(2011年6月30日第十一届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2011年6月30日第十一届全国人民代表大会常务委员会第二十一次会议通过)
( 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 行政强制的种类和设定
2-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ تۈرى ۋە بەلگىلىنىشى
第三章 行政强制措施实施程序
3-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش تەرتىپى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第二节 查封、扣押
2-پاراگراف پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش
第三节 冻结
3-پاراگراف توڭلىتىش
第四章 行政机关强制执行程序
4-باب مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەرتىپى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第二节 金钱给付义务的执行
2-پاراگراف پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش
第三节 代履行
3-پاراگراف ۋاكالىتەن ئادا قىلىش
第五章 申请人民法院强制执行
5-باب خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了规范行政强制的设定和实施,保障和监督行政机关依法履行职责,维护公共利益和社会秩序,保护公民、法人和其他组织的合法权益,根据宪法,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، جامائەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
第二条 本法所称行政强制,包括行政强制措施和行政强制执行。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى ۋە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
行政强制措施,是指行政机关在行政管理过程中,为制止违法行为、防止证据损毁、避免危害发生、控制危险扩大等情形,依法对公民的人身自由实施暂时性限制,或者对公民、法人或者其他组织的财物实施暂时性控制的行为。
مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توسۇش، دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇزۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق چەك قويۇش ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پۇل-مېلىنى ۋاقىتلىق تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
行政强制执行,是指行政机关或者行政机关申请人民法院,对不履行行政决定的公民、法人或者其他组织,依法强制履行义务的行为。
مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش مەمۇرىي ئورگان ياكى مەمۇرىي ئورگاننىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلمايدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئادا قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 行政强制的设定和实施,适用本法。
3-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
发生或者即将发生自然灾害、事故灾难、公共卫生事件或者社会安全事件等突发事件,行政机关采取应急措施或者临时措施,依照有关法律、行政法规的规定执行。
تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ياكى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈزبەرگەن ياكى يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغاندا، مەمۇرىي ئورگان جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ياكى ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
行政机关采取金融业审慎监管措施、进出境货物强制性技术监控措施,依照有关法律、行政法规的规定执行。
مەمۇرىي ئورگان پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەدبىرى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ماللارنى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
第四条 行政强制的设定和实施,应当依照法定的权限、范围、条件和程序。
4-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، دائىرە، شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە بولۇش كېرەك.
第五条 行政强制的设定和实施,应当适当。采用非强制手段可以达到行政管理目的的,不得设定和实施行政强制。
5-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىدىن باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسا، مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىشكە ۋە يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
第六条 实施行政强制,应当坚持教育与强制相结合。
6-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويۇشتا، تەربىيەلەش بىلەن مەجبۇرلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
第七条 行政机关及其工作人员不得利用行政强制权为单位或者个人谋取利益。
7-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي مەجبۇرلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئورۇن ياكى شەخسكە نەپ يەتكۈزسە بولمايدۇ.
第八条 公民、法人或者其他组织对行政机关实施行政强制,享有陈述权、申辩权;有权依法申请行政复议或者提起行政诉讼;因行政机关违法实施行政强制受到损害的,有权依法要求赔偿。
8-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانغا مەمۇرىي مەجبۇرلاش يۈرگۈزگەندە، بايان قىلىش ھوقۇقى، ئاقلاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
公民、法人或者其他组织因人民法院在强制执行中有违法行为或者扩大强制执行范围受到损害的,有权依法要求赔偿。
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش داۋامىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二章 行政强制的种类和设定
2-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ تۈرى ۋە بەلگىلىنىشى
第九条 行政强制措施的种类:
9-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ تۈرى :
(一)限制公民人身自由;
( 1 ) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش؛
(二)查封场所、设施或者财物;
( 2 ) سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش؛
(三)扣押财物;
( 3 ) پۇل-مالنى تۇتۇپ قېلىش؛
(四)冻结存款、汇款;
( 4 ) ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش؛
(五)其他行政强制措施。
( 5 ) باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى.
第十条 行政强制措施由法律设定。
10-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندا بېكىتىلىدۇ.
尚未制定法律,且属于国务院行政管理职权事项的,行政法规可以设定除本法第九条第一项、第四项和应当由法律规定的行政强制措施以外的其他行政强制措施。
قانۇن چىقىرىلمىغان ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىغا تەۋە ئىشلار بولسا، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 4 ) تارماقچىسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىدىن باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بەلگىلەنسە بولىدۇ.
尚未制定法律、行政法规,且属于地方性事务的,地方性法规可以设定本法第九条第二项、第三项的行政强制措施。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار تېخى چىقىرىلمىغان ھەمدە يەرلىك ئىشقا تەۋە بولغاندا، يەرلىك نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسى، ( 3 ) تارماقچىسىدىكى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بېكىتىشكە بولىدۇ.
法律、法规以外的其他规范性文件不得设定行政强制措施。
قانۇن-نىزاملاردىن باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بېكىتىشكە بولمايدۇ.
第十一条 法律对行政强制措施的对象、条件、种类作了规定的,行政法规、地方性法规不得作出扩大规定。
11-ماددا قانۇندا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ ئوبيېكتى، شەرتى، تۈرى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردا كېڭەيتىلگەن بەلگىلىمە چىقىرىشقا بولمايدۇ.
法律中未设定行政强制措施的,行政法规、地方性法规不得设定行政强制措施。但是,法律规定特定事项由行政法规规定具体管理措施的,行政法规可以设定除本法第九条第一项、第四项和应当由法律规定的行政强制措施以外的其他行政强制措施。
قانۇنلاردا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بەلگىلەنمىگەن بولسا، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بېكىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، قانۇندا كونكرېت باشقۇرۇش تەدبىرى بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ئىشلاردا مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بولسا، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 4 ) تارماقچىسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىدىن باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى بەلگىلەنسە بولىدۇ.
第十二条 行政强制执行的方式:
12-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى :
(一)加处罚款或者滞纳金;
( 1 ) جەرىمانە ياكى جەرىمانە قوشۇپ بېرىش؛
(二)划拨存款、汇款;
( 2 ) ئامانەت پۇل، پۇل پېرېۋوت قىلىش؛
(三)拍卖或者依法处理查封、扣押的场所、设施或者财物;
( 3 ) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛
(四)排除妨碍、恢复原状;
( 4 ) توسالغۇنى تۈگىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛
(五)代履行;
( 5 ) ۋاكالىتەن ئادا قىلىش؛
(六)其他强制执行方式。
( 6 ) باشقا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئۇسۇللىرى.
第十三条 行政强制执行由法律设定。
13-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى قانۇن بېكىتىدۇ.
法律没有规定行政机关强制执行的,作出行政决定的行政机关应当申请人民法院强制执行。
قانۇندا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشى بەلگىلەنمىگەن بولسا، مەمۇرىي قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第十四条 起草法律草案、法规草案,拟设定行政强制的,起草单位应当采取听证会、论证会等形式听取意见,并向制定机关说明设定该行政强制的必要性、可能产生的影响以及听取和采纳意见的情况。
14-ماددا قانۇن لايىھەسى، نىزام لايىھەسىنى تەييارلاشتا مەمۇرىي مەجبۇرلاش بېكىتىلگەن بولسا، تەييارلىغۇچى ئورۇن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ پىكىر ئاڭلىشى ھەمدە تۈزگۈچى ئورگانغا شۇ مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان تەسىر شۇنىڭدەك پىكىرنى ئاڭلاش ۋە قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
第十五条 行政强制的设定机关应当定期对其设定的行政强制进行评价,并对不适当的行政强制及时予以修改或者废止。
15-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگان ئۆزى بېكىتكەن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى قەرەللىك باھالىشى ھەمدە نامۇۋاپىق مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى كېرەك.
行政强制的实施机关可以对已设定的行政强制的实施情况及存在的必要性适时进行评价,并将意见报告该行政强制的设定机关。
مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويغۇچى ئورگان بېكىتىلگەن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇۋاپىق پەيتتە باھالىسا ھەمدە پىكىرنى شۇ مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگانغا دوكلات قىلسا بولىدۇ.
公民、法人或者其他组织可以向行政强制的设定机关和实施机关就行政强制的设定和实施提出意见和建议。有关机关应当认真研究论证,并以适当方式予以反馈。
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگان ۋە يولغا قويغۇچى ئورگانغا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ دەلىللىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
第三章 行政强制措施实施程序
3-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش تەرتىپى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第十六条 行政机关履行行政管理职责,依照法律、法规的规定,实施行政强制措施。
16-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ.
违法行为情节显著轻微或者没有明显社会危害的,可以不采取行政强制措施。
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىدىن قىلمىشى روشەن يېنىك بولسا ياكى روشەن ئىجتىمائىي خەۋپى بولمىسا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانمىسىمۇ بولىدۇ.
第十七条 行政强制措施由法律、法规规定的行政机关在法定职权范围内实施。行政强制措施权不得委托。
17-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.
依据《中华人民共和国行政处罚法》的规定行使相对集中行政处罚权的行政机关,可以实施法律、法规规定的与行政处罚权有关的行政强制措施。
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نىسبەتەن مەركەزلىك مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگانلار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
行政强制措施应当由行政机关具备资格的行政执法人员实施,其他人员不得实施。
مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى مەمۇرىي ئورگان سالاھىيىتى ھازىرلىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يولغا قويۇشى كېرەك، باشقا خادىملار يولغا قويسا بولمايدۇ.
第十八条 行政机关实施行政强制措施应当遵守下列规定:
18-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك :
(一)实施前须向行政机关负责人报告并经批准;
( 1 ) يولغا قويۇشتىن بۇرۇن مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىغا دوكلات قىلىش ھەمدە تەستىقلىتىش شەرت؛
(二)由两名以上行政执法人员实施;
( 2 ) ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم يولغا قويىدۇ؛
(三)出示执法身份证件;
( 3 ) قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىش؛
(四)通知当事人到场;
( 4 ) ئالاقىدارلارغا نەق مەيداندا بولۇشنى ئۇقتۇرۇش؛
(五)当场告知当事人采取行政强制措施的理由、依据以及当事人依法享有的权利、救济途径;
( 5 ) ئالاقىدارلارغا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى، ئاساسى، شۇنىڭدەك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى، قۇتقۇزۇش يوللىرىنى نەق مەيداندا ئۇقتۇرۇش؛
(六)听取当事人的陈述和申辩;
( 6 ) ئالاقىدارلارنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلاش؛
(七)制作现场笔录;
( 7 ) نەق مەيدان خاتىرىسى ئىشلەش؛
(八)现场笔录由当事人和行政执法人员签名或者盖章,当事人拒绝的,在笔录中予以注明;
( 8 ) نەق مەيدان خاتىرىسىگە ئالاقىدارلار ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار رەت قىلسا، خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويىدۇ؛
(九)当事人不到场的,邀请见证人到场,由见证人和行政执法人员在现场笔录上签名或者盖章;
( 9 ) ئالاقىدارلار نەق مەيدانغا بارمىسا، گۇۋاھچىنى نەق مەيداندا بولۇشقا تەكلىپ قىلسا، گۇۋاھچىلار ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم نەق مەيدان خاتىرىسىگە ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ؛
(十)法律、法规规定的其他程序。
( 10 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەرتىپلەر.
第十九条 情况紧急,需要当场实施行政强制措施的,行政执法人员应当在二十四小时内向行政机关负责人报告,并补办批准手续。行政机关负责人认为不应当采取行政强制措施的,应当立即解除。
19-ماددا ئەھۋال جىددىي بولۇپ، نەق مەيداندا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار 24 سائەت ئىچىدە مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارىسا، دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك.
第二十条 依照法律规定实施限制公民人身自由的行政强制措施,除应当履行本法第十八条规定的程序外,还应当遵守下列规定:
20-ماددا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ رىئايە قىلىش كېرەك :
(一)当场告知或者实施行政强制措施后立即通知当事人家属实施行政强制措施的行政机关、地点和期限;
( 1 ) مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى نەق مەيداندا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ياكى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئورگان، ئورۇن ۋە مۆھلەتنى دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش؛
(二)在紧急情况下当场实施行政强制措施的,在返回行政机关后,立即向行政机关负责人报告并补办批准手续;
( 2 ) جىددىي ئەھۋالدا نەق مەيداندا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلار مەمۇرىي ئورگانغا قايتقاندىن كېيىن، مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك؛
(三)法律规定的其他程序。
( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەرتىپلەر.
实施限制人身自由的行政强制措施不得超过法定期限。实施行政强制措施的目的已经达到或者条件已经消失,应当立即解除。
جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش مەقسىتىگە يەتكەن ياكى شەرتى يوقالغان بولسا، دەرھال بىكار قىلىش كېرەك.
第二十一条 违法行为涉嫌犯罪应当移送司法机关的,行政机关应当将查封、扣押、冻结的财物一并移送,并书面告知当事人。
21-ماددا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا چېتىلغانلىقتىن جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل-مالنى بىراقلا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第二节 查封、扣押
2-پاراگراف پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش
第二十二条 查封、扣押应当由法律、法规规定的行政机关实施,其他任何行政机关或者组织不得实施。
22-ماددا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان يولغا قويۇشى كېرەك، باشقا ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلات يولغا قويسا بولمايدۇ.
第二十三条 查封、扣押限于涉案的场所、设施或者财物,不得查封、扣押与违法行为无关的场所、设施或者财物;不得查封、扣押公民个人及其所扶养家属的生活必需品。
23-ماددا دېلوغا چېتىشلىق سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، ئەسلىھە ياكى مال-مۈلۈكنى پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ پۇقرالار ۋە ئۇنىڭ باققان ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
当事人的场所、设施或者财物已被其他国家机关依法查封的,不得重复查封。
ئالاقىدارلارنىڭ سورۇنى، ئەسلىھەسى ياكى پۇل-مېلىنى باشقا دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن بولسا، قايتا پېچەتلەشكە بولمايدۇ.
第二十四条 行政机关决定实施查封、扣押的,应当履行本法第十八条规定的程序,制作并当场交付查封、扣押决定书和清单。
24-ماددا مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلىپ، پېچەتلەش، تارتىپ قېلىش قارارنامىسى ۋە تىزىملىكىنى تۈزۈشى ھەمدە نەق مەيداندا تاپشۇرۇشى كېرەك.
查封、扣押决定书应当载明下列事项:
پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)当事人的姓名或者名称、地址;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛
(二)查封、扣押的理由、依据和期限;
( 2 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى، ئاساسى ۋە مۇددىتى؛
(三)查封、扣押场所、设施或者财物的名称、数量等;
( 3 ) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ئورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنىڭ نامى، مىقدارى قاتارلىقلار؛
(四)申请行政复议或者提起行政诉讼的途径和期限;
( 4 ) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۇددىتى؛
(五)行政机关的名称、印章和日期。
( 5 ) مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى، تامغىسى ۋە ۋاقتى.
查封、扣押清单一式二份,由当事人和行政机关分别保存。
پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىك تالونى بىر نۇسخىدا ئىككى پارچە بولىدۇ، ئالاقىدارلار ۋە مەمۇرىي ئورگان ئايرىم-ئايرىم ساقلايدۇ.
第二十五条 查封、扣押的期限不得超过三十日;情况复杂的,经行政机关负责人批准,可以延长,但是延长期限不得超过三十日。法律、行政法规另有规定的除外。
25-ماددا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
延长查封、扣押的决定应当及时书面告知当事人,并说明理由。
پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى ئۇزارتىش قارارىنى ئالاقىدارلارغا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
对物品需要进行检测、检验、检疫或者技术鉴定的,查封、扣押的期间不包括检测、检验、检疫或者技术鉴定的期间。检测、检验、检疫或者技术鉴定的期间应当明确,并书面告知当事人。检测、检验、检疫或者技术鉴定的费用由行政机关承担。
بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، سىناش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاشقا توغرا كەلسە، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش يا تېخنىكىلىق باھالاش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاشنىڭ مۇددىتىنى ئېنىق بېكىتىش ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. ئۆلچەش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاش خىراجىتىنى مەمۇرىي ئورگان ئۈستىگە ئالىدۇ.
第二十六条 对查封、扣押的场所、设施或者财物,行政机关应当妥善保管,不得使用或者损毁;造成损失的,应当承担赔偿责任。
26-ماددا پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى مەمۇرىي ئورگان ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئىشلەتسە ياكى بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ؛ زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
对查封的场所、设施或者财物,行政机关可以委托第三人保管,第三人不得损毁或者擅自转移、处置。因第三人的原因造成的损失,行政机关先行赔付后,有权向第三人追偿。
پېچەتلەنگەن سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى مەمۇرىي ئورگان 3-كىشىگە ساقلاشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، 3-كىشى بۇزۇۋەتسە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتسە، بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولمايدۇ. 3-كىشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى مەمۇرىي ئورگان ئاۋۋال تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
因查封、扣押发生的保管费用由行政机关承担。
پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش سەۋەبىدىن كەتكەن ساقلاش خىراجىتىنى مەمۇرىي ئورگان ئۈستىگە ئالىدۇ.
第二十七条 行政机关采取查封、扣押措施后,应当及时查清事实,在本法第二十五条规定的期限内作出处理决定。对违法事实清楚,依法应当没收的非法财物予以没收;法律、行政法规规定应当销毁的,依法销毁;应当解除查封、扣押的,作出解除查封、扣押的决定。
27-ماددا مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ پاكىتى ئېنىق بولسا، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنسىز پۇل-ماللار مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كۆيدۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىكلىرى قانۇن بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ؛ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، پېچەتلەش، تارتىپ قېلىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىش كېرەك.
第二十八条 有下列情形之一的,行政机关应当及时作出解除查封、扣押决定:
28-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەشنى بىكار قىلىش، تۇتۇپ قېلىشنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى كېرەك :
(一)当事人没有违法行为;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولمىسا؛
(二)查封、扣押的场所、设施或者财物与违法行为无关;
( 2 ) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مال قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا؛
(三)行政机关对违法行为已经作出处理决定,不再需要查封、扣押;
( 3 ) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغان بولسا، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛
(四)查封、扣押期限已经届满;
( 4 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى توشقان بولسا؛
(五)其他不再需要采取查封、扣押措施的情形。
( 5 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللانمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.
解除查封、扣押应当立即退还财物;已将鲜活物品或者其他不易保管的财物拍卖或者变卖的,退还拍卖或者变卖所得款项。变卖价格明显低于市场价格,给当事人造成损失的,应当给予补偿。
پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلىشتا، پۇل-مالنى دەرھال قايتۇرۇش كېرەك؛ يېڭى، تىرىك بۇيۇملار ياكى ساقلاش تەس بولغان باشقا پۇل-مالنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان ياكى سېتىۋەتكەنلەرنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلى قايتۇرۇلىدۇ. سېتىۋېتىش باھاسى بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، توختاملاشقۇچىلارغا زىيان سالغان بولسا، تۆلەم بېرىش كېرەك.
第三节 冻结
3-پاراگراف توڭلىتىش
第二十九条 冻结存款、汇款应当由法律规定的行政机关实施,不得委托给其他行政机关或者组织;其他任何行政机关或者组织不得冻结存款、汇款。
29-ماددا ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان يولغا قويۇشى كېرەك، باشقا مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلاتقا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ؛ باشقا ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلاتنىڭ ئامانەت پۇلنى، پۇلنى توڭلىتىشىغا، پۇل پېرېۋوت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
冻结存款、汇款的数额应当与违法行为涉及的金额相当;已被其他国家机关依法冻结的,不得重复冻结。
توڭلىتىلغان ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلىنىڭ سوممىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا چېتىلىدىغان سومما بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك؛ باشقا دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توڭلىتىلغانلىرىنى تەكرار توڭلىتىشقا بولمايدۇ.
第三十条 行政机关依照法律规定决定实施冻结存款、汇款的,应当履行本法第十八条第一项、第二项、第三项、第七项规定的程序,并向金融机构交付冻结通知书。
30-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى قارار قىلغاندا، مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارمىقى، ( 3 ) تارماقچىسى ۋە ( 7 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
金融机构接到行政机关依法作出的冻结通知书后,应当立即予以冻结,不得拖延,不得在冻结前向当事人泄露信息。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال توڭلىتىشى كېرەك، كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، توڭلىتىشتىن بۇرۇن توختاملاشقۇچىلارغا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
法律规定以外的行政机关或者组织要求冻结当事人存款、汇款的,金融机构应当拒绝。
قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي ئورگانلار ياكى تەشكىلاتلار توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى رەت قىلىشى كېرەك.
第三十一条 依照法律规定冻结存款、汇款的,作出决定的行政机关应当在三日内向当事人交付冻结决定书。冻结决定书应当载明下列事项:
31-ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامانەت پۇلنى، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى توڭلىتىشتا، قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگان ئالاقىدارلارغا ئۈچ كۈن ئىچىدە توڭلىتىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. توڭلىتىش قارارنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)当事人的姓名或者名称、地址;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛
(二)冻结的理由、依据和期限;
( 2 ) توڭلىتىشنىڭ سەۋەبى، ئاساسى ۋە مۇددىتى؛
(三)冻结的账号和数额;
( 3 ) توڭلىتىلغان ھېسابات نومۇرى ۋە سوممىسى؛
(四)申请行政复议或者提起行政诉讼的途径和期限;
( 4 ) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۇددىتى؛
(五)行政机关的名称、印章和日期。
( 5 ) مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى، تامغىسى ۋە ۋاقتى.
第三十二条 自冻结存款、汇款之日起三十日内,行政机关应当作出处理决定或者作出解除冻结决定;情况复杂的,经行政机关负责人批准,可以延长,但是延长期限不得超过三十日。法律另有规定的除外。
32-ماددا ئامانەت پۇلنى، پۇل پېرېۋوت قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ياكى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
延长冻结的决定应当及时书面告知当事人,并说明理由。
توڭلىتىشنى ئۇزارتىش قارارىنى ئالاقىدارلارغا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
第三十三条 有下列情形之一的,行政机关应当及时作出解除冻结决定:
33-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەمۇرىي ئورگان توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك :
(一)当事人没有违法行为;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولمىسا؛
(二)冻结的存款、汇款与违法行为无关;
( 2 ) توڭلىتىپ قويۇلغان ئامانەت پۇل، پۇل پېرېۋوت قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛
(三)行政机关对违法行为已经作出处理决定,不再需要冻结;
( 3 ) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقاردى، توڭلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق؛
(四)冻结期限已经届满;
( 4 ) توڭلىتىش مۇددىتى توشقان بولۇش؛
(五)其他不再需要采取冻结措施的情形。
( 5 ) توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىش ھاجەتسىز بولغان باشقا ئەھۋاللار.
行政机关作出解除冻结决定的,应当及时通知金融机构和当事人。金融机构接到通知后,应当立即解除冻结。
مەمۇرىي ئورگان توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقارغان بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە توختاملاشقۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، توڭلىتىشنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك.
行政机关逾期未作出处理决定或者解除冻结决定的,金融机构应当自冻结期满之日起解除冻结。
مەمۇرىي ئورگان سۈرۈك ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلىش قارارى ياكى توڭلىتىش قارارىنى بىكار قىلمىسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى توڭلىتىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ توڭلىتىشنى بىكار قىلىشى كېرەك.
第四章 行政机关强制执行程序
4-باب مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەرتىپى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第三十四条 行政机关依法作出行政决定后,当事人在行政机关决定的期限内不履行义务的,具有行政强制执行权的行政机关依照本章规定强制执行。
34-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي قارار چىقارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي ئورگان قارار چىقارغان مۇددەت ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ.
第三十五条 行政机关作出强制执行决定前,应当事先催告当事人履行义务。催告应当以书面形式作出,并载明下列事项:
35-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدارلارنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئالدىن سۈيلىشى كېرەك. سۈيلەشنى يازما شەكىلدە قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك :
(一)履行义务的期限;
( 1 ) مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛
(二)履行义务的方式;
( 2 ) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۇسۇلى؛
(三)涉及金钱给付的,应当有明确的金额和给付方式;
( 3 ) پۇل بېرىشكە چېتىلغانلىرىدا ئېنىق سومما ۋە بېرىم ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك؛
(四)当事人依法享有的陈述权和申辩权。
( 4 ) ئالاقىدارلار قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە ئاقلاش ھوقۇقى.
第三十六条 当事人收到催告书后有权进行陈述和申辩。行政机关应当充分听取当事人的意见,对当事人提出的事实、理由和证据,应当进行记录、复核。当事人提出的事实、理由或者证据成立的,行政机关应当采纳。
36-ماددا دەۋالاشقۇچىلار سۈيلەش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي ئورگان توختاملاشقۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى، توختاملاشقۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى خاتىرىلىشى، قايتا ئېنىقلىشى كېرەك. ئالاقىدارلار ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ياكى دەلىل-ئىسپات پۇت تىرەپ تۇرالىغان بولسا، مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلىشى كېرەك.
第三十七条 经催告,当事人逾期仍不履行行政决定,且无正当理由的,行政机关可以作出强制执行决定。
37-ماددا سۈيلەش ئارقىلىق ئالاقىدارلار مەمۇرىي قارارنى سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا ھەمدە يولسىز سەۋەبلەر بولسا، مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قارارى چىقارسا بولىدۇ.
强制执行决定应当以书面形式作出,并载明下列事项:
مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قارارىنى يازما شەكىلدە چىقىرىش ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك :
(一)当事人的姓名或者名称、地址;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛
(二)强制执行的理由和依据;
( 2 ) مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئاساسى؛
(三)强制执行的方式和时间;
( 3 ) مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى؛
(四)申请行政复议或者提起行政诉讼的途径和期限;
( 4 ) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۇددىتى؛
(五)行政机关的名称、印章和日期。
( 5 ) مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى، تامغىسى ۋە ۋاقتى.
在催告期间,对有证据证明有转移或者隐匿财物迹象的,行政机关可以作出立即强制执行决定。
سۈيلەش مەزگىلىدە، پۇل-مالنى يۆتكەش ياكى يوشۇرۇش ئالامەتلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، مەمۇرىي ئورگان دەرھال مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قارارى چىقارسا بولىدۇ.
第三十八条 催告书、行政强制执行决定书应当直接送达当事人。当事人拒绝接收或者无法直接送达当事人的,应当依照《中华人民共和国民事诉讼法》的有关规定送达。
38-ماددا سۈيلەش خېتى، مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قارارنامىسى ئالاقىدارلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئالاقىدارلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرەلمىسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第三十九条 有下列情形之一的,中止执行:
39-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجرا قىلىش توختىتىپ تۇرۇلىدۇ :
(一)当事人履行行政决定确有困难或者暂无履行能力的;
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلىشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا ياكى ۋاقتىنچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا؛
(二)第三人对执行标的主张权利,确有理由的;
( 2 ) 3-كىشىنىڭ ئىجرا نىشانى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىدا ھوقۇقى بولسا، ھەقىقەتەن ئاساسى بولسا؛
(三)执行可能造成难以弥补的损失,且中止执行不损害公共利益的;
( 3 ) ئىجرا قىلىشتا تولدۇرغۇسىز زىيان كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ھەمدە ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ تۇرغاندا ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمىسە؛
(四)行政机关认为需要中止执行的其他情形。
( 4 ) مەمۇرىي ئورگان ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.
中止执行的情形消失后,行政机关应当恢复执行。对没有明显社会危害,当事人确无能力履行,中止执行满三年未恢复执行的,行政机关不再执行。
ئىجرانى توختىتىپ تۇرىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، مەمۇرىي ئورگان ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. روشەن ئىجتىمائىي خەۋپى بولماي، ئالاقىدارلارنىڭ ئادا قىلىشقا ھەقىقەتەن قۇربى يەتمىگەن، ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ تۇرغىنىغا ئۈچ يىل توشسىمۇ ئىجرا قىلمىغان بولسا، مەمۇرىي ئورگان قايتا ئىجرا قىلمايدۇ.
第四十条 有下列情形之一的,终结执行:
40-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجراسى ئاخىرلىشىدۇ :
(一)公民死亡,无遗产可供执行,又无义务承受人的;
( 1 ) پۇقرالار ئۆلۈپ كەتكەندە، ئىجرا قىلغۇدەك مىراسى قالمىغان ھەمدە قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق بولسا؛
(二)法人或者其他组织终止,无财产可供执行,又无义务承受人的;
( 2 ) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلاشقان، ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى يوق بولسا؛
(三)执行标的灭失的;
( 3 ) ئىجرا نىشانى يوقالغان بولسا؛
(四)据以执行的行政决定被撤销的;
( 4 ) ئىجرا قىلىنىدىغان مەمۇرىي قارار بىكار قىلىنغان بولسا؛
(五)行政机关认为需要终结执行的其他情形。
( 5 ) مەمۇرىي ئورگان ئىجرانى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.
第四十一条 在执行中或者执行完毕后,据以执行的行政决定被撤销、变更,或者执行错误的,应当恢复原状或者退还财物;不能恢复原状或者退还财物的,依法给予赔偿。
41-ماددا ئىجرا قىلىنىۋاتقاندا ياكى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنىدىغان مەمۇرىي قارار بىكار قىلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن ياكى خاتا ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش ياكى پۇل-مالنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسا ياكى پۇل-مالنى قايتۇرغىلى بولمىسا، قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.
第四十二条 实施行政强制执行,行政机关可以在不损害公共利益和他人合法权益的情况下,与当事人达成执行协议。执行协议可以约定分阶段履行;当事人采取补救措施的,可以减免加处的罚款或者滞纳金。
42-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتا، مەمۇرىي ئورگان ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئالاقىدارلار بىلەن ئىجرا كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتا باسقۇچقا بۆلۈپ ئىجرا قىلىشنى پۈتۈشسە بولىدۇ؛ توختاملاشقۇچىلار قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانسا، قوشۇپ بېرىلىدىغان جەرىمانە ياكى جەرىمانە پۇلىنى كېمەيتسە، كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ.
执行协议应当履行。当事人不履行执行协议的,行政机关应当恢复强制执行。
كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتا ئادا قىلىش كېرەك. توختاملاشقۇچىلار ئىجرا قىلىش كېلىشىمىنى ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
第四十三条 行政机关不得在夜间或者法定节假日实施行政强制执行。但是,情况紧急的除外。
43-ماددا مەمۇرىي ئورگان كېچىدە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولمايدۇ. لېكىن، ئەھۋال جىددىي بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
行政机关不得对居民生活采取停止供水、供电、供热、供燃气等方式迫使当事人履行相关行政决定。
مەمۇرىي ئورگان ئاھالە تۇرمۇشىغا سۇ بېرىش، توك بېرىش، ئىسسقلىق بېرىش، گاز بېرىشنى توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توختاملاشقۇچىلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.
第四十四条 对违法的建筑物、构筑物、设施等需要强制拆除的,应当由行政机关予以公告,限期当事人自行拆除。当事人在法定期限内不申请行政复议或者提起行政诉讼,又不拆除的,行政机关可以依法强制拆除。
44-ماددا قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلما، ئەسلىھە قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىشكە توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان ئېلان چىقىرىپ، ئالاقىدارلار ئۆزى چۇۋۇۋېتىش مۆھلىتى بەلگىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىسا ھەم چېقىۋەتمىسە، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي چاقسا بولىدۇ.
第二节 金钱给付义务的执行
2-پاراگراف پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش
第四十五条 行政机关依法作出金钱给付义务的行政决定,当事人逾期不履行的,行政机关可以依法加处罚款或者滞纳金。加处罚款或者滞纳金的标准应当告知当事人。
45-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا مەمۇرىي قارار چىقىرىپ، ئالاقىدارلار مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن مۇنداق جەرىمانە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ. جەرىمانە ياكى جەرىمانە قوشۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
加处罚款或者滞纳金的数额不得超出金钱给付义务的数额。
قوشۇپ بېرىلىدىغان جەرىمانە ياكى جەرىمانە سوممىسى پۇلنىڭ مەجبۇرىيەت سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
第四十六条 行政机关依照本法第四十五条规定实施加处罚款或者滞纳金超过三十日,经催告当事人仍不履行的,具有行政强制执行权的行政机关可以强制执行。
46-ماددا مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەنە 30 كۈندىن ئارتۇق جەرىمانە قويغان ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلىسىمۇ يەنىلا ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.
行政机关实施强制执行前,需要采取查封、扣押、冻结措施的,依照本法第三章规定办理。
مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 3-بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
没有行政强制执行权的行政机关应当申请人民法院强制执行。但是,当事人在法定期限内不申请行政复议或者提起行政诉讼,经催告仍不履行的,在实施行政管理过程中已经采取查封、扣押措施的行政机关,可以将查封、扣押的财物依法拍卖抵缴罚款。
مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. لېكىن ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىغان، سۈيلىسىمۇ ئادا قىلمىغان بولسا، مەمۇرىي باشقۇرۇش داۋامىدا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللانغان مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان پۇل-مالنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ جەرىمانە تاپشۇرسا بولىدۇ.
第四十七条 划拨存款、汇款应当由法律规定的行政机关决定,并书面通知金融机构。金融机构接到行政机关依法作出划拨存款、汇款的决定后,应当立即划拨。
47-ماددا ئامانەت پۇل بېرىش، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان قارار قىلىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە ئامانەت پۇل، پۇل پېرېۋوت قىلىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
法律规定以外的行政机关或者组织要求划拨当事人存款、汇款的,金融机构应当拒绝。
قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي ئورگانلار ياكى تەشكىلاتلار توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئامانەت پۇلى، پۇل پېرېۋوت پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى رەت قىلىشى كېرەك.
第四十八条 依法拍卖财物,由行政机关委托拍卖机构依照《中华人民共和国拍卖法》的规定办理。
48-ماددا مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى مەمۇرىي ئورگان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاپپاراتىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ.
第四十九条 划拨的存款、汇款以及拍卖和依法处理所得的款项应当上缴国库或者划入财政专户。任何行政机关或者个人不得以任何形式截留、私分或者变相私分。
49-ماددا ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئامانەت پۇل، پۇل پېرېۋوت قىلىش شۇنىڭدەك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ ئېرىشكەن پۇل دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى ياكى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە تۇتۇپ قېلىشىغا، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا بۆلۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第三节 代履行
3-پاراگراف ۋاكالىتەن ئادا قىلىش
第五十条 行政机关依法作出要求当事人履行排除妨碍、恢复原状等义务的行政决定,当事人逾期不履行,经催告仍不履行,其后果已经或者将危害交通安全、造成环境污染或者破坏自然资源的,行政机关可以代履行,或者委托没有利害关系的第三人代履行。
50-ماددا مەمۇرىي ئورگان توختاملاشقۇچىلاردىن توسالغۇنى تۈگىتىش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلغان مەمۇرىي قارار چىقارغاندا، توختاملاشقۇچىلار مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىغان، سۈيلىسىمۇ ئادا قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى مۇھىتنى بۇلغىغان ياكى تەبىئىي بايلىقنى بۇزۇۋەتكەن بولسا، مەمۇرىي ئورگان ۋاكالىتەن ئادا قىلسا بولىدۇ، ياكى پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى يوق 3-كىشىگە ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلىدۇ.
第五十一条 代履行应当遵守下列规定:
51-ماددا ۋاكالىتەن ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك :
(一)代履行前送达决定书,代履行决定书应当载明当事人的姓名或者名称、地址,代履行的理由和依据、方式和时间、标的、费用预算以及代履行人;
( 1 ) ۋاكالىتەن ئادا قىلىشتىن بۇرۇن قارارنامە يەتكۈزۈلگەن، ۋاكالىتەن ئادا قىلىش قارارنامىسىگە ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى، ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئاساسى، ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى، نىشانى، خىراجەت خامچوتى ۋە ۋاكالىتەن ئادا قىلغۇچى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك؛
(二)代履行三日前,催告当事人履行,当事人履行的,停止代履行;
( 2 ) ۋاكالىتەن ئادا قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئالاقىدارلارنى ئادا قىلىشقا سۈيلىگەن، ئالاقىدارلار ئادا قىلغان بولسا، ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى توختىتىش؛
(三)代履行时,作出决定的行政机关应当派员到场监督;
( 3 ) ۋاكالىتەن ئادا قىلغاندا قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگان خادىم ئەۋەتىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىشى كېرەك؛
(四)代履行完毕,行政机关到场监督的工作人员、代履行人和当事人或者见证人应当在执行文书上签名或者盖章。
( 4 ) ۋاكالىتەن ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەمۇرىي ئورگان نەق مەيداندا نازارەت قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار، ۋاكالىتەن ئادا قىلغۇچى ۋە ئالاقىدارلار ياكى گۇۋاھچىلار ئىجرا ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.
代履行的费用按照成本合理确定,由当事人承担。但是,法律另有规定的除外。
ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىش خىراجىتى تەننەرخكە ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ، توختاملاشقۇچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
代履行不得采用暴力、胁迫以及其他非法方式。
ۋاكالىتەن ئادا قىلىشتا زوراۋانلىق قىلىشقا، تەھدىت سېلىشقا شۇنىڭدەك باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
第五十二条 需要立即清除道路、河道、航道或者公共场所的遗洒物、障碍物或者污染物,当事人不能清除的,行政机关可以决定立即实施代履行;当事人不在场的,行政机关应当在事后立即通知当事人,并依法作出处理。
52-ماددا يول، دەريا يولى، سۇ يولى ياكى ئاممىۋى سورۇندىكى چېچىلما، توسالغۇ ياكى بۇلغىمىلارنى دەرھال تازىلاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدارلار تازىلىيالمىسا، مەمۇرىي ئورگان ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىشنى دەرھال قارار قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار نەق مەيداندا بولمىسا، مەمۇرىي ئورگان ئىشتىن كېيىن ئالاقىدارلارغا دەرھال ئۇقتۇرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第五章 申请人民法院强制执行
5-باب خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
第五十三条 当事人在法定期限内不申请行政复议或者提起行政诉讼,又不履行行政决定的,没有行政强制执行权的行政机关可以自期限届满之日起三个月内,依照本章规定申请人民法院强制执行。
53-ماددا ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىسا، مەمۇرىي قارارنىمۇ ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولمىغان مەمۇرىي ئورگان مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
第五十四条 行政机关申请人民法院强制执行前,应当催告当事人履行义务。催告书送达十日后当事人仍未履行义务的,行政机关可以向所在地有管辖权的人民法院申请强制执行;执行对象是不动产的,向不动产所在地有管辖权的人民法院申请强制执行。
54-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدارلارنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا سۈيلىشى كېرەك. سۈيلەش خېتى يەتكۈزۈلۈپ 10 كۈنگىچە ئالاقىدارلار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىجرا ئوبيېكتى كۆچمەس مۈلۈك بولسا، كۆچمەس مۈلۈك بار جايدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
第五十五条 行政机关向人民法院申请强制执行,应当提供下列材料:
55-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك :
(一)强制执行申请书;
( 1 ) مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىلتىماسى؛
(二)行政决定书及作出决定的事实、理由和依据;
( 2 ) مەمۇرىي قارارنامە ۋە قارار چىقىرىش پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئاساسى؛
(三)当事人的意见及行政机关催告情况;
( 3 ) ئالاقىدارلارنىڭ پىكرى ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ سۈيلەش ئەھۋالى؛
(四)申请强制执行标的情况;
( 4 ) مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش نىشانىنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى؛
(五)法律、行政法规规定的其他材料。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللار.
强制执行申请书应当由行政机关负责人签名,加盖行政机关的印章,并注明日期。
مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىلتىماسىغا مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى، مەمۇرىي ئورگاننىڭ تامغىسىنى بېسىشى ھەمدە چېسلانى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.
第五十六条 人民法院接到行政机关强制执行的申请,应当在五日内受理。
56-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، بەش كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
行政机关对人民法院不予受理的裁定有异议的,可以在十五日内向上一级人民法院申请复议,上一级人民法院应当自收到复议申请之日起十五日内作出是否受理的裁定。
مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلماسلىق كېسىمىگە باشقىچە پىكرى بولسا، 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
第五十七条 人民法院对行政机关强制执行的申请进行书面审查,对符合本法第五十五条规定,且行政决定具备法定执行效力的,除本法第五十八条规定的情形外,人民法院应当自受理之日起七日内作出执行裁定。
57-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىلتىماسىنى يازما تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 55-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە مەمۇرىي قارار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە ئىجرا كېسىمى چىقىرىشى كېرەك.
第五十八条 人民法院发现有下列情形之一的,在作出裁定前可以听取被执行人和行政机关的意见:
58-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى بايقىسا، كېسىم چىقىرىشتىن بۇرۇن ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا بولىدۇ :
(一)明显缺乏事实根据的;
( 1 ) پاكىت ئاساسى روشەن كەمچىل بولغانلار؛
(二)明显缺乏法律、法规依据的;
( 2 ) قانۇن-نىزام ئاساسى روشەن كەمچىل بولغانلار؛
(三)其他明显违法并损害被执行人合法权益的。
( 3 ) قانۇنغا روشەن خىلاپلىق قىلغان ھەمدە ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن باشقا ئىشلار.
人民法院应当自受理之日起三十日内作出是否执行的裁定。裁定不予执行的,应当说明理由,并在五日内将不予执行的裁定送达行政机关。
خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. كېسىم ئىجرا قىلىنمىسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئىجرا قىلىنماسلىق كېسىمىنى بەش كۈن ئىچىدە مەمۇرىي ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
行政机关对人民法院不予执行的裁定有异议的,可以自收到裁定之日起十五日内向上一级人民法院申请复议,上一级人民法院应当自收到复议申请之日起三十日内作出是否执行的裁定。
مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلماسلىق كېسىمىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، كېسىمنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
第五十九条 因情况紧急,为保障公共安全,行政机关可以申请人民法院立即执行。经人民法院院长批准,人民法院应当自作出执行裁定之日起五日内执行。
59-ماددا ئەھۋال جىددىي بولۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەرھال ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا كېسىمى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىشى كېرەك.
第六十条 行政机关申请人民法院强制执行,不缴纳申请费。强制执行的费用由被执行人承担。
60-ماددا مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماس ھەققى تاپشۇرمايدۇ. مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش خىراجىتىنى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
人民法院以划拨、拍卖方式强制执行的,可以在划拨、拍卖后将强制执行的费用扣除。
خەلق سوت مەھكىمىسى ئايرىپ بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى بىلەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرماقچى بولسا، ئايرىپ بەرگەن، كىمئارتۇق قىلىپ ساتقاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش خىراجىتىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
依法拍卖财物,由人民法院委托拍卖机构依照《中华人民共和国拍卖法》的规定办理。
مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
划拨的存款、汇款以及拍卖和依法处理所得的款项应当上缴国库或者划入财政专户,不得以任何形式截留、私分或者变相私分。
ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئامانەت پۇل، پۇل پېرېۋوت قىلىنغان شۇنىڭدەك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ ئېرىشكەن پۇلنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش ياكى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزۈش كېرەك، ھەرقانداق شەكىلدە تۇتۇپ قېلىشقا، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشقا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئاستىرتىن تەقسىم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六十一条 行政机关实施行政强制,有下列情形之一的,由上级行政机关或者有关部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:
61-ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويۇشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)没有法律、法规依据的;
( 1 ) قانۇن-نىزام ئاساسى يوقلار؛
(二)改变行政强制对象、条件、方式的;
( 2 ) مەمۇرىي مەجبۇرلاش ئوبيېكتى، شەرتى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلەر؛
(三)违反法定程序实施行政强制的;
( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويغانلار؛
(四)违反本法规定,在夜间或者法定节假日实施行政强制执行的;
( 4 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېچىدە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرغانلار؛
(五)对居民生活采取停止供水、供电、供热、供燃气等方式迫使当事人履行相关行政决定的;
( 5 ) ئاھالە تۇرمۇشىغا سۇ بېرىش، توك بېرىش، پار بېرىش، يېقىلغۇ گاز بېرىشنى توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ توختاملاشقۇچىلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(六)有其他违法实施行政强制情形的。
( 6 ) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي مەجبۇرلاش قىلمىشىنى سادىر قىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
第六十二条 违反本法规定,行政机关有下列情形之一的,由上级行政机关或者有关部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:
62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)扩大查封、扣押、冻结范围的;
( 1 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلەر؛
(二)使用或者损毁查封、扣押场所、设施或者财物的;
( 2 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش ئورنى، ئەسلىھەسى ياكى پۇل-مېلىنى ئىشلەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەنلەر؛
(三)在查封、扣押法定期间不作出处理决定或者未依法及时解除查封、扣押的;
( 3 ) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەزگىلدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارمىغانلار ياكى پېچەتلەش، تارتىپ قېلىشنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىكار قىلمىغانلار؛
(四)在冻结存款、汇款法定期间不作出处理决定或者未依法及时解除冻结的。
( 4 ) ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن مەزگىلدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارمىغان ياكى توڭلىتىشنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىكار قىلمىغانلار.
第六十三条 行政机关将查封、扣押的财物或者划拨的存款、汇款以及拍卖和依法处理所得的款项,截留、私分或者变相私分的,由财政部门或者有关部门予以追缴;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予记大过、降级、撤职或者开除的处分。
63-ماددا مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان پۇل-مالنى ياكى ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئامانەت پۇلنى، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى، شۇنىڭدەك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ تاپقان پۇلنى تۇتۇپ قالغان، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئاستىرتىن تەقسىم قىلىۋالغان بولسا، مالىيە تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماق قايتۇرۇۋالىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ.
行政机关工作人员利用职务上的便利,将查封、扣押的场所、设施或者财物据为己有的,由上级行政机关或者有关部门责令改正,依法给予记大过、降级、撤职或者开除的处分。
مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىدۇ.
第六十四条 行政机关及其工作人员利用行政强制权为单位或者个人谋取利益的,由上级行政机关或者有关部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
64-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەمۇرىي مەجبۇرلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئورۇن ياكى شەخسكە نەپ يەتكۈزگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十五条 违反本法规定,金融机构有下列行为之一的,由金融业监督管理机构责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:
65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى پۇل مۇئامىلە كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)在冻结前向当事人泄露信息的;
( 1 ) توڭلىتىشتىن بۇرۇن ئالاقىدارلارغا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(二)对应当立即冻结、划拨的存款、汇款不冻结或者不划拨,致使存款、汇款转移的;
( 2 ) دەرھال توڭلىتىش، ئاجرىتىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئامانەت پۇلنى، پېرېۋوت پۇلىنى توڭلىتماي ياكى ئاجرىتىپ بەرمەي، ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(三)将不应当冻结、划拨的存款、汇款予以冻结或者划拨的;
( 3 ) توڭلىتىشقا، ئاجرىتىپ بېرىشكە بولمايدىغان ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلىنى توڭلىتىش ياكى ئاجرىتىپ بەرگەنلەر؛
(四)未及时解除冻结存款、汇款的。
( 4 ) ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلمىغانلار.
第六十六条 违反本法规定,金融机构将款项划入国库或者财政专户以外的其他账户的,由金融业监督管理机构责令改正,并处以违法划拨款项二倍的罚款;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇلنى دۆلەت خەزىنىسى ياكى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىدىن باشقا ھېسابات نومۇرىغا كىرگۈزۈۋەتكەن بولسا، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىككى ھەسسە جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
违反本法规定,行政机关、人民法院指令金融机构将款项划入国库或者财政专户以外的其他账户的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي ئورگان، خەلق سوت مەھكىمىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا پۇلنى دۆلەت خەزىنىسىگە ياكى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىدىن باشقا ھېساباتلارغا كىرگۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十七条 人民法院及其工作人员在强制执行中有违法行为或者扩大强制执行范围的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
67-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش داۋامىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنىڭ ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十八条 违反本法规定,给公民、法人或者其他组织造成损失的,依法给予赔偿。
68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىدۇ.
违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第六十九条 本法中十日以内期限的规定是指工作日,不含法定节假日。
69-ماددا بۇ قانۇندىكى 10 كۈن ئىچىدىكى مۆھلەت ئىش كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
第七十条 法律、行政法规授权的具有管理公共事务职能的组织在法定授权范围内,以自己的名义实施行政强制,适用本法有关行政机关的规定。
70-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار تەشكىلاتلار قانۇندا ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدە ئۆز نامى بىلەن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويۇشتا، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
第七十一条 本法自2012年1月1日起施行。
71-ماددا بۇ قانۇن 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.