中华人民共和国著作权法实施条例

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى

(2002年8月2日中华人民共和国国务院令第359号公布 根据2011年1月8日《国务院关于废止和修改部分行政法规的决定》第一次修订 根据2013年1月30日《国务院关于修改〈中华人民共和国著作权法实施条例〉的决定》第二次修订)

( 2002-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 359-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى، 2011-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2013-يىل 1 – ئاينىڭ 30-كۈنى «گوۋۇيۈەن < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى )

第一条 根据《中华人民共和国著作权法》(以下简称著作权法),制定本条例。

بۇ نىزام «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى دېيىلىدۇ ) غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

第二条 著作权法所称作品,是指文学、艺术和科学领域内具有独创性并能以某种有形形式复制的智力成果。

2-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئەسەر ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسى ئىچىدە ئىجادىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان ھەمدە مەلۇم خىل شەكىللىك شەكىلدە كۆپەيتكىلى بولىدىغان ئەقلىي مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 著作权法所称创作,是指直接产生文学、艺术和科学作品的智力活动。

3-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئىجادىيەت ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان ئەقلىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

为他人创作进行组织工作,提供咨询意见、物质条件,或者进行其他辅助工作,均不视为创作。

باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تەشكىللەش خىزمىتى ئىشلەش، مەسلىھەت بېرىش پىكرى، ماددىي شارائىت يارىتىپ بېرىش ياكى باشقا قوشۇمچە خىزمەت ئىشلەش ئىجادىيەت دەپ قارالمايدۇ.

第四条 著作权法和本条例中下列作品的含义:

4-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەنىسى :

(一)文字作品,是指小说、诗词、散文、论文等以文字形式表现的作品;

( 1 ) يازما ئەسەرلەر ھېكايە، شېئىر، نەسر، ئىلمىي ماقالە قاتارلىق يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(二)口述作品,是指即兴的演说、授课、法庭辩论等以口头语言形式表现的作品;

( 2 ) ئاغزاكى بايان ئەسىرى ئىلھامى كەلگەن نۇتۇق، دەرس ئۆتۈش، سوت مۇنازىرىسى قاتارلىق ئاغزاكى تىل شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(三)音乐作品,是指歌曲、交响乐等能够演唱或者演奏的带词或者不带词的作品;

( 3 ) مۇزىكا ئەسەرلىرى ناخشا، سىمفونىيە قاتارلىق ئېيتالايدىغان ياكى ئورۇنلىيالايدىغان تېكىستى بار ياكى سۆزى يوق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(四)戏剧作品,是指话剧、歌剧、地方戏等供舞台演出的作品;

( 4 ) تىياتىر ئەسەرلىرى دىراما، ئوپېرا، يەرلىك تىياتىر قاتارلىق سەھنىدە قويۇلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(五)曲艺作品,是指相声、快书、大鼓、评书等以说唱为主要形式表演的作品;

( 5 ) ئەلنەغمە ئەسەرلىرى شياڭشېڭ، كۇەيشۇ، چوڭ دۇمباق، رىۋايەت سۆزلەش قاتارلىق نەزمە-نەسر ئاساسىي شەكىلدە ئورۇنلىنىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(六)舞蹈作品,是指通过连续的动作、姿势、表情等表现思想情感的作品;

( 6 ) ئۇسسۇل ئەسىرى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت، قىياپەت، چىراي ئىپادىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(七)杂技艺术作品,是指杂技、魔术、马戏等通过形体动作和技巧表现的作品;

( 7 ) سېرك سەنئىتى ئەسەرلىرى سېرك، سېھىرگەرلىك، ئات ئويۇنى قاتارلىق بەدەن ھەرىكىتى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(八)美术作品,是指绘画、书法、雕塑等以线条、色彩或者其他方式构成的有审美意义的平面或者立体的造型艺术作品;

( 8 ) گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى رەسىم، خەتتاتلىق، ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق سىزىق، رەڭ ياكى باشقا ئۇسۇللاردىن تەركىب تاپقان ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەكشىلىك ياكى ئىستېرېئولۇق ئوبراز يارىتىش سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(九)建筑作品,是指以建筑物或者构筑物形式表现的有审美意义的作品;

( 9 ) بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئىمارەت ياكى قۇرۇلما شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(十)摄影作品,是指借助器械在感光材料或者其他介质上记录客观物体形象的艺术作品;

( 10 ) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ نۇر سەزگۈچى ماتېرىيال ياكى باشقا ۋاسىتىلەردە ئوبيېكتىپ جىسىملارنىڭ ئوبرازىنى خاتىرىلەيدىغان بەدىئىي ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(十一)电影作品和以类似摄制电影的方法创作的作品,是指摄制在一定介质上,由一系列有伴音或者无伴音的画面组成,并且借助适当装置放映或者以其他方式传播的作品;

( 11 ) كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو سۈرەتكە ئېلىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر مەلۇم مۇھىتتا سۈرەتكە ئېلىنغان، بىر قاتار تەڭكەش ئاۋازلىق ياكى تەڭكەش ئاۋازسىز كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان ھەمدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قويۇلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تارقىتىلغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(十二)图形作品,是指为施工、生产绘制的工程设计图、产品设计图,以及反映地理现象、说明事物原理或者结构的地图、示意图等作品;

( 12 ) رەسىملىك ئەسەرلەر قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سىزىلغان قۇرۇلۇش لايىھەسى، مەھسۇلات لايىھەسى خەرىتىسى، شۇنىڭدەك جۇغراپىيەلىك ھادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، شەيئىلەرنىڭ پىرىنسىپى ياكى قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرىدىغان خەرىتە، كۆرسەتمە خەرىتە قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛

(十三)模型作品,是指为展示、试验或者观测等用途,根据物体的形状和结构,按照一定比例制成的立体作品。

( 13 ) مودېل ئەسەر كۆرگەزمە قىلىش، سىناق قىلىش ياكى كۆزىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، جىسىمنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، مەلۇم نىسبەتتە ياسالغان ئىستېرېئولۇق ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.

第五条 著作权法和本条例中下列用语的含义:

5-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

(一)时事新闻,是指通过报纸、期刊、广播电台、电视台等媒体报道的单纯事实消息;

( 1 ) ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋەرلىرى گېزىت، قەرەللىك ژۇرنال، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق خەۋەر قىلىنىدىغان ئاددىي پاكىت خەۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(二)录音制品,是指任何对表演的声音和其他声音的录制品;

( 2 ) ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئويۇن قويغان ھەرقانداق ئاۋاز ۋە باشقا ئاۋازلارنى سىنغا ئالغان بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ؛

(三)录像制品,是指电影作品和以类似摄制电影的方法创作的作品以外的任何有伴音或者无伴音的连续相关形象、图像的录制品;

( 3 ) ئۈن-سىن بۇيۇملىرى كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو سۈرەتكە ئېلىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىن باشقا ھەرقانداق تەڭكەش ئاۋاز ياكى تەڭكەش ئاۋاز بولمىغان ئۇدا مۇناسىۋەتلىك ئوبراز، سۈرەتلەردىن ئېلىنغان بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ؛

(四)录音制作者,是指录音制品的首次制作人;

( 4 ) ئۈن-سىن ئىشلىگۈچى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىگۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛

(五)录像制作者,是指录像制品的首次制作人;

( 5 ) سىن ئىشلىگۈچى سىن بۇيۇملىرىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىگۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛

(六)表演者,是指演员、演出单位或者其他表演文学、艺术作品的人。

( 6 ) ئورۇنلىغۇچى ئارتىس، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن ياكى باشقا ئويۇن قويغۇچى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسىرى ئورۇنلىغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

第六条 著作权自作品创作完成之日起产生。

6-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئەسەر ئىجادىيىتى تاماملانغان كۈندىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

第七条 著作权法第二条第三款规定的首先在中国境内出版的外国人、无国籍人的作品,其著作权自首次出版之日起受保护。

7-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 2-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن، ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە نەشر قىلىنىدىغان چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ قوغدىلىدۇ.

第八条 外国人、无国籍人的作品在中国境外首先出版后,30日内在中国境内出版的,视为该作品同时在中国境内出版。

8-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا ئاۋۋال نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە نەشر قىلىنسا، شۇ ئەسەر بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىمۇ نەشر قىلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

第九条 合作作品不可以分割使用的,其著作权由各合作作者共同享有,通过协商一致行使;不能协商一致,又无正当理由的,任何一方不得阻止他方行使除转让以外的其他权利,但是所得收益应当合理分配给所有合作作者。

9-ماددا ھەمكارلاشقان ئەسەرنى بۆلۈپ ئىشلەتكىلى بولمىسا، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ھەرقايسى ھەمكارلاشقان ئاپتورلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ؛ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگىلى بولمىسا ھەم يولسىز سەۋەبلەر بولسا، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئۇنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىنى توسسا بولمايدۇ، لېكىن ئېرىشكەن پايدىنى بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارغا مۇۋاپىق تەقسىملەپ بېرىش كېرەك.

第十条 著作权人许可他人将其作品摄制成电影作品和以类似摄制电影的方法创作的作品的,视为已同意对其作品进行必要的改动,但是这种改动不得歪曲篡改原作品。

10-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى باشقىلارنىڭ ئۆز ئەسىرىنى كىنو ئەسىرى قىلىپ ئىشلىشىگە ۋە كىنوغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىگە ئىجازەت بەرسە، ئۆز ئەسىرىنى زۆرۈر ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئۆزگەرتىشتە ئەسلىي ئەسەرنى بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

第十一条 著作权法第十六条第一款关于职务作品的规定中的“工作任务”,是指公民在该法人或者该组织中应当履行的职责。

11-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 16-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىكى «خىزمەت ۋەزىپىسى»پۇقرالارنىڭ شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى شۇ تەشكىلاتتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

著作权法第十六条第二款关于职务作品的规定中的“物质技术条件”,是指该法人或者该组织为公民完成创作专门提供的资金、设备或者资料。

ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىكى «ماددىي تېخنىكا شەرتى»شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى شۇ تەشكىلات پۇقرالارنىڭ ئىجادىيەتنى تاماملىشى ئۈچۈن مەخسۇس تەمىنلەيدىغان مەبلەغ، ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ.

第十二条 职务作品完成两年内,经单位同意,作者许可第三人以与单位使用的相同方式使用作品所获报酬,由作者与单位按约定的比例分配。

12-ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر ئورۇندالغان ئىككى يىل ئىچىدە، ئاپتور 3-كىشىنىڭ ئەسەرنى ئىدارىسى ئىشلەتكەن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىنى ئاپتور بىلەن ئورۇن پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.

作品完成两年的期限,自作者向单位交付作品之日起计算。

ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىش مۇددىتى ئاپتور ئەسەرنى ئىدارىگە تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第十三条 作者身份不明的作品,由作品原件的所有人行使除署名权以外的著作权。作者身份确定后,由作者或者其继承人行使著作权。

13-ماددا ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەرگە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ ئىگىدارى ئىمزا قويۇش ھوقۇقىدىن باشقا ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئەسەر ھوقۇقىنى ئاپتور ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى يۈرگۈزىدۇ.

第十四条 合作作者之一死亡后,其对合作作品享有的著作权法第十条第一款第五项至第十七项规定的权利无人继承又无人受遗赠的,由其他合作作者享有。

14-ماددا ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئەسەرگە ئىگە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 10-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 5 ) تارماقچىسىدىن 17-تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ھەم ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولمىسا، باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بەھرىمەن بولىدۇ.

第十五条 作者死亡后,其著作权中的署名权、修改权和保护作品完整权由作者的继承人或者受遗赠人保护。

15-ماددا ئاپتور ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىكى ئىمزا قويۇش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى ۋە ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئاپتورنىڭ ۋارىسى ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى قوغدايدۇ.

著作权无人继承又无人受遗赠的,其署名权、修改权和保护作品完整权由著作权行政管理部门保护。

ئەسەر ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ھەم ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇنىڭ ئىمزا قويۇش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى ۋە ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قوغدايدۇ.

第十六条 国家享有著作权的作品的使用,由国务院著作权行政管理部门管理。

16-ماددا دۆلەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەرلەرنى ئىشلىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرىدۇ.

第十七条 作者生前未发表的作品,如果作者未明确表示不发表,作者死亡后50年内,其发表权可由继承人或者受遗赠人行使;没有继承人又无人受遗赠的,由作品原件的所有人行使。

17-ماددا ئاپتور ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان ئەسەرلەرنى ئاپتور ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئاپتور ئۆلگەندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ۋارىس ياكى ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛ ۋارىس بولمىسا ھەمدە ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەممۇ بولمىسا، ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدىكى ئىگىدار يۈرگۈزىدۇ.

第十八条 作者身份不明的作品,其著作权法第十条第一款第五项至第十七项规定的权利的保护期截止于作品首次发表后第50年的12月31日。作者身份确定后,适用著作权法第二十一条的规定。

18-ماددا ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ئۇنىڭ 10-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 5 ) تارماقچىسىدىن 17-تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتى ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 50-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

第十九条 使用他人作品的,应当指明作者姓名、作品名称;但是,当事人另有约定或者由于作品使用方式的特性无法指明的除外。

19-ماددا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئەسىرىنىڭ نامىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك؛ لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ئەسەر ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十条 著作权法所称已经发表的作品,是指著作权人自行或者许可他人公之于众的作品。

20-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئېلان قىلىنغان ئەسەر ئاپتور ئۆزى ئېلان قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.

第二十一条 依照著作权法有关规定,使用可以不经著作权人许可的已经发表的作品的,不得影响该作品的正常使用,也不得不合理地损害著作权人的合法利益。

21-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلان قىلىنغان ئەسەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسەر شۇ ئەسەرنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتسە بولمايدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ئالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىگىمۇ مۇۋاپىق زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第二十二条 依照著作权法第二十三条、第三十三条第二款、第四十条第三款的规定使用作品的付酬标准,由国务院著作权行政管理部门会同国务院价格主管部门制定、公布。

22-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 23-، 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 40-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەسەرگە ھەق بېرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، ئېلان قىلىدۇ.

第二十三条 使用他人作品应当同著作权人订立许可使用合同,许可使用的权利是专有使用权的,应当采取书面形式,但是报社、期刊社刊登作品除外。

23-ماددا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقدارى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك، ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى خاس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك، لېكىن گېزىتخانا، ژۇرنال ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئەسەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十四条 著作权法第二十四条规定的专有使用权的内容由合同约定,合同没有约定或者约定不明的,视为被许可人有权排除包括著作权人在内的任何人以同样的方式使用作品;除合同另有约定外,被许可人许可第三人行使同一权利,必须取得著作权人的许可。

24-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 24-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خاس ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنىنى توختامدا پۈتۈشكەن، توختامدا پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، ئىجازەت بېرىلگۈچى ئەسەر ئىگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەسەرنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلىتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ قارىلىدۇ؛ ئىجازەت بېرىلگۈچى 3-كىشىنىڭ بىر ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرگەن، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى شەرت، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十五条 与著作权人订立专有许可使用合同、转让合同的,可以向著作权行政管理部门备案。

25-ماددا ئاپتورلۇق كىشى بىلەن خاس ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى، ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۈزۈشتە، ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

第二十六条 著作权法和本条例所称与著作权有关的权益,是指出版者对其出版的图书和期刊的版式设计享有的权利,表演者对其表演享有的权利,录音录像制作者对其制作的录音录像制品享有的权利,广播电台、电视台对其播放的广播、电视节目享有的权利。

26-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەت نەشر قىلغۇچىنىڭ ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب ۋە ژۇرنالنىڭ نەشر شەكلىنى لايىھەلەش ھوقۇقىنى، ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئويۇن قويۇش ھوقۇقىنى، ئۈن-سىن ئىشلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن ئۈن-سىن بۇيۇملىرىدا بولۇش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزى قويغان رادىيو، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二十七条 出版者、表演者、录音录像制作者、广播电台、电视台行使权利,不得损害被使用作品和原作品著作权人的权利。

27-ماددا نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇنلىغۇچىلار، ئۈن-سىن فىلىمى ئىشلىگۈچىلەر، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ئىشلىتىلگەن ئەسەرلەر ۋە ئەسلىي ئەسەر ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第二十八条 图书出版合同中约定图书出版者享有专有出版权但没有明确其具体内容的,视为图书出版者享有在合同有效期限内和在合同约定的地域范围内以同种文字的原版、修订版出版图书的专有权利。

28-ماددا كىتاب نەشر قىلىش توختامىدا كىتاب نەشر قىلغۇچىلارنىڭ مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقى بارلىقى پۈتۈشۈلگەن، لېكىن كونكرېت مەزمۇنى ئېنىق بولمىسا، كىتاب نەشر قىلغۇچى توختامنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ۋە توختامدا پۈتۈشكەن رايون دائىرىسىدە ئوخشاش يېزىقتا ئەسلىي نۇسخىسى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدا كىتاب نەشر قىلىش خاس ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ.

第二十九条 著作权人寄给图书出版者的两份订单在6个月内未能得到履行,视为著作权法第三十二条所称图书脱销。

29-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى كىتاب نەشر قىلغۇچىغا ئەۋەتكەن ئىككى زاكاز ئالتە ئاي ئىچىدە ئادا قىلىنمىسا، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدا ئېيتىلغان كىتاب ئۆكسۈپ قالدى، دەپ قارىلىدۇ.

第三十条 著作权人依照著作权法第三十三条第二款声明不得转载、摘编其作品的,应当在报纸、期刊刊登该作品时附带声明。

30-ماددا ئەسەر ھوقۇقدارلىرىدىن ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بايانات بويىچە ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، ئۈزۈندە قىلىشقا يول قويۇلمىغانلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندا قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.

第三十一条 著作权人依照著作权法第四十条第三款声明不得对其作品制作录音制品的,应当在该作品合法录制为录音制品时声明。

31-ماددا ئەسەر ھوقۇقدارى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 40-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بايانات بويىچە، ئۆز ئەسىرىگە ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەشكە يول قويمىسا، شۇ ئەسەر قانۇنلۇق ھالدا ئۈن-سىن بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇلغاندا بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.

第三十二条 依照著作权法第二十三条、第三十三条第二款、第四十条第三款的规定,使用他人作品的,应当自使用该作品之日起2个月内向著作权人支付报酬。

32-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 23-، 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 40-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشتە، شۇ ئەسەرنى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 2 ئاي ئىچىدە ئاپتورغا ھەق بېرىش كېرەك.

第三十三条 外国人、无国籍人在中国境内的表演,受著作权法保护。

33-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئويۇن قويۇشىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.

外国人、无国籍人根据中国参加的国际条约对其表演享有的权利,受著作权法保护。

چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئويۇن قويۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

第三十四条 外国人、无国籍人在中国境内制作、发行的录音制品,受著作权法保护。

34-ماددا چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ياسىغان، تارقاتقان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.

外国人、无国籍人根据中国参加的国际条约对其制作、发行的录音制品享有的权利,受著作权法保护。

چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ئاساسەن ئۇ ياسىغان، تارقاتقان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ياساش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

第三十五条 外国的广播电台、电视台根据中国参加的国际条约对其播放的广播、电视节目享有的权利,受著作权法保护。

35-ماددا چەت ئەلنىڭ رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن، ئۆزى قويغان رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.

第三十六条 有著作权法第四十八条所列侵权行为,同时损害社会公共利益,非法经营额5万元以上的,著作权行政管理部门可处非法经营额1倍以上5倍以下的罚款;没有非法经营额或者非法经营额5万元以下的,著作权行政管理部门根据情节轻重,可处25万元以下的罚款。

36-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 48-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزۈپ، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان بولسا، ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى ياكى قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىسا، ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第三十七条 有著作权法第四十八条所列侵权行为,同时损害社会公共利益的,由地方人民政府著作权行政管理部门负责查处。

37-ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 48-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتكىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلەرنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

国务院著作权行政管理部门可以查处在全国有重大影响的侵权行为。

گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتە زور تەسىرگە ئىگە ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

第三十八条 本条例自2002年9月15日起施行。1991年5月24日国务院批准、1991年5月30日国家版权局发布的《中华人民共和国著作权法实施条例》同时废止。

38-ماددا بۇ نىزام 2002-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1991-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، 1991-يىل بەش-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.