恢复重建等善后工作的;
( 6 ) ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق قالدۇق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرمىغانلار؛
(七)截留、挪用、私分或者变相私分应急救援资金、物资的;
( 7 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش مەبلىغى، ماددىي ئەشيالىرىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئاستىرتىن تەقسىم قىلىۋالغانلار؛
(八)不及时归还征用的单位和个人的财产,或者对被征用财产的单位和个人不按规定给予补偿的。
( 8 ) ئېلىپ ئىشلەتكەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مال-مۈلكىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مال-مۈلۈكنى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بەرمىگەنلەر.
第六十四条 有关单位有下列情形之一的,由所在地履行统一领导职责的人民政府责令停产停业,暂扣或者吊销许可证或者营业执照,并处五万元以上二十万元以下的罚款;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予处罚:
64-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى شۇ جايدىكى بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىجازەتنامە ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :
(一)未按规定采取预防措施,导致发生严重突发事件的;
( 1 ) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرغانلار؛
(二)未及时消除已发现的可能引发突发事件的隐患,导致发生严重突发事件的;
( 2 ) بايقالغان تاسادىپىي ۋەقە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا يوقاتماي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە پەيدا قىلغانلار؛
(三)未做好应急设备、设施日常维护、检测工作,导致发生严重突发事件或者突发事件危害扩大的;
( 3 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسلىھەلىرىنى كۈندىلىك ئاسراش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن ياكى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ خەۋپ-خەتىرى كېڭىيىپ كەتكەنلەر؛
(四)突发事件发生后,不及时组织开展应急救援工作,造成严重后果的。
( 4 ) تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.
前款规定的行为,其他法律、行政法规规定由人民政府有关部门依法决定处罚的,从其规定。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارغا باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشنى قارار قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第六十五条 违反本法规定,编造并传播有关突发事件事态发展或者应急处置工作的虚假信息,或者明知是有关突发事件事态发展或者应急处置工作的虚假信息而进行传播的,责令改正,给予警告;造成严重后果的,依法暂停其业务活动或者吊销其执业许可证;负有直接责任的人员是国家工作人员的,还应当对其依法给予处分;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予处罚。
65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرنى ئويدۇرغان ھەمدە تارقاتقانلار ياكى تاسادىپىي ۋەقە، ھادىسىنىڭ راۋاجى ياكى جىددىي بىر ياقلىق قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تارقاتقانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ كەسپىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملار دۆلەت خادىملىرى بولسا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.
第六十六条 单位或者个人违反本法规定,不服从所在地人民政府及其有关部门发布的决定、命令或者不配合其依法采取的措施,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予处罚。
66-ماددا ئورۇن ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى چىقارغان قارار، بۇيرۇقلارغا بويسۇنماي ياكى ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تەدبىرلىرىگە ماسلاشماي، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.
第六十七条 单位或者个人违反本法规定,导致突发事件发生或者危害扩大,给他人人身、财产造成损害的,应当依法承担民事责任。
67-ماددا ئورۇن ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرۇپ ياكى خەۋپنى كېڭەيتىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلكىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第六十八条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第六十九条 发生特别重大突发事件,对人民生命财产安全、国家安全、公共安全、环境安全或者社会秩序构成重大威胁,采取本法和其他有关法律、法规、规章规定的应急处置措施不能消除或者有效控制、减轻其严重社会危害,需要进入紧急状态的,由全国人民代表大会常务委员会或者国务院依照宪法和其他有关法律规定的权限和程序决定。
69-ماددا پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، مۇھىت بىخەتەرلىكى ياكى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر، زور تەھدىت سالغاندا، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپىنى تۈگەتكىلى ياكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى، يېنىكلەتكىلى بولمىسا، جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش زۆرۈر بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇندا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قارار قىلىدۇ.
紧急状态期间采取的非常措施,依照有关法律规定执行或者由全国人民代表大会常务委员会另行规定。
جىددىي ھالەت مەزگىلىدە قوللىنىلغان پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
第七十条 本法自2007年11月1日起施行。
70-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.