(2023年12月29日第十四届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2023年12月29日第十四届全国人民代表大会常务委员会第七次会议通过)
( 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 耕地保护
2-باب تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش
第三章 粮食生产
3-باب ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش
第四章 粮食储备
4-باب ئاشلىق زاپىسى
第五章 粮食流通
5-باب ئاشلىق ئوبوروتى
第六章 粮食加工
6-باب ئاشلىق پىششىقلاش
第七章 粮食应急
7-باب ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش
第八章 粮食节约
8-باب ئاشلىق تېجەش
第九章 监督管理
9-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第十章 法律责任
10-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第十一章 附 则
11-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了保障粮食有效供给,确保国家粮食安全,提高防范和抵御粮食安全风险能力,维护经济社会稳定和国家安全,根据宪法,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ئاشلىق تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
第二条 国家粮食安全工作坚持中国共产党的领导,贯彻总体国家安全观,统筹发展和安全,实施以我为主、立足国内、确保产能、适度进口、科技支撑的国家粮食安全战略,坚持藏粮于地、藏粮于技,提高粮食生产、储备、流通、加工能力,确保谷物基本自给、口粮绝对安全。
2-ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
保障国家粮食安全应当树立大食物观,构建多元化食物供给体系,全方位、多途径开发食物资源,满足人民群众对食物品种丰富多样、品质营养健康的消费需求。
دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، بۈيۈك يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېمەكلىك بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئېچىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك تۈرى مول، كۆپ خىل، سۈپەتلىك، ئوزۇقلۇقى ساغلام بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
第三条 国家建立粮食安全责任制,实行粮食安全党政同责。县级以上地方人民政府应当承担保障本行政区域粮食安全的具体责任。
3-ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
县级以上人民政府发展改革、自然资源、农业农村、粮食和储备等主管部门依照本法和规定的职责,协同配合,做好粮食安全保障工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
第四条 国家加强粮食宏观调控,优化粮食品种结构和区域布局,统筹利用国内、国际的市场和资源,构建科学合理、安全高效的粮食供给保障体系,提升粮食供给能力和质量安全。
4-ماددا دۆلەت ئاشلىقنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق سورتى قۇرۇلمىسى ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بازار ۋە بايلىقتىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق تەمىنات ئىقتىدارى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家加强国际粮食安全合作,发挥粮食国际贸易作用。
دۆلەت خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق خەلقئارا سودىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
第五条 县级以上人民政府应当将粮食安全保障纳入国民经济和社会发展规划。县级以上人民政府有关部门应当根据粮食安全保障目标、任务等,编制粮食安全保障相关专项规划,按照程序批准后实施。
5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈشى، تەرتىپ بويىچە تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.
第六条 国家建立健全粮食安全保障投入机制,采取财政、金融等支持政策加强粮食安全保障,完善粮食生产、收购、储存、运输、加工、销售协同保障机制,建设国家粮食安全产业带,调动粮食生产者和地方人民政府保护耕地、种粮、做好粮食安全保障工作的积极性,全面推进乡村振兴,促进粮食产业高质量发展,增强国家粮食安全保障能力。
6-ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش-كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئاشلىق تېرىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىدۇ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ.
国家引导社会资本投入粮食生产、储备、流通、加工等领域,并保障其合法权益。
دۆلەت ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
国家引导金融机构合理推出金融产品和服务,为粮食生产、储备、流通、加工等提供支持。国家完善政策性农业保险制度,鼓励开展商业性保险业务。
دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى مۇۋاپىق يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا خاراكتېرلىك سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
第七条 国家加强粮食安全科技创新能力和信息化建设,支持粮食领域基础研究、关键技术研发和标准化工作,完善科技人才培养、评价和激励等机制,促进科技创新成果转化和先进技术、设备的推广使用,提高粮食生产、储备、流通、加工的科技支撑能力和应用水平。
7-ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى بويىچە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ساھەسىدىكى ئۇل تەتقىقات، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قوللاپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا ئىجادىي نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاشتىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.
第八条 各级人民政府及有关部门应当采取多种形式加强粮食安全宣传教育,提升全社会粮食安全意识,引导形成爱惜粮食、节约粮食的良好风尚。
8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئاشلىق تېجەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
第九条 对在国家粮食安全保障工作中做出突出贡献的单位和个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。
9-ماددا دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
第二章 耕地保护
2-باب تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش
第十条 国家实施国土空间规划下的国土空间用途管制,统筹布局农业、生态、城镇等功能空间,划定落实耕地和永久基本农田保护红线、生态保护红线和城镇开发边界,严格保护耕地。
10-ماددا دۆلەت يولغا قويغان زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدىكى زېمىن بوشلۇقىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە، شەھەر-بازار قاتارلىق فۇنكسىيەلىك بوشلۇقلارنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە شەھەر-بازار ئېچىش پاسىلىنى بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداش.
国务院确定省、自治区、直辖市人民政府耕地和永久基本农田保护任务。县级以上地方人民政府应当确保本行政区域内耕地和永久基本农田总量不减少、质量有提高。
گوۋۇيۈەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى بېكىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
国家建立耕地保护补偿制度,调动耕地保护责任主体保护耕地的积极性。
دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتى سۇبيېكتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.
第十一条 国家实行占用耕地补偿制度,严格控制各类占用耕地行为;确需占用耕地的,应当依法落实补充耕地责任,补充与所占用耕地数量相等、质量相当的耕地。
11-ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىشتەك ھەر خىل قىلمىشلارنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ؛ تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقەتەن ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ سانى بىلەن تەڭ، سۈپىتى مۇناسىپ بولغان تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش كېرەك.
省、自治区、直辖市人民政府应当组织本级人民政府自然资源主管部门、农业农村主管部门对补充耕地的数量进行认定、对补充耕地的质量进行验收,并加强耕地质量跟踪评价。
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىنى تەشكىللەپ، تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سانىنى بېكىتىشى، تولۇقلانغان سۇلۇق يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ھەمدە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئىز قوغلاپ باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第十二条 国家严格控制耕地转为林地、草地、园地等其他农用地。禁止违规占用耕地绿化造林、挖湖造景等行为。禁止在国家批准的退耕还林还草计划外擅自扩大退耕范围。
12-ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى ئورمان، ئوتلاق، باغ قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ. تېرىلغۇ يەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىپ كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش، كۆل كولاپ مەنزىرە بەرپا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. دۆلەت تەستىقلىغان تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش پىلانىدىن سىرت، تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش دائىرىسىنى ئۆز مەيلىچە كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
第十三条 耕地应当主要用于粮食和棉、油、糖、蔬菜等农产品及饲草饲料生产。县级以上地方人民政府应当根据粮食和重要农产品保供目标任务,加强耕地种植用途管控,落实耕地利用优先序,调整优化种植结构。具体办法由国务院农业农村主管部门制定。
13-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئاساسلىقى ئاشلىق ۋە پاختا، ياغلىق دان، شېكەر، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، تېرىلغۇ يەرنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەردىن پايدىلىنىش تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.
县级以上地方人民政府农业农村主管部门应当加强耕地种植用途管控日常监督。村民委员会、农村集体经济组织发现违反耕地种植用途管控要求行为的,应当及时向乡镇人民政府或者县级人民政府农业农村主管部门报告。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى تېرىلغۇ يەرنى تېرىش ئورنىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش كۈندىلىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第十四条 国家建立严格的耕地质量保护制度,加强高标准农田建设,按照量质并重、系统推进、永续利用的要求,坚持政府主导与社会参与、统筹规划与分步实施、用养结合与建管并重的原则,健全完善多元投入保障机制,提高建设标准和质量。
14-ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قاتتىق قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىقدار بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، مەڭگۈ داۋاملىق پايدىلىنىش تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن جەمئىيەت قاتنىشىش، بىرتۇتاش پىلانلاش بىلەن قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، ئىشلىتىش بىلەن بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش بىلەن قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
第十五条 县级以上人民政府应当建立耕地质量和种植用途监测网络,开展耕地质量调查和监测评价,采取土壤改良、地力培肥、治理修复等措施,提高中低产田产能,治理退化耕地,加强大中型灌区建设与改造,提升耕地质量。
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتى ۋە تېرىقچىلىق ئورنىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش تورى بەرپا قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش-باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇش، تۈزەش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېكىنگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
国家建立黑土地保护制度,保护黑土地的优良生产能力。
دۆلەت قارا تۇپراقنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قارا تۇپراقنىڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.
国家建立健全耕地轮作休耕制度,鼓励农作物秸秆科学还田,加强农田防护林建设;支持推广绿色、高效粮食生产技术,促进生态环境改善和资源永续利用。
دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەر قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ شاخ ـ شۇمبىلىرىنى ئېتىزغا ئىلمىي قايتۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ؛ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە بايلىقتىن مەڭگۈ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
第十六条 县级以上地方人民政府应当因地制宜、分类推进撂荒地治理,采取措施引导复耕。家庭承包的发包方可以依法通过组织代耕代种等形式将撂荒地用于农业生产。
16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى تۈزەشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ قايتا تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان ھۆددە بەرگۈچى ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن تېرىشقا تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرنى قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.
第十七条 国家推动盐碱地综合利用,制定相关规划和支持政策,鼓励和引导社会资本投入,挖掘盐碱地开发利用潜力,分区分类开展盐碱耕地治理改良,加快选育耐盐碱特色品种,推广改良盐碱地有效做法,遏制耕地盐碱化趋势。
17-ماددا دۆلەت شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان ۋە قوللاش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شورلۇق يەرلەرنى ئېچىپ پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاشنى رايون، تۈر بويىچە قانات يايدۇرۇپ، شورغا چىداملىق ئۆزگىچە سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، ياخشىلاپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ شورلىشىش يۈزلىنىشىنى توسىدۇ.
第三章 粮食生产
3-باب ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش
第十八条 国家推进种业振兴,维护种业安全,推动种业高质量发展。
18-ماددا دۆلەت ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇقچىلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
国家加强粮食作物种质资源保护开发利用,建设国家农业种质资源库,健全国家良种繁育体系,推进粮食作物种质资源保护与管理信息化建设,提升供种保障能力。
دۆلەت ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق سۈپىتى بايلىقىنى قوغداش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق سۈپىتى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق سۈپىتى بايلىقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇقنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家加强植物新品种权保护,支持育种基础性、前沿性研究和应用技术研究,鼓励粮食作物种子科技创新和产业化应用,支持开展育种联合攻关,培育具有自主知识产权的优良品种。
دۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سورت يېتىشتۈرۈشتىكى ئۇللۇق، ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ۋە قوللىنىش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى قوللاپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈشتە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرىدۇ.
第十九条 省级以上人民政府应当建立种子储备制度,主要用于发生灾害时的粮食生产需要及余缺调剂。
19-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇرۇق زاپىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسلىقى ئاپەت يۈزبەرگەن چاغدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ۋە ئارتۇق-كېمىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىشى كېرەك.
第二十条 县级以上人民政府应当统筹做好肥料、农药、农用薄膜等农业生产资料稳定供应工作,引导粮食生产者科学施用化肥、农药,合理使用农用薄膜,增施有机肥料。
20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق سولياۋ يوپۇقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى مۇقىم تەمىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە، يېزا ئىگىلىك سولياۋ يوپۇقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە، ئورگانىك ئوغۇت بېرىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
第二十一条 国家加强水资源管理和水利基础设施建设,优化水资源配置,保障粮食生产合理用水需求。各级人民政府应当组织做好农田水利建设和运行维护,保护和完善农田灌溉排水体系,因地制宜发展高效节水农业。
21-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇۋاپىق سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېتىزلارنىڭ سۇغىرىش-سۇ چىقىرىش سىستېمىسىنى قوغداپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
县级以上人民政府应当组织开展水土流失综合治理、土壤污染防治和地下水超采治理。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى تۈزەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第二十二条 国家推进农业机械产业发展,加强农业机械化作业基础条件建设,推广普及粮食生产机械化技术,鼓励使用绿色、智能、高效的农业机械,促进粮食生产全程机械化,提高粮食生产效率。
22-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش ئاساسىي شارائىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل، ئاقىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
第二十三条 国家加强农业技术推广体系建设,支持推广应用先进适用的粮食生产技术,因地制宜推广间作套种等种植方法,鼓励创新推广方式,提高粮食生产技术推广服务水平,促进提高粮食单产。
23-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا مەدەت بېرىپ، قۇر ئارىلاپ تېرىش، كىرىشتۈرۈپ تېرىش قاتارلىق تېرىش ئۇسۇللىرىنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
国家鼓励农业信息化建设,提高粮食生产信息化、智能化水平,推进智慧农业发展。
دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
第二十四条 国家加强粮食生产防灾减灾救灾能力建设。县级以上人民政府应当建立健全农业自然灾害和生物灾害监测预警体系、防灾减灾救灾工作机制,加强干旱、洪涝、低温、高温、风雹、台风等灾害防御防控技术研究应用和安全生产管理,落实灾害防治属地责任,加强粮食作物病虫害防治和植物检疫工作。
24-ماددا دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك تەبىئىي ئاپىتى ۋە بىيو ئاپەتنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سىگنال بېرىش سىستېمىسى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن-ھۆلچىلىك، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، بوران-مۆلدۈر، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، قوللىنىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
国家鼓励和支持开展粮食作物病虫害绿色防控和统防统治。粮食生产者应当做好粮食作物病虫害防治工作,并对各级人民政府及有关部门组织开展的病虫害防治工作予以配合。
دۆلەت ئاشلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەل-ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئاشلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان كېسەللىك-ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.
第二十五条 国家加强粮食生产功能区和重要农产品生产保护区建设,鼓励农业生产者种植优质农作物。县级以上人民政府应当按照规定组织划定粮食生产功能区和重要农产品生产保护区并加强建设和管理,引导农业生产者种植目标作物。
25-ماددا دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك زىرائەت تېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونىنى بېكىتىشكە تەشكىللىشى ھەمدە قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى نىشانلىق زىرائەت تېرىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
第二十六条 国家采取措施稳定粮食播种面积,合理布局粮食生产,粮食主产区、主销区、产销平衡区都应当保面积、保产量。
26-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە كۆلەمگە، ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
粮食主产区应当不断提高粮食综合生产能力,粮食主销区应当稳定和提高粮食自给率,粮食产销平衡区应当确保粮食基本自给。
ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلار ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان رايونلار ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە ئۆستۈرۈشى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلار ئاشلىقتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
国家健全粮食生产者收益保障机制,以健全市场机制为目标完善农业支持保护制度和粮食价格形成机制,促进农业增效、粮食生产者增收,保护粮食生产者的种粮积极性。
دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنى تاكامۇل قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش-قوغداش تۈزۈمى ۋە ئاشلىق باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغدايدۇ.
省级以上人民政府应当通过预算安排资金,支持粮食生产。
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خامچوت ئارقىلىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللىشى كېرەك.
第二十七条 国家扶持和培育家庭农场、农民专业合作社等新型农业经营主体从事粮食生产,鼓励其与农户建立利益联结机制,提高粮食生产能力和现代化水平。
27-ماددا دۆلەت ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ ۋە ئۇنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家支持面向粮食生产者的产前、产中、产后社会化服务,提高社会化服务水平,鼓励和引导粮食适度规模经营,支持粮食生产集约化。
دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قوللايدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىقنى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈجۈپىلىشىشىنى قوللايدۇ.
第二十八条 国家健全粮食主产区利益补偿机制,完善对粮食主产区和产粮大县的财政转移支付制度,调动粮食生产积极性。
28-ماددا دۆلەت ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلار ۋە ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە قارىتىلغان مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.
省、自治区、直辖市人民政府可以根据本行政区域实际情况,建立健全对产粮大县的利益补偿机制,提高粮食安全保障相关指标在产粮大县经济社会发展综合考核中的比重。
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتىكى سالمىقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.
第四章 粮食储备
4-باب ئاشلىق زاپىسى
第二十九条 国家建立政府粮食储备体系。政府粮食储备分为中央政府储备和地方政府储备。政府粮食储备用于调节粮食供求、稳定粮食市场、应对突发事件等。
29-ماددا دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسى مەركىزىي ھۆكۈمەت زاپىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زاپىسىغا بۆلۈنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى تەڭشەش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
中央政府粮食储备规模和地方政府粮食储备总量规模由国务院确定并实行动态调整。政府粮食储备的品种结构、区域布局按照国务院有关规定确定。
مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش كۆلىمى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئومۇمىي مىقدارى كۆلىمىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ. ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپىسىنىڭ سورت قۇرۇلمىسى، رايونلارنىڭ جايلىشىشى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
政府粮食储备的收购、销售、轮换、动用等应当严格按照国家有关规定执行。
ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.
第三十条 承储政府粮食储备的企业或者其他组织应当遵守法律、法规和国家有关规定,实行储备与商业性经营业务分开,建立健全内部管理制度,落实安全生产责任和消防安全责任,对承储粮食数量、质量负责,实施粮食安全风险事项报告制度,确保政府粮食储备安全。
30-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى، زاپاس ساقلاش بىلەن سودا خاراكتېرلىك تىجارەت كەسپىنى ئايرىشى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ساقلانغان ئاشلىقنىڭ مىقدارى، سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىگە دائىر ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
承储中央政府粮食储备和省级地方政府粮食储备的企业应当剥离商业性经营业务。
مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار سودا خاراكتېرلىك تىجارەت كەسپىنى ئايرىۋېتىشى كېرەك.
政府粮食储备的收购、销售、轮换、动用等应当进行全过程记录,实现政府粮食储备信息实时采集、处理、传输、共享,确保可查询、可追溯。
ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى پۈتۈن جەريانلىق خاتىرىلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش، تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈرۈشتۈرگىلى، سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
第三十一条 承储政府粮食储备的企业或者其他组织应当保证政府粮食储备账实相符、账账相符,实行专仓储存、专人保管、专账记载,不得虚报、瞒报政府粮食储备数量、质量、品种。
31-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسى ھېساباتىنىڭ ئەمەلىي بىلەن ماس كېلىشى، ھېسابات بىلەن ھېساباتنىڭ ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەخسۇس ئامباردا ساقلاش، مەخسۇس ئادەم ساقلاش، مەخسۇس ھېساباتتا خاتىرىلەشنى يولغا قويۇشى كېرەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، تۈرىنى يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ.
承储政府粮食储备的企业或者其他组织应当执行储备粮食质量安全检验监测制度,保证政府粮食储备符合规定的质量安全标准、达到规定的质量等级。
ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار زاپاس ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە، بەلگىلەنگەن سۈپەت دەرىجىسىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第三十二条 县级以上地方人民政府应当根据本行政区域实际情况,指导规模以上粮食加工企业建立企业社会责任储备,鼓励家庭农场、农民专业合作社、农业产业化龙头企业自主储粮,鼓励有条件的经营主体为农户提供粮食代储服务。
32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆلەمدىن يۇقىرى ئاشلىق پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ كارخانا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت زاپىسى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاشلىق ساقلىشىغا ئىلھام بېرىشى، شارائىتى بار تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن ئاشلىقنى ۋاكالىتەن ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
第三十三条 县级以上人民政府应当加强粮食储备基础设施及质量检验能力建设,推进仓储科技创新和推广应用,加强政府粮食储备管理信息化建设。
33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامباردا ساقلاش پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى ئالغا سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第三十四条 县级以上人民政府应当将政府粮食储备情况列为年度国有资产报告内容,向本级人民代表大会常务委员会报告。
34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ئەھۋالىنى يىللىق دۆلەت مۈلكى دوكلاتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第五章 粮食流通
5-باب ئاشلىق ئوبوروتى
第三十五条 国家加强对粮食市场的管理,充分发挥市场作用,健全市场规则,维护市场秩序,依法保障粮食经营者公平参与市场竞争,维护粮食经营者合法权益。
35-ماددا دۆلەت ئاشلىق بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى ساقلاپ، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاشلىق تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
国家采取多种手段加强对粮食市场的调控,保持全国粮食供求总量基本平衡和市场基本稳定。县级以上地方人民政府应当采取措施确保国家粮食宏观调控政策的贯彻执行。
دۆلەت كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق تەمىناتى بىلەن تەلەپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشى ۋە بازارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىقنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第三十六条 县级以上地方人民政府应当加强对粮食仓储、物流等粮食流通基础设施的建设和保护,组织建设与本行政区域粮食收储规模和保障供应要求相匹配,布局合理、功能齐全的粮食流通基础设施,并引导社会资本投入粮食流通基础设施建设。
36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش كۆلىمى ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە لايىقلاشقان، جايلىشىشى مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى تولۇق بولغان ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
任何单位和个人不得侵占、损毁、擅自拆除或者迁移政府投资建设的粮食流通基础设施,不得擅自改变政府投资建设的粮食流通基础设施的用途。
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە ياكى يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ سالغان ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第三十七条 从事粮食收购、储存、加工、销售的经营者以及饲料、工业用粮企业,应当按照规定建立粮食经营台账,并向所在地的县级人民政府粮食和储备主管部门报送粮食购进、储存、销售等基本数据和有关情况。
37-ماددا ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنىڭدەك يەم-خەشەك، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئاشلىق كارخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاشلىق تىجارىتى ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەسئۇل تارمىقىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، سېتىش قاتارلىقلارغا دائىر ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يوللىشى كېرەك.
第三十八条 为了保障市场供应、保护粮食生产者利益,必要时国务院可以根据粮食安全形势和财政状况,决定对重点粮食品种在粮食主产区实行政策性收储。
38-ماددا بازار تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، زۆرۈر تېپىلغاندا گوۋۇيۈەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ۋە مالىيە ئەھۋالىغا قاراپ، نۇقتىلىق ئاشلىق سورتلىرىنى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش-ساقلاشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
第三十九条 从事粮食收购、加工、销售的规模以上经营者,应当按照所在地省、自治区、直辖市人民政府的规定,执行特定情况下的粮食库存量。
39-ماددا ئاشلىق سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆلەمدىن يۇقىرى تىجارەتچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇئەييەن ئەھۋالدىكى ئاشلىق ئامبىرى ساقلانما مىقدارىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
第四十条 粮食供求关系和价格显著变化或者有可能显著变化时,县级以上人民政府及其有关部门可以按照权限采取下列措施调控粮食市场:
40-ماددا ئاشلىق تەمىناتى-تەلەپ مۇناسىۋىتى ۋە باھادا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسا ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىمالى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاشلىق بازىرىنى تەڭشىسە، تىزگىنلىسە بولىدۇ :
(一)发布粮食市场信息;
( 1 ) ئاشلىق بازىرى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش؛
(二)实行政策性粮食收储和销售;
( 2 ) سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى سېتىۋېلىش، ساقلاش ۋە سېتىشنى يولغا قويۇش؛
(三)要求执行特定情况下的粮食库存量;
( 3 ) مۇئەييەن ئەھۋالنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدىكى ئاشلىق ئامبار زاپىسى؛
(四)组织投放储备粮食;
( 4 ) زاپاس ئاشلىقنى بازارغا سېلىشقا تەشكىللەش؛
(五)引导粮食加工转化或者限制粮食深加工用粮数量;
( 5 ) ئاشلىقنى پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش ياكى ئاشلىقنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاشلىق مىقدارىغا چەك قويۇش؛
(六)其他必要措施。
( 6 ) باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.
必要时,国务院和省、自治区、直辖市人民政府可以依照《中华人民共和国价格法》的规定采取相应措施。
زۆرۈر تېپىلغاندا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.
第四十一条 国家建立健全粮食风险基金制度。粮食风险基金主要用于支持粮食储备、稳定粮食市场等。
41-ماددا دۆلەت ئاشلىق خەۋپ-خەتىرى فوندى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئاشلىق خەۋپ-خەتىرى فوندى ئاساسلىقى ئاشلىق زاپىسىنى قوللاش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
第六章 粮食加工
6-باب ئاشلىق پىششىقلاش
第四十二条 国家鼓励和引导粮食加工业发展,重点支持在粮食生产功能区和重要农产品生产保护区发展粮食加工业,协调推进粮食初加工、精深加工、综合利用加工,保障粮食加工产品有效供给和质量安全。
42-ماددا دۆلەت ئاشلىق پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى، قوغداش رايونلىرىدا ئاشلىق پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىدۇ، ئاشلىقنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ پىششىقلاشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق پىششىقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
粮食加工经营者应当执行国家有关标准,不得掺杂使假、以次充好,对其加工的粮食质量安全负责,接受监督。
ئاشلىق پىششىقلاش تىجارەتچىلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلىشى، باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ساختىلىق قىلماسلىقى، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتمەسلىكى، ئۆزى پىششىقلىغان ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第四十三条 国家鼓励和引导粮食加工结构优化,增加优质、营养粮食加工产品供给,优先保障口粮加工,饲料用粮、工业用粮加工应当服从口粮保障。
43-ماددا دۆلەت ئاشلىق پىششىقلاش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، سۈپەتلىك، قۇۋۋەتلىك ئاشلىق پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار تەمىناتىنى ئاشۇرىدۇ، ئوزۇقلۇق ئاشلىق پىششىقلاشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەم-خەشەك ئىشلىتىش، سانائەت ئاشلىقىنى پىششىقلاشتا ئوزۇقلۇق ئاشلىق كاپالىتىگە بويسۇنۇش كېرەك.
第四十四条 县级以上地方人民政府应当根据本行政区域人口和经济社会发展水平,科学布局粮食加工业,确保本行政区域的粮食加工能力特别是应急状态下的粮食加工能力。
44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاھالە ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ئاشلىق پىششىقلاش كەسپىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق پىششىقلاش ئىقتىدارى، بولۇپمۇ جىددىي ئەھۋالدىكى ئاشلىق پىششىقلاش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
县级以上地方人民政府应当在粮食生产功能区和重要农产品生产保护区科学规划布局粮食加工能力,合理安排粮食就地就近转化。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-قوغداش رايونىدا ئاشلىق پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاشلىقنى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئايلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
第四十五条 国家鼓励粮食主产区和主销区以多种形式建立稳定的产销关系,鼓励粮食主销区的企业在粮食主产区建立粮源基地、加工基地和仓储物流设施等,促进区域粮食供求平衡。
45-ماددا دۆلەت ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلار بىلەن ئاساسلىق سېتىلىدىغان رايونلارنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا ئاشلىق بازىسى، پىششىقلاش بازىسى ۋە ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، رايونلارنىڭ ئاشلىق تەمىنات-تەلەپ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
第四十六条 国家支持建设粮食加工原料基地、基础设施和物流体系,支持粮食加工新技术、新工艺、新设备的推广应用。
46-ماددا دۆلەت ئاشلىق پىششىقلاش خام ئەشيا بازىسى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ، ئاشلىق پىششىقلاش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنەر-سەنئىتى، يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا مەدەت بېرىدۇ.
第七章 粮食应急
7-باب ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش
第四十七条 国家建立统一领导、分级负责、属地管理为主的粮食应急管理体制。
47-ماددا دۆلەت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان جىددىي ئاشلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
县级以上人民政府应当加强粮食应急体系建设,健全布局合理、运转高效协调的粮食应急储存、运输、加工、供应网络,必要时建立粮食紧急疏运机制,确保具备与应急需求相适应的粮食应急能力,定期开展应急演练和培训。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىققا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشقان ئاشلىقنى جىددىي ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، تەمىنلەش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاشلىقنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ توشۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان جىددىي ئاشلىقتا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەللىك ھالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى ۋە تەربىيەلىشى كېرەك.
第四十八条 国务院发展改革、粮食和储备主管部门会同有关部门制定全国的粮食应急预案,报请国务院批准。省、自治区、直辖市人民政府应当根据本行政区域的实际情况,制定本行政区域的粮食应急预案。
48-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.
设区的市级、县级人民政府粮食应急预案的制定,由省、自治区、直辖市人民政府决定。
رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىققا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.
第四十九条 国家建立粮食市场异常波动报告制度。发生突发事件,引起粮食市场供求关系和价格异常波动时,县级以上地方人民政府发展改革、农业农村、粮食和储备、市场监督管理等主管部门应当及时将粮食市场有关情况向本级人民政府和上一级人民政府主管部门报告。
49-ماددا دۆلەت ئاشلىق بازىرىدىكى بىنورمال داۋالغۇشنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىپ، ئاشلىق بازىرىدىكى تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتى ۋە باھادا نورمالسىز داۋالغۇش كۆرۈلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئاشلىق بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第五十条 县级以上人民政府按照权限确认出现粮食应急状态的,应当及时启动应急响应,可以依法采取下列应急处置措施:
50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاشلىقتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھالىتى كۆرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ۋاقتىدا قوزغىتىشى كېرەك، قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ :
(一)本法第四十条规定的措施;
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەر؛
(二)增设应急供应网点;
2 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەش تور نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش؛
(三)组织进行粮食加工、运输和供应;
( 3 ) ئاشلىق پىششىقلاش، توشۇش ۋە تەمىنلەشكە تەشكىللەش؛
(四)征用粮食、仓储设施、场地、交通工具以及保障粮食供应的其他物资;
( 4 ) ئاشلىق، ساقلاش ئەسلىھەلىرى، مەيدان، قاتناش قوراللىرى ۋە ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان باشقا ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئىشلىتىش؛
(五)其他必要措施。
( 5 ) باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.
必要时,国务院可以依照《中华人民共和国价格法》的规定采取相应措施。
زۆرۈر تېپىلغاندا گوۋۇيۈەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.
出现粮食应急状态时,有关单位和个人应当服从县级以上人民政府的统一指挥和调度,配合采取应急处置措施,协助维护粮食市场秩序。
ئاشلىقتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتى كۆرۈلگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا ماسلىشىشى، ئاشلىق بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
因执行粮食应急处置措施给他人造成损失的,县级以上人民政府应当按照规定予以公平、合理补偿。
ئاشلىقتا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە بويىچە ئادىل، مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
第五十一条 粮食应急状态消除后,县级以上人民政府应当及时终止实施应急处置措施,并恢复应对粮食应急状态的能力。
51-ماددا ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتى تۈگىگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىدا توختىتىشى ھەمدە ئاشلىقتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
第八章 粮食节约
8-باب ئاشلىق تېجەش
第五十二条 国家厉行节约,反对浪费。县级以上人民政府应当建立健全引导激励与惩戒教育相结合的机制,加强对粮食节约工作的领导和监督管理,推进粮食节约工作。
52-ماددا دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويىدۇ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن جازا تەربىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېجەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېجەش خىزمىتىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.
县级以上人民政府发展改革、农业农村、粮食和储备、市场监督管理、商务、工业和信息化、交通运输等有关部门,应当依照职责做好粮食生产、储备、流通、加工、消费等环节的粮食节约工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سودا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش، ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئاشلىق تېجەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
第五十三条 粮食生产者应当加强粮食作物生长期保护和生产作业管理,减少播种、田间管理、收获等环节的粮食损失和浪费。
53-ماددا ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى قوغداش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى، ھوسۇل يىغىش ھالقىلىرىدىكى ئاشلىق زىيىنى ۋە ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىشى كېرەك.
禁止故意毁坏在耕地上种植的粮食作物青苗。
تېرىلغۇ يەرگە تېرىلغان ئاشلىق زىرائەتلىرى مايسىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
国家鼓励和支持推广适时农业机械收获和产地烘干等实用技术,引导和扶持粮食生产者科学收获、储存粮食,改善粮食收获、储存条件,保障粮食品质良好,减少产后损失。
دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارقىلىق مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقارغان جايدا قۇرۇتۇش قاتارلىق ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلارنى كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىنى ئاشلىقنى ئىلمىي يىغىۋېلىش، ساقلاشقا يېتەكلەپ ۋە يار-يۆلەك بولۇپ، ئاشلىق يىغىۋېلىش، ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى زىياننى ئازايتىدۇ.
第五十四条 国家鼓励粮食经营者运用先进、高效的粮食储存、运输、加工设施设备,减少粮食损失损耗。
54-ماددا دۆلەت ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىلغار، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاشلىق ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، خورىشىنى ئازايتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
第五十五条 国家推广应用粮食适度加工技术,防止过度加工,提高成品粮出品率。
55-ماددا دۆلەت ئاشلىقنى مۇۋاپىق پىششىقلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، زىيادە پىششىقلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەييار ئاشلىقنىڭ مەھسۇلات چىقىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家优化工业用粮生产结构,调控粮食不合理加工转化。
دۆلەت سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئاشلىقنىڭ نامۇۋاپىق پىششىقلاپ ئايلىنىشىنى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.
第五十六条 粮食食品生产经营者应当依照有关法律、法规的规定,建立健全生产、储存、运输、加工等管理制度,引导消费者合理消费,防止和减少粮食浪费。
56-ماددا ئاشلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.
公民个人和家庭应当树立文明、健康、理性、绿色的消费理念,培养形成科学健康、物尽其用、杜绝浪费的良好习惯。
پۇقرالار شەخس ۋە ئائىلىلەر مەدەنىي، ساغلام، ئىدراكىي، يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي، ساغلام بولغان، ھەممە نەرسىنى تولۇق ئىشلىتىدىغان، ئىسراپچىلىقنى توسىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى ۋە شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
第五十七条 机关、人民团体、社会组织、学校、企业事业单位等应当加强本单位食堂的管理,定期开展节约粮食检查,纠正浪费行为。
57-ماددا ئورگان، خەلق تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، مەكتەپ، كارخانا-كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلار شۇ ئورۇندىكى ئاشخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېجەش بويىچە تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشى، ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشى كېرەك.
有关粮食食品学会、协会等应当依法制定和完善节约粮食、减少损失损耗的相关团体标准,开展节约粮食知识普及和宣传教育工作。
ئاشلىق يېمەكلىك ئىلمىي جەمئىيىتى، جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئاشلىق تېجەش، زىيان ۋە خوراشنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك كوللېكتىپ ئۆلچەمنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېجەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第九章 监督管理
9-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第五十八条 县级以上人民政府发展改革、农业农村、粮食和储备、自然资源、水行政、生态环境、市场监督管理、工业和信息化等有关部门应当依照职责对粮食生产、储备、流通、加工等实施监督检查,并建立粮食安全监管协调机制和信息共享机制,加强协作配合。
58-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك، ھەمدە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
第五十九条 国务院发展改革、农业农村、粮食和储备主管部门应当会同有关部门建立粮食安全监测预警体系,加强粮食安全风险评估,健全粮食安全信息发布机制。
59-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
任何单位和个人不得编造、散布虚假的粮食安全信息。
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ساختا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第六十条 国家完善粮食生产、储存、运输、加工标准体系。粮食生产经营者应当严格遵守有关法律、法规的规定,执行有关标准和技术规范,确保粮食质量安全。
60-ماددا دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
县级以上人民政府应当依法加强粮食生产、储备、流通、加工等环节的粮食质量安全监督管理工作,建立粮食质量安全追溯体系,完善粮食质量安全风险监测和检验制度。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئاشلىق سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاشلىق سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
第六十一条 县级以上人民政府有关部门依照职责开展粮食安全监督检查,可以采取下列措施:
61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :
(一)进入粮食生产经营场所实施现场检查;
( 1 ) ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت سورۇنىغا كىرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛
(二)向有关单位和人员调查了解相关情况;
( 2 ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملاردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەش؛
(三)进入涉嫌违法活动的场所调查取证;
( 3 ) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىلغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش؛
(四)查阅、复制有关文件、资料、账簿、凭证,对可能被转移、隐匿或者损毁的文件、资料、账簿、凭证、电子设备等予以封存;
( 4 ) ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىيال، ھېساب دەپتىرى، دوكۇمېنتلارنى كۆرۈپ چىقىپ، كۆپەيتىپ، يۆتكىلىش، تىقىۋېلىش ياكى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت-ماتېرىيال، ھېساب خاتىرىسى، دوكۇمېنت، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى پېچەتلەپ ساقلاش؛
(五)查封、扣押涉嫌违法活动的场所、设施或者财物;
( 5 ) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىشلىق سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛
(六)对有关单位的法定代表人、负责人或者其他工作人员进行约谈、询问。
( 6 ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ياكى باشقا خادىملىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆزلىشىش، سوئال سوراش.
县级以上人民政府有关部门履行监督检查职责,发现公职人员涉嫌职务违法或者职务犯罪的问题线索,应当及时移送监察机关,监察机关应当依法受理并进行调查处置。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第六十二条 国务院发展改革、自然资源、农业农村、粮食和储备主管部门应当会同有关部门,按照规定具体实施对省、自治区、直辖市落实耕地保护和粮食安全责任制情况的考核。
62-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات، تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كونكرېت سىنىشى كېرەك.
省、自治区、直辖市对本行政区域耕地保护和粮食安全负总责,其主要负责人是本行政区域耕地保护和粮食安全的第一责任人,对本行政区域内的耕地保护和粮食安全目标负责。
ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تېرىلغۇ يېرىنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تېرىلغۇنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى بىرىنچى جاۋابكار بولۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى نىشانىغا مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上地方人民政府应当定期对本行政区域耕地保护和粮食安全责任落实情况开展监督检查,将耕地保护和粮食安全责任落实情况纳入对本级人民政府有关部门负责人、下级人民政府及其负责人的考核评价内容。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش-ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى سىناش، باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
对耕地保护和粮食安全工作责任落实不力、问题突出的地方人民政府,上级人民政府可以对其主要负责人进行责任约谈。被责任约谈的地方人民政府应当立即采取措施进行整改。
تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، مەسىلە گەۋدىلىك بولغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشسە بولىدۇ. جاۋابكار چاقىرتىپ سۆزلەشكەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشى كېرەك.
第六十三条 外商投资粮食生产经营,影响或者可能影响国家安全的,应当按照国家有关规定进行外商投资安全审查。
63-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزسە ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
第六十四条 县级以上人民政府发展改革、农业农村、粮食和储备等主管部门应当加强粮食安全信用体系建设,建立粮食生产经营者信用记录。
64-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.
单位、个人有权对粮食安全保障工作进行监督,对违反本法的行为向县级以上人民政府有关部门进行投诉、举报,接到投诉、举报的部门应当按照规定及时处理。
ئورۇنلار، شەخسلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرز-شىكايەت ۋە پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第十章 法律责任
10-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六十五条 违反本法规定,地方人民政府和县级以上人民政府有关部门不履行粮食安全保障工作职责或者有其他滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊行为的,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处分。
65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار رەھبەرلىرى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十六条 违反本法规定,种植不符合耕地种植用途管控要求作物的,由县级人民政府农业农村主管部门或者乡镇人民政府给予批评教育;经批评教育仍不改正的,可以不予发放粮食生产相关补贴;对有关农业生产经营组织,可以依法处以罚款。
66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ تېرىش ئورنىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان زىرائەت تېرىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ؛ تەنقىد-تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار تولۇقلىما بېرىلمىسە بولىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第六十七条 违反本法规定,承储政府粮食储备的企业或者其他组织有下列行为之一的,依照有关行政法规的规定处罚:
67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :
(一)拒不执行或者违反政府粮食储备的收购、销售、轮换、动用等规定;
( 1 ) ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئىشلىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىش؛
(二)未对政府粮食储备的收购、销售、轮换、动用等进行全过程记录;
( 2 ) ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلىمىگەنلەر؛
(三)未按照规定保障政府粮食储备数量、质量安全。
( 3 ) ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپاس مىقدارى، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
从事粮食收购、储存、加工、销售的经营者以及饲料、工业用粮企业未按照规定建立粮食经营台账,或者报送粮食基本数据和有关情况的,依照前款规定处罚。
ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنىڭدەك يەم-خەشەك، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئاشلىق كارخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاشلىق تىجارىتى ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزمىغان ياكى ئاشلىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
第六十八条 违反本法规定,侵占、损毁、擅自拆除或者迁移政府投资建设的粮食流通基础设施,或者擅自改变其用途的,由县级以上地方人民政府有关部门依照职责责令停止违法行为,限期恢复原状或者采取其他补救措施;逾期不恢复原状、不采取其他补救措施的,对单位处五万元以上五十万元以下罚款,对个人处五千元以上五万元以下罚款。
68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاشلىق ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن ياكى يۆتكىۋەتكەن ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرمىگەن، باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلارغا، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جازا قويۇلىدۇ.
第六十九条 违反本法规定,粮食应急状态发生时,不服从县级以上人民政府的统一指挥和调度,或者不配合采取应急处置措施的,由县级以上人民政府有关部门依照职责责令改正,给予警告;拒不改正的,对单位处二万元以上二十万元以下罚款,对个人处二千元以上二万元以下罚款;情节严重的,对单位处二十万元以上二百万元以下罚款,对个人处二万元以上二十万元以下罚款。
69-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىددىي ئاشلىققا تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغان ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا ماسلاشمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلقنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جازا قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئورۇنغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى.200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
第七十条 违反本法规定,故意毁坏在耕地上种植的粮食作物青苗的,由县级以上地方人民政府农业农村主管部门责令停止违法行为;情节严重的,可以处毁坏粮食作物青苗价值五倍以下罚款。
70-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرگە تېرىلغان ئاشلىق زىرائەتلىرى مايسىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئاشلىق زىرائىتى مايسىسىنىڭ قىممىتىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە بەش ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
第七十一条 违反有关土地管理、耕地保护、种子、农产品质量安全、食品安全、反食品浪费、安全生产等法律、行政法规的,依照相关法律、行政法规的规定处理、处罚。
71-ماددا يەر باشقۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازا بېرىلىدۇ.
第七十二条 违反本法规定,给他人造成损失的,依法承担赔偿责任;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
72-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第十一章 附 则
11-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第七十三条 本法所称粮食,是指小麦、稻谷、玉米、大豆、杂粮及其成品粮。杂粮包括谷子、高粱、大麦、荞麦、燕麦、青稞、绿豆、马铃薯、甘薯等。
73-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاشلىق بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، دادۇر، قارا ئاشلىق ۋە ئۇنىڭ تەييار ئاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قارا ئاشلىق چۈجگۈن قوناق، ئاق بۇغداي، قارا بۇغداي، سۇلۇ، ئارپا، ماش، ياڭيۇ، گەنشۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
油料、食用植物油的安全保障工作参照适用本法。
ياغلىق دان، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانسا بولىدۇ.
第七十四条 本法自2024年6月1日起施行。
74-ماددا بۇ قانۇن 2024-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.