第四十五条 银行业金融机构有下列情形之一,由国务院银行业监督管理机构责令改正,有违法所得的,没收违法所得,违法所得五十万元以上的,并处违法所得一倍以上五倍以下罚款;没有违法所得或者违法所得不足五十万元的,处五十万元以上二百万元以下罚款;情节特别严重或者逾期不改正的,可以责令停业整顿或者吊销其经营许可证;构成犯罪的,依法追究刑事责任:
45-ماددا بانكىچىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولسا ياكى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :