中华人民共和国职业教育法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى

(1996年5月15日第八届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过)

( 1996-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 职业教育体系

2-باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

第三章 职业教育的实施

3-باب كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش

第四章 职业教育的保障条件

4-باب كەسپىي مائارىپنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了实施科教兴国战略,发展职业教育,提高劳动者素质,促进社会主义现代化建设,根据教育法和劳动法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 本法适用于各级各类职业学校教育和各种形式的职业培训。国家机关实施的对国家机关工作人员的专门培训由法律、行政法规另行规定。

2-ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپ مائارىپى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەلەشكە تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگىنى يولغا قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

第三条 职业教育是国家教育事业的重要组成部分,是促进经济、社会发展和劳动就业的重要途径。

3-ماددا كەسپىي مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول.

国家发展职业教育,推进职业教育改革,提高职业教育质量,建立、健全适应社会主义市场经济和社会进步需要的职业教育制度。

دۆلەت كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

第四条 实施职业教育必须贯彻国家教育方针,对受教育者进行思想政治教育和职业道德教育,传授职业知识,培养职业技能,进行职业指导,全面提高受教育者的素质。

4-ماددا كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسى بېرىش، كەسپىي بىلىم بېرىش، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرت.

第五条 公民有依法接受职业教育的权利。

5-ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە كەسپىي تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第六条 各级人民政府应当将发展职业教育纳入国民经济和社会发展规划。

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

行业组织和企业、事业组织应当依法履行实施职业教育的义务。

ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

第七条 国家采取措施,发展农村职业教育,扶持少数民族地区、边远贫困地区职业教育的发展。

7-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-يىراق، نامرات رايونلاردىكى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

国家采取措施,帮助妇女接受职业教育,组织失业人员接受各种形式的职业教育,扶持残疾人职业教育的发展。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.

第八条 实施职业教育应当根据实际需要,同国家制定的职业分类和职业等级标准相适应,实行学历证书、培训证书和职业资格证书制度。

8-ماددا كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا، ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت تۈزگەن كەسىپلەرنىڭ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

国家实行劳动者在就业前或者上岗前接受必要的职业教育的制度。

دۆلەت ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن ياكى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن زۆرۈر كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第九条 国家鼓励并组织职业教育的科学研究。

9-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ پەن تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ.

第十条 国家对在职业教育中作出显著成绩的单位和个人给予奖励。

10-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

第十一条 国务院教育行政部门负责职业教育工作的统筹规划、综合协调、宏观管理。

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، ماكرولۇق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

国务院教育行政部门、劳动行政部门和其他有关部门在国务院规定的职责范围内,分别负责有关的职业教育工作。

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方各级人民政府应当加强对本行政区域内职业教育工作的领导、统筹协调和督导评估。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك-باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第二章 职业教育体系

2-باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

第十二条 国家根据不同地区的经济发展水平和教育普及程度,实施以初中后为重点的不同阶段的教育分流,建立、健全职业学校教育与职业培训并举,并与其他教育相互沟通、协调发展的职业教育体系。

12-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېيىنكى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى مائارىپنى تارقاقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مەكتەپ مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيەلەش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان ھەمدە باشقا مائارىپ بىلەن پىكىرلىشىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

第十三条 职业学校教育分为初等、中等、高等职业学校教育。

13-ماددا كەسپىي مەكتەپ مائارىپى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپ مائارىپىغا ئايرىلىدۇ.

初等、中等职业学校教育分别由初等、中等职业学校实施;高等职业学校教育根据需要和条件由高等职业学校实施,或者由普通高等学校实施。其他学校按照教育行政部门的统筹规划,可以实施同层次的职业学校教育。

باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا خاراكتېرلىك كەسپىي مەكتەپلەر يولغا قويىدۇ؛ ئالىي كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى ئېھتىياج ۋە شارائىتقا قاراپ ئالىي كەسپىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ. باشقا مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىرتۇتاش پىلانى بويىچە، ئوخشاش قاتلامدىكى كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

第十四条 职业培训包括从业前培训、转业培训、学徒培训、在岗培训、转岗培训及其他职业性培训,可以根据实际情况分为初级、中级、高级职业培训。

14-ماددا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش، شاگىرت تەربىيەلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش ۋە باشقا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەن دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئايرىلسا بولىدۇ.

职业培训分别由相应的职业培训机构、职业学校实施。

كەسپىي تەربىيەلەشنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىپ كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى، كەسپىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ.

其他学校或者教育机构可以根据办学能力,开展面向社会的、多种形式的职业培训。

باشقا مەكتەپلەر ياكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第十五条 残疾人职业教育除由残疾人教育机构实施外,各级各类职业学校和职业培训机构及其他教育机构应当按照国家有关规定接纳残疾学生。

15-ماددا مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنى مېيىپلەر مائارىپى ئاپپاراتى يولغا قويغاندىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەم باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第十六条 普通中学可以因地制宜地开设职业教育的课程,或者根据实际需要适当增加职业教育的教学内容。

16-ماددا ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسپىي مائارىپ دەرسلىكى تەسىس قىلسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

第三章 职业教育的实施

3-باب كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش

第十七条 县级以上地方各级人民政府应当举办发挥骨干和示范作用的职业学校、职业培训机构,对农村、企业、事业组织、社会团体、其他社会组织及公民个人依法举办的职业学校和职业培训机构给予指导和扶持。

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تايانچلىق ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، يېزا، كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار قانۇن بويىچە قۇرغان كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

第十八条 县级人民政府应当适应农村经济、科学技术、教育统筹发展的需要,举办多种形式的职业教育,开展实用技术的培训,促进农村职业教育的发展。

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مائارىپنى بىرتۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي مائارىپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第十九条 政府主管部门、行业组织应当举办或者联合举办职业学校、职业培训机构,组织、协调、指导本行业的企业、事业组织举办职业学校、职业培训机构。

19-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى، ساھە تەشكىلاتى كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشى، شۇ ساھەدىكى كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ، كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشىنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك.

国家鼓励运用现代化教学手段,发展职业教育。

دۆلەت زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第二十条 企业应当根据本单位的实际,有计划地对本单位的职工和准备录用的人员实施职业教育。

20-ماددا كارخانىلار شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا پىلانلىق كەسپىي تەربىيە بېرىشى كېرەك.

企业可以单独举办或者联合举办职业学校、职业培训机构,也可以委托学校、职业培训机构对本单位的职工和准备录用的人员实施职业教育。

كارخانىلار ئۆز ئالدىغا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرسىمۇ ياكى بىرلىشىپ قۇرسىمۇ، مەكتەپ، كەسپىي تەربىيە ئاپپاراتىغا شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا كەسپىي مائارىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

从事技术工种的职工,上岗前必须经过培训;从事特种作业的职工必须经过培训,并取得特种作业资格。

تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىشى شەرت؛ ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەزمەن تەربىيەلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

第二十一条 国家鼓励事业组织、社会团体、其他社会组织及公民个人按照国家有关规定举办职业学校、职业培训机构。

21-ماددا دۆلەت كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

境外的组织和个人在中国境内举办职业学校、职业培训机构的办法,由国务院规定。

چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十二条 联合举办职业学校、职业培训机构,举办者应当签订联合办学合同。

22-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇشتا، ئۇيۇشتۇرغۇچى بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

政府主管部门、行业组织、企业、事业组织委托学校、职业培训机构实施职业教育的,应当签订委托合同。

ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى، ساھە تەشكىلاتى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلاردىن كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشنى مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

第二十三条 职业学校、职业培训机构实施职业教育应当实行产教结合,为本地区经济建设服务,与企业密切联系,培养实用人才和熟练劳动者。

23-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، كارخانىلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشى، ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە پىشقان ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

职业学校、职业培训机构可以举办与职业教育有关的企业或者实习场所。

كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پىراكتىكا سورۇنى قۇرسا بولىدۇ.

第二十四条 职业学校的设立,必须符合下列基本条件:

24-ماددا كەسپىي مەكتەپنى قۇرۇش تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت :

(一)有组织机构和章程;

( 1 ) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

(二)有合格的教师;

( 2 ) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇش؛

(三)有符合规定标准的教学场所、与职业教育相适应的设施、设备;

( 3 ) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئوقۇتۇش سورۇنى، كەسپىي مائارىپقا ماس كېلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(四)有必备的办学资金和稳定的经费来源。

( 4 ) زۆرۈر مەكتەپ باشقۇرۇش مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش.

职业培训机构的设立,必须符合下列基本条件:

كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت :

(一)有组织机构和管理制度;

( 1 ) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(二)有与培训任务相适应的教师和管理人员;

( 2 ) تەربىيەلەش ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلاشقان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىم بولۇش؛

(三)有与进行培训相适应的场所、设施、设备;

( 3 ) تەربىيەلەشكە ماس كېلىدىغان سورۇن، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە بولۇش؛

(四)有相应的经费。

( 4 ) مۇناسىپ خىراجىتى بولۇش.

职业学校和职业培训机构的设立、变更和终止,应当按照国家有关规定执行。

كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تاقىۋېتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

第二十五条 接受职业学校教育的学生,经学校考核合格,按照国家有关规定,发给学历证书。接受职业培训的学生,经培训的职业学校或者职业培训机构考核合格,按照国家有关规定,发给培训证书。

25-ماددا كەسپىي مەكتەپ مائارىپى ئالغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەنگەن كەسپىي مەكتەپ ياكى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

学历证书、培训证书按照国家有关规定,作为职业学校、职业培训机构的毕业生、结业生从业的凭证。

ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىق ئىسپاتى قىلىنىدۇ.

第四章 职业教育的保障条件

4-باب كەسپىي مائارىپنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

第二十六条 国家鼓励通过多种渠道依法筹集发展职业教育的资金。

26-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن بويىچە توپلاشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第二十七条 省、自治区、直辖市人民政府应当制定本地区职业学校学生人数平均经费标准;国务院有关部门应当会同国务院财政部门制定本部门职业学校学生人数平均经费标准。职业学校举办者应当按照学生人数平均经费标准足额拨付职业教育经费。

27-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوندىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى كېرەك؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە شۇ تارماقتىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى كېرەك. كەسپىي مەكتەپ قۇرغۇچىلىرى كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

各级人民政府、国务院有关部门用于举办职业学校和职业培训机构的财政性经费应当逐步增长。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشقا ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان مالىيە خاراكتېرلىك خىراجەتنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

任何组织和个人不得挪用、克扣职业教育的经费。

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا، تۇتۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二十八条 企业应当承担对本单位的职工和准备录用的人员进行职业教育的费用,具体办法由国务院有关部门会同国务院财政部门或者由省、自治区、直辖市人民政府依法规定。

28-ماددا كارخانىلار ئۆز ئورنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا كەسپىي تەربىيە بېرىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ.

第二十九条 企业未按本法第二十条的规定实施职业教育的,县级以上地方人民政府应当责令改正;拒不改正的,可以收取企业应当承担的职业教育经费,用于本地区的职业教育。

29-ماددا كارخانىلاردىن كەسپىي مائارىپنى مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار كارخانا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئېلىپ، شۇ رايوننىڭ كەسپىي مائارىپىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

第三十条 省、自治区、直辖市人民政府按照教育法的有关规定决定开征的用于教育的地方附加费,可以专项或者安排一定比例用于职业教育。

30-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىشنى قارار قىلغان مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قوشۇمچە ھەقنى مەخسۇس تۈرگە ئايرىسا ياكى بەلگىلىك نىسبەتتە كەسپىي مائارىپقا ئىشلەتسە بولىدۇ.

第三十一条 各级人民政府可以将农村科学技术开发、技术推广的经费,适当用于农村职业培训。

31-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا پەن-تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش خىراجىتىنى يېزا كەسپىي تەربىيەسىگە مۇۋاپىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

第三十二条 职业学校、职业培训机构可以对接受中等、高等职业学校教育和职业培训的学生适当收取学费,对经济困难的学生和残疾学生应当酌情减免。收费办法由省、自治区、直辖市人民政府规定。

32-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مۇۋاپىق ئوقۇش پۇلى ئالسا بولىدۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك. ھەق ئېلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

国家支持企业、事业组织、社会团体、其他社会组织及公民个人按照国家有关规定设立职业教育奖学金、贷学金,奖励学习成绩优秀的学生或者资助经济困难的学生。

دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مائارىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى تەسىس قىلىشىنى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىشىنى ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ.

第三十三条 职业学校、职业培训机构举办企业和从事社会服务的收入应当主要用于发展职业教育。

33-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كارخانا قۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىشتىن قىلغان كىرىم ئاساسلىقى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

第三十四条 国家鼓励金融机构运用信贷手段,扶持发展职业教育。

34-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第三十五条 国家鼓励企业、事业组织、社会团体、其他社会组织及公民个人对职业教育捐资助学,鼓励境外的组织和个人对职业教育提供资助和捐赠。提供的资助和捐赠,必须用于职业教育。

35-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ كەسپىي مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي مائارىپقا ياردەم بېرىشى ۋە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. تەمىنلىگەن ياردەم ۋە ئىئانە جەزمەن كەسپىي مائارىپقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

第三十六条 县级以上各级人民政府和有关部门应当将职业教育教师的培养和培训工作纳入教师队伍建设规划,保证职业教育教师队伍适应职业教育发展的需要。

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

职业学校和职业培训机构可以聘请专业技术人员、有特殊技能的人员和其他教育机构的教师担任兼职教师。有关部门和单位应当提供方便。

كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي تېخنىك خادىملار، ئالاھىدە ماھارىتى بارلارنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第三十七条 国务院有关部门、县级以上地方各级人民政府以及举办职业学校、职业培训机构的组织、公民个人,应当加强职业教育生产实习基地的建设。

37-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرغان تەشكىلاتلار، پۇقرالار، شەخسلەر كەسپىي مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

企业、事业组织应当接纳职业学校和职业培训机构的学生和教师实习;对上岗实习的,应当给予适当的劳动报酬。

كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئىش ئورنىغا چىقىش پىراكتىكىسىغا مۇۋاپىق ئەمگەك ھەققى بېرىش كېرەك.

第三十八条 县级以上各级人民政府和有关部门应当建立、健全职业教育服务体系,加强职业教育教材的编辑、出版和发行工作。

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十九条 在职业教育活动中违反教育法规定的,应当依照教育法的有关规定给予处罚。

39-ماددا كەسپىي مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

第四十条 本法自1996年9月1日起施行。

40-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.