航道保护范围由县级以上地方人民政府交通运输主管部门会同水行政主管部门或者流域管理机构、国土资源主管部门根据航道发展规划技术等级和航道保护实际需要划定,报本级人民政府批准公布。国务院交通运输主管部门直接管理的航道的航道保护范围,由国务院交通运输主管部门会同国务院水行政主管部门、国务院国土资源主管部门和有关省、自治区、直辖市人民政府划定公布。航道保护范围涉及海域、重要渔业水域的,还应当分别会同同级海洋主管部门、渔业行政主管部门划定。
سۇ يولىنى قوغداش دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇ يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ۋە سۇ يولىنى قوغداش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاپ ئېلان قىلدۇرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان سۇ يولىنىڭ سۇ يولىنى قوغداش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورتقا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ.
سۇ يولىنى قوغداش دائىرىسى دېڭىز تەۋەسى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ رايونىغا چېتىلسا، يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەڭ دەرىجىلىك دېڭىز-ئوكيان مەسئۇل تارمىقى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىش كېرەك.